buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 16:20:13

ئومۇن بۇرادەرگە تەشەككۈر ،
داۋاملىق ئەخلەت تېما يازماق ئۇنداق ئاسان بولمسىا كېرەك .
ئەمما ئاۋۇ تامغا يارىشىپ ئۆتەپ كىتىپتۇدە بۇ تېمىغا .
ياشاڭ ئومۇن بەي ،
ئىزدىنىشنڭ ئەخلەت ساندۇقىنى توشقۇزاي دىدىڭىز ، يارايسىز .
داۋاملىق ناچار ، ئەخلەت كىنو ئىشلەيدىغان بى ئەرتىس بارئىدى ،
ئىسمى نىمىيا شۇ ئەرتىسنىڭ ‹

eqil1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 18:32:11

mihin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 20:23:21

Zenjiwiljan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 10:29 static/image/common/back.gif
مەنمۇ باشتىن-ئاياققا سىيرىپ ئۆتۈپ كەتتىم......

بىۋاستە سىزمنىڭ رولىغا  سەل قاراشقا بولمايدۇ   بۇ بىزنى ھۆكۈم چىقرىشتا كەسكىنلىككە  باشلايدۇ   

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 22:05:06

ئەنۋەر جۇلا؛
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە جەمىيەتشۇناسلىق بىلەن پەلسەپەنى تاللا دىسى قەيسىسىنى تاللايسىز؟
بۇ پەنلەرگە بولغان قارىشىڭىز قانداق؟
‏----------------
‏جەمئىيەتشۇناسلىق پەلسەپەدىن ئايرىلىپ چىققان. مەن ھەر ئىككىسىنى تاللىمايمەن. مەن پەقەت بىر مەزگىل ئاز-تولا كىتاپ ئوقىدىم. مەشقلەندىم. تەپەككۈر قىلدىم. كىتاپ ئوقۇشنى تۇرمۇشۇمنىڭ بىر خىل شەكلىگە ئايلاندۇردۇم. مەن يەنىلا ئەدەبىياتنى ئەڭ سۆيىمەن. مەن يېقىندىن بۇيان خەنزۇچە ھېكايە يېزىشنى جاپالىق مەشق قىلىۋاتىمەن، خېلى يامان ئەمەس كېتىپ بارىدۇ. يېڭى ئىدارىگە يۆتكىلىپ كېلىپ تەرجىمانلىقتىن باش كۆتۈرەلمەيۋاتىمەن. پەلسەپە ئوينىغۇدەك ۋاقىتمۇ يوق. ھەم پەلسەپە بىلەن جەمىيەتشۇناسلىقنى مەن ئوينىمىساممۇ جۇڭگودىكى ھەممە ئادەم ئويناۋاتىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنچىلىك.

erxat1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 22:12:38

ئىنكاسلاغا قارىغن چاغدا ياخشى يىزىلغاندەك قىلدۇ.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 23:17:17

ما تېمىنى كۆرۈپ، بىزدە پىكىر ئەركىنلىكى بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.
خېلى ۋاقىتلار بولدى ئەمىليەتتە ئەمەس تور يۈزىدىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادىمۇ ئەركىن پىكىر قىلىپ باقمىغىلى.
دادامنىڭ دەپ بىرىشىچە بىر چاغلاردا ‹ ئېچىلىپ سايراش› دەپ بىر ھەركەت بوپتىكەن.
بەلكىم ئۇممۇنجان ئاشۇ ‹ ئېچىلىپ سايراش› نى لىپاپ ئىچىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ ‹ ئەركىن پىكىر › دەپ ئاتىغاندۇ. بىراق، ئەركىن پىكىر قىلىپ، يېڭى ئىدىيە يارىتىدىغانلار قانات قۇيرۇقلىرىغا ئوبدان بىر قارىۋەتسە ياخشى بولارمىكىن دەيمەن.
‹ قوش يۈزلۈك› كىنىشكاسى بارلار بولسا باشقا گەپ.

