
ئىز تورىدائىزىڭىز قالسۇن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىز تورىمىزنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك،توڭ-پىششىق ئەزالىرى ياخشىمۇسىلەر؟ ئىز تورىمىزنى قوللاپ كىلۋاتقان نادىر تىيما ئىنكاسلىرى بىلەن ئىز تورىدا ئىز قالدۇرۋاتقان .باشقۇرغۇچى ،تەكلىپلىك ئەزا ھەم بارلىق ئەزالارغا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن نۇرۇزلۇق قىزغىن سالام.ئىز تورىمىزدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقى ئۈزلۈكسىز تۆھپە قۇشۇش نەتىجىسىدە، ئىز تورىمىزنىڭ ھازىرقىدەك نادىر تىيمىلىرى كۆپ ھەم تىيما يىڭىلىنىش ئىنكاسلار تىز كۆپ بۇلۇشتەك نۇرغۇن نەتىجە تەرەققىياتلار قولغا كەلدى. بۇ بىز ئىزلىقلارنىڭ ئىناق-ئىتپاق ئۇيۇلتاشتەك بۇلۇپ بۇ ئىللىق ئىز ئائىيلىمىزگە بىر كىشلىك ھەسسە قۇشۇپ ئىزدەك ئىللىق ئائىيلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈڭۈل بۆلگەنلىكىمىزنىڭ نەتىجىسى. بۇندىن كىيىنمۇ ھەر بىر ئىز ئەزاسىنىڭ ئىز مارشىنى ياڭرىتىپ بۇ ئىز ئائىيلىسىگە كۈينىپ نادىر تىيما ئىنكاسلىرنى يېزىپ تۇرشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مەخسەتكە كەلسەم بىز ئىز تورىدىكىلەر ئىللىق باھارغا جۆر بۇلۇپ نۇرۇزلۇق پائالىيەت ئېلىپ بارايلى دەپ بۇ تىيمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. نۇرۇزلۇق پائالىيەت 3 ئاينىڭ 21 كۈنى يەنى دۈشەنبە تۈن بىلەن كۈن تەڭلەشكەن پۈتۈن مەۋجۇدات خۇشاللىققا چۈمگەن نۇرۇز كۈنى بۇلىدۇ.ھەممىڭلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىپ بىرشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. پائالىيەت مەزمۇنى نۇرۇزلۇق مۇشائىرە بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن چوڭ تەييارلىق قىلايلى دېسەك ئالدىمىزدا ئۆتكۈزىلىدېغان ئىز مەشرىپى بار.شۇڭا سەل ۋاقىت قىستاپ قالغۇدەك. ھەم بۇ نۇرۇزلۇق مۇشائىرنىڭ ئىز مەشرىپىدە ھەممىڭلارنىڭ بىر كىشلىك رول ئېلىپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن مۇشائىر تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلمىغان ئاساستا چۇقۇم دادىللىق بىلەن قاتنىشىپ بىرشىڭلارنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. نۇرۇزلۇق مۇشائىر پائالىيتىدە، ھەر بىرىڭلارنىڭ مۇشائىر ئارقىلىق چۈشكەن بارلىق نادىر تېتىملىق ئىنكاسلىرىڭلارنى رەتلەپ ئەزالارنىڭ نامىدا تىيما قىلىپ يوللىنىدۇ.ھەم باھالىنىدۇ.ھەر بىر ئىز ئەزاسى پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ئىز تورىدا ئىز قالدۇرغايسىز. |