SATAN يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 13:50:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SATAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 14:11  

ھەق بىلەن ناھەق ، راس بىلەن يالغان ، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئاستىن ئۇستۇن قىلىنىپ تەتۇر تەشۋىقات يۇرگۇزىلىۋاتقان  بۇگۇنكى كۇندە  ئىنسانلارغا پىكىر ئەركىنلىكى خۇددى كۇزى ناچار ئادەمگە كۆز ئەينەك زۇرۇر بولغاندەكلەم زۇرۇر  .
پىتنە تېرىغۇچىلار  ئىنسانلارنىڭ ئارىسىغا زىدىيەت سېلىشتا سىلەرنىڭ  كۇنۇپ كەتكەن قىممەت قارىشىڭلارغا باغلاپ تۇرۇپ پىتنە تارقىتىدۇ  .  دىندا يۇرىتۋازلىق ئۇچۇق  چەكلەنسىمۇ لىكىن پىتنە تېرىغۇچىلار يۇرىت سۆيگۇسىگە دائىر بىر قىسىم مەزمۇنلارنى   كۇتۇرۇپ چىقىپ ئۇنى قەستەن بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىپ كىشلەرنى يۇرىتۋازلىق جىدىلىگە پاتۇرۇپ قۇيالايدۇ .  دىندا ئۆز قەۋىمىنى سۇيۇش ئۆز قەۋىمىگە مەسئۇل بۇلۇش تەشەببۇس قىلىنسىمۇ  پىتنە تېرىغۇچىلار سەلبى مىللەتچىلىككە دائىر مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تېپىىپ ئۇنى كۇچەپ  تەشۋىق قىلىپ زىدىيەت تېرىپ   مىللەتنى  مىللەت سۇپىتىدە ئۇيۇشالـمايدىغان ماڭقۇرىت قىلىپ قۇيالايدۇ .
ئۆزىڭلارنىڭ كۇنۇپ كەتكەن قىممەت قارىشىڭلارغا چىڭ چاپلىشىۋېلىش  سىلەرگىلام  مۇھىم  بۇلۇپ قاالـماستىن بەلىكى  سىلەرنىڭ ئۇستۇڭلاردىن  ھۆكۇمىترانلىق يۇرگۇزىۋاتقا گوروھلارغىمۇ بەك مۇھىم    .  ئۇلار دەل مۇشۇ سىلەرنىڭ  قېلىپلىشىپ كەتكەن كۇنۇك قىممەت قارىشىڭلار ئارقىلىق سىەرنى كونتىرۆل قىلىش مەخسىدىگە ئاسانلام يىتەلەيدۇ  .
ئەركىن پىكىر ئىنساننى قېلىپنى بۇزۇپ تاشلاشقا رەقىبىنىڭ كونتىوللىغىدىن بۇسۇپ چىقىپ كىتىشكە ئاپىرىدۇ .
بىلسەڭلار ئەركىن پىكىردىن سىلەردىن بەكەرەك سىلەرنى كونتىرول قىلىۋاتقانلار  قورقۇدۇ .
ئۇلار  ھەر دائىم ھەر ئاماللار بىلەن سىلەرنى مەلۇم قېلىپقا كىرگۇزۇشكە ھەركەت قىلىدۇ  .  قانداقلام بىر قېلىپقا كىرىڭلار  سىلەر شۇ قېلىپقا كىرگەن ھامان رەقىبىڭلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىسىلەر  .

eqil1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 14:27:35

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 14:44:29

بەزەنلەر  يىڭى  ئىسىمدا  كىرىپ  ئەلانى  دەسسىگىلى  تۇرۇپتۇ..:lol

adleer يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 15:05:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adleer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 15:16  

ئېشىگى ئۆلسە كۆتى غىجەك تارتىپتۇ.
ئاتىسى ئۆلسە توردا ھازا ئېچىپتۇ.

بىر كىشىنىڭ ئۆلۈم مۇسبىتىنىمۇ توغرا-خاتا ئايرىپ توردا مۇنازىرە قىلىپ، كىشلەر جان قايغۇسىدا يۈرسە ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغاندەك خۇپسەن بولىۋېلىپ توردا ئويۇن ئويناپ، دىننى ئەمەس بېشىڭلىدىكى دوپپا، ياغلىقنى قوغدىيالمايغان جېنىڭلىغا توردا دىننىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ ئەجىبا دىننىڭ قوغداڭلار دىمىگەنمىتى دەپ...

