ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ساغلاملىق ۋىتامىنلارنىڭ زەھەرلەش خۇسۇسىيتى بامۇ؟
كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 1
go

ۋىتامىنلارنىڭ زەھەرلەش خۇسۇسىيتى بامۇ؟

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
226 
تېما
38 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ۋىتامىنلارنىڭ زەھەرلەش خۇسۇسىيتى بامۇ؟

بەزىلەر ھەر خىل ۋىتامىن ۋە بېلىق مىيىنى قۇۋەت دورىسى دەپ قاراپئۇزۇن مۇددەتكىچە كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلىدۇ، ئەمىلىيەتتە ۋىتامىنلار قالايمىقان ئىشلىتىلسە ، بەدەنگە ھىچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماستىن، بەلكى زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسىنى پەيدا قىلىپ، دورا بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن ئا ناماز شام قارىغۇسىنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى دورا. لېكىن، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلسە چاچنى قۇرۇتۇپ چۈشۈرىۋىتىدۇ،ھەمدە تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇش ،قىىچىشقاق ،ئىشتاھاسىزلىق، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كىتىش، قان ئازلىق،پۇت-قول ئاغرىش، كۆز ئالمىسى پولتىيىپ چىقىش، باش قاتتىق ئاغرىش ،كۆڭۇل ئاينىش، قۇسۇش قاتارلىق زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن د راخىت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بىراق، كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلسە تۆۋەن قىزىتما، بىئارام بولۇش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، جىگەر چوڭىيىپ كىتىش، بۆرەك زەخمىلىنىش، سۆڭەك قاتتىقلىشىش،قاتارلىق راخىت كېسەللىكىنىڭ زىيىنىدىن چوڭ بولغان ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىتامىن ب1 ، ب2 لىرنىڭمۇ زىيانلىق تەرەپلىرى بار.

ۋىتامىن س نى ئۇزۇن مۇددەت ، كۆپ مىقداردا ئىشلىتىپ تۇيۇقسىز توختىتىپ قويسا، ياكى ئادەتتىكى مىقداردا ئىشلىتىشكە ئۆزگەرىتسە قان بۇزۇلۇش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، قەنىت سىيىش كېسەللىكىنى قوزغىتىشى، بەزى ئاياللارنىڭ تۇغۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىشى مۇمكىن.

مەنبە؛< ئاياللار بىلىشكە تىگىشلىك مەخپىيەت > دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى

توردا
128سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
457 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخىمەت سىزىگە . مەن بۇلىۋالىدىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-23 20:36

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.