ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 09:08:24

جېك ئەجەپ قېرىپ كەتتىما ؟:lol

kite يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 09:18:02

مەن كارۋان بىزنىڭ تىملىرىنى ئوقۇيچۇ دەپ كىرسەم كەچۈرۈڭ، ھوقۇق چەكلىمىڭىز سەۋەبىدىن بۇ سەھىپەنى زىيارەت قىلالمايسىز
مانداق چىقۋالدى بۇ ئونشۇلامدۇ ياكى كىيىن مۇ يۇللىغان تىملارنى كۈرەلمەمدۇق ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 10:50:23

مۇبارەك بولسۇن، مەنزىلىڭلار ئۇزاق بولسۇن.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:03:04

ئۈچ تۇرسۇنجان بىر يەرگە كېلىۋاپتۇ:)

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:39:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 12:52  

قېرىندىشىمىز بىلىگىگە (@Bilig) ۋە بارلىق بىزنى قوللىغان قېرىنداشلىرىمىز كۆپتىن كۆپ رەخمەت.

""كارۋان بىز" گۇرۇپپىسى ھازىرقى باسقۇچتا ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى ۋە باشقا ئاممىباب بىلىملەرنى ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى نىشان قىلىپ، خالىسانە ھالدا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە يۇرتىمىزدىكى بىلىمگە تەشنا يۈرەكلەرنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرماقچى.

ھازىرقى باسقۇچتا، بىز زېھنىمىزنى مۇشۇنداق بىر ئاددىي قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ بىرىنچى قەدىمىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىشنى مەقسەت قىلىمىز. شۇڭا كارۋان بىز گۇرۇپپىسىنىڭ يادرولۇق قاراشلىرىدا ياكى مىزانلىرىدا تىلغا ئېلىنمىغان پىلانلارنى ياكى مۇددىئالىرىنى ھازىرچە قوبۇل قىلىشنى كەينىگە سۈردۇق. لېكىن بىرىنچى قەدىمىمىز ئوڭۇشلۇق بولۇپ گۇرۇپپىمىز زورايسا، كېيىنچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باشقا مەسلىھەتلىرىنى ئويلىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. شۇنداقلا، كېرەك بولغاندا گۇرۇپپىمىزمۇ كېرەكلىك ياردەم ياكى مەسلىھەتلەرنى كەڭ قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

گۇرۇپپىمىزغا ياردەم قىلىش ئارزۇسى بولغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى كۆرۈپ چىقىشىنى سورايمىز:
1. چوقۇم كارۋان بىز گۇرۇپپىسىنىڭ يادرولۇق قاراشلىرىنى ئېنىق چۈشىنىشىڭىز كېرەك.
2. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، كارۋان بىز گۇرۇپپىسى قىلماقچى بولغان ئىشلارغا ياردەم قىلالايمەن دېگەندە، قانداق، قايسى جەھەتتە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشى كېرەك.
3. كارۋان بىز گۇرۇپپىسىنىڭ ھازىرقى نىشانىغا ئۆزگەرتىش قىلىدىغان بارلىق ئۇسۇل ياكى مەسلىھەتلەرنى ھازىرچە قوبۇل قىلىنىشى كەينىگە سۈرىلىدۇ.
4. بىردەك ئېلخەت ئارقىلىق بىزگە خەت يېزىشنى سورايمىز: karwanbizz@yahoo.com

ersoy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 14:19:30

ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىلەر ئايقىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن.قۇلۇڭلاردىكى ھاراق بولسا بالدۇرراق ھاراق تاشلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 14:58:45

كارىۋانلار ئۇزۇلمسۇن، ئالىي ئىھتىراملار سىللەرگە يار بولسۇن .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 15:00:43

نىمىشقا كارۋان بىزنىڭ ئىزدىنىشتىكى تېمىلىرىنى كۆرەلمەيمىز؟ ھوقۇق چەكلىمىسى بار دەپ ئېچىلمايدۇ؟

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 15:14:25

ersoy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 14:19 static/image/common/back.gif
ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىلەر ئايقىڭلاردىن گۈللەر ئۈنس ...

