kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:47:50

پۇل ھەققىدە ئەبجەش خىياللار.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 16:51  

دىققىتىمنى پەقەت يىغالمىدىم... تۈركلەر سودىغا ماھىر دىگەن گەپلەر قۇرۇسۇن... ئەڭ غۇرۇغلۇق، راستچىل، ماڭا سادىق دەپ ئىشەنگەن تۈرك دوستۇم تەرىپىدىن ئالداندىم....بۇرۇنمۇ تۈركلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ بۇرنۇمغا يىگەن، ئاما باشقىلارنىڭ دۇنيادا ئەڭ شەرەپلىك ، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئادەم بار دېسە ئۇنى دىسە بۇلىدۇ دېگەن گەپلەرگە، ھەم ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئسمىنى چىقىرىپ ۋەدە بەرگىنىگە ئىشىنىپ پۇلۇمنى ھېسابىغا سېلىپ بەردىم، ۋەدە بەرگىنىدەك ئىككى كۈن ئەمەس، توپتوغرا بر يىل ساقلىدىم. بەرگىلى جان بارمىشكى، پۇل يوقمىش، پۇلنى ئالمىغانغا ئۆلۈپ قالماسمىشمەن. ئەرز قىلاي دېسەم بۇ دۆلەتتە نەچچە يىلغىچە داۋانىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ، يېقىن دوست دەپ ھۈججەتمۇ ئالماپتىكەنمەن.....ئىگىلىك باشقۇرۇشتا ئوقۇغۇنۇم قېنى؟
پۇل- ئىنسانلىق ۋە ئەخلاقنىڭ  ئۆلچىمى. بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقىغا باھا بېرىشتە، ئۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلە قىلىپ بېقىش، بىرگە ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرۇپ بېقىش، ئۇزۇن سەپەرگە بىرگە چىقىش ۋە كوللىكتىپ پائالىيەتتىكى كۆپچىلىكنىڭ قارارىغا بويسۇنۇش ئېڭىغا قاراش كېرەك. بۇلارنىڭ ئىچىدە پۇل مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم.
سىز ئىشەنگەن، ھۆرمەتلىگەن، چوڭ بىلگەن بىر شەخىس پۇل مەسىلىسىگە كەلگەندە بەلكى
سىز ئويلىمىغان يەدىن چىقىدۇ، پەسكەشلىكىگە نەپرەت ئوقۇيسىىز ۋە ئۇ ئادەم نەزىرىڭىزدىن چۈشۈپلا كېتىدۇ. پۇل مەسىلىسى پىرىنسىپ مەسىلىسى....دوستلۇق، تۇققاندارچىلىق پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز باشقا مەسىلە، پىرنىسىپتىن چەتنەپ پۇل مەسىلىسى بىلەن باشقا مەسىلىنى ئارلاشتۇرۋالسىڭىز، دوستلۇق ۋە تۇققاندارچىلىققا تەسىر يېتىدۇ.
بىزدە ناھايتى ياخشى ماقال تەمسل بار، « پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە بىر ئۇچى يۈرەكتە»….
پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەمما پۇل بولمىسا سىز تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا قادىر ئەمەس…
ۋاقتى كەلگەندە پۇل سىزنىڭ غۇرۇرىڭىز، ئاپرويىڭىز، ئەرلىك ئوبرازىڭىز، خەلقىڭىزگە ياردەم قىلماقچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشى ۋاستىچىڭىز…
ئەمما ھاياتتا پۇلنى مەقسەت قىلىۋالسىڭىز ئاسانلا بىر ئۆمۈر پۇل ئۈچۈن ئىشلەپ ئۆتۈپ كېتىدىغان قۇلغا ئايلىنىپ قالىسىز، پۇلنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇزۇشنى ئۆگىنىڭ.
پۇل ئەسىلدە بايلىقنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەرسىلەرنى تېز ۋە ئادىل تەقسىملەش ئۈچۈن ھۆكۈمران سىنىپلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان بىر بىلەت، بىر قەغەز بەلگەدىن ئىبارەت. باشقۇرغۇچىلار پۇلنىڭ ئادەملەر قۇلىدىكى سانىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئېھتىياجىنى، ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ئېھتىياج مەسىلىسىگە تاقاشقانلىقى ئۈچۈن، پۇل يەنە مەلۇم بىر نوقتىدىن ئەڭ ياخشى ئەخلاق ئۆلچىمى. بىر كىشى بىلەن تۇققاندارچىلىقىمىز بار دېمەڭ، ئالدىراپ ئۇ پەزىلەتلىك، ياخشى ئادەم دېمەڭ، بىر كۈنلەر كېلىپ پۇل مەسىلىگە تاقاشقاندا بەزى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەملەرمۇ پۇل ئۈچۈن ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ پەسكەشلىكلەرنى قىلىدۇ. بەزىدە پۇل ئۈچۈن تۇققانلار ياتلىىشىدۇ، مۇھاببەت يوقايدۇ، ئنسانلاردىكى مىھىر شەپقەت ئاجىزلايدۇ. ئەتراپىڭدىكى كۆپىنچە ئاەملەر پۇل ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، قانچىىلىك پۇل تاپسا شۇنچىلىك ئىھتىياج چىقىدۇ ۋە تاپقان پۇلىنى خەجلەشكە مەجبۇر… ئازلىغان پۇلنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن يەنە داۋاملىق باشقىلارغا ئىشلەشكە، بەزىدە غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە بۇلۇنىشىغا، ئادەملەرگە يالۋۇرۇشقا مەجبۇر…..
پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن توغرا بولغان پۇل كۆز قارىشىنى تىكلەش، توغرا بولغان پۇل كۆز قارىشىنى تىكلەش ئۈچۈن پۇل بىلەن ئوبدانراق تۇنۇشۇش كېرەك.
پۇلنى زادى قانداق تۇنۇشىمىز كېرەك؟
پۇنىڭ ئېنىقلىمىسىنى يۇقىرىدا بەرگەن بولدۇق. پۇل ئۇقۇمى نورمالدا ئىككى مەنىدە قوللىلىىنىدۇ. بىرى كەڭ مەنىدىكى پۇل ( مۈلكى پۇل) . يەنە بىر تار مەنىدىكى پۇل ( ۋەكىللىك پۇل)، بۇلاردىن باشقا يەنە ھازىرقى تېخنىكا دەۋىرنىڭ مەھسۇلى بولغان مەۋھۇم پۇل ( ئىناۋەتلىك كارتا، ئىنتېرنېتتە نەرسە ئېلىپ سېتىشتا ئىشلەتكەن بانكا ھېسابىدىكى رەقەملىك پۇل دىگەندەك) ئۇقۇمىمۇ بار.
كەڭ مەنىدىكى پۇل ئادەتتە بايلىىقنى ئاشۇرۇشتا ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان مۈلۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ. تار مەنىدىكى پۇل بولسا مەركەز بانكىسى بېسىپ تارقاتقان، ئالتۇننىڭ بىرلىكىنى ئىپادە قىلىپ تارقىتىلغان قەغەز پۇلدۇر. مەۋھۇم پۇل بولسا قەغەز پۇلىنىڭ قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سان سىفىرلاردۇر.
تار مەنىدىكى قەغەز پۇلنىڭ نورمالدا تۆت فونكىسىيسى بۇلىدۇ.
بىرىنچى: ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى فونكىسيسى. يەنى، قەغەز پۇل بازاردىكى ماللارنىڭ ئالماشتۇرۇلىشى ئۈچۈن ۋاستىدۇر. پادىچى ئارتۇق ئۆچكىسىنى ئۇنغا بىۋاستە تىگىشەلمەيدۇ. ئۇنغا بولغان ئېىتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋال ئۆچكىنى قەغەز پۇلغا ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن قەغەز پۇلنى يەنە لازىم بولغان ئۇنغا ئالماشتۇرۇشى كېرەك.
ئىككىنچى: قىممىتىنى ئۆلچەش فونكىسىيسى. قەغەز پۇل نۆۋىتى كەلگەندە ئوخشىمىغان ماللارنىڭ بازاردىكى ئېىتىياج ۋە تەننەرخىگە ئاساسەن قانچىلىك ئالماشتۇرۇش قىممىتى بارلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
ئۈچۈنچى: قىممەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە قەرز فونكىسيىسى . قەغەز پۇل يەنە ئادەملەر ئوتتۇرسىدا ياكى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدا مەلۇم ئېھتىياجنى قاندۇرۇش، ھەمكارلىق قۇرۇش، ياردەم بېرىش دىگەندەك مەسىلىلەردە ۋاستە بۇلۇش رولىنى ئوينايدۇ.
تۆتىنچى: ئىقتىسادى تەڭشەش ۋاستىسى بۇلۇش فونكىسىيسى. مەركەز بانكا يەنە بازاردا ئېقىپ يۈرگەن قەغەز پۇلنىڭ مىقتارىنى كونترول قىلىپ، پۇلنىڭ دۆلەتلەرنىڭ پۇل پاخاللىقى ، ئىشسىزلىق، ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇق، باھا مۇقىملىقى ، ئۆسۈم ۋە تاشقى پروۋېت نىسبىتىنى تەڭشەش، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش دىگەندەك فونكىسىيسىنى يۈرگۈزىدۇ.
پۇلنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق،  مىلادىن بۇرۇنقى ئۈچۈنچى ئەسىردە  ئىنسانلار مىس، قەلەي، كۈمۈش، ئالتۇن دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇش ۋاستىتى قىلىپ، پۇلنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىشنى باشلىغان. ئافرىقا قىتئەلىرىدە مەرۋايىت، پىل چىشىدىگەندەك نەرسىلەر پۇل قىلىپ ئىشلىتىلگەن.
