مۇھەببەت، بايلىق، مۇۋەپپەقىيەت
بىر ئايال ئۆيدىن چىقىپ، ئالدى ھويلىسىدا ئولتۇرغان ئاپئاق ساقاللىق ئۈچ بوۋاينى كۆردى. ئايال ئۇلارنى تونىمايتتى. ئۇ ئايال ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_قورسىقىڭلار ئاچقاندۇ، ئۆيگە كىرىپ ئازراق بىر نېمە يەۋېلىڭلار،_دېدى.
_ئېرىڭىز ئۆيدە بارمۇ؟ _سورىدى بىر بوۋاي.
_ئۇ سىرتقا چېقىپ كەتكەن.
_ئۇ بولمىسا كىرمەيمىز، _دېدى ئۇلار.
ئايال كەچتە ئېرى قايتىپ كەلگەندە بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەردى.
_تېز بېرىپ ئۇلارغا مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكلىمنى ئېيتىپ، ئۇلارنى باشلاپ كىرىڭ!
شۇنىڭ بىلەن ئايال سىرتقا چىقىپ ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.
_ھەممىمىز تەڭ كىرەلمەيمىز،_دېدى بوۋايلار.
_نېمىشقا؟ _ئايال ھەيران بولۇپ سورىدى.
بىر بوۋاي ئۆزلىرىنى تۇنۇشتۇردى.
_بۇ ياقنىڭ ئىسمى بايلىق، بۇ ياقنىڭ ئىسمى مۇۋەپپەقىيەت، مېنىڭ ئىسمىم بولسا مۇھەببەت. ئەمدى سىز ئۆيگە كىرىپ ئېرىڭىزدىن سوراپ ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار، سىلەر بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى قايسىمىزغا ئىھتىياجلىق ئىكەنسىلەر.
ئايال ئۆيگە كىرىپ بوۋاينىڭ سۆزىنى ئېرىگە ئېيتتى.
_ئۇنداقتا بىز بايلىق بوۋاينى تەكلىپ قىلايلى،_دېدى ئېرى.
_سۆيۈملۈكۈم، بىز نېمىشقا موۋەپپەقىيەتنى تەكلىپ قىلمايمىز،_دېدى ئايال.
_مۇھەببەتنى چاقىرساق تېخىممۇ ياخشى بولمامدۇ؟ ئۇ چاغدا ئۆيىمىز مۇھەببەتكە تولاتتى،_دېدى كېلىنى گەپ قىستۇرۇپ.
_كېلىنىمىزنىڭ دېگىنى بويىچە بولسۇن!_دېدى ئايالنىڭ ئېرى.
_قايسىڭلار مۇھەببەت بولىسىلەر؟ بىز مۇھەبەتنى تەكلىپ قىلدۇق، قېنى مەرھەمەت،_دېدى ئايال.
ئايال ئۆي تەرەپكە مېڭىشىغا ئۈچ بوۋاينىڭ بىللە ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ :
_بىز پەقەت بىرىڭلارنىلا تەكلىپ قىلغانغۇ_دېدى.
_ قايەردە مۇھەببەت بولسا شۇ يەردە بايلىق ۋە موۋەپپەقىيەت بولىدۇ، شۇڭا بىز بىرگە ماڭدۇق_دېدى بوۋايلار بىردەك.
مەنبە: <تەرىمىلەر> ژورنىلى
|