ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ تەكلىماكان نامىنىڭ كېلىپ چىقىش
كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 6
go

تەكلىماكان نامىنىڭ كېلىپ چىقىش

توردا
155سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
157 
تېما
117 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تەكلىماكان نامىنىڭ كېلىپ چىقىش




ئابدۇرېشات مۇساجان توغرۇل


تەكلىماكان تارىم ئويمانلىقىدىكى چوڭ قۇملۇقنىڭ نامى بولۇپ، بۇ قۇملۇق سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئىككىنچى ئورۇندىكى چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى(ئەتراپىدىكى قۇملۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا)337مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئومۇمى قۇملۇقنىڭ %60 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن ئاقما قۇملۇق كۆلىمى 277مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئومۇمى قۇملۇقنىڭ %50 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ قۇملۇقنىڭ نامى " تەكلىماكان " ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا ھەر خىل قاراشلار بار. بىر قەدەر بىرلىككە كەلگىنى ۋە ئومۇملاشقىنى : بۇ جاي ئەسلىدە بۈك-باراقسان تەبىئىي بوستانلىق بولۇپ، قەدىمكى دەۋىردە بۇ يەردە گۈللەنگەن، ئاۋات شەھەرلەر بولغان. كېيىن قۇم ئاپىتى تۈپەيلى، كىشىلەر بۇ يەرلەرنى تاشلاپ كېتىپ، شەھەرلەرنى قۇم بېسىپ كەتكەن. شۇڭا بۇ يەر "تېگى-تەكتى يۇرت –ماكان" دېگەن مەنىدە "تەكتى ماكان" دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ "تەكلى ماكان" بولۇپ قالغان، دېگەن قاراش.
لېكىن ھەر قايسى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ تارىخىي خاتىرىلەر ۋە تارىخىي ماتېرىياللارنى ۋاراقلايدىغان بولساق،بۇ قۇملۇقنىڭ نامى "تەكلىماكان" توغرىسىدا ھىچقانداق مەلۇمات يوق.خەن دەۋرىدىن بۇيانقى تارىخىي خاتېرىلەرنىڭ غەربىي دىيار توغرىسىدىكى بايانلاردا تارىم ۋادىسى، جۈملىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرى قىسىمىدىكى شەھەر-راباتلار توغرىسىدا بىر قاتار مەلۇماتلار بېرىلگەن، ئايرىم تارىخىي خاتېرىلەردە بۇ يەردە چوڭ بىر قۇملۇقنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ قۇملۇقنىڭ نامى توغرىسىدا ھىچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. خەن دەۋرىدىكى سەيياھ جاڭ چىيەن غەربىي دىيارغا ئىككىنچى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەندە، تۆت مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن بۇ قۇملۇقتىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئاران تۆت يۈزگە يېقىن كىشى ھايات چىقالىغان. تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن سەيياھ تاڭ شۈەنزاڭ بۇ قۇملۇق ئەتراپى ۋە قۇملۇق ئىچكىرسىدىكى ھەر قايسى شەھەر-راباتلارنى كېزىپ چىققان. ماركوپولو جۇڭگوغا قىلغان سەپىرىدە بۇ قۇملۇقتىن ئۆتكەن. لېكىن ئۇلار بۇ قۇملۇقنىڭ نامى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرمىغان. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئاز بولمىغان سەيياھلار بۇ قۇملۇقنى كۆرگەن ياكى كېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ھىچقايسىسىنىڭ خاتىرىسىدە "تەكلىماكان قۇملۇقى"دېگەن ئىسىم ئۇچرىمايدۇ. ھەتتا مەھمۇت كاشىغەرىينىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق ئەسىرىدىمۇ بۇ توغرىلىق مەلۇمات يوق. ئۇ سىزىپ چىققان خەرىتىدە قۇملۇقنىڭ ئورنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىسمى يېزىلمىغان. بىر قانچە جايدىكى زور قۇم دۆۋىلىرى(قۇم تاغ) نىڭ نامى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلگەن بولسىمۇ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ نامى ئىزاھلانمىغان.فېڭ چېڭجۈن 1930-يىلى تۈزگەن " غەربىي دىيار يەر ناملىرى" ناملىق كىتابتا :" takla makan,تاكلاماكان،تۈركچە قۇم دېڭىزى، شىنجاڭدىكى چوڭ چۆلنى كۆرسىتىدۇ."