ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇزۇندىن بېرى مەزكۇر بلوگدا ۋە بەزىبىر مۇنبەرلەردە ئەلسۆي دېگەن گەپنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ تۇرغان بولغاچقا بۇئەلسۆي دېگەن ئىسىم سىلەرگە ئانچە ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك. ئەگەر ئەلسۆي دېگەن بۇ ئىسىم سىزگە ناتانۇش بولسا، سىز بىزگە ئانچە دىققەت قىلمايدىغان ئوخشايسىز ئەگەر ھازىرغا قەدەر ئەلسۆينىڭ زادى قانداق ئىسىملىكىنى بىلمىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا مەزكۇر بلوگنىڭ ئىزدەش رامكسىىغا ئەلسۆي دەپ يېزىپلا ئىزدىسڭىز سىزگە ئەلسۆي ھەققىدە يىتەرلىك ئۇچۇر ئىزدەپ تېپىپ بېرىدۇ. ياكى بولمىسا ئىزدەشنى ئاۋارە كۆسىڭىز، يازما ئىچىدىكى خالىغان بىر ئەلسۆي دېگەن ئىسىمنى چەكسىڭىزمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولسىىز.ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى:ئەلسۆيدىن خوش-خەۋەر دېسەم بەلكىم قانداق خوش-خەۋەردۇر؟ دەپ ئويلاپ كەتكەنسىز، ئەمىلىيەتتە بۇ سىز ئۈچۈن بەلكىم خوش-خەۋەر ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئەلسۆي ئەزالىرى ئۈچۈن يىتەرلىك خوش-خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى ھازىرقى جەمئىيەتتە ھەممە كىنىشكىغىلا ئىشىنىپ، ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى ئۇنىڭ قولىدىكى كىنىشكا بىلەن ئادەمگە باھا بېرىدىغان دەۋردە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولدىغان، تۇتامغا چىقىدىغان بىرەر ئىسپات بولمىسا باشقىلار سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزغا ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا ئەلسۆينىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن چوقۇم رەسمى نەشىر ئەپكاردا ئۆز ئەمگەك مىۋىسىنى ئېلان قىلالىغاندىلا ئاندىن باشقىلار ھەقىقىي تۈردە ئەلسۆينى ئىتىراپ قىلىدۇ دېگەن گەپ.
شۇڭا ئەلسۆينىڭ ئەمگەك مىۋىسىنىڭ رەسمى نەشىرى ئەپكاردا ئېلان قىلىنىشى ئەلسۆي ئۈچۈن ھەقىقەتەن خوشاللىنارلىق خوش-خەۋەردۇر.
ئەلسۆينىڭ دەسلەپكى تەشكىللىنىش نىشانى ئۆز ئانا تىلىنى شالغۇتلۇقتىن ساقلاپ، تىلىنى ساپلاشتۇرۇش ئىدى ھەمدە مۇشۇنداق ئارزۇسى بار ئوت يۈرەك ياشلاردىن تەشكىل قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل ھالدا خالىسانە ماتىرىيال تەرجىمە قىلىپ، توردا بەلگىلىك نۇپۇزغا ئىگە بولغان ئىدۇق. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئەلسۆي ئەسلىدىكى نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ تەرجىمە ئەمگىكىنى توردىن ھالقىپ نەشىرى ئەپكارلاردا ئېلان قىلىش ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى.گەرچە ئەلسۆينىڭ دەسلەپكى نەشىرى ئەپكاردا ئۆزىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئېلان قىلىشى بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنلا ئەمەلگە ئاشقان (بېيجىڭدىن چىقىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا ي. م. ئىلقۇتنىڭ بىر پارچە تەرجىمە نەسىرى ئېلان قىلىنغان. گەرچە قەلەم ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولساممۇ لېكىن ژورنالنى تېخىچە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا بۇ ھەقتە بىر نەرسە دەپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدىم. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە 2010-يىللىق 5-سانغا بېسىلغان دېگەن ئىدى. بىلمىدىم تورداشلاردىن كۆرگەنلەر بارمىكىن؟ ئەگەر بولسا بىر خەۋىرىنى بېرىۋەتكەن بولساڭلار بوپتىكەن.)بۇ قېتىم ئەلسۆينىڭ ئەمگەكلىرىدىن بىرى بولغان دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ «جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان خەت» ناملىق ماقالىلىرى «شىنجاڭ ياشىلىرى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-ساندىن باشلاپ ھەر بىر ساندا بىر پارچە ئېلان قىلىنىدۇ. بىرىنچى پارچە خەت ئاللىبۇرۇن 3-سان ژورنالدا ئېلان قىلىنىپ بولدى. ئىككىنچى پارچە خەت پات ئارىدا 4-ساندا كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى! بۇ قېتىم 3-سان ژورنالدا ئەلسۆي تەرجىمىسى بولغان «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خەت» (مۇھەررىر تەرىپىدىن تېمىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن.) ماقالە ژورنالنىڭ 7 بېتىنى ئىگەللىگەن بولۇپ، تەھرىراتتىن ئەسلى ماقالىنىڭ تەرجىمىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساسەن قىسارتىۋەتمەي ئېلان قىلغانلىقىغا تەشەككۇر بىلدۈرىمەن.بۇ قېتىم ئەلسۆي تەرجىمە قىلغان ماتىرىياللارغا تەرجىمە قىلغۇچى ئىسمى ئۈچۈن بىردەك ئەلسۆي گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسمى ئېلىندى. يەنى ئەلسۆي تەرجىمىسى دېگەندەك. چۈنكى دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقانلار جەمئىي 5 ئادەم بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمىنى بىرمۇ بىر تىزىپ چىقىشقا مۇمكىن بولمىدى ھەمدە ئەلسۆي دەپ ئېلىنغاندا گۇرۇپپىمىزنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغاچقا بىردەك ئەلسۆي دەپ ئېلىندى. شۇڭا رەسمى نەشىرى ئەپكاردا ئەلسۆي دەپ ئېلىنغان بۇ ئىسىم يالغۇز ماڭىلا ۋەكىللىك قىلماستىن بەلكى ئەلسۆيدىكى بارلىق ئەزالارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئەلسۆينىڭ تەرجىمە ئەمگىكىنىڭ نەشىرى ئەپكارلاردا ئېلان قىلىنىشى ئەلسۆينىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەلسۆينى يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلەپ بېرىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.ئەلسۆي سىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلەپ بېرىشىڭلار نەتىجىسىدە تېخىمۇ نادىر تەرجىمىلەرنى كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگۈسى!
مەنبە: ئىلقۇت بلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pengiyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-19 13:05
|