lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 08:59:46

قاتتىق دىسكا توغۇرسىدىكى خوراپىي قاراشلار

مەن مەخسۇس قاتتىق دىسكىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقىنىمغا 8 يىل بۇپتۇ . ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەخسۇس تەتقىق قىلغىنى مەن دەپ قارايمەن . شۇڭا مۇشۇ ھەقتىكى بەزى خاتا قاراشلارغا رەددىيە بىرىش ۋە توغرا قاراشلارنى دوستلارغا بىلدۇرۇش مىنىڭ بۇرچۇم ۋە قەرزىم . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تىمىنى يېزىشقا توغرا كەلدى . ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى دوستلارنىڭ تىل سالماي، كۆز قاراشلىرىنى ئىلمىي ئوتتۇرغا قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەن تۈۋەندە قاتتىق دىسكا توغۇرسىدا كەڭ تارقالغان خۇراپىي قاراشلار ۋە ماس بولغان توغرا ،ئىلمىي قاراشلارنى ئوتتۇرغا قۇيىمەن .
1- قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچىدە ۋاكوم بار ياكى گاز بار ، گاز چىقىپ كەتسە بۇزۇلىدۇ دەپ قاراش . بۇخاتا .قاتتەق دىسكىنىڭ ئىچىدە باشقا گاز يوق ، ھەم ۋاكوم مۇ ئەمەس . پەقەت چاڭ تۇزاندىن تازلانغان يەنى تۇزانسىز ھاۋا بار . بۇ ھاۋانىڭ بېسىمى نورمال ئاتمۇسفىرا بېسىمىدىن تۈۋەن . چۈنكى قاتتىق دىسكىنىڭ تەخسىسى بىلەن ماگىنىت باش ئنتايىن يېقىن بۇلۇپ 0.3~0.1 مىكرومىتىر بۇلۇپ تاخمىنەن چاچ توملۇقىنىڭ يەتتە يۈزدىن بىرىچىلىك كىلىدۇ . ئەگەر بىرەر تال چاڭ تۇزان بۇلۇپ قالسا خوددى ماشىنا تاققا سۇقالغاندەك ماگىنىت باش تۇزانغا سۇقۇلۇپ بۇزىلىدۇ . شۇڭا چاڭ تۇزان بۇلۇشقا بولمايدۇ .تەخسىنىڭ ئايلىنىش تىزلىگى مىنۇتىغا 7200 قېتىم ( لەپتوپنىڭ 5400، مۇلازىمىتىرنىڭ 10000 بەزىلىرىنىڭ 15000) بولغانچا يوقىرى تىزلىكتە ئايلانغاندا ھاۋا بىلەن سۈركىلىپ قىزىيدۇ . تىمپىراتورا يۇقۇرلىسا بېسىم ئاشقاچقا ئىچكى بېسىم يۇقۇرلاپ كىتىدۇ . بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىھىدىكى ھاۋانىڭ بېسىمى تۈۋەن قىلىپ ياسىلىدۇ .
2- فورماتلاش ، رايۇنغا ئايرىش ۋە قاتتىق دىسكىنى توڭلىتىش ( يېزىشتىن قوغداش ) دىتاللىرىنىڭ زىيىنى بار دەپ قاراش .
ئادەتتە قاتتىق دىسكىنى رايۇنغا ئايرىش ۋە فورماتلاش مەلۇم ئالاھىدە سېكتورلاردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىش خالاس ، توڭلىتىش بولسا 1-62 گىچە بولغان ئالاھىدە سېكتورغا ئۇچۇر يېزىپ بەلگىلەنگەن سېكتورغا ئۇچۇر يېزىشتىن ساقلاش . دىمەك بۇ مەشخۇلاتلارنىڭ چوڭ زىيىنى يوق . خۇددى ئۈز-چات نى بىر قېتىم بېسىپ لامپۇچكىنى ياندۇرغان ياكى ئۈچۈرگەننىڭ ئۈز-چاتقا بولغان زىيىنىچىلىك زىيىنى بار . ئۈز-چاتنىمۇ ئىشلىتىۋەرسەك بۇزىلىدۇ . سېكتورغىمۇ ئۇچۇر يېزىپ - ئۆزگەرتىۋەرسەك بۇزىلىدۇ . باشقا ھېچقانداق زىيىنى يوق ( لېكىن بىز رىمىنۇتچىلار زىيىنى بار دەپ تەشۋىق قىلىمىز . چۈنكى قاتتىق دىسكىنى توڭلاتسا سېستىما بۇزۇلمىسا بىزنىڭ يانچۇققا زىيىنى بار )
3- قاتتىق دىسكىنى قايتا 7 قېتىم رايۇنغا ئايرىۋاتسا ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇدەپ قاراش .
4- قاتتىق دىسكىغا ھەرقانداق ئامال قىلسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ دەپ قاراش .
5- قاتتىق دىسكام بۇزۇلماس ... دەپ قاراش . 3-4-5- خۇراپىي قاراشلارمۇ خاتا بۇلۇپ بۇ ھەقتىكى توغرا قاراشلارنى كىيىن ئىنكاس شەكلىدە يوللاي . تورداشلارنىڭ قاتتىق دىسكا ۋە باشقا ساقلىغۇچلارغا ئائىت سۇئاللىرى بولسا مۇشۇ تىمىدا  سورسا ھەقسىز مەسلىھەت بىرىلىدۇ

serwan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 13:34:09

ئېككى تۇك مەنبەسى بار دىسكا قانداق دىسكا .
ئىككى ت دىن يۇقىرى دىسكىلاردا ئىككدىن ئارتۇق ماگىنىت دىسكا بولامدۇ

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 13:44:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halis123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 13:45  

سوئال :  قاتتىق دېسكىدىكى بۇرۇن ئۆچۈرىۋەتكەن نەرسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددى، ئەڭ توغرا ئۇسۇلى قانداق ؟   

  قاتتىق دىسكىنى بولقا بىلەن چېقىۋېتىشتىن باشقا  :lol

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 13:59:47

دىسكا تۇڭلىتىش دىتالىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى،دىسكىنىڭ 1-62گىچە سىكتۇرىغا  بۇيرۇق يىزىپ ،مۇشۇ بۇيرۇق بىلەن 62- سىكتۇرنىڭ سىرتىغا بۇيرۇقسىز يېزىلغان ئۇچۇرنى ئۈچۈرۈش دەپ چۈشەنسەك بۇلامدۇ؟
62-سىكتۇرنىڭ  ئىچىگە يېزىلغان ئۇچۇر ،دىسكىغا ئۇچۇر يىزىشنى شۇ ۋاقىتتا رەت قىلامدۇ؟ياكى يېزىلىپ بولغان  ئۇچۇرنى ،قاتتىق دىسكا بىر قېتىم قايتا قۇزغالغاندا ،ئۈچۈرۈپ تاشلامدۇ؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:13:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 14:16  

ئەگەر يېزىشنى رەت قىلدىغان دىتاللار بۇلسا تەۋسىيە قىلساڭلار مەن شۇنى ئىشلەتسەم ياخشى بۇلاتتى!{:87:}
يەنە بىر گەپ  ،دائىمى تۇردىن يۇقىرى سىغىمدىكى كىنۇ ياكى ماتىرياللارنى چۈشۈردىغان قاتتىق دىسكا ،باشقا چۈشۈرمەيدىغان دىسكىغا قارغاندا ئاسان كاردىن چىقىدىكەن، شۇڭا چاقماق ،،،ياكى باشقا چۈشۈرۈش قۇرالىرىمۇ دىسكىغا مەلۇم زىيىنى بارمۇ قانداق؟

لاتا ماۋۇ گەپلەردىن سىرىت دىسكىنىڭ ئاۋازى تۇغۇرلۇق بىر سۈزلەپ بىرىڭلار! يېقىندا بىر قاتتىق دىسكا سېتىۋالسام ،مەيلى دىسكىنى ئېغىر ئىشقا سالاي ياكى ئارام ئېلىپ تۇرسۇن ،تۇختىماي ،خۇدۇر-خۇدۇر قىلىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ،ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ ،زىز-زىز ئەمەس.بۇ ئاۋاز بەك يۇقىرىمۇ ئەمەس،ئەمما تۈۋۈنمۇ ئەمەس.بۇزۇلغان رايۇن بارمۇ يوق دەپ ،ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەكشىۈرۈپ باقسام ھەممىسى يېشىل كاتەك.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:13:09

مەن مەخسۇس قاتتىق دىسكىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقىنىمغا 8 يىل بۇپتۇ . ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەخسۇس تەتقىق قىلغىنى مەن دەپ قارايمەن
دەپ  قوي ، ئاۋال خۇراپات ئاتالغۇسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى بىر بىلىپ كېلە ماڭ .........................

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:02:08

دىسكىنى چۈشەنمەيدىغان ياكى توغرا چۈشەنمەيدىغانلارغا پايدىلىنىش ئۈچۈن ياخشى تېما بوپتۇ.
سەمىمى ئەسكەرتىش:بىرىنچى ئابزاس بىلەن ماۋزۇ مۇۋاپىق بولماپتۇ.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:04:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 15:06  

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 13:44 static/image/common/back.gif
سوئال :  قاتتىق دېسكىدىكى بۇرۇن ئۆچۈرىۋەتكەن نەرسىلەر ...

ئەڭ ئاددى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل-خوتەندە بولسىڭىز رىۋايەت چايخانىسىنىڭ ئالدىدىكى يەر ئاستى كوچىسىغا جايلاشقان ئىلتەرىش ئېلىكتىرون مۇلازىمەت ئورنىغا ئاپارسىڭىز ھاجىتىڭىزدىن چىقىدىكەن.ئاز دىگەندە 4سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:12:26

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 15:04 static/image/common/back.gif
ئەڭ ئاددى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل-خوتەندە بولسىڭىز رىۋا ...

توقسۇ ناھىيىسىدىكىلەر توقسۇ كۈندىيار كومپيۇتېر تېخىنىكىسى غا كەلسەڭلارمۇ بولىدۇ. ئېلان بېرىۋالاي.18909974047

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:12:59

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 15:04 static/image/common/back.gif
ئەڭ ئاددى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل-خوتەندە بولسىڭىز رىۋا ...

   ئەپسۇس ، مەن باشقا يەردە.  بۇرۇن توردا شۇنداق بىر دىتال تارقالغان ئېسىمدە بار، نۇر دېسكىغا ئويۇپ سىموس ھالەتتە ماڭدۇرسا ، قاتتىق دىسكىنى تەلتۆكۈس تازلىغىلى بولىدىغان ،  شۇنداقراق ئۇسۇل دېمەكچىتىم .

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:15:05

خاتا قاراشمۇ ياكى خۇراپى قاراشمۇ؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:19:13

مەنپەئەتلىك تېما بوپتۇ، سۇئاللارمۇ نەخ نان تېگىدىغان سۇئاللاركەن، داۋامىغا تەشنامەن…:handshake

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:48:30

قاتتىق دىسكىدا ئادەتتە قانداق بۇزۇلۇشلار بار؟
ئىچىدىكى تۈرۈلۈشنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟توردىن سېتىۋالساق نىمىلەرگە دىققەت قىلىمىز؟ئالماشتۇرشتىچۇ

teqezza يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:17:01

مەندە بىر كۆچمە دىسكا بار ئىدى، ۋىندوۋس سېستىمىلق كومپۇيېتىرغا چاتسام « كۆچمە دىسكىنى فورماتلاڭ» دەپ ئەسكەرتىش چىقىدىدۇ، ئەمما فورماتلاش بۇيرىقىنى بەرسە ئۆزلىگىدىن كومپۇيۇتېردىن ئۈزۈلۈپ كېتىپ،قايتا ئۇلۇنۇپ،  فورماتلاش مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىدى دەپ ئەسكەرتىدۇ، دىسكىنى بۇزۇلدىمىكىن دىسەم لنۇكۇسلۇق كومپۇتېرغا چاتسام نورمال ئىشلەيدۇ، بۇ زادى قانداق ئىشتۇ، ۋىن پې غا كىرىپ فورماتلىساممۇ فورماتلانمىدى....

