e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:32:10

ئاپرىن! ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىلەر،ئىلىم يولغا سەپەرگە ئاتلانغان كارىۋانلارنىڭ مەڭگۈ توختاپ قالماسقلىقىنى،كارۋان ئەزالىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە كۆپىيشىگە تىلەشداشلىق بىلدۈرىمەن،ئەزىز تېنىڭلار ئامان بولغاي!

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:02:05

سىلەرنىڭ ھامان ئامان بولىشىڭلارنى تىلەيمەن .رەھمەت ئەركەكلەر ،ئاپىرىن ئۇيغۇر ئەركەكلىرى .

feruq7 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:22:01

ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ، قېنى بۇ كارۋانغا مەنمۇ ھەمسەپەر.....

kite يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:40:58

ئاپرىن ئاكىلار ياخشى قىپسىلەر

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 18:18:42

كارىۋانلار ئۇزۇلمسۇن، ئالىي ئىھتىراملار سىللەرگە يار بولسۇن .

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 19:51:36

ئاپىرىن  بارىكاللا  ئىشىڭلار بەركەت تاپسۇن  

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:03:43

مەن پەقەت بىلگەجاننىلا تونۇيالىدىم، رەسىمدىكىلەردىن.{:92:}
ئېسىل ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىلەر، يارايسىلەر.{:112:}{:112:}{:112:}

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:13:52

TEWBE يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 16:15 static/image/common/back.gif
بولسا ئۈندىدار سۇپىسىمۇ قۇرساڭلار، ئۈندىدارمۇ خېلى قو ...

قىرىنداشلارنى مۇنبەرگە يىتەكلىسەك بولاتتى ، بىلمىسە ئۈگىتەيلى ، تەشۋىق قىلايلى ، ھازىر تىلڧۇندىمۇ كۆمپىيۇتۇرغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە مۇنبەرلىنى زىيارات قىلغىلى بولىدۇ .
ئۇندىداردا ئۆسەك سۆزلەر كۆپىيىپ كىتىپتۇ ، سۇپا قۇرغانلارمۇ ماۋزۇ ئۆزگرتىپ تارقىتىدىكەن ، يا ئاپتۇر ، مەنبەنى ئەسكەرتمەيدۇ .
   تىڭشۇننى ئاۋات قىلغاندىن ئۆزىمىزنىڭ مۇنبەرلىرىنى ئاۋات قىلايلى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:16:41

تۆت كارۋانچىنىڭ ئىچىدا مۇنبەرنى قۇرغان  izdinixئەپەندىمۇ بارمۇ ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:57:48

كارۋان بىزنىڭ يىڭى تىمىسىنى نىمىشقا كۆرەلمەيمىز؟
كەچۈرۈڭ، ھوقۇق چەكلىمىڭىز سەۋەبىدىن بۇ سەھىپەنى زىيارەت قىلالمايسىز
دەپ چىقىۋالدى

Razil يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:00:42

ياخشى بىر ئىقا تۇتۇش قىپسىلەر يوللىرىڭلار ئوچۇق بولسۇن !

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 22:12:52

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 20:16 static/image/common/back.gif
تۆت كارۋانچىنىڭ ئىچىدا مۇنبەرنى قۇرغان  izdinixئەپەندىمۇ  ...

يوقتەك

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 22:17:41

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 20:57 static/image/common/back.gif
كارۋان بىزنىڭ يىڭى تىمىسىنى نىمىشقا كۆرەلمەيمىز؟
كەچۈ ...

جاۋابى ئىنىق تۇرسا يەنە سۇراپ يۇرۇپسىزغۇ
ئىنكاسنى نەقىل ئالسا كارتۇن چىقمايدىكىنە . . .

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 22:53:40

تولىمۇ ئېسىل ئىش بوپتۇ. خەيرىلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن{:112:}

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:10:30

خۇشاللىنارلىق ئىش! :)

karam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:29:56

ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ... {:112:}

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:33:53

ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. بىز قىلىپ بولالمىغان «ئىلىم-پەن» نىڭ پىلانلىرى كارۋان بىز ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن!

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 01:01:43

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! بىزنى قوللىغان بارلىق قېرىنداشلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. بەزى تېخنىكىلىق مەسلىلەر تۈپەيلى كارۋان بىز سەھىپىسىنى بۈگۈن ئېچىۋىتەلمەي قالدۇق، ئەمما ئەتىگىچە چوقۇم ئېچىشقا تىرىشىمىز.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 01:20:16

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مۇبارەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى قىلغۇم كەلدى.

