umun99 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىڭى ئىدىيە(ئۇمۇن)

پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يېڭى ئىدىيە

(ئۇمۇن)

پەلسەپەدە زىددىيەتنىڭ  تەرەققىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلگەن.زىدىيەت بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ.ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەددىمىسى زىددىيەتتۇر.  .تارتىشىش ۋە مۇنازىرىدىن مۇستەسنا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش  بولمايدۇ.تارتىشىش ۋە مۇنازىرە ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئىدىيە ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشىشى كېرەك.
كىشىلەر ئادەتتە نېپىز ئېكرانلىق تېلېۋىزور،ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون قوللانغان چېغىدا مەھسۇلات كەينىدىكى تېخنىكىلىق جەريانلارنىلا ھېس قىلىدۇ.مەھسۇلاتنىڭ كەينىدىكى ئىدىيە ۋە پەلسەپەۋى جەريانلارنى مۇھىم بىلمەيدۇ.ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا مەھسۇلاتتىن ئاۋۋال ئىدىيە تۇغۇلىدۇ.مەھسۇلات ئىدىيەنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.
چېركاۋ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن غەرب ئالىملىرى،مۇسۇلمان دىنى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى ئەمەلىيەتتە ياراتقان مەھسۇلاتى تەرىپىدىن ئەمەس، ئىدىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەردۇر. ئىدىيەنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىدۇر.
تۈرك مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئۇلۇغبەگدەك كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئەينى چاغدىكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئىلمىي كىلىماتىغا باھا بېرىشىمىزگە  ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ.بىر ئاسترونومنىڭ  ئۆلۈمى پەيلاسوپلارنىڭ  مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھالىنى تەخمىن قىلىشىمىزغا يېتىپ ئاشىدۇ.پەلسەپە تارىختىن بىرى كىشىلەرگە يول كۆرسېتىپ كەلدى.پوزىتىپ دۇنيادا پەلسەپەنىڭ كۆپىنچە ۋەزىپىلىرىنى پوزىتىپ پەنلەر ئالغان بولسىمۇ پەلسەپە يەنىلا كىشىلەرگە يول كۆرسىتىشتەك  ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالغىنى يوق.
كۆپىنچە ئىنسانلار ئەنئەنىۋىي ئەخلاق تۈزۈلمىلىرى  تەرىپىدىن قاتمۇقات زەنجىرلىۋىتىلگەن ئىدىيە ئاستىدا ياشايدۇ.كىشىلەرنىڭ بۇ خىل زەنجىرلەرنى پاچاقلاپ تاشلىۋىتىشى ئىنتايىن تەس ئىش.چۈنكى ئۇ خىل چەكلىگۈچى ئىدىيەلەر كىشىلەرنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ ئورناشقا باشلىغان بولىدۇ.ئائىلىنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ ئەڭ ئۇششاق ھالقىلىرىدىن  تارتىپ ئەڭ چوڭ رەسمىيەتلىرىگىچە بالىلار ئىدىيە قوبۇل قىلىدۇ.قانچە كىچىك قوبۇل قىلغان ئىدىيە شۇنچە مۇستەھكەم ساقلىنىدۇ.ھەرقانداق ئىدىيەنى بالىنىڭ كاللىسىغا مۇستەھكەملىۋىتىش قاتىللىقتۇر.
چۈنكى ئىدىيە قانچە مۇستەھكەم ئورنىغان بولسا تەپەككۇر شۇنچە چەكلىنىدۇ.بالىغا ئىدىيەگە قارشى تەنقىدى پوزىتسىيە ۋە ئىدىيە ئىشلەپ چىقىرالايدىغان مۇستەقىللىق ئاتا قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.بالىغا ئىدىيە ئەمەس،ئىدىيەگە بولغان توغرا پوزىتسىيە سىڭدۈرۈش ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.ھەرقانداق ئىدىيەگە قارشى تەنقىدى مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدىغان،جەمئىيەتتە مۇتلەق توغرا دەپ قارالغان دوگمىلار ئۈستىدىمۇ جۈرئەت بىلەن گۇمانىي مۇئامىلىدە بولالايدىغان بالىلارنى يېتىلدۈرۈش بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەشەببۇسىدۇر.بالىلىرىمىزغا يول سىزىدىغان تىتىقسىزلىقنى قويۇپ بالىللىرىمىزنى يول سىزالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىشقا كۈچەيلى.
جەمئىيەتتە ئىدىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى،تەنقىدى مۇئامىلىنىڭ كۈچىيىشى،ئەقلى ئانالىزنىڭ ئومۇملىشىشى جەمئىيەتنىڭ رېئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيەگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قايتىدىن ئىقتىسادى چەمبەرگە كىرىشى يەرلىكلەرنى پۈتمەس پۇرسەتلەرگە ھامىلىدار قىلىدۇ.ئا.مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئالدىن كۆرگىنىدەك يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر دىيارى تەرەققىياتىغا ئىجابىيلىق قوشۇش بىلەن بىرگە،يەرلىك خەلققە تۈگىمەس ئىمكانلارنى سۇنىۋاتىدۇ.پايدىلىنالايدىغانلا نەرسىنىڭ ئىجابىيلىقىدىن پايدىلىنىش دېگەن نەزەرىيە بويىچە يېڭى يىپەك يولىدىن پايدىلىنىش مىللەتكە تاللاش پۇرسىتى بېرىشى مۇمكىن.دەل مۇشۇنداق ئىقتىسادىي پۇرسەت تولۇپ تاشقان ۋەزىيەتتە مۇۋاپىق، ئىلغار ئىدىيەگە ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.
جەمئىيەتنىڭ كېسىلىنى جەمئىيەتشۇناسلىق  تاپىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ  مەركىزىدە ئىقتىساد ياتىدۇ.ئىقتىسادى پۇرسەتكە تولغان جەمئىيەتتە توغرا ئىدىيەگە ئىگە بولمايدىكەنمىز شاللىنىش دېگەن كەلىمە گەجگىمىزگە مىنىدۇ.
كىشىلىرىمىزنىڭ چىرىپ ئۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ئىدىيەلەرگە بولغان مۇھەببىتىگە  ھەيرانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بىزدىكى ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بولغان دىنى ۋە مىللىي يەكلەش ھەقىقەتەن ئېغىر شۇنداقلا بىمەنىلەرچە.يېڭى ئىدىيەگە ئېرىشىش ياكى كىشىلەرنىڭ يېڭى ئىدىيەگە بولغان پوزىتسىيەسىنى مۆتىدىللەشتۈرۈش  دەۋرنىڭ تەقەززاسى.ئۈلپەتنىڭ ئېيتىقىنىدەك  «يېڭى ئۆي،يېڭى ئۆي سايمانلىرى ئەمما كونا ئىدىيە»بىلەن ياشاش كەلگۈسىمىزنى تېخىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە ھامىلىدار قىلىدۇ.
يېڭى ئىدىيەلەر ۋە يېڭى ئىدىيەلەرگە بولغان گۇمانىي پوزىتسىيە تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
نادان ئادەم قىلغان ئىشىنىڭ توغرىلىقىغا  ئىنتايىن ئىشىنىدۇ.چۈنكى ئۇ ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ سىرتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىنتايىن ئاز ئېرىشىدۇ.ئۇچۇرغا قانچە ئاز ئېرىشكەنسىرى   ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەقىقەتلىرىگە شۇنچە ئىشەنچ قىلىدۇ. كىشىلەر نەزەر دائىرىسى قانچە كىڭەيگەنسىرى،ئەتراپىدىن ھالقىپ تۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىرىشكەنسىرى مەسىلىلەرگە سالماق ۋە گۇمانىي پوزىتسىيەدە باھا بېرەلەيدىغان بولىدۇ.«قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقا»دېگەن مىتافور ئۇچۇر بىلەن بىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.بىلىشتىن ئىدىيە شەكىللىنىدۇ. كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ئادەم توغرا پوزىتسىيەنى يېتەكچى قىلسا ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشىدۇ.
ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشىش توغرا پوزىتسىيە بىلەن كۆپ ئۇچۇرنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللىنىدۇ.توغرا پوزىتسىيە بولمىسا پۈتۈن كىتابلارنى كاللىسىغا قاچىلۋالغان تەقدىردىمۇ ئىدىيەسى ئىلغارلاشمايدۇ.توغرا پوزىتسىيە بولغان تەغدىردە توغرا ۋە كۆپ ئۇچۇرغا ئىرىشمىسە تەپەككۇرى بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ.
كىشىلەر يېڭى ئىدىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشى كېرەك.بىز كۆپىنچە ھاللاردا ئۇچۇرغا ۋە ھەقىقەتكە قارشىلىشىش پوزىتسىيەسى شەكىللەندۇرىۋالىمىز.ئۇچۇر ۋە ھەقىقەت بىزنىڭ كاللىمىزدىكى قىلىپىمىزغا ئۇيغۇن بولمىسا ئۇ قانچە توغرا نەرسە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بىزگە كۆرە سەپسەتە بولۇپ قالىدۇ.ئەمەلىيەتتە بىز توغرا ئۇچۇر ئارقىلىق ئىدىيە ۋە پوزىتسىيە شەكىللەندۇرىشىمىز كېرەك.كۆپىنچە كىشىلەر پوزىتسىيە ئارقىلىق ئۇچۇر قوبۇل قىلىدۇ.ئۆزىگە ۋە ئەنئەنىۋىي قاراشلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان قاراشلارنى كۆرگەن ھامان ئىنكارلاش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ.
ئۇچۇر ئىدىيەنىڭ خام ئەشياسى.توغرا ئۇچۇر بولمىسا توغرا يەكۈنگە ۋە توغرا ئىدىيەگە ئېرىشەلمەيمىز.

