ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 23:18:09

بىئارامچىلىق ئىچىگە شۇڭغۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغاندىن بىرى جاھاننىڭ ئىشلىرىغا قاراپ ھەيران قالىمەن . شان شۆھرەت تاماسىدا قاتىراپ باشقىلارغا سۈيقەسىت قىلىۋاتقان . تەھدىت سىلىۋاتقان . كۆزىگە سىغمىغانلارنى كۆزدىن يوقۇتۇشقا كۆزى يەتمىسە ئۇنىڭ ئەل ئىچىدىكى ئابرۇيىنى تۆكۈش ئۈچۈن كىچە كۆندۈزلەپ سۇيقەسىت ئويلاپ چىقىرىۋاتقان ئادەملەرگە قاراپ ھەيران ھەس قالىمەن . ئەجىبا بىز كۈتكەن جەمىيەت مۇشۇمىدى . بىز كىچىك چىغىمىزدا كۈتكەن كەلگۈسى مۇشۇمىدى ؟ بىز مۇشۇ ئەھمىيەتسىز تالاش تارتىشلار ئۈچۈن دۈم يىتىپ دۈم قوپوپ تىرىشىپ ئۈگىنىپ بىلىم ئالغانمىدۇق ؟ ئاساسلىق ئېىقمدا دەۋىر سۈرىۋاتقانلار پەقەت نۇمۇسنى ئۇقمىغانلىغى ئۈچۈنلا راھەتتە ياشاۋاتىدۇ . ھەقىقى ئىلىم ئەھلىنىڭ ئاۋازى تىخى بىزگە يىتىپ كەلگىنى يوق . سۆيۈش ۋە نەپرەتلىنىڭ ئارلىغىدا قېسىلىپ . قەدىرلەش بىلەن لەنەت ئوقۇشنىڭ ئارلىغىدا  تىتىما تالاڭ بۇلۇش بىزنىڭ بېشىمىزغا كىلىۋاتقان قىسمەتمىدۇ ؟ يەۋاتقان تاماقلىرمىزدىكى زەھەر ئارلاشمىلىرى ھەممىلا ئادەمنى ساقايماس كېسەللىككە ئىتتىرىۋاتىدۇ . تاماققىمۇ ساختا قىلىۋاتقان جەمىيەتتىن ۋىجداننى مىزان . كامىل ئىماننى قالقان قىلىپ توسۇش مۈمكىن ئىدى . ئەمما ئۇنى قانۇنى يول بىلەن چەكلەشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىگىنى ھىس قىلىۋاتىمىز . نەپەس ئىلىۋاتقان ھاۋادىن تارتىپ ئادەم ياشاشقا ماس كەلمەيدىغان موھىتتا ياشاپ . ئادەم يىيىشكە بولمايدىغان زەھەرلىك نەرسىلەرنى يەپ تۇرۇپ ھىلىمۇ مۇشۇنچىلىك ئۆمۈر كۆرىۋاتقانلىغىمىز مۆجىزىمىدۇ ؟      

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 23:51:46

ozhal يوللىغان ۋاقتى  2015-02-11 23:18:09 static/image/common/back.gif
بىئارامچىلىق ئىچىگە شۇڭغۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغاندىن ب
:handshake

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 09:16:10

بەلكىم ئۆلۈم راھەتتۇر راھەت،
باشلىقى يوق ئىشخانىلاردەك.
                           _ ئادىل تۇنىياز

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 09:29:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 09:32  

ozhal يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 23:18 static/image/common/back.gif
بىئارامچىلىق ئىچىگە شۇڭغۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغاندىن ب ...

