izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:08:04

باشقا تىما ئاچايلى :lol

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:08:58

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:25:03

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-02-21 21:08:04 static/image/common/back.gif
باشقا تىما ئاچايلى :lol


http://i.ifeng.com/finance/fnews/chanjinggongsi/news?aid=96199487&mid=X9irGP&vt=2

ئالى بابانى «سېتىۋەتكەندەك» قىلىدۇ، باشقىلىرى بىلەن كارىمىز يوق، لىكىن ئۇ سىستاتكىدا يوق دىگەندەك پاراڭ قىپتۇ…
راستىنلا توسالغۇ دەپ قالغاندەك…

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:27:05

0996 يوللىغان ۋاقتى  2015-02-21 21:25:03 static/image/common/back.gif



http://i.ifeng.com/finance/fnews/chanjinggongsi/news?aid=96199487&mid=
ئەسكەرتىش:
ھەققانىۋىچنىڭ سايىلىرى ئىنكاسىمغا ئەگەشمىسۇن!

kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 01:03:43

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 21:07 static/image/common/back.gif
دىيارىمىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا نىسبەتەن مىكرو ئ ...

ئىقتىساد بولغان ئەھۋاللارنى كۆپرەك تەتقىقات قىلىدۇ. شۇنداق مىسال ئالايى، مەسىلەن بىرى ئىقتساد  كاساتلىشىپ، شىركەت ۋەيران بۇلۇپ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئىقتىشادشۇناسنىڭ قېشىغا بارسا نىمىشقا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيالايدۇ،  ئەمما قانداق قىلىپ تىجارەت قىلىش، تىجارەت پىلانى ، ئىستىراتىگىيە تۈزەش، قانداق قىلىپ بازاردىكى كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈگىتىدىغىنى ماركېتىڭ.  ماركېتىڭ - ماكرو ماركېتىڭ ۋە مىكرو ماركېتىڭ دەپ ئايرىلىدۇ.
مەنچە دىيارىمىزدىكى كارخانىچىلاردا ئىلمى باشقۇرۇش ، مالىيە كونترول  قىلىش قابىلىيىتى كەمچىل، ماركېتىڭ بىلملىرىگە سەل قااراش ئەھۋالى بار. بۇ بىلىملەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك... مۇمكىن بولسا كېيىن بۇ توغۇرلۇق يېڭى تىمىلارنى يوللاپ تۇرايلى

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 02:35:24

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 02:43:56

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 06:01:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 06:20  

0996 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 21:25 static/image/common/back.gif
http://i.ifeng.com/finance/fnews/chanjinggongsi/news?aid=96199487&mid=X9irGP&vt=2

ئالى با ...

ئالى بابانىڭ پىيىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئاساسلىقى چوڭ قۇرۇقلۇقتا مەشخۇلات قىلىدىغان ئالىبابا بايرىقى ئاستىدىكى تورلارنىڭ ساختا بۇيۇملارغا سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ زەربە بىرىشىنى كۈچەيتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋە خەلقئارادىكى پاي سىتىۋالغانلار ئەلىبابا گوروھىدىن پاينى بازارغا سىلىشتىن بۇرۇن مۇشۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئەرز سۇنماقچى بولغان ۋە سودا سانائەت ئىدارىسى بىلەن ئەلىبابا گوروھى ‹يارىشىپ› قالغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتتىن كىيىن بۇ ئىش سەل بىسىقتى ۋە ئەلىبابانىڭ پىيى شۇندىن كىيىن نىسبىي سەل ئۆسۈپتىكەن.
ئۇنىڭدىن كىيىن  بۇ توغرىسىدا پەۋقۇلاددە چوڭ خەۋەر يوق تىخى.
جۇڭگۇ شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا پايغا سالغان شىركەتلىرى ئىچىدە پاي باھاسى داۋاملىق چۈشۈپ كىتىش ئەھۋاللىرى بار. بولۇپمۇ رىن رىن تورىنىڭ ئەڭ ئىغىر بولدى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئالاقىدار چەكلىمىسى تۈپەيلى، چەتئەل مەبلىغى جەلىب قىلىش ئۈچۈن alibaba group holding limited نى كەيمەن ئارىلىدا تىزىملاتقان . بۇنى ئىقتىسادچىلار Shell company دەيدۇ.
Shell company دىگەن نىمە؟
قاسراق شىركەت‹Shell company› دىگىنىمىز ئۆزى مەۋجۇد بولغان‹يەنى تىزىمغا ئالدۇرلغان› لېكىن ھەقىقىي تۈردە سودا قىلمايدىغان ياكى بىرەر مۈلىكى بولمىغان شىركەتنى كۆرسىتىدۇ.
alibaba group holding limitedنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى جۇڭگۇ  چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى alibaba.com بايرىقى ئاستىدىكى بارلىق تور بىكەتلەر مەسىلەن تاۋباۋ، تىيەنماۋ دىگەندەك توربىكەتلەرنىڭ كىرىمىدىن كىلىدۇ. پۈتۈن مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە پاي شىرىكلىرى مۇشۇيەردىكى پايدىنى دەپ مەبلەغ سالغان.
جۇڭگۇ ھۆكىمىتى تەرىپىدىن بىرەر چەكلىمىلىككە ئۇچرىسا مەسىلەن سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ ئالدىنقى قىتىملىق ساختا ماللارغا زەربە بىرىش ئىشىدەك، alibaba group holding limitedنىڭ بارلىق پايچەكلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ.
تورلاردا ئەلىبابا چەتئەلنىڭ شىركىتى دەپ ئەنسىرىگىنى ئەمىلىيەتتە  كەيمەن ئارىلىدا ئەنگە ئىلىنغان alibaba group holding limited دىكى پايچىكلارنىڭ يىرىمىدىن كۆپىنىڭ چەتئەللىكنىڭ قولىدا بولغانلىقىدا. ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مەشخۇلات قىلىۋاتقان شىركەت ئاساسلىقى مايۇن ۋە يەنە بىر جۇڭگۇلۇق پايچەكنىڭ قولىدا.
ئەلى بابا  بەزى دەلتىلەرنىڭ  ئىيتىقىنىدەك ماسۇنلار شىركىتى ئەمەس.
ئەلىبابا شىركىتى جۇڭگۇنىڭ ھەممە قانۇنىغا بوي سۇنىدۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 06:12:41

kanat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 01:03 static/image/common/back.gif
ئىقتىساد بولغان ئەھۋاللارنى كۆپرەك تەتقىقات قىلىدۇ.  ...

توغرا ئىيتتىڭىز، مەنچە بىزدىكى مالىيە-ئىقتىساد خفراكتىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلار كاللىسىدا مىكرو ياكى ماكرو ئىقتىساد توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر نىڭ كەملىكىدىن بىر ئىككى يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەكتەپتە مۇھىم نىشانلارنى بەلگىلىيەلمەي ئۆتۈپ كىتىدىكەن.
مۇشۇ تۈرگە قىزىققان ۋە بىرەر نەتىجە ياراتماقچى بولغانلارنى ئىچكىرىدىكى بىرەر داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ياكى چەتئەلدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ سودا باشقۇرۇش MBAدە ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەنچە ئەڭ ياخشى تاللاش ياپۇنىيەدىكى مەكتەپلەر بولىشى مۇمكىن. بىرىنجىدىن ئوقۇش ھەققى تۆۋەن. ئىككىنجىدىن تۇرمۇش چىقىملىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق تامامەت قامدىغىلى بولىدۇ. بىلىشىمچە ياپۇنىيەدە بىرىنجى يىلىمۇ ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن. ئۈچىنجىدىن ياپۇنىيەنىڭ مۇلازىمەت ساھەسى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بىر قانچە تونۇشۇم ياپۇنغا بارغاندا شۇيەرددىن كىيىم-كىچەك ئالماقچى بولغىنىدا ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن ھەيران قالغانلىقى ئىيىتتى، ئاساسلىقى ئاشۇ مۇلازمەتتىنرازى بولۇپ كىتىپ ئاپتۇ. بۇنى ماركىتىڭ ئۈگىتىدىغۇدەيمەن؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 06:17:08

