xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:10:46

ئاشۇلارنى ئويلىغىنىمدا شۇنى ھېس قىلىپ تۇرىمەنكى، مەن داۋاملىق ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرغالىقىم ئۈچۈن زالىملىقتىن يىراقمەن. ئۆزۈمگىمۇ باشقىلارغىمۇ زۇلۇم قىلمايمەن. ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن، مەڭگۈ ئۆلمەسلىك دېگەن ئىشلارغا، ھەتتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەسىلىسىگىمۇ قىزىقمايمەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:14:26

رەھمەتلىككە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيمەن.


يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kosan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:20:11

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن! ‹ ھەممىمىز ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز!›

پەرھاتكا، قەلىمىڭىزنىڭ نەقەدەر پاساھەتلىك ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆز ۋاقتىدىكى ئەسىرىڭىزدىن چوڭقۇر ھىس قىلغانىدىم... بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ يەنە شۇ ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى ھىسياتىمغا قايتىدىن چۆمگەندەك بولدۇم. ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى بەرسۇن! تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىشقا ئۆمرىڭىزنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:31:48

پەرھاتكامنىڭ كېسەللىك بىلەن قوشۇلغان تۇتاش تەسەۋۋۇر-مۇلاھىزىللىرى ، ئادىل تۇنىيازنىڭ ئاي ۋە قۇياش كالىندارى ھەققىدە قىلغان تەسەۋۋۇر مۇلاھىزىللىرىنى ئەسلەتتى ۋە ئوخشاش ئويلاندۇردى.
مەنمۇ يېقىندىن بۇيان ئۆلۈم ھەققىدە كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئېسىل يازما ، مېنى ھەقىقەتەن زىلزىلىگە سالدى.بولۇپمۇ ھېلىقى بالىنىڭ سۆسۈن رېڭى...

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:43:10

ياخشى پىكىرلىرىڭىزدىن نەپ ئالدىم . مەنمۇ يېقىندىن بېرى ئىزچىل ئۆلۈم ئۈستىدە ئويلايدىغان، ھاياتىمنىڭ قىممىتى ئۈستىدە ئويلايدىغان، مەنە بىلەن مەنىسىزلىك ئىچىدە تېڭىر قايدىغان، زىددىيەتلىك ھىس ئىچىدە قىينىلىدىغان بولۇپ قالدىم . پەرھات ئەپەندىمگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . سىزدەك ئادەملەر نىڭ بېسىمى ئېغىر بولىدۇ دەپ قارايمەن .شۇڭا ھاياتىڭىزغا خوشاللىق يار بولسۇن!

Ablazewolf يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:48:39

ئۇزاپ كەتكەنلەرگە رەھمەت، ماڭماقچى بولغانلارغا خەيرلىك، قالغانلارغا سەۋىر، ياشىماقچى بولغانلارغا ئەقىل تىلەيمەن.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:09:49

