izdinix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:27:40

كارۋان بىز - بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن

كارۋان بىز - بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن!

ئۇيغۇرلار قەدىمدە يىپەك يولىدىكى نۇرانە مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان خەلقتۇر. بىز ئەجدادلىرىمىز ياراتقان پارلاق مەدەنىيىتىمىز، ئۇزۇن ۋە سەلتەنەتلىك تارىخىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. زامانىسىدا دۇنيا بىلىم مەركەزلىرىنى قۇرۇپ پۈتكۈل دۇنياغا مەدەنىيەت تارقاتقان بىر مىللەتنىڭ پۇشتى بولۇپ تۇغۇلۇشىمىز ۋە ئۇنىڭ تىلىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز بىزنىڭ بەختىمىز ۋە شەرىپىمىزدۇر. ئەپسۇسكى، قەدىمدە كارۋانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان شەھەرلىرىمىز زامانىمىزدا دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قالدى. مانا ئەمدى بىز بىلىم بىلەن قوراللانغان ۋە دۇنياغا مەرىپەت تارقىتىۋاتقان ئەللەرگە يۈرۈش قىلىپ ئۆزىمىزنى قايتىدىن كۈچلەندۈرۈش يولىغا ئاتلاندۇق. بىز ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى سۆيىمىز ۋە مەڭگۈ ساقلاشقا تىرىشىمىز، شۇنداقلا چەتئەلنىڭ ئىلغار مائارىپىنى، بىلىم، تېخنىكا ۋە ئىلغار ئىدىيىلىرىنى قوبۇل قىلىمىز. بىز مەيلى قەيەردە بولايلى، يۈرىكىمىز ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى.

ئامېرىكىدا دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن تۆت نەپەر ئۇيغۇر ياش 2015-يىلى 1-ئايدا باشنى بىر يەرگە قوشۇپ ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم تارقىتىشنى كۆزلىگەن كارۋان بىز گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بىز ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا تونۇشۇپ دوستلاشتۇق ۋە ھەممىمىز ئالدىنقى 2 يىل ئىچىدە دوكتورلۇقنى تاماملاپ زېممىمىزگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن ئاتلاندۇق. «يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس، چىڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دەيدىغان ئەجدادلار ئۈگۈتى بىزگە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىمىلىقىنى تونۇتىدۇ. بىز ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە مەيلى دىيارىمىزدا ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولسۇن، ۋە ياكى چەتئەللەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن دۇنياغا تونۇلغان ئالىملارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىققانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇق. نۇرغۇنلىغان پىشقەدەم تۆھپىكارلار ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم تارقىتىشقا زور كۈچ چىقاردى، بىز ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز ۋە بىزگە ئۈلگە بولغان ئۇستازلارنىڭ ئىزىنى بېسىشقا تىرىشىمىز.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىلمىي كەيپىيات بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا يۈكسەك بىر ئىلىم ئىگىلەش قىزغىنلىقى قوزغالماقتا. بىز بۇ يېڭى يۈزلىنىشلەردىن چەكسىز شادلىقىمىز ۋە مۇشۇ يۈزلىنىشنىڭ بىر قىسمى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەپسۇسكى، خەلقىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا پەن-مائارىپ بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى، دۇنياۋى ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تونۇشتۇرىدىغان مەتبۇئاتلار يوق دېيەرلىك. بۇ ساھەدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابلار ياكى توردا ئېلان قىلىنغان ماقالە-ئەسەرلەر يەنىلا سان جەھەتتە ئاز ۋە سۈپەت جەھەتتە ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل كەسىپلەردىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇشتا ئىمكانىيىتى بار كىشىلەر باشقا چوڭ تىللارغا تايانماقتا. ئۇيغۇرچە كىتابلار يېڭى بىلىم، يېڭى ئىدىيىلەرنى تارقىتىشتا نىسبەتەن كەينىدە قالغانلىقىدەك رېئاللىق ھەتتا بەزى زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇماسلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولدى. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز ۋە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۆز كەسپىي ساھەيىمىزدە بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمىز.

