ghura
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:42:36
ئۇنداقتا خەنزۇچە ئامازۇندا قۇيۇشقا بولمىغۇدەك.بىر ياردەم تېمىسى يوللىغان: ئالما ۋە ئاندرويد يانفونلىرىغا ھەقلىق كىتابنى قانداق ئەۋەتىدۇ، ھىساباتنى قانداق ئاچىدۇ؟دەپ. تەستىقلىنىپ قالسا شۇنىڭغا مەسلەھەت بىرىدىغانلار چىقىپ قالارىدى، ئۈچ كۈنچە بولدى، تەستىقلانمايۋاتىدۇ.
Abdurexit21
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:08:47
مەن ئامازۇندا ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى كۆرگەنغۇ
Abdurexit21
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:08:52
مەن ئامازۇندا ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى كۆرگەنغۇ
mastura
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:15:55
شۇنداقمۇ؟ بۇ تېمىدىغۇ كىندىل نۇسخىدىكى ئېلكىتابلار ھەققىدە پاراڭ بولۇۋاتىدۇ، قەغەز باسما كىتابلار ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرچە كىتابنى مەن كۆرمىگەنكەنمەن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قانچە ئىنگلىزچە كىتابلار بارلىقىنى بىلىمەن، لېكىن تىلى ئۇيغۇرچىنى كۆرمىگەنتىم.
Abdurexit21
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:40:11
ئامازۇننىڭ خەنزۇچە توربىتىگە 维吾尔语دەپ بىسىپ ئىزدەپ باقسام ئۇيغۇرچە كىتاپمۇ باكەن،مەسلەن ھايۋاناتلار قورۇقى… دىگەندەك، ئەمدى ئۇنىڭ كىندىل نۇسقىسى بامۇ يوقمۇ ،ئۇنى ئۇقىدىغانلار بىر قاراپ باقسا …
Adilkozeynek
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:52:45
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Adilkozeynek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 16:54
مېنىڭچە تېما بەك ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم، ئىنكاسلار ئاساسى جەھەتتىن 1. سوئالنى چۆرىدەپتۇ. بۇجەھەتتە كەسپ ئۇقۇمۇم بولمىغاچقا، كۆز قارىشىمنى 2. سوئالغا قاراتتىم.
مېنىڭچە ئامازوندا ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سىتىشقا ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئالدىنقى شەرتى نەشر ھوقۇقىغا ھۆرمەت ۋە ئەمەل قىلىشتا. بۇنى يۇقۇرىدىكى بەزى پىكىرلەردە دەپ ئۆتكەندەك نەشرىيات، ئاپتورلار قانۇنلاشتۇرىشى كىرەك.
تەن بەرسەم، مەندىمۇ توردىن يىغىۋالغان نۇرغۇن «ئىل كىتاپ» لار بار. بۇلارغا بىر تىيىنمۇ خەجلىمەي ئىرىشىۋالغان. ئەلۋەتتەكۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە بىر خىل گۇناھكارلىق تۇيغۇسى بولسىمۇ، تىخى بۇنداق ئىشلارنى قانۇن نوقتىسىدىن رەسمى چەكلىمىگەچكە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇلارنى چۈشۈرۈۋالغان ئىدىم. بۇنداق ئشلارنى قىلغان بەلكىم يالغۇز مەنلام ئەمەسدۇرمەن دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە. ئەخلاق نوقتىسىدىن ئىيتقاندا ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس.
دىمەكچى بولغىنىم، نەشرىيات، ئاپتور، ھۆكۈمەت ۋە ھاۋاكازالار تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز كۆپەيتىپ تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئالالىسا ئامازون لام ئەمەس، باشقا ھەرقانداق تورلاردا ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى قەغەز ۋە ئىلىكتىرلىق شەكىلدە سېتىش تامامەن مۇمكىن.
mastura
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 17:06:20
ئەگەر ئامازوندىن ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب سېتىۋېلىش ئىشى ئەمەلگە ئاشسا، ئاندىن ئەپ ستورغا، iBooks قا ئۇيغۇرچە كىتابلار چىقسا ئاۋۇ تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن ئېلكىتابلار بارا-بارا ئېھتىياجدىن قالاتتى. چۈنكى بۇ كىتابلارنى ئوقۇشمۇ قولايسىز، خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشىمەك ئاسان ئەمەس؛ ئىككىنچىدىن بىر دەقىقىنىڭ ئىچىدىلا ئەڭ يېڭى چىققان كىتابلارنىڭ ئېلكىترونلۇق نۇسخىسىغا ئېرىشەلەيسىز.