ئەمىليەتتە پۇل تېخىمۇ بۇرۇنقى دەۋىرلەردە مەيدانغا كەلگەن، ئەمما بىرلىككە كېلىپ، ھەممە ئادەم تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر پۇل بىرلىكى يوق ئىدى.  مەسىلەن " قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانمىلار" دىگەن كىتاپتا نەقىل قىلىنغان بىر قەدىمكى توختامدا بىر ئايالنى بۇغدايغا تىگىشكەنلىكىنى يازىدۇ.  مىلادىن ئىلگىركى ئۈچىنچى ئەسىرگە كەلگەندە يۇقىردىكى بىر قىسىم مىتاللار پۇلنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىپ، پۇلنىڭ بىرلىكى تۇرغۇزۇلۇشقا باشلىغان. ئەمما پۇلنىڭ جەمىيەت ئىقتىسادىنى تېخمۇ  ئىلگىرى سۈرگەن ۋاقتى سەل كىيىنگە توغرا كېلىدۇ. قەدىمكى يۇنان ۋە رىم ئىمپىريىسى دەۋىردە بىر قانچە خىل نەرسىلەر پۇل قىلىپ ئىشلىتىلگەن، مەسىلەن مىش، ھاراق،  تۆمۈر ، ئىنەك دىگەندەك نەرسىلەر. بەزىدە ھەتتا قانۇنى جازا ئۈچۈن بۇ خىل پۇللارنى تۆلەش جازاسىمۇ بېرىلگەن.
كىيىنكى بىر نەچچە يۈز يىلدا كۈمۈش بىر قەدەر كۆپ قوللىنىلغان پۇل بىرلىكىدۇر، مىلادىن كىيىنكى 7 ىنچى ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئاندىن   بىر قىسىم يەرلەردە ئالتۇنمۇ پۇل بىرلىكى قىلىپ قوللىنىلىپ، ئاسان داتلاشمايدىغان، ئاسان ئېرىپ كەتمەيدىغان، ئاسان تېپىلمايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاستا ئاستا ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن. مىلادى 10ىنچى ئەسىرگە كەلگەندە بىر قىسىم رايۇنلاردا تۇز ۋە ئاشلىق ئېلىم بېرىم ئشلىرىدا ئالتۇن پۇل تۆلۈش ئورنىغا قەغەزگە ھۈججەت يېزىپ بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇنى ئاڭ دەسلەپتىكى ئىپتىدائى  قەغەز پۇل دېسەكمۇ بۇلىدۇ. ئالتۇن ئاسان ئۇپرايدىغان، يېنىدا تۇشۇغانسىرى قىممىتى تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا، كىينىكى ۋاقىتلاردا  كىشىلەر ئۇلتۇننىڭ قىممىتىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان ھۈججەتنى (يەنى قەغەز پۇلنى) ئويلىشىشقا باشلىغان.
1661 ىنچى يىلى شىۋىتسىيەدە  رەسمى قەغەز پۇل بېسىپ تارقىتىلىپ، ئېلىم بېرىم ئىشلىرىدا ئالتۇننى يېنىدا تۇشۇپ يۈرۈشنىڭ خەتىرى ۋە ئاۋارچىلىقى ئازايتىلغان. قەغەز پۇلنىڭ  ئىقتىساتقا قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسى شىركەتلەرنىڭ پاي چىكى بىلەن قەغەز پۇلنى ئالماشتۇرۇش. چۈنكى ئالتۇن بىلەن پايچەكنى ( شىركەت ھۈججىتىنى) ئالماشتۇرۇش كىشىلەرنىڭ كاللىسدىن ئۆتمەيتى.
1640ىنچى يىللىرىدىن كېيىن كەلگەندە فىرانسىيە قەغەز پۇلنى رەسمى شەكىلدە ھەممە ئادەم قۇبۇل قىلىدىغان پۇل بىرلىكى ۋە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ چىقىشقا باشلىغان. ناپالىئۇننىڭ كىڭەيمىچىلىكى بىلەن قۇشۇلۇپ بۇ قەغەز پۇللار باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە تارقالغان. بۇ دەۋرلەردە قەغەز پۇل ئالتۇننىڭ ھۈججىتى بۇلۇپ، ئالتۇنغا باغلىنىپ ئوبورۇت قىلىنغان، 19 ىنچى ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن ئالتۇنغا بولغان باغلىنىشنى ئاستا ئاستا ئاجىزلىتىپ، قەغەز پۇلنى مەركەز بانكا دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېسىپ تارقىتىدىغان تۈزۈمنى يولغا قويغان.
قايسىدۇر بىر ئالىم ئىنسانلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان تەرەققى قىلىشىغا ئەڭ كۆپ ھەسسە قوشقان ئۈچ چوڭ كەشپىياتنى مۇنداق كۆرسىتىپتىكەن:
ئوت، چاق، ۋە مەركەز بانكىسى
ئوتنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەن بولساق نەرسىلەرنى خام يەپ ئەقلى ئىقتىدارىمىز ھازىرقىدەك تەرەققى قىلمايتى. چاقنىڭ يۇمۇلاق ياسىلىشىمۇ ئاجايىپ مۇھىم كەشپىياتتۇر، چاق بولمىسا قۇرۇقلۇقتىكى ھەرقانداق موتۇرلۇق موتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەم ئىنسانلار ئۇزاق يولغا بېرىپ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشى، مەدىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ھەم تەرەققى قىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئۈچۈنچى مۇھىم كەشپىيات بولسا مەركەز بانكىسىدۇر. مەركەز بانكىسى، ماللارنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى بولغان پۇلنى بېكىتىپ، ھەممە ئادەمگە قۇبۇل قىلغۇزۇپ، ئالماشتۇرۇش پائالىيتىنى قولايلاشتۇرغان، تېزلاشتۇرغان . ئافرېقىدىكى مەلۇم بىر قەبىلە كىشىلىرىدەك، ھېلىغىچە ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى سۈپىتىدە، پۇلنىڭ ئورنىغا تۈگمەن تېشىنى ئىشلەتكەننى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. مەركەز بانكا بولغان بولسىدى، ئۇلار بىر نەچچە كىلو ئالما ئېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە تۈگمەن تېشىنى سۆرەپ بازارغا بېرىشقا مەجبۇر بولمايتى.
مەركەز بانكىسى ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ بىرىدۇر. مەركەز بانكىنىسنىڭ ئاسالىق رۇلىنىڭ بىرىسى، قەغەز پۇلنىڭ بازاردىكى ئوبورۇت مىقتارىنى  ۋە  باھا مۇقىملىقىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. ناھايتى ئاز بىر قىسىم دۆلەتلەردە مەركەز بانكا  دۆلەتنىڭ،  باشقا كۆپىنچە  كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە مەركەز بانكا شەخسىلەرگە قارايدۇ، ۋە ھۆكىمەت بىلەن بولغان مەلۇم بىر كىلىشىملەر بۇيىچە ئۆز فونكىسىسىنى يۈرگۈزىدۇ.
تارختا  بىر مەزگىل بازاردىكى قەغەز پۇلنىڭ مىقتارىنى بازاردىكى ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات ۋە ئۇنىڭ باھاسىغا   ماس ھالدا ئېشىپ بارغان  پۇل تەلىپى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن، يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ دەسلەپتىكى مەزگىللەردە سانائەتنىڭ، بۇلۇپمۇ ماشىنسازلىق سانائىتىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشى بىلەن مەركەز بانكىمۇ بېسىپ چىقارغان پۇل مىقتارىنى كۆپەيتكەن، ئىقتىسات ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ دەپ خوشال بۇلۇشقان كىشىلەر كېيىنرەك ، بۇلۇپمۇ 1920 ىنچى يىللارغا كەلگەندە، قۇلىدىكى پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان. بىر كۈنلەردە بىر سومكا پۇلغا بىر كىلو گۈرۈچ سېتىۋالالمايدىغان ۋاقىتلار كەلگەن.  بىر ھىكايىدە دېيىلىشىچە، بىر ئادەم بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر ھارۋا  لىق پۇلنى سۆرەپ بازارغا بېرىپتۇ، باھانى ئۇقۇپ باقاي دەپ دوكانغا كىرىپ چىققىچە ئوغرى ھارۋىدىكى پۇللارنى يولغا تۆكىۋېتىپ، قۇرۇپ ھارۋىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىپتۇ، چۈنكى بۇ بىر ھارۋا بۇل ھەرقانچە قىلىپمۇ بىر ھارۋا سېتىۋېلىشقا يەتمەيدىكەن.
بازاردىكى پۇلنىڭ مىقتارىنى كونترول قىلىش جەھەتتە، تۆھپىسى ئەڭ كۆپ بولغان كىشى كەينىس دىگەن كىشىدۇر. ئىقتىساتتىكى ئادام سىمىسنى فىزىكىدىكى نىيۇتۇنغا ئوخشاتساق، كەينىسنى ئېينىشتىيىنغا ئوخشاش،  ئەمما  ئىقتىساد ساھەسىدە ئىنقىلاب خاراكتىرلىك يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن كىشى دېيىشكە بۇلىدۇ. كەينىسنىڭ تېئورىمىسىغا ئاساسەن، ئىقتىسادنىڭ ساھەلىرى سانائەت ۋە پۇل مۇئامىلە دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.  بۇ ئىككى ساھە جەمىيەتتىكى پۇلنىڭ ئوبوروت ۋە ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. سانائەت ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت بىلەن تەمىنلەش، تەننەرخ، باھا دىگەندەك ئامىللار بىلەن پۇلنىڭ مىقتارىغا ۋە قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ. پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە بولسا پۇلنىڭ تەمىنلىنىشى، ئۆسۈم، بانكىلاردىكى پۇل تۆلەم، ئامانەت ۋە قەرز، پروۋوت نىسبىتى دېگەندەك ۋاستىلەر بىلەن پۇلنىڭ مىقتارى تەلىپىنى تەڭشەيدۇ. بازاردىكى پۇلنىڭ مىقتارىنى زىيادە  كۆپەيتىۋەتمىسىلا  پۇل پاخاللىقى يۈز بەرمەيدۇ.
