ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر مەن چ چ تاشلىدىم...(ئاتەش ماكان)
كۆرۈش: 511|ئىنكاس: 20
go

مەن چ چ تاشلىدىم...(ئاتەش ماكان)  

توردا
9سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
18 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش














مەن چ چ تاشلىدىم

(ئاتەش ماكان)

مەن چ چ نى تاشلىدىم مانا ،

ھىكايەمنى باشلىدىم مانا.

ئىبرەت ئېلىڭ بۇ ھىكايەمدىن ،

مەندەك دەرتكە قالمىغىن يانا .

چ چ ياخشى دېسە باشقىلار ،

مەنمۇ بەكلا قىزىقىپ ئالدىم .

يىغىپ كەتتى ئۇچۇرلار بەك جىق،

يىتىشەلمەي بالادا قالدىم.

بىرى دەيدۇ :چ چ رىڭ قانچە ،

بىرى دەيدۇ ؛ يېشىڭىز قانچە ؟

تونۇشقۇم بار سىز بىلەن شۇنچە،

دوست بوپ قالساق بولامۇ سىزچە ؟

رەت قىلمىدىم دەسلەپ ھەممىنى ،

سورىغانغا بەردىم جاۋاپنى .

ئۆزۈمنى ھەم ئۆزگىنى خوش قىپ ،

كۆيدۈرمىدىم زىخ ھەم كاۋاپنى .

دەسلىپىدە قالدىم قىزىقىپ ،

خۇشاللىقتا كۈلدۈم تېلىقىپ .

لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ،

بەزى ئىشلار قالدى چېلىقىپ .

ئۆتتى ۋاقىت ئايلاپ ھەم يىللاپ ،

بىر-بىرىمىزنى چ چ غا چىللاپ .

بەزىلەرگە جاۋاپ بەرمىسەم ،

قىپتۇ ئۇچۇر مېنى سەت تىللاپ .

سۈكۈت قىلسام "جاۋاپ ياز" دېدى،

جاۋاپ يازسام "نىمانداق ماز"دېدى .

يېتەلمىدىم شۇنچە ئويلاپمۇ ،

بۇنىڭسىزمۇ دەردىم ئازمىدى ؟

بەزىلىرى كامىرا ئېچىپ :

قانداقكەنمەن تىز قاراڭ- دېدى .

كۆنمىسەملا ئۇنىڭ شەرتىگە :

يوقال كۆزدىن ،ۋۇ ساراڭ – دېدى .

ئوخشىماسكەن ھەركىمنىڭ ئويى،

مىجەز-خۇلقى ،گەپ-سۆزى خۇيى.

بەزىلەرنىڭ گېپى بەك سېسىق ،

كاللىسىدا بارمىكىن سۈيى .

بەزىلەرگە ئىشەنسەم بەكلا ،

ئاخىر قىلدى يىراق ئارىنى .

توقۇپ چىقتى بىزەڭ ھىكايە ،

ھېيىقماستىن سۈركەپ قارىنى .

بىرى ئىكەن يازدىمۇ توڭغاق ،

بىرى ئىكەن تۇرالماس دوڭغاق .

تايىنى يوق بۇنداق دوستلاردىن ،

بىزار بولماي تۇرىمەن قانداق .

ئاخىر بىلدىم بىر ھەقىقەتنى ،

"سالام " دېسىلا دوست بولمايدىكەن .

بولمىسا دوست ئويلىغىنىڭدەك ،

كۆڭۈل شاتقا ھىچ تولمايدىكەن .

دوست دېگەننى قاراپ تۇتقۇلۇق ،

جاپالاردا سىناپ تۇتقۇلۇق .

ئايرىمىسا ياخشى – ياماننى ،

بولار ئاخىر شۇنداق بولغۇلۇق .

ئاچچىقىمدا تاشلىدىم ئۇنى ،

شۇندىن بۇيان يورىماس بولدى .

مانا ئەمدى ھىچكىممۇ مەندىن ،

چ چ رىمنى سورىماس بولدى .

چ چ تاشلاپ ئالدىم ئارامنى ،

ھىچكىم كۆرمەس بولدى قارامنى .

ئەنسىرەيمەن چ چ نى ئاچسام ،

تاتلارمۇ دەپ كونا يارامنى .

