5 . قىسىم
كېچە ئاسمىنى تولىمۇ جىمجىت ، قاپقاراڭغۇ تون كىيگەن زىمىن مەڭزىگە نۇرلۇق سىماسى بىلەن مەڭدەك ياراشقان سۈزۈك ئاي مىنى مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى ، ئېي گۈلۈم سەنمۇ قارا ئۇ ئايغا مىنى كۆرگەندەك بولىسەن ! ئىچىمدا پىچىرلايتتىم شىۋىر - شىۋىر قىلىپ كىلىۋاتقان مەيىن شامال ئۇنى ئەسلىتەتتى ، كەڭ كەتكەن دالىدا قىر بېشىدا ئولتۇرۇپ مۇڭغا كەتتىم ، دوستۇم ئەخمەتجان قولىدىكى سۆڭەكنى يەرگە تاشلاپ قاپقارا بۇرۇتلىرىنى قوللىرى بىلەن ھېمىرىپ تۇرۇپ :
- بولدى ئەمدى تويمايدىغانمۇ نىمىلەركەنسەن قارىغىنە بىر ئوغلاقنى يەپ بولاي دىيىشتىڭ !
- نىمە تەمبۇر چالسام قالماسمىكىن دەپ قالدىڭمۇ قورقما ئېلىپ قويىمىز ساڭىمۇ ! ئارىدىن تايىرجان سۆزلىدى بالىلار چۇقان سېلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى ،
- بولدى تويدۇم ئەمدى چالىمەن ! ئەخمەتجان قولىغا تەمبۇرنى ئېلىپ مۇڭ سازغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا باشلاپ كەتتى ، ئىشبۇ چاغلار مەن ئاقسۇدىن كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نەۋرە ئىنىم تايىرجاننىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ توقايلىقىغا بارغان ئىدىم ، تايىرجان ئىككەيلەن بىر قورساق ئاكا - ئۇكا ۋە بىر قورساق ئاچا - سىڭىللارنىڭ پەرزەنتلىرى بۇلۇپ كۆڭلىمىز بەكلا يېقىن ئىدى يېشىمىزمۇ ئانچە پەرەقلىنىپ كەتمەيتتى ، ئۇ نەچچە يىلدىن بىرى مەھەللىمىزگە تولىمۇ يىراق بولغان بىر توقايلىقتا چارۋا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇنلۇنۇپ تىزلا بېيىغان ئىدى ، شۇ تاپتا ھەممەيلەن ئالدىمىزدىكى گۈلخان كۈچىدىن پايدىلىنىپ جاڭگال كاۋاپ پۇشۇرۇپ يەۋاتاتتۇق ئەتىراپ بەكلا شادلىقتا ھەممە خوشاللىقتا ئىدى ، ئەخمەتجاننىڭ چالغان مۇڭلىرى ساۋاقدېشىم نۇر ئەلىنى ئەسلىتەتتى ھەربىر ئۇدار تولىمۇ جايىدا گەرچە بۇ دوستۇم ساۋاتسىز بولسىمۇ تەمبۇر چېلىشتا ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان ئىدى ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ بىرى تەكلىپ بەردى .
- مۇھاممەت بىردەم گىتتار چېلىپ بەرمىسۇنمۇ ! ئۇ مىنىڭ بالا دوستۇم جۈمە قارى ئىدى ،
- شۇنداق قىلايلى ........ بالىلار تەڭ ھەر تەرەپتىن سۆزلەشكە باشلىدى ، ئولتۇرغان دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەھەللىدە تەڭ ئويناپ چوڭ بولغان بالىلار بۇلۇپ ئۇلار ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇقۇيالماي مەھەللىنىڭ دېھقانچىلىقىغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئاق كۆڭۈللەر ئىدى ،
- ماقۇل بىر - ئىككى ناخشا ئېيتىپ بىرەي ! ئاستا ياندا تۇرغان گىتتارنى قۇلۇمغا ئالدىم بالىلار مىنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتى شۇڭلاشقىمىكىن ئەتىراپ سۈكۈتكە چۆمدى ، ناخشامنى باشلىۋەتتىم كېچىدىكى تۈن سەيناسى ناخشامغا مەدەت بۇلۇپ ئاۋازلىرىم بەكلا ساز ئىدى ، شۇنداق قىلىپ كېچىچە ئۇخلىماي كۈلكە - پاراڭلار بىلەن تاڭنى كۈنگە ئۇلاپتىمىز ھەممەيلەن چارچاشتىنمىكىن بەكلا سۇلغۇن كۆرىنەتتى ، تاڭ سەھەردىلا تايىرجاننىڭ ئوغلىقىدىن يەنە بىرنى يېۋەتتۇق قورساقنى راسا تويغۇزۇپ مەھەللىگە ماڭماقچى بولدۇق ئەمما تايىرجاننىڭ بىزدىن ئايرىلغۇسى پەقەتلا يوق ئىدى ،
- تايىرجان ئۇكام ئەمىسە بىز قايتايلى ئۆزەڭنى كۆپ ئاسرا ! بەكلا كايىپ كىتىپسەن داستىرخانىڭغا رەخمەت ،
- ئەسلى يەنە بىر كۈن تۇرساڭلار ياخشى بولاتتى ئايرىلىشقا زادى قىيمىدىم شۇنداق كىلىڭلار بولمىسا ! ئۇ بەكلا ئۇمۇد بىلەن بېقىپ تۇراتتى ،
- بولدى يەنە كېلىمىز بۇ يىغىلىش بەكلا ئۇنتۇلغۇسىز بولدى داۋاملىق يىغىلىپ تۇرساق بولغىدەك ، مەن تايىرجانغا تەسەللى بىرىپ تېرەكتۇرغا چىقتىم بالىلار ئورۇنلىشىپ بولغان ئىدى ئەمما شوپۇر يوق تازىمۇ كۈلكىلىك ئىش بولدىغۇ بۇ دوستىمىز ئەلى تېرەكتۇرنى ھەيدەيتتى ئەمما ئۇ ئۇيقۇغا چۈشۈپتۈ ئەمەسمۇ ، ئارىدىن بىرى چۈشۈپ شوپۇرلۇق قىلدى بىز تايىرجان بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە ئاتلاندۇق ، كەچكە يېقىن مەھەللىگىمۇ كەلدۇق تېرەكتۇر مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا توختىدى ھەممەيلەن بىر - بىرلەپ خوشلىشىپ ئۆيلىرىمىزگە قايتتۇق .