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:28:41

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 15:12 static/image/common/back.gif
ئەپسۇس ، مەن باشقا يەردە.  بۇرۇن توردا شۇنداق بىر دىت ...

http://bbs.izdinix.com/thread-59746-1-1.html
بۇ تېمىنىڭ ۋە ئاستىدىكى ئنكاسلىرىنىڭ سىزگە ياردىمى تېگىشى مۇمكىن!

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:42:49

بەلەن تىما .

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:44:54

winhex دا ھەممە رايۇنغا 0 نى تولدۇرۋەتسە قانداق ئەسلىگە كەلتۇرىدۇ؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:58:23

مەندە مۇنداق بىر قانچە سوئاللار بار ئىدى.
500گېگالىقتىن يۇقىرى قاتتىق دىسكىلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېغىرلىشىپ تېز كاردىن چىقىدۇ دېيىش توغرىمۇ؟
بۇنداق دېيىشىمدە مەن كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلەشكەن 15 يىلدىن بېرى تۆۋەن سىغىمدىكى قاتتىق دىسكىلارنىڭ چىدامچانلىقى 500 گېگادىن تۆۋەن(1000گېگالىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دىسكىلارنى كۆرسىتىدۇ) دىسىكلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولىدىكەن. ھەم مەن سىناقمۇ قىلىپ باققان ئىدىم. يا بەلكىم شۇ 1000 گېگالىق دىسكىلارنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بارمۇ ياكى ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ نەزىرىمدە 500 گېگادىن يۇقىرى دىسكىلارنىڭ چىدامچانلىقى تۆۋەن دەيدىغان قاراش شەكىللىنىپ قالدى. بۇ ئەمدى كومپيۇتېرغا كۆپ قېتىم سىستېما قاچىلاش ۋە ياكى ناھايىتى كۆپ قېتىم رايونغا ئايرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدىم.

alip يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 17:43:15

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 13:44 static/image/common/back.gif
سوئال :  قاتتىق دېسكىدىكى بۇرۇن ئۆچۈرىۋەتكەن نەرسىلەر ...

ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل: 1. سىز تولۇق ئۆچسە بولىتى دېگەن ھۈججەت بار دېسكا رايوننى فورماتلاڭ، ئاندىن شۇ يەر توشقىچە باشقا ھۈججەت كۆچۈرۈڭ ئاندىن يەنە فورماتلاڭ. ئاندىن خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
2. 360 , 电脑管家 دېگەندەك قوراللارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئۆچۈرۈش دەيدىغان يېرى بار، شۇنى ئىشلىتىڭ.
3. winpe دا قوزغىتىپ Lformat ئارقىلىق تۈۋەن دەرىجىلىك فورماتلاڭ، CIA دىكلەرمۇ ئۇ دېسكىدىن ھېچنىمە تاپالمايدۇ.

سىز 007 بولمىسىڭىزلا كومپىيۇتېردىن ئۆچۈرۋەتكەن نەرسىنى بىرسى كېلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىزدەپ يۈرمەيدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 17:43:17

مەن 固态硬盘 ئىشلىتىمەن  مەلۇم رايوندىكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى يۇۋەتسەممۇ 5-5 گبايت يەرئىشلىتىلگەن دەپ چىقىدۇ
بەت: [1] 2 3 4 5
: قاتتىق دىسكا توغۇرسىدىكى خوراپىي قاراشلار