ئۈمىدسىزلىك ئۆلۈمدىن يامان - دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندەك قىلىۋىدىم. ساپ ھاۋادا، زەھەرسىز تاماقلارنى يەپ ياشاۋاتقانلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىسىڭىز ئۇلارنىڭمۇ تۆكسە تۈگىمىگۈدەك دەرتلىرى بارلىقىنى بايقايسىز. كەيپىيات يۇقىدۇ، دېگەن راست گەپ. تۆكەي دېسە ھەممە كىشىنىڭ دەردى تولا ھەم ھەر بىرىلىرىمىزنى ئۈمىدسىزلىككە باشلايدىغان ئىشلار ئەتراپىمىزدا ساماندەك. بەزىلەر ئۈمىدۋارلىقنى تاللىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن رىئاللىق دەرھال ئۆزگىرىپ قالمىسىمۇ ھېچبولمىسا ئۆزىدىن باشقىلارغا ئۈمىدسىزلىكنى يۇقتۇرمايدۇ. بۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلىككە تولغان گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇ ماكانغا تەلپۈنۈپ ياشايدىغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېسىڭىزگە سالغۇم كەلدى... ئوشۇق گەپ قىلىپ قويغان بولسام ئالدىنئالا ئۆزرىلەر.

gulaxuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 09:41:23

كېسەل----- ئۆلۈمگە ئامالسىز قاراپ تۇرماق ، ئۇنى ساقلىماق ئاجايىپ ئازاپلىق ، بولۇپمۇ تەندىكى كۈنسېرى تۈگەش .. كە يۈزلىنىش ، ئەتىراپتىكى مېھىرلىكلەرنى ئاياش پىسخېكىسىنى داۋام ئېتىش .. چىدام ، غەيرەتكە قوشۇلغان مىننەتدارلىق .. ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان ، ئاسان ئۆلۈم ، ئاسان ئاغرىقنى تىلەش ئۆزىدىن بەكىرەك ئەتىراپتىكىلەرنى ئاياش پىسخېكىسىدىن شەكىللەنگەن بولسا كېرەك . نىمىشقا ئانامنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى تىلىدىم ؟

  

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 10:35:40

پەرھاتكا سىزنىڭ ئۆلۈم توغرىسىدكى تەپەككۇرلىرڭىز ۋە ئويلىرڭىز مىنى بەك قايىل قىلدۇ مەن بىر چاغلار ئەسەبىي مۇدۇرنىزىم ھەۋەسكارى ئىدىم، يەنەكىلىپ مەن روك مۇزىكىسنىڭ دەل شۇ   死亡金属      تىپىنى .ئوينايتىم باشقىلار ھاقارەت قىلىپ سان ئوينى ئوينىغان ئاشۇ ئەسرىڭىز ئۆلۋىلىش سەنئىتىنى مەن شۇندا ق ياختۇرۇپ ئوقۇغان لىكىن باشقىلار ئەيتقاندەك ئۆلۋىلىش ھىسياتىغا كەپ قالمىغان ئاپتۇر نىم يازسا شۇنى قىل دىدى دەپ چۈشۈندىغان بۇ  بىرقىسم ساپاسىز ئوقۇرمەنلەر ھەگىزمۇ سىزنىڭ ئىجادىيەتلىرڭىزگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ  مەن يەنلا سىزگە قايىىل ئوقۇرمىنىڭىز، ئنسان تەبىيتىدىكى ئاشۇ خىل ئىتراپ قىلمايدىغان لىكىن ھەقىقەت مەۋجۇت بولغان ئاشۇ خىل پىسخىكا ھادىسلىرىنى كىم يوق دىيەلەيدۇ بىر قىسىم سۆزلەرنى ئوچوق دىيىش توغرا ئەمەس لىكىن سىز نىم دىمەكچى ئكەنلىكىمنى چۈشەندىڭىز مىنىڭ .ئۇلۇغ گەپ قىلىپ ساختا تەشۋىقات قىلدىغان ئاتالمىش بىر قسىم ئوبزۇرچىلار بىلەن خوشۇم يوق پەرھاتكا بىز داۋاملىق مۇشتاق ياخشى بولغان ئەسەرلەر ئۈستىدە پىكىرلەشسەك ماڭا تور ئۈستىدىكى ئۇستاز سالاھيىتڭىزدە بىرقىسم چەتتەل مودۇرنىزىم .ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرلەرنى ۋەسىيە قىلغان بولسىڭز

