ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق
كۆرۈش: 46|ئىنكاس: 1
go

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق

ئابدۇقادىر مەتسىدىق


باشلىق ئېيتتى دىڭگىيىپ،

بىز ئاڭلىدۇق ھىڭگىيىپ.

بۇيرۇق چۈشتى شىڭگىيىپ:

«ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!»


دىققەت!قۇلاق سېلىڭلار،

سۆز تەكتىنى بىلىڭلار،

قىزغىن چاۋاك چېلىڭلار،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


خەۋەر كەلدى ئەتىدىن،

تەكشۈرۈشتىن_پەتىدىن،

چۆچىمەڭلار شەپىدىن،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


چالا نۇرغۇن ئىشىمىز،

چېقىلمىسۇن چىشىمىز،

تىك تۇرۇشقابېشىمىز،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


تۇرار ئېرىق چېپىغسىز،

يۈز-كۆزىمىز ئېرىغسىز،

ساقال بۇرۇت قىرىغسىز،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


تۇرۇبىنى ئاچىمىز،

بولسۇن چېلەك-قاچىمىز،

يوللارغا سۇ چاچىمىز،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!



ئىش قىلىڭلار قاندۇرۇپ،

توك ئۆچسە،شام ياندۇرۇپ،

قويماڭلار ھە،چاندۇرۇپ،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


كىم ئۆلۈپتۇ دەم ئالماي؟

جىم بولۇڭلار داپ چالماي،

بار بالاغا مەن قالماي،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


ئۆمەك كەلسە ئەگەردە،

ئاخشامدا يا سەھەردە،

تەق بولۇڭلار شۇ يەردە،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


<ئۆمەك>نىڭمۇ گېلى بار،

رەنجىيدىغان دېلى بار،

قايسىڭلارنىڭ مېلى بار؟

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


بىردىن يوتقان ۋەزىپە،

قىزلار بارمۇ جەزىبە؟

ئەرلەر تاپسۇن لەتىپە،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


كاتىپ ئالسۇن قەلەمنى،

ماختىسۇن ھەر قەدەمنى،

يۇتمايلى بار ئەلەمنى،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


ھەممە كۆڭۈل بۆلەيلى،

ئىدارىنى يۆلەيلى،
تەكشۈرۈشتىن ئۆتەيلى،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!



كادىر بىزنىڭ ئېتىمىز،

ئۈستىن بولسۇن ئېڭىمىز،

سەگەك تۇرسۇن مېڭىمىز،

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!


بويۇنتاۋلىق قىلسا كىم،

بىلىسىلەر مېنى،ھىم!

دېگۈزىمەن ئاخىر<ئىم!>

ئەتە،ئۆگۈن شىنچى يوق!...


مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى»ژورنىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-1 08:26

توردا
140سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
551 
تېما
14 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخىشى شئر ئىكەن . داۋامىلىق تىرشىڭ . ئامەت سىزىگە يار بولىسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-5 08:20

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.