٭ ئۇنداقتا قانداق ئۇسۇلدا توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىمىز؟؟

ئىنسانىيەت نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتىدا ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ،مەنبەسىنىڭ ھەقىقىيلىقى  ۋە ئۇچۇر توپلاش مېتودلىرى  ئۈستىدە ئىزدەندى.بۈگۈنكى كۈندە  ئاگۇست كونىت تەرىپىدىن كونكرېتلاشقان  پوزىتىۋىزىم نەزەرىيەسى  پوزىتىپ پەنلەردە قوللىنىدىغان ئاساسلىق ئۇچۇر توپلاش مېتودىدۇر. پوزىتىۋىزىم،تەجرىبىچىلىك،دەلىلچىلىك دېگەندەك ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى مېتودلار شەيئىلەرنى مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ ۋە رېئال قاراشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ خىيال ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى تەخمىن قىلالمايمىز.كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا توغرا ۋە ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا ئۆز تەسەۋۋۇرلىرى ۋە خىيالىي پېرسوناژلىرىنى قېتىۋالىدۇ ۋە توغرا ئۇچۇرلارنى سىمۋوللاشتۇرۇش  ، تەسەۋۋۇردا پىششىقلاش ئارقىلىق توغرا ئۇچۇرنىڭ ھەقىقىيلىقىنى  ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ .ھەتتا توغرا ئۇچۇر بۇ خىل تەسەۋۋۇردا پىششىقلىنىش جەريانىدا توغرىلىقىنى  ۋە ئىجابىيلىقىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويۇشى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا ئۇسۇل بىلەن يېزىلغان مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلىش كېرەك.
توغرا ئۇسۇلدا يېزىلغان ئۇچۇرلارنى ئايرىش ئۈچۈن ئىنسانلار ھېسسىي  ۋە ئەقلى يازمىلارنى پەرقلەندۈرۈشنى  ۋە بۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.ماتېرىيال مەنبەسى ئېنىق ئەمەس ياكى ئىلمىي بىر يىلتىزى بولمىغان ئۇچۇرلار ئادەتتە روھانىي ۋە ھېسسىي  يازمىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.بۇ خىل يازمىلار كۆپىنچە ھاللاردا دوگمىلارغا تايىنىدۇ.ئەقلى جەھەتتە ھېچقانداق دەلىل ياكى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان دوگمىلارغا ئىشىنىش كىشىگە خاتا ئۇچۇر بېرىش بىلەن بىرگە مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيەگە سەلبىي تەسىر بىرىدۇ.
يېڭى ۋە زامانىۋى ئىدىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا ۋە ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئېرىشىش شەرتتۇر  .
توغرا ۋە ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ بۇرۇن ئورناپ كەتكەن دوگمىلار ۋە قېتىپ كەتكەن قېلىپلارغا  ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن شاللاش ئىلىپ بارىدىغان كىشىلىرىمىز  كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.ئۇچۇرنى ئىدىيەمىزگە  ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن شاللىيالمايمىز  .ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن بولمىغان توغرا ئۇچۇرنى ئىنكار قىلىش ئەقىلسىزلىقتۇر  .
توغرا ئۇچۇر بىزنىڭ ئىدىيەرىمىزگە  ۋە دۇنيا قارىشىمىزغا ئۇيغۇن بولۇش مەجبۇرىيىتىدە   ئەمەس.توغرا ئۇچۇر ئىدىيەمىز  بىلەن توقۇنۇشسا  ئىنتايىن كەسكىنلىك بىلەن جاكارلايمەنكى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا توغرا ئۇچۇر ھەقلىقتۇر.توغرا ئۇچۇر بىلەن توقۇنۇشقان ئىدىيەمىز  چوقۇم خاتا.بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا توغرا ئۇچۇرنى ئەمەس خاتا ئىدىيەلىرىمىزنى  ئۆزگەرتىشكە تىرىشايلى.
ئىلغار ئىدىيە توغرا ئۇچۇرلارنى مەنبە قىلغان ئىدىيەدۇر.ئىلغار ئىدىيە دوگمىلار،روھانىي يازمىلار ياكى ھېسسىي  ئۇچۇرلارغا ئەمەس ئەقىل ۋە تەجرىبە ئىسپاتلىغان ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىدۇ. ئىسپاتلانمىغان نەرسە ئىلغار ئىدىيەدە پەقەت بىر ئېھتىماللىقتۇر.ئىسپاتلانمىغان نەرسە ئۈستىدە كەسكىن ھۆكۈملۈكتە بولۇش ئەقىلسىزلىكتۇر.سالماق ۋە ئەقلى پوزىتسىيە ئىلغار ئىدىيەنىڭ مېتودىدۇر.
ھېسسىي-ھاياجان شۇئارلارنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئاكادېمىك قىسمىدا بولۇشى شۇ مىللەتنىڭ ئىلىم-پېنىدىكى تىراگېدىيەدۇر  .دوگمىلارغا چوقىنىدىغان ،رېئال پوزىتسىيەنى روھانىي مۇئامىلە بىلەن باستۇرىدىغان مىللەت بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىياتقا ۋە گۈللىنىشكە ئېرىشەلمەيدۇ.
ئىلغار ئىدىيە بىلەن قوراللىنىش بۈگۈنكى يەر شارىدا  پۇت دەسسەپ تۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى.ئىلغار ئىدىيەسى بولمىغان مىللەتنىڭ سىستېمىسى ھېچقانداق كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسىمۇ  يىقىلىپ چۈشىدۇ.
ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا ئۇچۇر مەنبەسى ۋە توغرا پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتۇق.ئەمدىكى مەسىلە جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللىي چەكلىگۈچى ئىدىيەلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىلغار ئىدىيەگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە تەڭشەش توغرىسىدا بولىدۇ.
ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشكەن ئىنساندا ئەڭ ئاۋۋال ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ئىدىيەسى بولىدۇ.ئېھتىماللىققا تولغان دۇنيادىن مۇتلەق ھەقىقەت،مۇتلەق توغرىلىق ۋە مۇتلەق ھەل قىلىش يولى تېپىشقا ئالدىرىمايدۇ. ھەرقانداق ھۆكۈملۈكتىن گۇمان قىلالايدۇ ۋە تەنقىدى پىكرىنى سۆزلىيەلەيدۇ.ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشكەن ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال ئازادلىققا ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.پۇت-قولىنى چۈشەپ قويغان ساختا قاراشلار،بىمەنە ئەخلاق تېرمىنلىرى ۋە دوگمىلاردىن قۇتىلىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىنتايىن بېكىك  بىر جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە.كىشىنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى بىر-بىرىگە قارشى كەسكىن تەنقىدلەردە بولالايدىغان ھەر خىل قاراشتىكى گۇرۇپلار ۋە بۇلارنىڭ قاراشلىرىنى قوغدايدىغان ئادىل مۇنازىرە مەيدانى يوق.ئوخشىمىغان قاراشلار بىلەن ئۇچراشمىغان،ئومۇمىي يۈزلۈك ئوخشاش قاراشتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مۇنازىرە ئادىللىقىنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى تېخى يېقىندا ھېس قىلدىم.مۇنازىرە مەيدانىنىڭ ئادىل بولماسلىقى مۇنازىردە ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ چىقىشىنى توسۇپ قويىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلار بىلەن ئۇچۇرشىشىنى توسۇشنىڭ ئۆزى بىر مىللەتنى نادانلاشتۇرۇشتۇر.شەكلى ئۆزگەرگەن قاتىللىقتۇر.
بۈگۈنگىچە يازغان ئەسەرلىرىمنى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىلا ئېلان قىلىپ كەلدىم.ھېس قىلغىنىم ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىلمىي بىر مۇنازىرە مەيدانى ھاسىل قىلالمىغان.قانۇن بىلەن ھېچقانداق تاقاشمايدىغان بەزى بىر تېمىلارنىمۇ جامائەت پىكرىدىن قورقۇش سەۋەبىدىن ياكى باشقۇرغۇچىنىڭ شەخسى ئىدىيەسى تۈپەيلى تەستىقلىمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.بەزى مۇنبەرلەر ئاۋۋال مېنى تەكلىپ قىلىپ كىيىن پۈتۈن تېمىلىرىمنى  يۇيىۋەتكەن بولدى.بەزى مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچىلار تېمامنى شەخسى ئىدىيەسى تۈپەيلى تەستىقلىمايلا قويۇۋاتىدۇ.مىسرانىم،ئەلكۈيى دېگەندەك مۇنبەرلەرگە ئۆزۈممۇ تېما يوللىمىدىم.
مۇنازىرە مەيدانىدا ئىلمىي ۋە ئادىل بىر سىستېمىنىڭ بولماسلىقى ئۇيغۇر ئىلمىي مۇھىتىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر ئىش.ئۆز قارشىغا ئۇيغۇن بولمىغان قاراشتىكىلەرنى ھەمىشە بۇزۇق تىل ياكى مەسخىرە بىلەن قارشى ئالدىغان ياۋايى كىشىلەرنىڭ ئارىمىزدا بولۇشى «ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتلىك مىللەت»دېگەن شۇئارغا تۈپتىن زىتتۇر.
بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت ياكى توپتا ساپا بولىدۇ.ساپانىڭ ئۆزى ئوخشىمىغان قاراشلارغا ھۆرمەت كۆرسىتەلەيدىغان،باشقىلارغا ئىدىيە دىكتاتۇرىسى يۈرگۈزمەيدىغان ئىدىيەنى يادرو قىلغان ئەخلاق سىستېمىسىدۇر  .بىر مىللەتتىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەردە چوقۇم يۈكسەك دەرىجىدە ساپا بولۇشى كېرەك.ساپا ھازىرلىمىغان ئوقۇمۇشلۇق كىشى،مەدەنىيەتسىز زىيالىي مەۋجۇت ئەمەس.چۈنكى ئوقۇمۇشلۇق كىشى ساپاسىز،زىيالىي مەدەنىيەتسىز بولمايدۇ.
باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت بىلدۈرمەسلىك  ،ئوخشىمىغان قاراشتا بولغىنى ئۈچۈن يەكلەش ئەخلاقسىز ھەرىكەتتۇر  .بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇلاردا  ئىدىيەسى ئىلغار زىيالىيلار كۆپ، لېكىن كۆپىنچىسى ئىلغار ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشتىن قورقىدۇ  .بەزىلىرى ئادىل بىر مۇنازىرە  سورۇنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىدىيەسىنى ئاشكارلىمايدۇ.يىغىنچاقلاپ ئېيتقان  چاغدا بىزدىكى ئوخشىمىغان ئىدىيە ئىگىلىرى  جامائەت پىكرىدىن ۋە ئىجتىمائىي بېسىمدىن قورقىدۇ  .بەزى زىيالىيلارنىڭ جامائەت پىكرىدىن قورققانلىقى  ۋە كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا بەل باغلىغانلىقى ئۈچۈن ئىدىيەسىنى ئاشكارلاشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئۆزىدىن ئاڭلىدىم.ئۆز ئىدىيەسىنى مۇقەددەس ۋە مۇستەقىل بىلمىگەن شەخستىن  ئەپسۇسكى چوڭ ئىشلارنى كۈتەلمەيمەن.
ئىدىيەسىنى مۇستەقىل ۋە مۇقەددەس بىلىدىغان شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈش،ئۈزلۈكسىز يېڭى پىكىر ۋە يېڭى ئىدىيە ئىشلەپ چىقىرىش زامانىۋى مائارىپنىڭ تەلىپىدۇر.بەزى كىشىلەر بىزدە دۇنياۋى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ يېتىشىپ چىقمىغانلىقىنى بىر-بىرىنى تارتىپ چۈشۈرىدىغان  كىشىلىرىمىزنىڭ جىقلىقىدىن دەپ بىلىدىكەن.بىر ئىدىيە ئەڭ قاتمال،بىر چۈشەنچە ئەڭ ئەقىلسىزلەرچە بولغاندا پەقەت مۇشۇنچىلىك سەۋىيەدە بولالايدۇ.بىزدە دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كىشىنىڭ جىق بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئىدىيەمىزنىڭ قاتماللىقىدا  .بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالى ئۇيغۇرنىڭ قاتمال كاللىسىدىن جىق ئۇزاقتا.
زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئىپادە قىلىشتا بۇ قەدەر قورققاقلىقى  ئۇيغۇردىكى پىكىر يېڭىلىشىغا  چوقۇم سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.رېئاللىق ئاچچىق بولسىمۇ جەمئىيەتكە قوبۇل قىلغۇزۇش،ئۇنىڭ داۋاسىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.جەمئىيەتنىڭ سەلبىي باھالىرى ئالدىدا ئىدىيەسىنى يوشۇرۇشنىڭ ئۆزى زىيالىينىڭ مەجبۇرىيىتىگە مۇخالىپتۇر.
بالا تەربىيەسىدە بالىغا ئىدىيەسىنى ئاشكارلاشتا جۈرئەتلىك بولۇشنى،پىكرىگە ئىگە چىقىشنى ئۆگىتىش كېرەك.ھەر قانداق ئادەم پىكرىگە ئىگە چىقىشى،پىكرىنى مۇستەقىل ۋە مۇقەددەس بىلىشى كېرەك.شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى پىكرىنى مۇستەقىل ۋە مۇقەددەس بىلىش« پىكىرگە تەنقىد قىلىشقا بولمايدۇ »دېگەن مەنىدە ياكى« پىكىرنى ئۆزگەرتىش ناچار ئىش» دېگەن مەنىدە ئەمەس.ئىنسان پىكرىگە ئىگە چىقىشى بىلەن ماس ھالدا توغرا ۋە ئىلغار پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىشتا تەشەببۇسكار بولۇشى،پوزىتسىيەسى توغرا ۋە ئادىل بولۇشى كېرەك.
پىكىر ئەركىنلىكىمىزنىڭ سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختىتىپ قويۇپ ئاۋۋال پىكىر ئەركىنلىكىمىزنى چەكلەۋاتقان ئەنئەنىۋىي پالەچ  تەپەككۇرلىرىمىز  ئۈستىدە ئەقلى ئانالىز قىلىپ باقايلى.پىكرىمىزنى ۋە تەپەككۇرلىرىمىزنى چەكلەۋاتقان نەرسە ئەمەلىيەتتە سىياسەت ئەمەس بەلكى ئەنئەنىۋىي چەكلىگۈچى قاراشلار ۋە قېلىپلاشقان دوگمىلاردۇر.ھۆر ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆز-ئۆزىمىزنى ئازاد قىلىشىمىز كېرەك.دۇنيادىكى ئەڭ مەينەت ۋە پاسكىنا،ئەڭ بىمەنە ۋە قاتتىق كىشەننى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىمىز ئىشلەپ چىقىرىمىز ۋە ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى كىشەنلەيمىز.
كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى قۇل قىلىشتىن توختىغان چاغدا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئىلغار بىر ئىدىيەگە ئېرىشىش،ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بوشلۇق ھازىرلاش كېرەك.ئوخشىمىغان پىكىرلەر بىلەن ئۇچراشمىغان ئىنساندىن ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە يېڭى ئىدىيە تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ.كۆپ خىل پىكىرلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مىللەتنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ئادىل ۋە تەرەپسىز مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاش ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىدۇر.
يېڭى يىپەك يولى ۋە ئىقتىسادى ھالقىمىدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز ۋە مىللەتنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىشىمىز ئۈچۈن كىشىلەردە بۈگۈنكى ئىقتىسادىي ۋە ئاكادېمىك سىستېمىغا ئۇيغۇن ساپا ۋە ئىلغار ئىدىيە بولۇشى كېرەك.بۈگۈنكى دۇنيا ئاكادېمىيەسىگە  ئۇيغۇن زىيالىيلارنى يېتىشتۈرۈش،پەن-مائارىپ جەھەتتە مىللىي سىستېمىنىڭ ھاياتى كۈچىنى جاللاندۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەردە رېئال مەسىلىلەرگە رېئال پوزىتسىيە تۇتالايدىغان مېتود ۋە ئىلغار ئىدىيە بولۇشى كېرەك.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە زۆرۈر ئېھتىياجلىق نەرسە يېڭى،ئىلغار ئىدىيەلەر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىدۇر.ئەلۋەتتە مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ قارايدىغانلا جۈرئەتلىك زىيالىيلارنىڭ،ئوچۇق پىكىر ئىگىلىرىنىڭ مەدىتى ۋە كۈچىشى بىلەن بۇ نىشانغا يېتەلمەيمىز.
ئىلغار بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۈچ تۈۋرۈكى بولىدۇ.بىرى سىياسەت،بىرى ئاكادېمىيە ۋە ئوچۇق پىكىرلىك خەلق يەنە بىرى ئىقتىساد  .بۇرۇن دەپ ئۆتكىنىمدەك  جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ  ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد بولغان بولىدۇ.بىر پۈتۈن جەمئىيەتنى ئىقتىسادتىن  ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە  ئىلغار ئاكادېمىيە،ئوچۇق پىكىرلىك خەلق ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوقۇم ئىلغار ئىدىيە بولۇشى كېرەك.سىياسەتنىڭ تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز ئەلۋەتتە.بىراق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ھەرقانداق نەرسىدىن پايدىلىنىش،قولىمىزدىن كەلگىنىچىلىك  تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.يوق ياكى كەم نەرسىنىڭ يوقلىقى ياكى كەملىكىدىن قاقشاشنىڭ ئورنىغا يوق نەرسىنىڭ بارلىقى،كەم نەرسىنىڭ تولۇقلىقى ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تېخىمۇ مەنتىقىلىقتۇر. قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىشنىڭ باشلىنىشى جەمئىيەتتىكى يەككە شەخسلەرنىڭ ئىلمىيلىشىشى ۋە ئەقلى ئانالىزغا مايىللىشىشى دەپ قارايمەن.شەخسلەرنىڭ ئىلمىيلىشىشى ۋە ئەقلى ئانالىزغا مايىللىشىشى ئۈچۈن ئۇلاردا ئەڭ ئاۋۋال توغرا پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك.ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە قوغداش توغرا پوزىتسىيەنىڭ باشلانغۇچىدۇر.
خەلقتە  ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە قوغداش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش خەلققە يېڭى ئىدىيەنىڭ يېرىمىنى  سىڭدۈرگەنلىك بىلەن باراۋەردۇر.
خەلقىمىز دۇنيادىكى كۆپىنچە ئىدىيە ئىنقىلابلىرى ۋە ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر بىلەن تولىمۇ ئۇزاقتا.بىردىن بىر ھەقىقەت دەپ قارىغان دوگمىلىرى ئۈچۈن ياشاۋاتقان شەخسىلەرگە بولغان ئېچىنىشىمىز  ئەسلىدە ئۆزىگە قۇل بولغان كىشىلەرگە بولغان ئېچىنىشىمىزدۇر.ئۇچۇرنىڭ ۋە ئىدىيەنىڭ كەملىكى تەرەققىياتىمىزدىكى پالەچلىكنىڭ تۈپكى سەۋەبى دېگەن قارىشىمدا داۋامل
ىق چىڭ تۇرىمەن.ھەرقانداق ماددىي تەرەققىياتنىڭ ئارقىسىدا ماددىي تەرەققىياتنى يۆلەپ تۇرغان ئىدىيە بولىدۇ.ئىدىيە يۆلەپ تۇرمىغان تەرەققىيات،ئىلغار مېتود ۋە ئىدىيە يېتەكچىلىك قىلمىغان پەن بولمايدۇ.
ئومۇمىي يۈزلۈك ئىلمىيلىككە ۋە ئىلغار ئىدىيەگە يۈرۈش قىلىش زامانىۋى جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشنىڭ مۇقەددىمىسى.مەۋجۇتلۇقنى  ساقلاشتىكى ھالقىلىق تاللاشتۇر.تەرەققىياتى بولمىغان مىللەت يوقىلىدۇ.مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن رىقابەتچىلىرى بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرالايدىغان كۈچلۈك مەدەنىيەت سىستېمىسىغا ئېرىشىش كېرەك.بۇ مەدەنىيەت سىستېمىسى ئىلغار ئىدىيەنى يېتەكچى،تەرەققىياتنى نىشان قىلىشى كېرەك.
ئۇيغۇرلاردا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ،ئىدىيە  ئازاتلىقىنىڭ يۈكسىلىشى زىيالىيلارغا ئىقتىدارىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايدىغان ئىمكان بىرىدۇ.بىر جەمئىيەتتە ياكى مىللەتتە زىيالىينى ھەرخىل ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەش ئارقىلىق ئىقتىدارىنى چەكلەش ئەڭ تېتىقسىز  بىر ھەرىكەتتۇر.جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە ئەڭ ئېغىر زىيان دەل زىيالىينىڭ ئىقتىدارىنى چەكلەشتىن كېلىدۇ.
ھەر قانداق چۈشەنچىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان،تەنقىدى پىكىرگە باي كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ  چىقىش خەلقنى بىلىمگە مايىللاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدۇر.

يېڭى ئىدىيە،يېڭى پىكىر ئېقىملىرى توقۇنۇشقان جاي تەرەققىياتنىڭ دەۋر سۈرگەن جايىدۇر.تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق ئېچىۋېتىلگەن  جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتقا ئېرىشكەن جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى كۈرۈۋالالايمىز.
دوگما،تېتىقسىز  پىكىرلەرنىڭ قوينىدا ئەسىرلەر بويى تاتلىق چۈشىمىزنى كۆرۈپ ئەجدادلارنىڭ بىزگە سۇنغان نېمەتلىرىنى  قۇرۇق پاراڭلار، ھېسسىي رىۋايەتلەرگە سېتىۋەتتۇق  .بۈگۈنكى  كۈنلۈكتىمۇ لاۋزا،قالاق ئىدىيەلىرىمىزدىن  ئارقان ياساپ بالىلىرىمىزنىڭ  بوينىغا سېلىۋاتىمىز .80-90- يىللاردىكى ئىلىم-پەن قىزغىنلىقىمىز،مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىز ئۈزلۈكسىز چېكىنىۋاتىدۇ .
مەسچىتلەرگە تولۇپ كەتكەن پەرزەتلىرىمىزگە قاراپ پەرخىرلىنىۋاتىمىز،كەلگۈسىمىزدىن ئۆمۈدلىنىۋاتىمىزيۇ مەدەنىيەتتىكى چېكىنىشىمىز،تەرەققىياتتىكى گالۋاڭلىشىشىمىزغا قاراپ سەگىمەيۋاتىمىز.رادىكال ئەرەب ئىدىيەلىرىگە قۇل بولۇپ ياشاش دەۋرنىڭ ئىلگىرلىشى،ئۇچۇرلىشىش بورانلىرىدا ئەسلى يوقىلىشى كېرەك ئىدى.
جەمئىيەتتىكى ساختا گۈللىنىشكە  قاراپ ھاياجانلىنىپ كەتمەيلى،نېگىزىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا  مىللىي تەرەققىياتىمىز تېگى بوش بىر يەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇۋاتىدۇ .بۇ بوش يەر ئىلغار ئىدىيە بىلەن توشۇشى  كېرەك.بولمايدىكەن بۇ ساختا تەرەققىيات« ماڭىدۇ،ماڭىدۇ قىردىن  ئاشالمايدۇ»دېگەن جۈملە بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

