tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 18:19:36

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 15:12 static/image/common/back.gif
ئەپسۇس ، مەن باشقا يەردە.  بۇرۇن توردا شۇنداق بىر دىت ...

http://www.dban.org

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:10:56

بۈگۈن بىر كۈن سىرىتتا يۈرۈپ نۇرغۇن سۇئاللار چۈشۈپتۇ . ئەمدى بىر-بىرلەپ  سەۋىيەمنىڭ يىتىشىچە جاۋاپ بىرەي .
2- قەۋەتتىكى  @serwan  بۇرادەر .ئىككى توك ئۇلاش ئېغىزى بار دىسكىلار ئەمەلىيەتتە پاراللىل ئېغىز بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا ئېغىزنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرىدىكى دىسكا بۇلۇپ ھەم پاراللىل ئېغىزلىق ھەم ئارقىمۇ-ئارقا ئېغىزلىك توك مەنبە ئۇلاش ئېغىزى بار . ئەمەلىيەتتە ھەې ئىككى ئېغىز ئوخشاش بۇلۇپ توك يۇلىدا تۇتاشقان . سىزگە قايسى ئېغىز قۇلاي بولسا شۇنى ئۇلىسىڭىز بۇلىدۇ .
ماگنىت تەخسە سانىغا كەلسەك ئۇنىڭ قانچە تەخسە بۇلىشىنى لايىھەلىگۈچى بەلگىلەيدۇ . ھەر بىر تەخسىدە ئىككى يۈز بولغاچقا ئىككى ماگىنىت بېشى بۇلىدۇ . 40 گىگا بايتلىق دىسكىلارنىڭمۇ 2~3 تەخسىلىكى بار مەن ئېچىپ كۆرگەن قاتتىق دىسكىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغىنى 3تەخسە .ماتېرياللاردا كۆرگىنىم 4 تەخسە . 4تەخسە بولسا 8 ماگىنىت باش بۇلىدىغان گەپ . ماگىنىت باش كۈپەيگەنسىرى كاشىلا كۈرۈلۈش نىسبىتى يۇقۇرلايدۇ . ماگىنىت باش سانى ئازبولسا تەخسىنىڭ ماگىنىت زىچلىقى ئاشىدۇ ، تېخنىكىلىق تەلەپ يۇقۇرلايدۇ شۇڭا تولا قاتتىق دىسكىلاردا بىر تەخسە ئىككى باش ياكى ئىككى تخسە ئۈچ باش ياكى تۆت باش بۇلىدۇ .

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:20:31

3- قەۋەتتىكى @halis123  بۇرادەر . بۇنىڭ ئەڭ ئاددى ۋە توغرا ئۇسۇلى مىنىڭ يېنىمغا ئەكىلىسىز . مەن شۇۋاقىىتن بۇرۇنقى سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلمەسلىكىگە بېشىم بىلەن كاپالەت بىرىپ تازىلاپ بىرىمەن ھەقلىق ئەلۋەتتە :lol ئەەەر ئۈزىڭىز قىلماقچى بولسىڭىز مىنىڭ تەۋسىيەم يەنىلا MHDDدىتالىنىڭ ERASE بۇيرۇقىنى بىرپ تازلاش . ئۇندىن باشقا DISK GENUSE يۇمشاق دىتالىنىنڭ 清除扇区数据 بۇيرۇقىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . بولمىسا بەيدۇ دىن 磁盘清零工具 دەپ ئىزلەپ شۇ دېتالنىڭ مەشغۇلات تەرتىپى بۇيچە قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . ھەقلىق دېتاللارنى دىمىسەممۇ بۇلا .

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:48:32

4- قەۋەتتىكى @talmas1  بۇرادەر دىسكا توڭلىتىش دىتالى 10- ماگىنىت يۇلى-62 سېكتورغا يېزىلىشىدى سەۋەپ ئادەتتىكى رايۇنغا ئايرىش ، فورماتلاش مەشغۇلاتلىرى بۇ سېكتورنى زىيارەت قىلالمىغاچقا بۇدېتال يۇقالمايدۇ . بۇ دېتاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئوخشاش يەنى بىز توڭلاتقان رايۇننىڭ مۇندەرىجە جەدىۋىلىنى كونتىرول قىلىپ ئەگەر بىز ھۆججەت يازغاندا مۇندەرىجە جەدىۋىلىگە خاتىرلىگىلى قويمايدۇ . ئۈچۈرگەندە ھۆججەت نامىنى ۋاقتىنچە ككرسەتمەيدۇ لېكىن ھۆججەت ساقلانغان سېكتورغا مەشغۇلات قىلغۇزمايدۇ . شۇڭا قايتا قوزغاتقاندا بۇرۇنقىدەك چىقىدۇ  

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:00:09

5- قەۋەتتىكى @talmas1  بۇرادەر توڭلىتىدىغان دېتاللارنى توردىن چۇشۇرىۋېلىڭلار . قايسىسىنى ئىشلىتەلىسەڭلا شۇ ياخشى ، ھەممىسىنىڭ پىرىنسىپى ئوخشاش .
قاتتىق دىسكىغا توردىن چۇشۇرگەندە ياكى دىسكىدىن ھۆججەت قاچىلىغاندا ئۇچۇر يازغان سېكتورنىڭ ماگىنىت قۇتۇبىنى ئۆزگەرتىدۇ . بۇ خۇددى ئۈز-چاتنى باسقانغا ئوخشاش . كۆپ قېتىم ماگىنىت قۇتۇبىنى ئالماشتۇرسا ماگىنىتتا چىكىنىش يۈز بىرىدۇ  شۇنىڭبىلەن بۇزۇلۇش كىلىپ چىقىدۇ . ھېلىقى ئاۋازغا كەلسەك ئۇ ماگىنىت باشنىڭ تەخسىگە تەگكەن ئاۋازى ئەمەس . ئۇنداق تەگسە ئاللىقاچان دىسكا كاردىن چىقىدۇ . ئۇ ئاۋاز كۈچىنچە بۇرۇنقى 40گىگابايت ۋە 20گىگابايتلىق دىسكىلاردىن ئۇقۇش - يېزىش مەشغۇلاتى قىلغاندا ماگىنىتلىق قارشىلىق تۈپەيلى ماگىنىت باش يەلكىسىنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىقىدۇ . ئەگەر غۇدۇر- غۇدۇر ئاۋاز چىرت -چىرت ياكى تاراك = تاراك ئاۋازغا تەرەققى قىلمىسىلا ھېچقانداق زىيىنى يوق .

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:04:37

6- قەۋەتتىكى @Erktekin  بۇرادەر ياخشىمۇ سىز ؟ مەن خۇراپات دىگەننى ھەقىقەتنى پاكىت بۇيچە دەلىل ئىسپاتلىق چۈشەنمەستىن ئۆز خاھىشى بۇيچە ئويلاش . ناتوغىرا سەپسەتىلەرنى توغرا دەپ قاراش  دەپ چۈشىنىدىكەنمەن . سىز قانداق قارايسىز ؟ مىنىڭچە بىز ئاتا قاتىلى دۈشمەن بولمىغاندىكىن قاتتىق ۋاقىراشماي چىرايلىق پاراڭلاشساق بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن . ىاپا بولماي توغىرسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز . ! كەمىنە تۈۋەنچىلىك بىلەن جاناپلىرىدىن كەچۈرۈم سورايمەن .

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:14:36

13- قەۋەتتىكى @newyork  بۇرادەر . ئادەتتە قاتتىق دىسكىنىڭ بۇزۇلىشىنى 3 تۈرگە بۈلىمىز . 1- توك يول تاختىسىنىڭ بۇزۇلىشى . بۇ ئاساسلىقى توك مەنبە سىمىنى تەتۈر چېتىش ( توكتا تۇرغۇزۇپ ئېلىپ سالغاندا تەتۇر سېلىش) سۇ كىرىپ كىتىش ، مىتاللار تىگىپ قىسقا تۇتىشىش ،روم ئۈزىكىدىكى پىروگىراممىلار بۇزۇلۇش قاتارلىق سەۋەپلەردىن بۇلىدۇ . 2- ماگىنىت تەخسە ياكى ماگنىت باشنىڭ بۇزۇلىشى بۇ ئاساسلىقى سىلكىنىش ، ماگىنىتلىقى چىكىنىش ، چاڭ-تۇزان كىرىپ كىتىش ، يۇقىرى تىمپىراتورىدا قىزىتىش ، كۆپ قېتىم ھۆججەت يېزىش-ئۈچۈرۈش قاتارلىق سەۋەپتىن بۇلىدۇ . 3- مۇقىم دېتال (固件)نىڭ بۇزۇلىشى .بۇ ئاساسەن ئىشلىتىپ تورغاندا توك ئۈچۈش ، قائىدە بۇيچە ئۈچۈرمەسلىك ، سىلكىنىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن بۇلىدۇ .قاتتىق دىسكا سېتىۋالغاندا ئاساسلىقى بۇزۇق ماگىنىت يۇلىنىڭ بار يوقلىقى ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى ، سېغىمى ، كەچ چوڭلۇقى ، ماركىسى ، يىڭىلانغان -يىڭىلانمىغانلىقى سۈپەت كاپالەت ۋاقتى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش كىرەك .