نۆۋەتتە تور دۇنياسى بىزگە چەتئەلدە تۇرۇپمۇ دىيارىمىزدىكى كىشىلەر بىلەن سىردىشىش ۋە ئۆز بىلىملىرىمىزنى يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى. بىز تەبئىي پەن دوكتورلىرى بولۇشىمىزغا قارىماي، ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى ۋە باشقا ئاممىباب بىلىملەرنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ ياكى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلدۇق. بۇ خالىسانە ئەمگەك مېۋىلىرىمىزدىن ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈشتە بىزنى زور كۈچ، مەدەت ۋە ئەمەلىي ياردەم بىلەن قوللىغان ئىزدىنىش تورى ۋە ئوكيان تورىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بىز يېقىندا كارۋان بىز گۇرۇپپىسى ئىگىدارچىلىقىدا ئوكيان تورىدا «بىلىمدان» تور ژورنىلىنى تەسىس قىلدۇق ۋە ئوكيان تورى ئارقىلىق بۇ ژورنالنى ئايدا بىر سان تارقىتىمىز. بۇ ژورنالنىڭ تۇنجى سانى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوكيان تورى «بىلىمدان» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ. «بىلىمدان» تور ژۇرنىلى ئاممىبابلىق، ئىلمىيلىق، يېڭىلىققا ئىگە بولۇش، قىزىقارلىق بولۇش قاتارلىق تۈپ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن دۇنيادىكى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، يېڭى ئىدىيەلەر، قىزىقىشىڭىزنى زەرەتلەيدىغان ئۆزگىچە قاراشلار بىلەن ئاممىباب ئۇيغۇر تىلىدا سىزگە ئىلىم-پەننى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىدىغان يېقىن سىردىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى.

بۇنىڭدىن باشقا، بىز ئىزدىنىش تورىدا «كارۋان بىز» سەھىپىسىنى تەسىس قىلدۇق (http://karwanbiz.izdinix.com). «بىلىمدان» نىڭ ھەر ئايلىق سانلىرى ئىزدىنىش تورىدىكى «كارۋن بىز» سەھىپىسى ئاستىدا ھەپتىگە بۆلۈنۈپ ئېلان قىلىنىدۇ. مەزكۇر سەھىپە ئارقىلىق سىز گۇرۇپپىمىزدىكى «كارۋانلار» بىلەن بىۋاسىتە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيسىز. كارۋان بىز گۇرۇپپىمىز زورىيىپ بارىدۇ ۋە ئادەم كۈچىمىز يېتەرلىك بولغاندا كۈندە دېگۈدەك سىزنى يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرىمىز. بۈگۈندىن باشلاپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىزدىنىش تورىدا كارۋانلىرىمىز بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇڭ ۋە ئۇلار نېمە دەيدۇ ئاڭلاپ بېقىڭ. كارۋان بىز سىزنى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدۇ. ئارزۇيىمىز - بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن!

                            ھۆرمەت بىلەن:
                                            كارۋان بىز گۇرۇپپىسى
                          2015-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى


ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:37:55

ئەگەر تەرجىمە ئىشلىرىدا ئادەم كۈچى يىتىشمىسە،بۇ ساۋابلىق ئىشنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالايمەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:45:13

ئوبدان ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىلەر! ئاپېرىن!

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:46:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzakyul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 10:48  

يۇلنىڭ ئۇزاقلىقى ، ئاتلارنىڭ ئۇرۇقلىقى ، سىلەردەك ئالىملىرمىزنىڭ يۇكىنىڭ ئىغىرلىغىدىن دىرەك بىردۇ، تىنىڭلارنى ياخشى ئاسراڭلا.سىلەرگە كۇپ رەھمەت ، كۇپ قاپا چىكىدىغان  بۇلدۇڭلا.

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:51:21

پاھ پاھ سىلەردەك خالىسانە تەغدىم قىلىش روھىغا ئېگە ياشلىرىمىز كۆپ چىقسا نىمەدىگەن ياخشى

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:57:23

ئىشلىرىڭلارخەيرلىك باشلانغۇسى..