سانائەت ئىنقىلابى 4.0 دەۋرى يىتىپ كەلگىلى قوپتى. بۈگۈنكى كۈن 2015-يىلى بولسىمۇ، ئەمما بۇ تارىختىكى 1840-يىلدىن ئىلگىرىكى ئاشۇ دەۋرگە ئوخشايدۇ.
تۇنجى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى كالا ھارۋىسىدا ماڭغانلارنى قانداق شاللىغان بولسا شۇنداق شاللاشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.
دۇنيانىڭ زاۋۇتى دېيىلگەن جۇڭگو بولسۇن ياكى ياۋرو-ئامېرىكىدىكى زاۋۇت-كارخانىلار بولسۇن سانائەت ئىنقىلابى 4.0 نىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

سىلەر توردا روسىيەنى تىللاپ ئامېرىكىنى قۇتقازغۇچىدەك ئىنتىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئامېرىكىدا زاۋۇتلارنىڭ ۋەيران بولۇش قەدىمى تارىخىتىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېز بولۇپ ئىشسىزلىق نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى،  ئىشسىزلىق پۈتۈن ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ 30% دىن ئېشىپ كەتتى.

غەرب دىيىلگەن غەربى ياۋروپادىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىن سانائەت ئىنقىلابىنى ئوتتۇرىغا قويغان گېرمانىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقىلىرىنىڭمۇ ئىشسىزلىق نىسبىتى 15% كە يېقىنلىشىۋاتىدۇ. ۋېنسۇئېلانىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ 70% كە يېتىپ نېفىت ھېچنىمىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدى.
يەرشارىلىشىشتىن كېيىنكى سانائەت ئىنقىلابى 4.0 پۈتۈن دۇنياغا خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.


تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان بىرى رىياسەتچىلىكنى بازارلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەركىن لېكسىيە كەسپىگە قەدەم قويسا ئۇنىڭغىمۇ مىللىيلىك دەپ ئېسىلىپ بىراۋنىڭ بازار ئېچىش ئەركىنلىكىگە ئارلىشىپ.
ھەممە ئىدىئولوگىيە، ھەممە نەرسىنىڭ چوقۇم توغرا-خاتاسى بولىدىغاندەك ھەممە نەرسىنىڭ توغرا خاتاسىنى ئايرىپ، مۇنازىرە قىلىپ قەيەرگە بارارسىلەر.

دۇنيادا توردا مۇنازىرە قىلىپ تەرەققىي قىلغان قايسى بىر مىللەت ياكى كارخانا باردۇ؟
توربەتنىڭ ئېلان كىرىمى قىلىشى، تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خۇسۇسىي شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ  سەنئەت پروگراممىسى ئارقىلىق ئېلان كىرىمى قىلىشىغىچە قارشى تۇرۇپ كەلدىڭلار..
بىر شىركەت قۇرۇشنى بىلمەيسىلەر، بۈگۈنكى ئامېرىكا- ياۋروپادىكىدىن تارتىپ ھەممىسى دۇنيادا قانچە پىرسەنىت داڭلىق ماركا مەھسۇلاتىنى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىدۇ ؟ بۇنى ئەسلا بىلمەيسىلەر، ئالمىدەك شۇنداق كۈچلۈك شىركەتتىن تارتىپ مەھسۇلاتىنى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىدۇ، يالغۇز ئالمىلا ئەمەس ياۋرو-ئامېرىكىلىق خىرىستىئانلارنىڭ ئىنجىلسىمۇ جۇڭگودا بېسىلىدۇ، دۇنيادا «جۇڭگودا ياسالغان» قانچىلىك نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ؟
بۇنى بىلمەيسىلەر، لىكىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىپ ئىچكىردىن مال كىرگۈزىشىنى قوبۇل قىلالمايسىلەر،
ياۋرو-ئامېرىكىدىكى قانچىلىك ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى شىركەت بۈگۈنكى كۈندە ۋەيران بولىۋاتىدۇ.

