Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 17:42:11

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 14:13 static/image/common/back.gif
مەن مەخسۇس قاتتىق دىسكىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقىنىم ...

ئالدى بىلەن لاتا ئەپەندىنىڭ ئۈزىنىڭ دىگىنىگە ئوخشاش مەن بىلىدىغانلاردىن مەخسۇس قاتتىق دىسكا بىلەن ئىزچىل ھەپىلىشىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بۇرادەر ،  بەلكىم ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە قاتتىق دىسكىنى نىسبەتەن تۇلۇق چۈشىنىدىغانلاردىن بىرى بۇلۇشى مۇمكىن ، مەن بىلىپ لاتا بۇرادەر مۇشۇ ساھادە ئىزدىنىۋاتقىلى خېلى يىللار بۇلۇپ قالدى ، تاپقان پۇلىغا ماتېريال ، ئۈسكۈنە سېتېۋېلېپ ، كۇرۇسلارغا قاتنىشىپ يۈرىدۇ ،  ئىچكىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى قاتتىق دىسكا رېمونت قىلىشقا ئائىت كۇرۇسلارنىڭ قانچىلىك قىممەت ئىكەنلىكىنى توردىن بەيدۇلاپ كۈرۈپ باقسىڭىز بىلەلەيسىز . بۇ يەردە ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك .

قاتتىق دىسكىنىڭ ئاساسى ئىش پىرىنسىپى ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇقۇش - يېزىش پىرنسىپى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇش پىرىنسىپى ۋە ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا كاشىلىلىرىغا نىسبەتەن دىئاگىنوز قۇيۇش ۋە ئاددى رېمونت قىلشلارنى كەسپ ئىھتىياجى تۈپەيلى پېقىرمۇ خېلى يامان ئەمەس بىلىمەن ، لېكىن بىر قىسىم مۇرەككەپ كاشىلىلار ، بۇلۇپمۇ بىۋاستە قاتتىق دىسكىنىڭ قاتتىق دېتال قىسمىغا بېرېپ تاقىلىدىغان مەسىلىلەرنى يەنىلا لاتا بۇرادەرگە ئوخشاش قۇلىدا ئەسلىھە ئۈسكۈنە  ۋە پىشقان تېخنىكا بار بۇرادەرلەرنى ئىزدەپ قىلدۇرىمەن ، گەرچە قاتتىق دىسكىنىڭ ئۈزى قىممەت بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قىممىتىنى بەزىدە مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ ، دىسەم ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن نەچچە يىللار ئالدىدا بىر مۇلازىمىتېرنىڭ بۇزۇلغان قاتتىق دىسكىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى  ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئېلېۋېلېش ئۈچۈن يۈز نەچچە مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپ شىنجىن شەھرىدىكى بىر سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىشلارنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن .

مۇھىم ماتېرياللىرىم يوقاپ كەتتى ئەسلىگە كەلتۈرسەك بۇلاتتى دەپ كىلىدىغان ئادەملەر مىنىمۇ كۆپ ئىزدەيدۇ ، يۈزدە -يۈز ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرتى بىلەن (ئالدىنقى شەرت ماتېريال يوقاپ كەتكەندىن كىيىن قاتتىق دىسكا بىلەن ئېيتىشمىغان بۇلۇشى ، شۇنداقلا يۇقاپ كەتكەن ماتېرياللار قاپلۋېتىلگەن (ماتېريال يوقاپ كەتكەن رايۇنغا نىسبەتەن ھۆججەت يېزېش مەشخۇلاتى قىلىنمىغان ، بۇلۇپمۇ ئوخشاش ئىسىمدا ھۆججەت كۈچۈرۈلمىگەن بۇلۇشى كىرەك ) بولماسلىقى كىرەك ۋە ھاكازالار ) ، ئازراق ئىش ھەققىنىڭ گىپىنى ئاڭلىسىلا مۇھىم ماتېريال مۇھىم بولماي قالىدۇ .

قىسقىسى بۇرادەرلەر ، قاتتىق دىسكا توغرىلىق ئەڭ ئەقەللى ساۋادلارنى بىلىۋېلېش كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى بارلىق بۇرادەرلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىش .

مۇشۇ باھانىدا سورىۋالاي ،   RAID  شەكلىدە ، بۇلۇپمۇ RAID0 شەكلىدە بىرىكتۈرۈپ  ئىشلتىلگەن قاتتىق دىسكىدىكى ئۇچۇرلار نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى قانچىلىك ؟ قاتتىق دىسكا ساق RAID سەپلىمىسى بۇزۇلغان بولسىچۇ ؟
SSD دىكى NANDFLASH بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن يوقالغان ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ ؟

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 17:48:38

يەنە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قۇياي ، يۇقاپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىم بولسا ئەڭ ياخشىسى ئۈزىڭىز ئىنىق ئىشەنچە قىلالىسىڭىز ئاندىن قېيىشىڭ ، بولمىسا يەنىلا كەسپ ئەھلىلىرىنى ئىزدىگىنىڭىز مۇۋاپىق ، بولمىسا ئىككىنجى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش سەۋەبىدىن ئەسلىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىشىڭىز مۇمكىن ،
لاتا بۇرادەرگە ئوخشاش كەسىپ ئەھلىلىرى ئادەتتە سانلىق مەلۇمات يوقاپ كەتكەن قاتتىق دىسكا بىلەن بىۋاستە ئېتېشماي ، ئالدى بىلەن مەخسۇس قۇراللار ياردىمى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات يۇقاپ كەتكەن دىسكىدىكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى باشقا دىسكىغا سايىلاپ (يۇقاپ كەتكەن ھۆججەتمۇ مۇشۇ سايە ھۆججەتنىڭ ئىچىدە بار) ئاندىن سايە ھۆججىتى بىلەن ئېتىشىدۇ ، بۇمۇ بىخەتەرلىك ئۈچۈن .

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 17:53:33

خەنچە بىلىدىغان بۇرادەرلەر ئۈچۈن
http://jingyan.baidu.com/article/ab0b5630d88efdc15bfa7d60.html
http://blog.sina.com.cn/s/blog_9391be6301015ik8.html
http://wenku.baidu.com/link?url=WOlVoYPD7L2KyaBPoWr-yVzNv_dnAcOQ1MZfZ2QmQOD4TQKS31HtL34deGYlXhPzZGg2JF1BiBgIqZTO_67yjaVjfAe_ycWxlUVvGNIkieq
http://blog.chinaunix.net/uid-23069658-id-3413957.html

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 18:14:05

ماۋۇ تېما مېنى يانچۇقۇمدىن سۇغۇرۇلۇپ كىتەي دەپ قالغان بىر - ئىككى ماۋزۇدۇڭدىن قۇتقۇزدى-دە،:lol

kiqikoghul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 20:08:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiqikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 20:10  

«...خاتا قاتارشلار»دەپ ماۋزو قويۇلغان بولسا چۈشەندۈرۈش ماقالىسى بولغاندىكىن ئىلمىي تىل ئىشلىتىلگەن بولاتتى.
«...خۇراپىي قاراشلار»دا ئوبرازلىق تىل ئىشلىتىلگەن بولىدۇ خۇددى «تىل خۇراپاتلىقى»،«پەن خۇراپاتلىقى»دېگەندەك.


نېمىشقا يا كۆچۈرگىلى، يا ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ؟
مەن يولۇققان مەسلە: توردىن بىر 80جىلىق كۆچمە دېسكا سېتىۋالغان ئىدىم.بىر يىلغا قالمايلا usb ئېغىزى تونىماس بولۇپ قالدى.قېپىنى ئاچسام كومپىيوتېرىمنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا ئوخشايدىكەن،شۇنىڭ بىلەن قېپىنى چۆرىۋېتىپ كومپىيوتېرنىڭ ئىچىگە چېتىپلا قاتتىق دېسكا ئورنىدا پايدىلانغان ئىدىم.ئالدىنقى يىللىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاۋاز ھۆججىتى ۋە فىلىم ھۆججختىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ 无法چىقىۋېلىپ كۆچۈرۈپ(كېسىپ ئەمەس)ئالالمىدىم. قويۇپ باقسام ئاخىردىكى بىرەر مىنۇت يېرى قالغاندا قويۇلماي تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆلگىسى كەلگەن ئوخشايدۇ،دەپ ئەنسىرەپ بىر ئاخشىمى ئۇنىڭدىكى 70جىدىن كۆپىرەك ماتېريالنى360 تور دېكامغا  بىراقلا上转文件 قىلىۋېتىپ كومپىيوتېرنى ئەتمەي ئۇخلاپ قالدىم.ئەتىسى قارىسام ماتېريالنىڭ يېرىمى تور دېسكىغا كۆچكەن پېتى كومپىيوتېرقېتىپ قېلىپتۇ.قايتا قوزغاتسام بۇ دېسكا 6پىرسەنت ئېچىلىپ قالغىنى ئېچىلالمىدى.شۇنىڭ رېمىنۇتچىلارنىڭ ئالدىغا ئاپاردىم ،يەنە شۇنداق.
يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ 80جىلىق خۇڭكۇڭ ماركىلىق يان دېسكىسىغا 500مىگابايىت mp3  ۋە  flvھۆججىتى كۆچۈرۈپ بەرگەن ئىدىم. ئۆيىگە ئاپىرىپ كومپىيوتېرغا چاتسا يا ھۆججەتلەر كۆچمەپتۇ، يا تۈگىگىچە تۇلۇق قويۇلماپتۇ.بۇ كۆچۈرگەن ھۆججەتلەرنىڭ توردېسكىدىكى سىغىمى بىلەن يان دېسكىدىكى سىغىمى ئوپ-ئوخشاش ئىكەن.ھەممە ۋىروسخوردا تازىلاپمۇ يان دېسكىدىكى بۇ ھۆججەتلەرنى يا كۆچۈرگىلى، يا ئۆچۈرگىىلى بولمىدى.نېمىشقا يا كۆچۈرگىلى، يا ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ؟