باشتىن-ئاياققا سىيرىپ ئۆتۈپ كەتتىم......

muztag يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

ئۇمۇن@نىڭ بۇ تىمىسى باشتىكى تىمىللىرىغا پەقەت يەتمەپتۇ، بۇ تىمىنى ئۇمۇن نامىدا باشقا ئادەم يازغاندەك قىلىدۇ.:lol
ئومۇمىي يۈزلۈك ئىلمىيلىككە ۋە ئىلغار ئىدىيەگە يۈرۈش قىلىش زامانىۋى جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشنىڭ مۇقەددىمىسى.مەۋجۇتلۇقنى  ساقلاشتىكى ھالقىلىق تاللاشتۇر.تەرەققىياتى بولمىغان مىللەت يوقىلىدۇ.مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن رىقابەتچىلىرى بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرالايدىغان كۈچلۈك مەدەنىيەت سىستېمىسىغا ئېرىشىش كېرەك.بۇ مەدەنىيەت سىستېمىسى ئىلغار ئىدىيەنى يېتەكچى،تەرەققىياتنى نىشان قىلىشى كېرەك.
يۇقارقى سۆزلەرنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشى ۋاختىدا ياپۇنىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇزقىلغاندا ئىشلەتكەن سۆزلەر ئىدى.
شەرقى ئاسىيانى ئورتاق گۇللەندۇرۇش ئۇچۇن ئىلغار ئىددىيە يىتەكچى بولىشى كىرەك .
نەتىجە قانداق بولدى ؟ ئۇمۇن ئەپەندىم بىلىدىغۇ دەيمەن.

halis123 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halis123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 00:19  

چېركاۋ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن غەرب ئالىملىرى،مۇسۇلمان دىنى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى ئەمەلىيەتتە ياراتقان مەھسۇلاتى تەرىپىدىن ئەمەس، ئىدىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەردۇر. ئىدىيەنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىدۇر.
تۈرك مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئۇلۇغبەگدەك كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئەينى چاغدىكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئىلمىي كىلىماتىغا باھا بېرىشىمىزگە  ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ.بىر ئاسترونومنىڭ  ئۆلۈمى پەيلاسوپلارنىڭ  مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھالىنى تەخمىن قىلىشىمىزغا يېتىپ ئاشىدۇ.پەلسەپە تارىختىن بىرى كىشىلەرگە يول كۆرسېتىپ كەلدى.پوزىتىپ دۇنيادا پەلسەپەنىڭ كۆپىنچە ۋەزىپىلىرىنى پوزىتىپ پەنلەر ئالغان بولسىمۇ پەلسەپە يەنىلا كىشىلەرگە يول كۆرسىتىشتەك  ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالغىنى يوق.

  سىز چېركاۋ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن غەرب ئالىملىرى،مۇسۇلمان دىنى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى دەپ قارىغان كىشىلەر ئەمەلىيەتتە، مۇسۇلمانلار ياكى خىرىستىيانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى شۇ زاماندىكى دىنى تونغا ئورۇنىۋېلىپ ئاددى خەلىقنى قاقتى-سوقتى قىلۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ ، بەزى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى دەخلىگە ئۇچراتقانلىقى  ياكى ئىلىم-ئىقتىدارىغا تاينىپ ھوقۇق-مەنسەبكە ئېرىشكەنلىكى تۈپەيلى، ھوقۇق-مەنپەئەت تالاشقۇچىلارنىڭ قەستلىشىگە ئۇچراپ ئۆلگەن، ھەرگىزمۇ دىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئەمەس، بۇ نۇقتا ئېنىق سەمىڭىزدە بولسۇن، قايىل بولمىسىڭىز كۆپرەك كىتاب كۆرۈڭ .   

جەمئىيەتنىڭ كېسىلىنى جەمئىيەتشۇناسلىق  تاپىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ  مەركىزىدە ئىقتىساد ياتىدۇ.ئىقتىسادى پۇرسەتكە تولغان جەمئىيەتتە توغرا ئىدىيەگە ئىگە بولمايدىكەنمىز شاللىنىش دېگەن كەلىمە گەجگىمىزگە مىنىدۇ.

سىز تەكىتلەۋاتقان ئىلغار ئىددىيەلەر، يۇقارقى جۈملىڭىزدە ئېيتىلغىنىدەك، توغرا-خاتا، ياخشى-يامانغا قارىغاندا، پايدا-زىيانغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىددىيەلەردۇر. توغرا ئىش قىلىش ئۈچۈن بەزىدە زىيان تارتىشقا توغرا كېلىدۇ، پايدا ئېلىش ئۈچۈن بەزىدە خاتا ئىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا سىز تەكىتلەۋاتقان مەنپەئەتپەرەسلىك پەلسەپىسى ‹‹ سېرىق مۈشۈك، يېشىل مۈشۈك، چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك ››نى تامامەن توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ .

توغرا ئۇسۇلدا يېزىلغان ئۇچۇرلارنى ئايرىش ئۈچۈن ئىنسانلار ھېسسىي  ۋە ئەقلى يازمىلارنى پەرقلەندۈرۈشنى  ۋە بۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.ماتېرىيال مەنبەسى ئېنىق ئەمەس ياكى ئىلمىي بىر يىلتىزى بولمىغان ئۇچۇرلار ئادەتتە روھانىي ۋە ھېسسىي  يازمىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.بۇ خىل يازمىلار كۆپىنچە ھاللاردا دوگمىلارغا تايىنىدۇ.ئەقلى جەھەتتە ھېچقانداق دەلىل ياكى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان دوگمىلارغا ئىشىنىش كىشىگە خاتا ئۇچۇر بېرىش بىلەن بىرگە مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيەگە سەلبىي تەسىر بىرىدۇ.
يېڭى ۋە زامانىۋى ئىدىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا ۋە ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئېرىشىش شەرتتۇر  .