مەسىلەن، ئۆسۈم يۇقىرلىغاندا بانكىغا ئامانەت قۇيۇلدىغان پۇل كۆپىيدۇ، جەمىيەتتە كىشلەرنىىڭ قۇلىدا ئايلىنىپ  يۈرگەن پۇل مىقتارى ئازىيدۇ، بەلكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى چۈشۈرۈپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى بەلگىلىك نىسبەتتە كونترول قىلغىلىمۇ بۇلىدۇ، ئەمما  سانائەتكە  سېلىنغان مەبلەغمۇ ئازىيىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىشسىزلىقنىڭ ئىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. باجنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشىمۇ يۇقىرقىغا سەل ئوخشاپ كېتىدىغان نەتىجە بېرىدۇ. دولەت خەزىنە چىكى(زايۇم) مۇ پۇل مىقتارىنى تەڭشەش  مەقسىتىدە قۇللىنىلدىغان ۋاستىدۇر.   بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا سانائەت ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسى بىر بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەسىللەر ئۈستىدە ئىلمى پىكىر يۈرگۈزسەك بەك مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ....
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا پۇل ھەرگىزمۇ ئىنسانلار  چۇشەنگەندەك ھەقىقى بايلىقتى دېرەك بەرمەيدۇ. نۇرغۇن ئادەملەردە توغرا بولمىغان پۇل كۆز قارىشى مۋجۇت. بەزى ئادەملەر پۇلنى جايىدا ئىشلىتەلەيدىغانلىغىنى، ئىقتىسادچان ئىكەنلىكىنى دەپ ماختىنىدۇ.
پۇل ھەققىدە شۇ نەرسىلەرنى كاللىمىزدا ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. پۇل ھەرگىزمۇ  خوشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان نەرسە ئەمەس، سىزنى خوشال قىلغىنى ئەمىليەتتە  سىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە، ئائىلە ۋە مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسىدۇر. بىر نىشانغا مېڭىش ئۈچۈن ھارۋىغا چىقىپ كېتىۋاتقان بولسىڭىز ، پۇل پەقەت بۇ ھارۋىنىڭ چاقىدەك بىر خىل رول ئوينايدۇ، چاقى يوق ھارۋىنىڭ  ئىگىسى بۇلۇپ  قالسىڭىز ھېچقانداق  نىشانغا مەڭگۈ ۋە مۇتلەق يىتەلمەيسىز دىگەن گەپ يوق.
بەزىلەر دەيدۇ، مەندە پۇل بولغان بولسىدى، مەكتەپتە ئوقۇيالايتىم، كىتاپ سېتىۋالالايتىم،  مۇنداق ئىشلارنى قىلالايتىم ..... ئەمىليەتتە پۇل ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەت باھانىسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئەگەر سىز بىر نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەرسىدىن ۋاز كېچىشىڭىز كېرەك، ئاسماندىن بىكارغا توقاچ چۈشمەيدۇ. پۇل پەقەت سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە بىلەن ۋاز كەچمەكچى بولغان نەرسە ئوتتۇرسىدىكى بىر ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى خالاس. سىز ۋاز كەچمەكچى بولغان نەرسە بەلكى سىزنىڭ بار بولغان نەرسىڭىز، ياكى جىسمانى ۋە ئەقلى ئەمگىكىڭىز...پۇل بىرىنچى مۇھىم ئامىل دەپ قارىۋالسىڭىز، پۇلدىن ئايرىلىپ قالغاندا بەكمۇ ئېغىر مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە قالىسىز، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگىمۇ كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كېلىسىز.
بەزى قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن يولدىشىم مېنى باقىدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. بەزى ئاتا ئانىلار  قېرىغاندا بالىلىرىدىن ئۈمىد كۈتىدۇ.  ئەمما جەمىيىتىمىزدە بەزى ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە پۇل ئايالدىن، ئاتا ئانىغا بولغان ۋاپادارلىقتىن مۇھىم. پۇلغا تاقاشقاندا بەزى ئىشلار سىزنىڭ ئويلىغىنىڭزدەك بولماي قېلىشى مۇمكىن.
ئولتۇرۇپ ئەنە شۇلارنى خىيال قىلدىم، خىيال قىلىپمۇ ھاردىم، ئىچىمدە  ئاشۇ قەغەز پۇلنى كەشىپ قىلىپ، ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ كاللىسىغا پارازىت قۇرتتەك قەغەز پۇل  ئېڭىنى ئورنىتىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە ئاپرىن ئوقۇدۇم. ئاشۇ ھەقىقى پۇلنىڭ  ۋەكىلى سۈپىتىدە يانچۇقلىرىمىزدا پۇرلىشىپ، قوللرىمىزدا ئايلىنىپ يۈرگەن قەغەز پۇل ئۈچۈن ئۆمرىنى ئاتىغان، ئىنسابىنى يوقاتقانلار، دوستلۇق ۋە تۇققانلىقتىن، ئائىلىدىن ۋاز كەچكەنلەرگە نەپرەت ئوقۇدۇم. .....  

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:41:16

لىكىن پۇل ئۇچۇن يەر شارىدىكى ئادەملەر ئەتىگەندىن كەچكىچە مىدىرلاپ تۇرمىسا بۇ دۇنيانىڭ قىززىقى بولمايدىدە،،،::funk:

Huwqush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:49:01

بىر ئۆزبىك ئون ئۇيغۇرنى ئالدىيالايدۇ، بىر تۈرك ئون ئۆزبىكنى ئالدىيالايدۇ، دەيدىغان گەپ بار.  قالغىنىنى ئۆزىڭىز ھېسابلىۋالسىڭىز، نېمىشقا ئالدانغىنىڭىزنى بىلەلەيسىز ھېلىقى تۈرككە.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:14:39

بىر ئىشنى دەپ بېرەي ، ئوقۇغانلار ئېبىرەت ئالغاي ؛
ماشىنىنى سېتىۋىتەي دەپ تورغا ئېلان چىقارسام ، بىر بالا  ئىزدەپ كەپتۇ ، ئاپتۇبۇس شىركىتىدە ئىشلەيمەن ، ئىشتىن چبشكەندە ئازىراق كىرىم قىلىپ ئۆينىڭ ھاجىتىدىن چىقاي دىگەنتىم ، يېنىمدا بارى مۇشۇكەن ، دەپتىرى سىزدە تۇرۇپ تۇرسۇن ، توختامنى تۈزۈپ بىر ئايغىچە قالغان پۇلنى بېرىپ ئېلىپ كىتەي دەپ تۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنىڭدىن جىق دىگەنلىگىمۇ بەمىگەن . بوپتۇ دەپ توختامنى يېزىپ قول باستۇرۇپ كىملىكىنى سايىلىۋىلىپ بەدىم . بىر ئايغىچە جىم ، نوپۇسىنى يۆتكىۋالساڭ بولىتى دىسەم ، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدە ئولتۇرىتىم ، نوپۇسۇمدا ماشىنا بولسا ئۆينى تارتىۋالىدۇ ، تونۇش تېپىپ يۆتكىۋالسام دىدى . ھە دىدىم ، يەنە جىم ، كىيىن تېلېفۇن قىلسام ئالمايدۇ ، بېسىۋىتىدۇ . ئۇچۇر قىلىسام قايتۇرمايدۇ ، باشقا تېلېفۇندىن  ئۇرسام ئالىدۇ گەپ قىلمايدۇ . ئاخىرى زىرىكىپ ماشىنىنىڭ نوپۇسىنى توختىتىۋەتتىم . ساقچىخانىغا بارسام بىز ئېنىقلاپ باقىلى ، بولسا بۇنداق ئىقتىسادىي ماجىرانى سوتقا ئەرىز قىلىڭ دەيدۇ . كىملىكتىكى ئادىرسىغا ئىزدەپ بارسام ياشانغان ئاپسىنىڭ ئۆيىكەن ، ئىزدەپ كىلىدىغانلىنىڭ تولىلىقىدا ئۆيگە قايتمىغىلى نەچچە يىل بوپتۇ . نەدە تۇرۋاتقىنىنى ئاپسىمۇ بىلمەيدىكەن . شۇ يەردىكى تونۇش بىلىشلىدىن ئۇقۇشسام بۇ بالا مەخسۇس ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كېيگۈزۈپ جان باقىدىكەن .
نەچچە يىل بۇرۇن بىرسىگە 20مىڭ كويغا ئا پىراۋا ئېلىپ بېرىمەن دەپ 100كويغا ياسىتىپ بېرىپتىكەن ، ئۇ ئادەم بىلمەي ماشىنا ھەيدەپ يۈرۈۋىرىپتۇ ، كىيىن ۋەقە چىققاندا پىراۋا ساختا بولغاچقا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەپ بەرمىگىچكە سوتقا ئەرىز قىلىپ ئۇمۇ بىر قسىمىنى تۆلەپتىكەن ، شۇ قەرزىنىڭ ئاخىرىنى ئۈزۈپ بولالمىغاننىڭ ئورنىغا نەچچە ئادەمگە تاكسى ئېلىپ بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلىپ يىگىرمە نەچچە مىڭدىن پۇلىنى ئېلىۋىلىپ سۆرەپ يۈرۈپتۇ ئەتە بېرىمەن ، ئۆگۈن بېرىمەن دەپ ، شۇلارنىڭ بىرسى بىلەن كۆرۈشتۈم  ، ھويلامغا ئۆرەك كولاپ قويدۇم ، تېپىۋالسام بوغۇزلاپ كۆمۋىتىمەن دەيدۇ .
بۇرۇن بىرسى بىرسىنى قويۋاپتۇ دىسە قانداق قويۋالدىكى دەپتىكەنمەن ، مۇشۇ ئىش بولغاندىن بېرى سەل خەققە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالدىم . قالغان پۇلغۇ بىر چەتتە تۇرۇپ تۇرسۇن ،  ماشىنىدا بىر ۋەقە چىقىرىپ قويسا ئىگىسى بولغان ماڭا تېخى ئىش بار ، سوتقا ئاپىرىپ تاشلاپ قوياي ھېچ  ئۆزەمنى ئاقلايدىغانغا ئىسپات بولا دىسەم ئەرىز قىلىغۇچى تۇرغان جايدىكى ئاھالە كومىتىتىن بۇ كىشى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ دەپ ئىسپات ئەكەلمىسە  ئەرىزنى قوبۇل قىلمايدىكەن . بىر ئىش بولدى بۇ ھازىر . ئىزدەپ يۈرۈيمەن ، تېپىۋالسام ئۆرەككە تىقۋەتمىسەممۇ بىر نىمە قىلىۋىتىمەن لىكىن .

kalampai يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:47:58

پۇل ،بۇ پۇل ئادەمنى نىمە كويغا سالمايدۇ ھە . مەنمۇ باشقىلارغا پۇل بىرىپ تاس قالغان سەدىقە قىلىۋەتكىلى .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 01:12:16

قاچان مائاش ئۆسەركىن دەپ كۆزىمىز تۆت…

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 02:22:28

terjime@ بۇرادەر ، نەقىل ئالاي دەپ يوللىسام ،قىسقا ئۇچۇر كەتكەن چىراي . ئۆزۈر ..
ھەممىڭلار تاپالمىغانغا قارىغاندا، بىرەرسى چاندۇرماي كۆمىۋىتىپ بولدىمۇ يا ؟

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 02:29:03

مۇشۇ پۇل ئىلىم بىرىم قىلىدىغان ئىشتا بەك زىل بولمىساق بولمايدىكەن ، پۇل خەجىلەپ دۈشمەن سىتىۋالدىغان ئىش دەيدىغان بولىۋاپتۇ ئۈندىداردا .  راستكەن زادى ،ئىمان - ۋىجدانى بارلارغۇ ۋاختىدا قايتۇرۇپ بىرىدىكەن . لىكىن قىلىن ئادەم جىقلاپ كەتكەندىكىن ، سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن قىتىقنى پۈۋلەپ ئىچىپ ، ھەققىي قىيىنچىلىقى بار ھەم قايتۇرۇپ بىرەلەيدىغان ھاجەتمەنلەرگە ئۇۋال بولۇپ قالىدىكەن ، بولمىسىغۇ قەرز بىرپ تۇرۇش ساۋابلىق ئىشتى .

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 02:46:23

bugle يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 08:19:31

بىرسى پۇل سورىسا بەرمەيمەن،ئۇلار خاپا بولسا،-خاپا بولمىغىن،مەندە بۇرۇن پۇل بىردىغان،لىكىن ئالالمايدىغان ئادەت بار ئىدى.دەپ گەپنى ئۇدۇل ئېيتىمەن .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:25:30

  مەنمۇ جىق قويۇلۇپ كەتتىم ئىشقىلىپ.  كۆڭۈلچەكرەك بولغاچقىمەنمىكىن، تونۇش بىلىشلەر سورىسا يۈزىگە كىلەلمەي بىرىپ تۇرىدىكەنمەن.  كىيىن ئالالمايۋاتقان ئاندىن.  