ئۆلۈم پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھەقىقەت. ئەمما، قەلبى ئۆلگەن كىشىلەر ھەر قاچان ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ياكى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. تىرىكلىكىدە دۇنيانى ئاۋاتلاشتۇرغان ئىنسان، ئۆلۈم كېلىشى بىلەنلا قاراڭغۇ گۆرلەرنى ئاۋاتلاشتۇرىدۇ. دۇنيادا بىللە ياشىغان ئادەملەر ئۆلگەندىن كېيىن قاراڭغۇ گۆردە يالغۇز ياتىدۇ.( دۇنيادا يالغۇزلۇقتىن قورقىدىغان كىشىلەر قەبرىدىكى يالغۇزلۇقتىن قورقماسلىقنى ئارزۇ قىلسا، ئۆزىگە ئەڭ ئاۋال بىر روھىي ھەمراھ تېپىشى كېرەك.)
قاراڭغۇ گۆردە ئۆلۈكلەر ياتقاندىكىدەك، قەلبى ئۆلگەن كىشىنىڭ قەلبى قاپقارا بولىدۇ. روھ ئۆلمەيدۇ، روھنىڭ تەندىن ئاجىراپ قايتىپ كەلمەسلىك ھالىتى ئۆلۈم دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۆلۈم بەزى كىشىلەرگە بەكمۇ قورقۇنچلۇق بىلىنسە، بەزىلەرگە لەززەتلىك بىلنىشىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى پەرق ئىككى خىل توپنىڭ قەلبىنىڭ قارا ياكى نۇرلۇق ئىكەنلىكىگە، قىلغان ئىشلىرىنىڭ شەرەپلىك ياكى شەرەپسىزلىكىگە قاراپ بولىدۇ. ئەمما، جان(يەنى روھ) نىڭ ھەلقۇمدىن چىقىشى قەلبى قارا ئادەمنى بەك قىينىسا، قەلبى نۇرلۇق كىشىنى لەززەتلەندۈرىدۇ.
«روھىنى پاكلىغان ئادەم مۇرادىغا يېتىدۇ.» مانا مۇشۇ روھى پاك، قەلبى نۇرلۇق كىشىلەرلا ھاياتلىقىدا لەززەت بىلەن ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامراتلىق، كېسەل، زىندان ئازابىنى كەچۈرۈشىمۇ ئۇنىڭغا بىر لەززەت بىلنىشىدۇ.
ھاياتىدا ئۈستۈن ئادەملىك ئارقىلىق لەززەت بىلەن ياشاپ، ئۆلۈمىدىمۇ ھەقىقىي لەززەت بىلەن دۇنياغا خوش دەيدىغان كىشىلەرلا ھەقىقىي بەختلىك كىشىلەردۇر.

بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا موللام مۈشۈكنىڭ بۇ ئەسىرى بەكمۇ تېتىملىق بىر ئەسەر بوپتۇ.

owchi99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:09:58

يېقىندىن بۇيان ماڭا تەسىر قىلغان بىردىبىر ئەسەر مۇشۇ بوپتۇ ئويلىسام....پەرھاتكامنىڭ ھەر بىر ئەسىرىنى ئىزدەپ سوراپ ئوقۇيمەن.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:13:48

يەنە بىر مەسىلە: پەرھات تۇرسۇننىڭ سەنئەت ماھارىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەسەرلىرىنىڭ تىلى (مەسىلەن تۇدەك شاتۇر، ئابدۇسەمەت مامۇت...دېگەندەك) ياخشى ئەمەس ئىدى. ئەمما، بۇ ئەسىرىنىڭ تىلىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:24:24

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 10:09 static/image/common/back.gif
ئۆلۈم پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھەقىقەت. ئەمما، قەلب ...

«قەبرىستانلىقنىڭ تىمتاسلىقى ، ئۇيەردە ياتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەننەتتە ياتقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ...»
دەپ كۆرگىنىم ئېسىمدە .
ھەجەپ ئۆلۈم بىلەن قورقىتىپ كەتتى دەپ قالماڭلار . ئۇ بولىشى مۇقەررەر ئىش . بىز ئۆلۈمنى ئۇننۇماسلىق ئارقىلىق ھاياتىمىزنى قەدەىرلىسەك ، ھاياتىمىزغا تېخىمۇ مەنا قوشۇپ ، پۇشايمان قىلمۇغۇدەك خوشلىسالىساق دىمەكچىمەن .

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:35:47

قەلبى نۇرلۇق، قىلمىشى شەرەپلىك كىشىنىڭ قەبرىسى نۇرلۇق بولىدۇ. قەلب قارايغانسېرى، كىشىدە بىنورمال روھىي ھالەت كۆرۈلىدۇ. نۇرغا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ قەلبى ۋە ئۈستى بېشىغا نۇر ياغىدۇ. نۇر ئۈستىگە نۇر ياغىدۇ.
قەلبنىڭ نۇرغا تولۇشى ئىنسانىي پەزىلەتتىكى ئەڭ يۇقىرى كامالەتتۇر. قەلبى نۇرغا تولغان كىشى قەلبىنىڭ نۇرلۇقلىقىنى پەقەت ئۆزىلا سېزەلەيدۇ.
دانا ئادەم ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرىدۇ ۋە ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىدۇ، ئەخمەق ئۆلۈمى ئەسلىسىمۇ ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلمايدۇ، ياكى ئۆلۈمنى ئەسلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشكە تەييارلىق قىلىدۇ.

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:11:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yiltizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 11:12  

مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دوستلىرىمدا شۇنداق ئومۇمىي بىر ئەھۋال بار. يەنى ئاۋال ئۆزىنى رۇسلىۋېلىپ ئاندىن ئادەم بولۇش.
بىز (مەن قاتارلىق شۇ دوستلىرىم )كەسپتە شۇنچىلىك تېتىك، تىنىم تاپمايمىز، يول ئىزدەيمىز، يۇرتتىكى ئاتا-ئانىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز پەقەتلا تېلىفوندا، ئەقىدىمىز سۇس...
ئەمدى ئويلاپ باقسام پات پات «ئاتا-ئانىمىز، بىزدىن چوڭ قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۆلۈپ كېىتىدىغۇ ھە»دەپ خۇرسىنىدىكەنمىز-يۇ، خۇددى بىز چوقۇم ئۇلاردىن كېيىن  ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ئويلايدىكەنمىز. بىزنىڭ ئۆزىمىزنى قىممەتلىك دەپ ئىسپاتلايدىغان بىر قاتار ئەھمىيەتسىز باھانىلىرىمىز بار. بىز كىتاب ئوقۇيمىز، دوست تۇتىمىز، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قەدىرلەيمىز، كىشىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىمىز،دوستلۇقنى قەدىرلەيمىز، ئۆزىمىزچە ئىلغار ئىدىيىلەر بىلەن قوراللانغان. بىراق جاينامازدا ئىبادەت يوق... بىر كۈنلەر كېلىپ بىز جان جەھلىمىز بىلەن تېپىشقا تىرىشىۋاتقان پۇللاردىن ياسىداق داچىلار، يۈز كىشىلىك شىركەتلەرمۇ بەرپا بولۇشى تامامەن مۇمكىن. بىز بىر ئۆمۈر ياشاپ ئىگىسىنى تونۇمايدىغان كاپىر ئەمەستۇققۇ؟ شۇ چاغلار كەلگەندە بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان، تاشلىنىپ قالغان شۇ ئىبادەتلىرىمىزنى ئويلىساق يەنە مۇشۇنىڭدەك خۇرسىنىپ ئولتۇرارمىزمۇ...
شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى، بىز تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان شۇ «رۇسلىنىش»يولىدا بىز گۇناھ دەپ قارىمايدىغان گۇناھلار ناھايىتى جىق: ناشۈكۈرلۈك بار، گۇمانخورلۇق بار،بىلىپ - بىلمەي سادىر قىلىدىغان شېرىكلىك بار، سەبىرسىزلىك بار، باشقىلارنى گۇناھقا باشلاش بار، ئېغىزدىن كېتىمىز، كۆزدىن كېتىمىز، قولدىنمۇ. بىز بۇلارنى
كاتتا نىقابلار بىلەن ياپالايمىز، ئىشلىرىمىزدىكى خاتانى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان ئەقىدىلىك كىشىلەرنى قاتمالغا چىقىرىمىز. ھامىنى
ھەممىگە جاۋاپ بېرىمىزغۇ ھە ئاخىر.

(بۇ يەردىكى « بىز » خەلقنى كۆرسەتمەيدۇ، ئىزدىنىشتىكى ھېچكىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېقىنلىرىمنى كۆرسىتىدۇ.)

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:39:20

ژورنالدىن ئوقۇپ ئىككى ئۈچ كۈن ئۆزھالدەك ئويلاردا بولۇپ قالغاندىن بۇيان ئۆزۈممۇ تازا ساقسىز. بىراق باللىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ تېتىك ياشىمىسام بولمايدۇ-دەپ ئويغۇنۇپ كەتتىم.
  پەرھاتكامنىڭ ھەرقاچان سەمىمىي ئىپادىلەيدىغان يازمىلىرى مېنى لەرزىگە سالىدۇ.
نۇرغۇن ئىشلاردىن،ئادەملەردىن رايىم يېنىپ كەتتى. بەزىلىرىنى تۇيۇقسىز ئەسلەپ قېلىپ تېلفۇن ئۇرىمەن، تېلفۇننى ئالمىسا، چوقۇم ئالدىراش دەپ ئۇلاردىن رەنجىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزۈمنى ئاۋۇندۇرىمەن.
ھەممىمىزنىڭ ئاددى ھاممىلىرى، تۇققانلىرى بار، پەقەت ئۇلار بىزنى ئاشۇنداق بىر كۈنلىرىگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ سېغىنىدۇ، ئەسلەيدۇ، نېمىلەرنىدۇ بىزگە دېگۈسى كېلىدۇ.
  تاشلىشىپ كەتكىلى ئۇزاق بولغان سۆيگەنلىرىمىزمۇ تۇرۇپ تۇرۇپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بىزنى ئەسلىشى مۇمكىن.
خاتىرىلەر چېكىنگەنسېرى ئۆلۈم تۇيغۇسى بەك يېقىنلىشىدۇ. بۇلارنى كىملەرگە دېيىش ۋە ئورتاقلىشىشمۇ غېرىبانە تۇيغۇدىن قۇتقۇزىدۇ.
  مەن ئۆلىۋېلىش سەنئىتى، ھالاكەت، چىنارلارنى قايتا -قايتا ئوقۇغاندىن بېرى پەرھاتكامنىڭ ئالدىدا ئۆلۈم تۇيغۇسى ۋە ئازاب ھەققىدە گەپ سوراشتىن ئەيمىنىمەن. گېپىمىز تەبئىيلا باشلىنىدۇ، مەن ئۇزاق ئوي بىلەن ئۇزۇتۇپ ياكى خوشلىشىپ قايتىمەن.
  ھەممىمىز سالامەت بولايلى.

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 14:27:01

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،مەن ئەدەبىياتتىن يات ھالدا ياشاپ كەلگەن بولساممۇ  لىكىن بۇ تېمىنى ئۇقۇپ چىقىپ ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئىككىلا مەزمۇننى چۈشەنگەن بولساممۇ ئىزدىنىشتىكى زىيالىلارنىڭ ئىنكاسىنى ئۇقۇپ مۇشۇنداق تېمىلارنىڭمۇ ئادەملەرنى خېلى ياخشى تۇيغۇغا ئىگە قىلالايدىغانلىقىنى بىلدىم،دىمىسىمۇ يېقىندىن بېرى ھاياتلىقنىلا ئويلاپ ئۆلۈمنى قايرىپ قۇيىۋاتقان بىر قىسىم ماقالىلار(ئاساسەن توردىكى )غا نۇرغۇن زېھىن ۋە ۋاقىت ئىسراپ قىلدۇق،بەزى زىيالىلار ئۆزلىرىچە بىر نىمىلەرنى يېزىپ بىزلەرنى كۆلدۇرلىتىپ ئوينىدى،نۇمۇس قىلىش دىگەنغۇ ئەسلا يوق،زىغىرچىلىك پايدا تەگمەيدىغان سەپ-سەتىلىرى ئارقىلىق ئادەمنى دۇرۇس ئادەم بۇلۇشقا ئەمەس،ئۆزلىرىنىڭ يولىغا باشلاپ كىرىشكە ئۇرۇندى.........ماڭگۈ ھايات ياشايدىغاندەك ئەقىدە بىلەن چاكىنا پەلسەپىلىرىنى ھە دەپ بىزلەرەە تېڭىشقا ئۇرۇندى..............بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تېمىدىكى تەسۋىرلەر نۇرغۇن زىيالىلارنىڭ ئويلىنىشىنى قوزغاتقىنى ئاشۇ پەسلەرچە ئورۇنىشتىن مىڭ ياخشىكەن دەپ ئويلىدىم.............

bagwan701 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 16:55:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagwan701 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 16:57  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن ، ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە تەسىر قىلىۋەرمەيدىكەن ، 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىم مەكتەپتىن ئۆيىگە ساق قايتىپ كىتىپ ئەتىسى سەھەردە ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە يەنە بىر خىزمەتدىشىم ئۆلۈپ كەتتى ، بەزى خىزمەتداشلار بەك كۈچەپ ئىشلىسەكمۇھامان ئۆلۈپ كىتىدىكەنمىز دەپ خىزمەتتە سۇسلۇق قىلىدىغان بولۇپ قالدى ، بىز ھامان ئۆلۈپ كىتىمىز ھايات ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا كۆيۈنىشىمىز مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 17:20:54

bagwan701 يوللىغان ۋاقتى  2015-02-11 16:55:34 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagwan701 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11
پەرھاتكامنىڭ ۋە ئابدۇراخمانكامنىڭ بۇنچە ئىنچىكە ئىكەنلىگىنى ھىس قىلمىغان ئىكەنمەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ؛ مەن سىلەرگە ئىككى نەسىھەت قىلغۇچىنى قالدۇردۇم، بىرى سۆز بىلەن نەسىھەت قىلغۇچى،- قۇرئان كەرىم، بىرى سۆزسىز نەسىھەت قىلغۇچى،- ئۆلۇم... - دىگەن سۆزلىرى يادىمغا كەلدى. يازغۇچى ئۈچۈن ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنىڭ قايسىسى مەڭگۈلۈك تېما بولۇشقا لايىقتۇ دەپ ئويلاپ قالدىم

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 17:39:51

ئەتراپىمدىكى  ياپياشلا بالىلارنىڭ يورەك،مىڭىگە قان چۇشۇش ،ئوپكە راك،جىگەر راك ..بورەك  قاتارلىق كىسەللەر بىلەن  ئولوپ قىلىۋاتقانلىق خەۋەرلىرىنى تولا ئاڭلاپ ئادەم ئوزىدىن ئوزى ئەنسىرەپلا قالىدىكەن ،مەنمۇ ئۆلوپ قالارمەنمۇ دەپ ،،ياپياش ئۆلوملەر بۇندىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق كوپ بولغۇيمىتى،ئادەملەر بەك سەزگۇر بولوپ كەتتىقمۇ؟نازۇكلىشىپ كەتتىقمۇ؟؟:'(

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 19:11:16

ئىلگىرى كۆپ نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلالمايتتىم....لېكىن ھازىر بەك مېھرىسىز بولۇپ كەتتىممۇ بىلمەيمەن،ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈمىدىن باشقا ھەممە ئۆلۈمنى قۇبۇل قىلاليدىغاندەك قىلىمەن.....

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 22:31:47

ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ياسالمىلىقتىن خالىي چىن ھېسسىيات ئادەمنى ھەقىقىي تەسىرلەندۈرەلەيدۇ. قەھرىمانلار،پادىشاھلار،داڭدارلار تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرگە قارىغاندا ئاددىي ئادەملەر تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەر مېنى بەكرەك جەلىپ قىلىدۇ.خېلى بولدى  تارىخىي رومان بولسا قولۇمغا ئالغىم كەلمەيدۇ،ئۆزۇمنىمۇخېلى تەنقىدلەپ زورلاپ بېقىپتىكەنمەن بىر چاغلاردا:lol  شۇدەۋردىكى بىرەر دېھقاننى يازغان بولسىمۇ ئېسىل چىقاتتىكەن شۇ رومانلار دەپ ئويلاپ قالدىم.
بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ
بەت: 1 [2] 3 4 5 6
: پەرھات تۇرسۇن: ھاممام راھىلەنىڭ ۋاپاتىغا