ھىسسي يازما ياكى ھىسسىي كۆز-قاراشلارنىڭ ھەممىنى ئىلمىي ئەمەس، توغرا ئەمەس دەپ قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى ھازىرغا قەدەر نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى پۇت تېرەپ تۇرۇۋاتقان ئۇلۇغ كۆز قاراشلار، ئۇلۇغ ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەخىسنىڭ تەسەۋۋۇرى، تەپەككۇرىغا ئاساسەن ئوتتۇرغا قويۇلغان ھىسسىي كۆز-قاراش ياكى ھىسسىي يازمىلاردۇر.
تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزىلگەن كۆز قاراش ياكى ماقالىدىن كۆپرەك ماتىرىيال مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ئەقلىي يازمىلارنىڭمۇ ھەممىسىنى توغرا دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار تەجىرىبە قىلسا كۆپىنچە ئۆز شەخسىي كۆز-قارىشىنىڭ توغىرلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تەجرىبە قىلىدۇ، ماقالە يازسا بارلىق ئەسەرلەردىكى ئۆز كۆز قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مەزمۇنلارنىلا مىسال ئالىدۇ.
ھەممە نەرسىنى تەجىرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن : ‹‹ سىزنىڭ كۆز-قاراشلىرىڭىزنىڭ توغىرلىقىنى››
ھىسسىي ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى خاتا بولۇپ كەتمەيدۇ ، چۈنكى ئەقىللىق ئادەم كاللىدىكى ھىسسىي ئۇقۇملارنى تەپەككۇر ۋە ئەقىلنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈمەي تۇرۇپ ئاغزىدىن چىقارمايدۇ .  

بۈگۈنگىچە يازغان ئەسەرلىرىمنى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىلا ئېلان قىلىپ كەلدىم.ھېس قىلغىنىم ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىلمىي بىر مۇنازىرە مەيدانى ھاسىل قىلالمىغان.قانۇن بىلەن ھېچقانداق تاقاشمايدىغان بەزى بىر تېمىلارنىمۇ جامائەت پىكرىدىن قورقۇش سەۋەبىدىن ياكى باشقۇرغۇچىنىڭ شەخسى ئىدىيەسى تۈپەيلى تەستىقلىمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.بەزى مۇنبەرلەر ئاۋۋال مېنى تەكلىپ قىلىپ كىيىن پۈتۈن تېمىلىرىمنى  يۇيىۋەتكەن بولدى.بەزى مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچىلار تېمامنى شەخسى ئىدىيەسى تۈپەيلى تەستىقلىمايلا قويۇۋاتىدۇ.مىسرانىم،ئەلكۈيى دېگەندەك مۇنبەرلەرگە ئۆزۈممۇ تېما يوللىمىدىم.
مۇنازىرە مەيدانىدا ئىلمىي ۋە ئادىل بىر سىستېمىنىڭ بولماسلىقى ئۇيغۇر ئىلمىي مۇھىتىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر ئىش.ئۆز قارشىغا ئۇيغۇن بولمىغان قاراشتىكىلەرنى ھەمىشە بۇزۇق تىل ياكى مەسخىرە بىلەن قارشى ئالدىغان ياۋايى كىشىلەرنىڭ ئارىمىزدا بولۇشى «ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتلىك مىللەت»دېگەن شۇئارغا تۈپتىن زىتتۇر.   

سىزنىڭ ماقالىڭىزنىڭ قارشى ئېلىنماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، گەرچە سىز تەرەققىيات، گۈللىنىش، ئىلغارلىق توغرىسىدا سۆز ئاچقان بولسىڭىزمۇ، ئاساسلىق تەكىتلىمەكچى بولغىنىڭىز ئىقتىسادى ئۈنۈم ۋە ئېتىقادسىزلىق بولغاچقا، رايونىمىزدىكى خەلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرشەلمەيدۇ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى رايونىمىزدىكى كىشىلەر پايدا-زىيانغا قارىغاندا ، ياخشى-يامانغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئاندىن سىزنى يامان گەپلەر بىلەن تىللىغان ئىشقا كەلسەك، سىز باشقىلارنىڭ‹‹ مەدەنىيەت، ئېتىقاد، ئەخلاق›› تىن ئىبارەت تېتاڭ تومۇرىغا تېگېپ قويدىڭىز، ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدىغان بولغاچقا، ئاچچىقى بەكرەك كەلگەنلەر تىللاپ سالىدۇ، سىز ئىلمىي ئادەم بولغاچقا توغرا چۈشىنىڭ .   

ئىدىيەسىنى مۇستەقىل ۋە مۇقەددەس بىلىدىغان شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈش،ئۈزلۈكسىز يېڭى پىكىر ۋە يېڭى ئىدىيە ئىشلەپ چىقىرىش زامانىۋى مائارىپنىڭ تەلىپىدۇر.بەزى كىشىلەر بىزدە دۇنياۋى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ يېتىشىپ چىقمىغانلىقىنى بىر-بىرىنى تارتىپ چۈشۈرىدىغان  كىشىلىرىمىزنىڭ جىقلىقىدىن دەپ بىلىدىكەن.بىر ئىدىيە ئەڭ قاتمال،بىر چۈشەنچە ئەڭ ئەقىلسىزلەرچە بولغاندا پەقەت مۇشۇنچىلىك سەۋىيەدە بولالايدۇ.بىزدە دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كىشىنىڭ جىق بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئىدىيەمىزنىڭ قاتماللىقىدا  .بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالى ئۇيغۇرنىڭ قاتمال كاللىسىدىن جىق ئۇزاقتا.

ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل ئىددىيە بىلەن قاتمال ئىددىيەنىڭ ئانچە كۆپ پەرقى يوق، چۈنكى ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭكىدىن باشقا ئىددىيەلەرنى چەتكە قاقىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىزگە ئىددىيىسى قاتمال كۆرىنىشدىكى سەۋەب دەل سىز تەكىتلەۋاتقان ئىلغار ئىددىيەنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر مۇستەقىل ئىددىيەسى بولغانلىقىدا .  

زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئىپادە قىلىشتا بۇ قەدەر قورققاقلىقى  ئۇيغۇردىكى پىكىر يېڭىلىشىغا  چوقۇم سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.رېئاللىق ئاچچىق بولسىمۇ جەمئىيەتكە قوبۇل قىلغۇزۇش،ئۇنىڭ داۋاسىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.جەمئىيەتنىڭ سەلبىي باھالىرى ئالدىدا ئىدىيەسىنى يوشۇرۇشنىڭ ئۆزى زىيالىينىڭ مەجبۇرىيىتىگە مۇخالىپتۇر.

ئويناپ سۆزلىسىمۇ، ئويلاپ سۆزلەش كېرەك، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆزىنى ئەركىن ئىپادىلىگەن، يېڭى كۆز-قاراشلارنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويغان زىيالىنى تەنقىد قىلغان ئىشىڭىز بىلەن يۇقىرىدىكى كۆز قارىشىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ .

پىكىر ئەركىنلىكىمىزنىڭ سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختىتىپ قويۇپ ئاۋۋال پىكىر ئەركىنلىكىمىزنى چەكلەۋاتقان ئەنئەنىۋىي پالەچ  تەپەككۇرلىرىمىز  ئۈستىدە ئەقلى ئانالىز قىلىپ باقايلى.پىكرىمىزنى ۋە تەپەككۇرلىرىمىزنى چەكلەۋاتقان نەرسە ئەمەلىيەتتە سىياسەت ئەمەس بەلكى ئەنئەنىۋىي چەكلىگۈچى قاراشلار ۋە قېلىپلاشقان دوگمىلاردۇر.  

بۇ كۆز قاراشقا قوشىلىمەن .

مەسچىتلەرگە تولۇپ كەتكەن پەرزەتلىرىمىزگە قاراپ پەرخىرلىنىۋاتىمىز،كەلگۈسىمىزدىن ئۆمۈدلىنىۋاتىمىزيۇ مەدەنىيەتتىكى چېكىنىشىمىز،تەرەققىياتتىكى گالۋاڭلىشىشىمىزغا قاراپ سەگىمەيۋاتىمىز.رادىكال ئەرەب ئىدىيەلىرىگە قۇل بولۇپ ياشاش دەۋرنىڭ ئىلگىرلىشى،ئۇچۇرلىشىش بورانلىرىدا ئەسلى يوقىلىشى كېرەك ئىدى.

