enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:03:55

‏Toshuk، تور نامىڭىز ئېنگىلىز تىلىدىكى باشقا بىر مەنىسى بار سۆزمۇ ياكى ئۇيغۇرچە «تۆشۈك» دېگەن گەپمۇ؟ تورنى يانفۇن نۇسخىسىدا زىيارەت قىلىۋاتقىنىم ئۈچۈن، باش سۈرىتىڭىزمۇ كىچىك ھەم تۇتۇقراق نامەلۇم بىر سىياقتا كۆرىنىۋاتىدۇ. بەلكى، بىر چاياننىڭ سۈرىتى بولسا كېرەك. لېكىن دەمال ئىسمىڭىز بىلەن بىرلىشىپ ئادەمنىڭ تېنىنى جۇغۇلدىۋېتىدىغان بىر نەرسىدەك كۆرۈنۈپ كېتىدىكەن.
‏توغرا، ماختاش ئوڭاي ۋە بىخەتەر بىر ئۇسۇل، لېكىن ماختىغۇچىلىكى بار نەرسىنى ماختاش چايانلارچە چېقىشتىن كۆپ ھەققانىي ئىش.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:05:31

«ئانا يۇرت» ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىدىغانلار:
(1)ئاپتۇرنىڭ بەدىئىي دىتى ئۈستىدە پىكىر قىلماقچى بولساڭلار، موۋەپپەقىيىتىنى بايان قىلىپ زوردۇن سابىر ئاكىمىزنى ئەسلىسەك بولىدۇ. قۇسۇر ئىزدىمەكچى بولساڭلار ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلىڭلار. مەرھۇم ئەدىپىمىزگە ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ.
(2) روماندا بايان قىلىنغان ۋەقەلىك، پىرسۇناژلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىددىيە- خاھىشى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلماقچى بولساڭلار، 70ياشتىن ئاشقان بوۋا- مومىلىرىڭلار بىلەن ئىككى- ئۈچ كۈن ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدە مۇڭدىشىۋېتىپ ئاندىن پىكىر قاتناشتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. كومپىيۇتېردا ئانچە- مۇنچە تور ماقالىلىرىنى ئوقۇپ، گەپ قىلىشنى، پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنىۋالغانلىق بىلەنلا ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان بۇ ئەسەرگە ئۇنداق- مۇنداق دەيدىغان سالاھىيتىڭىز ھازىرلانغان بولۇشى ناتايىن.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:10:06

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 23:21 static/image/common/back.gif
« ئانا يۇرت » رومانىنى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىللىي  ...

نوپۇسى ئاز توپلۇمدا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان، ئامما پەيدا قىلىدىغان بېسىم بار. بۇ بېسىم سىزنى قورشاپ تۇرىدۇ، سىزنى چارچىتىدۇ. تەشۋىشكە سالىدۇ، گاڭگىرتىدۇ. سىز ئىنتايىن ئاجىز ۋە يۆلەنچۈكسىز. سىز قاچان ئۆزىڭىز ئىيتقان مەلۇم بىر ئېغىز گەپ ياكى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بىر ئىش ھەرىكەتنىڭ  قۇربانى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنىڭىزنى، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ سىزدىن يىرگىنىدىغانلىقىدىن تەشۋىشلىنىسىز ۋە بۇ جەمىيەتتىن يىرگىنىسىز، ئۈمدسىزلىنىسىز، ھەتتا ھېچ نەرسە يازغىڭىز كەلمەيدۇ.  كۆپىنچە ھالدا مەلۇم شەخىسنىڭ ئىندىۋىئال پىكىرى ئادەملەرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. بۇ دەل ئاممىنىڭ ياخشىلىقى ۋە رەزىلىكى. ئۇيغۇر جەمىيىتىنى كىچىك بىر كەنىت دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق تامامەن بولىدۇ. بۇ يەردە ھەمما ئادەم سىزنى تونۇيدۇ. بۇ ئادەمنى بولۇپمۇ يزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەمنى ئىنتايىن ئامالسىز، بىقوۋل قىلىۋىتىدۇ. سىز قىلغان مەلۇم بىر ئېغىز سۆزمۇ پىتنە-پاساتقا ئايلىنىپ باشقىلارنىڭ نام چىقىرىشتىكى دەسمىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. نېمىلا يازماڭ بىر توپ پىداكار لې فېڭلار خەلق ئۈچۈن مەيدانغا چۈشۈشنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بايقايسىز. ئاممىنىڭ بېسىمى نۇرغۇن يازغۇچىلارنى يارىتىدۇ. ۋە ياراتماقتا، سىز ئويلىغانلىرىڭىزنى يازالمايسىز، ئاممىنىڭ بېسمى سىز خالىمىغان، ئۆزىڭىز بولۇشنى خالىمىغان سىزنى يارىتىدۇ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:58:05

مۇشۇ  نىقاپ كېيىۋالغان ئوبزۇرچى -بوپزۇرچى تاراق-تۇرۇق ئەلەي-بەلەيلەرنى غىنى باتۇردەك ئاغزىمنى بىر بۇزۇپ تىللىۋەتسەم دەيمەن،  ھۇ ئا.......نى  ...

chanaymen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 12:02:15

nurmuhemmet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 12:16:14

بىرچاغ بىر ئەدىپ ، مۇدۇرنىزىنمنى ئەمدى باشلىغان ،ئنسان تەبىيتيدىكى رەزل روھنى ئاشكارلىغان بىر يازغۇچىغا يوغان قالپاق كەيدۈرۈپ ئۇ كىشنى خىلى خاپاقىلغان ، يەنە شۇ ئەدىپ بىزنىڭ ھەجۋى ھىكايە يازغۇچىمىز بولغان مەلۇم بىرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ بۇرنىغىچە تويغان يەنە ئۇ ئوبزۇرچى ئەدىپ مەرھۇم زۇردۇنكام نىنىڭ «ئاتا» رومانىنى تازا سۆكۈپ ،ئۆز كۆزقارشىندىكى «چىقىلغىلى بولمايدىغان رايۇن»غا  چىقىلىپ بىزنى قارا قوياق( ئولۇغلارغا) ئەگىشىپ ھەممە نەرسىىنى يوغان بۈلدۈڭ دەپ كايىغان ،يەنە ئو ئەدىپ بىر يوملاپ «خەلىق» بايرىقىنى كۈترۈپ ئۈز شەخسىيەتچىلكىنى يىپىپ خەلىقنىڭ ياخشى ئوغلانى بولۇپ ئۆزى قارشى تۇرغان  «چىقىلغىلى بولمايدىغان رايۇن» نى بەرپا قىلدى ،مانا .ئوبزۇرچى دىگەن چاۋاك ھە چاۋاك ھەي پۇتۇڭدا .ئەمەس قولۇڭدا چال چاۋاك دىگەننى
.................
«يالقۇن روزى» دېسىڭىزلا بولدى، ئەمەسمۇ؟

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 12:33:42

«ئانا يۇرت» ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر، لېكىن «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان «بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە» ناملىق ماقالىنى چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭلار.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 13:23:29

بەلكىم تېمىدا تەنقىدلەنگەن ئوبزوردا روماننى ئىلمى تەنقىدچىلىك مەيدانىدا تۇرۇپ يازغۇچىمىز ئايرىم جايلاردا بەدىئىيلىك جەھەتتىن كەتكۈزۈپ  قويغان جايلارنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ باھا بەرگەندۇ، يىغىپ ئېيتقاندا بىر ئوبزور سالاھىتىنىمۇ بولسا ھازىرلىغاندۇر، بىراق ما تېمىنى ئوقۇپ چىقىپ بىرىنچى بولۇپ يادىمغا ئەلى قوربان كەلدى، نىمىشقا دىسەڭلار ئۇ بىچارىمۇ پەقەت ۋە پەقەت ئىككى ئېغىز گەپنى ھاياجاندا دەپ سالغانىدى(مىنىڭچە)، ئۇنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ئاشۇ گەپتىن باشقىنى نەزەرگە ئالماي تەنقىد ياغدۇرۇشى ،ئېچىتىشى بىلەن ئۇنىڭ لىكسىيىسىنى ئاڭلاپ باقسام دىگەنلەرمۇ ئۇشبۇ گەپ بولۇنغان لىكسىيىنى ئاڭلاپ باقماستىن تىللاشقا ،لەنەت ياغدۇرۇشقا، ئەلى قۇربان دىگەن ھەر قانداق گەپكە قارىتا ئىممۇنىت شەكىللەندۈرۋالدى…
بۇ تېمىمۇ ئۇنىڭدىن پەرقسىز بىر نىمە بوپتۇ، تىنچ دون ئەخلەت، ئانا يۇرت ئۇنىڭدىن ئۆتە دىدى ،تىل تەككۈزدى دىگەننى ئەۋزەيلەپ ئەسلى ئوبزوردىكى بەدىئىي ئۆلچەم توغرىسىدا بىرمۇ چويلىغا توختىغۇدەك رەددىيە يوق، ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قوزغايدىغىنى مەھەللە كومتىتىدا ئېچىلغان ئەيىبلەش يىغىنىدىكى سۆزمەن شىكايەتچىلەرنىڭ ئۇسلۇبىدا دادلاپ بېرىشلىرىنى نىمە دەي…مىللى ئەدەبىياتقا مىللى بەدىئىيلىك بۇيىچە باھا بېرىش كېرەك دىگەن گەپمۇ ماڭا چورتلا ياقمىدى، ئېنگىلىزلار ،يەھۇدىيلار، ياپونلار ،روسلار…يازغاندىن بەدىئىي زوق ئالالايمىز بولمىسا ھە…
قىسقىسى ئانا يۇرت تىرىلوگىيىسى نۇرغۇن تىرىلوگىيىلەرگە ئوخشاش يۈكسەك تارىخى رىئاللىقنى خېمىر تۇرۇچ قىلغان، شۇڭا مەيلى قانداق ئوبزور يېزىلسۇن روماننىڭ تارىخى قىممىتى  بەدىئىي قىممىتىگە قارىغاندا ئۇنى شۇنچىلىك شۆھرەتلىك قىلغان…
تىنىچ دوننى ئەخلەت دىگەن بولسا كارىم يوق، ئالىكسادىروۋىچتىن بىرسى چىقىپ ياقىسىنى سىقسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى…
ئاۋۋال ئاشۇ ئوبزورنى بىر كۆرەيلى ،ئاندىن تىللىساقمۇ ئۈلگۈرىمىز…

000000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 13:28:21

مەنمۇ ئەينى چاغدا ئۈچ قىسىمنى تولۇق ئالغان, شۇنىسى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇيالمىدىم

qasim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 18:04:25

بۇ ماقالىڭىزنى« تارىم»غىلا يازسىڭىزچۇ؟
شەھلانىڭ ئىنكاسى قالتىس بوپتۇ بۇ تىمىدا

bigim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 18:07:30

«ئۆلچەم» ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرەمدۇ ياكى ئەسەر ئۆلچەمنى بارلىققا كەلتۈرەمدۇ؟
بەزىدە ئويلاپ قالىمە ، ئاشۇ ھەرخىل « ئۆلچەم» لەر زادى قانداق بارلىققا كەلگەن بولغىيدى؟ ئەسەر يازسا چۇقۇم ئاشۇنداق رامكا ئۆلچەملەرگە سېلپ « ئۆلچەم » بۇيىچە ئۆلچەملىك چىققان ئەسەر يېزىش كىرەكمىدۇ؟  ..........؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئاشۇ « ئاشۇ ئۆلچەم» بارلىققاكىلىشتىن بۇرۇنقى ئەسەرلەر نى زادى قانداق يازغان بولغىيدى؟   
مىنىڭىچە ياخىشى ئەسەر بىر يىڭى« ئۆلچەم»نى بارلققا كەلتۈرىشى مومكىن .

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 20:54:36

ukar-as يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 11:00 static/image/common/back.gif
بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن خېلى ئوبدان تونۇشلىقىڭىز ب ...

تىچلىقتۇ...

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 21:14:11

بۇنى ئوبزور دېگىلى بولمىغۇدەك

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 22:16:58

« ئانا يۇرت » ياخشى يېزىلغان رومان بولسىمۇ ئەمما ، ئۇنى كەمكۈتسىز، ئەڭ سۈپەتلىك ، ئۈلگىلىك رومان دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
روماندا ئالدىنقى ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دىن ئىبارەت ئىنتايىن موھىم تارىخىي رېئاللىق ئبەدىئىي نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىلىش مەقسەت قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما مۇشۇ ھەقتىكى بەزى تارىخىي ۋەقەلەر ۋە شەخىسلەر توللۇق يورۇتۇلمىغان .
جەنۇبىي فىرونىت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ باي ناھىيەسىنى ئازات قىلىشى تارىختىكى ئەڭ موھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى ئىدى. چۈنكى باي ناھىيەسى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ئەڭ دەسلەپ ئازات قىلغان جەنۇبتىكى بىردىن بىر ناھىيە بولسىمۇ ئەمما، بۇ ئۇرۇشقا روماندا تۈزۈك سەھىپە ئاجرىتىلمىغان. غۇلجا ھەرەمباغ ئۇرۇشىچىلىك تەپسىلى يېزىلمىغان.
ئۇندىن باشقا روماندا شۇ چاغدىكى موھىم تارىخىي شەخىسلەردىن مەسئۇد سەبىرى ھەققىدە ئازراق بايانلار بېرىلىگەن بولسىمۇ ئەمما ، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئالىپ تېكىنلەر ھەققىدە  تۈزۈك بايانلار يوق.

ئەلبەتتە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى بەك چوڭ تېما .بۇنداق تېمىلارنى تارىخىي رېئاللىقنىڭ چىنلىقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا  ئۇنى بەدىئىي نۇقتىدىن يېزىپ چىقىش ھەقىقەتەن قالتىس ئەمگەك ۋە يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان قىيىن ئىجادىي ئەمگەك  ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ، بۇ ئەسەردە ھەم بەدىئىلىك ۋە تارىخىي ۋەقە ۋە تارىخىي شەخىسلەرنى توللۇق ۋە مۇكەممەل يورۇتۇپ بېرىش جەھەتتە ھەر ئىككى تەرەپتىن  ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەنى تەڭلا ياراتقان دېگىلى بولمايدۇ. مۇبادا بۇ روماندا شۇ چاغدىكى تارىخنىڭ مەلۇم بۆلۈكى ياكى بىر نەچچە تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان بولسا ئىدى بەلكىم زوردۇن سابىرنىڭ قەلىمى بيۇقۇرى ەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتنى يارىتالىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

شۇڭا ، مەن زور تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنىلا بەدىئىي جەھەتتىن يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن يېزىلغان رومانلارنى ئانچە قىزىقىپ ئوقۇمايمەن. چۈنكى بۇنداق رومانلاردا ھەم تارىخىي چىنلىق ھەم بەدىئىيلىك جەھەتتىن تەڭ مۇۋەپپىقىيەت يارىتىش تەس بولغاچقا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئادەمنى رازى قىلالمايدۇ دەپ قارايمەن. ئەمما ، تارىخىنى ئابدۇۋەلى ئەلىدەك ئۇسلۇپتا ياراتقان كىتابلارنى خېلى كۆرۈمەن . سەۋەبى بۇنداق ئۇسلۇپتا يېزىلغان قىسسەلەردە ھېچ بولمىسا بىر دەۋىر تارىخىىنىڭ چىنلىقى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىدىن ئوقۇغان ئادەم رازى بولىدۇ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 22:22:36

مۇبادا بۇ روماندا شۇ چاغدىكى تارىخنىڭ مەلۇم بۆلۈكى ياكى بىر نەچچە تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان بولسا ئىدى بەلكىم زوردۇن سابىرنىڭ قەلىمى بيۇقۇرى ەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتنى يارىتالىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
-----------
بۇ پىكىرگە يۈز پىرسەنت قوشۇلىمەن {:112:}. بولسا مۇشۇنداق ئايرىم ئايرىم يېزىلىپ، بىرەر يۈز رومان مەخسۇس شۇ يىللارغا قارىتىلغان بولسا تېخىمۇ بەلەن بولاتتى.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 11:33:29

ئانا يۇرت مېنىڭ ئاتامنى يازغان، مېنىڭ ئاتام ئانا يۇرتتا يېزىلغان. مېنىڭ ئاتام ئانا يۇرتنى چۈشىنەتتى، ئانا يۇرت مېنىڭ ئاتامنى چۈشەندۈرەتتى... ئوتتۇرىدىكى بۇ باغلىنىش تۇيغۇلىرى ماڭا مىراس قالدى. مەن ئۆزەمنى، ئۆز ماكانىمنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ۋاستىلىرىگە قارىتا قېلىپسىز، ئۆلچەمسىز بىر بوشلۇقتا بولۇشنى خالايمەن، بىراق ئەكسىچە، ئەمما بەزىدە قوۋۇرغىلارنى ئېگىدىغىنى، ئۆزىمىزگە خاس خىياللىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىدىكى، ھاۋاسىمۇ بىزگە يېقىن كەلمەيدىغان بىر ئۆلچەملەردە جىڭلىنىپ كېتىشلىرى) شۇڭا، گەرچە ئۇششاق تىل جەھەتلەردە ئۇششاق كەمچىلىكلىرى بار دىيىلگەندىمۇ، ئانا يۇرت يەنىلا ماڭا بىرىنچى(چۈنكى زوردون سابىرمۇ بىر رېئالىي ئىنسان بولغانىكەن ئەلۋەتتە ئۇششاق خاتالىقلاردىن خالى بولماسلىقى ئېنىق).  مەن ئوقۇغان جىنايەت ۋە جازا، تىرىلىش، ساغرا تېرە... قاتارلىق ئەسەرلەرمۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرلىرىمدە  قەلبىمدە ئالامەت كۈچلۈك بەدىئىي ھىسلارنى ئۇلغايتقانىدى... بىراق، ئانا يۇرت ئەشۇلارنىڭ ھەممىنى كۆيدۈرۈپ گۈلخان قىلغانىدى...

2380534 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 14:14:57

“ئىلى دەرياسى”نىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدا بۇ روماننىڭ قانداق تەھرىرلەنگەنلىكى توغرىسدا بىر ماقالە باركەن.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 14:44:58

زوردۇن سابىر يازاي دېسە بىسىلماي قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ يازالماي قىينالغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار بۇ روماندا .

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 15:20:50

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2015-02-07 14:44:58 static/image/common/back.gif
زوردۇن سابىر يازاي دېسە بىسىلماي قىلىشىدىن ئەندىشە قى
ھازىر بولغان بولسا ھەرگىز بېسىلمايتتى…

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 20:50:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuwruk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 21:06  

-ئانا يورۇت رۇماندىكى پىرسۇناژلار تەسۋىرى ،ئوي -خياللىرى ئارقىلىق شۇ دەۋىرلەر چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن ،مەن بۇ ئەسەرنى ئوقىسام 30-40-يىللارغا قايتىپ كەتكەندەكلا بولوپ قالىمەن..دە ،،ھۇي !مەن ھازىر يىڭى جۇڭگۇدىغۇ دەپ ئۇف دەيمەن..:funk:
-
بەت: 1 2 [3] 4 5
: « ئانا يۇرت » رومانىنى ئاساسسىز سۆكمەيلى