enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 11:01:51

   ماقالىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 80 پېرسەنت يېرىنى ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما كشىلەر 10-20 پېرسەنت دىنغا تاقالغان يېرى ئۈچۈن ئۇمۇننىڭ سالاھىيىتىنى بىلگەن بولسا چانىغان بولاتتى.  
‏   شۇ تاپتا مېنىڭ يۈرىكىم قاتتىق ئازاپلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىشىنىپ كەلگەن بۇ دىن پەرىشتىدەك دىيانەتلىك، ھاتەمدەك مەرت سېخى، يۈسۈپتەك راستچىل، جەمشىتتەك ئادىل كىشىلەرنىمۇ يېتىشتۈرۈپ كەپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئىمانلىق ماگىستىر-دوكتۇرلار، نۇرغۇن بەرىكەتلىك سودىگەر-كارخانىچىلارمۇ چىقىۋاتىدۇ. بۇ دىننىڭ تەرەققىياتقا پۇتلاشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىسا توپلىمىمىزنىڭ ئاساسى قاتلىمىدا يەنە نۇرغۇن نادانلىقلارنىڭ تولۇپ ياتقانلىقى ناھىيىتى ئېنىق بىلىنىۋاتقان مەسىلە.
‏   بەرىكىتىمىزنى بىر بەرسەڭ ئاللاھىم...ئامىن.   

udum يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 11:28:32

ناچاردىن بىرنى باستىم.

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 11:47:12

  ئاڭلىسام ئېتىقادسىز بولغاچقا، ئېينىشتىيىن، نىيوتۇن ، ئىدىسونمۇ جەننەتكە كىرمەيمىش،  توپلىمىمىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقىنى ئېتىقاد بىلەن تەرەققىياتتىن بىرنى تاللاش بولۇپ  قېلىۋاتىدۇ، ئەگەر ئىككىسى تاقاشمايدۇ دېيىلسە ، كىم ماڭا ، بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇپ، جىسمانىي ۋە زېھنى كۈچىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، باشقىلارغا ئىشلىمەي، باشقىلارنىمۇ ئىشلەتمەي، ئىسلام دىننىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىغا زىت كەلمەيدىغان ئۇسۇلدا، بەش-ئون يىلغىچە كۈنىگە 100 يۈەن تاپقىلى بولىدىغان ئىش كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ ؟   

گەپنى يىغىشتۇرۇپ ئەكەلسە مۇشۇ يەرگە تاقىشىدۇ ، باشقا گەپنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ .  

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 11:52:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 11:56  

تەرەققىيات ، ئىلغار ئىدىيە ، مەۋجۇتلۇق ،پىكىر ئەركىنلىكى قارىسا شۇنچىلىك قۇلاققا خوش ياقىدىغان گەپلەر، بۇ گەپلە ئومۇنننىڭ ماقىلىلىردا دائىم كورلۇپ تۇردۇ ، ئومۇنننىڭ ماقالىسىنى ياقتۇردىغانلا شۇنىڭدىن بولسا كېرەك . لېكىن ئۇيغۇر جەمىيىتىنى تۇزۇك چۇشەنمەيدىغان ، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تۇزۇك ياشاپ باقمىغان، ئوز ئېتقاتىدا تولۇق بىرلىككە كەپ بولاممىغان بىر سويمىنىڭ ئۇيغۇر جەميىتىگە سىزىق سىزىپ بەرگىدەك قانچىلىك سالاھىيىتى بار بۇنى ئويلىمايدۇ .ئومۇن دائىم پىكىر ئەركىنلىكىمنى چەتكە قاقتىڭلا ،ئىلغار ئىدىيەمنى قۇبۇل قىلمىدىڭلا دەپ قاخشايدۇ يۇ ، بىر توپ قەۋىمنىڭ ياشاش ئۇسۇلىغا، پىكىر ئەركىنلىكىگە ھورمەت قىلمايدۇ ، ياكى ئوزىنىڭ ھىسسى ماقالىلىرى ئارقىلىق بىر توپ قەۋىمگە ئىدىيىسىنى تاڭماقچى بولدۇ .