مەسچىتكە كىرىپمۇ قويمايدىغان ۋە باشقىلارنىڭ كىرىشىنىمۇ خالىمايدىغان كىشىلەر غەرىبنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىك پەلسەپىسىگە ئالدىنىۋاتىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلىدىن پەخىرلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار ئاغزىغا تەگمەي ماختاۋاتقان تەرەققىياتمۇ ۋاقىت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىدا يوقىلىشى مۇمكىن..

جەمئىيەتتىكى ساختا گۈللىنىشكە  قاراپ ھاياجانلىنىپ كەتمەيلى،نېگىزىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا  مىللىي تەرەققىياتىمىز تېگى بوش بىر يەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇۋاتىدۇ .بۇ بوش يەر ئىلغار ئىدىيە بىلەن توشۇشى  كېرەك.بولمايدىكەن بۇ ساختا تەرەققىيات« ماڭىدۇ،ماڭىدۇ قىردىن  ئاشالمايدۇ»دېگەن جۈملە بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.

ئىنسانلار دۇنياسىدىكى كۆپ قىسىم تەرەققىيات مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئالداش بەدىلىگە قۇرۇلىۋاتىدۇ، بەلكى ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ . غەرب دۇنياسىنىڭ ئېلىم-پەن مىتودىغا قارىسىڭىز ‹‹ قىلىۋاتقان خاتا ئىشلىرىنىڭ  توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ياكى كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان خاتا ئىشلىرىغا باھانە تېپىشتىن ئىبارەت›› بىر ئىلمىي مىتودنى ھىس قىلالايسىز، ھىس قىلمىغان بولسىڭىز چوڭقۇرراق ئويلاپ كۆرۈڭ ياكى گىرادۇسى يۇقىرراق ئەينەكتىن بىرنى تاقاپ قاراپ بېقىڭ .

مەن تىللىمايمەن، ئەمما ئىنكار قىلىمەن .   - خالىس   

kangasman يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئۇكام سېيىپ كىرىپ ئۇخلاڭ !

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 01:19  

ئۇمۇن بورادەر دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن جىق ھەپىلەشمىسەك قانداق؟ بۇ ئىدىلوگىيە بەئەينى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆپ ھەپىلەشسەك ئاخىرى جاننى ئالىدۇ. يەنە كېلىپ ئىدىيە دىگەننى ئاسان ئۆزگەرتكىلىمۇ بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ھەم بىر ئادەمدە ئاسانمۇ شەكىللەنمەيدۇ. يەنە تېخى ئۇ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. پىشىپ بولغان ئىدىيەنى ئۆزگەرتىمەن دىگەندىن كۆرە باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سىيىپ كىرىپ ئۇخلىغان ياخشى. يازمىلىرىڭىزدىن قاراپ باقسام سىزدىمۇ تۈززۈك بىر ئىدىيە شەكىللەنمىگەندەك تۇرىدۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

يېڭىچە ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇش،بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش،بېشىنى كۆتەرگەن ھامان يانجىپ تاشلاش ،ئاندىن يېرىم ئەسىر ،ياكى ئۈچ چارەك ئەسىردىن كېيىن بۇ يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئىدىيەچىلەرنى  باشقا ئېلىپ كۆتۈرۈش ……بىزدىكى كېسەل
بۇ كېسەل ئەينى ۋاقىتتىكى ئابدۇقادىر داموللام،تەۋپىق ئەپەندى ……قاتارلىق ئىلغار ئىدىيىلىك زاتلىرىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى تەشەببۇسلىرىنىڭ جەمىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماسلىغى
،ئەمدىلىكتە ۋاي شۇ چاخدىكى خەلق ئاممىسى نادانلىقتا قالغانيەي،موللا -ئىشانلار ئۇنداق قىلغانيەي ،بولمىسا مۇنداق يۈرەمتۇقيەي دەپ
قاخشاشلىرىمىزدىن ئىپادسىنى تاپىدۇ.
بەلكىم  يېرىم ئەسىر،بىر ئەسىردىن كېيىن بىزدىن كېيىنلەرمۇ پالانچى ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئەينى  ۋاقىتتىكى جاھىل زىيالىلار ۋە نادان خەلق تەرىپىدىن قوبۇل  قىلىنماي مۇشۇ كۈنگە قالدۇق دىيىشى ئېنىق.
لېكىن بۇ گەپ ئۇمۇننىڭ گېپى توغرا دىگەنلىك ئەمەس

iltersh يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ ماقالىنىڭ كۆپ قىسمى توغرا ، مەن ياقتۇردۇم،قوللايمەن

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

سەپسەتىلەر قاينىمىدا «ئۆلگەن»بىچارە!

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

مانداااااااااااااااق بىر كۆز يۈگۈرتۈپ باقسام، ئىلغار ئىددىيە دەپ بەك چىڭقىلىپ كەتكەندەك قىلىدۇ، بۇ تىمىدا( مەنغۇ تولۇق ئوقۇپ چىقمىدىم) ، سۇئال سورىسا جاۋاپ بەرمەيدىغان بۇنداق ئىگىسى يوق تىمىنى تەستىقلىمىساق قانداق؟ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى بىسەرەمجان قىلىپ :lol.
تىما ئىگىسىدىن بىر سۇئال سۇراپ باقاي: ئىلغار ئىددىيە دىگەن نىمە؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا


‏‏گۆدەك چاغلىرىم
‏قۇشلارغا ئەگىشىپ چاپاتتىم ھەريان
‏گۈللەرگە ئېڭىشىپ،
‏تىكىنىگە تامچىتاتتىم قان.

‏شائىر ئىدىم بىر ساراڭ ئاشىق
‏قىرانلىقتا
‏شۇ پېتى بۇ ئوت، يېنىقلىق...


‏چاچقا قار ياغدى،
‏نازلىق كەلگەندە نەۋرۇز-باھار.
‏يازدىم،
‏ئازدىم...
ۋۇجۇدۇمنى مەست قىلىپ ئىپار‏.

‏بىمەھەل،
‏خۇيلانمىسا بولاتتى بوران
‏قارا سۈركەپ باھار ھۆسنىگە
‏ئۆتەر كۈنى قانچىلىك زامان؟

‏كۆچەت قويدۇم،
‏قىرلارغا، ھويلامغا، داۋانلارغا.
‏ئەشئار يازدىم،
ئاتاپ ‏بەختى گۈلگۈن سايانلارغا.

‏مەي ئىچمەيمەن
‏قۇيغىنە ساقى قېنى بۇ مەرتەم
‏ئوتلىۋېتەي ئاچچىقىنى بەس،
‏تاتلىقلارغا تولسىنا ئەتەم.
‏  













Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 09:31 static/image/common/back.gif
مانداااااااااااااااق بىر كۆز يۈگۈرتۈپ باقسام، ئىلغار  ...

ئاخىرقى سۇئالىڭىزغا چولتا بولسىمۇ، ئازىراق پىكرىمنى دەپ ئۆتەي. ئىلغار ئىدىيە دىگەن ئۇمۇنغا نىسپەتەن ئۇمۇننىڭ ئىدىيىسى. سىزگە نىسپەتەن سىزنىڭ ئىدىيىرىڭىز، ئۇنىڭغا نىپەتەن ئۇنىڭ ئىدىيىسى، مەنگە نىسپەتەن مېنىڭ ئىدىيەم بولىدۇ. ھەركىمنىڭ ئىدىيىسى ئۆزى ئۈچۈن ئىلغار بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئىدىيىلەر كۆپنىڭ مەتپەتىنى چىقىش قىلغاچقا بىرقەدەر ئومۇمىلىققا ئىگ بولىدۇ. رىئاللىققا نىسپەتەن ئومۇملۇققا ئىگە بولغان، ئىدىيە ئىگىسى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان توپ، ياشاۋاتقان كاتىگورىيە، زامان قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆپرەك ئويلاشقان ھەم شۇ توپنىڭ مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق بولغان ئىدىيىدۇر. قانداقتۇ ئۇ تەشۋىقاتلاردىكى يالاڭاچ ئاياللارنىڭ ئىدىيىسى ياكى مەدەنىيىتى ئەمەس.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 09:39 static/image/common/back.gif
‏‏گۆدەك چاغلىرىم
‏قۇشلارغا ئەگىشىپ چاپاتتىم ھەريان
‏ ...

شېئىرنى ياقتۇردۇم ،   

« سايان » دىگەن نىمە مەنىدە

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 09:46 static/image/common/back.gif
ئاخىرقى سۇئالىڭىزغا چولتا بولسىمۇ، ئازىراق پىكرىمنى  ...

ئۇنداق بولسا، ھەركىمنىڭ ئۆز ئىددىيىسى ئەڭ ئىلغار دەپ قارالسا، نىمىشكە بۇ يەردە  «يېڭى ئىددىيە» دەپ بىر ئۇقۇم سەكرەپ چىقىدۇ؟
ئۇنىڭ بۇ يېڭى ئىددىيىسى (ياكى ئىلغار ئىدديىسى) نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
مەلۇم بىر پا**رتىيە ئۆز ئىددىيىسىنى ئەڭ ئىلغار، ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلىپ جەننەت كەبى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمىز دەپ  شۇ ئىددىيىسىنى كىشىلەرگە تەڭماقچى بولىدىكەن،
يەنە بىرسى چىقىپ بىزنىڭ ئىدديىمىز ئىلغار  ، سېنىڭ قالاق دەپ ئۆز ئىددىيىسنى باشقىلارغا تاڭماقچى بولىدىكەن.
ئۇنداق بولسا بۇ ئىددىيىنىڭ ئىلغار-قالاق بولۇشىنى دىئاگونۇز قىلىدىغان  فورمىلاسى بارمۇ؟
تىما ئىگىسى كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قوچۇيدىغان تىمىنى ئاز يېزىپ ، ئۈستىدىكى تورداش دىگەندەك« سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قال»سا بوپتىكەن .:lol

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە034 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 10:22  

بىر ئابزاستىن باشقىسىنى ياقتۇردۇم.
بىز تەرەققىيات جەھەتتە تۈركىيەنىڭ 100 يىل ئارقىدا... بۇ ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك رېئاللىق.
مېنىڭچە دىنغا زىت كەلتۈرمەي تۇرۇپمۇ مەدەنىيەتلىك ساپالىق قەۋىم بولساق بۇ بىزگىمۇ يارىشىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 09:57 static/image/common/back.gif
شېئىرنى ياقتۇردۇم ،   

« سايان » دىگەن نىمە مەنىدە

ساياننىڭ مەنىسى:

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 10:04 static/image/common/back.gif
ئۇنداق بولسا، ھەركىمنىڭ ئۆز ئىددىيىسى ئەڭ ئىلغار دەپ  ...

سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى بىر سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. يەنى«ئۆزىنى مەركەز قىلىش» دىگەن سۆزگە.

rohqin يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئۇمۇننىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ،ئادىل تۇنىيازنىڭ پەيغەمبەر دىيارىدىكى كېچىلەر دىگەن كىتاۋىنى قۇلۇمغا ئېلىپ بىر يەرنى ئاچسام مەزكۇر ماقالىغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەر تۇرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن يوللاپ قويغۇم كەلدى.
ئادىل تۇنىيازنىڭ «بىزگە كىرىست كىرەك ئەمەس» نامىلق ماقالىسىنىڭ بىر قىسمى
ھەقىقىي بىر يازغۇچى ۋە شائىر-بىر خەلقئارالىق پوچتىخانا، ئۇنىڭ ھەبىر ئەسىرى ئۆزخەلقىدىن دۇنياغا، شۇنداقلا دۇنيادىن ئۆزخەلقىگە يوللانغان خەت. سۇغۇق قانلىق بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق ، ئىتىقاد- مەۋجۇتلۇق مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ زور مىللى ئالاھىدىلىكى . نېتزى خۇدا ئۆلدى دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئەمەلىيتى ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ناۋادا ساراڭلار ساناتورىيەسىدە ئۆلگەن بىر ياۋرۇپالىق خۇدا ئۆلدى دەپ جاكارلىغان بولسا، ئۇ بەرىبىر جۆيلۈش، بىزنىڭ بۇ قەدىمىي دىيارىمىزدا ھەم ئىسلام دىنىمىزدا خۇدا كىشىلەرنى غايە بىرلىكىگە، ئورتاق بىر ئىتىقادقا توپلىماقتا. خۇدا ئىنسانلارنى مۇكەممەللىككە چاقىرماقتا. بىر نەرسىنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ، بىز ياشلار گۈزەل خاتالىقلىرىمىز ۋە يىڭىلىق ئىزدەش يۇلىدىكى مەردانە ئېزىقىشلىرىمىز بىلەن جەزمەن كىيىنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كىرەك. لېكىن، يىلتىمىز ئالدىنقىلار ئاچقان ئەدەبىياتنىڭ مۇنبەت زىمىنىغا دەسسەپ تۇرمايدىكەن، قەلبىمىز يىڭى تەپەككۇر بىلەن قانات چىقارمايدىكەن، قەبرە نامىمىزغا« ئاتا-ئانىسىز تۇغۇلغان بۇ بۇۋاق بىر قەدەم مېڭىپلا ئۆلۈپ كەتتى» يېزىپ قۇيىلىدۇ، خالاس.
دۇنيادا دۇنيا ئەدەبىياتى دەيدىغان تومتاق ئەدەبىيات يوق، پەقەت بىر ئەدەبىيات مىللى ئەدەبىيات بولغىنى ئۈچۈنلا دۇنيا ئەدەبىياتى بولالايدۇ. يېقىندىن بىرى بەزى شىئىرلاردا ھە دېسىلا«كرېست، ۋىناس» دېگەندەك سۆزلەر ئاۋۇپ كەتتى. بىز غەرىپنىڭ بىزگە ماس كىلىدىغان ئىلغار ئىدىيەلىرىنى قۇبۇل قىلالايمىز. ئەمما، كرېستنى قۇبۇل قىلالمايمىز. مۇھەببەت ئىلاھى ۋىناس ھەققىدىكى گۈزەل ئەپسانىنى ئاڭلاشقا بۇلىدۇ يۇ، ئەمما بىزدىكى مۇھەببەت پەرىشتىللىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن غېرىب-سەنەم، پەرھاد-شېرىن، ۋە تاھىر-زۆھرەلەر ھەققىدىكى يارقىن ئەپسانىلەرنى چەتكە قېقىش ھۇقۇقىمىز يوق.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 10:11 static/image/common/back.gif
سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى بىر سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىد ...

مەن تىما ئىگىسىنىڭ ئىلغار ئىددىيە توغرىسىدىكى يەكۈنىگە ساقلاپ تۇراي،
ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئەپەندىم « دىيارىمىز تۆت تېمىغا دەرىزە ئورنتىلغان ئۆيگە ئوخشايدۇ » دەپ يازغان ( خاتا ئىسىمدە قالمىغان بولسا ) ، يەنە بىرەيلەن قەش*قەر خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە يات يۇرتلاردىن كەلگەن كىشىلەرگە قىزلىرىنى بېرىپ ، شۇلارنىڭ ئىدديىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئائىلە ئارقىلىق باغلاپ تۇرۇپ بىلمەكچى بولغاندەك بىر مەزمۇنلەرنى كۆرگەندەك قىلغان، ،،،
دىمەك: ئۇيغۇرلاردا باشقىلارنىڭ  ئىددىيە - پىكىرلىرىگە، ئېتىقاد -ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ئەنئەنە بار، بىراق ئۇلارنى ھەرگەز ئىلغار ئىددىيەكەن دەپ ئۆز ئىددىيە- ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچكىنى يوق.

Zenjiwiljan يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا


مەنمۇ باشتىن-ئاياققا سىيرىپ ئۆتۈپ كەتتىم......
بەت: [1] 2 3 4 5
: پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىڭى ئىدىيە(ئۇمۇن)