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 10:53:54

پەرھات ئەسەرنى شۇنداق ياخشى يېزىپسىز.
سىز ئەسىرىڭىز سەۋەبىدىن باشقىلار سىزنى يەكلەش ،ئەسەرلىرىڭىزنى مەتبۇئاتلار باسماسلىق ...جەمىيەتتە  ئىتراپقا
ئېرىشەلمەسلىك سەۋەبى بىلەن سىزدىمۇ بىئارامچىلىق ،ئۆزىنى تاشلاپ ھاراق -تاماكىغا بېرىلىش ،ھەممىنى تىللاش
يالقۇن ،زۇلپىقار ،ئابدۇقادىرلار بىلەن ياخشى ئۆتۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان ۋاقىتلىرڭىز بارمۇ ؟

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 10:54:48

راھلە مۇمامغا ،ياكى ھىچ بۇلمىسا كالپۇكى سۇسۇنرەڭگە ئۇزگىرىپكەتكەن بالغا بۇلسىمۇ ئىلۇندۇرا غا ئۇخشاش قىچىپ كىتىش پۇرسىتى بەرسىڭىز بۇلماسمىتى، يۇركىم بەك سىقىلپ كەتتى ،ھازىرنىڭ ئۇزىدە تۇپراق بىشىدىن كىر گەندەك.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:42:22

دەرۋەقە، ئەدەبىياتىمىزدا ئۆلۈم تېمىسىدىكى ئەسەرلەر بەكلا ئاز. بۇنداق بولۇشى مىھرسىز بىر جەمىيەتتە ياشاۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ مېڭىسىدىكى ئۈلۈمگە بولغان پەرۋاسىزلىق، ئۆلۈمنىڭ ماھىيىتى، مىستىك ئەقىدىلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ نىسبەتەن يوقنىڭ ئورنىدا بولغانلىقى بىر سەۋەب بولسا، يەنە بىر سەۋەب شۇكى، تۇغۇم بىلەن ئۈلۈمنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، كىيىنكىسىگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئەمەلىيەتتە، ئۈلۈممۇ ھاياتلىق، مۇھەببەت، تۇرمۇش...قا ئوخشاشلا مۇھىم بىر تېما. ئۈلۈم-مەسچىتتىكى ئىماملارنىڭ ۋەز-تەبلىغىدىلا تىلغا ئېلىنىدىغان، يازغۇچىلار بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان تېما بولۇپ قالسا بولـمايدۇ. چۈنكى، پەرھاتكام ئېيتقاندەك: ئۈلۈمدىن قورقمايدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۈلۈمنى ئېسىگە ئالـمايدىغان ئىنساننىڭ قولىدىن ھەر بالا كىلىدۇ. راھىلە ھاممىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئامىين!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 12:42:46

ۋائەلەيكۈم ئەسسالام ئىنىم راھمانجان!
مەرسىيە ۋە ئەسلەشنىڭ شەكلى بىرلا خىل بولمايدۇ. ئابدۇراھمان ھەققىدە مەرسىيە كۈيى ئىجاد قىلىش ياكى ئۇنىڭغا ئاتاپ ناخشا ئىجاد قىلىش چوقۇم كونا شەكىلدە، كېتىپ قالدىڭ، قايغۇردۇم دېگەن مەزمۇندىلا بولۇش شەرت ئەمەس.
سىز ئۆزىڭىز ئىجاد قىلغان ھەرقانداق مەزمۇندىكى كۈينى شۇنىڭغا ئاتىسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

007sabri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:40:37

چوڭقۇر تەپەككۈر بىلەن يېزىلغان ئىسىل ئەسەر بوپتۇ، ئىنسان ھاياتى بىر تال شام ئەمەس بەلكى ۋاقتىنچە كۆتۈرۋالغان مەشئەلدۇر، بىز مەشئەلنى ئۆچۈرۈپ قويماي كىينكى ئەۋلاتلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بىرىشىمىز كىرەك...