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 12:04:36

ئەنۋەرجۇلانىڭ يۇقارقى ئىنكاسىنىڭ ئىككىنچى ئابزاسى مەنمۇ ئەمىلىيتىمدە ئۇچراتقان ۋە ئىسپاتلانغان ھەم مەن قوشۇلۇپ قۇۋەتلەيدىغان قاراش .

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 12:06:33

تۈلكە ئۆز ئىنىغا ھۈرسە قوتۇر بولۇر.
گەپ تامام!

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 12:53:11

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 11:01 static/image/common/back.gif
ماقالىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 80 پېرسەنت يېرىنى ياخشى د ...

ئالغا سۈرىۋاتقان نەرسىسىنىڭ « ھەقىقەت» ئىكەنلىكىگە ئىشەنچسى بولسا، « چانىلىپ كېتىش » تىن ئەنسرەشنىڭ ھاجىتى يوق.  سىزمۇ چانىلىپ كەتمەي، خورلۇققا چىداپ ياشاۋاتقاندەك.......

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 13:26:05

بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە  ئىلغار ئاكادېمىيە،ئوچۇق پىكىرلىك خەلق ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوقۇم ئىلغار ئىدىيە بولۇشى كېرەك.سىياسەتنىڭ تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز ئەلۋەتتە.بىراق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ھەرقانداق نەرسىدىن پايدىلىنىش،قولىمىزدىن كەلگىنىچىلىك  تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.يوق ياكى كەم نەرسىنىڭ يوقلىقى ياكى كەملىكىدىن قاقشاشنىڭ ئورنىغا يوق نەرسىنىڭ بارلىقى،كەم نەرسىنىڭ تولۇقلىقى ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تېخىمۇ مەنتىقىلىقتۇر.

ئىسىل گەپ.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 13:30:16

ئۇمۇنىنىڭ دۇنيا قارىشىغا تەنقىدى پىكىر بەسەڭلا بۇلۇدۇ، لىكىن ساددا ئۆچمەنىلىكنىڭ پۇتۇن ياخشلىقنى ئىنكار قىلشىغا يول قويماڭلا .
ئۇمۇن دىنسىز بۇلامدۇ بۇددىست بولامدۇ خىرىستىيان بۇلامدۇ  مۇسۇلمان بۇلامدۇ ئۇ ئۈزىنىڭ ئىشى. بۇ بىر نۇقتىنى دەپ قەۋم قېرىندىشىڭلدىن كېچەمسىلەر

