qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 12:00:28

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 14:37:07

بىر تال قاتتىق دىسكام بۇلىدىغان،  تۇشۇپ قىلىپ، يىڭىدىن بىرنى ئالدىم. ئەسلىدىكىنى قۇيۇپ قويدۇم. كىيىن  ماتىرىيال لازىم بۇلۇپ، قاتتىق دىسكامنى چاتسام، ھىچقانداق ئىنكاس يوق. قاتتىق دىسكا قوزغالغاننى سەزگىلى بولمايدۇ. بۇ قاتتىق دىسكىنى ئوڭلىغىلى بولماسمۇ  ؟!

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:51:38

46- قەۋەتتىكى @moltoshey  بۇرادەر مەن 1.44GB لىق يۇمشاق دىسكا كۆرۈپ باقمىدىم ھەم ئاڭلاپمۇ باقمىدىم .ئەگەر دىسكىڭىز 1.44MB بولسا يۇمىشاق دىسكا بۇلىدۇ . دىسكا ئۇقۇغۇچىڭىز بۇزۇلغان بولسا مەندە ساقتىن بار ئېكىلىڭ ئۇقۇتۇپ بىرەي .ئەگەر دىسكا ئۇقۇغۇچىڭىز ساق بولسا BAD COPPYدىگەن يۇمتالنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ !

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:55:14

47- قەۋەتتىكى @kakkur  بۇرادەر ئۇنداق بولمايدۇ . ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان ھۆججەت ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆچۈرۈلگەن 120GBھۆججەت بۇلىدۇ لېكىن تاپقان ھۆججەت 200GBدىن كۆپرەك بۇلىدۇ .قالغان ھۆججەتلەر ئىشلىمىسىمۇ لېكىن ھۆججەت نامى ۋە كېڭەيتىلگەن نامىغا ئاساسەن مەزمۇنىنى پەرىز قىلغىلى بۇلىدۇ .

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:59:17

48- قەۋەتتىكى @Tepekkurchi  بۇرادەر ئەگەر ئۈزىڭىز ئىچىنى ئاچقان بولسىڭىز دىسكىڭىز ئۈلۈپتۇ ھەرقانداق يەرگە ئاپارسىڭىزمۇ ئامال يوق .ھەرقانچە كۆپ پۇلغىمۇ قىلغىلى بولمايدۇ . تاشلىۋەتىڭ . ئەگەر ساقلىسىڭىزمۇ مەيلى لېكىن بەك ئۈمىتۋار بۇلۇپ كەتمەڭ .بولمىسا بەكلا ئازاپلىنىپ كىتىسىز .

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:02:04

49- قەۋەتتىكى @ErkinQush  بۇرادەر تېلفۇنىڭىز ANDROIDسېستىمىلىق تېلفۇنمۇ ؟ ئەسلىگە قايتۇرغىلى قانچىلىك بولدى ؟ يەنە باشقا نەرسە قاچىلىدىڭىزمۇ ؟ بەك ئۇزۇن بولمىغان بولسا ھەم قايتا نەرسە قاچىلىمىغان بولسىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ .

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:06:00

62- قەۋەتتىكى @Tugrul  . بۇلىدۇ سىزنىڭ قاتتىق دىسكىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تامامەن بۇلىدۇ . سىز نىڭ قاتتىق دىسكىڭىز نەدىكى ھازىر ؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 14:14:30

lata يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 20:27 static/image/common/back.gif
18 - قەۋەتتىكى @Kulke  بۇرادەر دىگىنىڭىز توغرا 500GBدىن كىچىك  ...

تەشەككۈر سىزگە. ئەمدى بۇ جەھەتتە تولۇق ئىشەنچكە ئېرىشتىم. رەھمەت.

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:29:45

lata يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 16:06 static/image/common/back.gif
62- قەۋەتتىكى @Tugrul  . بۇلىدۇ سىزنىڭ قاتتىق دىسكىڭىزنى ئەس ...

