mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 14:54:31

ئامازوندىن ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب سېتىۋېلىش مۇمكىنمۇ؟

ئامازون تورىدىن كىتاب سېتىۋېلىش مېنىڭچە نۇرغۇن دوستلىرىمىزغا ناتونۇش ئەمەس. ئامازون تورىدا ئىشقىلىپ ئىنگلىزتىلىدىكى كىتابلارنى ئاساسەن تاپقىلى بولىدۇ. ھازىر تۇرۇۋاتقان يېرىمدە كىتاب سېتىۋېلىش ئانچە قولاي بولمىغاچقا، ھەم پوچتا ھەققىمۇ بەكلا قىممەت بولمىغاچقا، بىر مەزگىل ئەنگىلىيەنىڭ پوچتا ھەققى ئالماي كىتاب سېلىپ بېرىدىغان bookdepository دېگەن تور بېتىدىن سېتىۋېلىپ ئوقۇغانمۇ بولدۇم. لېكىن كىتابلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىمغا ئىككى ئايلاپ ۋاقىت كېتىشىگىمۇ چىدىماي، ئاخىرى ئېلكىتابلا سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. مېنىڭ تېلىفونۇم، ئايپەدىمگە كىندىل كىتاب ئوقۇش ئەپى قاچىلاقلىق، ئادەتتە ئامازون تورىدا كۆپ قىسىم يېڭى كىتابلارنىڭ كىندىل نۇسخىسى (ئېلكىتابى) بار، توردىن كىتابنى تاللاپ سېتىۋالغاندىن كېيىن نەچچە سېكونت ئىچىدە كىندىل كىتاب ئوقۇغۇم، تېلىفون ۋە ئايپەدكە  تەڭلا قاچىلىنىدۇ. دېمەك دۇنيانىڭ خالىغان يېرىدە تۇرۇپ، خالىغان كىتابىڭىزنى نەچچە سېكونت ئىچىدىلا قولىڭىزغا ئالالايسىز.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا جويو دېگەن توردىن كىتاب سېتىۋالاتتۇق. كېيىن بۇ تورنى ئامازون تورى سېتىۋېلىپ ئامازون جوڭگو تور بېكىتى بولغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. ئۆتكەندە ئازراق خەنزۇچە كىتاب سېتىۋېلىش ئېھتىياجى بولۇپ، ئامازون جوڭگو تور بېتىنى ئېچىپ، بۇنىڭدىمۇ نۇرغۇنلىغان كىتابلارنىڭ كىندىل نۇسخىسى بارلىقىنى، باھاسىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئەرزانلىقىنى بايقىدىم. خوشاللىقىمدا دەرھال تىزىملاتتىم ۋە 100 سوم پۇل قاچىلاپ 30 ئەتراپىدا كىتاب سېتىۋېلىپ، (بەزىلىرى ژۇرنال، داڭلىق ژۇرناللارنىڭ ھەممىسىنى كىندىل نۇسخىسى قەغەز نۇسخىسى بىلەن تەڭ دېگۈدەك بازارغا سېلىنىدىكەن)،  پۇل يەنە ئېشىپ قالدى. ئامېرىكا ئامازوندا بەلكىم بۇ پۇلغا بىرەر كىتاب ئاران كېلەتتى. كىتابنى كۆپ سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغان تورداشلار بۇ تور بەتتىنمۇ پايدىلانسا بولىدىكەن. چەت ئەلدىكىلەرگە بىر قېتىمدا ئارانلا بەش كىتاب سېتىۋېلىش رۇخسىتى باركەن، بەش كىتاب سېتىۋالغاندا مۇلازىمەتچى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم سوراش كېرەك بولىدىكەن.

ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم تۆۋەندىكىچە:
1. ئۇيغۇرچە ئېلكىتابلارنى كىندىل نۇسخىغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ سىناپ باققانلار بارمۇ؟ مەن ئىلگىرى ئۇيغۇرچە كىتابنى كىندىل قوللايدىغان IRF شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ مەغلۇب بولغان ئىدىم. ئەگەر شۇ نۇسخىغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن بولغان بولسا ئۇيغۇرچە ئېلكىتابلارنى ئوقۇش جىق قولاي بولۇپ كەتكەن بولاتتى.

2. ئامازون جوڭگو تورىنىڭ كىتاب سېتىش بەلگىلىمىسىدە، ئامازون تورىدا كىتاب ساتماقچى بولغانلار نەشرىيات ئورۇنلىرى بولۇشى، ياكى نەشرىياتتىن كىتابلارنى توردا سېتىشقا رۇخسەت ئالغانلار بولۇشى، قانۇنلۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسى بولۇشى....دە يېزىلىپتۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كىندىل تونۇيدىغان نۇسخىغا ئايلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسا، نەشرىيات ئورۇنلىرىنى ياكى كىتابخانىلارنى ئامازوندا كىتاب سېتىشقا كۆندۈرۈش مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا بىر تەرەپتىن قىممەت باھالىق قەغەز كىتابلارنى سېتىۋالالمايدىغانلار ھېچبولمىسا ئېلكىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇيالايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، قەغەز كىتابلارنى دەرھال سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى يوقلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېلكىتابنى بولسىمۇ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى.

يۇقارقىلاردىن خەۋىرى بارلار مەسلىھەت بەرسەڭلار. رەھمەت.

President يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 14:59:08

ياخشى پىكىركەن، مەنمۇ جاۋاب ساقلاپ قالدىم

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 15:04:44

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسز،بەك خۇرسەن بولدۇم،مەنمۇ يىقىندا ئامازۇندىن كىتاب ئىلىپ ئوقۇشنى ئويلاۋاتمەن

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 15:28:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   harunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 15:37  

نەق گەپكە كەلسەك مۇشۇ تېمىنىڭ ئادېرىسىنى نەشىرىياتتا ئىشلەيدىغان دوستىمىزغا ئەۋەتەيلى
نەشىرىياتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسە ،بۇ ئىشلارمۇ ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 15:41:29

يەنە بىر مەسىلە، كىندىل ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى  چىرايلىق كۆرسىتەرلەرمۇ، كۆرسىتەلمىسە ئورگان تەرەپتىن قوللاشقا ئېرىشكىلى بولارمۇ، ناۋادا قوللىمىسا ،ئۆزىمىز ئاددىي ئۇسۇل بىلەن تونۇتۇش ئىمكانىيتى بارمۇ،مۇشۇ تەرەپلەردە پىكىرلىشەيلى

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 15:59:58

ئامازون ۋە كىندىللارنى ئانچە ئىشلىتىپ باقمىدىم.
ئالمىنىڭ iBooks مۇ ياخشى بىر مەنبە كىتاب ئۈچۈن. ھەم، ئايبۇكستا ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب چىقىرىش ۋە ھەتتا توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئېلكىتابلارنىڭ ھەممىنى يىغىپ ئايبۇكس ستورغا چىقىرىۋېتىش -تېخنىكا جەھەتتىن- ناھايىتى ئاسان. ئەپ ستورغا ئەپ چىقارغاندەك بىر ئىش. ھازىر بەزى كىتابلارمۇ بار ئۇيغۇرچە.
iBooks Author دەپ بىر ئەپ بار مەك ئۈچۈن، مەخسۇس ئايبۇكس ستورغا ئايبۇكس فورماتىدا ئېلكىتاب ياسايدىغان يۇمشاق دېتال. مەن ئازراق ھەپىلىشىپ باققان بىر چاغدا، ئاجايىب قولاي بۇنىڭدا كىتاب ياساش. مەخسۇس دەرسلىكلىرىمۇ بار بۇنىڭ تورلاردا.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 16:15:20

بىرىنچى سوئالغا ئورۇن ئېلىپ قويۇپ, كەچتە تەپسىلىي يازاي.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 17:14:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 17:25  

Hechkim يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 15:59 static/image/common/back.gif
ئامازون ۋە كىندىللارنى ئانچە ئىشلىتىپ باقمىدىم.
ئالمى ...