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:09:36

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 11:25 static/image/common/back.gif
مەنمۇ جىق قويۇلۇپ كەتتىم ئىشقىلىپ.  كۆڭۈلچەكرەك بولغا ...

كۆڭۈلچەكتىڭ كۆتى ئوچۇق  

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 14:16:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 14:24  

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 02:46 static/image/common/back.gif
money بىلەن  currency ئوخشىمايدۇ بىرسى قىممەت ساقلايدۇ. بىرس ...

بىرسىنى پۇل بىرلىكى دەيدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 14:38:11

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 12:09 static/image/common/back.gif
كۆڭۈلچەكتىڭ كۆتى ئوچۇق

  بۇ نەسىھەتىڭىزنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم خۇددى ئىدىسون ياسىغان تۇنجى لامپۇچكىدەك پاللىدە يورۇپ كەتتى قېرىندىشىم.  بۇنىڭدىن كىيىن ئۈشبۇ نەسىھەتىڭىزنى قەلىپ تۆرۈمگە مۆھۈردەك بېسىپ، كۆتۈم ئېچىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆڭۈلچەكلىكنى تاشلايمەن قېرىندىشىم. :lol

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 15:07:49

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 15:29:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 17:15  

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 15:07 static/image/common/back.gif
ھە رەھمەت.  
ئەسلى دېمەكچى بولغىنىم، بىرسى بىرسىدىن ق ...

دىمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇرچىدا ئىككىلىسىگە ئايرىم-ئايرىم ئاتالغۇ بار.
Moneyنى پۇل دەيدۇ، Currencyنى پۇل بىرلىكى دەيدۇ.
لۇغەت ئاختۇرسىڭىز Currencyنى پۇل دەپ چىقىرىپ بىرىشى مۇمكىن، چۈنكى لوغەت تۈزگۈچىلەر كۆپىنچە ئاتالغۇلارنىڭ خەنسۇچە تەرجىمىسىدىن پايدىلىنىدۇ. شۇڭا بەزى خاتالىقلار ياكى ماس كەلمەسلىكلەر بار.
بۇ ئىككى ئاتالغۇنى بىزلا ئەمەس، ئىنگىلىزلارمۇ  بەزىدە ئىشلىتىلىشى ئورنىدا   قايمۇقۇپ قالىدۇ.
پۇل دىگەن بىر شەكىلسىز ئۇقۇم، پۇل بىرلىكى ئۇنىڭ نەق ئىپادىلىنىش شەكلى. مەسىلەن . خەلق پۇلى، يىن، دوللار، رۇبلىلار ...ھەممىسى پۇل بىرلىكى‹Currency› بولىدۇ.
ئىنگىلىزلار ئادەتتە پۇلنى  good money ۋە bad money دەپ ئايرىيدۇ.  good moneyدىگىنى ئالتۇننى، bad moneyدىگىنى پۇل بىرلىكى ‹Currency›نى كۆرسىتىدۇ.
بۇرۇنلاردا ئالتۇن، كۆمۈش، قۇلۇلە قىپى..لەرمۇ پۇل بىرلىكى بولغان. لېكىن ھازىر ئاساسەن ئۇنداق ئەمەس.
ئەمىلىيەتتە پۇل بىرلىكىمۇ شۇ پۇل، لېكىن ھەقىقىي قىممىتى بولىدۇ، پۇل بىرلىكى پۇلنى ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 15:33:08

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 15:40:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 17:17  

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 15:33 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز پۇل بىرلىكىمۇ قىممەت ساقلى ...

پۇل بىرلىكى ئۆزلىكىدىن قىممەت ساقلىيالايدۇ دىمەكچى ئەمەس. ئۇنى خەلقئارا بازار بەلگىلەيدۇ.مەسىلەن رۇبلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى دىگەندەك. بەزى دۆلەتلەر  ئۆز پۇل بىرلىكىنىڭ قىممىتىنى قەستەن كونتىرۇل قىلىپ تۇرىۋىلىشى مۇمكىن .
پۇل بىرلىكى پۇلنى ‹ھايات›ى كۈچگە ئىگە قىلىدۇ. پۇل دىگەن شەكىلسىزئۇقۇم، تۇتقىلى، پۇرىغىلى ياكى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما پۇل بىرلىكى پۇلنىڭ نەق قىممەت شەكلى.  پۇل بىرلىكى ئارقىلىق پۇلنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەيمىز.


ئەسكەرتىش:  ئۇقۇم ئالمىشىپ قالغاچقا شەكىلسىز دىگەن سۆز مەۋھۇم بىلەن ئالماشتى.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 15:42:51

ئاساسلىق دىمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى يۇقىرى. پەقەت تىلشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ چۆكمىگەن يىرى بار.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 15:45:08

بەت: [1] 2 3 4
: پۇل ھەققىدە ئەبجەش خىياللار.....