بىر يىل ئاۋال توردا ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تارقىتىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئىلىم-پەن بىلىملىرى بويىنچە تور مەجمۇئەسى(يەنى، «بىلىمدان» غا ئوخشاش) چىقىرىشنى نىشان قىلغان «ئىلىم-پەن پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئېدىم... مەخسىدىم ۋە نىشانىم بولسا بىزدە ئاللىبۇرۇن كەينىدە قالغان ۋە كەمچىل بولغان، پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى، پەننى ساۋاتلارنى ۋە ئاساسى بىلىملەرنى تورنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئىلمىي ۋە ئاممىباپ ھالدا  يازمىچە تارقىتىش ھەمدە قىسقا قىسقا سىن-دەرسلىك قىلىپ ئىشەپ تارقىتىش ئارقىلىق ياشلارنىڭ پەنگە قىزىقىشىنى قوزغاش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ باللىرىغا ياردەم ۋە مەدەت بېرىش ۋە ھەتتا كىيىنچە «خان ئاكادېمىيسى»گە ئوخشاش ئوچۇق تور مەكتىپى قۇرۇش ئارقىلىق بىزلەردىكى  بۇ بوشلۇقنى تولۇقلاش ئېدى...

شۇ خىياللار بىلەن بىر قانچە قېتىم مۇراجەت ۋە ئىلتىجالاردا بولغاندىن كىيىن تور بېكەت قۇرۇش ۋە لاھىيلەش ئىشلىرىدا نۆل سەۋىيەدە بولغىنىمغا قارىماي ئۇزۇندىن بۇيان تور سۇپىسى قۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆزۈم كىرىشىپ قالدىم. ئەسلىدە بۇ جەھەتتە كەسىپ ئەھلىلىرى بولغان بولسا ئىلىم-پەن تورى ھازىرقىدەك، ئىختىدارى ۋە لاھىيىسى ئەسلى مەخسەتتىكىدىن يىراق ۋە تۆۋەن ھالەتتە قېلىپ چۆلدەرەپ قالمىغان بولاتتى. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ ئىشقا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشتىم دەپ قارايمەن، ھەتتا ھازىرغىچىمۇ باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇشۇمغا قارىماي، ئىلىم-پەن تورىنى ئوڭشاش ئۈچۈن باش قاتۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپتىمەن.

ئەمدى «كارۋان بىز» ۋە «بىلىمدان» پىلانى مېنىڭ بۇ ئارمانلىرىمنى(ئەلبەتتە بۇ ئارمان ئۆزۈمنىڭ بىرەر شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس) ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بولۇپتۇ،  اللە مۇبارەك ۋە خەيرلىك قىلسۇن! ئەسلىدە بۇ ئىشقا كىرىشەلمەسلىكنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىنى ئىختىسادتا دەپ ئويلاپ «ئىلىم-پەن پىلانى» نى كىيىنگە قالدۇرۇپ، پۇل تېپىشقا كىرىشكەن ئېدۇق... ئەمدى مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بەرىبىر  «ئىلىم-پەن پىلانى» بىلەن «كارۋان پىلانى» ئوخشاش بولغاندىن كىيىن مەن ئەمدى  «ئىلىم-پەن پىلانى» ئۈچۈن تور سۇپىسى قۇرۇش خىيالىرىمدىن ۋاز كېچىپ، مەنمۇ بۇ كارۋانغا قېتىلسام ۋە ئەگەر خالىسىڭىزلار ئىلىم-پەن تورنامى (www.ilimpen.com) نى سىزلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەرسەم، «بىلىمدان» نى ئىلىم-پەن تور نامى ئىچىدە چىقارساق قانداق قارايسىزلەركىن؟
يۇقارقى گەپلىرىم پۈتۈنلەي سەمىمىيەت بىلەن ئېيتىلغان، خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويغان يەرلىرى بولسا ئالدىن ئۆزۈر سورايمەن!

ھۆرمەت ئېھتىراملىرىم بىلەن،

Bilig.

مۇناسىۋاتلىك ئۇلىنىشلار:
http://bbs.izdinix.com/thread-53860-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-55008-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-57524-1-1.html
https://www.khanacademy.org
http://bbs.izdinix.com/thread-60408-1-1.html
http://bbs.ilimpen.com/forum.php
http://www.ilimpen.com

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 01:45:09

ماۋۇ ناھايتى ئېسىل بىر ئىش بوپتۇ، تۇنجى سان ژورنالغا تەشنابىز ئەمسە:)
بەت: 1 2 [3] 4 5
: كارۋان بىز - بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن