ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 11:03:47

چىرايلىق ئىسىمكەن، مەنىسىمۇ شۇ، ھەرگىز ئۆزگەرتىۋەتمەڭ جۇمۇ، مۇبارىزنى.....

Nazaretchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 11:07:36

چ چ
68216459

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 11:40:26

  بالىسىغا قۇيىدىغان ئىسىمنى ھىچكىم چۈشەنمەيدىغان سۆزدىن قۇيىدىغانلارغا ھەيرانمەن . ئۇيغۇر دىسە مۇنبەردە سەكرەپ چىقىسىز ھەقاچان ، ئۇيغۇرچە ئىسىم قويمامسىز سىز ، بالىڭىز ئۇيغۇر بولغانكىن ؟ قۇرئاندىن ئىسىم قۇياتتىم دىسىڭىزمۇ مەيلى ، ئۇيغۇرچە قۇرئان قۇرئان ئەمەسمىكەن ؟
  ياق سىلەر قۇرئاندىن ئىسىم قويماقچى ئەمەس ئەرەپچىدىن ئىسىم قويماقچى ، نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغىنىڭلارنى ئۈزۈڭلارمۇ تۈزۈك بىلمەيسىلەر .

  مىنىڭچە ئىسىم دىگەننىڭ مۇسۇلمانچىسى بولمايدۇ ، ئەرەپچىسى بۇلىدۇ .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 11:54:23

:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 12:00:54

توۋا ...توۋا...

شۇنداق  گۈزەل   (ئابدۇللا   ، ئابدۇراھمان ،ئابدۇرىھىم...مۇھەممەد...) ئىسىملار  تۇرۇپ  ،ئاتايىن  مەنىسىنى  بىلىش  ئۈچۈن  تەپسىرچىلەرنى  توۋلاپ  كىلىپ   ئۇققىلى  بولىدىغان  ئىسىملارنى  قويۇشقا  مەجبۇر  بولۇپ  قالغۇدەك  نىمە  ئىش  بولغىيتى  .

‹قۇرئانچە  ئىسىم  ›  دەپ  گەپ  پەيدا  بولۇپ  قاپتۇ  ،  قۇرئاندا  ‹ئىبلىس...شەيتان .... فىرئەۋىن...› دىگەندەك  ئىسىملارمۇ  بار   ،  شۇلارنىمۇ  ئويلۇشۇپ  بىقىڭلار   بولمىسا  (ھىچكىم   قويمىغان  ناھايىتى  ئۆزگىچە بولۇدۇ )

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 12:05:25

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 09:30 static/image/common/back.gif
نىمە قىلار مۇشۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىمۇ مەنىسىنى چۈشەنمەي ...

سىزمۇ يەھۇدىنىڭ ئىسمىنى قويىۋېلىپ بىمالال ياشاۋاتمامسىز مانا، ھىشنىم بوممايدۇ:lol :lol :lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 12:11:21

مۇبارىز بەك ناتونۇش گەپمۇ ئەمەستەك، تارىخى كىتابلاردا ئىككى تەرەپتىن بىردىن سەركەردىنى چىقىرىپ، جەڭ قىلىدىغان ئىشنى مۇبازىرگە چۈشۈش دەپ ئالىدىغاندەك ئېسىمدە بار.
سىڭلىمنىڭ بالىسىغا شىرزات دەپ ئىسىم قويساق، ئىسىمنى قويۇپ بەرگەن قارىم خېلى بىر ۋاقىتقىچە بۇ ئىسىم قۇرئاندا يوقكەن، ئۆزگەرتىلى دەپ كەينىگە كىرىۋاپتىكەن، مەندىن سورىغانتى، قۇرئاندا ئەبۇلەھەب، كاپىر، چوشقا دېگەندەك ئىسىملارمۇ بارمىشقۇ دەپ باققىن، يەنە ئۇنىمىسا مەن كۆرۈشەي دېسەم، جىمىپ قالدىغۇ تاڭ.
ئىسىم قويۇش ئاتا ئانىنىڭ ئىشى، ئۆزىگە چىرايلىق ئاڭلانغان، ئارزۇ ئارمانلىرى مۇجەسسەملەنگەن، بالا چوڭ بولغاندا شۇ ئىسىمى تۈپەيلى دوستلىرىنىڭ زاڭلىق قىلىشىغا ئۇچىراپ، ئىسمىدىن نومۇس قىلىدىغان ئىسىملار بولمىسىلا ياخشى مەنىلىك ئىسىملارنى ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ.
ئۇيغۇرچە قويماپسەن، پارسچە قويۇپسەن، ئەرەپچە قويۇپسەن دەپ باشقىلار ئارلاشسا توغرا بوممايدۇ.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 12:24:14