ياخشى تىلىكىڭىزگە رەھمەت. قولىمىزدىكى ھاراق ئەمەس، ھەقىچان ئىستاكانغا قاراپ شۇنداق ئويلاپ قالدىڭىز. ئەمما قولىمىزدىكى مېۋە سۈيى ئىدى. نەسىھەتكە چۈشۈشتىن بۇرۇن ياخشى گۇماندا بولغان بولسىڭىز ياكى سوراپ باققان بولسىڭىز ئوبدانراق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكاسلار ئارىسىدا باشقا بىرەيلەنگىمۇ چۈشەندۈرۈپ قويغان. شۇنداقتىمۇ كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت.

ersoy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 16:18:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ersoy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 16:20  

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 15:14 static/image/common/back.gif
ياخشى تىلىكىڭىزگە رەھمەت. قولىمىزدىكى ھاراق ئەمەس، ھ ...

خاتالاشقىنىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.نەسىھەت ئەمەس بىر تىلەكتى.يەنىلا كەچۈرۈم سورايمەن

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 18:45:52

ersoy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 16:18 static/image/common/back.gif
خاتالاشقىنىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.نەسىھەت ئەمەس بىر ت ...

  نەسەت خۇمار پىرىم :lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 18:46:37

  چاقچاق جۇما ئاداش.  تىلەك ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايمەن.  

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 23:31:03

سىزلەرنى ساقلىغىلى بەك ئۇزاق بوپ كەتتى:lol:handshake

ersoy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:42:45

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 18:46 static/image/common/back.gif
چاقچاق جۇما ئاداش.  تىلەك ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايمە ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سالامەت تۇرۇپسىزمۇ؟كۆرۈشمىگىلى ئۈزۈن بۇپتۇ،سىزلەرنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇردۇم

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:19:29

ئۇيغۇرچە كىتابلار يېڭى بىلىم، يېڭى ئىدىيىلەرنى تارقىتىشتا نىسبەتەن كەينىدە قالغانلىقىدەك رېئاللىق ھەتتا بەزى زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇماسلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولدى.
ھازىر نۇرغۇن زىيالىلار ( زىيالى دىسە ئەدىپلەرنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى تەبىئى پەن ئىگىلىرىنى كۆرسىتىدۇ،  جەمىيەتتە ھازىر زىيالى دوپپىسىنى ئەدىپلەر ئىگەللىۋېلىغلىق ) ئۇيغرۇچە كىتاپلارنى كۆرمەيدۇ ، كۆرمەيدۇ ئەمەس كۆرىدىغان نەرسە يوق. شۇڭا  ئىلاج يوق  خەنچە ۋە ئېنگىلىزچە ماتىرياللارنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى  ئۆزگەرتىش مىنىڭچە مۈمكىن ئەمەس،
سەۋەپ نىمە؟  بۇ نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ، نەشىرياتچىلىق ، تەرجىمە ئىشلىرى، ئىقدىساد ، ۋاھاكازا.
شۇنداقتىمۇ، بەزى ئاممىباپ - پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خارەكتېرىدىكى كىتاپچە- ژورناللارنى كۆپلەپ تەسىس قىلىش ھازىرقى تەخىرسىز ۋەزىپە دەپ قارايمەن ، شۇنداق بولغاندا، خەلقىمىزنىڭ پەننى سۆيۈدىغان، زىيالىلارنى( ئەدىپلەرنى ئەمەس ) قەدىرلەيدىغان كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە بەلگىلىك تەسىر قىلىشى مۈمكىن .
بىر نەچچە كۈن بولدى، «تارىخى  بۇرۇلۇش ھەلقىسىدىكى دېڭ شىياۋ پىڭ»(历史转折中的邓小平) دىگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىيە ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرۈۋاتىمەن . شۇنىڭدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن دېڭ ئاقساقال پەن -تېخنىكىنى بار كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بېرىپ، ؛ «ئىلىپ-پەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» دىگەن يېڭى ئاڭنى ئاۋامغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر قىلغانلىقى سۆزلىنىدىكەن، زىيالىلار قوشۇنىنى تەربىيىلەش دەپ يېڭى تەكلىپ بېرىپ، ئەدىبىيات سەنئەتچىلەرنى ئەمەس، ئېنژىنىر- ئاگرانۇم - ئىقدىساد قاتارلىقلارنى تەربىيىلەشنى تەكىتلەيدىكەن، زىيالى دىگەن ئەدىپ ئەمەس ئىكەن ، ، بىزدە زىيالى دىسە رومان-سېئىر يازغاننى كۆتۈرۈپ چىقىدىكەنمىز .:Q
ھازىر مىللەت دىسە ،  نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن  مىللەت ئۈچۈن ئۇنداق قىلىمەن، بۇنداق قىلىمەن دەپ قۇرۇق شۇئار توۋلايدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كىتاۋىغا قارىسا، رومان -پەلسەپە ، ياكى دىنى- تارىخى كىتاپلار،
بىز چوقۇم بۇ خاتا نىشاننى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك، مىللەتنى، يۇرتنى پەلسەپە-تارىخ -رومانلار بىلەن گۈللەندۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇ كىتاپلارنى بوش ۋاقىتلاردا مىڭىنى ئارام ئالدۇرۇزش ئۈچۈن ئوقۇپ قويسا بولىدۇ .  بىزگە ھازىر مۇھىمى : كەسپى كىتاپلارىنى كۆپلەپ كۆرۈپ ، كەسپى ساپانى ئۆستۈرۈش، دېھقان بولسىڭىز روماننىڭ ئورنىغا  ئىلمى تېرىقچىلىق قىلىشقا ئائىت كىتاپ كۆرۈڭ، ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز، پەلسەپىنىڭ ئورنىغا ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن شۇ دەرسكە ئائىت پايدىلانمىلارنى كۆپلەپ كۆرۈڭ( بىر گەپلەر بار، ئوقۇتقۇچى دىگەن نىمۇ دىسە، دەرسلەرنى يىلمۇ-يىل ئۆزگەرتمەي تەكرارلايدىغان تەكرارلىغۇچ 复读机 دەيدىغان)، تىجارەتچى- ھۈنەرۋەن  بولسىڭىز شۇ تىجارەت- ھۈنەرنىڭ ئىلمى كىتاپلىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ تىرىشىڭ ...
شۇندىلا بارلىق كەسپ  ئىگىلىرى تەرەقىىياتقا ئىرىشەلەيدۇ .  ئاندىن مىللەت ئالغا سىلجىشى مۈمكىن .

