Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:36:27

پەرھات تۇرسۇن: ھاممام راھىلەنىڭ ۋاپاتىغا

ھاممام راھىلەنىڭ ۋاپاتىغا

يېقىن كىشىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمدە ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا تۇنجى بولۇپ پەيدا بولىدىغان تۇيغۇ ئۆلۈمنىڭ بىر خىل ئاخىرلىشىش ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەسلىك بولىدۇ. چۈنكى تېخى قايسى كۈنىلا كۆرۈشكەن بىر ئادەمنىڭ ئەمدى تۇرۇپلا دۇنيادىن بىر سايىدەك لاپپىدە ئىزسىز غايىپ بولغانلىقىغا كىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كېلىدۇ. ئەتىگەن ئىنىم قەيسەردىن تېلىفۇن كەلدى. دائىم تېلىفۇندا سۆزلىشىپ تۇرىدىغان بولساقمۇ نېمىشقىدۇر تېلىفۇن ئېكرانىدىكى قەيسەرنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپلا يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى. بەلكىم راھىلەنىڭ ئۆلۈمىنى ئاللىقاچان قوبۇل قىلىپ بولغان بولسام كېرەك. ئاشۇ كۈنى ئەتىگەندىلا كەيپىياتىم ئىنتايىن تۆۋەن قوپقانىدىم. بىر خىل سەۋەبسىز غەمكىنلىك مېنى خامۇش قىلىپ قويغانىدى. قەيسەردىن راھىلەنىڭ تۈگەپ كەتكىنىنى بىلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆزۈمدىكى ئىزتىراپنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم.
ھەممىسى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئىشلار. قاچانلاردىدۇر مەن ئۆزۈم تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيدە يېشى مەندىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئالتۇن چاچلىق بىر قىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقىغانىدىم. تۈرك تىلىنىڭ تەلەپپۇز ئادىتىگە يات ھالدا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ باش تەرىپىگە ر تاۋۇشى كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى ناھايىتى ئۇزاق مەگىلگىچە توغرا ئاتىيالماي يۈردۈم. يەيلەم، لەيلەم، لالەم… مېنىڭ ئۆمرۈمدە ئاتاش ئەڭ قىيىن بولغان ئىسىم شۇ بولسا كېرەك. لېكىن ئۇنىڭ ئىسمىنى كۈندە ئاتىماي ئىلاجىم يوق ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشايىتتىم. كوچىلاردا ئويناۋاتساق، مەھەللىدە پەقەت موماملا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىنتايىن تولۇق ئاتايىتتى. مومامنىڭ سوزۇپ سوزۇپ چاقىرغان يېقىملىق ئاۋازى كۈن نۇرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن يەردىن ئۆرلەۋاتقان زەي پۇرىقى بىلەن ئارىلىشىپ كېتەتتى.
ئۇ ئىنتايىن ئاددى بىر قىز. ئۆمرىدە يۈز بەرگەن ئىشلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قەھرىمانلىق قىسسىسى ئەمەس. لېكىن ئۇ مەن ئۈچۈن تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن قەھرىمانلاردىن مۇھىم. چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھاممام! ئىنسانىيەت دۇنياسىدا، ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەرلىكى توغرىسىدىكى چاقىرىقلارنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن. لېكىن ھېچكىم تېخى بىر ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى بىلەن بىرەر قەھرىماننى باراۋەر دەپ مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغاندەكلا قىلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن ئالاھىدە ئەسلىمە يازغۇدەك كىم ئىدى ئۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. مەن ئۇلارغا ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا كېسىپلا شۇنداق دىيەلەيمەن: ئۇ مېنىڭ ھاممام، مەن خۇددى ئىلگىرى ياقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولغان چاغلىرىمدا ئۇرۇغ تۇغقانلىرىمدىن كىمگە خالىسام شۇنىڭغا خەت يازغانغا ھوقۇقلۇق بولغانغا ئوخشاشلا ئۇ ھەقتە ئەسلىمە يېزىشقا ھوقۇقلۇق، چۈنكى قەلىمىم ئۆزۈمنىڭ!
مەن ئۇنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلىرىمنىڭ ئەڭ يىراقلىرىغا بېرىشقا تىرىشتىم. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئىنتايىن يۇۋاش ئىدى. بالىلار بىلەن ۋاڭ چوڭ قىلىپ ئوينىمايىتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قېرى مىجەزىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىز دائىم ئۇ ھويلىنىڭ بۇلىڭىدىكى كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلاۋاتقاندا بېرىپ ئۇنىڭ پۇتىغا تىكەن سانچىپ قاچاتتۇق. ئۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ ئەتراپقا قاراپ قويۇپ، بىزگە: ساراڭ بولۇشتۇڭمۇ، نېرى ئويناش! دەپ ۋارقىراپ قويۇپ، يەنىلا ئورنىدا يېتىۋېرەتتى. بىز ئۇنىڭ  بىزنى تىللىىشىنى ۋە كەينىمىزدىن قوغلىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق. شۇندىلا ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ كەپسىزلىكىمىزگە ھەمرا قىلالايىتتۇق. لېكىن ئۇ يەنىلا بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىزغا ئارىلاشمايىتتى. ئۇنى شۇنداق ھورۇنمىكىن دېسەك، ئۆينىڭ ئۇششاق چۈشەك ئىشلىرىنى ناھايىتى ئىشچانلىق بىلەن ئورۇنلاپ مومامنىڭ پۇتىغا پۇت قولىغا قول بولاتتى. مەن بولسام، دائىم قىنىمغا پاتماي يۈرگىنىم بىلەن، مۇمام سۇ ئېلىپ كېلىڭلار دەپ چىلەكنى تۇتقۇزۇپ قويسا يەرگە تاشلاپ قاچاتتىم.
ئىنساننىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بالىلىق مەزگىللەردىلا ئايان بولسا كېرەك. مەن كىچىكىمدىلا ئاق نانچى ئىدىم، پۈتۈن ئۆمرۈم شۇنداق ئۆتىۋاتىدۇ. راھىلە كىچىكىدىلا جاپاكەش ئىدى. پۈتۈن ئۆمرى جاپا مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتتى. دەسلەپكى ئېرى كوچىدىن كىرمەي مەينەت يوللاردا يۈرگىنىدە ھەممىنى ئىچىگە تىنىپ سىرتقا چىقارماي يۈرگەنىكەن. لېكىن ئۇ ئەبلەخ بىر قېتىم قوشنا بىر شەھەرنىڭ كوچىسىدا بىر ئايالنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ كېتىۋاتقاندا ئاشۇ ھاممامنىڭ (ئانامنىڭمۇ) تاغىسى ئۇچراپ قېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ دەسلەپ، يول بويىدىكى ئېرىققا پۇرلاپ تىقىۋېتىپ كېتىپتۇ. راھىلەنىڭ ئاشۇ ئەردىن بولغان ئىككىلا بالىسى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى. شۇنچە سەبى، گۇناھسىز بالىلارنىڭ بېشىغا نېمىشقا بۇنداق بالا قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۇرۇغ تۇغقانلىرىم تەسەۋۇر قىلىپ بولالماي ھەلەك ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇنىڭدا تەڭرىتائاللاھنىڭ بىرەر ھىكمىتى بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى، شۇڭا ھەرگىزمۇ تەقدىرنىڭ ئادالەتسىزلىكى دەپ ئويلاشقا پېتىنالمايىتتى. پەقەت ئاشۇ ئەرنىڭ شەرمەندىلەرچە ئىشلىرىنى بايقىغاندىن كېيىنلا ئاندىن، ھە، ئەسلىدە ئاشۇ ئەبلەخ ئۆز بالىسىنىڭ بېشىغا چىققان ئىكەن دە! دەپ ئويلىشىپ، تەقدىرنى چۈشەنگەندەك بولۇشتى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نارىسىدە بالىلارنىڭ بالا قازاغا ئۇچرىشى ئاتىسىنىڭ يامان يولغا ماڭغانلىقىدىن ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى دائىم ئىچىم سىقىلىدىغانلا بولۇپ قالدى. ئەتراپىمدىكى يۈرەك كېسەللىرى شۇنچە كۆپ. بۇندىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بىراۋ ماڭا: سەن − بىزنىڭ يۈرەك كېسىلىمىز،  دېگەندە، مەن ئۈچۈن يۈرەك كېسىلى پەقەتلا بىر مېتافور ئىدى. مانا ئەمدى يۈرەك كېسىلى ئەتراپىمدىكى مېنى قورشاپ تۇرغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. دەسلەپ سىڭلىم، كېيىن ئانام ئاندىن ھاممام بىر بىرلەپ يۈرەك كېسىلى بولۇپ چىقتى. ھازىر يەنە مېنىڭ يېقىن دوستلىرىمدىنمۇ بىر نەچچىسى ئېغىر يۈرەك كېسىلى. مەنمۇ داۋاملىق ئۇيقۇغا كىرىش ئالدىدا نېمىدۇر بىر نەرسە يۈرىكىمنى چىڭ قاماللاپ بېسىۋاتقاندەك، يۈرىكىم ھېلىلا سوقۇشتىن توختاپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ كېتىمەن. بۇندىن تۆت يىل ئاۋال ئانامنى بېيجىڭدا بىر داڭلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتىۋىدىم، دوختۇر ئانامنىڭ كېسىلىنى بۇلغانغان ھاۋادىن دەپ دىئاگنوز قويدى. مەن بۇ دىئاگنوزنى پۈتۈنلەي خاتا دەپ ئويلىدىم. شۇقەدەر ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل، ئەتراپى يېشىللىق بىلەن تولغان چەت يېزىدا، پاكىز مۇھىتتا ئانامنىڭ ئۆپكىسىدە ياللۇغ پەيدا قىلىدىغان بۇلغانغان ھاۋا نىمىش قىلسۇن دەپ ئىشەنمىگەنىدىم. بىر يىلدىن ئۆيگە قايتقىنىمدا، ئاتۇشتىن قەشقەرگە كېتىۋېتىپ، تاغ باغرىغا ئورۇنلاشقان زاۋۇتلارغا ۋە پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىسلارغا نەزەر سالغىنىمدا ھەممە نەرسە ئايان بولدى. دېمەك كېسەللىك مېنىڭ يۇرتۇمنىڭ گېلىدىن سىقماقتا ئىدى.
قايسى يىلى بىر ياش قىزنىڭ كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاساسىي تېما قىلىپ ھېكايە يازسام بىر بۇرادەر مېنىڭ ئىنسانچىلىق پەيدا قىلغان تراگىدىيىنى يازماستىن تەبىئەت دۇنياسى پەيدا قىلغان تراگىدىيىنى يازغانلىقىمنى ئەھمىيەتسىز دەپ تەنقىد قىلغانىدى. بۇ خۇددى ساغلام ئادەم بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ ئازابىنى چۈشەنمىگەنلىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە تىرىك ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆلۈم ھەققىدە تەپەككۈر قىلىشتىن قاچۇرىشىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدۇر. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ۋەھشىيلىكلەر بەزى كىشىلەردە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر قىلىشنى بىلمىگەنلىكىدىن بولىشى مۇمكىن. شۇڭا مەن يەنىلا كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ھاياتلا بولسا، كېسەل بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۇلارنى روھىي جەھەتتە پاكلىنىش ھەققىدە خىيال قىلىشقا ئۈندەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئادەتتىكى ئادەملەرگە دىققىتىنى بېرىش دۇنياۋىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ زور نەتىجىلىرىدىن بىرى. نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ يازغۇچىلار رېئاللىقتىكى ئىنتايىن ئاددى، قوپال، ھېچقانداق تۆھپىسى يوق كىشىلەرنى ئۆلمەس ئەسلىمىلەرگە ئايلاندۇردى. بۇ ئەرزىمەس دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشىغا تەسەللى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ تۈپكى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشىنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن جەمئىيەتتە ھېچكىمگە دەردىنى ئاڭلىتالمىغانلارنىڭ باشقىلارنىڭ دىققتىنى قوزغاش ئۈچۈن غايەت زور تەسىر قوزغىغىدەك بىرەر ئىشنى قىلىپ مەلۇم تراگىيىلەرنى تۇغدۇرغانلىقىنى ئەتراپىمىزدىن ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىيالايدىغان كىشىلەردىن بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇ دۇنياغا خۇددى بىر كۆلەڭگىدەكلا كېلىپ، بىر كۆلەڭگىدەكلا غايىپ بولىدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ ھاياتى دۇنيادا ھېچكىمنىڭ ھەتتا ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭمۇ كۆزىگە كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. بۇنداق ئەدەتتىكى كىشىلەر پەقەت دۇنيادا ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى بىر زاتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىش ئارقىلىقلا ئۆزىگە تەسەللى تاپالايدۇ.
بەلكىم ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرە شەكلىدىن بەك رەنجىپ كېتىشنىڭمۇ ئورنى بولمىسا كېرەك. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ قەيىرى ئاغرىسا دىققىتى شۇ يەردە بولغاندەك، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭمۇ دىققىتى داۋاملىق ئۇنىڭ ئاغرىقلىرىدىدۇر. دېمەك ئاغرىقنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ نامى ئۆچمەس بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگۇ تارىخىدا قانال قازدۇرغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ قاناللارنى ئۆلۈمدىن قورقۇپ قازدۇرغان. بېيجىڭدىكى قىشلىق خان سارىيىدىن يازلىق ئوردا يىخېيۈەنگىچە ۋە پادىشاھلار ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان تيەنتەن قاتارلىق جايلار بىر بىرى بىلەن قانال يەنى سۇ يولى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، پادىشاھلار چوڭ يولدا ماڭسا باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ سۇدا كېمە بىلەن ماڭغان. كېمە سۇ ئىچىدە بولغاچقا قۇرۇقلۇقتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇدۇل كېلىپلا ھۇجۇم قىلىشى ئەپسىز. سۈي سولالىسىنىڭ پادىشاھى سۈي ياڭدې لوياڭدىن خاڭجۇغا بېرىش ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنى ئىشلىتىپ مەخسۇس قانال قازدۇرغان. مانا شۇ نەچچە يۈز مىڭ ئادەم ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىسىدىن تامامەن يۇيۇۋېتىلگەن بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ سانىمۇ ئېنىق ئەمەس. لېكىن ئۇلارنى قاڭغىر قاخشاتقان سۈي ياڭدې ھەممە ئادەمنىڭ ئېسىدە. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولۇپلا قالماي يەنە تېخى ئۇ ھەقتە ئەقىلگە سىغمايدىغان گۈزەل ھېكايىلارمۇ توقۇپ چىقىرىلغان. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، سۈي ياڭدې قىزىل بالان گۈلى دەپ ئاتىلىدىغان ئاجايىپ بىر چىرايلىق گۈلنى كۆرۈش ئۈچۈن بارغان ئىكەن. بۇ ھېكايە قارىماققا گۈلدىن ئىبارەت قەدىمىي مىتافورلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىماگ بىلەن شۇنچە گۈزەلدەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بىر تال ئۆسۈملۈك ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ نەچچە يۈزمىڭ كىشىنى قاڭغىر قاخشىتىشى ئۇنىڭ ئادەمنى ھايۋانچىلىك ئەمەس ھەتتا بىر ئۆسۈملۈكچىلىكمۇ كۆرمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ غايىپ بولغان ئاشۇ قانال قازغۇچىلارغا ئوخشايمىز. لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئاغرىق ئارقىلىق دىققەتنى تارتىدىغان جاراھەت بولۇپ باشقىلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغاندىن، ئەنە شۇنداق بىر كۆلەڭگىدەكلا بۇ دۇنيادىن غايىپ بولغانمۇ ياخشى.
