Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:26:26

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:42:55

ياقەي مەن كەسىپ ئەھلى ئەمەس ، تىخى ئۈگەنگۈچى .  
كىتابقا نىسبەتەن مەن دەل ئادەمنى غىدىقلايدىغان كىتابلارنى ياقتۇرمايمەن . چۈنكى ئۇنداق كىتابلار غىدىقلاش ئۈچۈن گەپ يورغىلىتىدۇ ،كىشىلەرنى ئىقتىسادى مەسلىگە قىزىقتۇرۇش رولى بار ، بىر بىلدۈرۈش رولى يوق ، لاڭشىيەنپىڭدەك. ھەم سىلىنىڭ سەۋىيەرىڭلىگە نىسبەتەن  ئۇنىڭ ھاجىتى يوق ھىس قىلدىم ، سىلە ئىقتىسادنىڭ قايسى تۈرىگە قىزىقىسىلەر ؟ماكرۇ ؟مىكرو ؟ ياكى پۇل -مۇئامىلە يۆنىلىشى؟ ئۆزەڭلەر قىزىققان يەردىن تۇتۇپ ، تىل ئۈگەنگەندە گىرامماتىكا قىسمىنى ئۈگەندەك تۈرگە ئايرىپ ،كاللىدا قۇرۇلما تۈزىۋىلىپ (框架), مۇناسىۋەتلىرىنى ئوبدان چۈشىنىپ ئۈگەنسە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن . بۇنىڭدا بىرەر كىتاپنى تۇتۇپ ئۈگىنىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن توردىن ئۇقۇم قىسىمىنى ئىزدەپ ، چۈشەنمىسە مىسال ئىزدەپ ئۈگەنسە  ئۈنىمىنىڭ ياخشى بولدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم .  
ھەممىسى شەخسىي كۆز  قاراش ۋە تەجىرىبە. خاتا بولسا يەنە دىيشىسەك بولىدۇ .

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 00:25:54

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 17:15 static/image/common/back.gif
نەگە چاپلاپ قويدىڭىز. 10 يىل بۇرۇن شۇنداق ئۆگەنگەن بو ...

ئۆگىنىپ كېلىپ ماڭا دەرس ئۆتۈڭ.  مەن بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلەيمەن. ئەلۋەتتە سەمىمي بىلىملىك ئادەملەرنى. يالغانچى كاززاپلار بىلەن خوشۇم يوق.
ئىزچىلار بۇرادەرنى ئىزدىنىشنى چۆگلەپ يۈرگەن تۆت بەش يىلنىڭ ياقى ئوبدان بىلىمەن گەرچە ئۇنى رىئال تۇرمۇشتا  تۇمۇسىماممۇ ،بۇ قېرىندىشىمىزمەيلى  پۇل مۇئامىلە ،ئىقتىساد تىپىدىكى تىمىلار بولسۇن ۋە ياكى خەلقارا خەۋەر تىپىدىكى تىمىلاردا بولسۇن ...............دىن توغرىسىدىكى تىمىلار بولسۇن ئۆزىنىڭ كەڭ دائىرلىك ئۇنۋىرسال بىلىمىنى ئىزدىنىشقا ئايىماي تۈكىۋاتقان ،ھەر قانداق تىمىدا ئىلمى ،ئاساسلىق ،پاكىتلىق ئىنكاسلىرى،نەچچە ئون بەتكە سۇزۇلغان مۇنازىرىلەردىمۇ باشقىلار ئېغىز جېڭىغا چۈشكەندىمۇ قېرىندىشىمىزنىڭ پاكىتلىق ،ساپالىق ئىۈزىنى تۇتۋالغان ھالدا پىكىر بايان قىلىشلىرى   بىلەن تورداشلارنى قايىل قىلىپ ئىزدىنىش ئەزالىرىنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كىلۋاتقان (شەخسەن كەمىنە جەڭگىۋار نىڭ بۇ قېرىندىشىمىز غا   چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار) توردىشىم ھەم قېرىندىشىم دەپ بىلىمەن .سىزنىڭ ئىككى ئېغىز ئنكاسنىڭ 3-سىدە يالغانچى كاززاپتىن چۈشۈپ ئېغىز بۇزىشىڭىز تازا قاملاشمىدى ؟
مۇمكىن بولسا قىزىققانلىق قىلماي ئىلمى ،ساپالىق ھالدا مۇنازىرە قىلساڭلا بۇنىڭدىن مەندەك يەنە نۇرغۇن ئۈگۈنىشكە موھتاج قېرىنداشلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بۇلار ئىدى ..........................:handshake

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 01:42:09

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 07:57:15

Economists يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 21:42 static/image/common/back.gif
ياقەي مەن كەسىپ ئەھلى ئەمەس ، تىخى ئۈگەنگۈچى .  
كىتابق ...

كەمتەرلىك ياخشى ئادەت.
بەزى كىتابلارنىڭ تەپەككۇرنى غىدىقلاش رولى چوڭ دەپ قارايمەن. تۇنجى قېتىم ئىقتىسادقا ئائىد كىتابنى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشقا باشلانغان ۋە ماڭا بەكس تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇ كىتاب رابىرت كىيوساكى يازغان باي دادام ۋە نامرات دادام ۋە كىيىنكى قىسمىدىكى مالىيە ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى ئۇقۇملارغا قىززىققان ئىدىم.
ئاساسلىقى كارخانا باشقۇرۇش، ئىشلەپ چىقىرىش ۋە سىتىش ئىشلىرى ...قاتارلىق تۈرلەرگە قىزىقىمەن شۇڭا مىكرو ئىقتىساد دىسەك بولار؟
ۋاڭيىنىڭ ئوچۇق تور دەرسخانىسىدىن بەزى ئىقتىسادقا ئائىت دەرسلىكلەرنى كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن. ۋە بارار-بارا مۇشۇ ئىقتىسادتا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىستىكى كۈچىيىۋاتىدۇ.ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپىمنىڭمۇ پايدىسى تىگىدۇ دەپ قارىدىم.
مەن بەزى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلاي، بۇنى باشقىلار تەۋسىيە قىلغان كىتابلار. بەزىلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئاتالغۇلارنى چۈشىنەلمەي توختىماي ماتىريال ئىزدەشكە توغرا كىلىدىكەن.
天才总动员:引领创新的艺术和实践
年轻就是钱:后危机时代华尔街招聘内幕
闪电小子:华尔街快枪手
资本主义在21世纪

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 08:35:29

راسلا ئەبجەس خىياللاركەن بۇ

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 09:08:17

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 07:57 static/image/common/back.gif
كەمتەرلىك ياخشى ئادەت.
بەزى كىتابلارنىڭ تەپەككۇرنى غ ...

ئىزچىلار:
سىزنىڭ ئونىۋېرسال بىلىمىڭىزگە مەنمۇ قايىل ،سىز قايسى مەكتەپنى پۈتتۈردىڭىز؟كەسپىڭىز ئىقتىسادمۇ
بولسا ئىنگلىزچىگە پىششىق(بەلكىم 6دەرىجىدىن يۇقۇرى سىز)بولغاندىكىن ،چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۇپ كىلىڭ

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 14:03:06

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 09:08 static/image/common/back.gif
ئىزچىلار:
سىزنىڭ ئونىۋېرسال بىلىمىڭىزگە مەنمۇ قايىل  ...

ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپىم ماتېماتىكا ئىدى. قەنى ئىنشائاللاھ .

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:53:48

Izchilar ، تىلفۇندا نەقىل ئالغىلى بولمايدىكەن.  مۇشۇنداق يىزىۋىرەي.
سىز دىگەن كىتاپلار ئاساسەن ماركىتىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ، سىزمۇ ھەم شۇنىڭغا قىزىقىدىكەنسىز دىگىنىڭىزغا قارىسام ، لىكىن مەن سىزنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تەھلىللىرىڭىزگە قاراپ پۇل -مۇئامىلە بىلەن ماكرۇ ئىقتىسادقا قىزىقامدىكى دەپتىمەن ، شۇڭا ماركىتىڭ پەقەت يادىمغا كەلمەپتۇ . ماركىتىڭغا ھەقىقەتەن جىق كىتاب كۆرۈپ كاللىنى غىدىقلاپ تۇرمىسا بولمايدۇ ، چۈنكى يىڭىلىنىش بەك تىز . مىنىڭ ھىس قىلىشىمدا ماركىتىڭ مىقدارلاشتۇرۇلغان (سانلاشتۇرۇلغان؟ سىفىرلاشتۇرۇلغان ؟)ئىجتىمائىي پەن ، باشتا دىگەن ئىقتىسادشۇناسلىق تەبىي پەن . سىزمۇ ماتىماتىكىدا ئوقوپتىكەنسىز ، ھازىر قىلىۋاتقان كەسپىڭىز سىتىقچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟  بولمىسا تەبىي پەن قىسمىدا خىلى تالانتىڭىز باركەنتۇق ، تەھلىل قىلىشىڭىز ماڭا بەك يارايتى .   

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:21:11

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 18:58 static/image/common/back.gif
قىيىپ كەتكەن يەرلەرنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت. ...

پۇل تېپىشتا چۇقۇم ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيەلىك پىلان بۇلىشى كېرەك،ۋاختىنچە نامراتچىلىقتا جاپا تارتقاندەك قىلغان بىلەن كەلگۈسىدە بايلىق ھامان مەنسۇپ بولىدۇ.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:21:17

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 18:58 static/image/common/back.gif
قىيىپ كەتكەن يەرلەرنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت. ...

