بىرلىكتە جۈملە ئۆگىنەيلىمۇ؟ (ئىنگلىز تىلى كۈندە بىر جۈملە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gilas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-30 16:44تىل ئۆگەنگەندە مەيلى سىز گرامماتىكىنى ئاساس قىلىڭ ۋە ياكى سۆزلۈكنى ئاساسلىق قىلىپ ئۆگىنىڭ، ئاخىرىدا ئۆگەنگىنىڭىزنى ۋە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى جۈملە بىلەن ئىپادىلەيسىز. باشقىلارمۇ سىزنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىزغا يەنى سىزنىڭ جۈملىڭىزگە قاراپلا سىزنىڭ قايسى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىڭىزگە باھا بېرىدۇ (بۇ باھاغا سىزنىڭ تەلەپپۇزىڭىزمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ).
مەن ئادەتتە جۈملە يادلاشقا بەك ئامراق، ياخشى كۆرگەن جۈملىدىن بىرنى تېپىۋالسام شۇنى ھەرخىل ئاھاڭدا، ئوخشىمىغان سۈرەت ۋە چىراي ھالەتتە قايتا-قايتا دەيمەن. بۇ ئۇسۇل مېنى ئۆزۈمدىن كۆپ سۆزلۈك بىلىدىغان، گرامماتىكىنى «يىرتىدىغان» لارنىڭ ئالدىدىمۇ چانماي ياخشى سۆزلەيدىغان قىلدى.
باشقىلارغىمۇ پايدىسى بولسۇن دەپ بۈگۈندىن باشلاپ دوستلار بىلەن بىرلىكتە كۈندە بىر جۈملە شەكلى ئۆگەنمەكچى (بەزىلىرى بىر سۆزدىن تۈزۈلگەن جۈملە بولۇشى مۇمكىن). ھەربىر شەكىلدە بىرنەچچە مىسال جۈملىلەر بولىدۇ، دوستلارنىڭ مەن بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن مۇشۇ ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ ئېغىز تىلىدا زور ئىلگىرىلەش بولىدۇ.
بۇ يۈرۈشلۈك تېمىنىڭ قايسى سەۋىيەدىكى ئۆگەنگۈچىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. شۇڭا بۇنىڭغا ئۆزىڭىز سىناپ بېقىپ بىر نېمە دەڭ. كۈندىلىك ۋەزىپىمىز جىق ئەمەس، ھەر كۈنلۈك مەزمۇنغا يىگىرمە مىنۇت يېتىدۇ دەپ ئويلايمەن.
قېنى ئەمىسە تەييار تۇرۇڭ، باشلىۋەتتۇق!
----------------------------
كۈندە بىر جۈملە شەكلى (1)
بۈگۈن ئۆگىنىدىغىنىمىز Have to
تۆۋەندىكىسى كۆپ ئىشلىتىدىغان جۈملە شەكىللىرى
تۆۋەندىكىسى ئىنگلىز تىلىدىكى مىساللار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. (مەنچە تەرجىمىسى مۇكەممەل بولىشى ناتايىن، تەرجىمە قىلىشتا مەن پەقەت ماڭا ئەڭ تەبىئىي تۇيۇلغان تەرجىمىسىنى ئالدىم. تېخمۇ مۇۋاپىقلىرى بولسا دوستلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. )
I have to tell you that I think you are strange
مەن دېمىسەم بولمايدۇ، سەن غەلىتىكەنسەن.
You don`t have to come if you are busy
سىزنىڭ كېلىشىڭىز زۆرۈر ئەمەس، ئەگەر سىز ئالدىراش بولسىڭىز.
Do I have to go with you to the meeting
مېنىڭ چوقۇم سىز بىلەن يىغىنغا بېرىشىم زۆرۈرمۇ؟
What do I have to say to make you believe me
مەن نېمە دېسەم سىز ئىشىنىسىز ؟
I have to admit that I am a little afraid
مەن ئازراق قورققىنىمنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەك.
First thing we have to do is calling the HOTEL
ئەڭ ئاۋال ياتاققا تېلىفون قىلىشىمىز كېرەك.
I would have to say that I think it`s impossible
ئۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دېمىسەم بولمايدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇن مۇشۇ يەردە تۈگىدى.
خالىغانلار ئىنكاس ئارقىلىق بۈگۈنكى جۈملە شەكىللىرىنى ئىشلىتىپ جۈملە تۈزۈپ باقسا بولىدۇ.
ياخشى ئىشتىن بىرنى باشلاپسىز، تۆۋەندىكى ئىككى جۈملىدە بەزى سۆزلەر ئالدىراشچىلىقتا باشقىچە يېزىلىپ قالغان چىراي،
You don`t have to caome if you ae busy
.....................................................................................................................
First thing we have to to is calling the HOTEL
......................................................................................................
you don't have to come if you are busy
First thing we have to do is calling the HOTEL
مەن باشلاپ كېتەي ئەمىسە:lol
1. I have to do what I have to do.
2. You don't have to do what you don't have to do
3.Do I have to do?
4.What do I have to do?