راھىلە بىلەن بىر بالىنىستا ياتقان ئون بەش ياشلىق بىر بالا ئوپىراتسىيەدىن چىقالماي ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ بىر كۈنى مەكتىپىدە ئويناۋاتسا تۇيۇقسىز لەۋلىرى كۆكۈرۈپ ھاسىراپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتسە يۈرىكى تۆشۈك ئىكەن دەپ دىئاگنوز قويۇپتۇ. دوىتۇرخانىنىڭ يۈرەك بۆلۈمىدە بۇنداق يۈرىكى تۇغما تۆشۈك بالىلاردىن نۇرغۇننى ئۇچراتقىلى بولاتتى. گويا يۈرەك كېسىلى چوڭلارنىڭ ئەمەس بالىلارنىڭ كېسىلىگە ئايلىنىپ قالغاندەك، بۇ يەردە تەمتىرىشىپ يۈرگەن ئانىلىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇۋالغىنىچە ئەتراپقا نىمە ئىشلار بولۇۋاتقىنىنى بىلەلمەي قىزىقسىنىپ مۆلدۈرلىشىپ تۇرغان كىچىك بالىلارنىڭ  ھەممىسى دېگۈدەك يۈرەك كېسىلى ئىدى. راھىلە بىلەن بىر بالىنىستا ياتقان ئون بەش ياشلىق بالا ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە پات پات خۇددى ئارتۇقتىن ئارتۇق ياشاپ ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىۋاتقىنىدىن خىجالەت بولغاندەك يەرنىڭ تېگىدىن قاراپ قوياتتى. بالا گۈپچەك بولۇپ، تازا ياخشى ئۆسەلمىگەنىدى. باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكىلى ئەمدىلا تېخى ئىككى ئاي بولغانىكەن. ئۇنى ئوپىراتسىيەگە ئېلىپ چىقىش ئالدىدا دوختۇر ئۇنىڭغا مەلۇم بىر خىل دورىنىڭ بەدەنگە ئۇرۇلغاندىن كېيىن قاتتىق ئاغرىتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بېرەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى. بالا ئىنتايىن كەسكىنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئارقىدىنلا ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارغا بىر قۇر قاراپ چىقىۋېتىپ، چىرايىدىكى كۈلكە بەكلا تېز ئۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ سۆسۈن رەڭگە كىرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، مەن قاراپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي دەرھال باشقا ياققا قارىۋالدىم.
پىسخولوگىيەدە كېسەللىكنى رېئاللىققا بولغان بىر خىل قارشىلىق شەكلى دەپ پەرەز قىلىدىغانلار مەۋجۇت. مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر كېسەل بولۇپ قېلىش ئىنسان ھاياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىشتۇر. شۇڭا كېسەل بولۇپ قېلىشنى يېزىش ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا مۇھەببەتلەشكىنىنى ياكى بىر بىرىنى ئۆلتۈرگىنىنى يېزىش بىلەن ئوخشاشلا مۇھىم. لېكىن بەزى دەۋردە، بەزى كىشىلەر ئارىسىدا پەقەت ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنىلا يېزىشقا يول قويۇلۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى يېزىش روھىي جەھەتتىكى چېركىنلىك دەپ قارىلىدۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈش تېمىلىرىلا ساغلام تېما دەپ قارىلىپ ئۇنى جەڭگىۋارلىق دەپ ئاتىشىدۇ. بەزى دەۋر ۋە بەزى كىشىلەر ئارىسىدا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، پەقەت مۇھەببەت تېمىسىلا بىردىن بىر بىخەتەر تېما بولۇپ قالىدۇ. كېسەللىك ۋە ھاياتلىق تېمىسى بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدە قارشى ئېلىنماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى كېسەللىك تېمىسى نورمالسىز ھالدىكى جەڭگىۋارلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا تەسىر يەتكۈزسە، قەلبىدە مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرغانلارغا ئۆلۈمنى ئەسلىتىپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ئىرادىسىنىڭ مەھسۇلى بولغان سۆيگۈ تۇيغۇسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.
مەن راھىلە تۈگەپ كېتىشتىن بىر نەچچە كۈن ئاۋال ئاجايىپ غەلىتىلا بىر چۈش كۆرۈپ ئىنتايىن كۆڭلۈم غەش ھالدا ئويغىنىپ كەتكەنىدىم. غەلىتە چۈشلەرنى كۆرۈش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ چۈشتىن كېيىن ئىچىمگە بىر قورقۇنچ كىرىۋالدى، بەلكىم ئۇ مەندىكى بىرەر كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ بېشارىتى بولسا كېرەك. كافكامۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى چۈشىگە ئاساسەن يازغان، ھەتتا چۈشىنى بىۋاسىتىلا خاتىرىلەپ قويغانىكەن، كېيىن پسىخىك ئانالىز ئىلمىنىڭ ئالىملىرى بۇ چۈشلەرنىڭ كافكادا كۆرۈلگەن ئۆپكە تيۇبېركليۇز كېسىلى ۋە بۇ سەۋەبتىن بولغان چۈشكۈنلۈكنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپتۇ. كافكا كېسەل بىلەن ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتكەن. بەلكىم كافكانىڭ كېسىلىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا ئۇنىڭ باشقا بىر شەكىلدىكى سەنئىتى بولىشى مۇمكىن. يەنى ئۇ رېئاللىقنىڭ بىمەنىلىكىگە كېسەللىك ئارقىلىق تاقابىل تۇرغان.
سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دائىم مەلۇم بىر خىل كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن ئاۋازى بىر ئاز سېرىلاڭغۇ چىقىدىغان ناخشىچىنىڭ ئاۋازىنى سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلغىنى نەپەس يولىدىكى كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك بىر شائىرنىڭ يازغان ئەڭ ئازابلىق شېىرلىرى ئۇنىڭ ئۆپكە كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، چېكىدىن ئاشقان قايناق ۋە جەڭگىۋار شېىرلىرى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. دائىم خۇنۇك رەڭلەرنى ئىشلىتىپ رەسىم سىزىدىغان رەسسامنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولسا، ئىنتايىن يالتىراق ۋە ئوچۇق رەڭنى ئىشلىتىشكە كۆنگەن رەسسام تۇغما دېۋەڭ بولۇشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ پۇتكۇل سەنئەتنىڭ يىلتىزى بىر خىل كېسەللىك، مەن بولسام بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئۆزىنىلا سەنئەتكە ئايلاندۇرماقچىمەن.
