xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 20:27:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 22:56  

بىز تىلغا كىرگەن يات كەلىمىلە ئۈستىدە ئەمەس ئەۋلادلارغا ئىسىم قويۇش ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىۋاتىمىز.
تور دۇنياسىدا  تەشۋىقات جېڭى باشلىنىپ كەتكىلى نىۋاق    ،  ماۋۇ ئىككى ماسونلۇق دۆپپىچىلاردىن ئاتالاپ ئۇتۇپ كىتىڭ ئۇممۇن بۇرادەر ،  بۇ بۇلارنىڭ  ئۇيىنى  ئۇيغۇرلاردىكى  دىنى ھىسىياتتىن  پايدىلىنىپ  ئاتالـمىش ماسون نەزىريىسىنى بازدرغا  سېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئەرەپكە مايىللاشتۇرۇپ غەرىپكە قارشى كەيپىيات يارىتىش  ۋە  ئەرەپكە مايىل ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇزىنىڭ كىملىكىگە قىزىقىدىغان   ۋە ئۇز كىملىكىنى سۇيىدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زىدىيەت پەيدا قىلىپ ئەرەپكە مايىل ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇيۈغۇرلۇق  كىملىكىگە قايتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى  پۇتلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس   

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 21:31:31

مەن بالامنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قويىمەن... :shutup:

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 08:37:10

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 21:31 static/image/common/back.gif
مەن بالامنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قويىمەن...

قويىۋېرىڭ ،  تۇرسۇنجان .   بۇنىڭدا سىزگە ھېچبىر تەرەپتىن چەكلىمە يوق  ،  دىن تەرەپتىنمۇ ، ۋە قانۇن تەرەپتىنمۇ شۇنداق .

دىنى تەرەپتىن كەلسەك ،  پەيغەمبىرىمىز ، ئىسىم قويۇش ھەققىدە « باللىرىڭلار كىيىن شۇ ئىسمى بىلەن چاقىرىلغاندا خېجىللىق ھېس قىلمايدىغان ، ياخشى ئىسىملارنى تاللاپ قويۇڭلار »  دىگەن .  يەنە «  ئىسىملارنىڭ ياخشىىسى  ئابدۇللاھ ، ئابدۇراھمان ... دىگەندەك ئىسىملاردۇر »  دىگەن.  پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ھېچبىر ئىسىمنى ئەرەبچە قويمىساڭ بولمايدۇ دىگەن ئۇقۇم چىقمايدۇ .  ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ دەۋىرلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى ساھابىلىرى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئەرەبلەردىن باشقا مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمانلار ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئادىتى بويىچە قويۇلغان ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن ، ياكى ئۆزگەرتىشكە بويرۇپ باقمىغان .  پەقەت بەزىبىر ئاڭلاتقان مەنىسى يامان بولغان ئىسىملارنىلا باشقا ياخشى مەنىدىكى ئىسىملارغا ئالماشتۇرىۋەتكەن يېرى بار .   
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا ، بەزىلەر خۇددى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەبچە ئىسىملارنى قويۇشىنىڭ سەۋەبكارى ئەرەبلەردەك ، ئەرەبلەرنى يامان كۆرسىتىپ سۆزلەپ كېتىشلىرى يامان غەرەزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس .  
كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەبچە ئىسىم قويۇشى دىنغا بولغان مۇھەببېتى سەۋەبىدىن بولغان . يەنى بۇ ئۇلارنىڭ ئېختىيارى بولغان بىر تاللىشى .  خۇددى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغۇسى بار بولغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىش .  
ئىشىنىمەنكى ، مۇشۇ توغرىدىكى تېمىلاردا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇش ھەققىدە قىزىشىپ سۆزلەپ ، ئەرەبچە ئىسىم قويغانلارنى ئەيبلەۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆز ئىسىمىنى، ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسىمىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسە كۆپىنچىسىنىڭ يەنە شۇ ئەرەبچە ئىسىملار بولۇپ چىقىدۇ . بۇنداق ئىسىم قويۇش مىللىتىمىزدە ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەنلىگى ئۈچۈن ، ئۇنى قاخشاش بىلەن ، تىللاش بىلەن ... قىسقا ئارىدا ئۆزگەرتىپ بولۇش مومكىن ئەمەس .   
ئۇيغۇرچە ئىسم قويۇشنىلا تەكىتلىگەنلەرنىڭ مەقسىدى ياخشى ، لېكىن بەزىدە قوللانغان ئۇسۇلى خاتا .  ئىشلار ئاستا - ئاستا بولىدۇ .
بۇنداق تىللاش ئارقىلىق ھېچنىمىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ . شۇڭا چىرايلىق چۈشەندۈرۈش ، رىغبەتلەندۈرش يولىنى تاللىغان ياخشى .  بۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن بىر جەريان كېتىشى مومكىن .  ئالدىراپ كەتمەيلى ...

مەسىلەن ، مۇنبىرىمىزدىكى ھەممەيلەن بىلىدىغان شەخىس  تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد ( بىلگە ) نىڭ ئىسمىنى ئالساق ،  ئۆزىنىڭ ئىسمى ساپ ئۇيغۇرچە ، لېكىن دادىسىنىڭ ئىسمى بولسا ساپ ئەرەبچە .   تۇرسۇنجاننىڭ قولىدىن بالىسىنىىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قويۇش كەلگەن بىلەن ، دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋېتىش كەلمەسلىگى مومكىن .
شۇڭلاشقا ئەيىبلەشكە ئالدىراپ كەتمسەك .  بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئەرەبلەرنى تىللاپ چۈشۈشى بولسا ئاشقۇنلۇقتىن باشقا ئىش ئەمەس ،  ياكى ئىسىمنى بىزگە ئەرەبلەر كېلىپ قويۇپ بەرمىسە .  

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 08:38:33

بۇ توغرىلىق ، بۇ مۇنبەرگە بۇرۇن يوللانغان بىر تېمىدا ماۋۇ ئىنكاس باركەن . كۆچۈرۈپ قويدۇم ،  كۆرۈپ بېقىڭلار .

****

ئىسىم قويۇش ھەققىدە


ئىلاۋە: بۇ يۈسۈف قەرداۋىنىڭ ھېندىستانلىق بىرسىنىڭ «پەرزەنتىمگە چوقۇم ئەرەپچە ئىسىم قويامدىم ياكى ئەنئەنىۋى ھىندىچە ئىسىملارنى قويساممۇ بولامدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىكەن، بۇنى تەرجىمە قلىىشىمدىكى سەۋەب بىزدە مۇشۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىغا مەجبۇرى ئەرەبچە مەنا يۈكلەپ «بولمايدۇ»غا چىقىرىغان خاتا قاراش باركەن، مەسىلەن:گۈلنارنى، نار دېگەن «دوزاخ؛ دېگەن بولىدۇ، ئەلفىرە «چاشقان» دېگەن بولىدۇ، شىرزات دېگەن «زاتى يامان» دېگەن مەنىدە دەپ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر بار، شۇڭا بۇنى سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا ئۇستازلار ۋە تورداشلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمەن!
ئەللامە يۈسۈقەرداۋى  
جانابى اللە قا ھەمدۇسانالار ۋە محمد ئەلەيھىسالامغا ۋە ئائىلە -تاۋاباتلىرىغا دۇرۇت -سالاملار يوللىغاندىن كېيىن:  ئىسلام دىنى مۇسۇلمان ئائىلىسىگە ئوغۇل -قىزلىرىغا ئىسىم قويۇشتا، ئەرەبچە يا ئەجەمچە مۇئەييەن ئىسىملارنى قويۇشنى بەلگۈلەپ بەرگىنى يوق(چوقۇم ئەرەبچە قويىسەن دەيدىغان گەپ يوق)، بەلكى بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە ئائىلىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇنىڭ تاللىشىغا قويۇپ قويغان.  