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:20:48

14- قەۋەتتىكى @teqezza  بۇرادەر . بۇ بەلكىم windows سىسىتمىلىق كومپىيوتىرىڭىزنىڭ توك بېسىمى ياكى توك كۈچىنىڭ يىتىشمەسلىكىدى مەسىلە بۇلىشى مۇمكىن . كۆچمە دىسكىلار USB ئېغىزىدىكى 5ۋولت توكتىن پايدىلىنىپ ئىلىكتىر ماتورنى ئايلانغۇرىدىغان بۇلۇپ توك يىتىشمىسە ئىلىكتىر ماتور ئايلىنالماي ماگىنىت تەخسە پىرقىرمايدۇ شىۇا دىسكىنى تۇنۇيالمايدۇ . سىز كومپىيوتېر ئالماشتۇرۇپ كۈرۈڭ ، كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدىكى ئېغىزغا چاتماي كەينىدىكى ئېغىزغا چېتىڭ . مەخسۇس يۆتكەلمە دىسكىغا ئىشلىتىدىغان ئىككى باشلىق توم سىم ئىشلىتىڭ  

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:23:58

17- قەۋەتتىكى @yulhun  بۇرادەر winhex دا ھەممە رايۇنغا 0 نى تولدۇرۋەتسە ھېچقانداق قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ  

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:27:42

18 - قەۋەتتىكى @Kulke  بۇرادەر دىگىنىڭىز توغرا 500GBدىن كىچىك دىسكىلاردا گورزىنتال ماگىنىتلاش تېىنىكىسى قوللىنىلغاچقا ماگىنىت زىچلىقى يۇقىرى ئەمەس ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتنىڭ چىكىنىشى ئاستا بۇزلۇلىشىمۇ ئاستا . 500GB دىن يۇقىرى دىسكىلاردا ۋېرتىكال ماەىنىتلاش تېخنىكىسى قوللىنىلغاچقا ماگىنىت زىچلىقى يۇقىرى ، بۇزۇلۇشى ئاسان  

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:27:47

18 - قەۋەتتىكى @Kulke  بۇرادەر دىگىنىڭىز توغرا 500GBدىن كىچىك دىسكىلاردا گورزىنتال ماگىنىتلاش تېىنىكىسى قوللىنىلغاچقا ماگىنىت زىچلىقى يۇقىرى ئەمەس ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتنىڭ چىكىنىشى ئاستا بۇزلۇلىشىمۇ ئاستا . 500GB دىن يۇقىرى دىسكىلاردا ۋېرتىكال ماەىنىتلاش تېخنىكىسى قوللىنىلغاچقا ماگىنىت زىچلىقى يۇقىرى ، بۇزۇلۇشى ئاسان

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:31:21

20- قەۋەتتىكى @kakkur  بۇرادەر ئۇ سىزنىڭ دىسكىڭىزدىكى سىستىما ھۆججەتلىرى ئىگىلىگەن ئۇرۇن . MRT-DEياكى WINHEX تا كۈرۈپ باقسىڭىزلا چۈشىنىسىز . ئۇلار يۇشۇرۇن خارەكتىردە بولغاچقا ئادەتتە كۈرۈنمەيدۇ

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:40:40

بارماق دېسكىمۇ قاتتىق دېسكىغا ئوخشامدۇ؟
كومپيۇتېرغا ئۇلىسا فورماتلانمىغان، فورماتلاڭ دەيدۇ.
ھەئە دېسە قىلالمىدىم دەيدۇ، بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز؟


asad يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:44:53

بىر تېمىدىن بىرەر خاتا سۆزنى تېپىۋېلىش ھەقىقەتەن كاتتا تالانتكەن.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 21:10:33

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 15:04 static/image/common/back.gif
ئەڭ ئاددى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل-خوتەندە بولسىڭىز رىۋا ...

ئۇيەردە تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاپ بېرىدىكەن شۇ ،شۇ نداق قىلسا راستىنلا يوقامدىغاندۇ مۇشۇ كەمدە ھەممە ئادەم نىمكەش دېسكا ئېلىشتىن قورقىدىغان بوپ كەتتى{:122:}

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 21:26:10

رەسىمدەك تەڭشەپ ئاندىن ئەڭ ئاخىردا 擦除دىگەننى باسسىڭىز مىلادىدىن باشلاپ يۇيىۋەتكەن ھوججەتنى يۇق قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇنىڭغا كوپ ۋاقىت كىتىدۇ،بىر كىچە شۇنداق قىلىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ.cرايۇننى تاللىماي باشقا  ھەممەرايۇننى  تاللاپ شۇنداق قىلىپ قۇيۇڭ.

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 22:01:45

alip يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 17:43 static/image/common/back.gif
ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل: 1. سىز تولۇق ئۆچسە بولىتى دېگەن ھۈججە ...

3- ئىنكاس بەلەن چىقىپتۇ.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:08:53

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 14:13 static/image/common/back.gif
مەن مەخسۇس قاتتىق دىسكىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقىنىم ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېما ئىگىسى بىلەن مىللىتىڭىز ۋە تومۇرىڭىزدا ئېقىۋاتقان قېنىڭىز ئوخشاش،شۇنداق بولغان ئىكەن سەنلىمەي سىلكىمەي قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىش ئارتۇق كەتمەس دەپ ئويلايمەن. بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:15:56

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 14:13 static/image/common/back.gif
مەن مەخسۇس قاتتىق دىسكىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقىنىم ...

ئورۇس

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:59:14

نەپ يىتىدىغان. يازمىكەن ،تىما ئىگىسىگە ئەجىر ئاتا قىلسۇن!
بەت: 1 [2] 3 4 5
: قاتتىق دىسكا توغۇرسىدىكى خوراپىي قاراشلار