iBooks تا پەقەتلا pdf كىتابلارنى ئوقۇغىلى بولامدۇ قانداق؟ مەنمۇ توردىن چۈشۈرىۋالغان كىتابلارنى iBooks تا ئوقۇيمەن. لېكىن كىندىلدا كىتابلارنى ئوقۇش بەكلا قولاي، تېلىفوندا ئوقۇسا بەتنى شۇنىڭغا لايىق چوڭلۇقتا، ئايپەدتە ياكى كىندىلدا ئوقۇسا ئۇنىڭغا لايىق چوڭلۇقتا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مېنىڭ يەنە بىر ئويلايدىغىنىم، خالىغان كىتابلارنى توردا pdf شەكلىدە تارقىتىۋېتىش بىر تەرەپتىن نەشىر ھوقۇقى، مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى كىتاب نەشىرچىلىكىنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئەگەر ئەڭ تېز سۈرئەتتە، ئەرزان باھادا ئېلكىتاب سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولسا بۇ ئىشلارمۇ بارا-بارا تەرتىپكە چۈشەتتى، يازغۇچىلارمۇ نەپ ئالاتتى.
خەزىنەنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ قالدىم.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 17:22:45

مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك مەسلە قارايمەن. ئەگەر مۇشۇ ئىش رۇياپقا چىقسا بەكلا ياخشى بۇلاتتى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 17:29:19

نەشىرياتلار ئېلكىتاپ قىلىپ تارقاتسا ئەرزان بولغاندىن كىيىن ، بىرنى سىتىۋالغانلار ھەقسىز تارقىتىۋەتسە ، كىتاپتىن نەپ ئالامىسا ، {:136:}يازغۇچىلار كىمىيىپ كىتەرمۇ ئەمدى ؟

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 17:31:23

راست گەپنى قىلسام كىندىلدىن بىرنى ئېلىپ نەچچە كۈن ئىشلىتىپ بېقىپلا يەنە ئايپەدكە قايتىۋالغانىدىم كىتاب ئوقۇشتا.
پ د ف ئوقۇغىلى بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە پ د ف ئايبۇكسنىڭ ئەسلىي فورماتى ئەمەس، ئايبۇكس ستوردىكى كىتابلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنىڭ فورماتىمۇ پ د ف ئەمەس، epub. فورماتتا، بۇ فورماتتىكى كىتابلاردا كىندىل كىتابلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق، يەنە خەت نۇسخىسى تاللاپ ئوقۇش دېگەندەك ئىقتىدارلىرى بار، يەنە ئايبۇكس ستوردىكى نۇرغۇن كىتابلارغا ۋىدىئو مۇزىكىلار، سلايدلار قىستۇرۇلغان، تور بەت كۆرگەندەك بولىدۇ ئادەم.
يۇقىرىقى يۇمشاق دېتالدا بۇ فورماتتىكى كىتابلارنى ياساشمۇ ناھايىتى قولاي.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 17:44:17

muztag يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 17:29 static/image/common/back.gif
نەشىرياتلار ئېلكىتاپ قىلىپ تارقاتسا ئەرزان بولغاندىن  ...

ئۇنى تارقاتقىلى بولمايدۇ {:181:}

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 17:52:12

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 17:44 static/image/common/back.gif
ئۇنى تارقاتقىلى بولمايدۇ

تارقاتقىلى بولمايدۇ ؟ (قىنى ماۋۇ ھۈشىنى يىغىپ ئويلۇنۇپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى )
ئېلكىتاپلار مانا ئەمدى تورلاردا تارقىلىپ يۇرمەمدۇ ؟ سىغىمى كىچىك ،چۇشۇرۇشكە ئوڭاي ، ھەتتا كۆكچىش بىلەنمۇ تېلېفوندىن تېلېفونغا ئىتىپ بەرگىلى بولىدۇ .
ئەمما سىز دىگەندەك كىندىلنىڭ كىتاپلىرىنى توردا ئۆزئارا چۇشۇرۇپ ،ئىتىپ ئالماشتۇرۇشقا بولمامدۇ ؟
مەن كىندىلچى ئەمەس .

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 18:05:27

مېنىڭ ھازىر بىلىشىمچە بولمايدۇ. مەن بىر قېتىم ئۆزەمنىڭ كىندىلىدىن ھەدەمنىڭ كىندىلىغا كۆچۈرۈپ باقاي دەپ، كىتابنى ئاۋۋال كومپيۇتېرىمغا كۆچۈرۈپ، ئاندىن كىندىلغا قايتا كۆچۈرسەممۇ ئېچىلمىغانتى.

Bashtugh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 19:19:08

سالام،
مەنمۇ كندىلدە كىتاپ ئوقۇيمەن، ئۇيغۇرچە پ د ف(PDF) ۋە ۋورد(DOC) ھۆججىتىنى قاچىلاپ باقتىم.
ۋورد شەكلىدىكى ھۆججەتتە ئۇيغۇرچە خەتلار چىرايلىق چىقمىدى، پ د ف شەكىلىدىكى ھۆججەتلەر بەك چىرايلىق، بۇ يەرگە سۈرەت چىقىرىشنى بىلمىدىم، بولمىسا چىقىرىپ قوياتتىم.

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 19:33:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tirak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 19:35  

the power of body languageدىگەن كىتابنى ئوقۇپ باقاي دىسەم توقسان نەچچە يۈەن دەمدۇ نىمە؟

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 20:25:23

ئىنكاسىمنى تەھرىرلەي دېسەم تەھرىرلەش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، مۇشۇ يەرگىلا يازاي ئەمدى.

كىندىلدىن بىرنى ئالغاندىن كىيىن مېنى ئەپسۇسلاندۇرغان يېرى ئۇيغۇرچە ئېلكىتابلارنى ئوقۇشنىڭ قولايسىزلىقى بولدى. چۈنكى ئۇيغۇرچە ئېلكىتابلارنىڭ تولىسى A4ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەنگەچكە، 6سۇڭلۇق كىندىلدا خەتلىرى بەك كىچىك چىقىپ قالىدىكەن،  چوڭايتىپ كۆرسە، بەت ئۆرۈپ بولالماي قىينىلىپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنى ھەل قىلغىلى بولماسمۇ دەپ ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئازراق ئامال-چارىلەرمۇ توپلاندى، ئەمدى بۇ چارە-تەدبىرلەرنى ئالدىڭلارغا بىر تۆكەي.
ئادەتتە كىندىلنىڭ قوللايدىغان فورماتلىرى pdf، epub...دېگەندەك بىر نەچچە خىلكەن، بىلىشىمچە ئامازوندىن چۈشۈرگەن ئېلكىتابلارنىڭ فورماتىepub. بۇ فورماتنىڭ ئالاھىدىلىكى كىندىل ئىشلىتىپ باققانلار بىلگىنىدەك، خەتنىڭ چوڭ-كىچىلىكىنى، خەت نۇسخىسىنى خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدۇ، ئەگەر ئېلكىتابلىرىمىز مۇشۇ فورماتتا بولسا ئىدى، كىندىل ئالىدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپىيەتتى.  pdfھۆججىتىگە كەلسەك، ياسىغاندا قانداق ياسىغان بولسا، شۇ ھالەتتە كۆرمەي ئامال يوق. word ھۆججىتنى كىندىل بىۋاستە ئوقۇيالمايدۇ، ئەمما تۆۋەندىكى ئىككى ئامال ئارقىلىق epub فورماتىغا ئايلاندۇرۇپ، ئارامخۇدا ئوقۇيالايمىز.
wordھۆججىتى
1.calibre دېگەن يۇمشاق دېتال ئارقىلىق فورماتىنى ئۆزگەرتىش. بۇ دېتالنى ئىشلىتىشمۇ تەس ئەمەس، بەك بىلەلمىگەنلەر توردىكى دەرسلىكلەردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ. ئىقتىدارى ئوخشاش باشقا دېتاللارمۇ بار چوقۇم.
2.كىندىلنىڭ يەتكۈزۈش(推送) ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش. بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئازراق تەڭشەك ئېلىپ بارىمىز. ئالدى بىلەن ئامازون تورىنى ئېچىپ، ھېسابات نومۇرىمىز ئارقىلىق كىرىمىز، ئاندىن “管理我的内容和设备”نى بېسىپ، «我的设备»ئاستىدىكى ئېلخەت ئادرىسىنى تەھرىرلەيمىز. مەسىلەن: مەستۇرە ھەدىمىز mastura@kindle.cn دەپ تەڭشىۋالسا بولىدۇ. ئاندىن كىين «设置»نى چېكىپ، ئاستىدىراق يېرىدىكى «添加认可的电子邮箱» دېگەن يېرىنى چېكىپ، ئادەتتى كۆپ ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ئادرىسىنى كىرگۈزىۋالساق بولىدۇ(بۇنى قوشۇشتىكى مەقسەت ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈنكەن). تەڭشەكلەر پۈتكەندىن كىيىن، ئوقۇماقچى بولغان wordھۆججىتىنى (添加认可的电子邮箱غا قوشقان)ئېلخەت ساندۇقىمىز ئارقىلىق ******@kindle.cn غا يوللىۋەتسەك، بۇ ھۆججەت ئامازوننىڭ مۇلازىتىرىدا epubفورماتىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، كىندىلىمىز تورغا ئۇلانغان ھامان، ئاپتوماتىك يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بىلەلمىگەنلەر توردىكى دەرسلىكلەردىن تەپسىلىي ئۇقۇۋالارسىلەر.
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ يەنە بىر قىزىق يېرى بار ئىكەن، يەنى ئېلخەت يوللىغاندا تېمىسغا «convert» دەپ يازسا، pdfھۆججىتىنىمۇ epub فورماتىغا ئۆزگەرتىپ بېرىدىكەن، ئۇيغۇرچە ئېلكىتابلارنى سىناپ باقتىم، قالايمىقانلا بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن. دېمەك بۇ convertنى قوشۇپ يازىدىغان ئۇسۇلنىڭ بىز بىلەن بەك كۆپ ئالاقىسى يوق.