ھالبۇكى، ئىسلامنىڭ ئۇنىڭدىكى كۆرسەتمىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1 -ئىسىم چىرايلىق، كىشىلەر يامان كۆرمەيدىغان، بالا چوڭ بولۇپ ئەقلىگە كەلگەندە ئۆچ كۆرمەيدىغان بولىشى، شۇملۇقنى ئىپادىلەيغان، مەنىسى ئەسكى ئىسىملار ۋە ئەسكىلىك بىلەن تونۇلغان شەخىسلەرنىڭ ئىسىملىرى(پىرئەۋن، ئەبۇلەھەلەپ دېگەندەك ) بولماسلق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سەت ئىسىملارنى چىرايلىق ئىسىملارغا ئۆزگەرتىۋەتكەن، مەسىلەن، (ئاسىيە) "عاصيە": گۇناھكار( بۇ پىرئەۋننىڭ مۇسۇلمان ئايالى ئاسىيە ئانىمىزنىڭ ئىسمى بولغان ئاسىيە ئەمەس) دېگەن ئىسىمنى "جەمىلە " گە ، "قەلىل "(ئاز) دېگەن ئىسىمنى "كەسىر "(جىق) گە ئۆزگەرتكەنگە ئوخشاش ۋەھاكەزالار.
2 -ئاللاھنىڭ غەيرىگە قۇلچىلىقنى بىلدۈرمەيدىغان بولىشى، ئابدۇ كەبە(كەبىنىڭ قۇلى)، ئابدۇرۇسۇل، ئابدۇ نەبى(پەيغەمبەرنىڭ قۇلى) ئابدۇھەسەن (ھەسەننىڭ قۇلى)دېگەندەك، ئىبن ھەزىم "ئابدۇ مۇتەللىپ "دىن باشقا ھەرقانداق ئاللاھنىڭ غەيرىگە قۇلچىلىقنى ئىپادىلەيغان ئىسىملارنىڭ ھاراملىقىغا ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى نەقىل قىلغان.  بۇنىڭغا ئەجەملەر ئارىسىدا تونۇشلۇق بولغان "غولام ئەھمەد "،"غولام ئەلى "،"غولامۇدىن " دېگەن ئىسىملارنى تەققاسلاش مۇمكىن. (غولام: چاكار، قۇل دېگەن مەنىدە)
3 -كاتتىلىقنى، يۈكسەكلىگنى،ئىنساننى زىيادە ئۇلۇغلاشنى ئىپادىلەيدىغان بولماسلىقى، بۇ ھەقتە ھەدىس شەرىفدە شۇنداق كەلگەن: "قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ خار ئىسىم (شاھىنىشاھ) دېگەن ئىسىمدۇر،ئۇ كۈندە ئاللاھتىن باشقا پادىشاھ يوق " (بۇخارى، مۇسلىم ....قاتارلىقلار توپلىغان)  شۇنىڭدەك جانابى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان گۈزەل ئىسىملىرىنى قوياشقا بولماىدۇ، مەسىلەن: ئەرراھمان،ئەلمۇھەيمىن، ئەلجەببار، ئەلمۇتەكەببىر، ئەلخالىق، ئەلبارئ.... دېگەندەك.  ۋە شۇنداقلا جانابى ئاللاھقا خاس بولمىغان، ئەمما (ال: ئەل) قېتىلغان ئېنىق ئىسىملارمۇ قويۇلمايدۇ، مەسىلەن:ئەلئەزىز، ئەلھەكىم، ئەلئەلى، ئەلھەلىم....ۋەھاكازالار.  ئەمما يۇقارقىدەك ئاللاھ قا خاس بولمىغان ئىسىملارغا (ئەل) نى قاتماي قويساق بولىدۇ، ئەلى، ھەكىم گە ئوخشاش مەشھۇر ساھابىلەرنىڭ ئىسملىرى شۇنىڭ جۈملىسىدىن، بۇنىڭغا ئەزىز، ھەلىم، كەرىم، رەشىد، رەئۇف، ھادى.....دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار قىياس قىلىنىدۇ.  
4 -تارىختا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ، ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى شۇلارنى ئەسلەش، ئۇلارغا ئەگىشىشكە ئۈندەش يۈزىسىدىن قويۇش مۇستەھەب (ياخشى) دەپ قارىلىدۇ.  ۋە ھەم ئاللاھقا بەندىچىلىكنى (قۇلچىلىقنى) بىلدۈردىغان ئىسىملارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ ھەقتە ھەدىستە شۇنداق كېلىدۇ: "ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆردىغان ئىسىم ئابدۇللاھ (ئاللاھنىڭ قۇلى) ، ئابدۇ رەھمان(شەپقەتلىك زاتنىڭ قۇلى)دۇر  "(مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى....قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان) بۇنىڭغا ھەم باشقا گۈزەل ئىسىملار قىياس قىلىنىدۇ: ئابدۇلئەزىز، ئابدۇلئەلىم، ئابدۇلغەنى، ئابدۇلۋاھىد، ئابدۇلمالىك ....قاتارلىق 99 ئىسىم -سۈپەتنىڭ ئالدىغا "ئابدۇ " (بەندە، قۇل) نى قېتىپ قويغان ئىسىملار.  
5 - بىلىشىمچە بىرەر فىقھىشۇناس ئالىم مەنىسى ئۆزىنىڭ تىلىدا ياخشىلا بولسا ئەجەمى ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلىمىگەن. ھالبۇكى، نۇرغۇن ئەرەب ئەمەس ئەر -ئايال مۇسۇلمانلار ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن گەرچە قويۇق ئەرەب مۇھىتىدا تۇرغان بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ساقلاپ قالغان.  
بۇنىڭ تىپىك مىسالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئوغلى ئىبراھىمنىڭ ئانىسى مىسىرنىڭ قىبتىچە ئىسىم بىلەن مەشھۇر بولغان قىبتىلىك "مارىيە "دۇر.  بىز ساھابە-كىراملار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىغا قارايدىغان بولساق، يا ئۇلارنىڭ ئىسملىرى ئەسلى "ھەنزەلە " (كاۋا) ،"سەلمە "(دەرەخنىڭ ئىسمى) ، "تەلھەت "(بانان) كە ئوخشاش ئۆسۈملەرنىڭ ئىسىمىدۇر.  ياكى بولمىسا ئەسەد(شىر)،فەھد(قاپلان)، سەقەر (لاچىن) قا ئوخشاش ھايۋانات، ئۇچار قۇشلارنىڭ ئىسمىدۇر. (بىزدىكى يولۋاس، شىر ...دېگەندەك،بەزىلەر بولمايدۇ، ھايۋاننىڭ ئىسمى تۇرسا دەيدۇ، دېمەك ئۇلارنىڭ دېگىنى ھېساپ ئەمەس، بۇ ئىسىملارنى قويۇشتا شۇ ھايۋانلارنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى شۇلاردىكى باتۇرلۇقتىن ئىبارەت بىر روھ كۆزدە تۇتىلىدۇ)  ۋە ياكى بەھر(دېڭىز)، جەبەل(تاغ)، سەخر (تاش) دېگەندەك تەبىئەتتىكى شەيئىلەرن  ىڭ ئىسمىدۇر. (بىزدىكى تاش، تۆمۆر، ئالماس دېگەن ئىسىملارغا ئوخشاش،دېمەك بىزنىڭ 'قۇرئان' دىكى ئىسىمنى قويىمەن دەپ تۇرۋىلىىشىمىز خاتا، بىز ئەرەب بولمىغاندىن كېيىن ئۆزىمىزگە خاس مۇشۇنداق ئىسىملارنى قويساق بولىدۇ)     
ياكى ئامىر، سالىم، ئۆمەر، سەئىد، فاتىمە، سەفىيە، مەيمۇنە گە ئوخشاش پىئىلدىن شاخلانغان سۈپەتلەردۇر.  ياكى بولمىسا ئىبراھىم، ئىسمائىل، مۇسا، يۇسۇف، مەريەم دېگەندەك تارىختا ئۆتكەن پەيغەمبەر ۋە سالىھلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.  دېمەك، مۇشۇ كۆرسەتمە -يوليورۇقلار دائىرىسى ئىچىدە ئوغۇل -قىزلىرىمىزغا ئەرەبچە بولسۇن ئەجەمچە بولسۇن، خالىغان ئىسىملارنى قويساق بولىدۇ.  
تەۋفىق ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەندۇر.
ئەسلى تېكىستنىڭ ئادرىسى: http://www.qaradawi.net/fatawaah ... 11-08-08-24-05.html

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 09:03:57

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-02-07 08:38:33 static/image/common/back.gif
بۇ توغرىلىق ، بۇ مۇنبەرگە بۇرۇن يوللانغان بىر تېمىدا م
يوللاپ ياخـشى قىپسز، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

KHALID77 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 09:44:25

بالىلىرىمنىڭ ئىسمى        خالىد     ئىسمائىل      يەھيا        

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 10:26:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Alif تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 10:48  

ئىسىم دەۋاسىغا ئىككى كەلىمە سۆز. قايسىڭلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويسا قوبۇل قىلالايدۇ.
تارىخى رومان، «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان» رومانىنى ئوقۇغانلار بىلىدۇ. بۇغراخاننىڭ ئوغلىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى «بايتاش» ئەرەبچە ئىسمى «مۇسا، ئابدۇلكېرىم» بۇغراخاننىڭ يېقىن سەبدىشىنىڭ ئىسمى «قىلىچ» بۇغراخاننىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى «يۇلتۇز» ئەمدى دەپ بىقىڭلار ئەمدى يەنە قايسىڭلار ساپ ئۇيغۇر ئىىسم قويالايسىلار؟ پەرزەنتىڭلارغا؟
ئەسلى «مۇھەممەد» دەپ قويۇلىدىغان ئىسىم ئۆزگۈرۈپ «مەمەت، مەممەت، مۇھەممەت، مەھەممەت» دەپ قويلىۋاتىدۇ.
ئەمسە «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىم ئەسلى ئەرەبچە ئىسىم. بىراق بىزلەر ئۆزگەرتىپ ھەرخىل ئىسىمغا ئۆزگەرتتۇق. ھەتتا بەزىدە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى يىغساق بىر«مۇھەممەد» دېگەن ئىسىم ئەڭ جىق، ھەتتا بىر يېزىدا ياكى شەھەردە  قايتا قويۇۇلۇش سانى 10000 ئىشىپ كېتىدۇ. ئەمدى دەپ بىقىڭلار. ئىسىم قويۇش شۇنداق ئاسان مىكەن. فرانسىيەدە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسىمى «تارىم» بۇ بىزنى بىقىپ بىزگە مېھرىنى بەرگەن بىر دەريانىڭ ئىسىمى. ئەمدى يەنەن دەپ بىقىڭلار. بىزدە ئىسىم يوقما؟ نېمىشقا مەنىسى بىلمەيلا ئىسىم قويۇدىغان ئىشلارنى قىلىۋېرىمىز. ئەجابا بىزنىڭ تىلىمىز شۇنچە ئاتالغۇ ياكى ئىسىمغا نامراتما؟ ھەيران قالىمەن. ئىسىم قەھەتچىلىكى نېمىشقا شۇنچە يۇقىرى. ھەتتا بىز بىلمەيدىغان تاغلارنىڭ ئىسىمى قويۇپ يۈرىمىز. ھەي ئىسىم. ئوكيان تورى مۇشۇ مەقسەتتە ھەرخىل ياخشى مەنىلىك ئىسىملارنى يوللاپ قويدى. بىزلەرنى پايدىلانسۇن دەپ. ھەرگىزمۇ سىزلەرنى چۈشەنمەي ئىسىم قويمىسۇن دەپ! ئەمدى كېلىپ بۇرۇنقى قەبىلە نامى بولغان «قارلۇق» دېگەننى پەخرىدىن شېرىپ قوللۇنىپ فامىلە قىلىپ، پەخرىدىن قارلۇق قىلىپ ئىشلەتتى. بىزدە ئورتاق بىر فامىلە يوق. ھەتتا ئىسىمنى قايتىلاپ قويۇش ئىشى بەك ئېغىر. تۈگەپ كەتكەن چوڭ دادا ياكى تاغىنىڭ ئىسىمنى بالىلارغا قويىمىز.  شۇنىڭ بىلەن ئىسىم يوق دېگەن مەنە بېرىپ قويىدۇ. ھەيران قالدىغان يېرىم «ھاجىم» سۆزىنى بالىلارنىڭ ئىسىمى قىلىپ قويىمىز. ھاكىم، يەنە دۆلەت، ئەجابا بىزدە پەقەت ئىسىم قالمىدىما. ئويلىنىپ كۆرەيلى. ئىسىم دېگەن مەنىسى بىلەن ئىسىم بولىدۇ. ئادەتتە. بولدى مۇشۇنچىلىك يازاي. يەنە يازاي دېسەم بىر قىسىم غاجىلىغۇچىلارنىڭ غاجىلاش ئوبېيكتى بولۇپ قالغۇدەكمەن.
سىزگە تەۋسىيە ئىسىم . «دىلقۇت» بۇ ئىسىم قىز بالىغا ماس كېلىدۇ.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 14:08:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 14:13  

ئىسىم قويۇش -بەكلا ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش. بالىغا ئۆزنىڭ مىللىي ئۆرىپ ئادىتى بۇيىچە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويۇش كېرەك. چۈشەنمەي چىرايلىق ئىكەن دەپ  ئىسىم تاللاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھازىر كىشىلەر تەبىيلا ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى  تاللايدىغان بولدى. بۇ كىشىلەرنىڭ مىللىي  كىملىككە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىغىنىڭ  دەللىي. مەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە  ئۇيغۇرچە  مەنىلىك ئىسىم قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەم مۇشۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مۇبارىز دېگەن ئىسمنى مۇبارىس دەپ ئاتاپ قالىدىكەن. بارىس دېگەن قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا يولۋاس. مۇ دېگەن بولسا  مۇ قۇرۇقلۇقى دەپ ئويلىساق بۇ ئىسىمى بۇنداق تەھلىل قىلساقمۇ بۇلامدىكەن ؟
بەت: 1 2 3 4 [5]
: مۇبارىز دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى توغرىسىدا