lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 07:39:09

ئالتە دانە ئەكس ناملىق يولداش ،سىزنىڭمۇ پودىقىنى كۆتەرگۈدەك ئادەملىرىڭزنىڭ ماقالىسى بولسا يوللىسىڭىز، رازى بولساق كۆتۈرۈپ قويساق،پەرھات ئەپەندىمىنى ئىنكاس بىلەن قوللىساق بەك چىچاڭشىپ يوپۇرغىنىڭ مادىسىدەك بوپ كېتىپسىز. سىز تەرەپتىكلەرنىڭ پودىقى بەك چوڭ ئوخشايدۇ، خەلققە يارىغۇدەك ماقالسى بولسا ئوقۇپ پايدىلانساق مۈرۈىمىز بىلەن كۆتۈرىمىز، بەك كۆتۈرۈەلمەي قالساق دامگىرات بىلەن كۆتۈرىمىز. lol

Derwish4 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 08:48:16

ئېغىزنى بۇزغان ھالەت بىلەن ھەممىدە مەن ياخشى مەن بىلىمەن ھالىتى بىلەنكى ۋەزخانلىق قىلىۋاتقان ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلا شۇ ۋاقىتتا پىشمىغانلىقمىز ئەيىپلاش تىللاش قۇلىمىزدىن كەلگەن بىلەن توغرا قىلغان بولساڭ ئاللاھىم ئەجىر بەرسۇن خاتا قىلغان بولساڭ يەنە شۇ ئاللاھىم كەچۇرسۇن دىيەلمەي مىنىڭ دىگنىملا توغرا دەپ سەل تىل ئەزىيتى ياكى خاتا چۇشنۇشلەر بۇلۇنسا چىچىاڭشىپ كىتىشلەر ھالىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ ھەممىمىزگە ئىنساپ تىلەيمەن

Derwish4 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 08:48:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Derwish4 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 08:55  

--

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 09:27:03

ئەنۋەر جۇلانڭ بىرنجى بەتتكى بايانلىرى ماڭا بەك يارىدى

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 11:31:39

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 21:08 static/image/common/back.gif
شيا گاڭ قىپ بوغان چېغىۋا

ئۇيغۇرچە گەپ قىلسىڭىز يامان  كىتەرمۇ؟  

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 17:27:46

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 16:29 static/image/common/back.gif
بىرلا تېمىنىڭ شۇنداق ئېشىپ كەتكەنمۇ؟

كۆپرەك كۆرۈلگەن تېمىنىڭ شۇنداق ئېشىپ كەتكەن. بىر زىيارەت قىلسا 100 گە ھىساب قىلدىمۇ بەلكىم.

HIYAL3317 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:48:24

پەرھاتكامنىڭ ھەر بىر ئەسىرىنى ئىزدەپ سوراپ ئوقۇيمەن.
بىز ھامان ئۆلۈپ كىتىمىز ھايات ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا كۆيۈنىشىمىز مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن
پەرھات ئەپەندىمگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . سىزدەك ئادەملەر نىڭ بېسىمى ئېغىر بولىدۇ دەپ قارايمەن .شۇڭا ھاياتىڭىزغا خوشاللىق يار بولسۇن!