ئوتمۈش ئەنە شۇنداق داۋاملىشىۋاتاتتى يىللار بەكلا مەنىسىز بۇلۇپ ھايات ئۆزگىنى تولىمۇ قىينايتتى ، مانا گۈلمىرەمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆز ناھىيەسىدىكى سەنئەت - ئۆمەكتە تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ ، مەن شۇ كۆز ئەينەك ۋەقەسىدىن كىيىن ئائىيلىدە يۈزۈم چۈشۈم بۈگۈنۈمنى تەستە ئۆتكىزىپ كىتىپ بارىمەن ، شۈ سېغىنىش تولۇپ تاشقان ئوتلۇق سۆيگۈگە مۇجەسسەملەنگەن ئاچچىق ھايات بىزنىڭ پىشانىمىزگە ئۇيۇلغان ئىدى ، گۈلمىرەنىڭ ئائىيلىسىدىكىلەر مىنى بىر ئاپەت دەپ قاراپ بىر ئۆمۈر خالىمايتتى ئەمما بىزدىكى پولاتتەپ قەتئى ئىرادە ئۇنىڭغا زادىلا يول قويمايتتى ، گۈلمىرەنىڭ سالامەتلىكى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئائىيلىسىدىكىلەر ئىشلارنى خاتا چۈشىنىپ مەندىن ئارتۇقچە گۇماندا بۇلۇپ ئۇنى ياخشىراق تەكشۈرتۈپ باقمايلا ھەرخىل قارا كىتاپلارنىڭ شۇم قوللىرىدا قىينىدى ، بەزى ناچار قىلمىش ئىش ھەرىكەتلەرنى ئۇنىڭ ئائىيلىسىدىكىلەر پىلانلىغان بۇلۇپ ئۇنى بەكلا زار قىلاتتى .
ئۆتمۈشتىكى رىئاللىققا ھەركىمنىڭ بەرداشلىق بىرىشى بەكلا تەس ئىدى كۈنلەر ئەنە شۇنداق داۋاملىشىپ كۈزنىڭ ساپ ھىدىمىمۇ بۇرنۇمغا تۈتۈن پۇرايتتى ، بۈگۈن پەيشەنبە يېزىمىزنىڭ قىزىق دېھقانلار بازاز كۈنى ئەمما مەن ئۇنداق نۇرغۇنچىلىقلارنى زادى خالىمايتتىم ، ئائىيلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بازارلىق قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى مەن يالغۇز قالدىم ، ئۆيدە باشقا ئىشمۇ يوق ئىختىيارسىز ئۆگزىدە كەپتەرلىرىمنى ئويناپ ئولتىراتتىم تۇيۇقسىز بىرى :
- ھوي مۇھاممەت نىمە قىلىۋاتىسىز ؟ خوشنام جۈمە قارى ئىدى مەن ئورنىمدىن تۇرۇپ پەسكە قارىدىم ،
- ھە جۈمە قارىمۇ چىقىڭە ئۈستىگە كەپتەر ئۈچۈرتۈپ بېرىمەن !
- ماقۇل مەن ئاۋۇ تەرەپتىن ئايلىنىپ ئۆگزىگە چىقاي ! جۈمە قارى كىچىگىدىنلا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ تاشلىنىپ قالغان بۇلۇپ چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە ئۇرۇپ سوقۇلۇپ دىگەندەك چوڭ بولغان ئىدى ، ئۇنىڭ ئائىيلىدىكى ئەمگىكى بەكلا ئېغىر بۇلۇپ مەرتىۋىسى چەيلەنگەن ئاق كۆڭۈل بەكلا بىچارە بالا ، ئىككەيلەن خېلە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆگزىدە كەپتەر ئويناپ تاماشا قىلدۇق جۈمە قارى بەكلا كەم سۆز ئىدى شۇنداقتىمۇ كىچىكىمىزدىن تەڭ چوڭ بولغاچقا ئۇنى بەكلا چۈشىنەتتىم ، چۈشكە يېقىن ئىككەيلەن مال - چارۋىلارنى سۇغۇرۇپ بۇلۇپ ئۆي ئىچىگە كىردۇق ، جۈمە قارى قانداقتۇر مەن بىلەن بىرگە بولسا بەكلا خوشال بولاتتى كىچىكىدىن ھاياتتا قەدىرلىنىپ باقمىغان تىرىك يىتىمنىڭ قەلبى بەكلا زەرداپ بۇلۇپ ئەنە شۇنداق ساۋاتسىزلار قاتارىدا ئىدى .
- مۇھاممەت ناخشىللىرىڭىزنى بەكلا سېغىندىم بىر قانچىنى ئېيتىپ بەرمەمسىز ؟
- ماقۇل سىزگە ئېيتىپ بەرمىگەن ناخشامنى كىمگە ئېيتىپ بېرەتتىم سىزدىن ھەر نىمەمنى ئايىمايمەن جۇما جۇمە قارى !
- مۇشۇ يىرىڭىزنى دەيمەندە سىزنىڭ ، كىلىڭە ئەمىسە ! ئۇ پۇتىنى ئاملاپ ئولتۇرۇپ موخوركا ئوراشقا باشلىدى ، مەنمۇ تەڭ قۇلۇمغا گىتتارنى ئېلىپ بىر - ئىككى پەدە شوق مۇزىكىلاردىن چالدىم ، ناخشا ئىچىگە چۆكۈپ مۇڭ ناخشىلارنىمۇ باشلىۋەتتىم :
ئېلىپ كىرگەندە لەھەت ئىچىگە ،
موردىڭىزنى ئۇچلىيالمىدىم .
يەتتە قېرىنداش قاتارىدا مەن ،
بىر كەتمەن توپا تاشلىيالمىدىم .
ناخشىنىڭ تولىمۇ ئەۋجىگە كەلگەن ئىدى جۈمە قارى يىغلاپ تاشلىدى ، دەرھال قولۇمدىكى گىتتارنى قۇيۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم ،
- جۈمە قارى نىمە بولدى ئەمدى ! ناخشا دەيسىز يىغلايسىز ئەڭ ياخشىسى ئېيتماي قوياي !
- خاپا بولماڭ شۇ ناخشىڭىزنى ئاڭلاپ ئازىراق كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ قالدى ، ئۇنىڭ ئاۋازى ئارانلا چىقتى مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ پاراڭغا كەتتۇق تۇيۇقسىز سىرتتىن بىر ئاۋاز كىلىپ مىنى چاقىرىۋاتاتتى ، دەرھال سىرتقا چىقتۇق دەرۋازا ئالدىدا بىر ناتۇنۇش كىشى بىلەن گۈلمىرە تۇراتتى ئاھ خۇدا ! بۇ ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ ؟ ھوشۇمغا كەپ بولغىچە بوينۇمغا قوللىرىنى سېلىپ گۈلمىرە يىغىغا چۈشتى ،
- بەك تەستە تاپتىم جېنىم ئەتتىگەندە يولغا چىققان ئىدىم ! ئۇ ھىقىلداپ سۆزلەۋاتاتتى ،
- شۇنداقمۇ نىمە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
- بىر ئىش بولمىسا كەلسەم بولمامتى ھېچ ئىش يوق شۇ سىزنى سېغىنىپ ئۆلەي دەپ قالغاچقا كەلدىم !
- خۇداغا شۈكرى بىرەر ئىش بولمىغانلا بولسا ئۇنداقتا ئۇ كىم ؟
- ھە ئۇ كىراكەش مىنى بازاردىن ئېلىپ چىقتى سىزنى تونۇيدىكەن بولمىسا قانداقمۇ تاپار ئىدىم ! كۆڭلۈم ئاستا - ئاستا جايىغا چۈشتى كىراكەشنى يولغا سېلىپ ئۇنى ئۆيگە باشلىدىم ، ئۈچەيلەن كۈن كەچ بولغىچە پاراڭلاشتۇق ئەسلى گۈلمىرە ئائىيلىدىكى زوراۋانلىق سەۋەبى شۇنداقلا ھەخىل مەجبۇرلاشلاردىن قۇتۇلالماي قېچىپ كەلگەن ئىكەن ، ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولدۇميۇ بەزى ئىشلار مىنى سەل ئەنسىرىتەتتى ، شۇ ئارىدا ئائىيلەمدىكىلەر بازاردىن قايتىپ كەلدى ئۇنى نىمە دەپ تۇنۇشتۇرسام بۇلار ؟ تەمتىرەپ تۇراتتىم كىچىك ئاچام ئاۋال ئۆيگە كىردى ،
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ گۈلمىرە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋال سالام قىلدى ئاچاممۇ تەڭ :
- ۋائەلەيكۇم ئەسسالام قېنى ئولتۇرۇڭ ! ئاپاممۇ ئولۇشۇپلا ئۆي ئىچىگە كىردى ھەم ئەدەپ بىلەن مېھماننى قارشى ئالدى ، گۈلمىرە تولىمۇ ئوچۇق قىز بۇلۇپ نە تارتىنىش نە ۋوچۇقاش زادىلا يوق ئىدى تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئاپامنىمۇ كەلتۈرۈپ بولدى ، شۇنداق قىلىپ ئارىدىن سەككىز كۈن ئۆتۈپ كەتتى ئۇ كەلگەندىن بىرى ئائىيلە ئىچى شۇنچە قاينام تاشقىنلىقتا بۇلۇپ قارلىغاچتەك سۆزلىرى ھەركىمنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇپ قوياتتى ، مەن شۇنچە يوشۇررۇپ ئۇنى ساۋاقدېشىم دەپ چۈشەندۈرگەن بولساممۇ ئائىيلەمدىكىلەر مۇناسىۋىتىمىزنى ئاسانلا بىلىپ قالدى شۇنداقتىمۇ بۇ ئەھۋال بىز ئۈچۈن خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى ، سەھەردە تۇرسام ئۇنى كۆرەتتىم تەڭ تاماق يەپ ، تەڭ ئېتىزغا چىقىپ ئەمگەك قىلىپ كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كىتىپ بارغىنىنى بىلمەيلا قالدىم ، گۈلمىرەنىڭ چېھرىدە خۇش - تەبەسسۇم يېغىپ ئائىيلە ۋە ئورۇق تۇققانلىرىم بىلەن بەكلا چىقىشىپ كەتكەن ئىدى ، شەھەردە تۇغۇلۇپ شەھەردە چوڭ بولغان نازۇك بىر قىز سەھرانىڭ قاغجىرىغان دەستۇرىنى تولىمۇ ياقتۇراتتى .
سەھەردە خورازلار چىللاپ يىراق - يىراقلاردىن ئىتلارنىڭ ھوۋ ئاۋازى ئاڭلىناتتى ئويقىدىن سەگەكلا ئويغاندىم يېنىمدا گۈلمىرە تاتتلىق ئۇخلاۋاتاتتى ، نىمە بولغىنىنى بىلمەيلا قالدىم نىمە دەپ يېنىمغا كىرىۋالغاندۇ بۇ توۋا !
- گۈلمىرە ئويغۇنۇڭ گۈلمىرە ، مەن تۆۋەن ئاۋازدا ئۇنىڭغا شەپە بىرىپ مىدىرلاتتىم ، ئۇمۇ تولىمۇ سەگەك تىزلا تۇرۇپ كەتتى .
- قاچانلادىن ھوجىرامغا كىرىۋالدىڭىز مەن بىلمەيلا قاپتىمەنغۇ ؟ ئۇنىڭدىن سورىدىم .
- ھە ئاخشام ھەدەم بىلەن ئۇزۇن مۇڭداشتۇق كىيىن ئۇ ئۇخلاپ قاپتۇ مەن ھاجەتكە چىققاش سىزنىڭ يېنىڭىزغا كىرگەن ئىدىم بەكلا تاتلىق ئۇخلاپ كىتىپسىز بىلىندۇرمەي يېنىڭىزغا كىرىپ بىردەم ياتقان ئىدىم ئۇخلاپ قاپتىمەن كەچۈرۈڭ ، ئۇنىڭ ئەركىلەپ ناز بىلەن قىلغان سۆزلىرى مىنى شۇنچە خوشال قىلاتتى .
- بولدى بىلىندۇرمەي چىقىپ كىتىڭ نىمە سەت ئىش بۇ ، ئۆيدىكىلەر بىلىپ قالسا نە نۇمۇس دەڭە .
- ماقۇل ئامرىقىم ئۇنى بىلىمەن ! ئۇ يېنىمدىن ئاستا مىدىرلاپ مەڭزىمگە شۇنداق قىلىپ بىرنى سۈيۈپ كۈلگىنىچە چىقىپ كەتتى .
- شەيتان قىز ! مەنمۇ تەڭ ئۇنىڭ مېڭىشىغا بىرنى چىمدىپ قويدۇم ، سەھەردىكى ھاۋا شۇنچە ئىللىق ئەتىراپ بەكلا ساپ بۇلۇپ قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازلىرى بەكمۇ ئېجىرىملىق ئاڭلىناتتى ، مەن ئورنىمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ تال قېرىم يېنىغا باغلاپ قويغان بۈرە ئىتىمنىڭ يېنىغا باردىم ، ئويناقشىپ تۇرغان قىزىل قۇيرۇقنى ئەگەشتۈرۈپ ئەسلىدىكى ئادىتىم بۇيىچە سىرتتا يۈگىرەپ بەدەن قىزىتتىم ، ئايلىنىپ كىرىپ قىزىل قۇيرۇقنى ئۆز ئورنىغا باغلىدىمدە ياندىكى ياغاچقا قول ئۇزارتتىم شۇئان ئېغىرلىقىمدىن بىر قانچىنى تارتىۋەتتىم .
- مۇھاممەت ! قارلىغاچتەك يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ئۇ مىنى چاقىرىۋاتاتتى .
- ھە نىمە دەپ ئەتتىگەندە چىقىۋالدىڭىز ! ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم .
- تاڭ ئاتتى ياتمايدۇ بىر كىم ئىشىم بار مىنىڭ چەتتە تۇرۇڭ توپا بۇلۇپ كېتىسىز ! ئۇنىڭ سۆزلىرى تولىمۇ ئوماق ئىدى .
- شۇنداقمۇ بولغۇسى كېلىن ئۆزىنى كۆرسەتمەكچىكەندە ؟
- ھە سىز ئارلاشماڭ ! ئۇ قولىدىكى ئوزۇن سۈپۈرگىنى كۆتىرىپ ھويلىنىڭ ئوڭ تەرپىدىن باشلاپ سۈپۈرۈشكە باشلىدى ، مەنمۇ ئىشىمنى قىلىۋەردىم قۇياش قىزىرىپ تاڭدىكى شەپەق ئوت رەڭ ھالەتتە ئىدى ئۇزۇن ئۆتمەي ئەتىگەنلىك تاماق تەييارلىنىپ ھەممەيلەن داستىرخاندا بولدۇق ، ھېلىھەممۇ ھەممەيلەننىڭ ئاغزى گۈلمىرە ئىدى ۋىچچىرلاپ سۆزلەپ ھەممىنى كۈلدىرەتتى .
- دادا بۈگۈن مۇھاممەتمۇ بىرگە قالسۇن پاختىلار كۆپ سىز يىتىشىپ بولالمايسىز ! ئۇ تەرتىپ بىلەن ئىش تەقسىم قىلىۋاتاتتى .
- قىزىم مۇھاممەت بولمىسا سىز قانداق ئېتىزغا بارارسىز ھا ھا ھا ! ئاتام تولىمۇ گەپچى ئادەم بۇلۇپ ئۇنىڭغا چاقچاق ئېتىپ قويدى .
- ھە بار چېغىمدا كۆپرەك قىلىۋالاي ئەتە - ئۆگۈن مىنى مۇھاممەتكە ئېلىپ بەرمەي قويمىسىلا يەنە ! ئۇمۇ ھەرگىز گەپ بەرمەيتتى ،
شۇنداق قىلىپ ئاتام ئىككەيلەن يىغىلىپ قالغان پاختىلارنى سېتىش ئۈچۈن ئۆيدە قالدۇق باشقىلار ۋە خوشنا خۇلۇم بۇلۇپ ئون نەچچە ئادەم مەھەللىمىزدىكى ئانچە يىراق بولمىغان بىر ئورۇندا نەچچە پارچە يەردە كېۋەزلىرىمىز بۇلۇپ شۇ جايغا پاختا يىغىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى ، بىز چۈشكە يېقىن ھويلىدىكى پاختىلارنى سېتىپ ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىپ قايتارشىمىزدا بازاردىن ئىسسىق يېقىپ قويغان گۆش گىردىلەردىن ئېلىپ ئېتىزدا ئەمگەك قىلىۋاتقانلارغا يىگۈزمەكچى بۇلۇپ ئۆيگە قاراپ يول ئالدۇق ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆيگىمۇ كەلدۇق دەرۋازا ئالدىغا كىلىشىمىزگە ھويلىدىن چىققان قىزغىن كۈلكە - چاقچاقلار مىنى رام قىلغان ئىدى ، ئەسلى ئەمگەك كۈچلىرى چۈشلۈك تاماققا قايتىپ كەلگەن چېغى ، ئاستا ھويلىغا كىردىمدە قوتاننىڭ يېنىغا ھاۋرۇنى تارتتىم .
- مۇھاممەت بەكلا سېغىندىم سىزنى ! ئادەملەر توپىدىن ئۇ سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ يېنىمغا كەلدى مەن قولۇمدىكى ئاتنى ھاۋرۇدىن چىقارغاچ :
- قانداق ! جاپا تارتتىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭدىن سورىدىم .
- ياقەي نىمىسى جاپا شۇ سىزنى سېغىنىپ ئازىراق جاپا تارتتىم ! ئۇنىڭ يۈز - كۆزلىرى نەچچە كۈندىن بىرى ئاپتاپتا كۈيۈپ ھەقىقى سەھرا قىزلىرىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى ، ئاغزىدىن چىققان تاتلىق سۆزلە مىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇراتتى كۆز كۆزلەرگە بېقىپ بەكلا خوشال ئىدۇق ، تۇيۇقسىز دەرۋازا ئالدىدا بىر ماشىنا كىلىپ توختىدى ، ئاھ تەڭرىم ! ئۇلار گۈلمىرەنىڭ ئائىيلىسىدىكىلەر ئىدى ئارقىدىنلا يەنە بىر ماشىنا كىلىپ توختىدى ، گۈلمىرە ئۇلارنى كۆرگەن ھامان ئۆي ئىچىگە قاچتى مەنمۇ دەرھال قولۇمدىكى قىلىۋاتقان ئىشنى تاشلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردىم ، بىر - بىرلەپ چوڭ ئاپىسى ، ئىككى نەۋرە ئاچىسى ، دادىسى يەنە ئىككى ساقچى فورمىسى كىيگەن ئادەم بۇلۇپ نەچچە كىشى ھويلا ئىچىگە كىردى .
- گۈلمىرە قېنى ! ئەتىراپ تىمتاس بۇلۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ چوڭ ئاپىسى ھويلىنى بىشىغا بىر كەيدى ئاغزىدىن بوراندەك چىقىۋاتقان تىل - ئاھانەتلەر ھەركىمنىڭ غەزىبىنى قاينىتاتتى ، ئارىدىن ئائىيلىنىڭ بېشى بولغان ئاتام ئوتتۇرىغا چىقتى :
- ۋاي كايىپ كەتمىسىلە قىزلىرى بار ئاۋال ئىچكىرىگە كىرىپ چىرايلىق پاراڭلىشايلى ! سىلەر دىگەن مېھمان تولىمۇ يىراقتىن كەپسىلەر بىر پىيالىدىن ھاردۇق چېيى ئىچكەچ مۇڭدىشايلى قېنى ئىچكىرىگە مەرھەمەت ! ئاتام قەددىنى تىك تۇتۇپ ئوڭ قولىنى كۆكرىكىگە ئېلىپ ئۇلارنى ئۆي ئىچىگە تەكلىپ قىلدى .
- ۋاي نىمىسىنى پاراڭلىشىدۇ ھەممەڭ بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى قىزىمىزنى مۇشۇ سەھراغا قۇيۇپ كېتەرمىكىن دەپ قېلىشتىڭما ! ئۇنىڭ چوڭ ئاپىسى يەنىلا ۋارقىراپ تۇرۇپ ھويلىنى بىر ئالدى ، ئاتامنىڭ سۆزلىرى تىيىنگىمۇ ئەرزىمەيتتى ئۇ مەھەللىنىڭ بېشى بۇلۇپ يىگىرمە يىلدىن بىرى كەنىت خىزمىتىنى قىلىپ كىلىۋاتقان ئۇلۇغ زات ئىدى ، ھەركىم ئۇنىڭغا گەپ قىلسا بېشىنى پەس تۇتۇپ سۆزلەيتتى ئەمما بۈگۈنكى مېھمانلار ئاتامنى زادىلا مەنسىتمىگەن ئىدى ، ئاتام تولىمۇ ئاق كۆڭۈل ھەم مىھرىبان كىشى بولۇپ ھەرقانداق مەسىللەرنى ناھايتتى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلاتتى ، ئۇ يەنىلا ئەسلىدىكى پوزىتسىيە بىلەن :
- تېخى گۈلمىرەنى ئېلىپ قالىمىز دېمىدۇققۇ ئۇ كەلگىلى نەچچە كۈن بولدى سەھرانى ساياھەت قىلىپ كەلدىم دىگەن ، سىلەر نىمە دەپ چىرايلىق ئېلىپ كەتمەيسىلەن ؟ ئاتامىنڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشماستىنلا :
- ھە بىكارلا كىلىپ قالمىغاندۇ ، بۇ دىگەن كۇچار موللىچاقلىرى بەك يامان شۇنى ئېيتىپ قۇياي ھەقاسىڭىزغا ئاۋۇ ئايەتنى ۋاقتىدا ياندۇرۇق ئوقۇتۇپ توختىتىپ قۇيۇشۇڭ ، ئەگەردە دېگىنىمىزنى قىلىشمىسىڭىز بىز ئۇ موللامنى ئۆلتۈرۈپ قۇيىشىمىز مۇمكىن ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ۋەھشى سۆزلەر گۈلمىرەنى ئويغاتتىمۇ قانداق ئۆي ئىچىدىن يۈگۈرەپ چىقىپ ئاپامنىڭ يېنىغا كەلدىدە :
- ئاپا بۇ نىمە ئادەملەر ؟ بۇ يەرگە نىمە دەپ كەپتۇ مىنى ئېلىپ كېتىمىز دەيدىغۇ مەن ئۇلارنى تۇنىمايمەن ھەم ھىچنەگە بارمايمەن ! ئۇنىڭ قىياپىتى خۇددى رول ئېلىۋاتقان ئارتېسلاردەك ئىدى .
- نىمە دەيسەن بېشىنى يەيدىغان ھېلىمۇ يۈزىمىزنى رەسۋا قىلىپ بولدۇڭ ! ئۇنىڭ چوڭ ئاپىسى گۈلمىرە تەرەپكە قاراپ ئېتىلىپ ماڭدى ، گۈلمىرەمۇ تەڭ تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشتىدە قولىدىكى يوغان پىچاقنى كانىيىگە تەڭلەپ تۇرۇپ :
- توختا ! ئارقاڭغا قايت ! يوقۇلۇش بولمىسا ئالدىڭدىلا ئۆلۈپ بېرىمەن ! ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋارقىرىدى مەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرىدىممۇ قانداق دەرھال ئۇ بار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ، ئۇنىڭ بۇ ھېسسىيادىدا ئۇنداق قىلمايدۇ دىيەلمەيتتىم .