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 23:56:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 00:05  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام پەرھاتكا ، مەن مۇشۇ بىرەر مەشھۇر ئادەم ئۆلـمىگىچە شېئىرى ھىسياتى كەلـمەيدىغان شائىرلاردىن بەك تويۇپ كەتكەنلىگىم ئۈچۈن شۇنداق ئويلىسام كىرەك ، ئابدۇراھمان بىلەن كونسۇل كوچىسدا ئايلىنىپ يۈرگەن چاغلىرىم ۋە توردا پاراڭلاشقانلىرىم ئېسىمدە ، ئەمما ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭ ئۈلۈمى ھەققىدە گەپ قىلىپ ، شېئىرلارنى يىزىپ تالاش تارتىش قىلىشقا باشلىغاندىن كىين مەندە بىر خىل خورلۇق ھىسياتى پەيدا بولدى ، گوياكى ئابدۇراھماننىڭ ئۈلۈمىدىن بىر تۈركۈم ئادەم شاتلىنىۋاتقاندەك ، پايدىلىنىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ شۈركىنىپ كەتتىم ، ئىنسانىيەت تارىخىدا 37 ياش ئەمەس 7 ياش 17 ۋە 27 ياشتا ئۈلۈپ كەتكەنلەر بار ، مەن تۇرغان كەنىتتە تۆت ئايلىق بىر بۇۋاق تۈگەپ كېتىپتۇ ، بوۋىسى تاشتەك قانسىز، سۇلغۇن روھ بىلەن بۇ گەپنى دىگەندە ئۇنىڭ گىپى ئەمەس روھى ھالىتى ماڭا تەسىر قىلدى ، مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئىغىر ئىقتىزادى قىينچىلىقتا قالغان دەۋىرلەردىمۇ چاپچاپ بازارغا ئاتاپ بىر نەرسە يىزىپ باقماپتىمەن ، شۇڭا ئابدۇراھمانغا بولغان دوسلۇق ھىسياتىم پەقەت قەلبىمدە ساقلاغلىق قالسىمۇ ئۇ قەلبىمدە ناخشا كەبى ياشايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كاكىراپ ناخشا ئوقۇپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدىم ، ئۆزى ئۈچۈن ناخشا يىزىپ بولغان ئادەملەرنىڭ روھىنى تىنىچ قويماي زورلاپ ھاپاچ بۇلىۋىلىش مىنىڭچە پەسكەشلىك ، مىنىڭ قارىشىممۇ ئادەتتىكى ئادەم بىلەن مەشھۇر ئادەملەرنى باراۋەر ھالەتتە قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلىشنى ياقىلايمەن ، مۇشۇنداق ئۈلۈم ۋە مۇسىبەتلىك تۇيغۇدا تۇرۇپ يەنە مىللەتچىلىگى چىكىگە يىتىپ مەيدىسى ئېچىشسا ۋىجدانىم قايناۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدىغان ئادەملەردىن بىزارمەن ھەم ئۇلاردىن يىراق تۇرسام، كۆزۈم كۆرمىسە دەپ ئويلاپ كىتىمەن ، ئۇلار مىنىڭ نەزىرىمدە باشقىلارنىڭ ئۈلۈمىنى تاماششا قىلغۇچىلار ، تىراگىدىيەدىن  ھۇزۇر ئالغۇچىلار، داڭلىقلارنىڭ ئۈلۈمىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىدىيسىنى يايما قىلىپ يايغۇچىلار ، شۇڭا بۇ قېتىم مەن رەھمەتلىك دوستۇمغا بولغان ھىسياتىمنى ئۈزۈمگىلا ناخشا قىلىپ ئىيتىپ بەردىم ، مەنمۇ چوڭ بولغان بولسام كىرەك ، باشقىلار مىنى ئىتىراپ قىلسىكەن دەپ ئويلاشتىن بەكرەك تەنھا ۋە يىگانە خاتىرجەملىكنى ئەھمىيتى يوق ۋاراڭ چۇرۇڭدىن ئەلا بىلگەن بولسام كىرەك ، مەن بۇنىڭدىن ئون بەش يىل بۇرۇن بىر سەنئەتچىنىڭ ئىغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىنى ئاڭلاپ يوقلاپ كىرسەم پەسكەش رىجسۇردىن بىرسى ماڭا ئاشۇ ھايات ئادەمگە بىر مەرسىيە يىزىپ بەرسەڭ دىگەندە مەن ھايات ئادەمگە قانداق مەرسىيە يازىمەن دەپ سورىغاندا ئۇ ، بۇ پات يېقىندا ئۈلۈپ كىتىدۇ ، ئاڭغىچە بىز سۈرەتكە ئىلىۋىلىپ قىرىقىغىچە فىلىمنى كىرىشتۇرۇپ بازاغا سىلىپ پۇل تاپىمىز دىگەندە تۇنجى قېتىم بىر ئىنساننىڭ چىراي ماڭا ئىت سۈپەتتە كۆرۈنگەندى ، مانا ھازىر مۇشۇ يازارمەنلەرنىڭ جىقلىغىدىن گەپ قىلىشتىن ، پىكىر قىلىشتىن ، ھەتتا ئويلاشتىنمۇ ھەزەر ئەيلەيدىغان بىر دەۋىرگە كىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، شۇڭا ئۈزۈمگە شۇنى ئەسكەرتىمەن ، بەزى ئىپلاسلار بىلەن مەڭگۈ ياخشى ئۆتكىلى بولـمايدۇ ، چۈنكى بىز ئۈلۈپ كېتىمىز ، بەزى ئىشلارنى قىلـماي بولـمايدۇ چۈنكى بىز ئۈلۈپ كىتىمىز ، ئەمما باشقىلارنىڭ پاجىئەلىرىنى تاماششا قىلساق ، ئۇنىڭ بەخىتسىزلىگىدىن زوقلىنىپ ، ئىدىيە يايمىسى يېيىپ بازار پەيدا قىلىپ ئادەم يىغۋالساق ۋە باشقىكارنىڭ ماختىشىنى كۈتسەك بولـمايدۇ چۈنكى بىز ئۈلۈپ كىتىمىز

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 23:56:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 00:21  

بىلگەجان ئېنىم . ئادەمدە ئازاپ ئىڭى بولمىسا ئىجادىيەت قىلالماسلىغى مۈمكىن . ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆز قارىشىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلار پەقەت مۇستەقىل ئىدىيىسى يوق ئادەملەرنىڭ ئىچىدىلا بۇلىدۇ . بىر يازغۇچىنىڭ رىئاللىق بىلەن بولغان زىددىيىتى قانچىلىك كۈچلۈك بولسا ئۇنىڭدىن بۈيۈك ئەسەرلەر چىقىدۇ دىگەن گەپكە ئېشىنىپ ھازىرغا كەلدىم . مەن ھەرگىز چۈشكۈن ئەمەس ، چۈشكۈنلەشكىدەك ۋاقىتمۇ يوق ئويلايدىغان ، قىلىدىغان ئىشنىڭ جىقلىغىدا . ئەمما ئۆمىتسىزلىك ئىچىدىن ئۆمىتكە تولوپ ياشاش ھەممىلا ئادەمدە بۇلۇپ تۇرسا كىرەك . چۈنكى بىز ئىنسان بولغان ئىكەنمىز بەزىدە ئۆزىمىزنى ئاجىز دەپ ئويلاشمۇ نۇرمال ئەھۋال .  بۇ ھەقتە كىينچە تەپسېلى بىر نەرسە دىيشەيلى ئەمما ماڭا ۋە مىنىڭ گىپىمگە نىسبەتەن دەيدىغانلىرىڭىز بولسا دەۋىرىڭ . بۇنىڭ ئەپۇ سورايدىغان يىرى يوق . ئامان بۇلۇڭ .

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 09:11:35

‹‹ مەن داۋاملىق ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرغالىقىم ئۈچۈن زالىملىقتىن يىراقمەن. ئۆزۈمگىمۇ باشقىلارغىمۇ زۇلۇم قىلمايمەن. ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن، مەڭگۈ ئۆلمەسلىك دېگەن ئىشلارغا، ھەتتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەسىلىسىگىمۇ قىزىقمايمەن. ئۆلۈم شۇ قەدەر ئاددى. خۇددى راھىلەنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈن تىنسىز قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش، ئۆلۈم ئۆزۈمگە كەلگەندىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشتا قىيىنچىلىق ھېس قىلماسلىقىم مۈمكىن ››

ماڭا يۇقارقى گەپلەر بەك يارىدى .

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 11:07:02

ئۆزۈمگىمۇ باشقىلارغىمۇ زۇلۇم قىلمايمەن
پەرھات ما گەپنى سىلە قىلۋاتامسىلەر ؟سىلەرسەۋەبىڭلاردىن نۇرغۇن كىشلەر خاپىلىققا ،ئاغرىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى
نىمە بىلەن ياپىسىلەر؟
زۇلۇم قىلماي دەپسىلەر تېخى ،قاچانلا قارىسا قېرى خۇتۇندەك يالقۇن ،زۇلپىقار ،ئابدۇقادىر،باتۇرنىڭ ئارقىسىدىن
غەيۋەت قىلسىلەر شۇ.ئازراق بىلىمىڭلار بىلەن بىرقانچە سۇكال يازارمەننى ئەگەشتۈرۈپ جەمىيەتتە قانداق ئىناۋەت
تاپتىڭلار؟

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 11:13:54

ozhal يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 23:56 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام پەرھاتكا ، مەن مۇشۇ بىرەر مەشھۇر ئ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم راخمانجان
بىلمىدىم سىزنىڭ ئەمەىلىيىتىڭىز بىلەن دېگەن گەپ سۆزلىرىڭىز بىريەردىن چىقامۇ؟تاماكا -ھاراق بىلەن خۇشلاشتىڭىزمىكىن؟
پەند-نەسىھەتتىن قاتتىق زىرىكتىم دەپسىز،ئۇنتۇپ قالماڭ سىز ئاشۇ ئاتالمىش سەنئەتكارلارنىڭ خۇنۇك،تېلىۋىزوردىكى
ئوبرازى بىلەن تۇرمۇشتىكى رىئاللىقى ئاسمان -زىمىن پەرق بارلىقى سىزگە يۇرۇققۇ دەيمەن.(تۆمۈرخاننىڭ ،بىرقانچە
چىرايى بىلەن جان باقىدىغان غىتمەك سەنئەتكارلارنى قانچە قىلىپ بولسىمۇ قانات ئاستىڭىزغا ئالالمايسىز؟
سىزمۇ تېخى يېقىندا ئازراق ئويشىنىش بار،بولمىسا ىسزمۇ غەيۋەتخۇرلادىن قېلىشمايتتىڭىز،ئەجەبا ئاشۇ سورۇندىكى
قىلىقلىرىڭىز ،ئىككى يۈرلىمىچىلىكىڭىزنى ھېچكىم كۆرمىگەندەك  پاك گەپلەرنى قىلىپ تاشلاپسىز،سىزمۇ
پەرھاتقا ئوخشاش «ھىستىرىيە »ئېغىرمۇ قانداق؟
ئېغىر كەتكەن بولسا ئۆزرىلىكمەن.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 11:16:19

پەرھات تۇرسۇننىڭ بۇ تېمىدىكى زۇلۇم ھەققىدىكى يازمىسى كېسىپ ئېلىنىپ ،ئۈندىداردا لەيلەپ يۈرىدۇ. بۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ بۇ ئىشىنى پەقەت ياقتۇرمىدىم. ھاياجان تىپىدىكى كىشىلەردىن جاق تويدۇم. شۇلارنىڭ بۇ يازمىدىن مەنىگە تويۇنغان ھاياجانغا ئىگە بولالىغىنىدىن مەڭگۈ گۇمانلىنىمەن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 12:17:46

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 11:16 static/image/common/back.gif
پەرھات تۇرسۇننىڭ بۇ تېمىدىكى زۇلۇم ھەققىدىكى يازمىسى  ...

بەزىلەر ئويناۋاتقان بولسا كېرەك.
ئۆتكەندە ئادەم كىرمەيدىغان، ئاۋاتلىقى تولىمۇ تۆۋەن، يېڭى قۇرۇلغان بىر توربەتتە مېنىڭ شېئىرلىرىمنىڭ چېكىلىشى مىليۇنغا يېتەي دەپتىكەن. بىر شۇملۇقنى تۇيۇپ دەرھال ئۆچۈرگۈزىۋەتتىم.
ئۇ تور بەتتە ئەڭ كۆپ چېكىلگەن تېمىنىڭ چېكىلىشى ئالتە مىڭ ئىكەن، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تېمىنىڭ چېكىشىلىشى ئۈچ مىڭ. بۇ تېمىلاردا بولغان مۇنازىرە يىگىرمە ئوتتۇز بەتكە يەتكەن ئىكەن. بىراق مېنىڭ شېئىرلىرىمغا چۈشكەن ئىنكاس جەمئىي ئون يەتتە، بۇ ئون يەتتە ئىنكاسنىڭ ئون ئۈچى مېنىڭ ئىنكاس شەكلىدە چاپلانغان شېئىرلىرىم، قالغان تۆتى تەېجىمىھالىمدا خاتا بوپ قالغان جايغا تۈزىتىش بېرىش ھەققىدىكى ئەسكەرتىشىم بىلەن، يەنە ئىككەيلەننىڭ شېئىرلىرىمنىڭ چېكىلىشىنىڭ بۇنچە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىگە بولغان ھەيرانلىقى سەۋەبىدىن سورىغان سوئال ۋە جاۋاب ئىكەن.
قانداق بولۇپ چېكىلىشىنىڭ مىليۇنغا يېتەي دەپ قالغانلىقى ھەقىقەتەن سىر.
قالغىنى ئاللاھقا ئامانەت!

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 13:30:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TEWBE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 13:31  

بەلكىم سىستىما خاتالىقىدۇ، ياكى ئاشۇنداق تەڭشەپ قويغاندۇ، مىليونغا يىتىشى ناتايىن، بۇ مۇنبەردىكى ئەڭ مۇنازىرە قىلىنغان تېمىلارنىڭ زىيارەت قىتىم سانىمۇ 45 مىڭدىن ئاشمايدكەن قاراپ باقسام. سىزنىڭ مۇنازىرە قىلىنمايلا زىيارەت سانىنىڭ ئىشىشى ئەجەبلىنەرلىك، كۆرۈلۈش قېتىم سانى مىليونغا يەتكەن تەقدىر گۈڭگۈرۈت پۇراپ كەتكەن بولاتتى ئېنىقلا.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 13:32:22

TEWBE يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 13:30 static/image/common/back.gif
بەلكىم سىستىما خاتالىقىدۇ، ياكى ئاشۇنداق تەڭشەپ قويغا ...

سىستىمىدىكى خاتالىق بولسا، ھەممە تېمىنىڭ چېكىلىشى شۇنداق بولماي، مېنىڭ تېماملا شۇنداق بولامدۇ؟
بەت: 1 2 [3] 4 5 6
: پەرھات تۇرسۇن: ھاممام راھىلەنىڭ ۋاپاتىغا