moltoshey يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 20:25:09

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 20:59:19

ناۋادا مەن 120جىلىق قاتتىق دىسكىغا 12000جىلىق ماتېريال قاچىلاپ يۇۋېتىش تارىخىم بولسا ، كىيىن ئىزدەپ تېپىشقا توغرا كەلسە 12000جى ماتېريالنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 04:18:44

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لاتا بۇرادەر، مۇشۇ تىمىنىڭ باھاناسىدا سىزدىن بىر ياردەم سوراي.
مىنىڭ 500گىگابايىتلىق LG قاتتىق دىسكام بولىدىغان. كومپىيۇتىرغا بىر ئىش بولۇپ قالسا دەپ نەچچ يىلدىن بىرى تارىتقان سۈرەتلىرىمنى شۇنىڭقا يۆتكەپ بىرەر يۇز گىگابايىتلىق سۈرەت ۋىديولار، يەنە كىنو، باشقا موھىم ماتىرياللارنى كۆچۈرۈپ قويغان ئىدىم. ئەپسۇس، كوزا كۈندە سۇنمايدۇ كۈنىدە سۇنىدۇ دەپ يوق بىر بىخەستەلىك تۈپەيلى ئىشلەۋاتقان قاتتىق دىسكا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن پىتى كومپىيۇتىر تونۇماس بولۇپ قالدى. خىلى سىناپ باقتىم، توردىن ھەر خىل قاتتىق دىتاللارنى چۈشۈرۈپ ئىزدىتىپ باقتىم، ھىچنىمە تاپالمىدى، شۇ چۆگىلەيدۇ، توكقا چىتىلغانلىق سىگنال لامپىسى يورۇيدۇ، ئەمما تاك ،تاك قىلىپ ئايلىندۇ. توردىن ئۈگۈنۈشمچە بۇ تاك تاك ئاۋاز قاتتىق دىسكانىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسكەن.  دىسكىدىكى باشقا نەرسىلەر كومپىيۇتردىمۇ بار ئىدى، ئەمما شۇ سۈرەتلەرنى زاپاسلاپ قويماپتىكەنمەن ،پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويدۇم. بۇنىڭغا ھازىرغىچە ئىچىم ئىيچىشىدۇ. شۇ، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر ئىرادىگە كىلىپ خەق قىلالىغان ئىشنى قىلغىنى بولمامدىكەن دەپ تورلاردىن ئۇچۇرنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغۇرسىدا ئىزدەندىم. دىسكىنى توڭلاتقۇغا سىلىپ مۇزلىتىپ باقتىم،بولمىدى. ئاخىرى بولماي يۇتىيۇبتىن  قانداق قىلىپ دىسكىنى ئىچىش، چۇۋۇش، قۇراشتۇرۇشلارنى،  ئەگەر ماگنىتلىق يىڭنا دىسكىغا قادىلۋالغان بولسا ئازراق يۆتكەپ قويسا قايتىدىن ئىشلەيدىغان بولىدىغانلىقى دىگەندەكلەرنى ئۈگۈنۈپ پاكىز موھىتتا ئۆزۈم بىر قىتىم ئىچىنى ئىچىپ چىقتىم، ئەمما ئۇنداق قادىلۋالغان ئىش يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ بىر خەنزۇنىڭ ھۆددە قىلىمىز دىگەن دۇكىنغا ئاپارسام كۆرۈپ بىقىپ ھەپىلشىپ بىر نىمە قىلالمىدى. ئىچىنى بىر قىتىم ئاچتىم دىسەم بىر ئورۇننى دەيدۇ ئاشۇ يەرگە ئاپار، ساقچىلارنىڭ قاتتىق دىسكىدىن ئۇچۇر چىقىردىغان يىرى شۇ يەردە قىلالايدۇ دەيدۇ، قانچا پۇل كىتەر دىسەم دىسكىنىڭ باھاسىنىڭ ئون يگىرمە ھەسسىچىلىك بىر گەپنى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالدىم. ھازىر شۇ دىسكا يىنىمدا ساقلاغلىق، بىر كۈنلەردە تىخنىكا نوچىلانغاندا، ئەزانلاشقاندا چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دىگەن ئۆمۈد بىلەن يۈرۋاتىمەن.
ئەمدى سىزنىڭ بىر مەسلىھەتىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام، ئىچىلغان دىسكا تولۇق ئۆلگەن بولامدۇ؟ سانلىق مەلۇماتلارنى چىقىرۋىلىشتىن ئۆمۈد بارمۇ؟ كىنولاردا ساقچىلار خەقلەر دەسسەپ چەيلىۋەتكەن دىسكىلاردىنمۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈردىكەن، بۇ مومكىنمۇ؟ ئەگەر سىزنىڭ قۇربىڭىز يەتسە 100 گىگا بايىتلىق ھۆججەتكە قانچە پۇل ئالىسىز (بىر ئىزدىنىشلىق بولغاندىن كىيىن ئىتۋار بامۇ؟:lol) ؟ مۇشۇ سۇئاللار ئاساسىدا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.  

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 07:12:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErkinQush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 07:13  

مېنىڭ تېلفۇنۇمنىڭ 16 گ سىغىمى بار ئىدى، ئىچىدە 1 گ دىن كۆپرەك رەسىم بار ئىدى، تېلفۇن ئازراق ئېغىرلىشىۋېلىپ، زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسام ، ھەممىسى يوق بوپتۇ.

بۇنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 08:04:29

قاتتىق دېسكىنى توڭلىتىش ھەققىدىكى تىما يۇقاپ كىتىپتۇيا؟

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 08:43:09

33- قەۋەتتىكى @ErkinQush  بۇرادەر كونتىروللىغۇچ چىپ ساق ، ساقلىغۇچ بۇزۇلغانلىقتىن چىققان كاشىلا . ئەگەر مۇھىم نەرسە بولمىسا 量产 قىلسىڭىز ئوشىلىشى مۇمكىن . ئەگەر 量产مۇ بولمىسا فىكىلىق ىاتالىق چىققان بۇلىدۇ تاشلىۋېتىڭ .مۇھىم ھۆججەت بولسا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ  

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 08:45:14

41-42 دىكى @Abdikadir  بۇرادەر سىلى بىلەن كۈرۈشكەندە مەسلىھەت بىرەي

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 08:48:37

45- قەۋەتتىكى @kiqikoghul  سىز نىڭ ھۆججەترىڭىزدىكى ئەھۋال مۇندەرىجە جەدىۋىلىنىڭ كاشىلىسى . فورمھتلىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ . ئەگەر ھۆججىتىڭىز مۇھىم بولسا ئەكىلىڭ مەن كۆچۈرىۋېلىپ ئوڭشاپ بىرەي (ئەرزان باھادا )

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 09:53:24

lata يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 08:48 static/image/common/back.gif
45- قەۋەتتىكى @kiqikoghul  سىز نىڭ ھۆججەترىڭىزدىكى ئەھۋال مۇن ...

串口نى ئارقىمۇ ئارقا تۆشۈگلۈك دېمەي ،«تار تۆشۈكلۈك» دېسەكمۇ ئاسان ، ئوڭاي قۇبۇل قىلىنىدىغان،ئوبرازلىق بولامدىكىن دەيمەن. ھېچ بولمىسا ئەسلى مەنىسىنى چىقىرىمىز دېگەندىمۇ«باغلانما تۆشۈكلۈك »دېسەكمۇ بولارمىكىن.

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:38:25

moltoshey يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 20:25 static/image/common/back.gif
مەندە بىر 1.44GB لىق يۇمشاق دېسكا بار ئىدى، ئېچىلماس بولۇ ...