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 12:11 static/image/common/back.gif
مۇبارىز بەك ناتونۇش گەپمۇ ئەمەستەك، تارىخى كىتابلاردا ...

گۇدلاك ياخشى خۇلاسىلەپتۇ،

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 12:34:26

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 12:52:45

ياخشى مەنا چىقدغان ئىسملارنى قويسابۇلۇدىغۇ، سورغۇچى سىلەرگە ئوغلىنڭ ئىسمىنى نىمە قويسام بولا دەپ سورماپتۇ، مائسىمدىن نىمە مەنا چىقا دەپ سوراپتۇ  كاللا دىسە  پاقالچاق دەيدغانلار جىقكەن!

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 12:56:18

تۇنجى ئاڭلىشىم بۇ ئىسىمنى ،.
خوشنىمىزمۇ قۇرئاندىن ئىسىم قويىمىز دەپ ئايەتتىكى ھەرىپنى پارچىلاپ قويىۋاپتىكەن .لەزىنە،رەھىمە دەپ .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:07:28

ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى، مودىلىرى بولىدۇ. ئەتراپىمىزغا قاراپ باقساق ھەر بىر دەۋر كىشىلىرىدە مەلۇم تۈركۈمدىكى ئىسىملارنىڭ ئوموى ھادىسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ ئىشلارنى دەۋر ئۆزى بىر تەرەپ قىلىپ كېتىۋىرىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:37:07

ئۇيغۇرچە ئىسىم قويماپسە دەپ سەكرىگەنلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ شۇ ئەرەپچە، پارىسچە.
مىنىڭچە بۇ ئەرەپ-پارىس تىللرىدىن ئىسىم قويغانلار ئومۇمى ئىسمىمىزنىڭ %90دىن كەم ئەمەس دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن .
بۇرۇنلاردا : فارابى، لۇتفى، سەككاكى، پالانى، پۇستانى دەپ ئىسىملارنى قويغان بولسا، ھازىر :
مەيمەيتى ، نىجاتى، گۇلى، دىگەن ئىسىملار مودا بولىۋاتىدۇ، ئى دىن قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمىز . :lol

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:37:52

Nazaretchi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 10:59 static/image/common/back.gif
ياخشىمۇسىز مىنىڭ كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئىسمى مۇبارىز .بەك يا ...

ئىسىمنىڭ مەنىسىنى دەپ بەرمەمسىز ئورتاقلاشساق

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:41:16

albAX يوللىغان ۋاقتى  2015-02-05 11:40:26 static/image/common/back.gif
  بالىسىغا قۇيىدىغان ئىسىمنى ھىچكىم چۈشەنمەيدىغان سۆز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر ئاتىكاچىلىق قىلاي؛ ئۇيغۇرچە قۇرئان ھەرگىز قۇرئان كەرىم دەپ قارالمايدۇ ھەم ئۇنداق قاراشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى تەرجىمىگە مۇئەللىپنىڭ ئىجتىھادى سىڭگەن بولغاچقا ئۇ تەپسىرگە تەۋە. يەنە بىرسى ئىسىممۇ ئىسلامچە ۋە ئەمەس بولىدۇ. بەزى ساھابەلەرنىڭ ئەسلىدىنلا ئەرەپچە ئىسىملىرىنىڭ ئىسلامدىن كېيىن ئىسىملىرى يەنە ئەرەپچىگە ئۆزگەرتىلگەنلىك مىساللىرى بار. يەنە ئەرەپ ئەمەس ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلمىگەن. مەقسەت ئەرەپچە ياكى پارىسچە قويۇش ئەمەس بەلكى ئۆزى تەۋە بولغان مۇسۇلمان توپنىڭ ئىستىخىلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئىجتىمائى ئالاقىسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىشى، ئەقىدىگە مۇخالىپ بولماسلىغى ئاساسى مەقسەت دەپ ئۇيلايمەن. بىز ئۇيغۇرچە دەپ بىلگەن بەزى ئىسىملار پارىسچە، ئوردۇچە، ھەتتا موڭغۇلچە ياكى روسچە بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆزلەشتۈرۈلگەن خەنچە ئىسمى بار ئايالنىمۇ ئۇچراتتىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئايال ۋە ئاتا - ئانىسى نى خاۋ دىسە ھەھ! دەپ تېڭىرقايدىغان  ساۋاتسىز لاردىن ئىكەن. دىمەكچىمەنكى بىر تۈپ ئىسىمنى ئەرەپچە ياكى ئۇيغۇرچە دىيىشتىن ئاۋال ئەرەپلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قوشۇمچىلىرىنى ئىشلىتىش ئادىتىنى بىلىش كېرەك بولغىنىدەك، ئىسىمنى مۇسۇلمانچە ياكى ئەمەس دىيىشتىن ئىلگىرى ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى غۇۋا بولسىمۇ ھىس قىلالىشى كېرەك. يەكۈن ياكى ھۆكۇم خارەكتىرلىك سۆزلەر مېنىڭ ئاغزىمدىن يەڭگىللىك بىلەن چىقىپ كەتسە چوڭ ئىش ئەمەس. سەركىلەرنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ كەتسىچۇ؟ يېقىندا بىر ياش ئۇيغۇر يېزا ئەمەلدارى نەچچە مىڭ دېھقانغا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۆزىنىڭ جۈمە مەسجىتىنى كۈزىتىش نەتىجىسىدىن 70% جامائەتنى ۋاھابى دەپ خۇلاسە چىقىرىپ ئەيىپلىگەن. ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇ قالپاقنىڭ كىيىىپ قېلىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۆزلەپ ئۆلتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ ئەمەلدارنىڭ تەتقىقات ئىددىيىسى: 70% كىشى باشقىلاردىن ئون مىنۇت بۇرۇن مەسجىتتىن تارقىدى، دىمەك بۇلار ۋاھابى مەزھىبىدىكىلەر. كېيىنكى 30% كىشى سۈننى مەزھىبىدىكىلەر،_  دىگەندىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئاددى مىخاينىكىلىك يەكۈنلەر ئاشۇ يېزا خەلقىغە نىمە كۈنلەرنى كۆرسىتەر!  نىمىشقا ئۇنىڭ كاللىسىغا؛ ئاۋۇ 70% ئادەم بەش ۋاق ناماز ئوقۇمىغاچقا پېشىننى ئوقۇمايلا قايتتى،_ دىگەن ئۇقۇم كەلمەيدۇ؟ چۈنكى ئۇ ئەقەللىسى ناماز ھەققىدە ھىچبىر چۈشەنچىسى يوق تۇرۇپ، يەكۈن چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتكەن. ماۋۇ ئىسىم تالاش-تارتىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ھەر كىمنى ئەقىدىسىگە يارىشا ئىسىم قويغىلى يول قويغان ياخشى. ئەمەلىيەتتە 70% كىشى ئۆزئىسمىنىڭ مەنىسىدىن بىخەۋەر. لېكىن ئوخشاشلا ئۇيغۇرنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولالىدى.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:50:54

gayur1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 13:41 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر ئاتىكاچىلىق قىلاي؛ ئۇيغۇرچە  ...

   ئېيتقانلىرىڭىز توغرا ، ئۇيغۇرچە قۇرئانى كەرىم قۇرئانى كەرىم ئەمەس دىگىنىڭىزدىن باشقىسىنى ئاساسەن توغرا دەپ ئويلىدىم ، بۇ مەسىلىگە شەرىئەتتىن ياخشىراق خەۋىرى بار تورداشلار بىر نەرسە دىسۇن . ئەسلى مۇنازىرىگە كىلەيلى :
  دىمەكچىمەنكى ، ئىسىم قۇيۇپ مەنىسىنى تاپالماي ، ئۆزلۈكىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىدىن تاپالماي يۈرگەندىن ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قۇيۇپ ، كىملا ئاڭلىسا مەنىسىدىن ھوزۇرلىنالىغۇدەك ، ئۆزى بىر ئۆمۈر ئىلھام ئالالىغۇدەك ئىسىم قۇيۇش ياخشى ئىش دىمەكچىمەن ، بۇنداق قىلىش مۇقەددەس دىنىمىزدىمۇ چەكلەنگىنى يوق ، مۇسۇلماندارچىلىق شەكلەن ھادىسىۋى ئەمەلدىن بەكرەك ماھىيەتنى ، ئەمەلىيەتنى تەكىتلەيدىغىنىنى بىلىمەن ، شۇڭا تەشەببۇسۇمنى توغرا دەپ قارايمەن .

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:18:34

ئېسىل ئىسىم ، قېلىچۋازلىق تەنھەركىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەنھەركەتچىلەرنىمۇ مۇبارىز دەپ قويىدۇ ، رېتسار ، باتۇر ، قېلىچۋاز دىگەن مەنىلەردە . ياختۇرغان بولسىڭىز قويىۋەرمەمسىز بۇ يەردىكىلەر ھەرنىمە دەيدۇ .

مەنغۇ ئوغلۇمغا مۇسۇلمانچە ئىسىمغا يانداشتۇرۇپ قەدىمقى ئۇيغۇرچە دەپ بىر ئىسىمنى قويغان ، كېيىن بۇ ئىسىم موڭغۇلچە بولۇپ چىقتى :lol شۇنداق بولسىمۇ كېتىپ بارىدۇ ئەلھەمدۇلىللاھ ، ئەمدى بۇ ئىسىم قويۇش ئەركىنلىگىڭىزدىن بولسىمۇ بەھوزۇر  بەھرلىنىڭ .

Nazaretchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:28:41

torqicom يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 13:37 static/image/common/back.gif
ئىسىمنىڭ مەنىسىنى دەپ بەرمەمسىز ئورتاقلاشساق

بەك ئۇزاقتى ئۇيغۇرچە خەت يېزىش سۈرئىتىم بەك ئاستا .شۇڭا ئاغزاكى دەپ بېرەي دىگەن.

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:29:30

قايسى ماتىرىيالدا ئوقىغىنىمنى ھېچ ئېسىمگە ئالالمىدىم، ئەمما ئىشقىلىپ ئوقىغىنىم ئېنىق ئېسىمدە ئۇنىڭدا ئېسىمدە قالغان مەزمۇنلار مۇنداق:
1. ئاللانىڭ ئىسىملىرىنى بىۋاستە قويۇشقا بولمايدۇ؛
2. ھايۋانلارنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇشقا بولمايدۇ؛
3. سەت ئاڭلىنىدىغان، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىسىملارنى قويۇشقا بولمايدۇ.....
مۇشۇ ئۈچى ئېنىق ئېسىمدە قاپتۇ، بىلىدىغانلار بولسا قوشۇپ قويارسىلەر، قىسقىسى ئۇ ماتىرىيالدا دېمەكچى بولغىنى مەنىسى ياخشى، دىنغا مۇخالىپ بولمىغان، گۈزەل ئىسىملارنى قويسا بولىۋېرىدۇ.

Muhlis0526 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:43:42

ئىزدىنىش ئەھلىگە كۆپ رەھمەت!كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، كۆڭلۈممۇ جايىغا چۈشتى، ھەممىڭلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!  نازارەتچى، ئۇچۇرىڭىزنى ساقلاپ قالدىم، رەھمەت!
بەت: 1 [2] 3 4 5
: مۇبارىز دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى توغرىسىدا