xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 23:53:55

يېقىندا « تارىم » ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان « بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە » ناملىق ئوبزور ماقالىدىن ئاڭقىغان بەتبۇي پۇراق « ئانا يۇرت » رومانىدىن تارقلىۋاتقان خۇشپۇراق ھىدنى، بەدىئىي نۇر-زىيالارنى يېپىۋالغان بولۇپ، « زوردۇن سابىرشۇناسلىق » ئىلمىگە ئەستايىدىل ۋە ئىلمىي پوزىتسىيىدە بولىۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىۋەتتى.

بۇ گەپلەر ماڭا يالايدىغان تاۋىقىنى يوقۇتۇپ قويۇش ئازابىغا چىدىماي قاۋاۋاتقان ئىتنى ئەسلەتتى.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 00:02:30

   ‏«ئانا يۇرت» رومانى تۇنجى نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا سېتىۋېلىپ ئوقىغانىدىم. ئۇ چاغدا مائاشىممۇ بىر نەچچە يۈز يۇەن ئىدى، ئېسىمدە قېلىشىچە، 150سومغا سېتىۋالدىممۇ ئەيتاۋۇر...
‏   كىتاپنى ئالدىم-دە، ياتىقىمغا قايتىپ كىرىپ شۇ يانپاشلىغانچە ئوقۇپ تاڭ ئاتقۇزۇپ، ئەتىسى ئازراق ئۇخلىۋېلىپلا يەنە ئوقۇپ ئىككى كۈندە تۈگىتىپتىكەنمەن. ئەمما، ماۋۇ رومانغا چاخچاق قىلىدىغان رومان ئەمەس، بۇ شەخسىي قارىشىم! مەن نۇرغۇن رومانلارنى ئوقۇپ باققان، دۇنياۋىي رومانلاردىنمۇ ئوقىغانلىرىممۇ ئاز ئەمەس. رېيالىزملىق ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدا يېزىلغان رومانلار ئارىسىدا «ئانا يۇرت» ھەرقانداق دۇنياۋىي رومانلار ئارىسىدا بويۇن قىسىپ قالمايدۇ. يۇمىلاق تاۋۇز ئەسئەت ئەمەت ئۆزىچە ئۆزىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا دائىر بىلىمىنىڭ موللىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا ئەدەبىياتىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىپ تۇرىۋاتقان بىردىن-بىر رومانىمىزغا قارا سوۋايمەن دېگۈچى بولمىسۇن. ئەسئەتنىڭ زەيپانە ئەسەرلىرىنىمۇ ئىلگىرى ئوبېرنىدا ئىشلەتكەنمەن. نەزەرىيە بىلىش يوغان ئىش ئەمەس، بىر نەچچە يىل ئۆگەنسىلا غەرپنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرىنى تىتىۋەتكىلى بولىدۇ. لېكىن «ئانا يۇرت»تەك ئۇنداق گۈزەل ئەسەرنى ھەرقانداق ئادەم تىرىشىپ يازىمەن دەپ يېزىپ بولالمايدۇ...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 00:17:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 00:19  

«بەدىئي ئۆلچەم»نى ئىزدەپ يوللاپ قوياي ئاۋۋال....................

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 00:17:21

ئەسئەت ئەمەت يۇمۇلاقمۇ تۆت بۇرچەكمۇ، بىلىمىنى كۆز-كۆز قىلدىمۇ ئۇ باشقا گەپ، ئانا يۇرت رومانىنى مەنمۇ ياقتۇرىمەن، بىراق ئەسئەت ئەمەتنىڭ ئاشۇ ماقالىسىمۇ ئېسىل ماقالە، ھازىر بىر نەرسە دىيىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، ئەگەر بۇ تېما ھەقىقەتەن مۇنازىرە ھالىتىگە ئۆتسە قايتا ئوقۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئېرىشكەنلىرىمنى ئەسلەشكە تىرىشىمەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 00:26:14

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 00:02 static/image/common/back.gif
‏«ئانا يۇرت» رومانى تۇنجى نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىن ...

قارىغاندا جۇلا ئەپەندىمۇ «بەدىئي ئۆلچەم ھەققىدە» نى تېخى ئوقۇپ باقمىغان ئوخشايدۇ.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 00:47:07

ئۇنى ئوقۇپ باقمىدىم، لېكىن ماۋۇ ئوبزورنى تولۇق ئوقىدىم. «تېنچ دون»نى دۇنيا ئەدەبىياتىدا تۈزۈك ئورنى يوق، دېگىنىدىنلا ساختىپەزلىكى چىقىپ تۇرمامدۇ ئەنۋەر قېرىندىشىم. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەر قاتارىدىن چۈشۈپ قالىدىغان ئىش يوق. «تېنچ دون»نى ئاساسسىز مەسخىرە قىلغىنى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ستالىنىزمنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى سوۋېت روسىيەسىنىڭ ھەممە نېمىسىدىن قارا-قويۇق سەسكىنىش، قارا-قويۇق ئىنكار قىلىشتەك بىر كېسەل پىسخىكىنىڭ تۈرتكىسى بوپتۇ، ياكى ئەسئەت ئەمەت باشقىلاردىمۇ مۇشۇنداق پىسخىكىنىڭ بارلىقىنى بىلگەچكە ئۇستاتلىق قىپتۇ. «تېنچ دون» دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدىكى كاتتا ئەسەرلەرنىڭ بىرى. شۇڭا نوبېل مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشىپتۇ.   

rakita يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 01:51:10

«بەدىئي ئۆلچەم» نى يازغان «ئەدىپ»نىڭ تەرجىمىھالىغا قىزىقىپ قالدىم ئۆزەمچە.... بىلىدىغانلار تونۇشتۇرۇۋەتمەمسىلەر؟  :o

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 02:07:32

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 00:47 static/image/common/back.gif
ئۇنى ئوقۇپ باقمىدىم، لېكىن ماۋۇ ئوبزورنى تولۇق ئوقىدى ...

شۇنداقتىمۇ بىر ۋاقىت چىقىرىپ «بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە»نى ئوقۇپ باقسىڭىز، «بەدىئىي ئۆلچەم ھەققىدە» بىلەن «سۆكمەيلى» دە باشقا-باشقا ئىككى گەپ بولۇۋاتىدۇ.

occult1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 02:38:13

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 02:55:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   A.Qarluq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 03:59  

يازغۇچى ئەسئەت ئەمەتنىڭ «تارىم»دا ئېلان قىلىنغان «بەدئىي ئۆلچەم ھەققىدە» دىگەن ماقالىسى ھەقىقەتەن بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان ماقالە. ئۇنىڭدا «ئانا يۇرت» رومانىلا كونكىرت تەنقىدلەنمەيدۇ. ھەقىقى بەدئىي ئۆلچەمدىن يىراقلىق جەھەتتە ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ئەسەر دەپ قارىلىۋاتقان  «ئانا يۇرت»مۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس دىگەن نۇقتئىينەزەر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ…
مەن «بەدئىي ئۆلچەم ھەققىدە» دىگەن ماقالىنى ۋە بۇ تېمىنى ئوقۇدۇم  ۋە مۇنداق ئويلىدۇم:
زوردۇن سابىر - ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئەدەبىيات ئۈچۈن ياشاپ، ئەدەبىيات ئىشقىدا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ساناقلىق يازغۇچىلىرىنىڭ بىرسى. مەرھۇمنىڭ ئەدەبىيات ۋە بەدئىي ئۆلچىمى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ ئۆزىنى ئۆز مەۋقەسىدىكى ئەشۇ ئەدەبىيات ئۈچۈن بېغىشلىدى. ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە خاس بەدئىي دۇنياسىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ دۇنياۋى ئۆلچەمدىكى كاتتا يازغۇچى بولالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى دەۋىردىكى كاتتا يازغۇچىسى، بۈيۈك يازغۇچىسى. «ئانا يۇرت» رومانى ئۇنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىنىڭ يۈكسەك چوققىسى. ئۇ نىمىلا بولمىسۇن بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز، ئۆكۈنۈشلىك، ئارزۇ-ئارمانلىق جەڭگىۋار بىر دەۋىرنى بەدئىي ۋاستە ئارقىلىق ئەسلەتتى…«ئانا يۇرت » سەنئەت مەقامىغا يەتكەن، يۈكسەك بەدئىي ئۆلچەم نۇقتىسىدىن 100 دە 100گۈل كەلتۈرۈۋەتكەن، نۇقسانسىز ئەدەبىي ئەسەر بولۇشى ناتايىن. ئەمما، ئەمما، پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنىشقا تېگىشلىك ئەخلەت ھىساۋىدىكى ئەدەبىياتتىن يىراق قەغەزلەر توپلىمى ۋە يېزىق دۆۋىسى ھەم ئەمەس…ئۇنىڭدا بەدئىي لەززەت بېرىش ۋە ئىستىتىك تەسىر جەھەتلەردە ئىنساننىڭ يۈرىكىدىكى نازۇك تۇيغۇلارغا، چوڭقۇر رېتىمغا سىڭىپ كىرىپ سەنئەتلىك ھوزۇر بېغىشلىيالايدىغان ماگنېتتەك تارتىشچان، مۇھەببەتلىك، تەسىرلىك، دولقۇنلۇق، گۈزەل بىر ئېقىم باشتىن- ئاخىرى سويلاپ تۇرىدۇ…ئۇنىڭدا مۇرەككەپ ئېدىلوگىيەلەر بىلەن خارەكتېرلەنگەن كەلگۈسى نامەلۇم بىر دەۋىرنىڭ  ۋە ئۇنىڭدىكى  شەخىسلەرنىڭ بەدئىي ئەسلەتمىسى ۋە رېئال خاتىرىسى بار. شۇڭا، روماندىكى ئاپتور(بايانچى) مەۋقەسىدىن ئىدىئولوگىيە ۋە سىياسىينىڭ روشەن ئىپادىسى ئەسەرگە تامغىلانغان…ئۇنىڭ رېئالىزىم ئۇسلۇبىدىكى ۋە ھەتتا تارىخىي رېئاللىق تېمىسىدىكى رومان بولغانلىقى ئۇنىڭ چېنىشقا تېگىشلىك تەرىپى ئەمەس؛ رومانتىزىمدا ياكى مۇدېرنىزىم ئېقىملىرى بولغان ئاڭ ئېقىنى، تەسىراتچىلىق، يېڭى پىروزىچىلىق، كەلگۈسىزىم، سېھرىي رېئالىزىم ئۇسلۇبىدا يېزىلماسلىقى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىمۇ ئەمەس؛ گارسىيە ماركوز، توماس مان، ئالبىرت كاموس، ھېمىڭۋاي ، مېلان كوندېرا، كاۋاباتى ياسونارى، ئورخان پاموكلارنىڭ قەلىمىدىن چىققاندەك يېزىلماسلىقى ئەسەرنىڭ ئەجەللىك ئىنكار قىلىنىدىغان تەرىپى ھەم ئەمەس...ھەرقانداق مۇھىتنىڭ، زاماننىڭ، دەۋىرنىڭ ۋە ماكاننىڭ ئۆزىگە لايىق دەرىجىدىكى ئەدەبىياتى ۋە يازغۇچىلىرى بولىدۇ، بۇنى شۇنداق چۈشەنسەك مۇۋاپىقمۇ-ئەمەسمۇ؟ بۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ  ئەدەبىياتنىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچىنى  ۋە بەدئىي ئۆلچەمنى ئۆزىمىزگە لايىق تۆۋەنلىتىشىمىز كېرەك دىگەنلىك ئەمەس! بىز ئەدەبىياتىمىزغا، جۈملىدىن ئۇنىڭدىكى بەزى شەخىسلەرگە باھا بەرگەندە، ھەرتەرەپلىمە چىقىش نۇقتىسى بويىچە ئوبېكتىپ شارائىت ۋە مۇھىتتىكى ئىمكانىيەتلەرنىڭ ماس ھالدىكى ھاسىلاتىنى نەزەرگە ئالساق قانداق بولار؟ ئەلۋەتتە، شامال رەپتارىغا كىرىۋېلىپ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى زامان رەققاسلىرىدەك كۈلكىلىك ۋە ئېچىنىشلىق رولنى ئالغان ۋە ئېلىۋاتقان، ئۆزىنى ئەدەبىيات ئادەملىرى دەۋالغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ «ئەدەبىيات»ى بۇنىڭدىن مۇستەسنا…يەنە دىسەك،  زوردۇن سابىر- بىر ئۆمۈر ھەقىقى ئىجتىھاد ۋە ئىزدىنىش بىلەن ئۆتكەن ھالال مەۋقە بىلەن ئەدەبىياتقا ئەقىدە قىلىپ ياشىغان يازغۇچى. ھەرھالدا ئۇ ئۆمۈرلىك ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەدەبىياتقا  بەدەل قىلدى. قانداق ئەگىر-بۈگرى يوللارنى باسمىسۇن ھەقىقى ئەدەبىيات ئۈچۈن ئىنتىلىپ ياشىدى. قانداقتۇر ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر ئادەملىكى ۋە ئىزدىنىشچان ھاياتى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەرىپىنى ئېلىشقا ئاساس ھازىرلاۋاتقىنىمىز يوق…  «ئانا يۇرت» رومانى- نىمىلا بولمىسۇن ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى يۈكسەك ئورۇندا سانىلىدىدىغان، ھېچبولمىغاندا ئىنسانىيەتتىكى  ئورتاق ئەدەبىيات ئۆلچىمىگە يېقىنلاشقان ساناقلىق ئەسەرلىرىمىزنىڭ بىرسى…

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 07:37:13

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 23:21 static/image/common/back.gif
« ئانا يۇرت » رومانىنى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىللىي  ...

:lol ;P

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:36:57

ھە يييييييي  بىزدە بۇنداق ئوبزۇر يازدىغانلار جىققۇ بۇ بىر سۇنىڭ ئۈستىگە لەيلەپ چىققىندىن بىرسى خالاس. باشقا ئوبزۇرچىلارنىڭ گىپىنى قىلسام ما مۇنبەردىن ھەيدىلمەن شۇڭا ئەدىپلىرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياخشى يامان قارشى پىقىر ئەپسۇندىن مىڭ ئۈستۈن بولغاچ ئوشۇق گەپ قىلغۇم يوق ،مەرھۇم زۇردۇن سابىرغا ئوخشاش يازغۇچىلىرمىزغا ھۇجۇم قىلپ نام چىقىرىشنى كەسىپ قىلغانلار بۇلام ئەمەس{:104:}

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:38:38

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 23:21 static/image/common/back.gif
« ئانا يۇرت » رومانىنى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىللىي  ...

ھاھاھا ماگەپنىڭ سىسىق لىقىنى{:87:}

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:45:25

  ئانا يۇرتنى ماۋۇ ھاجى مۇرات دىگەن ئەسەر بىلەن سېلىشتۇرۇش مىنىڭچە ئانا يۇرتنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرگەنلىك بۇلىدۇ . قالغان گەپنى بۇ ئوبزورنى ئۇقۇپ بۇلۇپ بىر نەرسە دىيىشسەك بولغۇدەك ، تىزراق يوللاپ قويساڭلار ............

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:46:20

بىرچاغ بىر ئەدىپ ، مۇدۇرنىزىنمنى ئەمدى باشلىغان ،ئنسان تەبىيتيدىكى رەزل روھنى ئاشكارلىغان بىر يازغۇچىغا يوغان قالپاق كەيدۈرۈپ ئۇ كىشنى خىلى خاپاقىلغان ، يەنە شۇ ئەدىپ بىزنىڭ ھەجۋى ھىكايە يازغۇچىمىز بولغان مەلۇم بىرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ بۇرنىغىچە تويغان يەنە ئۇ ئوبزۇرچى ئەدىپ مەرھۇم زۇردۇنكام نىنىڭ «ئاتا» رومانىنى تازا سۆكۈپ ،ئۆز كۆزقارشىندىكى «چىقىلغىلى بولمايدىغان رايۇن»غا  چىقىلىپ بىزنى قارا قوياق( ئولۇغلارغا) ئەگىشىپ ھەممە نەرسىىنى يوغان بۈلدۈڭ دەپ كايىغان ،يەنە ئو ئەدىپ بىر يوملاپ «خەلىق» بايرىقىنى كۈترۈپ ئۈز شەخسىيەتچىلكىنى يىپىپ خەلىقنىڭ ياخشى ئوغلانى بولۇپ ئۆزى قارشى تۇرغان  «چىقىلغىلى بولمايدىغان رايۇن» نى بەرپا قىلدى ،مانا .ئوبزۇرچى دىگەن چاۋاك ھە چاۋاك ھەي پۇتۇڭدا .ئەمەس قولۇڭدا چال چاۋاك دىگەننى{:118:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:52:16

بەدىئى ئۆلچەم ھەققىدە  پات پۇرسەتتە يوللىنىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:54:24

ئەۋەل ئوبزورنى ئوقاڭلا.

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:00:11

2014-يىلى 9-ئايدا يىزىپتىما؟ بۇنى يازغان كىمكەن زادى ؟تارىم ژۇرنىلىنى ھازىر تاپقىنى بۇلامدۇ ؟
…………………………
بۇ ئوبزورنى يوللىغۇچى ئاشۇ ئوبزورنىمۇ قۇشۇ پ يوللىۋەتكەن بولسا، ئىزدەپمۇ كەتمەستى ئادەم. ئادەمنىڭ كۆڭلى ھەجەپ بىر بولدىيا ……

Toshuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:00:31

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 00:02 static/image/common/back.gif
‏«ئانا يۇرت» رومانى تۇنجى نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىن ...

ماختاش دۇنيادىكى ئەڭ ئوڭاي ۋە بىخەتەر ئىش بولسا كېرەك.:P :P

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 11:00:35

babur729 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 20:53 static/image/common/back.gif
‹‹تارىم››ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9-سان مۇندەرىجىسى

پوۋ ...

بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن خېلى ئوبدان تونۇشلىقىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟؟؟
بەت: 1 [2] 3 4 5
: « ئانا يۇرت » رومانىنى ئاساسسىز سۆكمەيلى