pansat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:44:46

Kindle غا ئۇيغۇرچە خەت تونۇتتۇقمۇ دەيلى، ئوڭدىن سولغا چىقىدىغان قىلدۇقمۇ دەيلى، لىكىن ئىھتىياجلىق ئۇيغۇرچە كىتابلار يوق.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 00:39:30

بۇ تېمىدا نەشرىياتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ھەقلىق ئېلكىتابلارنى ئامازونغا چىقارساق دېيىشىۋاتىمىز، تەپسىلىي ئوقۇماپسىز.

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:40:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 19:42  

ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم، قېرىنداشلار.
پ د ف كىتابتىن ئ‍ەپ ياسىيالايدىغانلار بولسا ئ‍ۇچۇر قىلغان بولساڭلار،ئ‍ەپ ياسايدىغان قېرىنداشلارنى شۇنچە ئ‍ىزدەپ تاپالمىدىم. يېڭى تەرجىمە قىلىنغان، مەزمۇنى ياخشى كىتاب ئ‍ىدى.

xotenbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 21:54:24

بۇ ياخشى تېما ئىكەن.  2013-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ «ئۈرۈمچى يۆدۇ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى» بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ، يازغۇچىلار، تەرجىمانلار ۋە نەشرىيات بىلەن توختاملىشىپ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تورغا چىقىرىپ(بۇلارنىڭ ئامازون دەك خەلقارالىق تارقىتىش شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش پىلانىمۇ بار) ساتماقچى بولدى. مېنىڭچە بۇنىڭغا يازغۇچى، تەرجىمانلار تازا ئاكتىپ ئاۋاز قوشمىدىغۇ دەيمەن. شۇنداقتىمۇ بۇ لارنىڭ خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. يەنە شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىمۇ توردا كىتاب سېتىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ.
  ئەمدى بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە، ئۇيغۇر يازغۇچى، تەرجىمانلىرىمىز بەك بىچارە، نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئۇ يەردىكى ئادملەر بەك رەزىل، قەلەم ھەققىنى بەلكىلىمىدىن 10 ھەسسىلەپ تۆۋەنلىتىدۇ. ھەتتا خىلمۇ-خىل يوللار بىلەن ئاپتۇرلارنى شۈلۈپ يەيدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇنلىرى تولا بولغان بىلەن مۇشۇ بىچارە يازغۇچى، تەرجىمانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىنى(ئىقتىسادىي ھوقۇق-مەنپەتىنى) قوغدايدىغان قانۇن-نىزاملار بار، لېكىن ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان بىرەر ئورۇن يوق. بۇ ھەقتىكى گەپلەر جىق، لېكىن يەنىلا ئېغىزىمىزنى يىغقىنىمىز تۈزۈك.
  ئەمدى ئۇيغۇرچە پ د ف كىتابلارنى يانفۇندا ئوقۇش مەسىلىسىنى بىزنىڭ پىداكار ئادەملىرىمىزنىڭ پات ئارىدا ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

akax001 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 10:38:15

ئېلىكتاب توغرىسىدا مەنمۇ ئانچە-مۇنچە بىرنېمىلەرنى قىلىپ باققان ، ئازراق سۆزلەپ باقاي.
سايىلەنگەن PDF كىتابلارنى 10 سۇڭلۇق Kindle DXG دە كۆرگەن ياخشى، لېكىن ئېلىپ يۈرۈش قولايسىز.
ئەمدى 6 سۇڭلۇق Kindle غا كەلسەك ۋاقتىنچە تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
1. word دىن پايدىلىنىپ 6 سۇڭلۇق PDF ياساش. word تىكى قەغەزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى 9cmX11.9cm قىلىپ تەڭشەپ، PDF فورماتىدا ساقلىساق بولىدۇ.
2.  ئۇيغۇرچە نورمال كۆرسىتىدىغان Epub فورماتىدىكى كىتاب ياساش. Sigil دېتالىدىن پايدىلىنىپ Epub ئېلكىتابىنىڭ ئىچىگە خەت نۇسخىسى قىستۇرۇپ، css ھۆججىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ (تور بەت تەڭشىگەنگە ئوخشاش).
3.ھەرپلەرنى قايتىدىن تىزىش ئارقىلىق PDF كىتابلارنى 6 سۇڭ قىلىپ كىچىكلىتىش. k2pdfopt دېتالىدىن پايدىلىنىپ سايىلەنگەن PDF كىتابلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. (مېنىڭ ئاساسلىق قوللانغان ئۇسۇلۇم مۇشۇ.)
4. OCR تېخنىكىسى ئارقىلىق كىتابلارنى تېكىست شەكلىگە ئايلاندۇرۇۋېلىپ، قايتىدىن 6سۇڭلۇق كىتاب ياساش. بۇ ھەقتە غەيرەت كەنجى ئەپەندىم ئىزدىنىۋاتىدۇغۇ دەيمەن، بۇمۇ پات ئارىدا ئەمەلگە ئېشىپ قالار.
..........
5. 6سۇڭلۇق E-ink ئوقۇغۇچ ئەسلى زاۋۇتتىن ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان چىقىشى. ئۇيغۇرچە ئوقۇش ئېھتىياجى كۆپ بولسا بۇمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ.
قول سېلىپ ياسالغان 6 سۇڭلۇق كىتابنى كۆرۈپ باققۇسى بارلار akax#outlook.com بىلەن ئالاقىلىشىڭلار.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 11:43:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 11:51  

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 11:48 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەزىزكا. ئاۋۇ ئادرىس نورمالكەن، ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خەزىنە قېرىندىشىم،

چوڭ پ د ف كىتاپلارنى كىچىك پ د ف كىتاپقا ئايلاندۇرۇپ، كىندىلدا كۆرۈش مەسىلىسىدە، سىز يوللىغان ئىنكاس رەسىملەردە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى نورمال بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلىقى بايقالغان ئىدى. مەن بۇ مەسىلىنى ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەندىن بۇيان ئويلاپ يۈردۈم ۋە دېتال ياسىغۇچىلارغا بۇ مەسىلىنى ئىنكاس قىلىپ تۈزىتىش ۋە ياكى ئۆزىمىز بۇ دېتالغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ پايدىلىنىش ھەققىدىمۇ ئويلىنىپ يۈرگەن ئىدىم. بۈگۈن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرەي دەپ، تورلارنى ئاختۇرۇپ، ئوڭدىن سولغا يېزىلغان تېكىست مەسىلىسىنىڭمۇ ھەل بولغانلىقىنى بايقاپ، ھەم ئۆزەم سىناپ بېقىپ، بۇ ئىنكاسنى يازدىم.

دېتال ئىسمى: k2pdfopt
تور بېتى: http://willus.com/k2pdfopt
ئوڭدىن سولغا يېزىلغان تېكىستلەر ياردەم ئۇچۇرى:
http://willus.com/archive/k2pdfopt/help/right2left.shtml

تۆۋەندىكىسى مەن قىلغان سىناقنىڭ ئېكران رەسىمى:


رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك «ئوڭدىن سولغا يېزىلغان تېكىست» دەپ بىر تاللاش تۈرى بار ئىكەن. شۇنى تاللاپلا ئۆزگەرتسەك مەقسەتكە يېتىدىكەنمىز. سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.

(ئەسكەرتىش: ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ قارىسام، بۇ دېتالنى يۇقۇرىدىكى akax001 ئىسىملىك تورداش يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىنىڭ 3-تۈرىدە قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپتىكەن. مېنىڭ توردىن ئىزدەپ ئۇچراتقىنىممۇ مۇشۇ دېتال ۋە چارە بولدى. مەن pdf reflow rtl دەپ گۇگىلدىن ئىزدىگەن.)

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 15:43:48

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 11:43 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خەزىنە قېرىندىشىم،

چوڭ پ د ف كىت ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت ئەزىزكا.
بۇ دېتالنى بۇرۇن بايقىماپتىكەنمەن، بىر ھېسابتا koreaderنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىكەن، ھازىرچە مۇشۇ دېتال ئەڭ ياخشى تاللاش ئوخشايدۇ.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 17:44:34

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەزىنە بۇرادەر.ئىنكاسلىرىڭىزدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ئايرىم بىر تىما قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز بوپتىكەن.مىنىڭچە كىندىلدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئالدىن ھەل بولغاچ تۇرسا كىيىنكى قەدەملەردە ئۆزىمىزنىڭ كىتاپلىرىمۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.يۇقىرىدا بىر تورداش ئىيتقاندەك نەشىرىياتلاردا نەشىر قىلىنمىغان لىكىن شەخىس ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى بىلەن ئامازون تورىدا ئىلان قىلىدىغان كىتاپلارمۇ كۆپىيىدۇ دەپ ئويلايمەن.شۇنداق بولغاندا يازارمەنلىرىمىز ئۈچۈنمۇ بىر ياخشى مەيدان ھازىرلانغۇدەك.ئامازوندىكى گۇيلا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بەس بەستە سىتىۋىلىۋاتقان بىزدەك ئىستىمالچىلار يولۇققان ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىدىكى يىتەرسىزلىكلىرىنى بىلسە ئانا تىلىمىز شۇ مەھسۇلاتلاردىنمۇ ئورۇن ئالسا ياخشى بولاتتى.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 18:05:53

calisiyorum يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 17:44 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەزىنە بۇرادەر.ئىنكاسلىرىڭىزدا ئو ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىكار بولغان ۋاقتىمدا ئايرىم تېما قىلىپ قويساممۇ بولغۇدەك راست.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 07:08:22

akax001 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 10:38 static/image/common/back.gif
ئېلىكتاب توغرىسىدا مەنمۇ ئانچە-مۇنچە بىرنېمىلەرنى قىل ...

2.  ئۇيغۇرچە نورمال كۆرسىتىدىغان Epub فورماتىدىكى كىتاب ياساش. Sigil دېتالىدىن پايدىلىنىپ Epub ئېلكىتابىنىڭ ئىچىگە خەت نۇسخىسى قىستۇرۇپ، css ھۆججىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ (تور بەت تەڭشىگەنگە ئوخشاش).

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ھازىر زاۋۇتتىن چىققان ئېلېكتىرونلۇق سىيالىق كىندىللار ئېلېكتىرونلۇق كىتاپ دائىرسىدە (پ د ف ھىساپ ئەمەس) تېخى ئوڭدىن سولغا يېزىلغان تېكىستلارنى قوللىمايتتى ۋە ئىچىدە ئەرەپچە فونت يوق ئىدى. بۇ ئۇچۇرىڭىز قىممەتلىك ئۇچۇردەك قىلىدۇ. سورايدىغان سۇئاللىرىم:

(1) ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنىدىغان epub دېگىنىڭىزدە، بۇنى ئې-سىيالىق كىندىلدە نورمال كۆرۈنىدۇ دىمەكچىمۇ؟
(2) ئې-سىيالىق كىندىلدە نورمال كۆرۈنىدۇ دېيىلسە، سىز كىندىلنىڭ قايسى تىپلىرىدا (2-، 3-، 4- ... ئەۋلات، چەكمىسىز، چەكمىلىك، ئاق قەغەز ... تىپلىرى) سىناپ توغرا كۆرەلىگەن ئىدىڭىز؟
(3) epub ئىچىگە خەت نۇسقىسىنى قىستۇرۇپ، ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرەلىگەن يەردە، يەنە شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئەرەپچىنىمۇ (زىر-زەبەرلىك ھەقىقى ئەرەپچە) نورمال كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ سىز سىناپ باققانمۇ؟