قاتتىق دىسكىنى توكقا چاتساممۇ قوزغالمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئىچىدىكى ماتىرىيالنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلامدۇ ؟!  
مەن خوتەندىن

sos يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 16:06:02

مۇناسىۋەتسىز سۇئال:
يانتېلفون ۋايفاي شارائىتىدا تورغا ئۇلانمايدىغان بۇلۇپ قالدى، ئوڭشاشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 17:00:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 17:07  

sos يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 16:06 static/image/common/back.gif
مۇناسىۋەتسىز سۇئال:
يانتېلفون ۋايفاي شارائىتىدا تورغا ...

تەپسىلىرەك دىمىسىڭىز بىركىم ياردەم قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ.
چوڭ جەھەتتىن ياكى يانفۇندا ياكى تور سىگنال تارقاتقۇچ بۈلىكىدە چاتاق بار .بۇ بىلىش ئۈچۈن باشقا تىلفۇننى ئەكەپ ئۇلاپ باقىسىز يەنە ئۇلانمىسا ،دىمەك تور بۆلىكىدە چاتاق بار ،ئەگەر نۇرمال ئۇلانسا ،سىزدىكى تىلفۇندا چاتاق بار .
ئەگەر سىمسىز تور بۈلىكىدە چاتاق بولسا ،بىرسى سىمسىىز روتىرنىڭ تەڭشىكىدە چاتاق بار ياكى قاتتىق دىتال بۇزۇلغانلىق ئىھتىمالىققى بار .روتىر تەڭشىكىدە چاتاق بولسا ،روتىرنى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتۇرۋىتىپ ،قايتىدىن تەڭشەپ بېقىڭ! خۇش ! ئەمدى كەڭ بەلباغلىق تورنامى ،مەخپى نۇمۇرىنى تۇغرا كىرگۈزۈپ يەنە ئۇلانمىسا ، سىمسىز روتىرنى مۈشۈكتىن ئاجرىتىۋىتىپ (بۇ يەردە تىلگىرافتىن ئادەتتە بىر سىملىق رۇتىر (猫)بىرىدۇ،ئادەتتە بىز مۇشۇ سىملىق روتىردىن سىملىق سىگنال چىقىرىپ ،سىمسىز روتىرغا ئۇلاپ ،ئاندىن بۇ سىمىىسز روتىردىن كومپىيۇتىر ياكى تىلفۇنغا سىملىق ياكى سىمسىز ئۇلايمىز،شۇ مەن دىگەن مۈشۈك شۇ تىلگىراف بەرگەن سىملىق روتىر شۇ) شۇ تىلگىراف ئۆزى بەرگەن روتىردىن سىملىق ھالدا كومپىيۇتىرغا سىملىق ئۇلىنىش قىلىپ ،كومپىيۇتىردا كەڭ بەلباغلىق تۇر نامى ۋە مەخپى نۇمۇرنى كۈرگۈزۈپ ئۇلاپ باقىمىز .يەنە ئۇلانمىسا يەنە روتىر ئۈستىدىكى data چىرىققى يانمىسا ،مۇشۇ روتىردىن چاتاق دىگەپ گەپ ،ئەگەرنۇرمال ئۇلانسا ،ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىز سىتىۋالغان سىمسىز   روتىرنىڭ قاتتىق دىتالى  چاتاق .

يوقارقى تەرتىپلەرنى ،تىلفۇن تۇختاپ قالمىغان،ئۆي سىرتى سىم يوللىرىدا كاشىلا بولمىغان(ئەگەر مۇقىم تىلفۇندا تىلفۇن ئۇرغىلى ۋە قۇبۇل قىلغىلى بولسىلا ئاساسەن نۇرمال بۇلىدۇ،ئۆي سىرتى سىم يوللىرى)،سىملىق، سىمسىز روتىر سىملىرىدا چاتاق بولمىغان،تۇغرا   ئۇلىغان شارائىتتا قىلسىڭىز .چاتاقنىڭ نەدىلىكىنى تىپپىپ چىققىلى بۇلىدۇ.

Ertay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 17:46:15

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تېما ئىگىسى بۇرادەر!
مېنىڭ 160GB لىق بىر كۆچمە دىسكام بار ئىدى. مەن چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئىچىدىكى مۇھىم ماتېرىياللارنى ئېلېكترونلۇق يوللانمىغا ئېلىۋېلىپ دىسكىنى بىر قانچە قېتىم فورمات قىلىۋېتىپ قايتپ چىققان ئىدىم. چىققاندىن كېيىن ئېلېكترونلۇق يوللانمىدىكى ماتېرىياللارنى يوقىتىپ قويدۇم. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ ھېلىقى قاتتىق دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىلى كۆپ ئۇستىلارنى ئىزدىگەن بولساممۇ ئۇلار تازا ئىشەنچ قىلالمىدى. ئىچىكى ماڭا مۇھىم ماتېرىياللارنىڭ كۆپ قىسمى DOC ھۆججەتلىرى ئىدى. كۆچمە دىسكىنى ئاستا ھالەتتە ئىككى قېتىم فورمات قىلغان. ئەمدى بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىرەر ئامالى بارمىدۇ؟!

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 20:22:03

ياخشى تىما پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى كوپ ئىشلارنى بىلىۋالدىم .

sos يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 08:45:12

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 17:00 static/image/common/back.gif
تەپسىلىرەك دىمىسىڭىز بىركىم ياردەم قىلىشقا ئامالسىز  ...

كۆپ رەھمەت. مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم سامسۇن 699 تېلىگىراف نۇسخىسى ئىدى، ھازىر ھەرقانداق ۋايفايغا ئۇلانمايدىغان، ئۇلانسىمۇ تورغا چىقالمايدىغان بۇلۇپ قالدى. لىكىن ئېقىم مىقدارى ھىساپلىنىدىغان تورغا نورمال ئۇلىنىدۇ.

sos يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 10:49:08

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 17:00 static/image/common/back.gif
تەپسىلىرەك دىمىسىڭىز بىركىم ياردەم قىلىشقا ئامالسىز  ...

سەۋەبىنى تاپتىم،  ip ئادرىسى توقۇنۇشۇپ قاپتۇ. ئۆزگەرتىۋەتكەندىن كىيىن نورماللاشتى، سىزگە كۆپ رەھمەت!

ask007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 18:04:53

ئەسسالامۇئەلەيكۇم  تىشلىقمۇ مېنىڭ بىر سۇئالىم بار ئىدى .مۇشۇ كومپيۇتېرغا قاچىلىمىغانusb ئارقىلىق  سېرتتىن چېتىپ  كۆرگەن نەرسىلەرمۇ   كومپيۇتېرغا ساقلىنىپ قالىدۇ دەيدۇ بۇگەپلەر راسمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بۇنىمۇ بىر تەرەپ قىلغىلى بولامدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:44:28

    خۇراپاتلىق دىگەن گەپ بەك كەپتۇ ، ئەمەلىەتتە خاتا ئەمما كۆپ قىسىم كىشلەر ئىشىنىپ قالىدىغان سەپسەتىلەرنى خۇراپاتلىق دەپ ئالىمىز ....

ask007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 07:58:17

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 20:44 static/image/common/back.gif
خۇراپاتلىق دىگەن گەپ بەك كەپتۇ ، ئەمەلىەتتە خاتا ئەم ...

توغرا دەيسىز .يۇقاردا بىرسى ئنكاسىدا خۇراپاتلىق دېگەن نېمە بىلىپ كەل دەپ ئاغزىنى بۇزغاندەك قىلىدىغۇ  

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 20:25:22

ask007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 07:58 static/image/common/back.gif
توغرا دەيسىز .يۇقاردا بىرسى ئنكاسىدا خۇراپاتلىق دېگە ...

مەنغۇ  يېقىن كۈرۈپ دىدى دەپلا چۈشەندىم ، ئۆزى قانداق ئويلاپ دىدى ، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 20:30:18

قاتتىق دىسكىنى دۈم قويسا، تىك قويسا ياكى يانتو قويسا زىيىنى بارمۇ
بەت: 1 2 3 [4] 5
: قاتتىق دىسكا توغۇرسىدىكى خوراپىي قاراشلار