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 13:44:10

مەن ئۆزۈم بەك كاتتا زىيالى بولمىساممۇ ، ئىلم مەرىپەتكە خۇمار مۇسۇلمان يىگىتمەن .
مەن ئىسلامغا ھەرگىز باشقىلارنىڭ زورى ياكى ئاتامدىن ئۇدۇم قىلىپ كىرگەن ئەمەسمەن . ھەممىڭلارغا ئوخشاش ئاتسىت سوتسىيالىزم باشقۇردىغان مەكتەپتەپلەردە ئوقۇغانمەن . ئىسلام دىنىمنى سۆيىمەن قوغدايمەن. ئەلۋەتتە دىنىم ۋەتىنىمنى مىللىتىمنى سۆيۈشكىمۇ،ئىلىم مەرىپەتنىمۇ سۆيۈشكىمۇ يول قويىدىغان پاكىزلىقنى، مەرد راسچىللىقنى ئەلا بىلىدىغان دىن ، مىنى مۇشۇنداق تەرپلەپ بولالمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى ئۆزىگە تارتتى ھەم قوبۇل قىلدۇردى .
بەزەنلەر ئۆزىنى شۇنداق بىلىملىك تەرەققىياتنى سۆيىدىغان، مۇسۇلمانلارنى ،ئۇلارنىڭ قارشىسىغا چىقىرىپ قويۇپ ئەيىپلەيدىغان بىلىملىك بولىۋالدى .
مۇشۇنداق تۆھمەتلەرگە ۋىژدانلىق ھەركىم سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدۇ ئەلىۋەتتە . ۋوي مەن توپ ئوينايدىغانغا دىيشىپ قويغان شۇ يەرگە باراي .
ئاخىرىدا ئۆزىنى بىلىملىك چاغلايدىغانلارغا شۇنى ئىيتىمەنكى ، ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ، ۋە كۈچلەندۇرۇش باشقىلارنىڭكىنى ئەينەن كۆچۈرۈش ئەمەستۇر . ئەينى ۋاقىتتا دىيارىمىزغا كىرگەنلەرمۇ ياخشى تەرەققىيات ئىدىيەلەرنى تارقىتىمىز دەپ كىرگەن ئاخىرىدا قانداق بولدى ؟ ئۆزىنىڭ مەخسىدىنى ئاشكارلاپ ، ئىگەللىۋالماق بولدى . ئەمدى پۇشايمان يىگەن بىلەن ئورنىغا كىلەمدۇ ؟
شۇڭا باشقىلارنىڭ سەپسەتلىرى قارىماققا جەلىپ قىلارلىق ياخشىدەك تۇرغىنى بىلەن يۇشۇرۇنغا مەخسەتلىرى تولىمۇ قارانىيەت ۋە ئىبلىسلاردەكتۇر .
كىيىن ئۆزىمىدىكىنى يوقۇتۇپ باشقىلارنىڭ قازىنىغا ئوتۇن بولۇپ كۆيىۋاتقاندا پۇشايمانغا قاچا يوق بولىدۇ .
بىر ئىغىز سەمىيمي گەپ شۇكى
ئىسلام ئىلىم مەرىپەتنى چەكلىگەن ئەمەس.
ھەم شىنجاڭدا ئۇنچىلىك كۈچكە ئىگىمۇ ئەمەس.
شۇڭا ئىسلامنى خۈنۈكلەشتۇرۇپ چۈرۈشكە چىداپ بولغىلى بولمايدۇ .   چىقىپ توپۇمنى تىپەي .
كىمدە كىم مىللىتىمنى دىنىمنى
ئىلىم مەرىپەتكە قارشى قىلىپ قويۇپ ئەيىپلەيدىكەن مەن ئۇنىڭ تۆھمەتلىرىگە ۋاقىدىدا جاۋاپ قايتۇرىمەن .

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 13:49:06

دىىننى ياراتقان ئادەم ئۈزى قوغدىيالايدۇ،كىم بەدى بۇ ھۇقۇقنى

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 14:49:12

ئۇمۇن:
سىز تىلغا ئالغان پۇزىتىۋىزىم،دەلىلچىلىك،تەجرىبىچىلىك دېگەننى بىر شەرھلىۋىتەمسىز؟قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
جەمىيەتشۇناسلىقنى بەك ماختىۋىتىپسىز ،دەپ بېقىڭچۇ،جەمىيەتشۇناسلىقنى ئۆگىنىپ نىمىلەرگە ئېرىشتىڭىز؟
نىمىلەرنى ھەل قىلالايدۇ بۇ پەن؟

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 14:50:13

ئەنۋەر جۇلا؛
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە جەمىيەتشۇناسلىق بىلەن پەلسەپەنى تاللا دىسى قەيسىسىنى تاللايسىز؟
بۇ پەنلەرگە بولغان قارىشىڭىز قانداق؟

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 15:05:42

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 00:15 static/image/common/back.gif
چېركاۋ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن غەرب ئالىملىرى،مۇسۇلمان ...

ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگىزىپسىز، قۇللايمەن.

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 15:28:45

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 13:44 static/image/common/back.gif
مەن ئۆزۈم بەك كاتتا زىيالى بولمىساممۇ ، ئىلم مەرىپەتكە ...

   ئۇمۇننىڭ بىزگە يەتكۈزىۋاتقىنى، تاڭماقچى بولىۋاتقىنى ئىلىم-مەرىپەت ئەمەس، قۇرۇق سەپسەتە ۋە ئاتسىست ئىددىيە ،  بىزنىڭ قارشى تۇرىۋاتقىنىمىزمۇ ئىلىم-مەرىپەت ئەمەس، ئۇمۇننىڭ بىزگە يەتكۈزىۋاتقان شەخسىي كۆز قاراشلىرى. مۇشۇ مەسىلىنى ئېنىق ئايرىۋېلىڭ.
  دىن بىلەن ئىلىم-مەرىپەت پەقەت بىرلا سەۋەپتىن قارمۇ-قارشى بولۇپ قالىدۇ، يەنى كىمدە كىم ئىلىم-مەرىپەتتىن پايدىنلىپ يامان ئىش قىلماقچى بولسا، شۇنى چەكلەش ئۈچۈن ، لېكىن ئىلىم-پەن شەخىسنىڭ، ھەر قايسى گورۇھلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش قورالىغا ئايلىنىپ ،  ھەر خىل ئۇسۇلدا دىنغا قارشى چىقىۋاتىدۇ .