HIYAL3317 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:31:44

كارىۋانلار ئۇزۇلمسۇن، ئالىي ئىھتىراملار سىللەرگە يار بولسۇن .

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:33:27

«جۇڭگۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتى ئۇيغۇر، قازاق شۆبىسى» دەيدىغان ئورۇن ھازىر بارمۇ-يوق؟ بار بولسا نەدە، نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
بۇنداق دېيىشىم 80- يىللاردا مەزكۇر ئورۇن نۇرغۇنلىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر ئېسىل ئوقۇشلۇقلارنى، كىتاب-ماتىرىياللارنى نەشىر قىپتىكەن… شۇنداق ھۆرمىتىم بار… نەچچە يىلدىن بېرى مۇشۇ ئورۇن نەشىر قىلغان خىلى كۆپ كىتابلارنى يىغىپتىمەن، خېلىدىن بىرى بىر قىسىم كىتابلارنى سايىلەپ ئېلكىتاپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان. نەشىر ھوقۇقى دېگەندەكلەرگە دەخلىسى بولمىسا پات ئارىدا قولۇمغا ئالىمەن…
ئىلگىرى نەشىر قىلىپ تارقاتقان كىتابلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇلارغا بۇرۇنقىدەك ھاياتى كۈچىنى ئىزچىل نامايەن قىلىغۇدەك پۇرسەتلەر بېرىلگەن بولسا 30 يىلدا قانچىلىك ئىشلار بولۇپ كېتەتتى دەپ ئويلاپ قالىمەن… ئارىدىن 30 يىللار ئۆتۈپمۇ نەشىرىياتچىلىقنىڭ تەرەققى قىلماقتا يوق كەينىگە چېكىنگىنى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ… :@

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 12:59:15

ئاۋۇ قوللاردىكى شاپتۇل شاڭبىن ئوخشايدۇ.تۇرسۇنجان بىلگەنى تۇنىدىم.قالغانلىرىدىن بىرى جېكقا ئوخشاپ تۇرىدۇ.ئىزدىنىش كاملار يازغان تىمىدىن قارىغاندا بۇ تورنىڭ باشلىقى ئىزدىنىشكاملارمۇ شۇ ياشلار قاتارىدىن دەپ چۈشەندىم.ئوكيان تورىغا چۈشۈپ ياخشى قىپسىلەر...

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 03:08:47

مۇبارەك بولسۇن! ئىشلىرىڭلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىنىشىغا ۋە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمەن!

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 08:50:40

سىلەرگە پۇمۇر-يۇمۇر كىرەك ئەمەسما؟؟:funk:
بەت: 1 2 3 [4] 5
: كارۋان بىز - بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن