KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:30:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITAN39 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-5 15:33

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 13:37 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە ئىسىم قويماپسە دەپ سەكرىگەنلەرنىڭ ئىسىملىرى ...

ئەژداتلىرىمىز بىر ئەسىرگە يېقىن ئىلىم-مەرىپەتتىن يىراق، ساۋاتسىز ئۆتمىگەن بولسا . كىشى ئىسىملىرىدا ئەرەپچە، پارىسچە ئىسىملار ئۇنداق كوپ كۈرۈلمەس ئىدى. ھازىر ئىلىم يولىدا ئىزدىنىۋاتقان، ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز خېلى كوپ شۇڭلاشقا يۇقۇلۇپ كىتىۋاتقانلارنى ساقلاپ بېيىتىپ، كۆمۈلۈپ كەتكەنلىرىنى قېزىپ چىقىپ ئۇيغۇر تەگئاتلىرىنى تەرەققى تەرەققى قىلدۇرىشىمىز زۇرۇر دەپ ئويلايمەن.
ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز پەرزەنتىگە ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئات قۇيۇش كىرەك.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:05:18

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 15:30 static/image/common/back.gif
ئەژداتلىرىمىز بىر ئەسىرگە يېقىن ئىلىم-مەرىپەتتىن يىر ...

مەن بۇ پىكىرىڭىزگە قوشۇلۇپمۇ كەتمەيمەن ، كىشى ئىسىملىرى مەيلى نەدىن كەلگەنبولسۇن ئۇنىڭدا مەلۇم تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى بار .
ئەگەر بۇ توغرىلىق قارشى پىكىر بار دىيىلسە، ئەڭ بۇرۇن ھىندونىزىيىلىك ( ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان دۆلىتى) ، پاكىستان ۋەھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلەر قارشى قوپسا بولىدۇ.
بىز بۇ توغرىلىق زېھنىمىزنى بۆلمەي، قەدىمقى ئۇيغۇر(تۈرك) تىللىرىدىكى تاشلىنىپ كېتىلگەن سۆزلەملەرنى قۇتۇلدۇرۇشقا قاراتساقمىكىن دەيمەن.
ئەينى ۋاقىتتىكى ھەسەلىست، شەكەرىست دەپئەرەپ -پارىس تىللرىدىن سۆزلەمقۇبۇل قىلغان ئەژدادلىرىمىزدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق . قانداق قىلالايتتۇق، ئىچىمىزدە تىللاپ قويىمىز شۇ .:lol
مەسىلەن : «قۇت بەلگىسى» دەپ بىر قوشما سۆز بار، بۇنىڭ ئورنىغا مۇنۇ بىرلا سۆزلۈك ئىسىمنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتمەيمىز، شۇنى ئويلاشساق بولىدۇ:


(تۈركى تىللار دىۋانى 1- توم 89- بەت)

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:10:04

تەكرار ئىنكاس

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 17:29:40

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 15:30 static/image/common/back.gif
ئەژداتلىرىمىز بىر ئەسىرگە يېقىن ئىلىم-مەرىپەتتىن يىر ...

كىشى ئىسىملىرىدىكى ئەرەب- پارىسچە سۆزلەرگە دىققىتىمىزنى بۇرىغاندىن ئۈچ قايناتسا شورپىسى قېتىلمايدىغان سۆزلەرگە دىققەت قىلساق بولۇدۇ.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:25:40

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 06:52 static/image/common/back.gif
ناسارالار سارا، ئادەم، جەبرائىل، ئىيسا، مۇسا، يۈسۈپ،...

گۇدلاكنىڭ ئىنكاسىغا ئەگىشىمەن، مېنىڭ ئىنىمنىڭ ئىسمىنى مەۋلان قويسا دادامنىڭ ئاچىسى ‹قىرغىزنىڭ ئىسمىكەن› دەپ يۆتكىۋېتىشكە سەۋەب بولغان، ئەمدى ئۆزلىرى نۇرزات دەپ قويۇپتۇ، نۇرزاتنى قازاق ساۋاقداشلىرىمدا جىقراق ئاڭلايتىم!

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:34:10

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:34:41

گۇدلاك كۆزۈمگە بەك چىرايلىق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇزۇن بوپتىكەن بۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى، پىسپاسنىڭ جاۋابىمۇ ئوبدانلا جايىدا، داۋاملىق ھوزۇر ئالىمەن ئىنكاسىڭلاردىن.

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 20:58:28

بىزدە ئىسىمنى قانداق قويىمەن ، ئىسىم تاللىشىپ بېرىڭلاردەيدىغان تېمىلار ئالاھىدە قىزىيدۇ ، بۇنىڭدىن مىللىتىمىزنىڭ ئىسىم قويۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ ، چۈنكى ئىسىم مۇھىم بىر مەدىنىيەت ھادىسىسى ، نىمە ئۈچۈن ئوغۇزخان دەپ ئىسىم بولىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن كۆك ، يۇلتۇز، بۇغرا سۇتۇق دەپ ئىسىم قويىمىز ؟ نىمە ئۈچۈن مۇھەممەد ، ئۆمەر ، ئەبدۇ راززاق دىگەن ئىسىملارنى تاللايمىز ؟ چۈنكى كەينىگە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالىغابولغان قىزغىن غەمخورلۇق ۋە ئۈمىد يوشۇرۇنغان .

لېكىن ئۆزارا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك ، چۈنكى ھاياتىدا مۇسۇلمانچىلىقنى چوڭ بىلىدىغان كىشىلەرئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشنى ئويلايدۇ ، مىللەتپەرۋەرۋە ئۆزلۈك مەدىنىيىتىگە قىزىقىدىغان كىشىلەر بولسا ئەسلى ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشنى ئويلىشىدۇ ، ھەممىسىنىڭ خاتاسى يوق ، خاتاسى ئوخشىمىغان قىممەت قاراشتىكى كىشىلەر ئوخشىمىغان ئىسىملارنى تاللىۋالسا باشقىلارنىڭ مەسخرە ياكى ئاتىكاچىلىق قىلىشى يامانلا بىر تەنتەك ھەم بىلەرمەنلىكتۇر.

ئىسىم كىشىلىك ھاياتتا ئىنتايىن مۇھىم ھەتتا مۆجىزە ، مەسىلەن ئەبۇ لەھەب بۇ ئىسىم مەنىسى « ئوت » دەپ تۇغۇلىشىدا ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك دوۋزىخى بولىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ قويغان ، كېيىن قۇرئانى كەرىمدە بۇ كىشىنىڭ مەڭگۈ دوزاختا كۆيىدىغانلىقى ئەبۇ لەھەب ئۆلۈشتىن 10 يىل بۇرۇن ۋەھىيدە زىكرى قىلىنغان ، دىمەككىمۇ ئەبۇ لەھەب ئاخىرغىچە غەيرى مۇسۇلمان پېتى ئۇ دۇنياغا كېتىپ قۇرئانى كەرىمنىڭ ھەقلىغىنى ئىسپاتلىغان .

يەنە مەسىلەن مۇھەممەد ( ئەلەيھى سالام ، مەنىسى مەدھىيەلەنگۈچى ) ، ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مەدھىيەنلۈچى بولىدىغىنىنى ئۇقمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئىسىمنى قويغان ، لېكىن پەيغەمبىرىمىزقىيامەتكىچە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن مەدھىيەلىنىدۇ .

ئەڭ مۇھىمى ئۆزارا كەڭ قۇرساق بولۇش ، ئېمگىلىسچە Tolerance خەنزۇچە 包容، ئەرەپچە تەسامۇخ دەيمىز ، مۇشۇنداق قىلساق ئاندىنلا ئىسىم قويۇش مەدىنىيىتىمىزنىڭ رەڭگارەڭلىگىنى ساقلىيالايمىز.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:10:34

ئىسىمنىڭ ياخشىسىنى قويۇش كىرەك.بىراق ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىسىمنىڭ مىللىيلىكىنىمۇ ئويلاپ قويساق؟؟
ئەرەپ،پارىسچە ئىسىملارنى ئەرەپ پارىسلار قويسا،ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ئۇيغۇرلار قويساھەممىسى ئۆز مىللىتىنىڭ كۈلتۈرىنى تىلىنى قوغدىسا دىگەن ئۆمۈتتەمەن.

ئەرەپچە ئىسىم قويغانلىقنىڭ ئىجابىيلىقنى ماڭا چۈشەندۇرۇپ قويىدىغانلار بامۇ؟مىللى مەۋجۇتلۇقدەپ چىڭقىلىپ تۇرۇپ ئەڭ موھىم نەرسىمىز بولغان ئىسمىمىزنى ئەرەپچە قويساق قىززىقارلىق تۇرىدىكەن.
ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنىڭ ئىسمىنىمۇ ئەرەپچە سۆزگە ئۆزگەرتىشنى خالايدىغانلا يوق ئەمەس مەنچە.....

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:26:29

umun99 يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 21:10 static/image/common/back.gif
ئىسىمنىڭ ياخشىسىنى قويۇش كىرەك.بىراق ئۇيغۇر بولغانلىق ...


سىز يازغان ئاددى جۈملىدىكى «ئىسىمنىڭ مىللىيلىكىنىمۇ» قوشۇمچىلىرىدىن باشقا ھەممىسى ئەرەپچە سۆزلۈك ، ھەتتا مىللەت دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىمۇ ئەرەپچە . ئەگەر سىز مۇشۇ رېئاللىقنى ئۆزگەرتىپ ئۇيغۇرلارغا 11ئەسىر بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشسىڭىز بۇ ئىشلارئويلىغىنىڭىزدەك بولۇپ قېلىشى مۈمكىن مۇھتەرەم ئاكادېمىك ئەفەندى . تىرىشىپ باققايسىز .

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:30:26

aral يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 21:26 static/image/common/back.gif
سىز يازغان ئاددى جۈملىدىكى «ئىسىمنىڭ مىللىيلىكىنى ...

ئەنئەنىۋى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشتىن باشقا يەنە ئەنئەنىۋى دىنلىرىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشىڭىز كېرەككەن ئۇيغۇرلارغاراس ھۆرمەتلىك رېتساردون . ئۇممۇن ئەفەندى ، مەسىلەن شامان ، مانى بۇددا ...دىگەندەك .

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 21:58:03

خەقنىڭ بالىسىغا قويغان ئىسمىنىڭ ئەرەبچىمۇ ياپونچىمۇ نېمە بولىشى بىلەن نېمە كارىڭلار؟ بەرىبىر سىلەرنىڭكىنى ئاڭلاپ ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ ئىسمىغىمۇ ئارلىشالىغانكىن بېرىپ تەڭ ئىنجىقلاپ تۇغۇشۇپ بەمەمسىلەر يا؟ رەددىيە دېگەن ئىسىملارنىمۇ ئاڭلىغان مەن! ھېچنىمە بولمايدىكەن، ئوخشاش چوڭ بولدى.
ئاخىرى جېدەل چىقمىسۇن بولدى بۇ تېمىدىنمۇ.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 22:43:31

aral يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 21:26 static/image/common/back.gif
سىز يازغان ئاددى جۈملىدىكى «ئىسىمنىڭ مىللىيلىكىنى ...

سىزدىكى ئەقلى كەمتۈكلۈك يارىتىلىشتىنمۇ ياكى يىتىشىشتىنمۇ پەرىق قىلالمىدىم.
بىر مىللەتنىڭ تىلىدىكى ئەرەپچە كەلىمىلەر بىلەن مىللىيچە ئىسىم قويۇش دىگەن تەشەببۇسنى قايسى مەنتىق بىلەن سىلىشتۇرۋاتقانسىز.

نەچچە يۈز يىللىق جاھالەت دەۋرىمىزدە ئاتىلىرىمىزدا ئۇيغۇرنى سۆيۈش دىگەن ئۇقۇم بولغان بولسا بۈگۈنكى پاجەئە بولمايىتتى.
باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يالاۋەمەي ئىنساننىڭ كىشىلىك ھاياتىدا ئەڭ موھىم نەرسىللىرىدىن بىرى بولغان ئىسىم قويىشتا بولسىمۇ بىرە قىتىم ئۆزىمىزنى سۆيۈپ قويايلى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 23:08:17

ئاتا بوۋىلىرىڭىزنىڭ نەچچە يۈز يىللىق جاھالىتىدە ئۇيغۇرنى سۆيۈش قازاقنى سۆيۈش قىرغىزنى سۆيۈش دەپ گەپ بوممىغان قېرىندىشىم

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 23:36:22

umun99 يوللىغان ۋاقتى2015-02-05 22:43:31 static/image/common/back.gif


سىزدىكى ئەقلى كەمتۈكلۈك يارىتىلىشتىنمۇ ياكى يىتىشىش
بىر نەچچە يازمىڭىزنى ئوقۇدۇم، مىللەتكە بولغان ئوتتەك مۇھەببەت بىلەن مىللەتنىڭ جىمى ئىشلىرىغا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقانلىغىڭىزغا شاھىد بۇلدۇم. ھىس قىلغىنىم، سىزنىڭ ھەقىقى قارشى تۇرۇۋاتقىنىڭىز مىللەتتىكى ئىللەت ئەمەس،بەلكى مىللەتنىڭ ئېتىقادى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر ئىش ئىكەن. ئىسىممۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بۇ مىللەتنى سۆيۈڭ دىمەيمەن. مۇنداق زەھەرلىك سۆيۈشلەرگە كۆمۇكلۈك بىز. ئون مىليون ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئىسىم مەدىنىيىتىمەۋجۇتلۇق تۈۋرۈكلىرىدىن بىر تۈۋرۈك. سىز يۇلۇپ تاشلىيالمايسىز، ئەمما يۇلۇپ تاشلاپ قۇمۇش قىستۇرالايدىغانلارغا چىراق تۇتۇپ بېرىسىز. كىم نىمە قويسا ئىسىمنى مەيلىغۇ. بۈگۈن يەر شارى ئادىمى بولمايدىغان بولدىڭىزما يولداش دې. ئۇمۇن!

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 02:59:56

gayur1 يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 23:36 static/image/common/back.gif
بىر نەچچە يازمىڭىزنى ئوقۇدۇم، مىللەتكە بولغان ئوتتەك...

يەرشارى ئادىمى بولۇش خاسلىقىنى يوقۇتۇش بەدىلىگە ئەمەس خاسلىقىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش بىلەن بولىدۇ.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 03:14:31

ئۆزىنى ئۇيغۇر دىگەن كىشىنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندا ئۇيغۇرچە ئىسمى بولىشى كىرەك.بالىللىرىمىزغا مىللى روھنى يىتىلدۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى بالىغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشتۇر.
شەيئىلەر خاسلىقى بىلەن گۈزەلدۇر.ئۇيغۇر دىگەن بىر مىللەت كىشىللىرىنىڭ ئىسمىدىن تارتىپداڭلىقلىرىنىڭ پورتىرىتلىرىغىچە ئەرەپلەرگە ئوخشاپ قالسا بىر مىللەتكە چوقىنىۋاتقاندەك تەسىر بىرىدىكەن.
ئۆز مىللىتىڭىزگە كۆيىنسىڭىز بالىللىرىڭىزغامىللىتىڭىزنى،خەلقىڭىزنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەكچى بولسىڭىز بالىڭىزغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇڭ.
يات مىللەت،يات مەدەنىيەتنىڭ تىرمىنى دەپ نۇرغۇن يىڭى ئىدىيە ۋە پىكىرلەر قۇبۇل قىلغىلى ئۇنىمايمىز يۇ ئىسىملىرىمىزنى ئەرەپچەقويىمىز.

occult1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 03:41:35

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 03:51:18

occult1 يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 03:41 static/image/common/back.gif
خۇدا جەننەتكە مىللىتىنى ئايرىپ تۇرۇپ ئەكىرمەيدۇ. ھەق...

خۇدا مىللەت ئارىمىسا ئەرەپچە ئىسىم قويماي ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنى قويۇڭ.
خۇدايىم ھەق يولدا ماڭدىمۇ ماڭمىدىمۇ دىگەننى ئۆلچەم قىلىپ جەننەتكە ئەكىرسە باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش قايسى توخۇ پوقىنىڭ پىكرى ئەمسە

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 08:09:40

umun99 يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 03:51 static/image/common/back.gif
خۇدا مىللەت ئارىمىسا ئەرەپچە ئىسىم قويماي ئۆزىڭىزنىڭ ...

بۇ ھېچكىشىنىڭ پىكرى ئەمەسمۇ ئۇممۇن بۇرادەر،

نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشنى بىراقلا ھام دەپلا يوققا چىقىرىدىغان گەپما؟
ئورتاق بىر مەدىنىيەت ئاستىدا ياشاۋاتقان ئوخشىمىغان مىللەتنىڭ ئاز بىر قىسىم جايلاردا ئوخشاشلىقىنىڭ بولۇشىنى نورمال ئەھۋالغۇ؟

ئىسىمىزغا قاراپ سىز جۇڭگودا تۇرىدىغان ئەرەپ مۇھاجىرلىرىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادىمۇ دەپ سورايدۇ، ياق دەپ چۈشەنچە بېرىمىز، چۈشەنچە بېرىشتىمۇ ئانچە قىينىلىپ كەتمەيمىز. سىلە تۇرغان جايدا تولا سورۇلۇپ بەك قىينىلىپ كىتىپ بارامسىلە يە؟

ئەمدى تولا تالاشماڭلار، ئېقىمغا قارشى مۇقام تولاپ داڭلىقلاردىن بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس.
مەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي
بەت: 1 2 [3] 4 5
: مۇبارىز دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى توغرىسىدا