- گۈلمىرە بولدى قىلىڭ پىچاقنى ماڭا بىرىڭ ! مەن شۇ سۆزنى قىلىپ بولغىچە ياندا تۇرغان ئۇنىڭ چوڭ ئاپىسى ھوشىدىن كىتىپ يەرگە چۈشتى ، يېنىدا تۇرغانلار ئۇ موماينى يۆلەپ ماشىنىغا سالماقچى بولىۋىدى بىلمەيلا قالدىم گۈلمىرە ئىختىيارسىز سۆزلەپ كەتتى ، قولىدىكى پىچاقنى ئاستا تاشلىغىنىچە مەن تەرەپكە قىيسايدىدە :
- مۇھاممەت سىزنى سۆيىمەن ، كىلىڭە بىرنى سۈيۈپ قۇياي ھې ھې ھې ! ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى زادى بىلمەيتتى ، مەن لەتىپەدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ ئايلىنىپ قېلىشتىن بۇرۇن مۇشۇ سۆزلەرنى قىلاركەنتۇق .
- نىمە دەيسىز بۇياققا مېڭە ! مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇشىم بىلەن تەڭ شۇنچە كۈلۈپ كەتتى ھەم مىنى سۆيمەكچى بۇلۇپ تۇمشاقلىرىنى ئۇزاتقىنىچە يەرگە يىقىلىپ چۈشتى .
- گۈلمىرە ! گۈلمىرە ! نىمە بولدى سىزگە ؟ ئۇنىڭ كۆزلىرى كەينىگە تارتىپ چىشلىرى كىرىشىپ قالغان ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى تۇنجى قېتىم كۆردۇم ھەم بەكلا قورقتۇم .
- نېرى تۇرە ! سەن بىلەن كىيىن ھىساپلىشىمەن ! گۈلمىرەنىڭ دادىسى مىنى ئىتتەرگەنچە ئۇنى شاققىدە كۆتىرىپ ماشىنا تەرەپكە ماڭدىدە :
- مەن دەپ قۇياي بۇ قىز مىنىڭ ھەرگىزمۇ سەن سەھرالىققا بەرمەيمەن ساڭا بەرگەندىن كۆرە مۇشۇ يەردە بۇنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋېتىپ كىتىمەن ! ئۇمۇ ۋار - جور قىلىۋېتىپ گۈلمىرەنى ماشىنىغا سالدى ، باشقىلارمۇ تاراق - تۇرۇق سۆزلەرنى قىلغاچ ماشىنىغا چىقتى مەن گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالدىم ، ئۇلارمۇ ئوزىدى ھويلا ئىچى تىمتاس بۇلۇپ كىم - كىملەر بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپلا قالدى ، مەن يۈگىرەپ يولغا چىقتىم ئۇلار خېلىلا ئوزىغان ئىدى ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كۆزلىرىمدە بۇلاق لەيلەيتتى .
غۇبارسىز ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئاچچىق ھايات جاننى بەكلا قىينايتتى ، تېنىمسىز تىرىشىۋاتقان سۆيگۈلەرنىڭ ۋىسالىغا يىتىشى تولىمۇ مۈشكۈل بولدى ئۇلار كىتىپ ئەتىسى دوستۇم ياسىن خەۋەر ئېلىپ چىقىپتۇ ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئاباي گۈلمىرەنىڭ ساۋاقدېشى لەتىپە ياسىننىڭ ئۆيىگە تېلىفۇن قىلغان ئىكەن ھەم ماڭا چوڭ بىر خوش - خەۋەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ ، گەرچە بۇ خوش خەۋەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ بەكلا خوشال ئىدىم چۈنكى بۇ خەۋەر ئۇنىڭدىن كەلدى ، بىز ناھايتى تىز تەييارلىق قىلىپ ياسىننىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق ، يوللار توپا - تۇزاڭ ئىككەيلەن شەيتانچاقلىرىمىزنى مىنىپ بەسلىشىپ دىگەندەك تاپان دەسسەيتتۇق قۇم باسقان سەھرا يوللىرى گەرچە چاقلارنى قىسىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا يول قويماتتۇق ، كىتىۋېتىپ ياسىندىن سورىدىم .
- ئاداش نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىۋالساڭلار بولماسمىدى ؟
- سورىمامدىغان تازا كوچىلاپ سۈرۈشتۈردۈم ئەمما ئۇ بۇ بەكلا مەخپى ئىش ئىدى مۇھاممەتنىڭ ئۆزىگە دەيمەن دەپ تۇرىۋالدى .
- شۇنداقمۇ ؟
- شۇنداق ئۇ سىنى تېلىفۇن قىلغانغا قەدەر ئۆيدە ساقلايمەن دىگەن چۇقۇم مۇھىم ئىش بولىشى مومكىن ! بىز پاراڭلاشقاچ يولىمىزنى داۋام ئەتتۇق ، بۇ سەھرا تولىمۇ يىراققا جايلاشقان سەھرا بۇلۇپ تەرەققىيات ئەمدىلەتىن باشلىنىۋاتاتتى ، يۇرتىمىزغا توك تارقىتىش ئورنى قۇرۇلۇپ كىيىنكى قەدەمدە ئىچىملىك سۇ ھەل قىلىندى بىر ئىككى يىلچە بولدى تېلىفۇن لىنىيەلىرى بازار ئىچىدىلا ئۇمۇملاشقان بۇلۇپ بۇ ئەھۋالدا جانان بىلەن خەۋەرلىشىش نەچچە تاغنىڭ ئارقىسىدا ئىدى ، ئۇزۇن ئۆتمەي ياسىننىڭ ئۆيىگىمۇ كەلدۇق ئالدىراپ تىنەپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ تېلىفۇننى قولۇمغا ئالدىمدە لەتىپەنىڭ نۇمۇرىنى باستىم ، تېلىفۇن ئۇلاندى ،
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
- ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ساۋاقداش لەتىپەنىڭ ئۆيىمۇ ؟
- شۇنداق مۇھاممەتمۇ سەن مەن لەتىپە ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ ؟
- خۇداغا شۈكرى ئۆزەڭچۇ ياخشى تۇردۇڭمۇ ؟
- مەنمۇ ياخشى ساڭا خوش خەۋەر ئېتماقچى ئىدىم شۇڭا چاقىرتقان !
- ھە نىمە خوش خەۋەر ؟ بەكلا تەقەززار قىلدىڭ جۇمۇ تىزرەك ئېتقىنە !
- گۈلمىرەنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئىككىڭلارنىڭ توي ئىشىغا قۇشۇلۇپتۇ !
- نىمە دەيسەن بۇ راستمۇ ؟ ئەسلى تۆنۈگۈن گۈلمىرەنى ئائىيلىسىدىكىلەر قايتۇرۇپ ئېلىپ ماڭاشىدا ناھىيە بازىرى ئىچىگە كىرگەندە ئۇ يامان ئەمەس بۇلۇپ قالغان ئىكەن ، ھېلىقى ئىككى ماشىنا ناھىيەمىزدە تۇرۇپ قېلىپ ئاقسۇدىن كەلگەنلەر پويىزدا قايتماقچى بۇلۇپ پويىز ئىستانسىغا چىقىقىپتۇ ، گۈلمىرە مەلۇم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر قۇتا چىۋىن دورىسى سېتىۋېلىپ ئۇنى باشقىلارغا بىلىندۈرمەي پويىزغا ئېلىپ چىققان ئىكەن ، پويىز قوزغۇلۇپ يېرىم سائەتتىن كىيىن گۈلمىرە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنچە خېلە ئوزۇنغىچە چىقماپتۇ ، بۇ ئەھۋال باشقىلارنى بەكلا ئەنسىرەتكەن ئىكەن ئۇنى شۇنچە چاقىرغان بولسىمۇ سادا يوق ، بۇ ئىشتىن ئەنسىرىگەن دادىسى بار ئاماللارنى ئىشلىتىپ تازلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپتىكەن گۈلمىرە ئاللىمبۇرۇن دۇررىلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپتۇ ، ئۇنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە بۇلۇپ پويىز تاكى مەنزىلگە يەتكەنگە قەدەر داۋالاش تەدبىرىنى قوللۇنىلالماپتۇ ، ئىككى يېرىم سائەتتىن كىيىن ئۇلار ئاقسۇغا كىلىپ گۈلمىرەنى شەھەرلىك بىرىنجى دېۋىزىيە ئامبۇلاتورىيەسىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپتۇ ، دوختىرلارنىڭ جىددى قۇتقۇزۇپ زەھەرنى تازىلاش نەتىنجىسىدە بۈگۈن ئەتىگەن ئۇ ھوشىغا كىلىپ تۇنجى بولۇپ مىنى چاقىرغان ئىكەن ، شۇ سەۋەپ ئۇنىڭ ئائىيلىسىدىكىلەر ئىككىمىزنىڭ تويىنى قىلىپ قويماقچى بۇلۇپ گۈلمىرەگە ئېنىق ئەسكەرتكەن ئىكەن ، ئۇ خوشاللىقىدا بۇ خەۋەرنى لەتىپە ئارقىلىق ماڭا يەتكۈزۈپتۇ . بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خوشال بولغاندەك قىلدىميۇ تازا ئىشىنەلمىدىم ناۋادا بۇ ۋاقىتلىق سەۋەپ بۇلۇپ قالسىچۇ ؟ ئۇلار گۈلمىرەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇنداق تەدبىر قوللانغان بولسىچۇ ؟ ئۆزەمگە قات - قات سۇئاللارنى قۇيۇپ ئاخىرى گۈلمىرەگە تېلىفۇن قىلماقچى بولدۇمدە دوختۇرخانىغا تېلىفۇن قىلدىم ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-16 18:13
|