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:58:35

ياخشى بولۇپتۇ! قوللايمىز!

kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:08:05

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
بەكمۇ خەيرىلىك ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىلەر،ئىشلىرىڭلارغا بەركەت تىلەيمىز.دىيارىمىزدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭمۇ سىلەرنىڭ بۇ خالىس تۆھپە قۇشۇش روھىڭلاردىن ئىلھام ئېلىپ ئانا تىلىمىزدىكى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىگە دائىر ئوقۇشلۇق كەم بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئەمەلىي ياردەمدە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.ئەگەر خەنچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدىغان ئىقتىسادقا،كارخانچىلىققا ئائىت ماتتىرياللار بولسا ياردەم قىلىشقا بىز ھەرۋاقىت تەييار.

Ablazewolf يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:10:24

ئېسىل، ئېسىل! ئاپېرىن سىلەرگە!

kokart1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:24:22

مەرتلەر مەيدانغا چۈشۈپتۇ! بارىكاللا...

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:31:13

كارۋانلار كۈندىن-كۈنگە زورايسۇن ، قايسى مەنزىلگە ماڭسا يولى ئوچۇق بولسۇن !

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:31:38

ئاپىرىن ، ئاپىرىن
كارۋان ئەزالىرىنىڭ كىملەردۇ بىلىپ قالىلى

kokart1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:34:48

مېھىر+بىلىم=بىلىمدان

خاپۇمماي مۇشۇنى شۇئارىڭلار قىلىۋالامسىلە!

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:36:54

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 10:37 static/image/common/back.gif
ئەگەر تەرجىمە ئىشلىرىدا ئادەم كۈچى يىتىشمىسە،بۇ ساۋاب ...

ئىنكاسىڭىزدىن،مەمنۇن بولدۇم.توردا ئىنكاس بولسا سىزنىڭكىنى ئۇقۇيمەنكەن. باش سۈرىتىڭىزدىكى شەخىس مەندە قاتتىق سەلبىي تەسىر قالدۇرغان.ئالماش تۇرۋەتكىلى بولسا ھە ؟!:loveliness:

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:41:31

مېنىڭچىمۇ سەھىپىلەرنى ئوكيان تورىغا قۇرغىنىڭلار ئىنتايىن توغرا تاللاش،ياخشى ئىش بوپتۇ.ئوكيان تورى قامۇسى ئۇيغۇرچە ھەقىقى ياخشى «ئۇيغۇرپىدىيا» بولۇپ قالغۇسى.

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:51:25

بۇ تېما ئانا تىل كۇنىگە قىلىنغان ئەڭ ياخشى سوغات بوپتۇ،بۇ يولدىكى كارۋانلارنىڭ تېخىمۇ زورىيىپ ،گۇللنىشىگە تىلەكداشمىز!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 12:03:26

ئاپىرىن قېرىنداشلىرىم،رەھمەت سىلەرگە،ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
70-90يىللارغىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاپلىرى،پەننى كىتاپلار كۆپلەپ تەرجىمە قىلىناتتى،كۆپلەپ نەشر قىلىناتتى،ھۆكۈمەتمۇ مەبلەغ سالاتتىكەن،تەرجىمانلارمۇ نادىر پەننى كىتاپلارنى تەرجىمە قىلاتتىكەن،مەنمۇ شۇ كىتاپلارنى ئوقۇپ يۈرۈپ پەن تېخنىكىغا قىزىقىدىغان بولۇپ چوڭ بولدۇم.
قوشتىل مائارىپىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپلەردىنمۇ ئىشقىلىپ ھازىر پەننى كىتاپلار تەرجىمە قىلىنماسلا،نەشر قىلىنماسلا بوپكەتتى،كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ، بۇ ئەھۋال بىر ئۈزۈكچىلىك پەيدا قىلدى
ساپلارومان، پوۋېستلار،ئەدەبى كىتاپلار نەشر قىلىنىدۇ،ئىساك ئاسىموۋغا ئوخشاش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاپلىرى يوق

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 12:49:39

ئىزچىلار بۇرادەر مۇمكىن باش سۈرىتىڭلانى ئالماشتۇرىۋەتسەڭلا

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 13:00:14

خەيىرلىك ئىشتىن بىر ئىشقا تۇتۇش قىپسىلەر ،  ئاللاھ بىلىمىڭلارنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن !!

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 13:21:36

بەك بەلەن ئىش بوپتۇ خورسەن بولدۇم:lol
بەت: [1] 2 3 4 5
: كارۋان بىز - بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن