بۇ گەپنى سىز ئويلاپ تاپتىڭىزما ياكى بىرەر كىتابتا شۇ ...
قايسى گەپنى؟ Iamalive يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 15:48 static/image/common/back.gif
«پۇل دىگەن مەۋھۇم ئۇقۇم، تۇتقىلى، پۇرىغىلى ياكى كۆرگ ...
شەكىلسىزنى مەۋھۇم دەپ قويۇپتىمەن.
پۇل ۋە پۇل بىرلىكىنىڭ پەرقى توغرسىدا گۇگۇللىساڭلا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى چىقىرىپ بىرىدۇ، بەكلا كۆپ.
Money is an intangible asset, which means it cannot be touched, it cannot be smelled; however it can be seen in terms of numbers. Money does have a few properties such as it must be a medium of exchange; a unit of account; a store of value; and, occasionally in the past, a standard of deferred payment.
money بىلەن currency ئوخشىمايدۇ بىرسى قىممەت ساقلايدۇ. بىرسى ئۇنداق ئەمەس.‹Iamalive›
ماۋۇ گىپىڭلانى سىلە ئويلاپ تاپتىڭلامۇ ياكى بىرەر كىتابتا بارمىكەن؟ قىزلارغا پۇل بېرىپ تۇرسا قايتۇرۋېلىش ئەڭ تەسمىكىن دەيمەن ، يا سورىغىلى بولمىغان. ئوغۇللاردىنغۇ بىر ئامال قىلىپ ئالغان ئىدىم. qassap يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 14:38 static/image/common/back.gif
بۇ نەسىھەتىڭىزنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم خۇددى ئىدىسون ياسىغ ...
گېپىڭلا راست بولسا مىڭ كوي بىرىپ تۇرمامسىلە:lol Iamalive يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 16:14 static/image/common/back.gif
گەپ قىلغاندا ھېسياتنى بەك ئارلاشتۇرۇپ كەتمەڭ. ئويلاپ ...
بىلمىگەن نەرسىڭىزنى باشقىلار توغرىلاپ بەرسە گىپىمدىن پۇتاق ئىزدىدى دەيدىغان پاسسىپ پوزىتسىيەڭىز بار ئىكەن.
money بىلەن currency ئوخشىمايدۇ بىرسى قىممەت ساقلايدۇ. بىرسى ئۇنداق ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇرچىدە ئىككىلىسىنى پۇل دەپ ئاتايدۇ. بۇنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك ئەسلى. -Iamalive
مەن ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلىدا moneyبىلەن currencyنىڭ ھەر ئىككىسىنى پۇل دەپ ئاتىمايدىغانلىقى، ئۇيغۇرچىدا بىرىنى پۇل يەنى بىرىنى پۇل بىرلىكى دەپ ئالىدىغانلىقىنى سەمىڭىزگە سىلىپ قويدۇم. ئاندىن ماتېريال ئاختۇرۇپ Money ۋە Currency پەرىقىنىمۇ قوشۇپ چاپلاپ قويدۇم.
سىزنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇ بايانىڭىزنىڭ ھەممىسى خاتا. پۇل بىرلىكى قىممەت ساقلىمايدۇ، قىممەت ئىپادىلەيدۇ.
سىزنىڭ چەتئەلدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەچكە سىزنى گۇگۇللاپ بىقىڭ دىدىم. مەن گۇگۇللاپ باقتىم دىمىگەندىمەن؟ ئادەم تىيىلدۇرۇشقا ئاران تۇرىسىز ھە؟ ۋەتەندە گۇگۇل ئىچىلمىغان بىلەن بىڭ ئىچىلىدۇ. سەل ھۈنەر ئىشلەتسىڭىز گۇگۇلنىمۇ ئاچقىلى بولىدۇ ۋەتەندە.
مىنىڭ ۋەتەندە ئىكەنلىكىمنى كىلىپ كۆرۈپ باقمىغىچە ئىشەنمەيسىز ھە؟ مىنىڭ قايسى گىپىم ھىسىيات بىلەن ئارلىشىقلىق ئىكەن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 17:14
چاپلاپ قويدۇم ئۈستىدە.
بىڭ ئويناپ تاپقان گەپ ئەمەس، ئون يىل بۇرۇن ئۈگىنىپ بولغان ئاتالغۇلار. ئۇيغۇرچىدا moneyبىلەن currencyنىڭ مەنىسى ئوخشاش دەپ يۈرگىنىڭىزدىن چەتئەلگە ئۇچۇپلا چىقىپ قالغىنىڭىزنى پەرەز قىلدىم.
ئۇگەپنى پۇتىن دىگەن بولسىمۇ خاتا. نىمىشقىلىقىنى خوش ياقمىغان بولسىمۇ يەنە بىر دەپ بىرەي چۈنكى پۇل بىرلىكى قىممەت ساقلىمايدۇ، قىممەت ئىپادىلەيدۇ.ئەگەر قىممەت ساقلىسا رۇبلى ۋە يىن قىممەت ساقلاپ تۇرىۋەرمەي، زور كۆلەمدە چۈشۈپ كەتمىگەن بولاتتى. پەقەت نىسبى بازار ھالىتىدىكى پۇل قىممىتىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.
يانا قايىل بولماي ئىشىڭنى قىلە دىسىڭىز، ئىشىمنى قىلسام بولىدۇ. مىنىڭ قىلىدىغان ئىشىم سىزنىڭكىدىن تولا، چۈنكى مەن قىلىدىغانغا ئىش يوق، ھىچ ئىش قىلمايمەن.
لېكىن مىنى ئىزچىل ئامېرىكىدا دەپ ئويلاپ تۇرغىنىڭىزغا ۋە ئامېرىكىدىكى ياراملىق بىر ئىلىم ئەھلىگە ئوخشىتىۋالغىنىڭىزغا رەھمەت. izchilar يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 16:33 static/image/common/back.gif
بىلمىگەن نەرسىڭىزنى باشقىلار توغرىلاپ بەرسە گىپىمدى ...
بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ قۇيۇلۇپ كەتكىنىم ھەققىدە دەرد تۆكۈش ئەمەس، مۇشۇنداق، پۇل ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپرەك پىكىر قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىدى. currencies بىلەن money نىڭ پەرىقى ھەققىدە مۇنازىرە بولغىنى ياخشى بولدى، ھەممىڭلارغا رەھمەت.
بىلىشىمچە currencies بىر دۆلەتتە ئورتاق قۇبۇل قىلىنغان ئالماشتۇرۇش ۋاستىسىنى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ ئوبروت مەسىلىسىدە قىممىتىنى ئىپادىلىگىلى بۇلىدىغان قەغەز پۇل بىرلىكى، بانكا چىكى، ۋەياكى قىممەتلىك مىتاللار بۇلۇشىمۇ مۇمكىن . مەنىسى بىر قەدەر تار. ئادەملەر currencies دىگەن ئۇقۇمنى كۆپىنچە تاشقى پروۋېت بىلەن باغلاپ چۈشۈنىدۇ.
ئەمما پۇل- مەنىسى ناھايتى كەڭرى ئۇقۇم، يازمامدا دېگەندەك كەڭ ھەم تار مەنىلەردە ئىشىلتىلىدۇ. ئىقتىساتچىلار بىر خىل چۈشەنسە مالىيە ئانالىزچىلىرى بىر خىل چۈشىنىدۇ. currencies ئۇچۇن بەلكى پۇل بىرلىكى دىگەن ئاتالغۇ مۇۋاپىق كىلىدىغاندەك تۇرىدۇ، بۇرۇن بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن... kuwruk يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 20:41 static/image/common/back.gif
لىكىن پۇل ئۇچۇن يەر شارىدىكى ئادەملەر ئەتىگەندىن كەچك ...
يوغان كۆۋۈك دۇرۇست ئېيتتىلەر:lol Iamalive يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 17:15 static/image/common/back.gif
نەگە چاپلاپ قويدىڭىز. 10 يىل بۇرۇن شۇنداق ئۆگەنگەن بو ...
ئون يىل بۇرۇن moneyنى ئۇيغۇرچە پۇل، currencyنى پۇل بىرلىكى دەپ ئۈگەنگەن. ئون يىلدىن بىرى سىز باشقىچە قىلىپ ئۆزگەرتىپسىز دە؟
money دېگەن قىممەت ساقلايدۇ. currency دېگەن قىممەت ساقلىمايدۇ! ماۋۇ گەپنى چۈشىنىپ كېلىڭ.