پۇل تېپىشتا چۇقۇم ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيەلىك پىلان بۇلىشى كېرەك،ۋاختىنچە نامراتچىلىقتا جاپا تارتقاندەك قىلغان بىلەن كەلگۈسىدە بايلىق ھامان مەنسۇپ بولىدۇ.

kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 18:22:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 18:26  

Economists يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 16:53 static/image/common/back.gif
Izchilar ، تىلفۇندا نەقىل ئالغىلى بولمايدىكەن.  مۇشۇنداق ي ...

ماركېتىڭنى سانلاشتۇرۇلغان، مىقتارلاشتۇرۇلغان دىمەي، سانلىق مەلۇماتلار ئانالىزى كۆپ قوللىنىلىدۇ دىسەك ياخشىراق.  ماركېتىڭدا ماتېماتىكىلق مودېللەر ۋە ئىستاتىكلىق ئانالىز كۆپ قوللىنىلىدۇ. ئەمما ماركېتىڭ ئانالىزى بىلەن شوغۇللانغانلار بىلىدۇ، بۇنداق ئانالىزلار بەزىدە ئانالىز قىلغۇچىنىڭ مەقسىتىنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە تەخمىن ۋە توغرا بولمىغان مىتودلارمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇرۇن سانلىق مەلۇماتلار ئانالىزى ناھايتى جىڭ باساتتى،  ھازىر سانلىق مەلۇمات ئانالىزىدىكى يۇقىرقى كەمچىللىكلەر تۈپەيلى نەزەرىيۋى تەھلىللەرمۇ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغان،  بىر ماقالىدە ھەم سانلىق ئانالىز ھەم نەزەرىيە جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلىكتە ئېلىپ  بېرىش تەكىتلىنىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ماركېتىڭ ئايرىم بىر پەن بۇلۇپ شەكىللىنىپ بۇلالمىدى. نۇقۇل ھالدا « بىر ئىجتىمائى پەن دېيىش توغرا ئەمەس»

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 18:47:40

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 19:09:11

kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 19:10:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 19:14  

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 18:47 static/image/common/back.gif
پۇل مۇئامىلە توغۇرلۇق پاراڭ بولىۋاتسا ماركېتىڭنىڭ گېپ ...

بۇ  تېمىنىڭ ئىنكاسلىرى باشتىلا تاغدىن باغقا سەكرەپ كەتكەن:lol ...ئىقتىساد، باشقۇرۇش، ماركېتىڭ توغۇرلۇق پاراڭلاشمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، ماركېتىڭ توغۇرلۇق ئانچە توغرا بولمىغان گەپ چىقىپ قالدى،تۈزۈتۈپ قويدۇم..بۇ ھەقتە پاراڭلىشىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق..

Qamcha يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:00:26

ئەشۇ پۇل ئۈچۈن يەر شارىدىكى 6مىلياردتىن ئارتۇق ئىنسان 24سائەت ھەركەتلىنىدۇ . ئىشقىلىپ ئەرلەر پۈتۈن جان جېنىنى تىكىپ قويۇپ پۇل تېپىشى كېرەك ھازىر .

مونو مۇنازىرىلەرگە سەۋىيەرىم تازا يەتمىسىمۇ ئالامەت ئىلمىي مۇنازىرە قىلىپسىلەر ، ئاپىرىن !

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:22:15

شۇڭا مەنمۇ ئۇ گەپنى قانداق ئىپادىلەشنى ئۇقماي تىرناققا نەچچە گەپنى قىستۇرۇپ قويغان .بۇنداق دىسە تىخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدىغان چىراي .  ئىجتىمائىي پەن دىگەندىمۇ مىنىڭچە دەپ ئىھتىيات بىلەن گەپ قىلدىم .  نىمىشقا دىگەندە ماڭا نىسبەتەن مەلۇم بىر تىئورما ،فورمىلا دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن نەتىجىسىگە كەسكىن ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغان نەرسە ئىجتىمائىي پەنگە تەۋە . بەلكىم خاتادۇ ، تۈزىتىپ بەرگۈچىلەرنى قارشى ئالىمەن ، موللا مۈشۈك ، ئەنۋەر جۇلا قاتارلىق كەسىپ ئەھلىلىرى خالىسا . پەقەت جۇغراپىيەنىمۇ تەبىي ، ئىجتىمائىي دەپ ئايرىۋالغانغا ئوخشاش ئايرىپ قويدۇم . مەن زىغىرلايدىغان يەرنى بەك زىغىرلايدىغان ، مانداق گەپلەرگە بەك ئىرەنشىمەيدىغانلاردىنكەنمەن.  
بىرەر باشقا پاراڭ باشلاڭلار ، بۇ تىمىغا چانايمەن دەپ تۇرىدىغانلار كىرمىدى ، بىرەر قىزىق مەسلىنى چىرايلىق مۇلاھىزە قىلىپ ،شۇ بانادا ئۇنتۇلۇپ قالاي دىگەن بىلىملىرىمىزنى ئىسىمىزگىمۇ ئىلىۋالىمىز . يا باشقا تىما ئاچامدۇق . مەن جۇڭگۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئاچا يولغا كىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم ، كىيىنكى قەدەمدە زادى قايسى يولغا ماڭىدۇ ؟ قىزىقىدىغانلار بولسا دىيىشەيلى ، بولمىسا باشقا پاراڭلارنى دىيىشسەكمۇ مەيلى .
  

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:29:56

بولسا ھىلىقى ھەققانىيەتچىنىڭ ئۆزى ۋە سايىلىرى كىرمىسە تىخى ياخشى . ئۇ بالا بىلەن تەڭ كىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن . مۇلاھىزىسى بەك قالايمىقان . يەنە ئاغزىنى بۇزىدىغانلارمۇ بار .

kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:41:42

Economists يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 20:22 static/image/common/back.gif
شۇڭا مەنمۇ ئۇ گەپنى قانداق ئىپادىلەشنى ئۇقماي تىرناقق ...

ماركېتىڭ ئىلىمى جەمىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، ماتېماتىكا، ئىستاتىستىكا، ئىقتىساد دېگەندەك پەنلەردىن تئورىمالارنى قۇبۇل قىلىپ تۈزۈلگەن بولغاچقا ئۇنى ئايرىم پەن دىمەيمىز، باشقۇرۇش ئىلمىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. 960-1970 ىنچى يىللىردىكى 4p  ۋە 4c ستراتېگىيسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە بىرلەشمە سانلىق ئانالىزى ( conjoint analysis) ئۇسۇلۇنىڭ ماركېتىڭ ساھەسىدە قۇللىنىلىشى بىلەن ماركېتىڭ تېزلا باشقا پەنلەردىن نەزەرىيە قۇبۇل قىلىدىغان پەن بۇلۇشتىن، ئاستا ئاستا ئۆزىگە خاس نەزەرىيە ۋە تىئورىملارنى ئوتتۇرغا چىقىرىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ماركېتىڭ ئايرىم بىر پەنمۇ يوق دىگەن تىما 1950 ىنچى يىللىرىدىن باشلاپ   journal of marketing دا   تەخمىنەن ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم مۇنازىرىگە قۇيۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ.  كىيىنكى يېڭى ماركېتىڭ تارماقلىرى ۋە  ماركېتىڭ ئانالىىزىدە قولللىنىلغان ئۆلچەكلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، ھازىر ماركېتىڭ ئايرىم بىر پەن بۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ، دىگەن قاراش بەكرەك قۇبۇل قىلىنىدۇ.
(كۆپ سۆزلەپ قويدۇم، كەچۈرۈڭ)   
مەنچە جۇڭگو ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك ئايرىم بىر يازما تەييارلاپ مۇھاكىمە قىلايلى، ئامال باز ئۆزىمىزنىڭ پىكىرى بولسا ياخشى

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:07:20

Economists يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 16:53 static/image/common/back.gif
Izchilar ، تىلفۇندا نەقىل ئالغىلى بولمايدىكەن.  مۇشۇنداق ي ...

دىيارىمىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا نىسبەتەن مىكرو ئىقتىساد بەكرەك ماس كىلىدىغاندەك ھىس قىلىمەن. ۋە مۇشۇنىڭ بىلەن ئىنشائاللاھ شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن. ۋال كوچىسى گىزىتىنىڭ بىرگىپى بار، ئامېرىكىدىكى كارخانا-شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ 85%باشقا يەردىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەر ياكى شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دىگەندەك. ھازىرىقى بازار رىقابىتىدە كارخانا-شىركەت قۇرماقچى ياكى كۈچلۈك بىر كارخانىنىڭ بىر پارچىسى بولماق ئىستىگەنلەر مۇشۇ مىكرو ئىقتىساددىن مۇنتىزىم تەربىيە ئالمىسا بولمايدىكەن.
ماركىتىڭنى زاغرا تىلدا خىرىدارلارنى رەقىبلىرىمىز ئارىسىدا بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ۋە مەھسۇلاتىمىزنى تاللاشقا يىتەكلەش دەپ چۈشىنىمەن. بۇنىڭدا ئىستاتىستىكا بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرامدىكىن دەيمەن.
بەت: 1 2 [3] 4
: پۇل ھەققىدە ئەبجەش خىياللار.....