ھەممىسى شۇ OCR نىڭ خاپىلىقى
mastura يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 23:48 static/image/common/back.gif
دېمەك سىز ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئىپاب شەكلىگە كەلتۈرۈپ ...
تامامەن بولىدۇ. لېكىن بىر يەردە خاتالىشىپتىمەن، epub فورماتىنى 多看سېستىمىسىنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئوقۇغىلى بولىدىكەن، ئەسلى سېستىما قوللايدىغىنى azw3 فورماتىكەن، ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن، بۇ فورماتقىمۇ يۇقىرىدا كۆرسەتكەن calibreئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بايا سىناق تەرىقىسىدە بىر azw3 ھۆججىتى تەييارلاپ قويدۇم. كىندىلغا كۆچۈرۈپ سىناپ بېقىڭ.
http://kuai.xunlei.com/d/SnB2BZxrM73iVAQA6c8
يەنە بىرسى ئەگەر خەتلەر كۆرۈمسىز ياكى قالايمىقان چىقىۋالسا تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن فونت قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=22562
sahabe يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 08:34 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە pdfكىتابلارنى، بولۇپمۇ سايىلەنگەن pdf كىتا ...
ئۇ تېمىنى ئوقۇغان، لېكىن كىندىلغا ماس كەلمەيدۇدە.
tarim222 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 09:14 static/image/common/back.gif
ھەممىسى شۇ OCR نىڭ خاپىلىقى
مۇشۇ گەپنى جىق ئاڭلاپ كەتتىم، زادى قانداق ئىش تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىڭلارچۇ..
ghura يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 01:17 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئامازۇنغا كىتابنى قانداق ئە ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سوئالىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىم، ئامازوننىڭ يەتكۈزۈش ئىقتىدارى(推送)نى ئىشلىتىش ئىنكاستا دېيىلگەندەك. قايسى يەرنى بىلەلمىدىڭىزكىن.
HEZINE يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 10:11 static/image/common/back.gif
مۇشۇ گەپنى جىق ئاڭلاپ كەتتىم، زادى قانداق ئىش تەپسىلى ...
ئاددىي قىلىپ ئېيتسام ، رەسىمدىكى خەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى.
يەنى رەسىمدىكى خەتلەرنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش سىستېمىسى. مەن ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ئېلكىتاب ، رەسىملەرنى ئايلاندۇرۇپ باققان. (مۇشۇ ئىككىم تىلدىكى كىتاب ۋە رەسىملەرنى سىناپ باققانتىم). باشقا تىللاردىكىسىمۇ بار.
لېكىن ئۇيغۇرچىنى نورمال بىر تەرەپ قىلالايدىغىنىنىڭ ياسالغىنىنى بىلىمەن، لېكىن تارقىتىلمىغان.
بۇ ھەقتە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بىلوگىدا تەپسىلىي ئۇچۇرلار بار.
ماۋۇ بەيدۇ قامۇسىدىكى خەنزۇچە چۈشەندۈرۈش
http://baike.baidu.com/link?url=JVsBRtVqaiKtJqabf1z7GTqA3_LJe1ljo1tSB-pKdRWeRQxE59r6FIWr0grR2-LEBKKzb6wzLyAi-ISLG5NR0XBzHEVAamwe7wkSBnQfsKwj4WgjnJgmAoJoYBswkCDC
MSM يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 11:26 static/image/common/back.gif
ئاددىي قىلىپ ئېيتسام ، رەسىمدىكى خەتلەرنى پەرقلەندۈر ...
ماۋۇ تېما شۇكەن، بۇرۇن ئوقۇپتىكەنمەن، لېكىن نېمىلەرنى دەۋاتقىنىنى چۈشەنمەپتىكەنمەن.
http://www.alimahat.com/?p=240
مەن ئۇيغۇرچە ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان ئېلكىتابلارنى ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئەمەس. ھېلىھەم بىر ھەقسىز ئېلكىتاب ئوقۇسام، بىر كىتابنى كۈتۈپخانىلارغا بېرىشكە تىرىشىۋاتىمەن. مۇمكىن بولسا ھەقلىق ئوقۇساق، ھەم ئەلا سۈپەتلىك ئېلكىتاب ئوقۇساق ياخشى بولاتتى.
