ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار [تەسىرلىك]پادىشاھ نېمە ئىش قىلىدۇ؟

      

كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 3
go

[تەسىرلىك]پادىشاھ نېمە ئىش قىلىدۇ؟

توردا
151سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
128 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بۇ ھېكايىدە ئېيتىلغىنى ھەقىقەتەن بولغان ۋەقە پادىشاھ سۇلتان مۇراتخان بۈگۈن بىر قىسمىلا كۆرۈنەتتى. گويا سۆزلەيدىغان بىر سۆزى باردەك ئىدى. ئەمما چىرايىدىن سۆزلىيەلمەيۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. چىرايىدىن يا خۇشال ئىكەنلىكى، ياكى خاپا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، ئاخىرى ۋەزىر ئەزەم سىياۋۇش پاشا سورىدى.
- ھۆرمەتلىك پادىشاھىم، بىرەر ئىشتىن ئىچىڭىز سىقىلىۋاتامدۇ، قانداق؟
- ئاخشام غەلىتە بىر چۈش كۆردۈم.
- ئىنشائاللاھ ياخشى چۈشتۇ؟
- ياخشىمۇ، يامانمۇ بىرلىكتە بىلىمىز…
- قانداق قىلىپ؟
- تەييارلان، سىرتقا چىقىمىز.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
شۇنداق قىلىپ پادىشاھ بىلەن ۋەزىر موللا قىياپىتىدە ياسسىنىپ سىرتقا چىقىپتۇ. ۋەزىر كېتىۋېتىپمۇ پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ. ئەمما ۋەزىر پادىشاھنىڭ مېڭىشىدىن بارىدىغان يەرنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. بۇلار مېڭىپ بەيازىتقا كەپتۇ، ئاندىن پەسكە مېڭىپتۇ. ئۇنكاپى ئەتراپىغا كېلىپ بىردەم تۇرۇشۇپتۇ ۋە ئەتراپىغا دىققەت بىلەن قاراشقا باشلاپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا، پادىشاھ يەردە ياتقان بىر جەسەتنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار جەسەتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەتراپتىكى كىشىلەردىن، بۇ كىشى كىم؟ دەپ سوراپتۇ. كىشىلەر: يائاللاھ ، ئاللاھ ساقلىسۇن، ئۇ جەسەتنىڭ يېنىغا يېقىنلاشماڭلار ! ئۇ نام چىقارغان زىناخور، ئۇچچىغا چىققان ھاراقكەش، بەڭگى، بەدبەخت دېيىشىپتۇ، بىر ئېغىزدىن…

- سىلەر قانداق بىلىسىلەر؟ دەپ سوراپتۇ پادىشاھ

- ئازاپلار بازىرىدا سەرەپتە كېيىدىغان تاسمىلىق ياغاچ ئاياق ياسايدۇ، تاپقان پۇلىغا ھاراق، بەڭ سېتىۋالىدۇ، نەدە پاھىشىلەرنى كۆرسە سۆزلىشىپ ئەگەشتۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئىشەنمىسەڭلار خەلقى ئالەمدىن سوراڭلار، بۇ ئىنساننى جامائەت ئىچىدە بىرەر قېتىم كۆرمىگەن ئىنسان بارمىكەن. ئۇ ھاياتىنى ئەتراپنى ئايلىنىپ تاپقان پۇلىغا ھاراق، بەڭ، پاھىشە خۇتۇنلارنى يىغىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم، دېيىشىپتۇ ۋە يەردە ياتقان جەسەتكە غەزەپ بىلەن لەنەت ئوقۇشۇپتۇ.
ۋەزىر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەرھال ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ جەسەت يېنىدىن كەتمەكچى بولغان ئىكەن، پادىشاھ ۋەزىرنىڭ ئالدىنى توسۇپ؛ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

- نەگە؟ دەپتۇ.
ۋەزىر:
- بىلمەيمەن ھەر ھالدا بۇ ئادەمدىن يىراقراق تۇرغۇم كەلدى – دەپتۇ
پادىشاھ:
- خەلق نېمە دېسە دېسۇن، ئەمما بىز بۇ ئادەمنى تاشلاپ قويۇپ كەتسەك بولمايدۇ، دەپنە قىلىشىمىز كېرەك.
- ياخشى، ئوردىدىن بىرقانچە خىزمەتچى يوللايمىز – دە قۇتۇلىمىز، دەپتۇ ۋەزىر.
پادىشاھ: – ياق! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

چۈشۈمدىكى ھېكمەت تېخى يېشىلمىدى.
- ۋەزىر-ئۇنداقتا مېنى نېمە قىلىشقا بۇيرۇيسىز؟
موللىلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ بۇ جەسەتنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ غۇسلى قىلىمىز ، ئاندىن نامىزىنى چۈشۈرىمىز دەپتۇ پادىشاھ.
ۋەزىر:
- يېقىن ئەتراپتا بىر مەھەللە مەچىتى بار، شۇ يەرگە ئاپىرايلى.
پادىشاھ:
- ياق.
ۋەزىر:
- نېمىشقا؟
پادىشاھ:
- سەن ئۆلسەڭ نامىزىڭنىڭ قايسى مەچىتتە چۈشۈرۈلۈشىنى ئۈمۈت قىلىسەن؟
ۋەزىر:
- ئايا سوفيا، سۇلايمانىيە، ھېچ بولمىغاندا فاتىھ مەچىتىدە چۈشۈرۈلۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئايا سوفيا، سۇلايمانىيە مەچىتلىرىدە دۆلەت ئەركانلىرى ناماز ئوقۇيدۇ، بىزنى تونۇيالماسلىقى ئۈچۈن فاتىھ مەچىتىنى ياخشى دېدىڭ، دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ مېيىتنى كۆتۈرۈشۈپ فاتىھ مەچىتىگە ئەكىلىپتۇ. ۋەزىر ئەزەم ئىزدەپ يۈرۈپ كېپەنلىك بىلەن تاۋۇت تەييارلاپتۇ. پادىشاھ مىس قازانغا ئوت يېقىپ، سۇ ئسسىتىپتۇ ۋە مېيىتنى ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن يۇيۇپتۇ. ئاندىن كېيىن پادىشاھ بىلەن ۋەزىر مېيىتنى كېپەنلىمەكچى بولۇپ قاراپ ھەيرانلىقتا نېمە دېيىشلىرىنى بىلىشمەي بىر – بىرىگە قاراپلا قېلىشىپتۇ. چۈنكى مېيىتنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان بىرخىل ئىللىقلىق بىلىنىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئىككىسى ھەيرانلىق ئىچىدە مېيىتنى كېپەنلەپ تاۋۇتقا سېلىپ تەييار قىپتۇ. ئەمما ناماز ۋاقتىغا خېلى بار ئىكەن. ۋەزىر ساقلاۋېرىپ بىر ئاز ئىچى سىقىلىپتۇ-دە : پادىشاھقا پادىشاھىم، بىز خاتا قىلىۋاتامدۇق قانداق؟ دەپتۇ .

- قانداق دەيسەن؟، دەپتۇ پادىشاھ.
ۋەزىر: – بىز ھاياجاندىن ئۆزىمىزچە مېيىتنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدۇق، بەلكىم بۇ كىشىنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بولۇشى مۇمكىن.
راست دەيسەن دەپتۇ پادىشاھ، سەن مېيىتنىڭ يېنىدا ساقلاپ تۇر، مەن مەھەللىنى ئايلىنىپ بۇ ئادەمنىڭ ئائىلىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقاي دەپتۇ ۋە بۇ مېيىتنىڭ دەسلەپ ياتقان يېرىگە كېلىپ، كىشىلەردىن سوراپ يۈرۈپ مېيىتنىڭ ئۆيىنى تېپىپتۇ. ئىشىكنى قېرى بىر ئايال ئېچىپتۇ، پادىشاھنىڭ دېگەنلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپتۇ. بۇ ئايالنىڭ چىرايىدىن گويا ئەھۋالنى ئالدىن بىلىدىغاندەك بىر ئىپادە بىلىنىپتۇ. ئايال پادىشاغا، ئوغلۇم بەك جاپا تارتىپسەن،رازى بولغىن دەپتۇ. ئىشىككە يۆلۈنۈپ قوللىرىنى تۈگۈپ ئىڭىكىگە تىيەپ خىيالغا چۈكۈپتۇ. بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئايال چۆچۆپ خىيال دۇنياسىدىن چىقىپتۇ ۋە پادىشاغا قاراپ، ئوغلۇم سەن بىلەمسەن دەپ، دەردىنى تۆكۈشكە باشلاپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مىنىڭ يولدۇشۇم بىر دۇنيا ئىدى،كەچكىچە ئىشلەيتتى. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگىچە ھەرقانداق بىر يەردە ھاراق ساتقاننى كۆرسە بار پۇلىنىڭ ھەممىسىگە ئۇ ھاراقلارنى سېتىۋالاتتى ۋە ئۆيگە كەلگەندە تۆكۈۋىتەتتى.
نېمىشقا ؟ پادىشاھ ھەيران قېلىپ سوراپتۇ.
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى ئۇ ھاراقتىن ئىچىپ گۇناھكار بولمىسۇن دەپ شۇنداق قىلاتتى.
پادىشا- توۋااا….
بەزەن كىشىلەرنى زىنائى ھارامدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىرقانچە پاھىشەلەرنى ئۆيگە ئەكىلەتتى، ھەققىنى بېرەتتى ئاندىن، مەن سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارنى سېتىۋالدىممۇ؟ دەيتتى ئاندىن كىيىن ئەمدى ئارام ئېلىڭلار دەپ قۇيۇپ چىقىپ كېتەتتى. مەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلاتتىم، قۇرئان كەرىم ئۇقۇپ بىرەتتىم.
پادىشا ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىچىدە توۋا دەپتۇ، ياقىسىنى تۇتۇپتۇ، ئاللاھ دەپتۇ. ئاندىن:
ئەمدى ئاڭلاپ باققىن، سىنىڭ يولدۇشىڭنى كىشىلەر نېمە دەيدىكەن.
- كىشىلەرنىڭ نېمە دىيىشى بىلەن پەقەتلا كارى يوق ئىدى، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شۇنچىلىك يىراقتىكى مەچىتلەرگە كېتەتتكى، مەن كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئۇقۇسام كەبىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ناماز ئۇقۇغۇدەك تەقۋادار ئىمامنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن دەيتتى.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇنداق تەقۋادار ئىماملاردىن قانچىسى قالدى دەيسەن؟.
ھەتتا بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا- ئۇنداق قىلمىسىلا، سىلە ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش ئۈچۈن ئۆمۈرلىرىنى ئاتىدىلا، ئەمما پۈتۈن قوشنىلار سىلىگە نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسىلە جىنازىلىرى تالادا قالىدۇ.

پادىشاھ؛- توغرا دەيسەن.
رەھمەتلىك ھېچكىمنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن دەپ باغچىمىزغا يەرلىكىنى ئۆزى كولىدى. مەن يەنە؛

- بۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگەمدۇ؟ ئەگەر ئۆلسەڭ سېنى كىم كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ، يۇيۇپ، كېپەنلەيدۇ؟ نامىزىڭنى كىم چۈشۈرۈپ، تاۋۇتۇڭنى كىم كۆتۈرۈپ، جەسىدىڭنى كىم يەرلىكىڭدە قۇيىدۇ دېدىم.
پادىشاھ: ھە!…..، نېمە؟ دېدى…
….. ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قاقاھلاپ كۈلدى-دە، ئاللاھ بۈيۈكتۇر! پادىشاھ نېمە ئىش قىلىدۇ؟! دېدى


تەرجىمە .قىلغۇچىغا .ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdukorax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-1 07:25

توردا
140سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
551 
تېما
14 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجىرڭىزگەكۆپ رەخىمەت . چوڭىقۇر مەنىلىك . ھېكايە ئىكەن . داۋامىلىق تىرشىڭ نادىر تىمىلار بولىسا ئىزچىلار ئورتاق ئىزىدىنەيىلى ھارمىغايىسز . خۇشاللىق سىزىگە يار بولىسۇن . سالامەت بولۇڭ

توردا
23سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ! مەلۇم تەربىيەگە ئىگە بولدۇم!!

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
30 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياىشى يىكايىكەن ،خەقلەرنىڭ سىرتىغا قارا باھا بەرگىلى بولمايدۇ ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-5 08:20

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.