007sabri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:37:10

« ئانا يۇرت » رومانىنى ئاساسسىز سۆكمەيلى

  « ئانا يۇرت » رومانىنى ئاساسسىز سۆكمەيلى

                                                       ئابدۇرېشىت ئوسمان

                                           ( غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن )


2015-1-16 09:57:35 چىقىرىشچۈشۈرۈش (635.13 KB)



   بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن تۆھپىكار يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. مانا شۇ تۆھپىكارلارنىڭ بىرى يازغۇچى زوردۇن سابىردۇر.
يازغۇچى زوردۇن سابىر 20 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۈيۈك بىر چوققا. ئۇ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرگەن باشلامچىلارنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى. زوردۇن سابىر ئۆز ئەسەرلىرىدە سەمىمىيەتكە، جۈرئەتچانلىققا ۋە تۇرمۇشنىڭ ھاياجانغا تولغان ماكانىنى ئېچىپ بەردى. زوردۇن سابىر ئۇيغۇر رېئالىزىملىق ئەدەبىيات تەرەققىياتىنى بىر مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە چوڭقۇرلىتىپ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى. يازغۇچى زوردۇن سابىر شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات كۆكىنى تا ھازىرغىچە يورۇتۇپ كەلمەكتە.
   يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئەڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ۋەكىللىك ئەسىرى - «ئانا يۇرت» رومانى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ پروزا ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ قالدى. «ئانا يۇرت» رومانى ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى قاتتىق لەرزىگە سالدى،چوڭقۇر ئويغا چۆمدۈردى. ئوقۇرمەنلەرنى ئانا يۇرتنىڭ ئۇلۇغلىقى، مۇقەددەسلىكى، ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە قايتا – قايتا ئويلىنىشقا ئۈندىدى. بۇ رومان پەيدا قىلغان بەدىئىي زوق ۋە بەدىئىي زىلزىلە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك تامغا بولۇپ بىسىلىپ كەتتى. «ئانا يۇرت» رومانى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە پىشىپ يېتىلگەن ئىجادىيەت ئىقتىدار -قابىلىيىتىنى، ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاشۇ دەۋردىكى قىممەتلىك ھاياتنى ئاخىر ئېلىپ كەتتى. «ئانا يۇرت» رومانى نەشر قىلىنىپ، تا ھازىرغىچە ھەرقايسى نەشرىياتلاردا، كۆپ تىراژدا، كۆپ خىل تىل – يېزىقتا قايتا – قايتا نەشر قىلىنىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دېڭىزىدا زور داۋالغۇش پەيدا قىلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مىليۇنلىغان كېيىنكى ئەۋلاد ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەۋلادتىن – ئەۋلادقىچە ساقلىنىدىغان ھەقىقىي بۈيۈك ئەسەرلەردىن يەنە بىرى مەيدانغا كەلدى.
   ئۇيغۇر رومانچىلىقنىڭ نادىر ئۈلگىسى بولغان  «ئانا يۇرت» رومانى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ھەرقايسى ئۇيغۇرچە گېزىت – ژۇرناللاردا ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ، ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ «ئانا يۇرت ۋە باتۇرلۇق قەسىدىسى» («تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2001 – يىللىق 2 – سان)، مۇھەممەت پولاتنىڭ « مىللىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ئىجادىي – بەدىئىي قامۇسى » («تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2001 – يىللىق 4 – سان )، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «تارىختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2001 – يىللىق 2 – سان) ، يالقۇن روزىنىڭ « < ئانا يۇرت > تىن تەسىرات» (« شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2001 – يىللىق 2 – سان)، تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيارنىڭ « < ئانا يۇرت > رومانىدىكى مۇختەر باي ئوبرازى ھەققىدە» (« ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2003 – يىللىق 2 – سان)، « < ئانا يۇرت > رومانىدىكى نۇرى ئوبرازىنىڭ سىمۋۇللۇق خاراكتېرى ئۈستىدە تەھلىل» («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2004 – يىللىق 1 – سان)، ئابدۇللا مەتقۇرباننىڭ « < ئانا يۇرت > رومانى ھەققىدە» (« شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 2004 – يىللىق 3 – سان) ، روزى مۇھەممەت ئېرپاننىڭ « < قاشتېشى پادىشاھى > خەن زىچى ۋە مۇختەر باي ئوبرازى ھەققىدە سېلىشتۇرما » (« تارىم» ژۇرنىلى 2006 – يىللىق 5 – سان)، ئەكبەر قادىرنىڭ‹‹ ‹ ئانا يۇرت ›رومانى ۋە زوردۇن سابىر   ›› (‹‹ ئىلى گېزىتى ›› 2007– يىل 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى سان)، ئابلىكىم ئابدۇراخماننىڭ « < ئانا يۇرت > رومانىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپىقىيىتى ھەققىدە» («زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق كىتاب (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2008 – يىل نەشرى  ، ئابدۇبەسىر شۈكۈرنىڭ « < ئانا يۇرت > رومانىدا مۇختەر باي ئوبرازى» (« ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ» ناملىق كىتاب (مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010 – يىل نەشرى)، ئارزىگۈل مۇھەممەتنىڭ‹‹ ‹ئانا يۇرت› رومانىدىكى جۈملە نۇسخىلىرى ھەققىدە ئىستاتىسكىلىق تەھلىل  ›› (‹‹قوش تىل مۇنبىرى ››ژۇرنىلى 2012 - يىللىق3 - ،4 – سان)، ئابدۇرېشىت ئوسماننىڭ «< ئانا يۇرت > رومانىنىڭ تىلىدىن ئىلى شېۋىسىگە نەزەر»  (« تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2013 – يىللىق 4 – سان)، «< ئانا يۇرت > رومانىنىڭ جۇغراپىيىلىك قىممىتى» (« ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى 2014- يىل 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىكى سان ) ، « < ئانا يۇرت > رومانىدا ئەكس ئەتكەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھويلا – ئاران مەدەنىيىتى » («ئىلى كەچلىك گېزىتى» 2014 – يىل 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىكى سان ) ،« < ئانا يۇرت > رومانىدا چاقچاق » («شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى 2014-يىللىق 9-سان)، « < ئانا يۇرت > رومانىدا ئات تەسۋىرى» (« ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » 2014-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سان)، « < ئانا يۇرت > رومانىدىكى دېھقانچىلىققا ئائىت سۆز-ئاتالغۇلار توغرىسىدا » (« تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى 2014-يىللىق 3-سان )، ... قاتارلىق «ئانا يۇرت» رومانى ھەققىدە مەخسۇس يېزىلغان ئوبزور – ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزدا شەكىللەنگەن مەخسۇس بىر ئىلىم - « زوردۇن سابىرشۇناسلىق» نىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىتىلدى.
    يېقىندا « تارىم » ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان « بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە » ناملىق ئوبزور ماقالىدىن ئاڭقىغان بەتبۇي پۇراق « ئانا يۇرت » رومانىدىن تارقلىۋاتقان خۇشپۇراق ھىدنى، بەدىئىي نۇر-زىيالارنى يېپىۋالغان بولۇپ، « زوردۇن سابىرشۇناسلىق » ئىلمىگە ئەستايىدىل ۋە ئىلمىي پوزىتسىيىدە بولىۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىۋەتتى. ئاپتۇرنىڭ بۇ ئوبزور ماقالىسىدە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت » رومانى ھەققىدىكى كۆز-قاراش، ئاڭ-چۈشەنچىلىرى دەللىك ۋە توغرىلىقىدىن تولىمۇ يىراق بولۇپ، ئەمەلىيەت ۋە كونكرېتلىقتىن چەتنەپ كەتكەن، ئاپتۇر بۇ ئوبزور ماقالىسىدە ئوقۇرمەنلەرگە بىلىپ-بىلمەي ئۆزىنىڭ سەمىمىيەت، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تۇيغۇسىنىڭ تولىمۇ كەملىكىنى، تەنقىدچىلىكتىكى ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ تولىمۇ ناچارلىقىنى ئاشكارلاپ قويغان.
ئاپتۇر بۇ ئوبزور ماقالىدە ئالدى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخىدىكى ئۇستاز ئەدىبلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان، مەسىلەن : « < ئانا يۇرت >  ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ناھايىتى بازار تاپتى. بەزى ئوبزورلار يېزىلغانمۇ بولدى. ئەمما، ئۇ ئوبزورلاردىن ئەسەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى پەزەر قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن. چۈنكى، ئۇ خىل ئىلمىي تەھلىل كەم ماختاشنى ئوبزورچىلىرىمىز ئۆزلىرى خالىغان ئەسەرلەرگە ئەزەلدىن ئىشلىتىپ  كەلگەن . ئۇ ماقالىلەردە كىشىنى قايىل قىلالايدىغان ئۆلچەملەر، تەجرىبىلەر ئاساسىدا تەھلىل ئېلىپ بېرىلمىغاچقا، مەن ھازىرغىچە بەزى ئوبزورچىلىرىمىزنىڭ بۇ روماندىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئەۋزەللىك دەپ قارامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن. < ئانا يۇرت > نىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ تەھلىل ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، ئۇنى بايقىغىدەك ساۋاتقا ئىگىلىكى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ » (  « بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە »  ، « تارىم » ژۇرنىلى 2014 – يىللىق 9 – سان، 122 – بەت ) .
    ئاپتۇرنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئاپتۇر تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكىدە ناھايىتى ئېغىر تارىخىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، جاپالىق ۋە ئەگرى – توقاي مۇساپىلەرنى بېسىپ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن تەنقىدچىلەر قوشۇنىدىكى ئۇستاز ئەدىبلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى بىراقلا ئىنكار قىلغان. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇقلىرىنى كۆرمەسكە سالغان. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكىمىزدە ئوبزور ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىدىكى ئىلمىيلىك، ئەتراپلىق، چوڭقۇرلۇق، مۇستەقىللىق، ئادىللىقتا بولسۇن، ئوبزور ماقالىنىڭ تىلى ۋە ئۆلچىمى بولسۇن، ئوبزورچىلىقنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىدە بولسۇن ئىزچىل تىرىشقان، يول ئاچقان، تۆھپە قوشقانلارنى « ئۇ خىل ئىلمىي تەھلىل كەم ماختاشنى ئوبزورچىلىرىمىز ئۆزلىرى خالىغان ئەسەرلىرىگە ئەزەلدىن ئىشلىتىپ كەلگەن»، «ئۇنى بايقىغىدەك ساۋاتقا ئىگىلىكى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ»،... دېگەندەك كەمسىتىش، چۆكۈرۈش تۈسى قويۇق جۈملىلەر بىلەن كەلسە- كەلمەس چىشلەپ تارتىپ، ھەممىسىنى قارا – قويۇق ئىنكار قىلغان. بۇ ئۇچىغا چىققان قارا يۈزلۈك، تۇزكۇرلۇق، بىلىمسىزلىك، پەزىلەتسىزلىك بولماي نېمە!؟ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايونىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە نەشىر قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە گېزىت – ژۇرناللاردا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مول، سەرخىل ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئائىت 140 پارچە ئەدەبىي ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ،يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجاديىتىگە مەخسۇسلاشقان ‹‹ زۇردۇن سابىرشۇناسلىق ئىلىمى ››نىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدى .          بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوبزورچى مۇھەممەت پولات ‹‹ زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى›› (‹‹ئۇيغۇرئەدەبىياتىدا پروزا›› ناملىق كىتاب)،‹‹ يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش رومانچىلىقىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى››(‹‹ ئۇيغۇر رومانچىلىقى توغرىسىدا››ناملىق كىتاب 1986 – يىل)، ‹‹ زوردۇن سابىر ھېكايىلىرىدىكى پېرسۇناژلار تەسۋىرى›› (‹‹ تارىم ›› 1986 - يىل 6 – سان) ،‹‹ زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى›› (‹‹ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە مۇلاھىزىلەر›› ناملىق كىتاب 1986 – يىل)، ‹‹زوردۇن سابىر پروزىسىنىڭ بەزى خۇسۇسيەتلىرى›› (‹‹ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا ›› ناملىق كىتاپ)، ‹‹ ‹ ئابرال شاماللىرى› پروزىمىزنىڭ يېڭى مۇۋاپپىقىيىتى›› (‹‹ تارىم ›› 1983 - يىللىق 2 – سان)، ‹‹ ئىجتىمائي تۇرمۇش ۋە بەدئىي ئىجادىيەت››( ‹‹ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا ›› ناملىق كىتاپ)، ‹‹ مىللىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ئىجادىي – بەدىئىي قامۇسى››( ‹‹تەڭرىتاغ›› 2001 - يىل 4 – سان)، ‹‹ ‹شەبنەم ›توغرىسىدا بەزى تەسىراتلىرىم››،‹‹ بىزارلىق ئىچىدىكى ئويلار  ››( ‹‹تەڭرىتاغ›› ژۇرنىلى 1990 - يىللىق2 – سان)،... قاتارلىق ماقالىلىرىدا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبي ئىجادىيىتگە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ناھايىتى كەڭ دائىردە مۇھاكىمە ـ مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.
    ئەجابا، ئاپتۇر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوبزورچى ،‹‹ زۇردۇن سابىرشۇناسلىق ئىلىمى ››نىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەت پولاتنىڭ تۇنجى ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمى، شۇنداقلا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تەنقىدچىلىك تارىخىدىكى تۇنجى ئوبزورلار توپلىمى «قىسقىراق يازايلى، ياخشىراق يازايلى» دىن باشلاپ تا ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئوبزورلار توپلىمىلىرىدىن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا »، «كىتابخانىلىق تەسىراتلىرى»، « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇھاكىمىلەر »، «ئەدەبىيات ۋە دەۋر»، «ئەدەبىيات – چىنلىق ۋە گۈزەللىك زېمىنى»، «رېئال ھاياتىمىزنىڭ كىچىكلىتىلگەن بەدىئىي سۈرىتى »، «كېلىڭ، ئەدەبىيات ھەققىدە سۆزلىشەيلى »، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ 50 يىلى » قاتارلىق توققۇز پارچە زور ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ بارلىقىنى بىلمەمدىكىنە!؟ ئۆزىگە خاس تەنقىدچىلىك ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھەممەت پولاتنىڭ «ئەدەبىي ساۋاتى » دىن يەنە گۇمانلىنىپ يۈرەمدىكىنە!؟
ئاپتۇر بۇ ئوبزور ماقالىسىدا ئۇ تاغنى بۇ تاغدىن ئېگىز كۆرسىتىپ، چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق يازغۇچىلارنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۆھپىكار يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي نەتىجىلىرىنى يوققا چىقارغان. مەسىلەن، «ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئاساسىي بەدىئىي ئۈنۈم بولۇپ، بىز تولىستوينىڭ <ھاجى مۇرات> بىلەن زوردۇن سابىرنىڭ < ئانا يۇرت > رومانىنى سېلىشتۇرساق، تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنى بەدىئىي تاۋلاشنىڭ بىر ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدە قانچىلىك زور رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئەگەر زوردۇن سابىر ئەسىرىنى تولىستويدەك بەدىئىي يۈكسەكلىككە يەتكۈزەلىگەن بولسا ئىدى، ئەدەبىياتىمىزدىكى نوپۇزلۇقلار « ئانا يۇرت » نى دۇنيا ئەدەبىياتىدا ھېچقانداق نوپۇزى يوق <تىنچ دون> غىمۇ تەڭلەشتۈرەلمەي بۇنچە ئالاقىزادە بولمىغان، ئۇنى ئۇيغۇرچە ئەدبىي ئۆلچەم يارىتىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇنچە كۈچىمىگەن بولاتتى » ( « بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە »، «تارىم» ژۇرنىلى 2014 – يىللىق 9 – سان، 125 -، 126 – بەتلەر ) .
   ئاپتۇرنىڭ يۇقىرقى بايانلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتۇر بۇ ماقالىدە « بەدىئىي ئۆلچەم » ھەققىدىكى كۆزقاراش ۋە نەزەرىيىۋى چۈشەنچىلىرىنى چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ  ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ، بازارغا سېلىشقا ئالدىرىغان. تولىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئاپتۇر باشقىلارنىڭ نەزەرىيىۋى بايانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تاشنى تاياققا تاڭغاندەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلەرنى باھالاشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىۋالغان. بۇ قىلمىش بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ مەنىۋى زەئىپلىكنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتۇر بۇ ئوبزور ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان « بىمار» لارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارلاپ قويغان.
     ئەدەبىيات ئادەتتە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئەدەبىياتشۇناسلىق ( ئىلمىي بالاغەت ) ۋە بەدىئىيە ئىلىمى( تەقىتەيى ئەدەبىيات ) دىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن تەتقىق قىلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنىڭ بارلىق مىللەت ئەدەبىياتلىرى ئۈچۈن ئورتاق نەزەرىيىۋى مەسىلە ئىكەنلىكى، ئەمما ئەدەبىياتشۇناسلىق بىلەن بەدىئىيە ئىلمىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەسىلە ئىكەنلىكى، بىر مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىياتشۇناسلىق بىلەن بەدىئىيە ئىلمىنىڭ يەنە بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىغا تەدبىقلاش مۇمكىن ئەمەسلىكى بارلىق ئەدەبىيات ئەھلىگە تولىمۇ ئايان. شۇنداق ئىكەن، ئاپتۇرنىڭ بۇ ئوبزور ماقالىسىدا ل. تولىستوينىڭ « ھاجى مۇرات » بىلەن زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت » رومانىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرىشى تولىمۇ بىمەنىلىك، ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك بولماي نىمە ؟ بۇ روس ئەدەبىياتى يەكۈنلىگەن بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ئىلمىي خۇلاسىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يەكۈنلىگەن بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ئىلمىي خۇلاسىغا قارىغۇلارچە زورلۇق بىلەن تاڭغانلىق بولماي نىمە !؟
    ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ نادىر ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپ « ئانا يۇرت » رومانى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنبەت مىللىي تۇپرىقىدا بىخلىنىپ، كۆكلەپ، باراقسان بولۇپ ئۆسۈپ-يېتىلىپ، شېرىن مىۋە بەرگەن ھەقىقىي ئۇلۇغ ئەسەردۇر. شۇڭا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت » رومانىنىڭ بىزگە بېرىدىغانلىرىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىگە ئىگە يازغۇچى ل. تولىستوينىڭ « ھاجى مۇرات » ناملىق ئەسىرىنىڭ بىزگە بېرىدىغانلىرىدىن كۆپ ئارتۇق ۋە قىممەتلىك. « ئانا يۇرت » رومانىنى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىللىي مۇھىتىغا كىرىپ تۇرۇپ مۇھاكىمە-مۇلاھىزە ئىلىپ بېرىش ئەڭ توغرا تاللاش، ئاقىلانىلىكتۇر.
    ئابدۇقادىر جالالىدىن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت » رومانىدىن ئالغان تەسىراتىنى يازغان « تارىختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن » ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دىگەن : « تېما ئېتىبارىدىن ئېيتقاندا، < ئانا يۇرت > ترىلوگىيىسى بىزنىڭ < تىنىچ دون >، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ تارىخى، ئۆزىمىزنىڭ گاڭگىراشلىرى، ئۆزىمىزنىڭ كۈرەشلىرى ساپ ئۆز تىلىمىزدا ئەكس ئەتكەنلىكى سەۋەبلىك، < ئانا يۇرت > رومانى بىز ئۈچۈن < تىنىچ دون > دىنمۇ قىممەتلىك . ئېھتىمال، بەزىلەر  < ئانا يۇرت > رومانىنىڭ بەدىئىي پەللىسىنى < تىنىچ دون > غا يەتمەيدۇ، دەپ قارايدىغاندۇ. مېنىڭچە، بۇنداق قاراش يۈزەكى سېلىشتۇرمىدىن كەلگەن» .
   يالقۇن روزى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت »رومانىدىن ئالغان تەسىراتىنى يازغان « < ئانا يۇرت > تىن تەسىرات » ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دېگەن : « قولۇمدا < تىنىچ دون > دەك ئۇلۇغ ئەسەر < ئانا يۇرت > تۇرۇپتۇ. تەسەۋۋۇرۇمدا دون دەرياسى بىلەن ئىلى دەرياسى تەڭ شاۋقۇنلاپ ئاقماقتا. مۇختەرباي بىلەن ئاكسىنىيە خۇپىيانە كۆز قىسىشماقتا. نۇرى بىلەن گرىگورىي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىن ھەققانىيەت ئىزدىمەكتە. مىخائىل شولوخوف بىلەن زوردۇن سابىر مەردانىلەرچە قول ئېلىشماقتا... »
   ئاپتۇر « بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە » ناملىق بۇ ئوبزور ماقالىسىدە « ئەدەبىياتىمىزدىكى نوپۇزلۇقلار < ئانا يۇرت > نى دۇنيا ئەدەبىياتىدا ھېچقانداق نوپۇزى يوق < تىنىچ دون >غىمۇ تەڭلەشتۈرەلمەي بۇنچە ئالاقزادە بولمىغان، ئۇنى ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئۆلچەم يارىتىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇنچە كۈچىمىگەن بولاتتى.» دەپ يېزىپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزىنىڭ ماقالىسىدىكى «ئانا يۇرت» رومانى بىلەن «تىنىچ دون» رومانىنى تەڭلەشتۈرگەنلىك ھېسسىياتىنى قەستەن بۇرمىلاپ بايان قىلغان. بۇنى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك،تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىگەنلىك ، قۇرۇق شاختىن ھۆل پۇتاق ئىزدىگەنلىك دېمەي نېمە دەيمىز!؟ بىراۋنىڭ ماقالە-ئەسىرىدىكى پىكىرنى قەستەن خاتا بايان قىلىشتىنمۇ ئارتۇق زەھەرخەندىلىك بولامدۇ!؟
    «ئانا يۇرت» رومانى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ پروزا ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ روماننىڭ كۈچلۈك دەۋر ئېڭى ۋە روشەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى، ئۇ ئەكس ئەتتۈرگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى،تىلشۇناسلىق، ئىتنوگرافىيىلىك، فولكلورلۇق قىممەت ئەسەرنى ئىپوس تۈسىگە ئىگە قىلغان. شۇڭا، بەزى ئوبزورچىلارنىڭ بۇ روماننى ئۇيغۇرلارنىڭ «تىنچ دون» ى دېگىنى ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.
ئاپتۇر يۇقىرىقى پارچىدا يەنە مىخائىل شولوخوفنىڭ «تىنچ دون» ناملىق رومانىنى «دۇنيا ئەدەبىياتىدا ھېچقانداق نوپۇزى يوق» دەپ يېزىپ، بۇ ئەسەرنىڭ شان – شۆھرىتىنى، ئاپتۇرنىڭ شان – شەرىپىنى ئاساسسىز يەرگە ئۇرغان، كەمسىتكەن. بىز بۇ ئىلمىي بولمىغان بايانلاردىن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكىدە تەربىيىلىنىشى يېتەرسىز، چەت ئەل ئەدەبىيادىكى بىلىم، چۈشەنچىسى نىسبەتەن تۆۋەن، ئىستېتىك تەربىيىلىنىشى ئاجىز، گۇمانلىق بىر قەلەم ئىگىسىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تەنقىدچىلىك سېپىگە قوشۇلۇش ۋەسۋەسىدە تامنىڭ شورىنى ياقىلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى خېرە – شىرە كۆرۈپ قالىمىز.
شولوخوف ئاپتۇر ئېيتقاندەك راستىنلا دۇنيا ئەدەبىياتىدا ھېچقانداق نوپۇزى يوق يازغۇچىمۇ؟ ياق، مىخائىل ئالېكساندىرىۋچ شولوخوف (1905- 1984) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى. ئۇنىڭ 1928 – يىلى «تىنىچ دون» ناملىق تىرىلوگىيىنىڭ 1 - ، 2 – توملىرى نەشر قىلىنىپ شۇ زامان دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تېخى ئەمدىلا يېزىلىپ يېرىملاشقان بۇ ئەسەرنىڭ كۆپ خىل تىل – يېزىقلاردىكى تەرجىمە نۇسخىلىرى بىر – ئىككى يىلدىلا پەيدا بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ مەشھۇر ئەسەر 1940 – يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئەسەر تولۇق پۈتۈپ، كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. «تىنچ دون» رومانى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋردىكى «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق » ئىدى. ئۇنىڭدا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدىن ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرغىچە بولغان ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە پاراكەندىچىلىكى ئىچىدە ئۆتكەن يىللاردىكى كازاكلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۆرۈنۈشلىرى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن. كازاكلار ئالاھىدە بىر قاتلام ئىدى. ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان چارپادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكۈر جاللاتلىق قىلىچى بولغان. ھالبۇكى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدى – كەينىدە يەر – جاھاننى زىل – زىلىگە كەلتۈرگەن ئۆزگىرىش داۋامىدا ئۇلارمۇ دوزاقنىڭ ئازابىنى تارتقان. «تىنچ دون» رومانىدىكى باش پېرسوناژ گېرىگورى بارلىق كازاكلار، ھەتتا ئەينى چاغدىكى ئاددىي رۇسلارنىڭ مەزكەزلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى ۋە تىپىك ۋەكىلىدۇر. ئۇ، ئىنقىلاب قاينىمىدىمۇ ئادىمىيلىك ئەقىل – ھۇشىنى ساقلاپ، ئىنسانىيەتكە ئېچىنىدىغان ۋە ھېسداشلىق قىلىدىغان ئاز ساندىكى كىشلەرنىڭ بىرى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ مېھر – شەپقەتكە تولغان بۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا ئۇ زامانغا لايىق كەلمىگەن ئادەمدەك كۆرۈنىدۇ. بىز دەل مۇشۇنداق تەۋرىنىش ئىچىدىكى تاللىشى جەريانىدىن ئۇنىڭ نۇر چېچىپ تۇرغان ئادىمىيلىك ماھىيىتىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئادىمىيلىك بىلەن تارىخنىڭ ساقلانغىلى بولمايدىغان توقۇنۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بېسىم ھەم قايغۇ – ھەسرەتكە تولغان بۈيۈك سەنئەت قۇدرىتىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. گېرىگورىنىڭ ئازابلىرىدىن بىز ئاشۇ دەۋرنىڭ ئازابىنى كۆرۈۋالالايمىز. «تىنچ دون» نىڭ دۇنياۋىي شۆھرەت قازىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى، بۇ روماندا ئىنسان بىر شۇئار، بىر ئىددىيەنىڭ قاچىسى ئەمەس، قېنى بار، گۆشى بار ئادەم قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئەسەردىكى گرىگورىي ۋە ئاكسىنىيەلەر تراگىدىيەلىك شەخىسلەردۇر. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تېنىڭ تاللىشى ئالدىدا ئىلاجىسىز، يەنە بىر تەرەپتىن خىلمۇ خىل سىياسىي تاللاشلار ئالدىدا ئىلاجىسىز. ئاپتور گرىگورىي بىلەن ئاكسىنىيەنىڭ ئەخلاقسىز مۇھەببىتىنى ياندا تۇرۇپ كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ. گرىگورىنىڭ تېنىمسىز داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي قاراشلىرىنىمۇ شۇنداق. «تىنچ دون» ترىلوگىيىنىڭ ئېلان قىلىنىشى سىياسىي سۇيقەست ۋە تېرۇرلۇق بىلەن قاپلانغان سىتالىن دەۋرىدىكى بىر ئىنقىلاب بولغانىدى. شۇڭا، «تىنچ دون» ترىلوگىيىسىگە 1965 – يىلى «دون دەرياسى بويىدىكى سەھرا تەسۋىرلەنگەن ئېپوس شەكىلدىكى ئەسىرىدە، يازغۇچى ھەقىقىي پەزىلىتى ۋە بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى بىلەن روس خەلقىنىڭ مەلۇم تارىخىي باسقۇچتىكى تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن» لىكى ئۈچۈن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1985 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شولوخوفنى خاتىرلەش يۈزسىدىن پوچتا ئاتكىرىتكىسى تارتقان.
    ئاپتۇر بۇ ئوبزور ماقالىسىدا يەنە خۇددى تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىنى قارىلاپ، بىر تالاي نۇقسان، يېتەرسىزلىكلىرىگە كۆمۈۋەتكەن. مەسىلەن، « < ئانا يۇرت >  رومانى ئەدبىياتىمىزدا قانچە يىلدىن بۇيان قولغا كەلگەن ساناقلىق نەتىجىلىرىمىزنىڭ بىرى. بۇ ئەسەردە ئاپتۇرنىڭ ماتېرىياللارنى تەشكىللەش، بايان قىلىش، ئەسەرنىڭ تىلى، قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن نۇقسانلار بولۇپ، بۇ ئاپتۇرنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمىگە سەل قارىغانلىقىدىن بولغان.» («بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە » «تارىم» ژۇرنىلى 2014 – يىللىق 9 – سان، 126 – بەت) . يۇقىرىقى پارچىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ بىر پارچە ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋىي، بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قىزغىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە نۇقسان، كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنىمۇ سەمىمىي يوسۇندا كۆرسىتىش، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى يۇشۇرماي ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېتەرلىك دەلىل – ئاساسلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىشتىن ئىبارەت ئەقەللىي ساۋاتنىمۇ بىلمىگەن. بۇ ئوبزور ماقالىدا ئەدبىي تەنقىدنىڭ ئىلمىي ئالاھىدىلىكى پەقەت گەۋدىلەنمىگەن. ئوبيېكتىپ، ئىلمىي، ئادىل، توغرا بولۇشقا ئەھمىيەت بەرمەي، دەلىل – ئاساسلارسىز «ئانا يۇرت» رومانىدا نۇقسان بار، دېيىش مەقسەتلىك ۋە زەھەرخەندىلىك بىلەن «ئانا يۇرت» رومانىنى قارىلاش بولماي نېمە!؟ «ئانا يۇرت» رومانىنى ئاساسسىز سۆكۈش قىلمىشى بولماي نېمە!؟
    يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەدەبىياتىنى چىن يۈرەكتىن سۆيگەن، يەنە كېلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلگەن. شۇڭا ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ خۇشاللىقىدىن باشقا تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق، بەخىت ئۇنىڭغا دۈمبىسىنى قىلىۋالغان. زوردۇن سابىرنىڭ پىنھان قەلىب سىرلىرىنى بىلسىڭىز ئۇ كەربالاغا پالانغان غېرىبتىنمۇ غېرىب،بىچارە ئىنسان.مانا شۇنداق ئازابلىق بىر ئۆمۈر ئۇنى ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنى جەھەتتىن مۇرادىغا يەتكۈزۈپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۈكسەك ئورۇنغا، قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا چوڭقۇر ھۆرمەتكە ئىگە گىگانت، ئۇلۇغ يازغۇچىغا ئايلاندۇردى. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى يولدىن ئۆتكەن- كەچكەنلەر كىرىپ خالىغانچە ئۇرۇپ قېقىپ، شېخىنى سۇندۇرۇپ يەيدىغان قاشاسىز باغ ئەمەس ۋە ياكى تېپىپ – چەيلەپ، ئۇرۇپ – چېقىپ يەيدىغان ۋاشاڭ قىلىنغان قوغۇنلۇق ئەمەس. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆلمەس ئەدەبىي مىراسلىرىنىڭ بىردىنبىر ھەغدا ۋارىسى خەلق. «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دېگەندەك كېمىكى يامان غەرەز، زەھەرخەندىلىك بىلەن «ئانا يۇرت» رومانىغا بۆھتان، قارا چاپلايدىكەن. ئۇ كىشى چوقۇم قانداق ھوقۇق، ئىمتىياز ئىگىسى، قانداق سالاھىيەتتىكى كىشى بولۇشتىن قەتئىينەزەر خۇددى  ھەممە جايدا ئۇر – ئۇرغا قالغان چاشقاننىڭ كۈنىگە قالىدۇ. خۇددى شۇملۇق تىلىگەن ھۇۋقۇشتەك باغلاردىن قوغلىنىدۇ.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 17:17:43

بىر ئابزاس ئوقولدى

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 17:28:06

تۆرەم

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 17:36:41

2014-يىلى 9-ئايدا يىزىپتىما؟ بۇنى يازغان كىمكەن زادى ؟تارىم ژۇرنىلىنى ھازىر تاپقىنى بۇلامدۇ ؟:funk:

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 17:50:58

بۇ ئوبزورنى ئوقۇدۇم.  « بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە » ناملىق ئوبزورنى ئوقۇمىسام بىر نىمە دىيەلمىگۈدەكمەن.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 18:33:36

kuwruk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 17:36 static/image/common/back.gif
2014-يىلى 9-ئايدا يىزىپتىما؟ بۇنى يازغان كىمكەن زادى ؟تار ...

شۇنى دەيمەن ،بۇ « بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە » ناملىق ئوبزور ماقالىنى كىم يېزىپتىكەن زادى .ھەييي چىشلەپ تارتمىغان شۇ رۇمانىمىز قاپتىكەن ئەمدى .

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 19:02:14

....«نېمە قىلارىنى بىلمەي، قېقىلىپ- سوقۇلۇپ يۈرگەن ھىلىقى ساقلاندى شۇم تۇيۇقسىز زامان رەپتارىنى بايقاپ قالدى- دە، رەڭۋازلىقنىڭ خىرە نۇرى جىلمىيىپ تۇرغان ‹دەيۈزلۈك كوچىسى›دىن ئۆز ئىستىقبالىنى تاپماقچى بولدى»...



                                                                                                                         -«پۈتمىش»تىن

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 19:15:50

تورداشلار ئانا يۇرۇتنىڭ پ د ف نۇسخىسى قانچىنچى نەشىرى بولغۇيتى؟ بىلىدىغانلار قالدۇرساڭلار، بىلىۋالساق.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:19:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 20:23  

  2015-يىل سۈكۈش، غاجاش يىلىكەن. 2003-يىلىدا قانداق ئىشلار بولغىنى ئىسىڭلاردا بارمۇ؟ 12 مۆچەل بۇيىچە زامان تەكرارلىنامدۇ؟...

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:23:09

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:36:20

ئەركىن ئەمەت يازغان ماقالە ئۇ، ئاۋال بىر كۆرۋىتىپ ئاندىن ماۋۇ تېمىدا مۇلاھىزە قىلغۇلىقمىكى!

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:53:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur729 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 21:00  

kuwruk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 17:36 static/image/common/back.gif
2014-يىلى 9-ئايدا يىزىپتىما؟ بۇنى يازغان كىمكەن زادى ؟تار ...

‹‹تارىم››ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9-سان مۇندەرىجىسى

پوۋېسىت
نۇمۇس........................................................................................................ئىلھام ئابدۇرېھىم
ھېكايىلەر
شېغىنىمەن يالغانلىرىڭنى.................................................................................مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز
سەپەر.........................................................................................................تۇرغۇن مىجىت
شېئىرلار
كۆكلەم چېقىنلىرى..........................................................................................تۇراپ ھەسەن
ئاتا دېسەم.................................................................................................راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
كۆڭۈللەردە ئاي نۇرى....................................................................................ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك
شېئىرلار......................................................................................................تۇردى داۋۇت
ئىككى تەخمىس..........................................................................................جېلىلى
بىر يەتتىلىك، بىر بەشلىك...............................................................................ئابدۇللا سۇلايمان
شېئىرلار.....................................................................................................ئامانۇللا ھېزبۇللا
ئىككى شېئىر.............................................................................................مۇھەممەد مۇسا مەرگەن
ئارزۇگۈل..................................................................................................ئادۇۋەلى قۇربان كۆكتۈرك
گۈلۈم.....................................................................................................ياسىن سېيىت ئارچىن
مۇھاكىمە ۋە تەقرىز
بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە..............................................................................ئەسئەت ئەمەت
كروراننىڭ شېئىرىيەت قەلئەسىگە سەپەر..........................................................ھەبىبۇللا مىجىت
ئەسەر ۋە باھا
ئىپپەتسىزلىك ۋە ياتلىشىش تىراگېدىيەسى......................................................گۈلجامال مەمتىمىن
چەت ئەل ئەدەبىياتى
نەشپۈت كۆچىتىنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى.......................................................(ھېكايە› ئىلغارجان مەتتۇرسۇن ئىسلام‹ت›
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
ياۋۇز پادىشاھ ۋە داند ۋەزىر(چۆچەك)


ئەسئەت ئەمەت كەن  ئانا يۇرتقا ئوبزۇر يازغان ئادەم..........

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:59:54

ئاكا ئۇكىنى ئالماشتۇرۇپ قۇيۇپتىمەن:lol

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:24:51

بۇ ئوبزۇرچى ئەركە چوڭ بولغان ئوبزۇرچى ئوخشايدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:29:39

ئەسەر توغرۇلۇق كۆز قاراشلىرىنى يازسا بولمامدۇ؟
ئانا يۇرت رومانى نېمىشقا ئۈچ قىسىملىق رومان دېيىلمەي، تىرىلوگىيە دېيىلىدۇ؟
تىرىلوگىيە مەزمۇن جەھەتتە مۇستەقىل بىراق ئازراق باغلىنىشى بار ئۈچ پارچە ئەسەردىن تەشكىل تاپامدۇ، ياكى ئۈچ توم، ياكى ئۈچ قىسىملىق ئەسەر بولسىلا چوقۇم تىرىلوگىيە بولامدۇ؟

000000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 22:16:50

ئانا يۇرت رومانى بىلەن تىنچ دوننى تەپسىلىي ئوقۇپ باققانلار بارمۇ

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 23:21:41

« ئانا يۇرت » رومانىنى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىللىي مۇھىتىغا كىرىپ تۇرۇپ مۇھاكىمە-مۇلاھىزە ئىلىپ بېرىش ئەڭ توغرا تاللاش، ئاقىلانىلىكتۇر.
.........................................................................................................................................................

ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىدى. بۇ رومان ھەققىدە مۇھاكىمە، مۇلاھىزە قىلىشنىڭ چەك-چېگراسىنى بۇنداق ئېنىق، كەسكىن بەلگىلەپ بەرگەنلەرگە، بۇ چېگرادىن قىلدەك ھالقىپ چىقىپ كەتكەنلەر ھەر نېمە كۆرۈنىشى مۇمكىن. شۇڭا يولداشلار، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىللىي مۇھىتىغا كىرىپ تۇرۇپ گەپ قىلالىساڭلار گەپ قىلىڭلار بۇ رومان ھەققىدە، بولمىسا، سىلەرگە ھەر خىل قالپاق، شەپكە، تۇماق، پوسما، دوپپا، موزا، پەلەي، گاندون قاتارلىقلار تەييار، زورلاپ كىيگۈزۈپ، تاقاپ قويىشىدۇ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 23:40:02

«بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە»نى ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 23:44:57

«مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىللىي مۇھىتى»

سادىغاڭ كېتەي قېرىنداشلار، ماۋۇ ئاتالغۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار، ئېلىشىپ قالاي دېدىم!

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 23:46:21

مەنمۇ تەۋسىيە قىلىمەن، ھەددىن ئاشقان چېقىمچى خوتۇننىڭ بىشەملىك بىلەن داتلاۋاتقان تۇرقى كۆز ئالدىمغا كەلدى بۇ ئوبزورنى ئوقۇپ.

بەت: [1] 2 3 4 5
: « ئانا يۇرت » رومانىنى ئاساسسىز سۆكمەيلى