مېنىڭچە قەغەز كىتابلارنى سېتىش ئاسان بولۇشى مۇمكىن، قانۇنلۇق نەشرى بولسىلا. لېكىن كىندىل كىتابلىرىنى سېتىش ئۈچۈن بىلىشىمچە چوقۇم نەشرىيات ياكى يازغۇچى ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك بولىدۇ. يەنى ئەگەر نەشرىيات بىلەن تۈزگەن توختامدا كىتابنىڭ ئېلىكترونلۇق ۋە باشقا ھەرقانداق نۇسخىسىنى سېتىش ھوقۇقىنى نەشرىياتقا بەرمىگەنلا بولسا، يازغۇچى ئۆزى ئېلكىتاب تۈزدۈرۈپ ساتسىمۇ بولىدۇ.
Bazar
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:56:34
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم.
ياشاڭ مەستۈرە . سىز نەشىرىياتچىلىق ساھەسىدىكى چوڭ بىر تەرەققىيەت يۈزلىنىشى توغرىلىق پاراڭلارنى قىلىۋاتىسىز. بۇ يۈزلىنىش پۈرسەت ۋە خىرىسلارغا تولغان.
يېقىندىن بۇيان مەن مۇ دەل بۇ ئىش توغرىلىق ئويلىنۋاتقان ئىدىم. مەن سىزنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدىم. سىز بىلەن ئۇخشاش ئوينى ئويلاپتىمەن.
خەۋەرلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرسىڭىز.
Aziz
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 07:57:59
HEZINE يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 10:07 static/image/common/back.gif
تامامەن بولىدۇ. لېكىن بىر يەردە خاتالىشىپتىمەن، epub فو ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
كىندىلدا ئۇيغۇرچە كىتاپنى توغرا، ئۆلچەملىك كۆرسەتكىلى بولامدۇ؟ (پ د ف ھىساپ ئەمەس ئەلۋەتتە.) گېپىڭىزدىن بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ياساپ قويدۇم دىگەن azw3 ھۆججىتىڭىزنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقاي دىسەم، ھۆججەت يوق، قۇرۇق تۇرىدۇ. مۇمكىن بولسا سىز سىناق قىلىپ غەلىبا قىلغان بولسىڭىز، ئېكران رەسىملىرىنى بولسىمۇ كۆرۈپ باقساق بولۇپتىكەن.
ياكى KOReader ياكى Duokan دىكى ئۇيغۇرچە (ئەرەپچە) نى قوللاش ئەھۋاللىرى بولسىمۇ بولىدۇ.
Aziz
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 08:04:20
AVAR يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 00:55 static/image/common/back.gif
pdf نى باشقا ئۈسكۈنە فورماتلىرىغا ئايلاندۈرۈش ئۈچۈن calibr ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئامازوننى ساقلاپ تۇرغىچە، KOReader دەك بىرەر Open Source سىستېمىنى Fork قىلىپ، ئۇيغۇرچە (ئەرەپچە) قوللايدىغان سىستېما قىلىشقا ئېتىشىپ باقسىڭىزغۇ بەك ياخشى ئىش بولاتتى. (ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرچە قوللىمايدىغان ئاندىرويىدنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەندەك.)
AVAR
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 10:21:36
Aziz يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 08:04 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئامازوننى ساقلاپ تۇرغىچە، KOReader د ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بۇرادەر ئەزىز . بۇنداق نەرسىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىزكەنمەن . كومغا لىنۇكسنى قايتا قاچىلىغاندا ھەپىلىشىپ باقسام بولغۇدەك :handshake
Aziz
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 10:49:06
يەنە بىر ئىش، خەزىنە قېرىندىشىمىز تونۇشتۇرغان، A4 فورماتىدىكى PDF تىكى تېكىستلەردىن سۆزلەرنى پارچىلاپ، كىچىك، كىندىل ئېكرانى چوڭلۇقىدا قايتا PDF ھاسىل قىلىش ئىدىيەسىمۇ ئوبدان ئىدىيە ئىكەن. لېكىن ئۇ دېتال سولدىن ئوڭغا يېزىلغان تېكىستلەرنى توغرا پارچىلاپ، قايتا بەت ياسىيالىسىمۇ، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە تېكىستلەرنى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان چىراي. بۇ سىستېمىمۇ ئوچۇق سىستېما ياكى ئوچۇق ئامباردىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئوخشايدۇ. ئىدىيىسى بولىدىغان ھەم ئانچە مۇرەككەپ ئەمەستەك بىلىندى. ناۋادا بۇنىمۇ ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرغىلى بولسا، يەنە نۆۋەتتىكى نۇرغۇن ھاجىتىمىزدىن چىقاتتىكەندۇق. ئىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي.