ئەمدى pdf ھۆججىتىگە كېلەيلى.
1.pdf ھۆججىتىنى wordھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش.  ئەپسۇسلىنارلىق يېرى ئۇيغۇرتىلىدىكى pdfھۆججىتىنى word ھۆججىتىگە 100%ئايلاندۇرۇش ھازىرچە مۇمكىن بولمايدىغان چىراي. pdfنى wordقا ئايلاندۇرىدىغان نەچچە kbلىقتىن تارتىپ، نەچچە مىڭ سوملۇق دېتاللارغىچە(ئەلۋەتتە ئوغرى نەشرى) سىنىمىغىنىم قالمىدى. ئەڭ ياخشى ئايلاندۇردى دېگەنلىرىمۇ 70~80% ئايلاندۇرالايدىكەن. لېكىن خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە pdfلارنى خېلى مۇۋاپىقىيەتلىك ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇنىڭدىنمۇ ئۈمىد ئۈزدۈم.
2. كىندىلنىڭ سېستىمىسنى ئۆزگەرتىش.  يەنى ئاۋال تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، koreader ياكى 多看نى قاچىلاش. بۇنىڭ ئىچىدىكى koreader دېگىنى كىندىلنىڭ ئەسلى سېستىما مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان بىر قسىتۇرما، 多看بولسا كىندىلغا قاچىلىغىلى بولىدىغان مۇستەقىل بىر سېستىما. ھەر ئىككىسىنىڭ قالتىس ئىقتىدارى شۇكى، pdfھۆججىتنىڭ خەت چوڭ-كىچىكلىكىنى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتەلەيدۇ. ھەتتا سايىلەپ، ياسالغان ئېلكىتابلارنىمۇ 100%بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇلارنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىغا قىزىقىدىغانلار، قاچىلاپ سىناپ باققۇسى بارلار بۇ يەردى كۆرۈۋېلىڭلار.
http://kindlefere.com/post/39.html   
ھەرئىككىسىنى قاچىلاپ سىناپ باقتىم. خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە pdfلارنى قالتىس بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىكەن، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، ئۇيغۇرچە pdfلارغا يەنە كۈچى يەتمىدى. ئەگەر مۇشۇ قىستۇرما، سېستىمىلار نورمال ئىشلەپ بەرگەن بولسا، باشقا ئامال-تەدبىرلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا ئېھتىياجىمىز چۈشمەيتتى دە.
3.pdfھۆججىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى قايتا تەڭشەش.  يەنى adobe acrobat، dopdf دېگەندەك دېتاللاردىن  پايدىلىنىپ، كىندىلنىڭ 6سۇڭلۇق ئېكرانىغا ماس كەلتۈرۈپ، قايتىدىن ئايلاندۇرساق بولىدۇ. بىر pdfھۆججىتىنى ئايلاندۇرۇشقا بىر نەچچە مىنۇت كېتەمدىكىن. ھازىرچە pdfھۆججىتىنى كىندىلدا ئوقۇشقا ياخشىراق ئامال مۇشۇ. قانداق ئايلاندۇرۇشنى ھەققىدە توردا دەرسلىك بار، ياكى بىلىشنى خالايدىغانلار بولسا، ئىنكاس ئارقىلىق بىرمۇبىر دەپ بەرسەممۇ بولىدۇ.
ھازىر ئۇيغۇچە ئېلكىتاب مەنبەسى كۆپراق تور بەتتىن مەنزىل تورى بار ئىكەن. لېكىن كۆپىنچە ئېلكىتابلار سايىلەپ ئىشلەنگەن. قارىسام بۇندىن كىيىن كومپيۇتېردا ئۇرۇپ چىقىرىلغان ئېلكىتابلارنى كۆپلەپ ئىشلەيدىغان پىلانى بار چىراي. ئەگەر ئۇلار كىيىنچە كىندىل قوللايدىغان فورماتتىكى ئېلكىتابلارنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسا، بەكمۇ ئېسىل ئىش بولاتتى.  
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي، چالا قالغان يەرلىرى بولسا تولۇقلاپ قويارسىلەر.