hezine@
مەقسىتىم ئامازۇنغا ئۇيغۇرچە ھەقلىق كىتاب قۇيۇپ باقاي، دىگەن. ياخشى تەرجىمە كىتابتىن ئىككىسى بارىدى. شۇنى ئامازۇنغا قانداق ئەۋەتىش، ھىساباتنى قانداق ئېچىشنى بىلەلمىدىم. ئالما بىلەن ئاندرويد يانفۇنىغا قانداق ئەۋەتىشتىن مەسلەھەت سورىغان تىمام پات ئارىدا تەستىقلىنىپ قالارمىكى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا HEZINE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 18:39
ھە, سوئالىڭىزنى ئەمدى چۈشەندىم, لېكىن بۇ مەن جاۋاپ بېرەلىگۈدەك سوئال ئەمەسكەن. ئىشقىلىپ ئامازون تورىدا ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇرچە كىتاب كۆرۈپ باقمىدىم.
http://www.guokr.com/article/52367/
ماۋۇ ئۇلانمىدىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
http://www.igiant.me/bulaqappu.html
HEZINE يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 18:25 static/image/common/back.gif
ھە, سوئالىڭىزنى ئەمدى چۈشەندىم, لېكىن بۇ مەن جاۋاپ بېرە ...
خەنچە ئوقۇيالمايتتىم...
ئەگەر خەنچە ئوقۇيالمىسىڭىز بىراز تەس بولۇشى مۇمكىن.
مەن تېمىدا تىلغا ئالغاندەك، ئامازون جوڭگو تور بېتىدە دۇكان ئېچىپ كىتاب ساتقۇچى نەشرىيات ئورۇنلىرى ياكى نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنلۇق رۇخسىتىنى ئالغانلار بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. مېنىڭ بىلىشىمچە قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان كىتاب بولمىسا ئۇلارمۇ سېتىشقا رۇخسەت قىلمايدىكەن.
ئامېرىكا ئامازون بېتى شەخسلەرنىڭ نەشىر قىلىنمىغان كىتابلىرىنى سېتىشىغىمۇ يول قويىدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان قانۇنلۇق كىملىكلەر بولسىلا بولىدۇ، مېنىڭ بىلىشىمچە.
HEZINE يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 20:25 static/image/common/back.gif
ئىنكاسىمنى تەھرىرلەي دېسەم تەھرىرلەش مۇددىتىدىن ئۆتۈ ...
مەندە بىر قىسىم ۋورد كىتاپلار بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پ د ف نۇسقىسىمۇ بار، ئۆزەم ياسىغان. ئەمدى بۇنى قانداق قىلىپ يانپونلاردا ئوقۇغۇلى بولۇدۇغان فورماتلاردا ئېلكىتاپ قىلالايمەن؟ يەنى، ئې پ ئۇ پ دېگەندەكلەرگە؟ بىر يول كۆرسەتسىڭىز ئاللاھتىن كاتتا ئەجىر تىلەيمەن سىزگە.
metujan يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 22:31 static/image/common/back.gif
مەندە بىر قىسىم ۋورد كىتاپلار بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىن ...
pdfھۆججىتىڭىزمۇ تەيياركەن، باشقا فورماتقا ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، يانفونىڭىزغا adobe pdf readerغا ئوخشاش pdfئوقۇغۇچنى قاچىلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
ەسسالامۇ ەلەيكۇم
«مېنىڭ ئۈممىتىم» ناملىق ئىككى قىسىملىق رەڭلىك رەسىملىك بالىلار كىتابى بار ئىدى. بۇ ئېلكىتاب ھازىر توردا نورمال ئېچىلامدۇ يوق؟ بىلمىدىم.
1-قىسمى بۇ يەردە:
http://bbs.izdinix.com/thread-58865-1-1.html
2-قىسمى مانا:
http://www.islamicpublishing.net/ana_sayfa.asp?mekan=kitap_listele&azcok=&dil=102&kitapturu=&sirala=sira&sayfa=2
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AVAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 00:57
pdf نى باشقا ئۈسكۈنە فورماتلىرىغا ئايلاندۈرۈش ئۈچۈن calibre نى سىناپ باققانمۇ ؟ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق .
http://manual.calibre-ebook.com/faq.html#what-formats-does-app-support-conversion-to-from
AVAR يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 00:55 static/image/common/back.gif
pdf نى باشقا ئۈسكۈنە فورماتلىرىغا ئايلاندۈرۈش ئۈچۈن calibr ...
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىمۇ ئايلاندۇرالامدۇ؟ سىناپ باقتىڭىزمۇ، قانداقراق چىقتى؟
مەن بۇرۇن سونىيغا سىنىغاندا سستىما ئەرەبچە يېزىق قوللىمىغانلىق سەۋەپتىن بولمىغان. ھازىر باشقا ئۈسكۈنە يوق . كىندىل utf-8 ياكى cp-1256 كودلاش قوللىسا بەلكىم نورمال كۆرىنىشى مۇمكىن .
مەن سىناپ باققان، لېكىن قالايمىقان بوپ كەتكەن. يا بىرەر يېرىنى تەڭشىيەلمىدىممىكىن.