5. I have to admit that I will never admit
6. First thing we have to do is trying to do nothing
7. I would have to say that I would do what I should.
يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن بۇ جۈملىلەر سەل مۇرەككەپ بىلىنىدىكەن ، بولسا ئاددى جۈملىلەردىن باشلىساق ، يەنە بىرى ئۈگەنمەكچى بولغان سۆزنىڭ ئىپادىلەيدىغان لىكسىكىلىق ياكى گىرامماتىكىلىق مەنىسىنىمۇ بەرسىڭىز .............. موشۇنداق جۇملىلەر يېزىلغان تەييار كاپىيەن كارتا دىگەندەك قولايلىق ئوقەتلەر بارمۇ ، سىلەر موشۇ ھەقتە بىر چۇشەنچە بەرسەڭلار ،
مەنمۇ چاقىرقىڭلارغا ئاۋاز قوشۇپ يۇز جۇملە ياتلاپ باقايمىكىن دەيمەن . ئۆزەمنىڭ خېتىمنى ئۆزەم ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ شۇ ،
يا بولمىسا گىرامماتىكا ، سۆزلۇك دەپ باش ئاغىرىتماي پەقەت جۇملە ئۆگۇتىدىغان بىرەر قولاي ۋ سىد ئېم پى ئۇش دىگەنلەرنى تونۇشتۇرمامسىلەر بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ، بولسا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇلسا ، رەھمەت !{:112:} ياخشى ئىش بوپتۇ مەن تىز يۈگۈرمىسەم بۇ جۈملىلەرگە يىتىشەلمىگىدەكمەن {:90:} بۇ يازمىنى ئاخىرىدا farida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-30 11:13
تېلىفۇندا يوللىغاچ سادا چىەىپ كېتىپتۇ. كەچۈرۈڭلار. ياخشى باشلىنىش بوپتۇ.
ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇلسا ، رەھمەت !
aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 09:30 static/image/common/back.gif
ياخشى ئىشتىن بىرنى باشلاپسىز، تۆۋەندىكى ئىككى جۈملىدە ...
سىزگە كۆپ رەھمەت، ئەسلى بۇنداق سەۋەنلىك كۆرۈلمىسە بولاتتى. سەل ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويۇپتىمەن.
ئەپسۇس، تېمىنى قايتا تەھرىرلىيەلمەيۋاتىمەن، ئۆزگەرتىپ قويماقچىتىم.
خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت. مەن يادلاپ بولۇشقا تىرىشىمەن. ئەگەشتىم..... HeyDoctor يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:53 static/image/common/back.gif
سىزگە كۆپ رەھمەت، ئەسلى بۇنداق سەۋەنلىك كۆرۈلمىسە بو ...
بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، كۈندە يوللاشقا غەيرەت قىلىپ بېقىڭ، ھەر كۈنى يېڭى بىر جۈملە شەكلىنى...مەنمۇ ئەگىشىپ ھە، ھۇ دېيىشكەچ بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس. ئوبدان ئىش بوپتۇ. Birzat يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 13:55 static/image/common/back.gif
ئوبدان ئىش بوپتۇ.
ھەكىم بەي، «ئوبدان ئىش بوپتۇ» دەپلا قويماي ئاۋۇ جۈملە شەكىللىرىگە بىردىن جۈملە تۈزەيلى، دەيمەن. ئىچىڭلارغا قاچىلىۋالغان جۈملىلەرمۇ كۈن كۆرسۇن ماندا:lol تىرىشىڭلار، بولسا «ئېنگىلىز تىلىدىن 900 جۈملە »دىگەن كىتاپنى تېپىپ ، شۇنىڭدىكى جۈملە شەكلىلىرىنى يادلىسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن .
aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 14:03 static/image/common/back.gif
ھەكىم بەي، «ئوبدان ئىش بوپتۇ» دەپلا قويماي ئاۋۇ جۈملە ...
ئۇ ئەسىردىن بۇ ئەسىرگىچە تىل ئۈگىنىمەن دەپ داۋراڭ سىلىپ يۈرۈپمۇ بىرەر تىلنى ئوبدانراق ئۈگۈنۈپ بولالماپتىمەن. :funk:
1. I have to eat much more to be strong (ئوغلۇمنىڭ گېپى-ئۇيغۇرچە دەيدۇ ئەمما)
2. You don`t have to drink if you are not tristy
3. Do I have to be here to wait for you بۇ جۈملىنى ئەگەر سەن قايتىپ كەلگىچە بۇ يەردە ساقلاپ تۇرىشىم كېرەكمۇ دېمەكچى بولساق ئاخىرىغا to come back نى قوشساق كېسەل جۈملە بولامدا؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا burkut327 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-30 16:09
ئايپالتا توردىشىمىز تۈزگەن جۈملىنى ئۇيغۇرچە دەپ باقسىمۇ باشقىچە بىلىنىدىكەن.
. I have to understand what Mr.Aypalta said
توغرىدۇ؟ pis-pas ئەپەندى
بولسا سىزنىڭ تىل ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىڭىزنى بىلىپ باقساق؟
يەنەizchilar بۇرادەر سىلەرمۇ دەپ باقساڭلار