taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 14:01:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   taxtapan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 14:09  

I don’t want to be what I don’t want to be.
I don’t want you to come here before I make a call to you.
The last thing I want to do is fail in my first attempt.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 19:13:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HeyDoctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 19:15  

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 00:09 static/image/common/back.gif
ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى جۈملىدە مەسىلە بارمۇ قانداق؟ ئىش ...

خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق.

ماروژنى توغرىسىدىكى جۈملىدە ئىملادا خاتالىشىپتىمەن، cone نىڭ بىر c ھەرپى چۈشۈپ قاپتۇ.

ئەڭ ئاخىرقى جۈملىنىڭ تەرجىمىسىدە خاتالىشىپتىمەن.
ئۇ ئەسلى سىز دېگەندەك : گىرىمىمنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى قەتئىي خالىمايمەن.

دوستلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن قىزىل رەڭدە يازدىم.
دوستلارنىڭ خاتالىقنى بايقىغان ھامان ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە كۆپ مىننەتدار بولىمەن.

سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 19:36:50

كۈندە بىر جۈملە شەكلى (5)



بۈگۈن ئۆگىنىدىغىنىمىز Thank
تۆۋەندىكىسى كۆپ ئىشلىتىدىغان جۈملە شەكىللىرى



تۆۋەندىكىسى ئىنگلىز تىلىدىكى مىساللار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. (مەنچە تەرجىمىسى مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن، تەرجىمە قىلىشتا مەن پەقەت ماڭا ئەڭ تەبىئىي تۇيۇلغان تەرجىمىسىنى ئالدىم. تېخىمۇ مۇۋاپىقلىرى بولسا دوستلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. )


Thank you very much for helping me with the project
بۇ خىزمەتتە ماڭا يادەم بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.


Thanks a lot for the wonderful gift you brought
ئېلىپ كەلگەن ئېسىل سوۋغىتىڭىزغا كۆپ رەھمەت.


Thanks to you, we have time to go to Rome
رىمغا بېرىشىمىزگە ۋاقىت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. (مېنىڭچە بۇ جۈملىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن)


مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى




تولۇقلىما مەزمۇن (2015-2-4 22:04):
قايتا تەرجىمە قىلدىم:
Thanks to you, we have time to go to Rome
سىز سەۋەب بىزگە رىمغا بارىدىغان ۋاقىت چىقتى.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 20:05:42

براۋو  تۈركچىمۇ ۋە ياكى ئېنگىلىزچىمۇ ئەمەس، فرانسۇزچە سۆز.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 20:07:05

بۇ تېمىنى بەك ياقتۇردۇم، بىلمەكچى بولغۇنۇم مۇشۇنداق ئۆگىنىش سۈرئىتىدە قانچىلىك ۋاقىتتا قانچىلىك نەرسە ئۆگەنگىلى بولار؟
سەمىمىي سورۇدۇم ھە...

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 20:10:51

bendora يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 20:07 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىنى بەك ياقتۇردۇم، بىلمەكچى بولغۇنۇم مۇشۇنداق ئ ...

ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن.
ئاساسى بارلار ئۈچۈن 3 ئايدىن 6 ئايغىچە خېلى سۆزلەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنگۈچىلەرگە سەل تەس كېلىشى مۇمكىن.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 20:15:47

HeyDoctor يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 20:10 static/image/common/back.gif
ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن.
ئاساسى بارلار ئۈچۈن 3 ئايد ...

مەنغۇ ئېسىمنى بىلسەم 98-يىلىدىن باشلاپ ئارلىشىپ يۈرۈپتىكەنمەن بۇ تىلغا، بىراق قىززىقىش يوقتى دە بۇرۇن!
ئەمسە تىرىشىپ باقسام بولغۇدەك، بىراق سىزمۇ بۇنداق ئۆتىۋەرمەي ھېلىقىدەك ئىنكاس يازسا ئاندىن جاۋابىنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ ئىمتىھان ئۇيۇشتۇرمامسىز دەيمەن؟ ھى ھى   ياخشىلىق قىلساڭ قۇيرۇقىغىچە قىل دەيدۇغۇ؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 20:24:03

thanks, keep up

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 20:25:51

bendora يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 20:15 static/image/common/back.gif
مەنغۇ ئېسىمنى بىلسەم 98-يىلىدىن باشلاپ ئارلىشىپ يۈرۈپ ...

بۇ ئېسىمگە كەلمەپتۇ. بېشىدا قىلماپتىمەن، شۇڭا بۇ تېمىنى مۇشۇ پەدىدە داۋاملاشتۇراي.
كېيىن ئىككىنچى بۆلۈمىدە شۇنداق قىلىشنى ئويلىشىپ باقسام بولغىدەك.:D

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 20:48:56

HeyDoctor يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 20:25 static/image/common/back.gif
بۇ ئېسىمگە كەلمەپتۇ. بېشىدا قىلماپتىمەن، شۇڭا بۇ تېمى ...

قېنى مەنمۇ بېسىمسىز بىر تىرىشىپ باقاي ئەمسە...
ئۇتۇق تىلەيمەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 21:36:06

جۈملە تۈزگەن بىلەن خاتاسىنى تۈزىتىپ بېرىدىغانلار بولمىسا پايدىسى يوقمىكىن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:40:22

I want to teach myself everything I don't know.

I just want you to trust me, that makes me more confident, more comfortable.

Do you want to test my patience by being impatient of everything I say?

Do you want me to look miserable, frustrated and helpless as well?

what do you want me to live for?

You don't want to do it to yourself, do you?

The last thing I want to do is  to hurt you.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:44:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 01:23  

سىزنىڭ ئاخىرقى  جۇملىڭىزنىڭ تەرجىمىسى راس خاتا بولۇپ قاپتۇ .
Thanks to you, we have time to go to Rome
بۇنى ئەسلى قەشقەرچە تەرجىمە قىلسىڭىز توغىرا بولاتتى :lol:lol
رەخمەت ھەشقاللا غوجااااااام ، مانا ئەمدى رىمغا بارىدىغان بولدۇق .
رەخمەت دىگەن سۆزنى كىنايە قىلغاندا ، بۇ يەردىكى thanks to نى ئىشلىتىدۇ
جۇملىدىكى رىم دىگەن خەتنى كۆرۇپ توۋەندە توت دانە ماقال تەمسىل ئىسىمگە كەپ قالدى ، بىلىدىغانلارنىڭ تەرجىمە قىلىپ قويۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .
Rome wasn't built in a day

all roads lead to Rome

when in Rome do as the Romans do

fiddle while Rome burns

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:53:56

Thank you for your time.

Thank you very much for being there whenever  I needed.

Thanks a lot for everything you did for us.

Many thanks to the difficulties that I got through, they taught me more things than my college teachers did.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 23:54:40

مۇزتاغجان، ئۆزلەنىڭمۇ خاتا بولاپتۇ.
thanks to دېگەن چوقۇم كىنايە بولۇشى ناتايىن. بۇ ....بولغاچقا، ....نىڭ سايىسىدە، ....سەۋەبلىك دېگەندەك مەنىدە.
ئاۋۇ جۈملىنى قەشقەرچە تەرجىمە قىلساق، غوجۇۇۇۇۇۇم، ئۆزلەنىڭ سايىلىرىدە رىمغا بارغۇدەك ۋاقىت چىقتى مانا، رەھمەت جىما! دەمدىكىن.

KARAHANJAR يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 04:59:32

كۈندە بىر جۈملە شەكلى
ئەرجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت  مۇشۇ باھانىدە بۇ تىمىغا ئۇزىنىڭ بىلگەنلىرىنى  يۆللاۋاتقان باشقا تۆرداشلارغىمۇ كۆپ رەھمەت

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 12:42:16

Thank you very much for your prompt response.
(بۇ گەپنى ئېلخەت يېزىشقاندا بەك جىق ئىشلىتىمىز. سىز بىرسىگە بىرەر ئىشنى سوراپ خەت يازسىڭىز، خەت يازسىڭىز، قارشى تەرەپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي دەرھال جاۋاب بەرسە سىز چوقۇم رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك. بۇ ئەقەللىي ھۆرمەت)
Thanks a lot to all who helped on my journey.

I'm finally, thanks to your work, getting some control over the chaos.

thank نى ھەرخىل شەكىلدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن Many thanks دېگەندەك. ئەمدى بۇنىڭ thanks a lot بىلەن پەرقى بارمۇ، دېگەندە، نورمالدا جىق پەرقىمۇ يوق، ئالماشتۇرۇپمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن Many thanks كۆپىنچە رەسمىي شەكىلدە ئىشلىتىلىدۇ، يەنى نۇتۇقتا، ماقالىلەردە دېگەندەك. Thanks a lot بولسا كۆپىنچە  غەيرىي رەسمىيراق شەكىلدە ئىشلىتىلىدۇ، ئېغىز تىلىدا، بەك قېلىپلىشىپ كەتمىگەن ئېلخەتتە دېگەندەك. ئەگەر بىر ئادەم thanks a lot نى ئىشلەتكەن بولسا، ھەقىقەتەن چىن يۈرىكىدىن رەھمەت دەۋېتىپتۇ، دەپ ھېس قىلسىڭىز بولىدۇ.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 22:06:02

muztag يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 23:44 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ ئاخىرقى  جۇملىڭىزنىڭ تەرجىمىسى راس خاتا بولۇپ ق ...

تەرجىمىسىنى قايتىدىن تولۇقلىما شەكلىدە يېزىپ قويدۇم.
سىزگە كۆپ رەھمەت~

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 22:08:14

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 23:54 static/image/common/back.gif
مۇزتاغجان، ئۆزلەنىڭمۇ خاتا بولاپتۇ.
thanks to دېگەن چوقۇم  ...

ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك تەرجىمە قىلساق مۇۋاپىق بولىدىكەن.
شۇ يازمىنىڭ ئاستىغا قايتا يېزىپ قويدۇم.
توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 22:31:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HeyDoctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 22:35  

كۈندە بىر جۈملە شەكلى (6)



بۈگۈن ئۆگىنىدىغىنىمىز Like
تۆۋەندىكىسى كۆپ ئىشلىتىدىغان جۈملە شەكىللىرى




I like spending money and shopping on the weekends
مەن ھەپتە ئاخىرىدا مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىمەن.


I don’t like to think about my future too much
كەلگۈسۈم توغرىسىدا بەك كۆپ ئويلاشنى ياخشى كۆرمەيمەن.


How do you like going toBangkokin the summer
يازدا باڭكوكقا بارسا سىزچە قانداق؟


مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى


بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7
: بىرلىكتە جۈملە ئۆگىنەيلىمۇ؟ (ئىنگلىز تىلى كۈندە بىر جۈملە)