  ئۇمۇن بىلىمى ئارقىلىق بىزدەك نادان، قاشاق، قاتمال ئىددىيەدىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلماقچى بولسا، بىلىمى پىشىپ يېتىلگىچە بىر تەرەپتىن ئۆگۈنۈش قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، تۈرۈكچىدىن ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن، نادىر كىتاب، نادىر ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىپ سۇنسۇن، شۇ چاغدا ئۇمۇننىڭ قىلغانلىرىنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەمما ھازىرقىدەك چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويىدىغان ماقالىلارنى يازسا، ئىنكار قىلىشتىن باشقىغا ئېرشەلمەيدۇ.
  كارۋانبىز گۇرپىسىدىكىلەر بىلەن ئەركىن سىدىق، تاشپولات روزى ئاكىلارنىڭ قىلىۋاتقىنى دەل خەلقىگە ئىلىم -مەرىپەت يەتكۈزۈشنىڭ مىسالى بولالايدۇ. ئۇمۇن بىزنى ئىلغار، ئىلمىي ئىددىيەگە ئىگە قىلماقچى بولسا، ئۇلارنى ئۈلگە ئالسۇن .  

AAA يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 15:46:25

مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىۋاتقان بىرقانچىڭلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن قىل چاغلىق مۇناسىۋىتىڭلار بارلىقىدىن ئادەم قاتتىق گۇمان قىلىدۇ يازغان ئىنكاسلىرىڭلاردىن .

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 15:52:56

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 14:07 static/image/common/back.gif
خەتنە سۈننىتىمنى قىلغاندا نائۇستا ھابدال ئازراق يېرىن ...

مۇشۇ ئىنكاسىڭىز يېتەرلىك بولۇپتۇ... تىلى يىنىڭ ئەمما ئېغىر ۋەزىنلىك، قول قويدۇم ئەمما.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 17:31:44

tomoki يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 18:57:50

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 00:15 static/image/common/back.gif
چېركاۋ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن غەرب ئالىملىرى،مۇسۇلمان ...

ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل ئىددىيە بىلەن قاتمال ئىددىيەنىڭ ئانچە كۆپ پەرقى يوق، چۈنكى ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭكىدىن باشقا ئىددىيەلەرنى چەتكە قاقىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىزگە ئىددىيىسى قاتمال كۆرىنىشدىكى سەۋەب دەل سىز تەكىتلەۋاتقان ئىلغار ئىددىيەنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر مۇستەقىل ئىددىيەسى بولغانلىقىدا .  


ماۋۇ گەپ  بولىدىكەن،باشقىلارغا ئەگىشىش ئەمەس ئۆز مۇستەقىل ئىديىگە ئىگە بولۇپ ،ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش كىرەك، سەن سەن  بولغىن ،بىز بولۇپ قالما

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 19:41:06

قوشنىمىزنىڭ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان ئوغلى دادىسىنى ئىدىــــيىسى قالاق دەۋاتتى، كىيىن بۇ بالا ئاق قان كېسىلى بۇلۇپ قالغاندا ئــــىدىيىسى قالاق دادىسى يەرنى، قوتاندىكى مال چارۋىلارنى سېتىپ تۈگەتتى،  باشلانغۇچنى ئاران پۈتتۈرگەن دىھقان بۇلۇپ كەتكەن سىڭلىسى ئىلىكىنى تەقدىم قىلدى،

ئـــىدىــيە دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، ئىدىيە دىگەن سۆزدىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەر مەۋجۇت
بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7 8 9 10 11
: پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىڭى ئىدىيە(ئۇمۇن)