ئەدەبىي ئەسەرنى قورال دەپ قارايدىغان كىشىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى كېسەللىك تەسۋىرىگە ئۆچ بولغان بىلەن ئۇنىڭ كىشىلەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي ئىلاجى يوق.
بالىلار ئاغرىپ قالغاندا ئاتا ئانىسى ئادەتتىكى چاغلاردىن بەكرەك كۆيۈنىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت داىم كېسەللىك بىلەن مەلۇم جەھەتلەردە باغلىنىشلىق. شۇڭا مۇھەببەت تراگىدىيىلىرىنىڭ ئەڭ كونىسى، شۇنداقلا كىشىلەرنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى كۆپىنچە كېسەللىك تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەردۇر. مەسىلەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى ئېرىچ سىگالنىڭ «مۇھەببەت ھېكايىسى» ناملىق ئەسىرى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن دۇنيادا قاتتىق تەسىر قوزغىغان. بىزگە بەكرەك تونۇشلىقى ئۇنى پاكىستان تۇرمۇشىغا كۆچۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت» فىلىمى. بۇ ئەسەرلەردە پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى تامامەن ساقايماس كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باش قەھرىمانلارنىڭ ۋىسال تېپىشىغا توسالغۇلۇق قىلغان رېئاللىققا بولغان تۇيغۇمىزنى كېسەللەرگە بولغان ھېسداشلىق ئاستا ئاستا ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا كونترول قىلىدۇ. يەنە فرانسىيىلىك يازغۇچى ئالېكساندېر دۇماس پلىسنىڭ «چۇغلۇق قىز» ناملىق ئەسىرى بۇ جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك مىسالدۇر. تيۇبېركليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان مارگارىت ئۆزىنىڭ كېسەللىكى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى ئەخلاق بىلەن سىغىشالمايدىغان ئوبرازىغا رومانتىك تۈس بېرىپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەنىدى. شېكىسپېرنىڭ «دېنمارك شاھزادىسى ھاملېت» ناملىق درامىسىدا ھاملېتتىكى روھىي كېسەل ئۇنىڭ قەلبىدىكى مەۋجۇتلۇق ئازابىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى بىلەن بىرلەشتۈرگەچكە مەڭگۈلۈك بىر ئوبرازغا ئايلانغانىدى. يەنە ئالبېرت كامۇسنىڭ ۋابا كېسىلى تەسۋىرلەنگەن ئەسىرى «چۇما»دا ئىنسانىيەتنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈمگە دۇچار بولغاندىكى روھىي كەيپىياتى ۋە ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ تامامەن يوقلىقىنى ھېس قىلغاندىكى ئىزتىراپىنى، ئىنساننى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارايدىغان ئىشەنچتىن قانداق قىلىپ بىر بىرلەپ مەھرۇم بولغانلىقىنى ۋابا كېسىلى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن. دوستويېۋىسكىينىڭ ئەدەبىياتتىكى نەتىجىلىرىنى ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بىلەن باغلاپ تەسەۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. قەدىمقى رۇملۇقلار تۇتقاقلىق كېسىلىنى بىر خىل ئىلاھىي بىشارەت دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار، شۇڭا جۇلىئۇس قەيسەرنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلىنى ئۇنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان بىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىغان.
جىسمانىي كېسەللىك يەنە دائىم كىشىلەرنى مىستىك تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلىدۇ. سولژىنېتسىن ئوتتۇز بىر يېشىدا ئۆپكە راكى بولۇپ قالغان، كېيىن كېسىلى ئويلىمىغان يەردىن ساقىيىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ساقىيىپ قېلىشىنى سىرلىق بىر ئىلاھىي كۈچتىن دەپ قاراپ، ئىنتايىن دىندار بىر يازغۇچىغا ئايلانغان.
سولژىنېتسىننى ئىلگىرى يالتسىن دەۋرىدە بىر قېتىم روسىيىگە قايتىپ كېلىشنى تەكلىپ قىلغان، سولژىنېتسىن روسىيىگە كېلىپ بىر قۇر كۆرگەندىن كېيىن، روسىيەدە ھەقىقىي دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تېخى يىراقتىكى ئىش ئىكەن دەپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەتكەن. پۇتىن ئۆز كۆڭلىدە رۇس ناتسىسلىرى ۋە مىللەتچىلىرىنىڭ ئالقىشلىرىغا مەستانە بولۇپ، روسىيە خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتۇم دەپ ئويلاپ، سولژىنېتسىننى يەنە بىر قېتىم روسىيىگە قايتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. سولژىنېتسىن روسىيەنىڭ سىياسىتىنى تېخىمۇ ئەجەللىك تەنقىد قىلىپ، دېموكراتىيىدە بارغانسېرى ئارقىغا چېكىنىپتۇ دېگەن. شۇنىڭ بىلەن سولژىنېتسىننى روسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش ناھايىتى كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشقان.
سولژىنېتسىن پۇتىننىڭ ھازىرقى روسىيە ھەققىدە كىتاب يېزىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلغان. بۇنى روسىيە تەرەپ ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. مېنىڭچە سولژىنېتسىندەك بىر ئىنسانىي يازغۇچى پۇتىندەك بىر مۇستەبىتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىتاب يازمايدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنىڭ ئىنسانىيلىقى ئۇنىڭ ياشلىق ۋاقتىدىكى ساقايمايدۇ دەپ قارالغان راك كېسىلىدىن كەلگەن. چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ كېسەل بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆلىدىغانلىقىنى داۋاملىق ھېس قىلىپ تۇرغان. ئىنساندىكى ۋەھشىيلىك ئۆزىنى ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئويلاشتىن كېلىدۇ. نۇرغۇنلىغان زالىملار سەكراتتا ياتقان چاغدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن.
سوزۇلما خاراكتىرلىق كېسەللەرنىڭ كۆپىيىشى كىشىلەردە دېپرېسسيون پەيدا قىلماقتا. قايسى بىر يىلى ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىغا قارىسام ئۈرۈمچىدە ئېغىر يېنىك ھەر خىل دەرىجىدىكى دېپرېسسيون كېسىلى كۆرۈلگەن كىشىلەر ئوتتۇز پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەنىكەن. بۇنىڭغىمۇ ئون يىللار بولاي دەپ قالدى. ھازىر ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە دېپرېسسيون مەدەنىيەت كېسىلى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئېغىر-بېسىق ۋە غەمكىن بولۇپ كېتىشى مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك. بۇندىن يىگىرمە بەش يىللار ئىلگىرى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىغا تولغان، ھېلىدىن ھېلىغا جىدەل ماجرا بولۇپ تۇرىدىغان بۇ شەھەر مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغانىدى. مانا ھازىر كۆپ دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان سوزۇلما خاراكتىرلىق كېسەللىكنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.