مۇشۇ گىپىڭىزدىن نىمە دەۋاتقىنىڭىزنى بىلمەيۋاتقىنىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ماتىماتىكىلىق قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى بويىچە سىزنىڭ ‹ئىقتىسادىي بۇلاق›ڭىزدىن ئۇسسۇزلىقىم بىر قاندۇراي.
money قىممەت ساقلىسا،نىمىنىڭ قىممىتىنى ساقلايدۇ؟
currencyنىڭ فۇنكىسىيسى نىمە؟
kanat يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 17:18 static/image/common/back.gif
currencies ئۇچۇن بەلكى پۇل بىرلىكى دىگەن ئاتالغۇ مۇۋاپىق كى ...
بۇرۇندىنلا پۇل بىرلىكى دەپ ئالاتتى. ئىنگىلىزچە ئۈگىنىۋاتقانلارغا كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەممە تۈردىكى دەرسلىكلەردە currency exchange توغرىسىدا مەزمۇنلار بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 18:01
tuygu0995 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 16:11 static/image/common/back.gif
قىزلارغا پۇل بېرىپ تۇرسا قايتۇرۋېلىش ئەڭ تەسمىكىن دەي ...
ھازىر باشقىلارغا ئالدىراپ پۇل بېرىپ تۇرىدىغان دەۋىر ئەمەس، پۇل بېرىپ تۇرۇشتا بىر پىرنىسىپ بۇلۇشى كېرەك. مەن ھازىر بىر دوستۇم پۇل سورىسا ھەممىنى بەرمەيمەن. زىياننى كۆتۈرەلىگۈدەك ئاز بىر قىسىمىنى بېرىمەن(قەرزگە ئەمەس) ، قالغىنىنى باشقا دوستلەردىن سوراپ بېقىشىنى ئۆتۈنىمەن.
مەسىلەن: بىر دوستۇم 1000 يۈەن پۇل سورىسا، مەن يۈز يۈەن بېرىمەن، « ئاداش، بۇ ياردىمىم بولسۇن، قايتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولما، شۇنچىلىك قىلالايدىكەنمەن، قالغىنىنى باشقا دوستلاردىن ئىزدەپ باق » دەيمەن. 100 يۈەننى دوستۇمغا بېرىشكە كۆزۈم قىيىدۇ، بەزىدە ئۇنچىلىك پۇل يوقاپمۇ كېتىدۇ ئەمەسمۇ.. دوستلۇققىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ. ئەگەر دوستۇم سەمىمى ئادەم بۇلۇپ مەندەك دوستىدىن يەنە بىر نەچچىسى بولسا قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ. ئەگەر ئۇنداق دوستى يوق بىرى بولسا دىمەككى ....... izchilar سىلە بىر ئىنكاستا ئازراق قىيىپ كىتىپسىلە ، پۇل بىرلىكىنىڭ قىممىتىنى خەلىقئارا بازار بەلگىلەيدۇ دىگەن گەپ ، پۇل بىرلىكنىڭ قىممىتى بار دىگەننى ۋاستىلىك ئىپادىلەيدۇ . پۇل بىرلىكى ھەرگىزمۇ بىر شەيئىنىڭ ئىسمى بولماستىن ، پۇل دىگەن شەيئىنىڭ خۇسىسىيتىنىڭ ئىسمى . مەسلەن "بۇ ئالمىنىڭ رەڭگى قىزىل" دىگەن جۈملىدىكى" قىزىل" سۈپەت بولسا ،" رەڭگى" شۇ سۈپەتنىڭ ئىسمى . بۇنى سىلە ھەقىچان بىلىسىلەر ، لىكىن ئازراق قىيىپ كەتتىڭلار ، خاتا چۈشنىۋالغانلار بىلىۋالسۇن . لىكىن سىلىنىڭ تەرجىمە قىلغىنىڭلار توغرا . Economists يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 18:48 static/image/common/back.gif
izchilar سىلە بىر ئىنكاستا ئازراق قىيىپ كىتىپسىلە ، پۇل بى ...
قىيىپ كەتكەن يەرلەرنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت.
بەزىدە زىل نۇقتىلاردا كىشى ئاسانلا ئىزىپ كىتىدىكەن.
مۇنبەر ئىسمىڭلاردىن قارىغاندا مۇشۇ كەسىپ ئەھلىدەك تۇرىسىلە، ئىقتىساد توغرۇلۇق كىشىنىڭ ئىقتىسادىي تەپەككۇرىنى غىدىقلىيالايدىغان ياخشى كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلا.