GERIP يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 20:25:48

دوسلا بەدىئى ئۆلچەمنى قايسى ئورۇن تۈزىدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:09:41

بەدىئىي ئۆلچەمنى سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىشىپ تۈزىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۆلچەم ئوخشاش بولمىغاچقا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بەدىئىي ئۆلچەممۇ ئوخشاش ئەمەس. غەرب بۇرژۇئازىيەسىنىڭ چىرىك ئىدىيەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئىنسانلارنى چۈشكۈنلۈككە يېتەكلەيدىغان ئەسەرلەر ھەرقانچە داڭلىق بولۇپ كەتسىمۇ ئۇ پەقەت شۇ غەربتىكى چۈشكۈن ئىنسانلارغىلا ماس كېلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمىزگە خاس بەدىئىي ئۆلچىمى بار. خەقنىڭكىنى كېرەك قىلمايمىز. ئەدەبىيات دېگەن ئادەم تەربىيەلەيدىغان كەسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، جەڭگىۋارلىق، ياخشى ئىش، ياخشى ھەرىكەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇماسلىق كېرەك.{:92:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:26:50

ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 19:15 static/image/common/back.gif
تورداشلار ئانا يۇرۇتنىڭ پ د ف نۇسخىسى قانچىنچى نەشىرى  ...

مىنىڭچە 1-چىسى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:30:07

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 00:02 static/image/common/back.gif
‏«ئانا يۇرت» رومانى تۇنجى نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىن ...

ئەسەت دىگەن كىمكىن بىلمەيدىكەنمەن ، ئەمما ما ئىنكاسمۇ يازغۇچىنىڭ قۇلىدىن چىققان ئىنكاس ئىكەنلىگىگە ھەيران قېلىۋاتىمەن ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:53:00

      ئانا يۇرت رومانىنى ئۇيغۇر رومانچىلىقى ئىچىدىكى بىرىنچىسى دىيشكە قۇشۇلمايمەن ،
      بىرىنچىدىن ئۇنىڭدا زىددىيەتلىك مەزمۇنلار بار .( ئۆزى ئۆزىنى ئىنكار قىلىدىغان تەسۋىرلەر )  ،
      ئىككىنچىسى ، بەك ئۇچۇقلاشتۇرۇۋېتىلگەن  جىنسى تەسۋىرلەر بار ، ھەم ئاپتۇر شۇنى قوللاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قۇيىدۇ ، بۇ كىتاپنىڭ گىپى چىقسىلا بۇ كىتاپنى دەسلەپ ئۇقۇغان ۋاقتىم كۆز ئالدىمغاكىلىدۇ ..
مەنغۇ بۇ كىتاپنى نەچچە قېتىم سېتىۋىلىپ ئۇقۇدۇم ، خەجلىگەن پۇلۇمغا نىسبەتەن بۇ كىتاپ ھەقىقەتەن قەغەز نەرقى ئەرزان ھىساپلىنىدۇ .....
     بۇ ئەسەر ئەل ئارىسىدا زىيادە كۆككە كۆتىرىلگەنلىكتىن ئۇنىڭدا ساقلانغان نوقسانلارنىڭ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغىنىمۇ خاتا ئىش ئەمەس ....
    مۇنازىرىلەر دوستانە تەرىزدە داۋاملاشقىنى جىق ياخشى ....
   ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ، جالالىدىن بەھرام ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىدىن قالسا ، زوردۇنكامنىڭ رومانلىرى تۇرىدۇ ، دەپ ئويلايمەن ، زوردۇنكامنىڭ ئەسەرلىرى ئادەمنى شۇنچىلىك جەلپ قىلسىمۇ ، بىر يەرلىرى كەمتۈك ، بىر يەرلىرى  زىت ، ئەسەرلىرىدىكى قەھرىمانلار تەكرارلانغاندەك ....

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:08:36

مەنمۇ ئاۋازلىق نەشىرىنى  پەقەتلا  ئاڭلىغۇم  كەلمىدى .(  ئاڭلىغۇم  كەلمىدى  ئەمەس بەلكى  شاگىرتلىرىم  بىلەن  ئىش ئورنىدا  بىرگە ئاڭلاشتىن خىجىل  بولدۇم )

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 11:04:25

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 00:02 static/image/common/back.gif
‏«ئانا يۇرت» رومانى تۇنجى نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىن ...

ۋاي، سىزمۇ كالتەكچىكەنسىزغۇ؟ پوپاڭدۈيدىنمۇ يا؟ قانداق مۇقەددەس كىتاپ ئۇ تىل تەككۈزگىلى بولمايدىغان؟! بىلسىڭىز سىز يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ، بىز بىلمەي قالغان ئېسىل يەرلىرىنى.
ئايلىنىپ كېتەي، ئاۋۇ تېما ئاپتورىنىڭ «زوردۇن سابىرشۇناسلىق ئىلمى» دېگەنلىرىدىن! بىر ئىلىم بارلىققا كەپتۇ-دە؟ خارۋاردتا بىر پاكۇلتېت ئېچىلىپتۇ دەيدۇ، راسمىدۇ؟ مۇشۇ يېڭى ئىلىمدىن دۇنيا خەلقىگە ئۈگۈتۈلۈدىكەن.

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 11:06:12

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 00:17 static/image/common/back.gif
«بەدىئي ئۆلچەم»نى ئىزدەپ يوللاپ قوياي ئاۋۋال................. ...

شۇنداق قىلىڭە، بەك قىزىقىۋاتىمەن. ئوبزورنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن مەبۇدچىلار بىلەن راسا بىر تۇتۇشايلى.

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 11:13:03

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 11:03 static/image/common/back.gif
‏Toshuk، تور نامىڭىز ئېنگىلىز تىلىدىكى باشقا بىر مەنىسى ب ...

دانالارنىڭ بىر گېپى يادىمغا يەتتى: ھەر كىم ماقۇل دېيەلەيدۇ، ياق! دېيىشكە جاسارەت كېرەك.

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 11:17:28

tashadem يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 11:10 static/image/common/back.gif
نوپۇسى ئاز توپلۇمدا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان، ئامما پ ...

بەك ياخشى گەپ. ئۆزىڭىز بولۇشقا يول يوق. سىزىپ بېرىلگەن ئۆزىڭىز بولىشىڭىز كېرەك. كونسېرۋاتىپلار مانا شۇنى دېمەكچى. سەن نېمىشقا بىزدەك بولمايسەن؟ سەن نېمىشقا ئوخشاش پىكىر بايان قىلمايسەن؟ يەسلى باللىرى دېگەن ئايىسىنىڭ يېتىلىشى بىلەن بىر ئىزدىن مېڭىشى كېرەك!

uyghuryar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 01:48:13

bozqir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 22:16 static/image/common/back.gif
« ئانا يۇرت » ياخشى يېزىلغان رومان بولسىمۇ ئەمما ، ئۇنى ...

مەن بۇ روماندىكى نۇرغۇن تەپسىلاتلارنىڭ تەھرىرلەش جەريانىدا قىسقارتىلغانلىقىنى ئاڭلىغان...

nasen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:45:56

مەن بۇ تىمىدا ئەسلى ئەسەرنىڭ كەم قالغىنىنى كۆرۈپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ئەسەرنىڭ «شىنجاڭ ئوبزورچىلىقىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان نۇسقىسىنى يوللاپ قويدۇم.

nasen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:09:04

ئەسلى سۇرەت ئېنىق ئىدى. يوللانغىنى ئېنىق بولماپتۇ. يەنە بىريوللاپ باقاي. ئەگەر يەنىلا ئوخشاش بولۇپ قالسا باشقۇرغۇچىلار ئېغىر كۆرمەي بىرسىنى ئۆچۈرۈۋەتسە.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 14:40:10

مەرھۇم شۇ روماننى يىزۋاتقان ۋاقىتتىمۇ دۆلتىمىزدە سىياسەت دىگەن نەرسە مەۋجۈت بولغۇيتى بەلكىم .{:136:}

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 20:51:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 21:03  

  ئۇيغۇر ئوبزورچىلىقىدا  ئەسەرنى ئەمەس، يازغۇچىنى تەنقىد قىلىپ كېتىدىغان،  «ئوبزور يېزىش ئۈچۈن » ئوبزور يازىدىغانلار  خېلى بار...

hotanboyxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 21:12:01

يېڭى ئىنكاس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hotanboyxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 21:13  

بۇ يازغۇچىمىزنىڭ « ئانا يۇرت » روماننى تولۇق ئوقۇدۇم، ئويلىنىشلاردا بولدۇم، بولۇپمۇ باش قەھرىمان نۇرى ھەققىدە، نۇرى ئەسلى سەلبى پىرسۇناژ ، لېكىن يازغۇچى سەۋەنلىكتىنمۇ، مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىنمۇ، ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ ، ئىشقىلىپ ئۇنى ئىجابىپىرسۇناژ قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ .
نىمىشقا؟«ئانايۇرت» رومانىنى ئوقۇغانلار بىلىدۇ، نۇرى ئەسلى سەبىخە بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ، لېكىن ئۇنى قۇغدىيالمايدۇ، ئىگە بولالمايدۇ، ئۇنى شىڭ شىسەينىڭ ئەمەلدارلىرى ئاياغى ئاستى قىلىدۇ، كېيىن سەبىخە قايتىپ كەلسە نۇرى ئۇنى تونىماس بولىۋالىدۇ...
ئەمدى نۇرى سەبىخەنىڭ سىڭلىسى پەرىخە بىلەنمۇھەببەتلىشىدۇ، كېيىن ئۇنىمۇ تاشلىۋىتىدۇ، پەرىخە باشقىلارنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.
ئانىسىدىن، ئاچىسىىدىن ئايرىلغان يىگانە-بىچارە يىتىم قىز روھى كىسەل بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى نۇرى كاتتا باينىڭ قىزى بىلەن توي قىلىدۇ . توي قىلىشتا كاتتا باي ئىلىخان تۆرىگە سوغات بىرىپ نۇرىنى ئالدىنقى سەپتىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
نۇرى ھايات- ماماتلىق پەيىتلەردە ، ئەل ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن بۇلۇۋاتقان كاتتا جەڭلەردە شېھىت بۇلۇشنى تاللىماي، قولىدىكى قۇرالنى تاشلاپ كاتتا باينىڭ قىزىغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتىن چېكىنىدۇ.
ئۇ جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولمايدۇ ... تويۇقسىز بىر كۈنى ئارقىسىدىن كەلگەن غايىپ ئوقتا ئۆلىدۇ ...
قىسقىسى ؛ نۇرى ئەخلاقسىز، غۇرۇرسىز ،ۋاپاسىز، ئىتىقادسىز بىرپىرسۇناژ .
ھەيرانمەن ، يازغۇچى مۇشۇنداق بىر كىشىنى رومان باش قەھرىمانى قىلىپ ماختايدۇ، مەدىھىيەلەيدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت نېمە ؟ ئەجىبا مۇشۇنداق ئەخلەتلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلار ھايات يولىدا ئۆزىگە ئۈلگە قىلسۇن دېمەكچىمۇ ؟

يازغۇچىنىڭ بۇ سەلبى باش قەھرىماننى ماختاپ كۆككە كۈتۈرۈشىنى قانداق چۈشىنىمىز ؟

«لوتپۇللا مۇتەللىپ» لەردەكلەرنى رومان باش قەھرىمانى قىلىپ تۇرۇپ تارىخنى بايان قىلغىلى بولماسمىدى ... ئەجىبا بىزنىڭ بۇ يازغۇچىمىزغا مۇشۇنىڭدىن باشقا بايان قىلىش ئۇسلۇبى تېپىلمىغانمىدۇ !؟

روماندا شەھۋانى تەسىۋىر-بايانلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرى ئەدەبىيات دەرىسىدە رومان توغرىسدا مىسال ئالغاندا، ئەڭ بالدۇر مۇشۇ «ئانا يۇرت»نى تىلغا ئالىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ، سەبىيلەر بۇنداق تەسۋىرلەرنى ئوقۇسا ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قەلبىگە سەلبىي تەسىر قىلىدۇ.

يازغۇچىمىزنىڭ تارىخنى بايان قىلىپ ئەۋلادلارنى تەربىيلەشتەك ياخشى نىيتى بولسىمۇ، قوللانغان يېزىقچىلىق ئۇسلۇب-مىتودى توغرا بولمىغان، ئۆز قەۋمىنىڭ دىنىي ئىتىقاد، ئەخلاق، خاراكتىر جەھەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى، دەۋىر ئىھتىياجىنى چۈشەنمىگەن، ياكى رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ئىزدىنىش رومانىدىكى «ئەلا»، ئارچا ياپرىقى پوۋىستىدىكى «ئېلى»، قەدەم ھېكايىىسىدىكى «ئېلى»، ئانا يۇرت رومانىدىكى «نۇرى» قاتارلىق ئوبرازلارنىڭ خاراكتىرى ئوخشاش، گەرچە بۇ ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن دەۋىر ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما رىئاللىققا قارايدىغان بولساق، كوممىنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىزىم دەۋرىدىلا «نۇرى» دەك خاراكتىر يىتىلىدۇ، بۇ تۆت خىل ئەسەردە ئوخشاش بىر ئوبرازنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ، بولۇپمۇ ئانا يۇرت رومانىدا چىقىپ قېلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

روماندا ئاپتۇرپىكىر قىلىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئايرىم بىر لىنيەدە ماڭىدۇ، پىكىر ئۇ مەلۇم بىر خىل تارىخى شارائىتنىڭ ئىنسان ئېڭىدا شەكىللەنگەن ئىنكاسىدۇر، غۇلجىدەك «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» نىڭ ئىزنالىرى مەۋجۇت رايۇندا يۈزبەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە، تەپەككۇر قىلىشنى ئۈزىگە بۇرچ قىلغان ئۇ ئىنساننىڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرىدە پىشقەدەملەرنىڭ ئازتولا گىن-ئىلمىنىتلىرى بولىدۇ، ئەمما يازغۇچىمىزنىڭ بۇ ئەسىرى ھەققىدە ئويلىنىدىغان بولساق، بۇ جەھەتتە بەكمۇ تۇزسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز...

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:18:56

ئەينى چاغدا بۇئەسەرنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىشنىڭ قانچىلىك تەسكە چۇشكەنلىگىنى جىق دوسلار بىلمىسە كېرەك،ئەينى چاغدا بۇئەسەرنى تېزدىن ئېلان قىلىۋېتىش تولىمۇ زۇرۇرتى ،شۇ سەۋەپ قىسمەن نۇىسانلاردىن ساقلقنالمىغان ،يۇزدە يۇز كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى بۇئەسەرنى قايتا-قايتا پىشقلىپ مۇككەممەلەشتۇرۇپ ئەمدىلەتتىن ئېلان قىلىمەن دىسە يوق بولاتتى.

hotanboyxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 12:18:49

...
بەت: 1 2 3 [4] 5
: « ئانا يۇرت » رومانىنى ئاساسسىز سۆكمەيلى