گۈزەل قىز (شېئىر)
پىراقىدا <<قەتلە>>قىلدى گۈزەل قىز، ئوت ئىچىگە <<دەپنە>> قىلدى گۈزەل قىز. <<دەتمەن يىگىت،غەمسىز قىز>>نى ئورۇنلاپ، يۈرىكىمنى سەھنە قىلدى گۈزەل قىز.
كۆيەتتىم مەن چىن ،سەمىمى نىيەتتە. (بىلەتتىغۇ دەيمەن قىزمۇ، ئەلۋەتتە.) يۈرۈپ لىكىن بىلمىگەندەك ھالەتتە، مېنى لەختە-لەختە قىلدىگۈزەل قىز.
بولاتتىغۇ سۆيگۈ ئەسلى لەززەتلىك، نېچۈن مىنىڭ سۆيگۇم بېتاپ، ھەسرەتلىك. ئۆز -ئۆزىنى بىلىپ شۇنچە قىممەتلىك، قەدىرىمنى پەستە قىلدى گۈزەل قىز.
جاھان ئىچرە گۈزىلى بىر ئۇمىدى، كۈتكىنىممۇ مەن ئۇنۇڭدىن شۇمىدى. ئۆلدى شۇڭا سۆيگۈم،(پېقىر ئۆلمىدى)، پۇشايماننى ھەپتە قىلدى گۈزەل قىز.
مەنبە؛<<يىڭى قاشتىشى 2009-يىللىق2-سانىدىن >> ئىلىندى.
يۈردۈم
كۆرگەنلەر بولسا بىر خەۋەر بەرسۇن، ئىزدەپ يارىمنى تاپالماي يۈردۈم. گويا غىرىپمەن سەنەم ۋەسلىدە، مىسكىن كۆڭلۈمنى ئاچالماي يۈردۈم.
كىرسەمچۇ كاشكى يارنىڭ چۈشىگە، كەلسەمچۇ ياكى ئەقلۇ ئىسىگە. جاننى بىرەرمەن سۆيۈنچىسىگە، يارسىز تۇنلەردە ياتالماي يۈردۈم.
بىر تەڭرىم بىلۇر كىمنىڭ يارى يوق، كىمنىڭ زارى بار، كىمنىڭ زارى يوق. ياردا ئىختىيار، مەندە چارە يوق، يارسىز بىر چىراق ياقالماي يۈردۈم.
مەنبە؛ <ياخشىلارغا ناخشىلار تولا > دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
كۆز ياشلىرىم
ئادەم تولا جاھان دىگەندە، گۈزەللىكتە بىر-بىرىدىن ئۇز. جاھاندا مىڭ ، كۆڭۈلدە بىر دەپ، بىر سېنى دەپ يۈرىمەن يالغۇز.
كۆز ياشلىرىم ئاقتى سەن ئۈچۈن، قان ئارلاش ، يىرىڭ ئارلاش. بولدى كەسپى دۈشمەنلىرىمنىڭ، سەن تۈپەيلى مىنى قارلاش.
سەن بارمىغان تويغا بارمىدىم، سەن ماڭمىغان يولدا سايەم يوق. ئاخىر بىر كۈن سېنى سۆيمەكتىن، بۇ ئالەمدە ئۆزگە غايەم يوق.
مەنبە؛<<ياخشىلارغا ناخشىلار تولا >> دىگەن كىتاپتىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-19 18:58
|