ماۋۇ ياپۇنىيەدىكى MBAدە داڭلىق مەكتەپلەر:



سىلەر بىلىدىغان ئىچىكىرى ئۆلكىچىلەردىكى ياكى چەتئەللەردىكى مەكتەپ ئۇچۇرلىرى بولسا قالدۇرۇپ قويۇڭلار.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 06:29:36

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 17:21 static/image/common/back.gif
پۇل تېپىشتا چۇقۇم ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيەلىك پ ...

بۇ گىپىڭىز توغرا. لېكىن ھازىرقى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ  ئۆزى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ياشلار نىڭ بەرداشلىق بىرىشى ئاجىز بولىۋاتىدۇ.بىر مەزگىل شەخسىي شىركەتلەردە ئىشلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنىدى،لېكىن ھازىر يەنىلا ھۆكىمەت ئورۇنلىرىغا كىرىش قىزغىنلىقىغا قايتىۋاتىدۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 06:34:01

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 17:21 static/image/common/back.gif
پۇل تېپىشتا چۇقۇم ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيەلىك پ ...

ئۆتكەندە تورلاردا ‹ئۇيغۇر مىليادىر دىلمۇرات قوزىيېف نېمە دەيدۇ؟› دىگەن سۆزلەر كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلغانىدى. خىلى جىنى بار گەپلەرنى قىپتىكەن. چاپلاپ قوياي:







ohximas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:04:43

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 15:22:24

kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 20:58:56

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 06:12 static/image/common/back.gif
توغرا ئىيتتىڭىز، مەنچە بىزدىكى مالىيە-ئىقتىساد خفراك ...

توغرا، دېگىنىڭىز خېرىدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت باشقۇرۇشقا چېتىلىشى مۇمكىن.  ماركېتىڭ - ئشلەپچىقىرىش، لاھىيلەش، تارقىتىش، ئۇرۇن ۋە باھا بەلگىلش، تۇنۇتۇش، سېتىش ۋە رىقابەت ئىستراتىگىيەسى بەلگىلەش، ئېلان، ماركا ئىستراتىگىيەلىرى، خېرىدارلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق دېگەندەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. ماركېتىڭنىڭ تارماقلىرىمۇ كۆپ، MBA دەرسلىكلىرىدە  ماركېتىڭغا خېلى  ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بۇمۇ تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىلىم:)

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:45:13

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 06:29 static/image/common/back.gif
بۇ گىپىڭىز توغرا. لېكىن ھازىرقى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ  ئۆزى ئ ...

شۇ ۋاقىتتىكى ياش باللارنىڭ شىركەتتە ئىشلەش قىزغىنلىقى ئۇمۇميۈزلۈك ئەمەس ئىدى،..مەنمۇ ياش خىزمەت بېسىمى ماڭىمۇ چۈشۋاتىدۇ......دادام ھۆكۈمە ئورگىنىغا يول مېڭىپ ئاران ئەكىرىپ بەرسە مەن چىقىپ كەتكەنتىم،چۈنكى مىنىڭ ئويلايدىغىنىممەن ئازراقلا مائاشقا قاراپ ئولتۇرسام بولمايدۇ،ماڭا تېخىمۇ كۆپ پۇل كېرەك.پۇل تېپىش،قەدىر قىممىتى بىلەن ياشاش دىمەكتۇر.

رەخمەت ئەپەندىم.

qaraxanli يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 20:11:59

ھازىر بەزى ئۇيغۇر كىشىللىرىدە پۇلغا بولغان چوقۇنۇش يەھۇدىيلار دىنمۇ  بەتەر
بەت: 1 2 3 [4]
: پۇل ھەققىدە ئەبجەش خىياللار.....