دەپ ئىزاھلىغان. بۇ كىتابتا،نۇرغۇن يەر ناملىرىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي خاتىرىلەر ۋە تارىخىي كىتابلاردىكى ھەرخىل ئاتىلىشى ئىزاھلانغان بولسىمۇ،تەكلىمان سۆزىنىڭ تارىخىي خاتىرىلەردىكى ئاتىلىشى ئىزاھلانمىغان.بۇنىڭدىن بۇ ئىسىمنىڭ يېقىنقى دەۋىردە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇنداقتا،"تەكلىماكان"دېگەن بۇ ئىسىم قايسى دەۋىرلەردە بارلىققا كەلگەن؟بۇ مەسىلىدە يەنىلا "تەكلىماكان"دېگەن ئىسىم تۇنجى بولۇپ تىلغا ئېلىنغان كىتابقا مۇراجئەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.شىۋېتسىيەلىك مەشھۇر ئېكىسپېدىتسىيەچى دوكتۇر سېۋىن ھېدىن 1893-يىلدىن 1896-يىلغىچە تارىم ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ كەڭ كۆلەملىك ئېكىسپېدىتسىيە پائالىيىتى ئېلىپ باردى.ئۇ غەربىي دىيار ئېكىسپېدىتسىيەسىدىن كېيىن يازغان ئەسەرلىرىدە"يىپەك يولى"دېگەن ئاتالغۇنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە "تەكلىماكان"دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئالدى ھەم شۇ نام بىلەن خەرىتىگە كىرگۈزدى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ چوڭ قۇملۇق"تەكلىماكان قۇملۇقى"دەپ ئاتالدى.شۇنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى،سېۋىن ھېدىندىن ئىلگىرى،يەنى 1870-1873-يىللىرى، 1876-1877-يىللىرى،1879-1880-يىللىرى ۋە 1883-1885-يىللىرى جۇڭگودا تۆت قېتىم كېلىپ ئېكىسپېتدىتسىيە ئېلىپ بارغان روسىيەلىك مەشھۇر ئېكىسپېدىتسىيەچى پېرژىۋالىسكىينىڭ كېيىنكى ئۈچ قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەسى تارىم ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆز خاتىرلىرى ۋە ئەسەرلىرىدە"تەكلىماكان"دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان.ئۇنداقتا،سېۋىن ھېدىن نېمىگە ئاساسەن بۇ ئىسىمنى ئوتتۇرغا قويغان؟گەرچە سېۋىن ھېدىن بۇ قۇملۇقنى "تەكلىماكان"دەپ ئاتىغان بولسىمۇ،بۇ ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھىچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن.سېۋىن ھېدىننىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئېكىسپېدىتسىيە قىلىش جەريانىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلساق ۋە تەھلىل قىلساق، ئۇ لوپنۇر ۋادىسىدىن چىقىپ، تارىم دەرياسى بويىدىن كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىنى بويلاپ جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ، ھازىرقى دەريا بويى يېزىسى تەۋەسىگە كەلگەندىن كېيىن "تەكلىماكان"دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.شۇنداق بولغان ئىكەن،سېۋىن ھېدىن بۇ ئاتالغۇنى چۇقۇم شۇ يەرلىك كىشىلەردىن ئاڭلىغان،شۇڭا بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك كىشىلەر ئارىسىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400-350يىللار ئىلگىرى كېرىيە بوستانلىقىنىڭ قارلۇق كەنتىدە ياشىغان تەكە جەمەتىدىن ھەمە تەكە بىلەن كېرىيە ناھىيىسىنىڭ جاي كەنتىدە ياشىغان باراق جەمەتىدىن يۇملاق باراق كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى يايلاقلارنى سېتىۋالغان ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى،مال-چارۋىلىرىنى كۆچۈرۈپ بېرىپ،بۇ يەردە ماكانلىشىپ چارۋىچىلىق قىلغان.بۇنىڭ بىلەن بۇ يەر"دەريا بويى"دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.ئۇلار كېرىيە دەرياسىنى پاسىل قىلىپ،كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى يايلاقلار يۇملاق باراققا، غەربىدىكى يايلاقلار ھەمە تەكەگە تەۋە بولغان.ئۇزۇن ئۆتمەي،دەريا بويىغا شىمال تەرەپتىن قالماقلار(مۇڭغۇللار) بېسىپ كېلىپ،بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ۋە ئۇرۇش بولغان. شۇ ئىشتىن كېيىن، بۇ ئىككى جەمەت ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ ۋە زىددىيەت پەيدا بولۇپ،تاكى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە ئۆز-ئارا قۇدىلاشماسلىق، باردى-كەلدى قىلماسلىقتەك يىرىك مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. سېۋىن ھېدىن كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنى بويلاپ، باراق جەمەتى ئولتۇراقلاشقان يايلاقلارغا كەلگەن ۋە باراق جەمەتىگە تەۋە "تۇڭگۇز باستى"يايلىقى ۋە بۇ يايلاقتىكى تەبىئىي قومۇش كۆل ئەتراپىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.ئۇ يەرلىك كىشىلەردىن(باراق جەمەتىدىكى كىشىلەردىن) كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قۇملۇقنى كۆرسىتىپ :"ئاۋۇ قۇملۇق قەيەر؟" دەپ سورىغاندا،كىشىلەر ئۇنىڭغا "تەكلەرنىڭ ماكانى"دېگەن مەنىدە "تەكىلەر ماكانى" دەپ جاۋاپ بەرگەن.بۇنىڭ بىلەن سېۋىن ھېدىن لاتىن يېزىقىدا "taqle makan" دەپ خاتىرىلىۋالغان. ئەسلىدە سېۋىن ھېدىن بۇ چوڭ قۇملۇقنىڭ نامىنى سورىغان،لېكىن تەرجىماننىڭ خاتالىقىمۇ ياكى سۇئال ئېنىق سورالمىغانمۇ،ۋە ياكى جاۋاب بەرگۈچى ئېنىق چۈشەنمىگەنمۇ،ئەيتاۋۇر جاۋاب بەرگۈچى دەريانىڭ غەربىدىكى يايلاقلارنى نەزەردە تۇتۇپ" تەكىلە ماكانى" دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇ كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن بۇ ئىسىم پۈتكۈل قۇملۇقنىڭ نامى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ، بۇ قۇملۇقنىڭ دۇنياۋى نامىغا ئايلىنىپ قالغان.
ھازىرقى دەريا بويى يېزىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا مۇشۇ مەزمۇندىكى رىۋايەت ھېلىھەم ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇلار "تەكلىماكان " دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت قىلىشىدۇ: بۇرۇنقى زاماندا ئىككى جەمەت ئارىسىدا زىددىيەت بولغاچقا، سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر دەريانىڭ غەربىدىكى يايلاق ۋە قۇملۇقنى " ئاۋۇ قەيەر؟" دەپ سورىسا، " تەكىلە ماكانى" دەپ، دەريانىڭ شەرقىدىكى يايلاق ۋە قۇملۇقنى "ئاۋۇ قەيەر؟" دەپ سورىسا، " باراقلار ماكانى" دەپ جاۋاب بېرىشىدىكەن. شۇڭا غەربىي تەرەپتىكى قۇملۇق " تەكلىماكان" دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن .
خۇلاسە شۇكى، " تەكلىماكان" دېگەن بۇ ئسىم سېۋىن ھېدىن بىلەن باراق جەمەتىدىن بولغان يەرلىك كىشلەرنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق، " تەكە جەمەتىنىڭ ماكانى " دېگەن مەنىدە " تەكىلە ماكانى" دەپ ئاتىلىپ چەتئەل يېزىقىدىكى تەلەپپۇزىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قايتۇرۇپ قۇبۇل قىلىنىپ" تەكلىماكان" بولۇپ قالغان.
« شىنجاڭ ياشلىرى» 2010-يىل 6-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eltikin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-16 17:44

توردا
126سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
421 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجىرڭىزىگە كۆپ تەشەككۇر . ھارمىغايىسز

توردا
25سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
174 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە، ئۇتۇق سىزگە يار بولسۇن.

توردا
25سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
174 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە، ئۇتۇق سىزگە يار بولسۇن.

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
18 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلى يىزىپسىز ھارمىغايسىز!!!!!!!!!!!!!!

توردا
1342سائەت 
نادىر تېما
دوست
40 
يازما
1631 
تېما
144 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەكلىماكاننىڭ سىرىلىرىغا تولىمۇ قىزىقىمەن~
بۇ ھەقتە نۇرغۇن رىۋايەتلەر، ۋە باشقا مۇھاكىمە ماقاللىرىنى كۆرگەنتىم~

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
477 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى تېخىمۇ ئۇزۇن قىلغاي،ئامىن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-20 12:07

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.