(ئەگەر بىرەر شىركەت تېلۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ باشقا پروگرامما ئىشلىسە يەنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، سىلەرگە ئاز ساندىكىلىرىڭلارغا ياققان بىلەن كىرىم بولامدۇ، قايسىڭلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكا فىلىمى ئىشلەپتۇ دەپ ئېلان بىرىسىلەر» ....ھەممە نەرسىنىڭ توغرا-خاتاسىنى ئايرىپ ئۇيغۇرچە ئوتوپىيە ئىدىيەڭلاردا ياشاۋەرمەڭلار...

مىراسخور فىلىمىدىكى ئەسمەتخاننىڭ ياقۇپ سېنى شەھەر يەپ كېتىپتۇ دىگىنىدەك، سانائەت ئىنقىلابى 4.0 تېزلا يۈتۈپ كېتىدۇ.

توردا مۇنازىرە قىلىپ مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ پەقەت پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى خالاس.
بۈگۈنكى كۈندە ئەرەبچە ياكى ئىبرايچە ئىسىم قويىۋالغانغا مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ، ئۇيغۇردا دىنسىز، ئاتسىت، سوتسىيالىت، ماركىست، سىكىيۇلار ھەممىسى تېپىلىدۇ.
شۇڭا پىكىر ئەركىنلىنكى ياقىلىغۇچىلار ياكى ئىنكاستا قوللىغۇچىلار ئاۋال ئۆزۈڭلارنىڭ ئىدىئولوگىيە سالاھىيىتىڭلارنى، ئىدىئولوگىيە مەيدانىڭلارنى ئېنىق قىلىۋېتىڭلار.
قوش يۈزلۈك سالاھىيەتتە يوغان پاراڭ سېلىپ خۇددى بۈگۈن ئەتىلا چىقىپ مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرىۋېتىدىغاندەك يۈكسەك ئوتوپىيەچە پاراڭ قىلماي، ئاددى پاراڭ قىلىڭلار.


تورغا چىقىۋېلىپ دىنىنى قوغدايدىغان نوچى ياكى مىللىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان نوچى ھەقاچان بېشىدىكى دوپپىسىغا ياكى ياغلىقىغا ئىگە بولالمايدۇ. ئاناق بولغانكىن ئۆزۈڭلار بەك-بەكلا ئاجىز شەخىس بولغانكىن، ئۆز تەبىقە سالاھىيىتىڭلارغا ماس پاراڭ قىلىشنى ئۆگىنىڭلار.
مۇنبەردە مۇنازىرە قىلىپ مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ.
پەلسەپە، جەمىيەتشۇناسلىق دىگەن پەقەت ياۋروپادىكى باشقا خىزمەت تاپالماي ياكى باشقا قىزىقىشى يوق شۇ ساھەگە قىزىقىپ قالغان سانسىزلارنىڭ كاسىلدىشىدىن ئىدىئولوگىيەلىك پاراڭلار ئاۋۇپ قالغان كەسىپ، قىلاي دىسە پاراڭ تولا.....ئۇلار يا كوبى بىريانىت، مېسسى، رونالدودەك يۇقىرى مائاش ئالالمايدۇ ياكى سىتىۋ جوبىس، تىم كۇكتەك كارخانا باشقۇرۇپ يېڭىلىق يارىتالمايدۇ، ياكى ناخشىچىلار-ئارتىسلاردەك تاماشىبىن جەلىپ قىلىپ كىرىم يارىتالمايدۇ.
خۇددى ئۇيغۇردا بىر نان ئۈچۈن موزدۇز، ناۋايلىق قىلىۋاتقان كىشى بولغىنىدەك، ياۋرو-ئامېرىكىدا شۇ بىر نانغا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىچە يول تاللىغان كىشلەر يىغىلغان ساھە خالاس.
پەلسەپە، جەمىيەتشۇناسلىق ياكى مۇۋاپىقىيەت ئىلىمى بولسۇن قايسى بىرىدە ئوىشاشلا لېكسىيە سۆزلەش ئىلغار پىكىر بايان قىلىش تەس ئىش ئەمەس. شۇڭا بەك ھاياجانلىنىپ كەتمىگۈلۈك.

لاڭ شىيەنپىڭ ئىسىملىك كاسكىمۇ ئەدەبىياتنىڭ ئىقتىسادى خەۋەر دىگەن تۈرى بويىچە كىشلەرنى ھاياجانلاندۇرۇپ لېكسىيە سۆزلەپ كىرىم قىلالىسىمۇ، ئەمما ئۇ مايۈندەك ياكى رادىل ئابلادەك بىر شىركەتنى باشقۇرالمايدۇ.
چۈنكى ئېغىزدا شەھەر ئالماق دەيدىغان بىر گەپ بار، يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك پۈتۈن دۇنيا خاراكتىرلىك ئىشسىزلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولغاچ، دۇنيادىكى ھەممە دۆلەت پۇقراسى ئىشسىزلىق مەسىلىسى سەۋەب ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسەتلىرىدىن نارازى، دەل شۇنداق نارازى بولىدىغان توپلام كۆپ بولغانلىقتىن ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتە خاراكتىرلىك بايانلار جەمىيەتتە ئاسان قارشى ئېلىنىدۇ.
سىز ئىقتىساد ساھەسىدە لاڭ شىيەنپىڭنى ئۆكتە بايانلىرىغا قىزىقسىڭىز، يەنە بىر سىياسىي ساھەدە ئۆكتە ھۆكۈمەتكە قوپىغاننىڭ يەنى ئوقۇرمەننىڭ ياقتۇرماسلىق ھېسىياتىغا مايىل نۇقتىنى بايان قىلسىڭىزلا بولىدۇ....

شۇنىڭدەكلا ئۇيغۇر دۇنياسىدا مۇۋاپىقىيەتلىك لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇرنى چۈشۈرۈپ ئەمەس بەلكى قۇرۇق ئىمىزگە سېلىپ ھاياجانلاندۇرۇپ بەرسە بۇنداق لېكسىيەچى، ماقالىچى ئاسانلا مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ. مىسالى سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تۈركنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، تۈركىيەنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن، نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقان يېزا-قىشلاقتىن شەھەرگە كىرىپ باقمىغان، ھەتتا ئۈرۈمچىنى بىلەمدۇ-يوق ئۇنىسى نامەلۇم، ھەتتا تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەمۇ ياكى ئىستانبۇل ئۇنىمۇ پەرقلەندۈرەلمەيغانلار نۇرغۇن، ھەتتا  1950-يىللاردىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخىنى بىلىغان، تۈركنىڭ مۇشۇ يەردىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدىغان ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى بىلمەيدىغانلار ئىچىدە ناھايىتى ئاز ساندا، چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ ئاساسىي يادروسىنى تەشكىل قىلغان 70-80% كىشى دېھقان ، ئۇلار سىزدەك تور ئويناپ يۈرمەيدۇ، دەل شۇنىڭدەك تۈركىيەدىمۇ ئۆمىرىدە ئىستانبۇلغا بېرىپ باقمىغان، پەقەت تېلۋىزوردىن كۆرۈپ باققان، ئۆمۈرىدە ئۆزىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىن شەھەر ئاتلاپ باقمىغان تۈركمۇ نۇرغۇن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلسىغا بېرىپ باقمىغاندەكلا، دۇنيادا ئۇيغۇرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېتىشىمۇ ناتايىن، ئاتايىتىن مەخسۇس ئۇيغۇرغا ئائىت تارىخ دەرسلىكى ئوقۇپ يۈرمىگەن بولسىلا، خەقمۇ ئۇيغۇرنى بىلمەيدۇ، لىكىن سىز خەقنى ھاياجانلاندۇرۇپ ئۆتەپ تېشىپ تۈركىيەدە سىزگە ياردەم قىلغان بىرەر ئىستانبۇللۇق ياكى ئەنقەرەلىكنىڭ بايانلىرىغا ھاياجانلىنىپ كېتىپ پۈتۈن تۈرك ئۇيغۇرنى تونۇيدۇ بىلىدۇ دەپ يازسىڭىز ناھايىتى ئاسانلا قارشى ئېلىنىسىز.
گەپنىڭ پوسكاللىسى مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن ئوقۇرمەننىڭ ھېسىياتىغا مايىل نۇقتىنى چىقىش قىلىپ لېكسىيە سۆزلەش تەس ئەمەس.
ئەمما توردا مۇنازىرە قىلىپ تەرەققىي قىلغىلى بولمايدۇ.
شۇڭا بەك ئۇيغۇرچە ئوتوپىيە پاراڭ قىلماي، ئۆز شەخىس سالاھىيىتىڭلارغا خاس يىنىك پاراڭ قىلىپ ئويناڭلار.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 15:19:08

adleer يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 15:05 static/image/common/back.gif
ئېشىگى ئۆلسە كۆتى غىجەك تارتىپتۇ.
ئاتىسى ئۆلسە توردا ھ ...