چ چ دىن بەك كۆڭلۈم سوۋۇدى ،

شۇڭا قىلدىم ئۇندىن ئېھتىيات .

چ چ دېگەن مۇشۇنداق بولسا ،

ئىشلەتمەسمەن ئەمدى پەندىيات .

ئىزاھات : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبەردىكى دوسلار بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئاتەش ماكان چ چ نى تاشلاپتۇ دەپ قالماڭلار مەن تاشلىمىدىم ، نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر خىزمەتدىشىم چ چ ئىشلەتكەن بىر نەچچە يىلدىن بېرى كۆپ قېتىم تۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچۇراپ ،چ چ دىگەن نەرسىدىن شۇنداق بىزار بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بىر مۇنچە دەرت -ھال ئېيتقان ئىدى ،شۇ خىزمەتدىشىمنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئىلھاملىنىپ بۇ شئېرنى يېزىپ چىقتىم .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا atax=makan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-15 21:31

Rank: 8Rank: 8

توردا
772سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1543 
تېما
67 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزگە تولىمۇ قايىل بولدۇم، قايناق ئىلھاملرىڭز ئۈزۈلمىسۇن!!!
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
91 
تېما
25 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


چ چ نى تاشلىماڭ سىز ئالدىراپ،
لازىم بولار ئۇمۇ ھامان بىر كۈنى.
پايدىلىنىڭ توغرا يولدا،ئۇسۇلدا،
ئېچىپ قويماڭ چ چ نىمۇ ھەر كۈنى.



توردا
19سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
54 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قالتىس يىزىپسىز ، نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز

توردا
25سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
174 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز ، قولىڭىزغا دەرىت يەتمىسۇن ، داۋاملىق تىرىشىڭ ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
18 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چ چ دىن توغرا پايدىلانسا ئۇنداق باش ئاغرىقىمۇ بولمايدۇ ، تىمىڭىزغا رەخمەت ،

توردا
23سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
31 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئىشخانىدىن چىقماي تۇرۇپ پۇتۇردۇم مەن ،

ھەربىر ھۆججەت ماتىريالنى ئەۋتىشنى.

نىمە دىگەن قولايلىق ھە !! چ چ دىگەن ،

پايدىلاندىم توغرا يولدا ئۇنىڭدىن مەن.



سۆزلەشمەيمەن چ چ دا قۇرۇق سۆزنى،

سالام قىلىپ سېغىنىمەن يېقىن دوسنى.

تىنىچ ئامان بولسا ئەگەر شۇ دوسلىرىم

سالىمىمنى يەتكۇزىمەن، چ چ بىلەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-16 11:49

توردا
126سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
421 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قايىناق ئىلىھامىلىرڭىز ئۇزۇلىمىسۇن . داۋامىلىق تىرشىڭ . سىزىگە خاتىرجەمىلىك تىلەيىمەن

توردا
1342سائەت 
نادىر تېما
دوست
40 
يازما
1631 
تېما
144 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يىنىك تىلدا ھىسيات ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ~

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
111 
تېما
15 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چ چ ئويناپ تۇتۇلدۇم،
يالغان سۆزلەپ قۇتۇلدۇم.
كۆڭۈل تارتىپ تۇرىدۇ،
ئانچە-مۇنچە ئوينىدىم.

چ چ دىگەن ئويۇننىڭ ،
بەزى بولار پايدىسى.
ئىلمى قاراپ كەلسە گەر،
بولۇر ئۇنىڭ قائىدىسى .

چ چ ئويناپ تۇرغاندا،
سورايدىكەن ئىسىمنى .
يېشىڭ قانچە، بالاڭچۇ ؟
دەيدۇ تىخى قەسەمنى ...

چ چ بىلەن سۆھبەتتە،
تەرجىمىھالى بولىدۇ.
بۇ گەپلەردىن كىيىنلا ،
مۇھەببەتكە ئۆتىدۇ ...

چ چ ئاشىق سارىڭى ،
رەسىملەرنىڭ سىرىقى .
جەلىپ قىلىپ ھەر ۋاقىت ،
ئەدەپسىزلىك قىلىقى ...

___ ئوتياق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-20 12:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.