پىسخىك ئانالىز تەلىماتىدا ھېستىرىيە كېسىلىنى بارلىق كېسەللىككە تەدبىقلاش خاھىشى كۆرۈلگەن. بەدەن روھنىڭ چۈشى دېگەن قاراشنى ئەسلىتىدىغان بۇ قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، ھېستىرىيە تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكنى بەدەن يالغاندىن ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى ھەقىقىي كېسەللىك بىلەن ئوپ-ئوخشاش. نەزىلەر تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ھېستىرىيە بىلەن راست كېسەلنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسى ئوپ-ئوخشاش. ئەلبەتتە مېدىتسىنادا ئۆمۈرلۈك كېسەللىك دەپ قارىلىدىغان بالاياتقۇ راكى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابېت قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى بەدەننىڭ ئويدۇرمىسى دەپ قاراش بۇ كېسەل ئالدىدا ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىلەرگە تەسەللى بولىدۇ. بىز بۇنىڭغا قاراپ، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تىباتەتتىمۇ بەدىئىيلىككە قاراپ يۈزلىنىشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قالمايمىز.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگۇدا ھەر يىلى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇنى دېڭىز تاشقىنى سۇنامىغا ئوخشاتقان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2012-يىللىق دوكلاتىغا قارىغاندا، جۇڭگۇدا سەككىز مىليون ئالتە يۈز مىڭ بىمار سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
يېشىم قىرىقتىن ئاشقاندىن كېيىن مېنىڭ بىردىن بىر ئارزۇ قىلالايدىغىنىم مېنى قورشاپ تۇرغان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولىشى ياكى ھازىرقى ھالىتىنى ئۇزاقراق ساقلىشى بولۇپ قالدى. بۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ تۈپتىن ساقىيىشىدىن ئۈمىدنى ئۈزگەندىن كېيىنكى بىردىن بىر ئارزۇ. تولۇق ساقىيىپ كېتىشى مۇمكىن بولمىغان كېسەللىكلەرگە بۇندىن باشقا قانداقمۇ بىر روھىي ھالەتتە مۇئامىلە قىلىش مۇمكىن؟ راھىلە ئۈرۈمچىگە كېسەل داۋالاتقىلى كەلگەندە تىببى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەيدىغان ساۋاغدىشىمنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردىم. ئۇ يۈرەك كېسىلى دوختۇرى ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن راھىلەنىڭ كېسىلىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر مەھەل ساقلاشنىڭ ئىمكانىيىتى بار يوقلىقىنى سورىغانىدىم. ئۇ يۈرەك دالانچىسىدا قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى، شۇڭا ھازىرقى ھالىتىنى بىر مەھەل ساقلاشنىڭ ئىمكانىيىتى يوقلىقىنى ئېيىتتى.
ئادەملەر دائىم ئۆزىنى مەڭگۈ ياشايدىغاندەك ئويلايدۇ. شۇڭا ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك چىدايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئىنچىكە سۈرۈشتۈرىدۇ. بىر قېتىم بازاردىن لەپتوپ سېتىۋالماقچى بولۇپ، بىر بۇرادىرىمدىن، زادى ھازىرقى لەپتوپلارنىڭ ئۆمرى قانچىلىك؟ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ، سىز لەپتوپنىڭ ئەمەس، ئاللاھدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمرىنى تىلەڭ، دەپ جاۋاب بەردى. بۇ گەپ مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. راھىلەنى ئوپىراتسىيە قىلغاندا ئۇنىڭ يۈرىكىگە سېلىنغان سۈنئىي كلاپاننىڭ قانچىلىك چىدايدىغانلىقىنى تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈپ كەتكەنىدىم. دوختۇرلار يىگىرمە يىل ئەتراپىدا يېتىدۇ، دېگەندە، مەن يەنىلا ئۇنىڭ يىگىرمە يىلدىن كېيىن قانداق قىلىشى ھەققىدە باش قاتۇرغانىدىم. ئەمەلىيەتتە راھىلە ئاشۇ كلاپاننىڭ دوختۇرلار ئېيتقان ئۆمرىنىڭ سەكسەندىن بىرىنىمۇ ياشىيالمىدى.
ھاياتلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان ھەرقانداق بىر جانلىق ئۆلۈمنىڭمۇ تەمىنى تېتىماي قالمايدۇ. قاچان ئۆلىدىغانلىقى پەقەتلا ۋاقت مەسىلىسى. بۇ ھەممە كىشىگە ئايان. شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەر ئۆلمەسلىكنىڭ كويىدا ئەمەس پەقەت مانا مۇشۇ ۋاقىتنىڭ كويىدا. ئەلبەتتە، يەنە دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرمۇ مەۋجۇت. بەلكىم بۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىكنى پەقەت ئۆلۈمنى ئۇنتۇش ياكى زېھنىنى باشقا ئىشلارغا تولۇق بېرىۋېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرسا كېرەك. ئەلبەتتە مەندە بۇنداق ئىقتىدار يوق. تەڭتۈشلىرىمنىڭ قازا قىلىشقا باشلىغانلىقى ماڭىمۇ ئۆلۈمنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بەكرەك يېقىنلاپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. راھىلە تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئەتراپىمدىكى ھەممە ئادەمنىڭ لەۋلىرىدە سۆسۈن رەڭ باردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. كىمگىلا قارىسام لەۋلىرىدىكى سۆسۈن رەڭ ھېلىلا قېنىقلىشىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. بەلكىم مېنىڭمۇ سۆسۈنلىشىپ كېتىدىغاندۇ، پەقەت بۇنى ئۆزۈم بىلمەي يۈرگەندىمەن.
شەرقنىڭ تارىخىدا ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزدەشلەر بولۇپ ئۆتكەن. بولۇپمۇ زالىم پادىشاھلار، ئۆزى قانچىلىك جىق ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا شۇنچىلىك قاتتىق تىرىشىپ جان جەھلى بىلەن ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزدىگەن. ئاشۇلارنى ئويلىغىنىمدا شۇنى ھېس قىلىپ تۇرىمەنكى، مەن داۋاملىق ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرغالىقىم ئۈچۈن زالىملىقتىن يىراقمەن. ئۆزۈمگىمۇ باشقىلارغىمۇ زۇلۇم قىلمايمەن. ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن، مەڭگۈ ئۆلمەسلىك دېگەن ئىشلارغا، ھەتتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەسىلىسىگىمۇ قىزىقمايمەن. ئۆلۈم شۇ قەدەر ئاددى. خۇددى راھىلەنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈن تىنسىز قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش، ئۆلۈم ئۆزۈمگە كەلگەندىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشتا قىيىنچىلىق ھېس قىلماسلىقىم مۇمكىن.

2013- يىلى 14- ئىيۇن
ئۈرۈمچى

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:41:04

ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:05:12

ياش چوڭايغانسىرى ياكى ھايات ھەققىدىكى تەگسىز سوئاللارغا تۇتۇلغانسىرى كىشى مىستىكلىشىپ كىتىدۇ.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:05:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umun99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 00:35  

ئەسەرنى ئىنتايىن ياقتۇردۇم.ھەقىقەتەن چوڭقۇر ۋە مۇستەقىل تەپەككۈر

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:05:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umun99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 00:36  

ئۆلۈم،تەبىئەت تىشى كۈچ قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىنسانلار ھەقىقەتەن بىچچارە.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:15:04

ژۇرنالدىنمۇ شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم، رەھمەت.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:23:44

«مىستىكلىشىپ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە بولغىيدى؟ باشقا مەقسىدىم يوق، بىلمىگەننى بىلەي دېدىم.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 23:13:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 23:55  

  ئېسىل ئەسەر سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت پەرھاتكا.
‏  مۇناسىۋەتلىك دەرىجىسى كىچىكرەك بولسىمۇ پىشمىغان بىر كۆزقارىشىمنى ئېيتقۇم كەلدى.
‏   تور ئۈزۈلگەن كۈنلەردە بەزى قەغەز نەشر كىتاپلارنى بېسىپ ئوقىۋالغان ئىدىم. ھازىرقى خەنزۇچە كىتاپلارنىڭ تېشىنى يەلتىراق بىلەن قاپلىۋالىدىغان بولغاچقا مۇقاۋىسىدىكى «ئامېرىكا پوچتىسى مۇنداق باھالىغان كىتاپ»، «ئوباما تەۋسىيە قىلغان كىتاپ»،«بىر كۈندىلا مانچە مىليون سېتىلغان» دېگەن يەرلىرىگە قارايتتىم. لېكىن ئۆيۈمگە ئاپىرىپ بەدىئىيلىك ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بىر قۇر دەڭسەپ باقسام ئۇنداق ئېسىل دېگۈدەك ئەمەس. ئېسىل ئەمەسمىكىن دېسەم، كىتاپلارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇقاۋا، تىتوللىرى، يەنە شۇنداقلا كىرىش سۆزلىرىدە دۇنيادىكى ئىنتايىن داڭلىق كىشىلەرنىڭ، زۇڭتوڭ، چوڭ-چوڭ باھالاش ئورگانلىرىنىڭ يۇقۇرى باھاسى بىلەن ئىناۋەتلەنگىنى راست.
‏   كىتاپلارنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك، تېكساستىن كەلگەن بىر مۇساپىرنىڭ كىشىلەرنىڭ خەير-خاھلىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى مىننەتدارلىقى، بىر تاشيول ئىشچىسىنىڭ تاش-شېغىل ۋە ئاسفالىتقا بولغان مۇھەببىتى، دېگەندەك ناھىيىتى ئاددىي ئىشلار.
‏   كېيىن، بۇ خىل باھالارنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدۇم: قورسىقى تويغان، باشقا نۇرغۇن ئىشلىرىمۇ ھەل بولغان، شۇنداقلا ئادىمىيلىك ساپاسىمۇ بىر يەرلەرگە بارغان ئەللەرنىڭ خەلقلىرى دىققىتىنى ئاددىي تۇرمۇشتىكى مىكرو ھادىسىلەرگە  تۇتىدىغان بوپتۇ. بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەۋجۇتلۇق، مىللەت، ئىنقىلاپ دېگەن يوغان گەپلەر ئۇلار ئۈچۈن ئەمدى مۇھىم ئەمەستەك. مەسىلەن، بىر مۇساپىرغا ئىللىققىنا بىر كۈلۈمسىرەپ بىر ئىستاكان قەھۋە ئېلىپ چىقىپ بەرگەن بىر بالا، كوچىدىكى بىر سەرگەندان مۈشۈكنىڭ كىچىككىنە ئۇۋاللىقى ئۈچۈن تەسىرلىنىپ ياش تۆككەن قىزچاقمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئامېرىكىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر كىتاپنىڭ يېزىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. ئىجتىمائىيەت ۋە ئادەمنىڭ ساپاسى تەرەققى قىلغانسېرى ھاياتنى مىكرو ھالىتىدىن كۈزىتىدىغان ئوخشايمىز.
‏   مەن خالىد ھۈسەينىنىڭ «لەگلەك قوغلايدىغان بالا» دېگەن رومانىنىڭ گېپىنى تېخى كىنوسى ئىشلەنمەستە، باشقىلار تېخى شۇنداق بىر روماننىڭ بارلىقىنى بىلمەستە تۇنجى قېتىم گېپىنى قىلغاندەك يادىمدا بار.
‏   ئەشۇ روماننىمۇ مەن ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنى تەسىرلەندۈرگەن دەپ تونۇشتۇرۇلغىنىغا ئاساسەن سېتىۋېلىپ ئوقىغانىدىم. ھازىر ئۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ چىققان ئوخشايدۇ. ئاشۇ كىتاپتىمۇ دۇنياۋىي دېگۈدەك تۈزۈك بىر نەرسە يوق. ھېچ بولمىغاندىمۇ بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى ھاياجانغا سېلىۋەتكۈدەك بىر جىددىيلىك يوق. لېكىن ئاشۇ رومان ئامېرىكىلىقلارنى بىر مەزگىل ھاياجانغا سالغان. يەنى، تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان، پەسكەشلىككە ئۇچرىغان ئاقكۆڭۈل توشقان كالپۇك ھازار بالا ئامېرىكىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئىچ-ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلىتىۋەتكەن.
‏   ئامېرىكىلىقلار شۇ روماننى ئوقىغاندىن كېيىن بىر كىم تەشكىللىمىسىمۇ نۇرغۇن ئىئانە توپلاپ ھازارلارغا ياردەم بەرگەن، قىزىل كىرست جەمئىيىتى دوختۇر تەشكىللەپ نامرات دۆلەتلەردىكى توشقان كالپۇكلارنى ھەقسىز ئاپىراتسىيە قىلغان.
‏   لېكىن بىز ئۇ كىتاپنى ئوقىساق ئۇنچىلىك تەسىرلىنىپ كەتمەسلىكىمىز، مېھىرلىك يۈرىكىمىز، كۆزلىرىمىزنى تەلۋىلىك چۇقانلىرى ئېلىپ كېتىشى مۈمكىن.
‏   سىزنىڭ بۇ يازمىڭىز ناھىيىتى ئاراملىق، مېھىرلىك يېزىلىپتۇ. ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى. بىز بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقىمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ...قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 23:22:49

«مىستىكلىشىپ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە بولغىيدى؟ باشقا مەقسىدىم يوق، بىلمىگەننى بىلەي
-----
سىرلىق

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 23:31:15

يېقىن كىشىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمدە ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا تۇنجى بولۇپ پەيدا بولىدىغان تۇيغۇ ئۆلۈمنىڭ بىر خىل ئاخىرلىشىش ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەسلىك بولىدۇ. چۈنكى تېخى قايسى كۈنىلا كۆرۈشكەن بىر ئادەمنىڭ ئەمدى تۇرۇپلا دۇنيادىن بىر سايىدەك لاپپىدە ئىزسىز غايىپ بولغانلىقىغا كىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كېلىدۇ.
----

مەن مۇشۇ كۈنلەردە دەل مۇشۇنداق تۇيغۇدا....

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 23:37:50

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 23:13 static/image/common/back.gif
ئېسىل ئەسەر سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت پەرھاتكا.
‏  مۇناسىۋ ...

رەھمەت، ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن خوش بولدۇم.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 23:43:10

مىستىتىزم - رېئاللىقنى ساماۋىي نەزەر بىلەن كۈزىتىشتۇر.
خۇراپاتلىققا ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن خۇراپاتلىقتىن سەل يۇقىرى، يەنى تەپەككۈر بىر قەدەر چوڭقۇر، سىرلىق، تەقلىدىي لوگىكىسى ئىنتايىن ھىم.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 00:07:06

ئەنۋەر جۇلا ئەمدى چۈشەندى.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 00:33:21

‏توكۇمنى تۇتماڭچۇ ئۇمۇن.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 00:37:18

ھەددىممۇ پىرىم

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 00:54:35

ئەسىرىڭىز مىنى يەنە بىر قېتىم سەگىتىپ قويدى.
ئويلاپ باقسام ئەمىلىيەتتە  مەن بەك زالىم ئىكەنمەن. ھازازۇل ئايالىم تۇرپ بەك سەمىرىپ كەتكەنلىگىمنى، قىرىققا بارماي تۇرۇپ ھاسىرىرايدىغان بۇلۇپ قالغانلىغىمنى، ماي جىگەر بۇلۇپ قالغانلىغىمنى، يەنە تاماكا-ھاراقتىن يانمايۋاتقانلىغىمنى…مىنى، ئۆزىنى ھەتتا چۆچۈردەك باللىرىمىزنى ئويلىمايدىغانلىغىمىزنى دەپ قاخشايدۇ. لىكىن مەن ئۆلۈمنى ئويلاپ باقماپتىمەن ھەم بۇ يېشىمدا ئۆلىمنى ئويلاش ئەقمەئقلىق دەپ يۈرىيمەن، تېخى چوڭراق كېسەل ئازابى تارتىپ باقمىغاچقا…
لىكىن يەنە بىلىمەن ئاخىر پەقەت ئۆزەم ئۈچۈنلا ياشايدىغانلىغىمئى. بەدەن چېنىقتۇرىشىم، ئىلمىي ئۇزۇقلىنىش ئادىتى يىتىلدۈرۈشۈم…دىگەندەك سەۋەپلەرنى قىلىشمنىڭ نەتىجىسى يەنىلا ئۆزەم ئۈچۈن. شۇنچىلىك شەخسىيەتچى بۇلۇپ كەتسەممۇ يەنە تېخى ئاخىرسىدا ئۆزەمگە زالىم ئىكەنمەن. ئىرادىنى قاچان، قانداق، قايەردە تىكلەيەمەن؟ يەنىلا ئىنتىلىش يوق. چۈنكى زالىملىقىمنى قانداق يوقىتىمەن، بىلمەيمەن.
…ئاخىرسىنى داۋاملىق ئۇقاي.

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 02:44:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TEWBE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 03:10  

مومامنىڭ سوزۇپ سوزۇپ چاقىرغان يېقىملىق ئاۋازى كۈن نۇرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن يەردىن ئۆرلەۋاتقان زەي پۇرىقى بىلەن ئارىلىشىپ كېتەتتى.
-----------------------
ئۇ ئىنتايىن ئاددى بىر قىز. ئۆمرىدە يۈز بەرگەن ئىشلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قەھرىمانلىق قىسسىسى ئەمەس. لېكىن ئۇ مەن ئۈچۈن تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن قەھرىمانلاردىن مۇھىم.
-----------------------

شۇڭا مەن يەنىلا كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ھاياتلا بولسا، كېسەل بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۇلارنى روھىي جەھەتتە پاكلىنىش ھەققىدە خىيال قىلىشقا ئۈندەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
-----------------------
ئارقىدىنلا ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارغا بىر قۇر قاراپ چىقىۋېتىپ، چىرايىدىكى كۈلكە بەكلا تېز ئۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ سۆسۈن رەڭگە كىرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، مەن قاراپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي دەرھال باشقا ياققا قارىۋالدىم.
-----------------------
ئىنساندىكى ۋەھشىيلىك ئۆزىنى ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئويلاشتىن كېلىدۇ.


يۇقارقى تىل ئىشلىتىشلەر ۋە ھايات تەلقىنلىرى ماڭا يارىدى، 15 ياشلىق بالىنىڭ لەۋلىرىگە قاراپ سىز ھىس قىلغاننىڭ يۈزدىن بىرىنى بولسىمۇ ھىس قىلدىم.

ئەنۋەر جۇلانىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ بۇ ئەسلىمە ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدۇم. تېخى تۈنۈگۈنلا دوستلىرىمغا خالىد ھۈسەيىننىڭ « لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا» دىگەن كىتابى ئىشلەنگەن كىنو ھەققىدە « بەكلا ئاددى ئىشلەنگەن كىنو، سالغان مەبلەغقە لايىق كۆرۈلۈش نىسبىتى ۋە ئۈنۈم يارىتالمىغان» دەپ ئىيتقانىدىم. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بۇ كىنوغا قوشۇمچە رول ئالغۇچىلاردىن بولۇپ، پۇتبۇل مەيدانىغا ماشىنا بىلەن بىسىپ كىرىپ، زىناخورلارنى تاش-بوران قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بار ئىدىم، ئۆھۆ دەپ بولغۇچە ئۆتۈپ كىتىدىغان رول بولسىمۇ ئىككى كۈنلۈكۈم ئۈچۈن 3000 يۈەن بەرگەنىدى.
   خىيالىمدا ئامرىكا ئافغانىستادىكى قۇراللىق ئەكسىيەتچىلەرنى ئەخلاقسىز ئەبلەخلەر كۆرسىتىش ئۈچۈن خالىد ھۈسەيىننىڭ كىتابىنى داڭلىق گىزىت ژورناللىرىدا قاتتىق ماختاپ ئۇچۇرۇپ بازىرىنى چىقارغان، ئەمەلىيەتتە بولسا ئاددىيغىنا بىر ۋەقەلىك ئىدى، كىنومۇ بىز ياقتۇرىدىغان ھوللىۋود كىنولىرىدەك ھەيۋەتلىك ئەمەس ئىدى. ئەنۋەر جۇلانىڭ ئىنكاسىدىن چۈشەندىمكى، ئۇلۇغ يازغۇچىلار ئاددى ئىشلاردىن ئۇلۇغ يازمىلارنى روياپقا چىقىرىدىكەن.

   بىز ياقتۇرىدىغان ھەيۋەتلىك فىلىملەردە مەسىلەن « سۈرئەت ۋە تىزلىك» دىگەن كىنونى ياقتۇرۇپ كۆرسەممۇ ئۇلارنىڭ ماشىنىنى قاتتىق قاراملىق بىلەن ھەيدەشلىرى، ئارقىدىن قوغلاۋاتقان ساقچا ماشىنىلىرىنىڭ سوقۇشۇپ، كۆمتۈرۈلۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم، بۇلارنىڭ قەھرىمانلىقىدىن گۇمانلىناتتىم، ئاچچىغىم كىلەتتى. ئاشۇ ساقچىلارنىڭ جىنى جان ئەمەستەك، يوللاردىكى كىشىلەرنىڭ جانلىرى جان ئەمەستىك، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى، سۆيۈملۈك ئايالى ۋە ئىناق ئائىسى شۇ ساقچىلارنىڭ خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولىشى، مىيىپ بولىشى بىلەن بەخىتسىز بولۇپ كىتىشىنى ئويلىسام، ئاۋۇ قەھرىمانلارنى قاتتىق شەخسىيەتچى، رەزىل ئەبلەخلەردەك ھىس قىلىپ كىتىمەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ بىرەر بۇرادىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ جىنى بىلەن ئوينىشاتتى، ئويلاپمۇ قويمايتتى، قاراملىق بىلەن ماشىنا ھەيدەپ ئوينايتتى.  ئەمەلىيەتتە شۇ ساقچىلارنىڭ جىنىمۇ ئاشۇ شەخسىيەتچى قەھرىمانلارنىڭ جىنىدەكلا قىممەتلىك، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۇلارمۇ ھىچكىمگە تەڭ قىلغۇسىز قەھرىمانلاردىن ئىدى.

ئايىغىدا دەيدىغىنىم، رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتىن بولسۇن!

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:37:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 08:40  

سالام پەرھاتكا . بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك غەش بولدى . بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ قېممىتى شۇنچىلىكلا نەرسە ئىكەن دەپ ئويلىنىش ئىچىدە ياشاۋاتقىنىمغا خىلى بولغاندى . يىقىنىدا يىقىن بۇرادەرلەردىن ئىككىسىدن ئايرىلىپ قالدىم . بەزىلەر ماڭا ئابدۇراھمان ھەققىدە بىر ناخشا ئىيتىشىمنى تەلەپ قىلىپ ئۈندىداردا ئۇزۇندىن ئۇزۇن خەت يىزىپتۇ . ئۇنىڭ خېتىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا تاقەت قىلالماي تېلېفۇننى ئۆچۈرۋەتتىم . مەن كىم ئۈلۈپ كەتسە شۇنىڭغا ۋاقىتلىق ئاھ ۋاھ دەپ قويۇش ئارقىلىق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇرىدىغان مەرسىيلەرنى يىىشتىن تولىمۇ بىزار ئىدىم . ئابدۇراھمانمۇ مەندەك بىر دوستىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ناخشا ئىيتىشىنى چوقۇم خالىمايدۇ دەپ ئويلىغاچقا ئۇنىڭ روھىغا خاتىرجەملىك تىلەش مىنىڭ قولۇمدىن كىلىدىغان بىردىن بىر ئىش بۇلۇپ قالدى . مىنىڭ ئىغىر سۈكۈت ئىچىدە ئويلىنىشىم ئابدۇراھمانغا بولغان مەرسىيەم بۇلۇپ قىلىشىنى ئۆمىت قىلىمەن . يەنە بىرى قاتناشتا ئىشلەيدىغان تاھىر دىگەن ئاغىنەم مۇشۇ ئالدىمزدىكى 9 - چىسلا يۈوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىزلا قايتىش بولدى . ئۇ ئەمدى قىرىق ياشقا كىرگەندى . بىز بىر توپ ئاغىنىلەر ئۇنى يىشىمىز چىقمىسا ئىزدىمەي . ماشىنا ئاۋارىچلىقلىرى بۇلۇپ قالسا بەس بەس بىلەن تېلېفۇن ئۇرۇپ ياردەم سورايتتۇق . ئۇمۇ يىغلاپ قاخشاپ يۈرۈپ ئشىىمىزنى قىلاتتى . لىكىن ئۇ ئۈلۈپ كەتكەندە مەن يىنىدا بۇلالماي قالدىم . ئاۋاتتا تۇرۇپ ئىچىمنى بىر نەرسە يەيدۇ لىكىن ئۇنى دىيشكە ئامالىم يوق . ھىچ بولمىسا جىنازىسىنىڭ يىنىدا ماڭالمىغانلىغىم ئۈچۈن ئىچىمگە دەرىت توشۇپ كەتكەندەك . ھىچكىم ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيدىغان بىر ئادەم بۇلۇپ تۆرەلگەندەك ئۈزۈمنى ئەيىپلەش ئىچىدە ياشاپ كىلىۋاتىمەن . ئادەم ئۈلۈمنى ئويلىغانسىرى ھەممە ئىشتىن رايى يانىدىكەن . بىر ئىش قىلىشتىن . تىرىشىپ پۇل تېپىشتىن . ئىجاد قىلىشتىن دىگەندەك . مەن ئۈزۈمنى ئەزەلدىن ئۈرۈمچى بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق دەپ قارايمەن . ئەگەر ئۈلۈپ كەتسەك بىزنىڭ بۇ يەردە نىممىز بار دەپ ئۆز ئۈزۈمگە سۆزلەپمۇ قويىمەن بەزىدە . ئاغىنىلەرنىڭ ياش ياش ئۈلۈپ كېتىشلىرى . زامان تەتۇر ئۆرۈلۈپ كەتكەندەك بىراۋلارنىڭ ئادەمگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراشلىرى . كۆزۈمگە سىغمىغانسىرى قەلبىمنى بىر خىل ئۈلۈم ۋەھىمىسى ئىگەللىۋالىدۇ . غىرىپسىنىش ۋە سۇسلۇق ئىچىدە بۇ يىرىم يىلىنمۇ تۈگەتتىم . ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىم ھەققىدە ئالتە ئاي ئويلاندىم ، ئويلانغانسىرى ئون بەش يىل بۇرۇنقى ئىدىيەگە بىرىپ قالغىنىمغا ھەيران قالىمەن . ئىش قىلىپ بىز ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئەھمىيەتسىز ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرساق كىرەك . ئەمما سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىز روھىمنى قايتا بىر سىلكىشلىدى . ھاممىڭىزغا ياراتقان ئىگەم جەننەت ئاتا قىلسۇن . ھايات ياشاۋاتقانلارنى بىكار قويماي بىر ئىشقا پەمەل قىلىش ئارقىلىق ھە دىسە باشقىلارنىڭ ئەيىپ نوقسانلىرى بىلەن ئەمەس ئۈزىنىڭ ئادىملىك پەزىلىتى ھەققىدە ھەپلىشىدىغان ، ئويلنىدىغان ئادەملەردىن قىلسۇن دەپ تىلەيمەن .  

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:41:50

روھىي پاكلىنىش، مىستىتىزملارنى بىلىپ، راھمانىزمنى ئويلاپ قالدىم.
روھىي پاكلىنىش بولغان بولسا بەلكىم بىزنىڭ دۇئالىرىمىزمۇ ھەم ئۆرلىگەن بولاتتى
ھېچكىم تەقدىر سەۋەبلىك ئاغرىنمايتتى.
دۇئا ئارقىلىق ئۆتمۈشنى ياكى كەلگۈسىمىزنى ئۆزگەرتەلىگەن بولاتتۇق.
نەپىستىن، ھورۇنلۇقتىن، شەھۋەتتىن روھنى پاكلاپ، تەن بىرلىكىنىڭ ئورنىغا روھىمىز بىرلەشكەن بولسا ھەممە ئىنسان بىر ئادەم بولۇپ كېتەر بولغۇيتتى دەپ ئويلاپ قالىمەن.
روھىمىز تەندىن ئۈستۈن تۇرالىغان بولسىچۇ كاشكى

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:04:34

مېنىڭچە سولژىنېتسىندەك بىر ئىنسانىي يازغۇچى پۇتىندەك بىر مۇستەبىتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىتاب يازمايدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنىڭ ئىنسانىيلىقى ئۇنىڭ ياشلىق ۋاقتىدىكى ساقايمايدۇ دەپ قارالغان راك كېسىلىدىن كەلگەن. چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ كېسەل بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆلىدىغانلىقىنى داۋاملىق ھېس قىلىپ تۇرغان. ئىنساندىكى ۋەھشىيلىك ئۆزىنى ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئويلاشتىن كېلىدۇ. نۇرغۇنلىغان زالىملار سەكراتتا ياتقان چاغدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن.
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: پەرھات تۇرسۇن: ھاممام راھىلەنىڭ ۋاپاتىغا