HEZINE
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:48:06
Aziz يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 07:57 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
كىندىلدا ئۇيغۇرچە كىتاپنى توغرا ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەزىزكا. ئاۋۇ ئادرىس نورمالكەن، قايتا بىر سىناپ بېقىڭ.
ئاۋۋال azw3 فورماتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىڭلار. كىندىل تولۇق قوللايدۇ، لېكىن بىر كەمچىللىكى خەتلەر سولغا رەتلىنىپ قالىدۇ.
HEZINE
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:52:17
ئەمدى koreader نىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە ئېلكىتابلارنى 100%نورمال بىر تەرەپ قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئېلكىتاب سايىلەپ ياسىغىنى تېخى.
ئەمدى ئۇيغۇرچە ئېلكىتابنى يوللاي. بىرسى ئۇرۇپ چىقىرىلغىنى، بىرسى سايىلەپ ئىشلەنگىنى.
HEZINE
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:00:29
duokanنى يوللىماي، چۈنكى ئىقتىدارى koreader بىلەن ئوخشاش، لېكىن ئايرىم سېستىما ھالىتىدە قاچىلايدىغان گەپ، ئۆزىنىڭ ئايرىم كىتاب بازىرى بار. تاللاشقا توغرا كەلسە يەنىلا koreader كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش.
koreaderنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى خەتلەر ئارىسىدىكى بوشلۇققا ئاساسەن، ھەر بىر خەتنى بىر رەسىم دەپ تونۇيدىكەن، ئارقىدىن ھەربىر خەتنى ئايرىم چوڭايتىپ، قايتىدىن تىزىپ چىقىدىكەن، شۇڭا ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ نورمال چوڭىيىدىكەن. لېكىن ئوڭدىن سولغا يېزىلغاچقا قۇرلار قالايمىقان بولۇپ كەتكەن گەپ. بولسا ئۇستىلار بىر ھەپىلىشىپ باقساڭلار.
مەستۇرە ھەدىنىڭ دېگىنىدەك بولسىغۇ بەك ئېسىل ئىش بولاتتى، لېكىن ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا ھازىرچە مۇشۇ ئاماللارنى ئىشلەتكەچ تۇرساق...
metujan
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 06:29:38
HEZINE يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 23:00 static/image/common/back.gif
pdfھۆججىتىڭىزمۇ تەيياركەن، باشقا فورماتقا ئالماشتۇرۇ ...
ھە، مۇنداق ئىشمىدى، مەن تېخى پ د ف نى يانپۇنلار ئوقۇيالمامدىكىن دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قاپتىمەن، يۇقارقىلاردىن. يەنى، پ د ف لەرنىڭمۇ ئايرىم يانپۇن نۇسقىسى بولامدىكىن دەپ قاپتىمەن. سىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن
ghura
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:01:55
ماۋۇ تېمىغىمۇ يارىدىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر
pansat
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:38:07
Kindle نى Amazon ئىگە تەرەپتىن قوللىمىسا بىكار، 多看 توختاپ قالغىلى نەۋاخ...
Kindle نىڭ سىستېمىسىنى بۇزۇش بارغانسىرى قىيىنغا چۈشمەكتە،
KoReader مۇ ئۇيغۇرچىنىڭ ھۆددىسىدىن كۆڭۈلدىكىدەك چىقالمايدۇ.
pansat
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:44:46
Kindle غا ئۇيغۇرچە خەت تونۇتتۇقمۇ دەيلى، ئوڭدىن سولغا چىقىدىغان قىلدۇقمۇ دەيلى، لىكىن ئىھتىياجلىق ئۇيغۇرچە كىتابلار يوق.
mastura
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 00:39:30
بۇ تېمىدا نەشرىياتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ھەقلىق ئېلكىتابلارنى ئامازونغا چىقارساق دېيىشىۋاتىمىز، تەپسىلىي ئوقۇماپسىز.