sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 09:39:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 09:42  

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 11:33 static/image/common/back.gif
«جۇڭگۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتى ئۇيغۇر، قازاق ش ...

80- يىللاردا مەزكۇر ئورۇن نۇرغۇنلىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر ئېسىل ئوقۇشلۇقلارنى، كىتاب-ماتىرىياللارنى نەشىر قىپتىكەن… شۇنداق ھۆرمىتىم بار… نەچچە يىلدىن بېرى مۇشۇ ئورۇن نەشىر قىلغان خىلى كۆپ كىتابلارنى يىغىپتىمەن، خېلىدىن بىرى بىر قىسىم كىتابلارنى سايىلەپ ئېلكىتاپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان. نەشىر ھوقۇقى دېگەندەكلەرگە دەخلىسى بولمىسا پات ئارىدا قولۇمغا ئالىمەن…       بەكمۇ ئېسىل بىر ئىشنى نىيەت قىلىۋېتىپسىز قېرىندىشىم :handshake ،  ئىلىمنى تارقىتىشقا ۋاستە بولغىنىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن كاتتا ئەجىرلەر بېرىلگۈسى. مېنىڭچە ئۇ يىللاردا نەشىر قىلىنىغان ئىلىم - پەن كىتابلىرىنىڭ تەرجىمانلىرى ياكى تۈزگۈچىللىرى بۇ ئىشىڭىزدىن خۇرسەن بولسا بولىدۇكى ھەرگىز نارازى بولمايدۇ.
       ئىزدىنىش مۇنبىرىدە «كارۋان بىز» سەھىپىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىدەك مۇشۇنداق بىر قۇتلۇق پەيىتتە سىز ۋە سىزدەك پىداكارلار تەييارلىغان  ئېلكىتابلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ھەمبەھىرلەپ قويسىڭىزلەر  قېرىنداشلار ئىچىدىكى تەبىي پەن ئاشىقلىرىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىغا ئازىراق بولسىمۇ شەربەت بولار ئىدى. ئەگەردە ياشاۋاتقان ماكانىمىز يېقىنراق بولسا سىزنىڭ مۇشۇ خىزمىتىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى مەن ئورۇنلىشىپ بېرىشكە تەييارمەن.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 22:17:38

kuwruk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 08:50 static/image/common/back.gif
سىلەرگە پۇمۇر-يۇمۇر كىرەك ئەمەسما؟؟

ھاراقكەش قىرى ،،يۇمۇر دىگەن يۈرەكنى ياشارتىدىغان نەرسە تۇرسا نىمىشقا كىرەك بولمۇغىدەك :handshake

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 23:08:28

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 23:31 static/image/common/back.gif
سىزلەرنى ساقلىغىلى بەك ئۇزاق بوپ كەتتى

ئۆزلىرىمۇ قېتىلسىلا بولىتى كارۋانغا:lol

urkesh9 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 08:55:42

يول ئۇزۇن مەنزىل يىراق،  رومكا كەيپىنى تاشلاپ بىسمىللادىن باشلاپ  بېلىڭلارغا قاپاقنى چىگىپ بەردەم يۈرۈڭلا باللىرىم..:P

urkesh9 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 08:59:05

ئىزدىنىشقا كىرمىگىلى خېلى زامانلار بوپتىكەن ما ئىشنىڭ ئېلھامىدا كىرمەي تۇرالمىدىم،،ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئىزدىنىشلىق ئۇلۇغ-ئۇششاق كونا دوسلار،،تېشلىقمۇ سىلەر،،!  كونا ئىسمىمدا كىرەي دېسەم  تەستىقلىنىۋاتقان ئەزا دەپ كىرگۈزمەيۋاتىدۇ،،نېمە ئىشلىغىنى دەپ بېرىدىغانلار بامىدۇ..

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 11:45:12

MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 23:08 static/image/common/back.gif
ئۆزلىرىمۇ قېتىلسىلا بولىتى كارۋانغا

ئەلۋەتتە:handshake

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:20:10

ئىشىڭلار خەيرلىك، يولۇڭلار ئوچۇق بولسۇن!