مەن بىلىپ ھازىرغىچە يۇمشاق دىسكا ئىككى خىل ئۆلچەمدە بىرى 5.25 دىيۇملۇق ، يەنە بىرى 3.5 دىيۇملۇق ، 3.5 دىيۇملۇق يۇمشاق دىسكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سىغىمىمۇ 1.44مىگا بايت ، 1.44 گىگابايىت سىغىمدىكى يۇمشاق دىسكىنى ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ باقماپتىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق دىسكىدا CPU دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:43:52

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 04:18 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لاتا بۇرادەر، مۇشۇ تىمىنىڭ باھاناس ...

قاتتىق دىسكا باھاسىنىڭ ئون يىگىرمە ھەسسىچىلىك باھا بىلەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۇقۇتۇپ ئېلېپ بىرىمەن دىگەن بولسا خېلىلا ئەرزان دەپتۇ ، مىنىڭ بىلىشمدە لاتا بۇرادەرنىڭ يېنىدىمۇ مۇشۇنداق مەخسۇس ئۈسكۈنە بار .

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:44:43

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 09:53 static/image/common/back.gif
串口نى ئارقىمۇ ئارقا تۆشۈگلۈك دېمەي ،«تار تۆشۈكلۈك» دې ...

مەنمۇ شۇنداق دەپ ئادەتلىنىپ كەتتىم ، كەڭ سىملىق ، تار سىملىق دەپ ،  

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:46:17

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 07:12 static/image/common/back.gif
مېنىڭ تېلفۇنۇمنىڭ 16 گ سىغىمى بار ئىدى، ئىچىدە 1 گ دىن كۆ ...

بۇلىدۇ ، مەخسۇس يۇمشاق دېتاللار بار ، قايسى يۇمشاق دېتالنى تەۋسىيە قىلىشنى بىلەلمىدىم ، چۈنكى تېلېفوننىڭ تىپى ۋە مەشخۇلات سېستىمىسىنى ئىنىق دىمەپسىز

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:51:02

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 20:59 static/image/common/back.gif
ناۋادا مەن 120جىلىق قاتتىق دىسكىغا 12000جىلىق ماتېريال قا ...

مۇمكىن ئەمەس ، لاتا بۇرادەر چۈشەندۈرگەنگە ئوخشاشلا ، قاتتىق دىسكا ماگىنىت ئىزى شەكلىدە (خۇددى ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ پىرىنسىپىغا ئوخشاش) ئۇچۇر ساقلايدۇ ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كەلسە ئەڭ ئاخېرقى قېتىم يېزىلغان ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ،  قاپلاپ يېزېۋېتىلگەن (قايتا ماگىنىتلانغان ) ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن لاتا ئەپەندى ئەمەس ، قاتتىق دىسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلرنىڭمۇ ئەسلىگە قايتۇرۇشقا ئامالى يوق .

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:53:49

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 20:59 static/image/common/back.gif
ناۋادا مەن 120جىلىق قاتتىق دىسكىغا 12000جىلىق ماتېريال قا ...

3- قەۋەتتىكى @halis123  بۇرادەر . بۇنىڭ ئەڭ ئاددى ۋە توغرا ئۇسۇلى مىنىڭ يېنىمغا ئەكىلىسىز . مەن شۇۋاقىىتن بۇرۇنقى سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلمەسلىكىگە بېشىم بىلەن كاپالەت بىرىپ تازىلاپ بىرىمەن ھەقلىق ئەلۋەتتە  ئەەەر ئۈزىڭىز قىلماقچى بولسىڭىز مىنىڭ تەۋسىيەم يەنىلا MHDDدىتالىنىڭ ERASE بۇيرۇقىنى بىرپ تازلاش . ئۇندىن باشقا DISK GENUSE يۇمشاق دىتالىنىنڭ 清除扇区数据 بۇيرۇقىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . بولمىسا بەيدۇ دىن 磁盘清零工具 دەپ ئىزلەپ شۇ دېتالنىڭ مەشغۇلات تەرتىپى بۇيچە قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . ھەقلىق دېتاللارنى دىمىسەممۇ بۇلا .



لاتا ئەپەندىنىڭ ئەسلىگە كەلمەسلىكىگە بېشى بىلەن كاپالەت بىرىشىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەپتىن  
بەت: 1 2 [3] 4 5
: قاتتىق دىسكا توغۇرسىدىكى خوراپىي قاراشلار