ھازىر توردىن ئاختۇرۇپ كۆردۈم.ئامرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسپىتى 6%دىن،گىرمانىيەنىڭ 5 %دىن تۈۋەنكەن.
ۋىنسۇئىلانىڭمۇ 8% ئەتراپىدا ئىكەن.

adleer يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 15:26:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adleer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 15:32  

بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 33% كە يەتتى. 1970-يىللاردىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى.
ۋېنسۇئېلانىڭ پۇل پاخاللىقى بىلەن ئالماشتۇرىۋالدىممۇ قايداق، لىكىن ئىقتىسادى ئەھۋالى بەك ناچار ئىكەنلىكى ئېنىق.
گېرمانىيە شۇ ياۋروپا بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئىشسىزلىق نىسبىتىدىكى دۆلەت، لىكىن 12% نامرات ئاھالە بار.
گېرمانىيە ياۋروپانىڭ ماتورى، گېرمانىيەدىن سىرت باشقا دۆلەتنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى خېلى يۇقىرى.

美国劳工局:33%美国人失业 创1978年来新纪录

http://finance.eastmoney.com/news/1351,20150309484110147.html

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 15:29:33

adleer يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 15:26 static/image/common/back.gif
بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 33% كە يەتتى. 1970-يى ...

ھۈكىمىتى ۋەيران بولغان گىرىتسىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسپىتى 22-23% ئەتراپىدىكەن.
ياۋرۇپا ئىتپاقىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشسىزلىق نىسپىتى 10 % ئەتراپىدىكەن.
ئەگەر سانلىق قىممىتىڭىزنىڭ مەنبەسى بولسا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.

adleer يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 15:42:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adleer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 15:45  

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلمۇ ئەنقەرە؟
ئسىتانبۇلدا قىش بولامدۇ، شامال قايسى يۆنىلىشكە چىقىدۇ. ئاتا تۈرك سارىيىغا نەچچىنچى يول كوچا ئابتوبۇسى بارىدۇ؟

تۈركىيەنىڭ خۇددى قۇمۇلنىڭ ئارتۈرك، غۇلجىنىڭ قاينۇق، كېرىيە، نىيە، قەشقەر، ئاقسۇنىڭ چەت-يېزا قىشلاقلىرىدىكى ئاددى دېھقان، ھۈنەرۋەن، كاسىپلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى خىزمەتچىلىرىدىن سوراپ كۆرۈپ بېقىڭلار.

ئىچىڭلار پۇشسا دۇنيا خەرىتىسىدىن ئىزدىگىلى بولىغان ئىستانبۇل، ئەنقەرە ئىككىلا يەردە ياشىماي، خەرىتىدىن تېپىلمايغان يەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ بېقىڭلار.
پاراڭلار يىنىك يىنىك بولسۇن...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 15:44:55

ماقا

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 15:45:11

adleer يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 15:26 static/image/common/back.gif
بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 33% كە يەتتى. 1970-يى ...

ھىم
مۇشۇ باھانىدە ئىشسىزلىق نىسپىتىنى ھىساپلاش توغرىسىدا خېلى بىر نىمىلەرنى بىلىۋالدىم:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 15:49:33

ماقالىدىن ئىككى ئابزاس ئوقۇپ بولدۇم
ئۇلۇغبەك بىلىمىگە ھەسەت قىلىنىپ ئەمەس ھوقوق كۈرىشىدە ئۆلگەندەك قىلىدۇغۇ:funk:

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 15:57:55

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 15:49 static/image/common/back.gif
ماقالىدىن ئىككى ئابزاس ئوقۇپ بولدۇم
ئۇلۇغبەك بىلىمىگە ...

ھوقۇق كۈرىشى ئامىلىمۇ بار.دىنى جەمىيەت تەرىپىدىن ئاسمانغا قاراپ جادىگەرلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ كۈشكەرتىلگەن.دىنى جەمىيەت بىلەن دىن ئوتتۇرسىدا پەرىق بار.دىن تەرىپىدىن دىمىدىم دىنى جەمىيەت دىدىم.«خاتا چۈشۈنۈشكە ئارانلا تۇرىۋاتقان ئۈچۈن ئەسكەرتىش بىرىلدى«

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 16:03:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 16:20  

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 15:45 static/image/common/back.gif
ھىم
مۇشۇ باھانىدە ئىشسىزلىق نىسپىتىنى ھىساپلاش توغرى ...

ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنى مانچىگە "يەتتى" دېسە تېخى سىتاتىستىكا قىلىدىغان ئورۇننىڭ خادىمى ئېلان قىلغان سان ئوخشايدۇ دەپ، ھەجەپ مەن بىلمەي قاپتىمەن دەپ ئاختۇرۇپ كېتىپتىمەن تېخى :lol
ما ماقالە ئىلمىي ماقالىمىش ئۇيغۇربەگنىڭ گېپىدىن قارىغاندا... بىر يەرلىرى تور باشقۇرغۇچىلىرىغا يېزىلغان ئەرزنامىدەك بىلىندى.  باشقىلارنى كەمسىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرگە باشمالتاق تۆۋەنگە قارىغان ئىپادىنى باساي دېسەم كۆرۈنمىدى. ئۆزىنىڭ نېمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلگۈدەك سەۋىيەگە كەلمىگەن ئادەملەرگە ئادەتتە باشقىلار تولىمۇ بىلىمسىز بىلىنىدۇ.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 16:12:20

ئۆز ئىدىيىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان بولساممۇ جەمىيەت كۈزىتىشىدە ئەتراپىمغا پوزىتىپ قارايمەن.دىنغا قارشى ھاقارەت قىلىپ باقمىدىم.ھاقارەت قىلغان بولسام پاكىت تەلەپ قىلىمەن.مەن پەقەت ئۆز پەنجىرەمدىن جەمىيەتنى كۈزۈتۈپ كىلىۋاتقان يەككە شەخىس.مەسىلىلەرگە ئەقىل ۋە دەلىل بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن.ھىسسى ھاياجان تىپلىق دوگمىلار بىلەن خوشۇم يوق.سىياسەت ياكى ئىقتىسادقا ئوخشاش ئاساسىي سىستىمىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسام دىنغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن.تەرەققىياتىمىزدىكى قاتماللىقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقتىن كۆرگىنىمگە ئوخشاش دىننى جەھەتتىكى قاتماللىشىشتىنمۇ كۆرىمەن.بىر مەسىلىنىڭ بىر تاللا سەۋەبى بولىشى ناتايىن.ھەتتا سەۋەبى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 16:21:35

بىلگەجان سىز بۇ مەسىلىلەرگە چات كىرىدىغان سەۋيىدە ئەمەس.ئەڭ ياخشىسى سىز تاشپۇلاتكامدىن تىخىمۇ ياخشى تەربىيە ئىلىش ئۈچۈن تىرىشىڭ.مەن گىنىتىكاشۇناسلىقتا بىر ئۆمۈر تىرىشساممۇ بىر ئىلمىي ماقالە يازالماسلىقىم مومكىن.ئوخشاش شەكىلدە قاتمال كاللىڭىزنى بىر ئۆمۈر ئىشلەتسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكى،نەگە كىتىپ بارغانلىقىڭىز ئۈستىدە ئوچۇق بىر پىكىرگە كىلەلمەيسىز.
مەن ئىلمىي ماقالە يازمىدىم.بۇ خىلدىكى ماقالىلەر پەقەت ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش  بىلەنلا تۈگەيدۇ. دىن ھەققىدە ئانتىرپولوگىيىلىك ۋە سوسيولوگىيىلىك چۈشەنچىلەر يۇغرۇلغان ئىلمىي ماقالىگە يازغان لاۋزا ئىنكاسىڭىزغا قاراپلا ئىلمىي ماقالە تۇتقان پوزىتسىيىرىڭىزنى ۋە ئەقلى ئىقتىدارىڭىزنى دەڭسەپ بولغانمەن.
پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن دۆلەت سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەككە شەخىسلەر بىلەن  پىكىر ئەركىنلىكى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئايرىيالمىغىدەك دەرىجىدە تۇرۇپ ئىدىيە توغۇرسىدە ئىنكاس يىزىشىڭىز قىززىقارلىق.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 16:21:43

ئۇمۇن ئۇكا، ماۋۇ: «ئىلغار ئىددىيە » دىگەن سۆزىڭىزگە ئىزاھات بېرىۋەتمەمسىز، قانداق ئىددىيە ئىلغار ئىددىيە بولىدۇ؟ مۇشۇ سۇئاالغا جاۋابىڭزىنى كۈتۈپ كۆزلەر 4 بولدى .{:90:}

adleer يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 16:23:48

ئۇيغۇرلار غەرب ئاخبارات خەاۋىرىگە بەك چوقىنىدۇ ئەمەسمۇ.
خۇددى ئۇلار ئويۇن ئوينىمايغاندەك...

بۇمۇ پۇتىن ئۆلدى دەپ ئېلان قىلغان، ياۋرو-ئامېرىكا «ئەزرائىل» ئاخبارات تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدەكلا، شۇناق تاراتقۇ خەۋىرى خالاس.
ئۇ سانلار مەيلى سىتاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلسۇن ياكى تاراتقۇ ئېلان قىلسۇن، ماھىيەتتە 10 % بىلەن 20% نىڭ پەرقى يوق.
چۈنكى قانچە پىرسەنىت بولسا ئىىشسىزلىق نىترال ھېسابلىنىدۇ دەيدىغان كوردىنات ئۆلچەم بولمىغانكىن.
مەيلى 5% بولسۇن ياكى 10% بولسۇن، ئۇ پەقەت شۇ دۆلەت جەمىيىتىدىمۇ ھەرخىل ھادىسىنىڭ شۇ % كىشىلەرگە باغلىنىپ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
پۇتىن ئۆلدى دەپ خەۋەر قىلغان غەرب ئەزرائىل تاراتقۇسىمۇ كىرىم قىلىشى كېرەك، ئاۋۇ مۇخبىرمۇ جان بېقىشى كېرەك بولغانلىقتىن، ئاشۇنداق ئەزرائىل تاراتقۇسى ئۆزىلا سىتاتىستىكا ئىدارىسىغا ۋاكالىتەن ئېلان قىلىۋېتىدۇ.
ئۇ پەقەت بىر خەۋەر خالاس.
ئۇيغۇرلار غەرب تاراتقۇسىنى بەك ئىشەنچىلىك دەيدۇ، ماھىيەتلىك پەرق نىمە دىگەندەك دۆڭكۆۋرۈك تاراتقۇسى كىرىم قىلمايدۇ، پەقەت كوچىدا تولاپ خەۋەر تارقىتىدۇ، ئېلان بەرسە بىكارغا كۆرگەننى دەپ خەق تىللايدۇ.

غەرب تاراتقۇسى بولسا «خەۋەر تەھرىرلەش ئۆيى» دە شاغلى ھېبدونىڭكىدەك خەۋەرنىڭ تەھرىرلەيغان يېرىنى تەھرىرلەپ قېتىپ قوراشتۇرۇپ دۆڭكۆۋرۈك تاراتقۇسىنى بازار ئوينىتاتقاچ، كىرىم قىلىپ خەۋەر تارقتىدۇ.

دەل شۇنىڭدەكلا. ئىشسىزلىقنى چوقۇم سىتاتىستىكا ئىدارىسى خەۋەر قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇ ساننىڭ ئازراق يۇقىرى تۆۋەن بولىشىنىڭ ئېنىق ماھىيەتلىك پەرقى يوق، چۈنكى كوردىنات يوق، تامام.

eqil1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 16:29:08

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 16:32:04

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 16:21 static/image/common/back.gif
ئۇمۇن ئۇكا، ماۋۇ: «ئىلغار ئىددىيە » دىگەن سۆزىڭىزگە ئى ...

ئىنكاسلارنى ئاختۇرۇپ بىقىڭ.ئىلغار ئىدىيە توغۇرسىدا توختالدىم.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 16:34:59

eqil1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 16:29 static/image/common/back.gif
مەسچىت ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى دېدىڭىزما س ...

2008دىن كىيىنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى دىننىڭ كۈچلىنىشى ئوچۇق بىر ھادىسە.جەمىيەتشۇناسلىق سىتاسىتىكىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سان-سىپىر بىلەن بىر نەرسە دىيەلمەيمىز.بىراق كۈزىتىش ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە مەلۇماتقا ئىرىشكىنى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9 10 11 12 13 14
: پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىڭى ئىدىيە(ئۇمۇن)