كۆپ خوتۇنلۇق بولغان ئەر
( مۇخەممەس )
مەخپى ئېلىپ خوتۇننى، كۆپ خوتۇنلۇق بولغان ئەر ،
نىكاھىغا ئالالماي، قەلبى ئازاپ تولغان ئەر ،
خەۋەر ئېلىپ ھالىدىن، قاتراپ تۇرۇپ قالغان ئەر ،
ھەر بىرىگە ھىلىگەر، ساختا ئەركەك يالغان ئەر ،
دەردى كۆپتۇر بۇ ئەرنىڭ، نىمە قىسمەت بولغان ئەر ؟
تىجارىتى يۇكسەلسە، شەمۇ-شەدە خوتۇن بار ،
پەپىلەيدۇ بۇ ئەرنى، تازلايدىغان سوپۇن بار ،
كۆڭۈل بىرگە بولمىسا، جۇر-شىۋىرغان قۇيۇن بار ،
مېلى بىلەن بىرلىكتە، سېلىۋىتەر تويۇن بار ،
شۇكۇر قىلماي بىرىگە ، ساختا نىيەت بولغان ئەر .
بەزى شوپۇر يولىدا، قونۇپ ئۆتەر ئۆتەڭدە ،
شەيتان خوتۇن رام قىلار، يوچۇن يالغۇز ئۆيىدە ،
سېنىڭ ئىشقى پىراقىڭ، ئوتلۇق ئىقىن سۇيۇڭدە ،
ياشاپ كەلدى توقال بوپ، غىت قىسمىغان كۆتۇڭدە ،
سۇيۇق مىجەز كىشىگە، خوتۇن نۇسرەت بولغان ئەر .
باي-غوجامنىڭ ئىشى جىق، تەكلىپ قىلار خوتۇننى ،
تۆت كۇن ئۆتمەي بۇ ئايال، باشقۇرىدۇ ئوتۇننى ،
تارتىنمايلا قىلىدۇ ، گەپنىڭ چوڭى-يوغۇننى ،
مەخپى ئىشنى دىمەيلى، كۆپ خوتۇنلۇق بولغاننى ،
<< شىركەت روناق تاپىدۇ>> خوتۇن شىركەت بولغان ئەر .
ئىش ئوخشايدۇ دەپ ئەرلەر، كۆپ خوتۇنلۇق بولغان ئەر ،
يۇز ئابرۇيى شەرمەندە، بولدى ئەمدى ئەلدە يەر ،
ئازاپ چېكىپ ئۆتىدۇ، بۇ دۇنيادا شۇقەدەر ،
بىر خوتۇنلۇق بولغانغا ئاداشلىرىم نىم يېتەر ؟ !
كۆپ خوتۇنلۇق بۇ ئەرگە، خوتۇن ئىبرەت بولغان ئەر ...
ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق. |