Western يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 16:21:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Western تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 16:24  

ئ وتتۇرا ئاسىيانىڭ قايتىدىن ئىقتىسادى چەمبەرگە كىرىشى يەرلىكلەرنى پۈتمەس پۇرسەتلەرگە ھامىلىدار قىلىدۇ.ئا.مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئالدىن كۆرگىنىدەك يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر دىيارى تەرەققىياتىغا ئىجابىيلىق قوشۇش بىلەن بىرگە،يەرلىك خەلققە تۈگىمەس ئىمكانلارنى سۇنىۋاتىدۇ.پايدىلىنالايدىغانلا نەرسىنىڭ ئىجابىيلىقىدىن پايدىلىنىش دېگەن نەزەرىيە بويىچە يېڭى يىپەك يولىدىن پايدىلىنىش مىللەتكە تاللاش پۇرسىتى بېرىشى مۇمكىن.دەل مۇشۇنداق ئىقتىسادىي پۇرسەت تولۇپ تاشقان ۋەزىيەتتە مۇۋاپىق، ئىلغار ئىدىيەگە ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم
  مەسچىتلەرگە تولۇپ كەتكەن پەرزەتلىرىمىزگە قاراپ پەرخىرلىنىۋاتىمىز،كەلگۈسىمىزدىن ئۆمۈدلىنىۋاتىمىزيۇ مەدەنىيەتتىكى چېكىنىشىمىز،تەرەققىياتتىكى گالۋاڭلىشىشىمىزغا قاراپ سەگىمەيۋاتىمىز.رادىكال ئەرەب ئىدىيەلىرىگە قۇل بولۇپ ياشاش دەۋرنىڭ ئىلگىرلىشى،ئۇچۇرلىشىش بورانلىرىدا ئەسلى يوقىلىشى كېرەك ئىدى.
    مۇغەمبەرلىكنىڭ يېڭى ئىدىيە بولىشى مۈمكىن ئەمەس ، ئۇنى يىڭى ئىدىيە دەپ چۈشەندۈرۈش مۇشۇ رىئاللىقتا ،بەزىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشى مۈمكىن ، ئىشنى بەك مۇرەككلەپلەشتۈرۋەتمەيلى ، دىيىلىۋاتقان گەپ بويىچە ئىلغار ئىدىيە تەرەققىي قىلغان يەرلەردىن كىلىدىكەن ،بىراق تەرەققىي قىلىۋاتقان جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغاپ ، ئىنسانپەرۋەرلىككە يات دەپ تەكىتلەۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارنى تىمىدا قالاقلىق دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ ، تەرەققىي قىلغان جايلاردىكى كىشىلەر ئەڭ پەسكەشلىك دەپ بىلىدىغان ئىشلارنى ئىلغار ئىدىيە بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپتۇ ، ھەتتا ئۆزىنىڭ توغرا ئۇچۇر ئىگىلەشكە مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە گەپلىرىنىمۇ بىر پۇڭغا يارىماس قىلىپ قويغاندەك قىلىدۇ ، نەدىكىن مەسچىتلەرگە توشۇپ كەتكەن بالىلار ؟ ، ئۇلۇغبەكنىڭ ئۆلىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرچۇ ؟ نەزەرىيەدە گەپ تىمىدىكىدەك دىيىلىدۇ بىراق مەنپەتكە ، تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلار ( تىمنىڭ يادىروسى شۇ ) دا قالاقلىقنىڭ ، گوردا سېسىپ تۈگەشكە تىگىشلىك قالاقلىقنىڭ ھېدى پۇراپ تۇردۇ ، ئېزىقتۇرۇش كۈچى بەكلا كۈچلۈك بۇنداق ساختىپەزلىكنىڭ ئېلغار ئىدىيە بولىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ، تىمىنىڭ ئەخلەت بولۇپ باھالىنىشى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ .

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 17:00:27

ئۇمۇنجاننىڭ   نىمە  دىمەكچى  بۇلغانلىقىنى بىلىش  ئۇچۇن  ئۇنىڭ  تېمىلىرىنى   باشتىن  ئۇقۇشقا  تۇغرا  كىلىدۇ   ئىشەنمىگەنلەر  سىناپ   بىقىڭلار:lol