JehangiR يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 21:27:09

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 22:41:14

2015  بىز ئۈچۈن ھەقىقى قۇتلۇق يىل بولدى   .

buhram يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 20:34:22

ئالدى بىلەن باسقان قەدىمڭىلارغا مۇبارەك بولسۇن!
مۇشۇنداق بىر تارقىتىش سۇپىسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ئويلاپ يۈرگەن بولساممۇ لىكىن ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق يۈرگەن ئىدىم. ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. مەن بۈگۈن بۇ ژورنالنىڭ بىرىنچى سانىنى چۈشۈرۈرۈپ كۆرۈپ چىقتىم. تۇنجى سانى بولغاچ كەمچىللىكلەرمۇ خېلى بار ئىكەن. مەن بايقىغانلىرىمنى دەپ باقاي ئەسقېىتپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
بىرىنچى: بىلىمدان ژورنىلى  رەسمى ھالىدا جەميەتتە ئاشكارە تارقىتىلىۋاتقان ژورناللارنىڭ سەۋىيسىدىن مەيلى  بەت لاھىيە جەھەتتىن  بولسۇن ياكى ماقالىلەرنىڭ سەۋيىسى جەھەتتىن بولسۇن خېلىلا ئارقىدا ئىكەن.  مۇمكىن بولسا ئامال بار رايۇنىمىزدىكىياكى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقىئارادىكى  نەشىر ئەپكارلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىنسا (خالىساڭلار خالىسانە كۈچ چىقىرىشقا تەييارمەن)
ئىككىنچى: ماقالىلەردىكى قېلىپلاشمىغان كەسپى ئاتالغۇلار بىر قانچە يەردە ئۇچىراتتىم. تەھرىرلىك قىلغۇچى مۇشۇ نوقتىغا دىققەت قىلغان بولسا.
ئۈچۈنچى: بىر قىسىم ماقالىلەردە بىرىلگەن رەسىملەرنىڭ چۈشەندۈرشى ۋە رەسىم بىر تەرەپ قىلنىشى يىتەرلىك بولماپتۇ. تەتقىقات ساھەسىدىكى ماقالىلەرگە قويغان تەلەپنى قويالمايمىز ئەلۋەتتە،لىكىن ئامال بار ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرلىشى بىرلىسە ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈلسە.
تۆتىنچى: ئاپتۇرلارنىڭ ئۇچۇرى ۋە سىتاتا (پايدىلانغان ماتېرىياللار) لار قېلىپلاشقان شەكىلدە بىرىلسە. بۇ جەھەتتن يەنىلا چەتئەلنىڭ نەشىر بويۇملىرىدىن ئۈلگە ئالسا ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
بەشىنچى: ژورنالنىڭ ئىسمىنى قايتا ئويلىشىپ باقساڭلار . مىنىڭچە ژورنالدا مەيلى تەبىي پەن ياكى ئىجتىمائى پەن يېڭىلىقلىرى بولسۇن ھەممىسىگە مۇۋاپىق سەھىپە بىرىلسە ، مۇشۇ ئارقىلىق ژورنالدىكى بىلىمنىڭ ئۈنۋېرساللىقى ئاشۇرۇلسا . ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ژورنالدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئۈنۋىرساللىقىنى تەكىتلەيدىغان ئىسىمدىن بىرنى ئويلىشىپ كۆرسەڭلار.  
ئالتىنچى: ژورنالنىڭ ئۇچۇرى (سان، توم، تەھىررات ۋە ماقالە قۇبۇل قىلىش ۋە ئىلان قىلىنىش باسقۇچلىرى ۋە بىرى قىسىم ئالاقىدار ئۇچۇرلار ) مۇۋاپىق بىرلسە .

ئىشىنىمەنكى بۇ ژورنالنى تېخمۇ كۆركەم ، تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق ۋە تېخمۇ ئاممىباب ۋە ئۇچۇرچانلىققا ئىگە قىلالايسىلەر.  قوشۇنۇڭلارغا ھەر ۋاقىت قېتىلىشقا تەييارمەن.

tuprak0 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:25:05

ناھايتى ئۇزاق زامان بوپتىكەن،يۈرەككە تەسەللى بولغۇدەك بىر گەپ ئاڭلىمغىلى.بۇلارنى ئوقۇۋېتىپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم.سىلەرگە ئاپرىن...

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 21:18:58

{:112:}

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 21:19:31

بەك ئوبدان ئىش بوپتۇ

yasnjan1527 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 14:56:06

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم  ئىغىر يۈكلۈك كارۋانلار ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، رەسىمىڭلارغا قارىسام ھەممىڭلار ئىستاكان تۇتىۋاپسىلەر ، بىر يىغىلىشتا چۈشكەن رەسمكەندە بۇ . بۇ رەسىمنى تارتقان تەرەپكىمو قارىماپسىلەر ، قارىغاندا يەنە باشقا بىرسى رەسىم تارتىۋاتقان ئوخشىمامدۇ ؟

mystics يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 15:56:58

كىچىككەن بولسىمۇ ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ` بىر خىل ئىللىقلىقنى ھېس قىلىۋاتىمەن`
بەت: 1 2 3 4 [5]
: كارۋان بىز - بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن