ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر قانۇن بىلىملىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قا ...
كۆرۈش: 22|ئىنكاس: 0
go

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى(181-ماددىدىن 210)

توردا
24سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
140 
تېما
70 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش



181- ماددا
ئالاقىدارلارنىڭ يازما كېلىشىمى ئارقىلىق كارخانىلار، يەككە

سودا- سانائەتچىلەر، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قىلغۇچىلار

ھازىرقى شۇنىڭدەك كەلگۈسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى، خام ئەشيا-

ماتېرىيالى، يېرىم تەييار مەھسۇلاتى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى رەنە قويسا بولىدۇ،

قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار

پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھەقدار رەنە ھوقۇقىنى

ئالىدىغان چاغدىكى كۆچمە مۈلۈكنى ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.



182- ماددا
ئىمارەتنى رەنە قويۇشتا، شۇ ئىمارەت ئىگىلىگەن

دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىر يوللا رەنە قويۇلىدۇ.

قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رەنە قويۇشتا، شۇ يەردىكى ئىمارەتمۇ بىر يوللا رەنە قويۇلىدۇ.

رەنە قويغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر يوللا رەنە قويمىغان بولسا، رەنە قويمىغان مال- مۈلۈك بىر يوللا رەنە قويۇلدى دەپ قارىلىدۇ.



183- ماددا
يېزا- بازار، كەنت كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىم رەنە قويۇشقا بولمايدۇ. يېزا- بازار، كەنت كارخانىلىرىنىڭ زاۋۇت بىناسى قاتارلىق ئىمارەتلىرىنى رەنە قويۇشتا، ئۇ ئىگىلىگەن دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىر يوللا رەنە قويۇلىدۇ.




184- ماددا
تۆۋەندىكى مال- مۈلۈكنى رەنە قويۇشقا بولمايدۇ:




(1) يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى؛




(2) تېرىلغۇ يەر، ئۆيلۈك يەر، قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغ قاتارلىق كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، لېكىن، قانۇندا رەنە قويۇشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛




(3) مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، دوختۇرخانا قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقنى مەقسەت قىلغان كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مائارىپ، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرى؛




(4) ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېنىق بولمىغان ياكى تالاش- تارتىشتا قالغان مال- مۈلۈكلەر؛




(5) قانۇن بويىچە پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقان مال- مۈلۈكلەر؛




(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رەنە قويۇشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا مال- مۈلۈكلەر.



185- ماددا
ئالاقىدارلار رەنە ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، يازما رەنە توختامى تۈزۈشى لازىم.

رەنە توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:



(1) كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىقنىڭ تۈرى ۋە سوممىسى؛




(2) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛




(3) رەنە قويۇلغان مال- مۈلۈكنىڭ نامى، مىقدارى، سۈپىتى، ئەھۋالى، تۇرۇشلۇق جايى، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى؛




(4) كېپىللىك دائىرىسى.



186- ماددا
رەنە ئالغۇچى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، رەنە قويۇلغان مال- مۈلۈككە ھەقدار ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە رەنە قويغۇچى بىلەن پۈتۈشۈشكە يول قويۇلمايدۇ.



187- ماددا
مۇشۇ قانۇننىڭ 180- ماددىسىنىڭ 1- تارماق (1) تارماقچىسىدىن (3) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن مال- مۈلۈكنى ياكى (5) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن سېلىنىۋاتقان ئىمارەتنى رەنە قويۇشتا، رەنىنى تىزىملىتىش لازىم. رەنە ھوقۇقى تىزىملىتىلغاندا بېكىتىلىدۇ.



188- ماددا
مۇشۇ قانۇننىڭ 180- ماددىسىنىڭ 1- تارماق (4)، (6) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن مال- مۈلۈكنى ياكى (5) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ياسىلىۋاتقان كېمە- پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى رەنە قويۇشتا، رەنە ھوقۇقى رەنە توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا بېكىتىلىدۇ؛ تىزىملىتىلمىغان بولسا، ياخشى نىيەتلىك 3- كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.



189- ماددا
كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەر، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقرىش- تىجارىتى قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 180- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كۆچمە مۈلۈكنى رەنە قويۇشتا، رەنە قويغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىشى لازىم. رەنە ھوقۇقى رەنە توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ تىزىملىتىلمىغان بولسا، ياخشى نىيەتلىك 3- كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ 180- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رەنە قويغۇچىلار نورمال تىجارەت پائالىيىتىدە مۇۋاپىق پۇل تۆلىگەن ھەمدە رەنە قويۇلغان مال- مۈلۈككە ئېرىشكەن سېتىۋالغۇچى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.



190- ماددا
رەنە توختامى تۈزۈشتىن ئىلگىرى رەنە مال- مۈلۈك ئىجارە بېرىلگەن بولسا، ئەسلىدىكى ئىجارە مۇناسىۋىتى شۇ رەنە ھوقۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. رەنە ھوقۇقى تۈزۈشكەندىن كېيىن رەنە مال- مۈلۈك ئىجارە بېرىلگەن بولسا، بۇ ئىجارە مۇناسىۋىتى تىزىملىتىلغان رەنە ھوقۇقى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.



191- ماددا
رەنە مەزگىلىدە، رەنە قويغۇچى رەنە ئالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، رەنە مال- مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلىنى رەنە ئالغۇچىغا بېرىپ، قەرزنى ئالدىن ئۈزۈشى ياكى ساقلاپ قويۇشقا بېرىشى لازىم. ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلىنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قىسمى رەنە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ.

رەنە مەزگىلىدە، رەنە قويغۇچى رەنە مال- مۈلۈكنى رەنە ئالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ، لېكىن، ئۆتۈنۈلگۈچى قەرزنى ۋاكالىتەن ئۈزۈپ، رەنە ھوقۇقىنى يوقاتقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.



192- ماددا
رەنە ھوقۇقىنى ھەقدارلىقتىن بۆلۈپ چىقىپ، ئايرىم ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى باشقا ھەقدارلىقنىڭ كېپىللىكى قىلىشقا بولمايدۇ. ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، شۇ ھەقدارلىققا كېپىللىك بېرىلگەن رەنە ھوقۇقىمۇ بىر يوللا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.



193- ماددا
رەنە قويغۇچىنىڭ ھەرىكىتى رەنە مال- مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۋېتىدىغان بولسا، رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچىدىن ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

رەنە مال- مۈلۈكنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچىدىن رەنە مال- مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ياكى چۈشۈپ كەتكەن قىممىتىگە تۇشلۇق كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. رەنە قويغۇچى رەنە مال- مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، كېپىللىكمۇ بەرمىسە، رەنە ئالغۇچى قەرزداردىن قەرزنى ئالدىن ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.



194- ماددا
رەنە ئالغۇچى رەنە ھوقۇقىدىن ياكى رەنە ھوقۇقىنىڭ رەت تەرتىپىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ. رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە ھوقۇقىنىڭ رەت تەرتىپىنى شۇنىڭدەك كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىق سوممىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈشسە بولىدۇ، لېكىن، رەنە ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشتە، باشقا رەنە ئالغۇچىلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي، ئۇلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتسە بولمايدۇ.

قەرزدار مال- مۈلكىنى رەنە قويغاندا، رەنە ئالغۇچى شۇ رەنە ھوقۇقىدىن، رەنە ھوقۇقىنىڭ رەت تەرتىپىدىن ۋاز كەچسە ياكى رەنە ھوقۇقىنى ئۆزگەرتسە، باشقا كېپىللەرنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقى رەنە ئالغۇچى ئالدىن تۆلىتىۋالالمىغان ھوقۇق- مەنپەئەت دائىرىسىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن باشقا كېپىللەردىن يەنىلا كېپىللىك بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.



195- ماددا
قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇپ ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن ئالدىن تۆلەش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈشسە بولىدۇ. كېلىشىم باشقا ھەقدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، باشقا ھەقدارلار كۈچتىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ كېلىشىمنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە ھوقۇقىنى ئېلىش يولى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان بولسا، رەنە ئالغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن رەنە مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ۋە سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

رەنە مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇشتا ياكى سېتىۋېتىشتە، بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش لازىم.



196- ماددا
مۇشۇ قانۇننىڭ 181- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رەنە قويۇشتا، مال- مۈلۈكنى رەنە قويۇش تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە بېكىتىلىدۇ:




(1) قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ھەقدارلىقنى ئالمىغان بولسا؛



(2) رەنە قويغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا ياكى ئۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛




(3) ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالسا؛




(4) ھەقدارلىقنى ئېلىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار.



197- ماددا
قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكتىن، رەنە مال- مۈلۈكنى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان بولسا، تۇتۇپ قېلىنغان كۈندىن باشلاپ، رەنە ئالغۇچى شۇ مال- مۈلۈكنىڭ تەبىئىي تۇغۇندىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، رەنە ئالغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىگە ئۇقتۇرمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىدىن تۇغۇندى ئېلىش خىراجىتىنى ئاۋۋال چىقىرىۋېتىش لازىم.



198- ماددا
رەنە مال- مۈلۈك باھاغا سۇندۇرۇلغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان، سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قىسمى رەنە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ.



199- ماددا
بىر مال- مۈلۈك ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدارغا رەنە قويۇلغان بولسا، رەنە مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇل تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلىنىدۇ:




(1) رەنە ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى تىزىملىتىلغان بولسا، تىزىمنىڭ ئىلگىرى- كېيىنلىك رەت تەرتىپى بويىچە تۆلىنىدۇ؛ رەت تەرتىپى ئوخشاش بولسا، ھەقدارلىق نىسبىتى بويىچە تۆلىنىدۇ؛



(2) رەنە ھوقۇقىنى تىزىملاتقانلار تىزىملاتمىغانلارنىڭ ئالدىدا تۆلىتىۋالىدۇ؛



(3) رەنە ھوقۇقى تىزىملىتىلمىغان بولسا، ھەقدارلىق نىسبىتى بويىچە تۆلىنىدۇ.



200- ماددا
قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى رەنە قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەت رەنە مال- مۈلۈك ھېسابلانمايدۇ. شۇ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئۈستىدە رەنە ھوقۇقى ئېلىنغاندا، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەت بىلەن قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بىر يوللا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، لېكىن، يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەتتىن تاپقان پۇلدىن رەنە ئالغۇچىنىڭ ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.



201- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 180- ماددىسىنىڭ 1- تارماق (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنە قويغۇچىلار ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 183- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېزا- بازار، كەنت كارخانىلىرىنىڭ زاۋۇت بىناسى قاتارلىق ئىمارەتلىرى ئىگىلىگەن دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بىر يوللا رەنە قويغۇچىلار رەنە ھوقۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ۋە يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.




202- ماددا
رەنە ئالغۇچى رەنە ھوقۇقىنى ئاساسىي ھەقدارلىق دەۋاسىنىڭ ۋاقىت چېكىدە يۈرگۈزۈشى كېرەك؛ يۈرگۈزمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قوغدىمايدۇ.



2- پاراگراف ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقى


203- ماددا
قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، قەرزدار ياكى 3- كىشى مەلۇم مۇددەتتە ئۇدا يۈز بېرىدىغان ھەقدارلىققا مال- مۈلۈك كېپىللىكى بېرىپ بولۇپ، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، رەنە ئالغۇچى شۇ كېپىللىك مال- مۈلكىدىن ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسى دائىرىسىدە ئالدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقى بېكىتىلىشتىن ئىلگىرىكى ھەقدارلىق ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە بولىدۇ.



204- ماددا
ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى، قىسمەن ھەقدارلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن، ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.



205- ماددا
ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى، رەنە ئالغۇچى بىلەن رەنە قويغۇچى كېلىشىم تۈزۈپ، ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى، ھەقدارلىق دائىرىسىنى شۇنىڭدەك ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، لېكىن، ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇن باشقا رەنە ئالغۇچىلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتسە بولمايدۇ.



206- ماددا
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رەنە ئالغۇچىنىڭ ھەقدارلىقى بېكىتىلىدۇ:




(1) پۈتۈشكەن ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى توشقان بولسا؛




(2) ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، رەنە ئالغۇچى ياكى رەنە قويغۇچى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقى بېكىتىلگەن كۈنىدىن باشلاپ 2 يىل توشقاندىن كېيىن ھەقدارلىقنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلسا؛




(3) يېڭى ھەقدارلىق پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولمىسا؛




(4) رەنە مال- مۈلۈك پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان بولسا؛




(5) قەرزدار، رەنە قويغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان ياكى ئۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛




(6) قانۇندا ھەقدارلىقنى بېكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.



207- ماددا
ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن باشقا، مۇشۇ بابنىڭ 1- پاراگرافىدىكى ئادەتتىكى رەنە ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلەرمۇ تەتبىقلىنىدۇ.





17- بابگۆرۈ ھوقۇقى



1- پاراگراف كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ ھوقۇقى



208- ماددا
قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك بېرىش ئۈچۈن، قەرزدار ياكى 3- كىشى ئۆزىنىڭ كۆچمە مۈلكىنى ھەقدارنىڭ ئىگىلىشىگە گۆرۈ قويغاندا، قەرزدار مۇددىتى توشقان ھەقدارلىقىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن گۆرۈ ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەقدار شۇ كۆچمە مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرزدار ياكى 3- كىشى گۆرۈ قويغۇچى بولىدۇ، ھەقدار گۆرۈ ئالغۇچى بولىدۇ، تاپشۇرۇلغان كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ مال- مۈلۈك بولىدۇ.



209- ماددا
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنغان كۆچمە مۈلۈكنى گۆرۈ قويۇشقا بولمايدۇ.



210- ماددا
گۆرۈ ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ئالاقىدارلار گۆرۈ ھوقۇقى يازما توختامى تۈزۈشى لازىم.

گۆرۈ ھوقۇقى توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:



(1) كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىقنىڭ تۈرى ۋە سوممىسى؛




(2) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛




(3) گۆرۈ مال- مۈلۈكنىڭ نامى، مىقدارى، سۈپىتى، ئەھۋالى؛




(4) كېپىللىك دائىرىسى؛




(5) گۆرۈ مال- مۈلۈكنى تاپشۇرۇش ۋاقتى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-5 08:20

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.