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 17:42:23

مۇشۇنداق ئەخلەتلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشنىڭ مەقسىدى نىمىدۇ ئۇمۇن قارى؟

eqil1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 18:12:57

borhan730 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 22:31:26

ئاۋام ئىدىيە جەھەتتىن ناھايتى قاشاڭ كىلدۇ دەپتىكەن بېرى،
بۇ يەردە ئۇمۇنغا قارشى كەيپىيات بەك كۈچلۈككەن، ئۇمۇن نىمىلا دىسە ، مەيلى توغرا ياكى خاتا بولسۇن .توغرا چۈشەنچىدە بۇلالماي ھەركىم قارشى رەددىيەلەرگە كۈمىۋىتىشكە تەيياركەن، بۇ ماقالىڭىزنى ئۆز مەنپەئەتىگە تاقاپ چۈشۈنۈپ ئۇقۇپ باققانلار ئاز ئوخشايدۇ ،ئۇمۇن ئەپەندىم سىزگە ئاددى بىر تەۋسىيەرىم.مەن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقان ئىشتىن بىرنى سىزنىڭ سەمىڭىزگە سېلىپ قۇياي، ئېھتىيات قىلىڭ.  سىز بۇيەردىكى كىشىلەر ئارسىدا، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رەسۇلۇللاھتۇر ، دەپ سالماڭ ،

President يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 23:40:56

مەنچە مەزكۇر ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىدە مەسىلە يوق، ئەمما ئىدىيەسىنى بايان قىلىۋېتىپ، باش ئىدىيە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان مەسچىتنىڭ ئىشىنى قوشۇپ قويۇپ، ئەجەللىك بىر خاتالىق سادىر قىلغان.

پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ھەقىقىي قوبۇل قىلىنىش جەريانى ئىنتايىن ئۇزاق ۋە قان-قىسمەتكە تولغان بىر ئىش. ئەڭ يېقىنقى پاجىئە يېقىندا پارىژدا يۈز بەرگەن ئون نەچچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەدۇر. پىكىر ئەركىنلىكىنى ئاۋامغا سىڭدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئاۋامنىڭ مەدەنىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەلۋەتتە، ئاۋامنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بۇ ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى ئەمەس، ئەمما پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي شەرتلىرىدىن بولغان سىياسەت ۋە جەمئىيەتتە كەڭ قورساق ھەمدە ئېچىۋېتىلگەن كۆپ قىرلىق بىر مۇھىتنىڭ ھازىرلىنىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.

  ئەڭ قىسقىسى، كەڭ قورساق ۋە قارشى پىكىردىكىلەرنى قوبۇل قىلالايدىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ھازىرچە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن، بىر قەدەر كۆپ زىيالىيلار توپلانغان مەزكۇر مۇنبەردىمۇ  ئىسمىڭىز چىقىپ بولغۇچە ھاقارەت ۋە تەھدىتكە ئۇچرىشىڭىزنىڭ ئۆزىلا بىر ئاچچىق رىئاللىقنىڭ ئىسپاتى.

ھە راست، يازما يازغاندا «قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزىڭنى قىسىۋال» دېگەن ماقالنى ئازراق ئەسلەپ قۇيۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ھە دىسىلا بىر ئىلمىي(گەرچە ئىلمىي بولمىسىمۇ) ماقالە سۈپىتىدە يازغان نەرسىگە باشقىلارنىڭ ئىتىقادىغا باھا بېرىشكە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ كۆپىيىشى سىزنىڭ ماقالىڭىزنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى بەكلا بۇرمىلاپ قۇيىۋاتىدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 07:26:47

buyukturn يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 16:20 static/image/common/back.gif
ئومۇن بۇرادەرگە تەشەككۈر ،
داۋاملىق ئەخلەت تېما يازما ...

نىگۇلاس كېيج

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 08:30:41

ھەسەل يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 08:56:29

ئۇمۇن مىللەت ئالدىدا  مەسئۇليتىم بار دەپ قارغاچقا يىزۋاتىدۇ، گەرچە ياخشى دەپ كەتكىلى بۇلمىسىمۇ،شۇڭا تىللىساقمۇ كەمسىتىش خاراكتىرىبار گەپ -سۇزلەرنى قىلمىساق.

urkesh9 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 09:17:34

مەنچە مەزكۇر ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىدە مەسىلە يوق، ئەمما ئىدىيەسىنى بايان قىلىۋېتىپ، باش ئىدىيە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان مەسچىتنىڭ ئىشىنى قوشۇپ قويۇپ، ئەجەللىك بىر خاتالىق سادىر قىلغان
=================
ما گەپنىڭ جىنى با.  ئۇمۇن تېخى ئېنتايىن ياش. ئۇنىڭ ئېدىيىسىمۇ تېخى پىشىپ-يېتىلىش باسقۇچىدا.
ئۇنى ئۆزىڭىزگە سېلىشتۇرۇپ  نېمىلەرنى كەم ئويلىغىنىغا ئەمەس ئۆز يېشىدىكى ياشلارغا سېلىشتۇرۇپ نېمىلەرنى ئارتۇق ئويلىيالىغىنىغىمۇ قاراپ لىللا باھا بېرىش كېرەك.  موھىمى ھازىرقى شارائىتتا ئومۇننىڭ ئىجدىمائى مەسئولىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك تەپەككۈرى ھەقىقەتەن  قىممەتلىك.  ياشلاردىكى بۇ خىل تۇيغۇ ۋە تەپەككۈر قوللاش ۋە ئېلھامغا مۇھتاج.
دىن بىر مىللەتنىڭ يۈكسىلىش ۋە چېكىنىشىنى ئوخشاشلا ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ، بۇ دەل  مەسىلىنىڭ دىن ئۆزىدە ئەمەس دىنغا بولغان چۈشەنچىدە ئىكەنلىگىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئېدىيەدە يۈكسىلىش ئەڭ موھىم.
تەرەققىيات، مىللى مەۋجۇدلۇق دېگەندەك چوڭ -ئورتاق تېمىلارنى  دىنغا باغلىۋىلىش پۈتۈنلەي ھاجەتسىز.
دىن ھەر ئېنساننىڭ ئۆزىگە خاس روھى كەچۈرمىش ۋە ئېتقاد تۇيغۇلىرىنى ئاساس قىلىدىغان بىر خىل ئورتاقلىق.
تەرەققىيات ۋە مىللى مەۋجۇدلۇق دېگەنلەر بولسا تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر ئورتاقلىقلار ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان باشقا بىر بارلىق.  بۇنىڭغا ھە دېسە دىننى ئارلاشتۇرىۋىلىشنى ئىلغارلىق ئەمەس ئۇششاغلىق، قالاقلىق دېيىش كېرەك.
بۈگۈنكى دۇنيا ئېنسانلىرى يارىتىۋاتقان ئورتاقلىقنىڭ تۈرلۈك مەۋجۇدلۇق شەكىللىرىگە  ئېڭىمىزدىكى تار مىللى ئورتاقلىق ياكى دىنى قېرىنداشلىق چۈشەنچىلىرىمىزنى  سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىزمىز،  لېكىن بۇنى چۈشىنىشكە  مەجبۇرمىز.  

Western يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 10:14:11

  ئىزدىنىشنىڭ ، پىكىر قىلىشنىڭ قىممەتلىكىدە گەپ يوق ، بىراق جەمىيەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ياكى كىشەلەرنىڭ تونۇشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ، كىشىلەرنىڭ جەمىيەتنى چۈشىنىش تېرىشچانلقنى باشقا تەرپكە بۇرىۋېتىدىغان ‹‹پىكىر››نى قىلغاندىن كۆرە ئۆزىنىڭ نۇرمال تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن  نەچچە ھەسسە ياخشى ، مىللەت ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئېغىزدا دىيىش ئاسان بولغان بىلەن ،ھازىرقى شارائتتا  مىللەتكە زىيان سالماسلىقنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش ،‹‹ ئاۋام ئىدىيە جەھەتتە قاشاڭ كىلىدۇ ›› دىگەندەك نەرسىلەر، قانغا سىڭىپ كەتكەن قۇللۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، نۇرغۇن كىشىلەر بېسىمىسز مەلۇم ئىدىيە ياكى نەرسىنى خاتا دەپ قارىغان بولسا ، سىز  بۇنداق بىر تاللاشنى توغرا چۈشنىپ ، توغرا بىر تەرەپ قىلالىسىڭىز ، بۇنداق قىلمىشنىڭ ئۆزى ئىلغارلىق بولىدۇ  ، ئەكسىچە بولغاندا ئۇ مۇشۇ زىمندا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە ئۇزاق ۋاقىتتىن بىرى يامان تەسىر كۆرسىتىپ قىلىۋاتقان قالاقلىق بولىدۇ ، بىر قىسىم كىشىلەر ئىتىقادنى ئۆز مەيلىچە پۈچەكلەشتۈرگەنگە ئوخشاش ، تەرققىيات دىگەندەك ئوقۇملارنىمۇ پۈچەكلەشتۈرۋاتىدۇ ، زىيالىلاردىكى خۇراپىلىق كىشىلەرنىڭ دېققىتنى قوزغىدى ، بۇنىڭ ئۆزى شۇ  تەرەققىيات ، ئىلغار ئىدىيە .

urkesh9 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 10:50:44

Western يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 10:14 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشنىڭ ، پىكىر قىلىشنىڭ قىممەتلىكىدە گەپ يوق ، ب ...

بىر ئادەمنىڭ ئېدىيىسى ۋە پىكىرى بەلكى جەمىيەتكە بېۋاستە ياخشىلىق ئەكىلەلمىسىمۇ  ئەمما نۇرغۇن ئادەمنىڭ  پىكىر-مۇلاھىزە قىلىشىغا سەۋەپ بولىشى تامامەن مۈمكىن بىر ئەھۋال.  پىكىر دۇنياسىدا دەل شۇنداق پىكىرگە سەۋەپ بولالايدىغان پىكىرلەرمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. پىكىر مۇنبەرلىرى بولسا  بىر كوللىكتىپ سۈپىتىدە  ئۇمۇنغا ئوخشاش پىكىر قىلىشتا ئاكتىپ، ئىلغارلىققا ئېنتىلىدىغان ياشلارنى خۇددى ئائىلىدە بالىمىزنى پىكىر قىلىشقا دەۋەت قىلغان ۋە يېتەكلىگەندەكلا يېتەكلەش ئىقتىدارى بولىشى كېرەك.  بولسا ھەرئادەمنى پىكىر قىلغۇزۇپ  پىكىرلەردىن كونكىرىت مەسىلىنى توغرا ھەل قىلالايدىغان ئىلغار ئېدىيىنى يەكۈنلەپ چىقىرالايدىغان  كوللىكتىپ ھەمكارلىقبولىشى كېرەك. بىر سۈپەتلىك مەھسۇلاتنىڭ، بىر ياخشى نەتىجىنىڭ شۇنداقلا  بىر ئىلغار ئېدىيەنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ ئوخشاشلا كوللىكتىپ ھەمكارلىق روھىدىن ئايرىلالمايدۇ.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 11:10:48

بىر توپ لۈكچەكلەردىن ئۆلگۈدەك تاياق يەپ, ئاران كېتىۋاتقان كىشىگە كىچىك بالىدىن بىرسى كېلىپ ئويناۋاتقان چىۋىقى بىلەن گەدىنىگە كېلىشتۈرۈپ نەچچىنى ئۇرۇۋەتسە, ئاۋۇ لۈكچەكلەردىن يېگەن تاياقتىن بەكرەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. بوزەك قىلمىغان سەن قالغانمىدىڭ دەپ كۆتىگە نەچچىنى تېپىۋېتىپمۇ قالىدۇ.  بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ كىشىنى ئەيىبلەپ, كىچىكلەرنى ئىززەتلەيلى, چىرايلىق چۈشەندۈرەيلى, دەپ قۇرۇق نەسىھەت قىلغۇچە, ئا كىچىك بالىنىڭ قۇلىقىنى سوزۇپ«ما ئادەمنىڭ يېگەن تايىقىمۇ يېتەر, سەن بولساڭمۇ چىۋىقىڭنى شىلتىماي, بېرىپ ئات ئېتىپ ئوينا» دەپ, نەسىھەتنىڭ جايىنى تېپىش سەل ئەۋزەلمىكىن.
ئۇيغۇربەگنىڭ پارىژدىكى  ۋەقەنى پىكىر ئەركىنلىكىگە, پىكىر ئەركىنلىكىنى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە باغلىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. گەرچە ئۇ ۋەقەنى توغرا دەپ قارىمىساممۇ ئاساسلىق سەۋەبكارى يەنىلا شۇ ژۇرنال . پىكىر ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپ باشقىلارنىڭ ئېتىقادىغا ھاقارەت قىلىدىغان  بۇنداق قوش ئۆلچەملىك  ئويۇنلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئۆسۈپ چېكىگە يەتسىمۇ ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇمۇننىڭ نەچچە  ۋاقىتتتىن بۇيان قىلىۋاتقانلىرى ئاۋۇ ژۇرنالنىڭ قىلغانلىرى بىلەن ئوخشاش.  پىكىر ئەركىنلىكى, ئىدىيە ئەركىنلىكى...دەپ جار سالغان بىلەن  بىزنىڭ پىكىر, ئىدىيەلىرىمىزگە ھاقارەت, مەسخىرە قىلمىغان ئىنكاس تېمىلىرى يوق دېيەرلىك.
يەنە بىرسى ئوخشاش گەپنىڭ ئىگىسى ئوخشىمىسا باشقىلارنىڭ ھېس قىلىدىغىنىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن : مەۋلانا ئۇستاز بىلەن ئۇمۇن ياكى ئىلتەرىشلەر «دىندا ئاشقۇنلۇقتىن ساقلىنايلى » دېگەن گەپنى قىلدى, لېكىن ھەممەيلەن بىلىدۇكى ئىككى تەرەپنىڭ مەقسىتى ئاسمان زېمىىن پەرق قىلىدۇ.  ئۇمۇنمۇ ئىزدىنىش ئەھلىگە تونۇشلۇق,  تۇتقان يولى ھەممىگە ئايان. ئىلغار ئىدىيە, دوگما ئىدىيە, ئىدىيەنى ئازاد قىلىش, چەكلىمىلەرنى بۇزۇش ...دېگەن سۆزلىرىنىڭ نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىمۇ بىز ھېس قىلالمىغۇدەك نەرسىلەر ئەمەس, بۇ گەپلەرنىڭ نەرى خاتا دەپ تۇرۇۋالسا قەستەن خۇپسەنلىك قىلىۋاتقانلىقتەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 12:13:28

borhan730 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 22:31 static/image/common/back.gif
ئاۋام ئىدىيە جەھەتتىن ناھايتى قاشاڭ كىلدۇ دەپتىكەن بې ...

بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ ئۇكا،قاشقا چىقىۋېلىپ سۇدا تۇنجۇقىۋاتقانلارغا قۇرۇق سەپ-سەتە بىلەن ياردەم قىغىلى بولمايدۇ،مىللەت ئۈچۈن باش قاتۇرغان بولسا مىللەتنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىشمۇ ئەڭ چوڭ ياردەم،بۇ مۇنبەر بىركىملەرنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان،مۇھاكىمە ماقالىسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن يازما يازىدىغان تاپشۇرۇق دەپتىرىمۇ ئەمەس،ئۇيغۇرلارنى بەك دۆت چاغلاپ قالغان بىر قىسىم چۈپرەندىلەرنىڭ بازىرىمۇ ئەمەس....شۇڭا ھەركىم ئاۋال بىلىم ئىگەللەش لازىم،چولتا بىلىمىنى بازارغا سېلىپ ئۆزىنىمۇ باشقىلارنىمۇ كۆڭۈل ئاغرىقىغا سۆرەپ يۈرۈشنىڭ پايدىسى يوق،ھە راست ئۇكا ئاۋۇ گەپنى دىگەن ئادەم قانداق ئادەم بىلەمسەن؟ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغان مۇسۇلمان ئادەم،ئۇ شۇ گەپنى قىلغانكەن مەيلى ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا دىسۇن ياكى ھەقىقى ئىمان ئېيتىقان بولسۇن مۇسۇلمان دەپ قارىلىدۇ،قەلبى ئاللاغا تاپشۇرىلىدۇ.... ئەگەر ئۇمۇن قارىمۇ مەن مۇسۇلمان دەپ ئويلىسا ئەلۋەتتە شۇنداق دىيىشى كىرەك،بولمىسا مۇسۇلمان ھالىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باش قاتۇرىۋتىمەن دەپ ئەخلەت ئازگىلىدا ئۆمىلەپ يۈرمىگەن بولاتتى،بەك ئىچىڭىز ئاغرىپ كەتكەن بولسا بۇ دۇۇنيادىكى ئېيتىشقا ئاسان لىكىن ۋەزنى دۇنياغا تەڭ كىلىدىغان بۇ سۆزنى ئويۇن ئورنىدا ئىشلەتمەي باشقىچە ئۇسۇلدا مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ،
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8 9 10 11 12 13
: پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىڭى ئىدىيە(ئۇمۇن)