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-2-17 10:08):
ئازراق خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن، ئاستىدىكى ئىنكاسىمدا تۈزىتىپ قويدۇم.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 23:48:19

دېمەك سىز ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئىپاب شەكلىگە كەلتۈرۈپ ئوقۇيالىدىڭىز شۇنداقمۇ؟ دېمەك ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ  ئامازوندا كىندىل نۇسخىسىنى سېتىش مۇمكىنكەن، توغرىمۇ؟

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 01:17:21

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 20:25 static/image/common/back.gif
ئىنكاسىمنى تەھرىرلەي دېسەم تەھرىرلەش مۇددىتىدىن ئۆتۈ ...

ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم، ئ‍امازۇنغا كىتابنى قانداق ئ‍ەۋەتىش ۋە ھىساباتنى قانداق ئ‍ېچىش ئ‍ۇسۇلىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 08:34:21

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 20:25 static/image/common/back.gif
ئىنكاسىمنى تەھرىرلەي دېسەم تەھرىرلەش مۇددىتىدىن ئۆتۈ ...

     ئۇيغۇرچە  pdfكىتابلارنى، بولۇپمۇ سايىلەنگەن pdf كىتابلارنى ئوقۇشتا سىز دىگەن ئۇسۇل ۋە جەريانلار سەل مۇرەككەپ بىلىندى ماڭا.
مەن Android سېستىمىلىق (ئېلىكتىرونلۇق قەغەز ئېكرانلىق) كىتاب ئوقۇغۇچتىن بىرنى ئالغان ئىدىم، ئۇنىڭغا ئېلكىتاب ئوقۇش ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى دېتال بولغان  Orion Viewer نى قاچىلاپ كىتاب ئوقۇۋاتىمەن، ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى سايىلەنگەن ئېلكىتابلارنى ئوقۇشتا بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان دېتالنى ھازىرغىچە بايقىمىدىم. مەن يېقىندا  بۇ دېتالنى تونۇشتۇرۇپ بىر تېما يوللىغانتىم ، ۋاقتىڭىز يەتسە كۆرۈپ باقارسىز قېرىندىشىم.   كىتاب ئوقۇش يىلىمىزدا Orion Viewer دىن ھوزۇرلىنىڭ بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ ھەتتا يانفوندىمۇ قوشبەت ھالىتىدە سايىلەنگەن ئېلكىتابلارنى ھىچ قىينالماي راۋان ئوقۇيالايدىكەنسىز.
بەت: [1] 2 3 4
: ئامازوندىن ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب سېتىۋېلىش مۇمكىنمۇ؟