ئامازون ھازىرچە تېخى ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلار ۋە ئەرەپچە يېزىقلارنى ئورگان تەرەپلەردىن قوللىمايدىكەن. ناۋادا epub ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى توغرا كۆرسەتكىلى بولسىمۇ، ئۆزىمىز كىتاپ ياساپ ئۆزىمىز كۆرۈپ تۇرساقمۇ نۇرغۇن ھاجەتلىرىمىزدىن چىقاتتى.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 07:03:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 07:13  



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

مۇشۇ تېمىنىڭ تۈرتكىسىدە، كىندىلدا ئۇيغۇرچە كىتاپ كۆرۈشكە يەنە قىزىقىپ، بۈگۈن ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىزدىنىپ باققان ئىدىم. سىرتتىن ئۇيغۇرچە فونتنى كىندىلگە قوشۇپ ۋە ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرۈپ، ھەرھالدا دەسلەپكى قەدەمدە كىچىككىنە نەتىجىگە ئېرىشتىم. ئەمدى مەستۇرەنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاز قالدى، ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق كىتاپلارنى خەلقارالىق Amazon تورىغا چىقىرىپ، شۇ يەردە كىتاپ سېتىش-سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئاز قالدۇق.

يۇقۇردىكى رەسىمدىكى Kindle 4 Non-Touch WiFi غا سىرتتىن ئەلكاتىپ فونتىنى قوشۇپ، ئۇيغۇرچە تېكىستنى نورمال كۆرسەتكەن ئەھۋال.

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ كىندىلنى سېتىۋېلىپ، ئازدۇر-كۆپتۈر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، لېكىن فونت قوشۇش ۋە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھەققىدە ئانچە ئىزدىنىپ باقمىغان. بۇنداق ئىشنى بۇرۇن باشقا قېرىنداشلىرىمىز سىناق قىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇلاردىن كېيىن قېلىپ بۇ يەردە سىلەرنى ئاۋارە قىلغان بولسام ئۆزرە، خەۋەرسىز قالغانلار بولسا بىلىپ قالسۇن دەپ بۇ ئىنكاسنى يوللىدىم.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 22:32:10

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 07:03 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

مۇشۇ تېمىنىڭ تۈرتكىسىدە، كىندىل ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاكا،
ئەگەر مۇمكىن بولسا فونتنى قانداق قوشۇش ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟ مەن بىر قانچە كىتابنى كىندىل نۇسخىغا ئايلاندۇرۇپ سىناپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلالىسام ئامازونغا چىقىرىپ قوياي دېگەنتىم.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 09:51:01

سالام مەستۇرە،
مەندىكىسى Kindle 4 NT ئىدى. ھەر خىل كىندىللارغا فونت قوشۇش ئەھۋاللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىل كىندىلغا ياسىغان ئۇيغۇرچە كىتاپنى يەنە بىر خىل كىندىلنىڭ ئوقۇيالماسلىق ئېھتىماللىقى ھازىرچە ناھايىتى چوڭ ئىكەن. (سەۋەبى، كىندىل ۋە ئامازون تېخى تېگىدىن ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان ئەرەپچىنى قوللىمىغاچقا.) مەن كىندىلغا فونت قوشۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىدىكى تېكىستنى ئۆزەم بىر ئاددى پىروگرامما يېزىپ، شۇ پىروگراممىدا (تېخنىكىلىق نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۆلچەمسىز ئۇسۇلدا) ياساپ چىققان. بۇنداق ياسالغان كىتاپلارنى ئامازوننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ھازىرچە ھەم ئىشەنمىدىم. (سەۋەبى، ئۆلچەمسىز، ئامازوننىڭ دائىرسىنىڭ سىرتىدىكى ئىش بولغاچقا.)
شۇڭا ناۋادا كىتاپ چىقىرىدىغان ئىش بولسا، يەنىلا ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا قىلغان شۇ ياخشىكەن. ھازىرچە Google Play Book ۋە Apple iBook فورماتىدا چىقىرىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بار ئىكەن. ئامازوننىڭ ئەھۋالى ھازىرچە نائېنىق. قولىڭىزدا كىتاپ قىلىپ چىقارغۇدەك مەزمۇنلا بولسا، ئۇنى ئاددى، ساپ تېكىست ھالىتىدە (Notepad ياكى Word) ساقلاپلا قويسىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە بۇ مەزمۇنلارنى كىتاپ قىلىپ ئىشلەپ چىقىش ئاسان.
ھازىرچە يەنىلا كىتاپ قىلىشقا قىزىقسىڭىز، ئاۋال Google ۋە Apple نىڭ بازىرىغا چىقىرىش تېخنىكا ۋە ئۆلچەم جەھەتتىن قولايلىقراقى ئىكەن. بۇ ئىككى بازارغا كىتاپ چىقىرىشنى ئۆزىڭىز شۇلارنىڭ تورىنى كۆرۈپمۇ قىلىپ كېلتەلەيسىز دەپ ئويلىدىم.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-21 10:30:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-21 11:16  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئامازون بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن تۇنجى قەدەملەر تاشلاندى. مايكروسوفت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىقىمۇ نەچچە يىللار بۇرۇن مۇشۇنداق قەدەملەر بىلەن باشلانغان ئىدى. بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان قېرىنداشلار بۇ ئىشنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن دۇئالىرىڭلاردا مەدەت بېرىپ قويارسىزلەر.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-21 11:17:18

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 10:30 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئامازون بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكا ...

ئامازون بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن تۇنجى قەدەملەر تاشلاندى
زادى قانداق قەدەملەر تاشلاندى، بىلىپ قالىلى، مەنمۇ ماۋۇ سونىينىڭ كىتاپ ئوقۇغۇچىغا كىسەل تەككىنى خېلى كۈنلەر بولدى، بىر كۈن ئالمىسام بىر كۈن ئېلىش ئويۇم بار ، كاساپەت نىمانداق قىممەت،

كىندىل، خەنۋاڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ماڭا بەك يارىدى، ( پۇلىمۇ شۇ :lol )

خەت دىگەن چوڭ-چوڭ بولسا، ئاندىن ھەقىقى كىتاپ ئوقۇغاندەك بۇلىدۇ دە .

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-21 11:57:20

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 11:17 static/image/common/back.gif
زادى قانداق قەدەملەر تاشلاندى، بىلىپ قالىلى، مەنمۇ م ...

بىر قەدەم ئالدىدا 99 توساقنىڭ بارلىقىنى ئويلاشقاندا، ئۇچۇرلار ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسا مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىمىز دىسەك ئاۋۇ 99 دىگەن سانمۇ ماس ھالدا 999 غا ماس ھالدا كۆپىيىدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق كىتاپلاردا خەتلەرنى چوڭ قىلىپ كۆرۈش ئۈچۈن چوڭ كىتاپ ئوقۇۇغۇچ كەتمەيدۇ، خەتنى چوڭايتىپلا كۆرسەك ئىش تامام. ھازىر بۇنىڭ ئۆلچىمى ئاساسەن 6 دىيۇمغا مۇقىملىشىپ قالدى. كۆينەكنىڭ مەيدە يانچۇقىغا پاتىدىغان شاپىلاقچىلىك نەرسىگە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىن 2000 چە كىتاپ چۈشۈرىۋېلىپ خالىغانچە ئوقۇشقا بولىدۇ. ھە راست، سونى رىقابەتتە مەغلۇپ بولدى ۋە چېكىنىپ چىقتى، ئامازون خەلقارادا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە.











tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-21 11:58:08

سونىينىڭمۇ كىتاپ بازىرى بارمۇ ؟

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-21 12:05:19

سونى مەغلۇپ بولۇپ، چېكىنگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كىتاپ بازىرىنى تاقاپ، بار كىتاپلىرىنى بىراقلا كانادانىڭ Kobo شىركىتىگە ئۆتكۈزىۋەتتى.
بەت: 1 2 3 [4]
: ئامازوندىن ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب سېتىۋېلىش مۇمكىنمۇ؟