مۇبارىز دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى توغرىسىدا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى، يېقىندا ئايالىم ئوغۇل يەڭگىگەنىدى، چوڭ ئوغلۇمنىڭ مۇخلىس دېگەن ئىسمىغا يېقىن قىلىپ، كىچىكىگە مۇبارىز دېگەن ئىسىمنى قويغان، مەن بۇ ئىسىمنى ئوكيان تورىدىن كۆرۈپ تاپقانىدىم، مەنىسى خىللانغان، پالۋان دېگەن مەنىلەردە ئىكەنتۇق، ئىسىم قويغان كۈنى قارىم بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىگە تازا ئىشەنچ قىلالماي تەستە قويۇپ بەرگەنىدى، ئىككى كۈندىن كېيىن چوڭلار يەنە كەپتۇ، بۇ ئىسىم بولمايدىكەن، مەنىسى بەك ناچاركەن، ناسارالار قويىدىغان ئىسىمكەن دەپ، شۇڭا بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئەھلىدىن بىلىدىغانلار بولسا ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرسەڭلار دەپ تېما يوللىشىم ئىدى، ئاللاھ ھەممىڭلارغا رەھمەت قىلغاي! ناسارالار سارا، ئادەم، جەبرائىل، ئىيسا، مۇسا، يۈسۈپ، مىكائىل، نوھ... دېگەندەك ئىسىملارنىمۇ قويىدۇ. گۇدلاكنىڭ دىگىنىدەك خىرسىتىيانلارمۇ ئىنجىلدىكى بايانلارغا ئاساسەن بىزنىڭكىگە ئوخشاش ئىسىم قويىدۇ.ئادەم‹ئەدام›، ھەۋۋا ‹ئېۋ›،جەبرائىل‹گەيبىرىيول› ، ئىيسا‹جىزىس›، مۇسا‹موسىز›، يۈسۈپ‹جوسىف› مىكائىل ‹مايكول›، نوھ ‹نوھا›مەريەم‹مەرىي›، داۋۇد‹دەيۋىد›...ئەمما خىرسىتىيانلاردىن مۇھەممەد دەپ قويىدىغانلىرى يوق.{:87:}
توردىن ئاختۇرۇپ باقسام مۇبارىز دىگەن ئىسىمنى ساپلا بالقان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەرلەر كۆپرەك قويىدىكەن. قارىممۇ بىلەلمىگەن بولسا بەك سىرلىق ئىسىم ئوخشايدۇ.:lol
ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق ئىسملارنى قويسىڭىز بولاتتى. قۇرئانچە بالىلار ئىسمى دىگەن توربەتتە ، بۇنى پەرەڭلەرنىڭ دىمەپتىيا ؟:lol
http://quranicnames.com/mubariz/ ماۋۇ توربەتنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز ، راست قۇرئانچىكەن دەپ گۇمانى يوقىلىدۇ.:lol
http://mobarez.net/
ئەسلى بۇ ئەرەپچىدىن كەلگەن ئىسىمكەن .
ئەرەب ۋە ئوردۇ مۇسۇلمانلىرى كۆپرەك قويىدىكەن. دوئىلىغا چۈشكىچى،جەڭچى دەپ مەنىسى بار ئىكەن.
http://themeaningofthename.com/mubariz/AC
مۇخپۇل ياكى مۇنىردىن دىگەندەك ئاممىۋى ئىسىملارنى قويسىڭىزمۇ بۇ ئاۋارىچىلىق بولماستى، مەنغۇ بالا چوڭ بولغاندا خەققە ئىسىمىنىڭ مەنىسىنى شەرھىيلەپ ھېرىپ كەتمەيدىغانراق،ئاڭلىماققىمۇ يېقىشلىق ئىسىم قويسا دەيدىكەنمەن…
مەنىسىغۇ ياخشى ئىسىمكەن ،ئوغلىڭىزنىڭ بەردەم چوڭ بولىشىنى تىلەيمەن… بۇ ئىسىم، دوئىلغا چۈشمەك، قۇچاقلاشما جەڭ قىلماق دىگەن پىئىلدىن چىققان؛ مۇبارىز يۇقىردا دىيىلگەندەك دوئىلغا چۈشكۈچى ياكى جەڭچى دىگەن مەنادا بولىدۇ ؛
بۇئىسىملارنى مەن كەمدىن -كەم ئۇچراتقان . ئۇيغۇر تەگئاتلىرىدىن قويمامسىز؟ نىمە قىلار مۇشۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىمۇ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان ئەرەپچە ئىسىملارنى قويىۋېلىپ pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 08:15 static/image/common/back.gif
قۇرئانچە بالىلار ئىسمى دىگەن توربەتتە ، بۇنى پەرەڭلەر ...
بۇ تور بەتكە ئىسىمنى قانداق يازىدىغان بولغىيدۇق ؟
uly ياكى قانداقلا يازاي ئىسىىم چىقمايدا؟ Erktekin يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 09:30 static/image/common/back.gif
نىمە قىلار مۇشۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىمۇ مەنىسىنى چۈشەنمەي ...
ئەگەر ئەرەپچىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، تىلىمىزغا ئەرەپ تىلدىن كىرگەن بىرمۇ سۆزنى ئىشلەتمەي گەپ قىلىپ بىقىڭ، بۇ ھالدا سىزنىڭ گىپىڭىزنى قايسى ئۇيغۇر چۇشىنىدىكىن؟ kuysoyar يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 09:45 static/image/common/back.gif
بۇ تور بەتكە ئىسىمنى قانداق يازىدىغان بولغىيدۇق ؟
uly ي ...
http://quranicnames.com/
ماۋۇ يەردىن ئىزدەيسىز، search دىگەننىڭ يېنىغا لاتىنچە يېزىپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ .
مۇبارىز---برز،دىن تۈرلەنگەن ئەرەبچە قەھرىماننىڭ سۈپىتى بولۇپ، قەدىمقى زاماندا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش باشلاشتىن ئاۋال ئىككى تەرەپتىن باتۇرلار ئوتتۇرغا چۈشۈپ يەكمۇ يەك ئېلىشىدىغان ئىش بولغان. مۇشۇ مەيدانغا چۈشكۈچى پالۋان: مۇبارىز، دېيىلىدۇ. ئەرەبچە ئىسىممۇ بولىدۇ، ئەمما بىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە ئىسىم قويساق نېمە بولىدۇ؟ بۇرۇنلاردا ئىسىم قويغاندا شۇنداق ياخشى مەنىلىك ئىسىملارنى قوياتتۇقكەن. ئىسلام دىنىنىمۇ قوبۇل قىلغاندا شۇنداق ياخشى ئەرەبچە ئىسىملارنى قويالاپتىكەن ئەجدادلىرىمىز. ئەمما بىزگە كەلەەندە ئەرەبچە ئىسىمنىمۇ ئوڭشاپ قويالمايدىغان، مۇھەممەدنى مەمەت، مەھمۇدنى مامۇت، بۇۋىمەريەمنى بۇمەريەم.... دەپ كەلسەك بەك جىق. يەنە گېپى يوغان بەزەنلىرىمىزنىڭ، قۇرئاندا بار ئىسىمنى قويدۇق دەپ، قۇرئاندىن ئىزدىسە ئۇ ئىسىم چىقمىغان، سورىسا مەمەت دېگەن مۇھەممەد دېگەن ئىسىم شۇغۇ دەپ گۆلىيىپ قاراپ تۇرغان! ئاتا-ئانا بالىنى تېپىپ قويۇپ قورسىقىنى، كىيىمىنى، ياتىدىغان يېرىنى تەل قىلىپ قويسىلا بولمايدۇ! بۇنداق قىلىشنى كالا جېنىدىمۇ قىلالايدۇ. شۇڭا ھامىلە قورساققا ئۈنگەندىن باشلاپلا ھامىلىگە كۆڭۈل بۆلۈنىشى، تۇغۇلغاندا بولسا ھەققىي ھۆرمىتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىسىملارنى تاللاپ قويۇشى، ياخشى تەربىيەلىنىش مۇھىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى، ھەممىدىن مۇھىمى ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى تەربىيەچى بولۇشى بەك مۇھىم. «قارىم»لارنىڭمۇ بىلىملىكلىرى ، مەسئۇلىيەتچانلىرى ، بىلىمسىزلىرى ، ئازراق بىر نېمە بىلىپلا ئىمام بوپ قېلىپ ،خەق بەك كۆتۈرىۋىتىپ شوتىدىن چۈشەلمەيۋاتقانلىرى -شۇ ھالدا بىلمەيمەن دېسە خەقنىڭ ئاھانىتىدىن قورقۇپ ، ئاغزىغا كەلگەنچە بىلەرمەن بولىۋاپبارىدىغىنى بار. ئەسلى گۇناھمۇ - كېيىنكى بىلەرمەن بولىۋالغان ،ئىككىلا ئالەملىكىنى ئۆزىگە زىيانلىق نەرسىگە تېگىشىۋاتقان بىلەرمەنلەردىمۇ ئەمەس. بەلكى شۇلارنى «قارىم» ،«داموللا» ئاتاپ ، ئۇلارنىڭ دىننى ئىلىمدا قانچىلىك بىرنىمە بىلىدىغىنىنى سۈرۈشتۈرمەي ياكى تارازىدىن ئۆتكۈزمەي ، كۆتۈرۈپ شوتا بېشىغا ئېچىقىپ قويغان سىز ،بىز نادان بايقۇشلاردا...
ئىسىم دېگەننى - ھەربىر ئەركەك ئەسلى ئۆزىمۇ ئىزدىنىپ تاللىغىلى بولىدىغان نەرسە. مانا توردىمۇ لىققىدا بار . ھىچ بولمىسا ، يۇرتتىكى ئەڭ داڭلىق ئۆلىمادىن سورىسىمۇ مېنىڭچە ئاساسەن چاتاق چىقمايدۇ.
ئۆزىمىز بەزى بايقۇشلارنى تاختا بېشىغا چىقىرىپ قويۇپ ، ئۇلار بىلمىگەنگىمۇ پەتىۋا پىچىپ ،ئۆزىنى ئازدۇرىدۇ ،باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇ بۇ ئىش بولسا «قارىم» مانداق دېگەن دەپ توردا بىر غەيۋەت باشلانسا ، ئىسلامىي گۈزەل نام بولغان بۇ نامغىمۇ خەق مىيىغىدا كۈلىدۇ ، تەنە قىلىدۇ ،بەك ئەبگالىرى ھەتتا دىنغىمۇ ھاقارەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئاندىن ئىلىمدە ۋە ئەمەلدە بار بىرى «يار ئېغىزىدا قالدىڭ ، ياخشى يولغا ماڭ....»دەپ نەسىھەت قىلسىمۇ ،ھېلىقى قارىم دېگەن شۇغۇ....دەپ بويۇن تولغايدۇ.
شۇڭا ئامال بار ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىز قىلىپ ئادەتلىنەيلى . قىلالمىساق باشقىلار قىلغانغا كۆنەيلى .
يەنە بىرگەپ : ھەربىر كىشىدە مۇئەييەن ئىلىم بولىدۇ ،بىلەلمەيدىغىنى بولىدۇ ،بىلەلەيدىغىنى بولىدۇ. بىر ئۇستا ،بىر ماشىنىنى ئوڭشاشنى بىلمەي باشقا يەرگە بۇيرۇسا بۇ كۈلكىلىك ئەمەس ،ئادەتتىكى ئىشتەك بىلىنىدۇ. قىزىقى - بىر قارى ،ياكى موللا بىر ئىشنى بىلەلمىسە، ماۋۇ «ئوت يۈرەك»زىيالىلار ئارىسىدا كۈلكىلىك ئىش ، مەسخىرىلىك ئىش بولۇپ ئوت ئېچىلىدۇ.
ھەرھالدا ھايا قىلىپ ياشايلى. ئۇيغۇرچە ئىسىم قويسا موشۇ ئاۋارچىلىق يوق، ئەرەپچە ئىسىم قويۇپ ئەرەپ بولالمىدۇق ، پارىسچە ئىسىم قويۇپ پارىس بولالمىدۇق،............:'(:'(:'(:'( ئۆزەڭلا مەنىسىنى بىلمەيدىغان ئىسىملارغا ئىسلىۋىلىپ دىشۋارچىلىق تارتقۇچە جانابىل ياكى ۋاڭ ياۋزۇ دەپ قويغان بولساڭلىمۇ بۇ دىشۋارچىلىقمۇ بولماستى ، ئۆزەڭلىگە ئاز ئىي ئۆزەڭلىگە ئاز بايقۇشلار، مېنىڭچە سىز قەدىئىمىي ئۇيغۇرچە ئىسىم قويسىڭىز چۈشەنگەنلەرغۇ خوش بولار چۈشەنمىگەنلەر يەنە ئىسىم قەھەتچىلىكى ياكى ئىسىم پاخاللىقىنى كەلتۈرۈرۈپ چىقرىدۇ شۇ ياخشىمۇسىز مىنىڭ كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئىسمى مۇبارىز .بەك ياخشى ئىسىم .ئەگەر قۇلايلىق بولسا مەن سىزگە ئايرىم چۇشەندۇرۇپ قوياي.بىزگە بىر بىلىملىك قارىم قويۇپ بەرگەن.مەنىسىنىمۇ ناھايىتى تەپسىلى چۈشەندۈرگەن.