edgu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:46:20

پەرھات تۇرسۇننىڭ مەن تۇغۇلغاندا بىر شېئىرلار توپىلىمى نەشرىدىن چىققان ئىكەن. مەن ئالىي مەكتەپتە كەلگەن تۇنجى يىللىرى يوقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلاردىن پەرھات مۇئەللىمنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسى ئۆتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بىر قېتىم مياۋ خانىم دەرس ئۆتۈۋېتىپ پەرھات تۇرسۇننىڭ  مەيلى ئۇيغۇرچە بولسۇن خەنزۇچە بولسۇن يازغان شېئىرلىرى بەك ئۆزگىچە، تەپەككۇرى چوڭقۇر دەپ شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى. شۇنىڭدىن بۇيان مەن بىلەن كەسىپداش بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا، فاكۇلتېتتىن  بىر لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ پەرھات مۇئەللىمنىڭ ئەدەبىيات ۋە جىنسىيەت دېگەن لېكسىيىسى ئىكەن. نېمە مەزمۇنلارنى سۆزلىگەنلىكى دەل ئېسىمدە يوق، ئەمما شۇ لېكسىيە تۈگىگەندە تەپەككۇرۇمنىڭ قالايمىقانلىشىپ، بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى يادىمدا بار.
مەيدانلارغا چېنىققىلى چىققاندا پەرھات مۇئەللىمنىڭمۇ چېنىقىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. كۆپىنچىسى كەينىچىلەپ مېڭىپ چېنىقاتتى.  كۇتۇپخانىدىمۇ تولا كۆرەتتىم. 9- قەۋەتنىڭ چەتئەل يېزىقىدىكى كىتابلار بار يەردە جىق يۈرەتتى. ئېسىمدە قالغان بىر ئىش: ياتاقدىشىم بىر قېتىم ئەدەبىي تەنقىد دەرىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن « ئەدبىلىرىمىز نېمە دەيدۇ» دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنى ئېلىپ مېڭىپتىكەن، پەرھات مۇئەللىم ئۇنى كۆرۈپ: «بۇنداق ئەخلەت كىتابلارنى ئوقۇپ نېمە قىلىسىز، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇڭ» دەپتىكەن.  بىز ئۇ چاغلاردا تېخى كىچىك ئىدۇق، مېنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزىدىن ئەخلەت كىتاب دېگەننى ئاڭلىشىم ئىدى. شۇ چاغدا ياتاقدىشىممۇ، مەنمۇ شۇ كىتابلارنى زادى ئەخلەت كىتابمۇ ئەمەسمۇ دەپ گۇمان ئىچىدە ئوقۇغان ئىدۇق.
كېيىنكى چاغلاردا يەنە بىر مۇئەللىمىمىز پەرھات مۇئەللىمنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش  ماقالىسىنى ياقىلاش يىغىنىدىن كېيىن، ماقالىنى پەرھات تۇرسۇندەك ئۆزگىچە پىكىر بىلەن يازسا بولىدۇ، خەنزۇ پىرافىسورلارنىمۇ قايىل قىلىۋەتتى دەپ ئۇنىڭدىكى بەزى ئىددىيەلىرىنى مىسالغا ئېلىپ شۇنداق پەخىرلىنىپ گېپىنى قىلىپ بەرگەنىدى.
نېمىشقىكىن  بۇ سالاپەتلىك مۇئەللىممىز شۇ بىر ماۋسۇم مەغلۇب ئىنسان ھەققىدە جىق پىكىر قىلغان ئىدى. مەن نېمىشقا شۇنچە ئېسىل مۇئەللىم بۇنداق پىكىر قىلىدىغاندۇ؟ پەرھات تۇرسۇن قانداق تەسىر قىلدى؟  نېمىشقا بۇ ئويغا كېلىپ قالغاندۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى بىر ئوقۇيچۇ دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. كېيىن ماقالىسى كۇتۇپخانىغا قويۇلدى، ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. سەل مەنىسىگە يەتكەندەك بولدۇم.
بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىپ ئەدەبىيات ھەققىدە لېكىسىيە سۆزلىگەن داڭلىق يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار ھەر قېتىم مەكتىپىمىزنى، كەسپىمىزنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن ئەدىبلىرىمىز ھەققىدە گەپلەرنى قىلىدۇ. پەرھات مۇئەللىمگە ئىنكاس ئىككى خىل: بىرى  پەرھات ئەقلى بىلەن كاللا ئىشلىتىپ يازىدىغان يازغۇچى. بىز مۇشۇنداقلارغا ئېھتىياجلىق. يەنە بىرى، ھەم كىلاسسىك ئەدەبىياتنى ھەم دۇنيا ئەدەبىياتىنى ياخشى بىلىدىغان كۆپ تىللىق ئىكەنلىكىگە باقماي چۈشىنىكسىز ئەسەر يازىدۇ.
مېنىڭچە، پەرھات مۇئەللىم كلاسسىك شائىرلارنى، پىكىرلىرىنى بۇرۇنقى قېلىپلىشىپ كەتكەن ئەندىزىدە كۆرمەيتتى، ھەر قېتىم  بۇ ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇسام، يېڭىچە، باشقىچە تەپەككۇر قىلغاننىڭ ھۇزۇرىغا چۆمۈلەتتىم. پىكىر قىلىش، ئىچكىرلەپ كىرىش ماڭا باشقىچە تۇيۇلاتتى، ھېرىسمەنلىكىم ئاشاتتى.
تا ھازىرغىچە پەرھات تۇرسۇننىڭ ھەر بىر ماقالىسىنى، شېئىرىنى ئوقۇسام،  ئاپتورنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق پىكىر قىلىدۇ؟ تەپەككۇرىدىكى ماھىيەت نېمە؟ .... دېگەنلەرنى تولا ئويلايمەن. بەزىلىرىنىڭكى جاۋابىنى تاپقاندەك بولىمەن، بەزىلىرى تېخىچە جاۋابسىز. ئىشقىلىپ، پەرھات مۇئەللىمنىڭ ئەسەرلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ كەلدى، شۇنداقلا باشقىچە تەپەككۇر قىلغاننىڭ زوقىنى بېرىپ كەلدى.
  9-  بىنانىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنى كۆزەتكەندە، پائالىيەتلەرنى قىلغاندا، مەن پەرھات مۇئەللىمنى ئۇچراتقان ئاشخانىلار، تەنتەربىيە مەيدانى، سىنىپ، كۇتۇپخانىلاردا، ھەتتا بۇرۇن پەرھات مۇئەللىمنىڭ ئارىيەت ئالغان ئىسمى يېزىقلىق كىتابلارنى ئوقۇغاندا، بېيجىڭدىكى چاغلىرىدا يازغان شېئىرلىرىدىكى نۇقتىلارنى كۆرگىنىمدە، ئەسەرلىرىدىكى بېيجىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر مىسالنى ئوقۇغىنىمدا،  تۇيۇقسىزدىن پەرھات مۇئەللىم مانداق چاغدا، مانداق ئويلاپ، مۇنداق يېزىپتىكەندە ئەسلى دەپ ئويلاپ قالىمەن.
مەن پەرھات مۇئەللىمگە بىر قېتىممۇ گەپ قىلىپ باقمىغان، مەندەك بىر كەسىپدىشى بارلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.  
بۇ ئەسىرىدىكى ھەر بىر پىكىر دىققتىمنى تارتقان بولسىمۇ،  «مانا ئەمدى يۈرەك كېسىلى ئەتراپىمدىكى مېنى قورشاپ تۇرغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. دەسلەپ سىڭلىم، كېيىن ئانام ئاندىن ھاممام بىر بىرلەپ يۈرەك كېسىلى بولۇپ چىقتى. ھازىر يەنە مېنىڭ يېقىن دوستلىرىمدىنمۇ بىر نەچچىسى ئېغىر يۈرەك كېسىلى. مەنمۇ داۋاملىق ئۇيقۇغا كىرىش ئالدىدا نېمىدۇر بىر نەرسە يۈرىكىمنى چىڭ قاماللاپ بېسىۋاتقاندەك، يۈرىكىم ھېلىلا سوقۇشتىن توختاپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ كېتىمەن» دېگەن جۈملىلىرىنى ئوقۇپ، پەرھات مۇئەللىمدىن تولا ئەنسىرەپ قالدىم. ئوخشاش مۇئەللىملىرىمىز بار، ئوخشاش كەسىپتە ئوقۇغان، كىشىلەر مەيلى قانداق باھالارنى بەرگەن بولسۇن، بۇ تەپەككۇر ئىگىسىگە كۆڭۈل بۆلىمەن، ساقلىقىنى تىلەيمەن، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بىلگەنلىرىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 18:09:59

قاچانغىچە ئىنكاسلارنى ئوقۇپ ھۇزۇر ھېس قىلىپ يۇرەرمەن، {:92:}

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 21:57:36

نۇر ئىچىدە ياتسۇن مالىم...

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 23:03:43

ئۆلۈم ھەركۈنى يۈرىكىمنى ئاز- ئازدىن شىلىۋاتقان بىر پىچاقتەك تۇيۇلىدۇ ماڭا. ئەمەلىيەتتە ۋەتەن سىرتىدا ياشاشنىڭ ھەسرىتى دەل مۇشۇ بولسا كېرەك. ۋەتەننىڭ لەغمەن پولۇسىنى..... سېغىندىم دەپ قوشاق قاتىدىغانلارغا مەن شۇنچىلىك ھەيران قالىمەن. ئەمەلىيەتتە ۋەتەن سىرتىدا ھەسرەت بىلەن ياشاش دەل يېقىنلىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى كۈتۈپ، ياكى ئۆز ئۆلۈكىنىڭ قەيەردە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋرۇ قىلالماي ئازاپ ئىچىدە ياشاشتىن ئىبارەت.
بەت: 1 2 3 4 5 [6]
: پەرھات تۇرسۇن: ھاممام راھىلەنىڭ ۋاپاتىغا