يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 15:44:56

I have to tell you that I am really impressed by your efforts trying to popularize English learning. Bravo! {:112:}
You have to keep up the good work.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 16:10:23

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 15:44 static/image/common/back.gif
I have to tell you that I am really impressed by your efforts trying to popularize English learning. ...

ماۋۇ بىراۋو دېگەن سۆزنىڭ ئىنگىلىزچە ئىكەنلىكىنى ئەمدى كۆرۈشۈم. تۈركلەر شۇ پېتى قوبۇل قىلغان گەپ ئىكەندە ئەسلىدە. مەن تېخى بىلگەجاننى تۈركچە ‹‹ئاپرىن›› سۆزىنى ئېنگىلىزچىگە قىستۇرۇپ قويغانمىدۇ دەپ ئويلاپ لۇغەت كۆرسەم تۈركچە-ئېنگىلىزچىدە ئوخشاشلا Bravo ئىكەن. :D

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 17:07:42

If i should have to catch up that bus , i would not be late
ئەگەر ئاشۇ ئاپتوۋوزغا ئۈلگۈرەلىگەن بولسام ، ھەر گىز كېچىكمىگەن بولاتتىم .
If i should have been there almost a year , I would  gain a new job
ئەگەر مەن ئۇ يەردە بىر يىل تۇرىۋەتكەن بولسام ، يېڭى بىر خىزمەتكە ئېرىشىپ قالار ئىدىم .
توغرىمۇ بۇ خىل جۈملە تۈزۈش  ، ھازىرغىچە ئۈگەنگەن ئېنگىلىزچىدە دائىم قېيىپ كېتىدىغىنىم مۇشۇلار .

The dogs would bark  كىتاپتا مۇشۇنداق جۈملىنىمۇ ئۇچراتتىم . نىمىشقا  The dogs  are barking  دىمەي would نڭ قېتىۋالىدۇ ؟
تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئۆزۈم تۈزگەن جۈملىلەر : توغرىمۇ ؟ ئەگەر خاتالىق بولسا نەدە خاتالىق ؟ مەن دائىم تۆۋەندىكى جۈملە شەكىللىرىنى ئىشلىتىشتە قېيىپ كېتىمەن .
When i saw him , he had had a new girl firend , they  were eating together
مەن ئۇنى كۆرگەن چېغىمدا ، ئۇ بىر يېڭى ئوبۇكتا تۇتىۋاپتۇ ، ئۇلار بېرلىكتە تاماق يەۋېتىپتۇ . (ئۆتكەن زامان  ئىچىدىكى ئۆتكەن زامان)
She said She should have had that ring , It would be easy to prove she is her daughter .
ئۇنىڭ دىيشىچە ، ئەسلى ئۇ ئۈزۈك ئۇنىڭدا بولغان بولسا ، ئۇنىڭ ئۇنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتىلىشى ئاسانراق بولاتتى .  

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 17:21:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ciao2013 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-30 17:28  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 15:44 static/image/common/back.gif
I have to tell you that I am really impressed by your efforts trying to popularize English learning. ...

بېلگەجان سىزنىڭ كەسپىڭىز ئېنگىلىز تىلى ياكى ئېنگىلىز ئەدەبىياتى بولمىسىمۇ سىزدىن مۇشۇ سوئالنى سورىغۇم كېلىپ قالدى:
مەن ئادەتتە كۆپ ئېنگىلىزچە رومانلارنى ئوقۇپ تۇرىمەن . ئەمما بەزى رومانلاردا مۇرەككەپ ۋە ئانچە ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەر كۆپ  ، بەزى رومانلاردا بولسا ئانچە كۆپ مۇرەككەپ سۆزلەرگە ئۇچرىمايمىز . زادى بىز چەكلىك ۋاقتىمىز دائىرىسىدا شۇنداق كۆپ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈگىنىشىمىز شەرتمۇ ؟
مەسىلەن :  Time Machine  ۋاقىت ماشىنىسى دىگەن كىتاپتا بەكلا كۆپ تەس سۆزلەر ئۈچرىدى . (سەۋەبى 19- ئەسىردە يېزىلغان كىتاپ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟)
ئەمما ‹ لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا › ، ‹ مىڭ پارلاق قۇياش › نىڭ ئېنگىلزچە نۇسخسىدا بولسا ئۇنچە قىينىلىپ كەتمىدىم . سەۋەبى ئۇ ئانا تىلى ئېنگىلىز تىلى بولمىغان ، ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئاۋغانىستانلىق يازغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟
ئۇندىن 1984 نى ئوقۇغاندىمۇ ئانچە - مۇنچە تەس كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەر ئۇچراپ تۇردى . ئەمما ۋاقىت ماشىنىسىدەك كۆپ ئۇچرىمىدى  .
يەنە بىرى Frankstain  (ھېلىقى ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغان دوختۇرنىڭ ھېكايىسى) نى ئوقۇغاندىمۇ بەك كۆپ تەس سۆز ئۇچراپ كەتتى ، بۇ ھالەت خۇددى ۋاقىت ماشىنىسى غا ئوخشاپ قالدى ، كېيىن تەپسىلى قارىسام . فىرەنكىستىيىن شېللىر نىڭ ئايالى گۈزەل مارىيە نىڭ ئەسىرى ئىكەن . ۋاقىت جەھەتتىنمۇ 19- ئەسىر ئەنگىلىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە ئىكەن .
ئاندىن تاللانغان50 قىسقا ھېكايىلەر توپلىمىدىكى ھېكايىلەرنى ئوقۇشتا ئانچە كۆپ مۇرەككەپ سۆز ئۇچرىمىدى . بىر بەتتە 2-3 تال بىلمەيدىغان خەت ئۇچرىدى . بىراق مارك تىۋىننىڭ ھېكايىلەر توپلىمىنى ئوقۇغاندا بىر بەتتە 10-15 دىن ئوشۇق مۇرەككەپ ۋە ئۈگەنمىگەن سۆز ئۇچرىدى ...
مەن ھازىرغىچە بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى تازا چۈشىنەلمىدىم .
ئادەتتە خەنزۇچە يېڭى زامان رومانلىرى بەيخۇا ۋىن دەپ ئوقۇش ئاسان .
ئېنگىلىزچىدىمۇ مۇشۇنداق بەيخۇاۋىن دەك ئاممىباپ يېزىلغان كىتاپلار بولىدىكەن . كۆپ تەس سۆز ئۇچرىمايدىكەن . ئەمما بەزى رومانلاردا بەكلا كۆپ ئۇچرايدۇ . بۇ ئاشۇ يازغۇچىىنىڭ ئېنگىلىز تىلى سۆزلۈك بايلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟
يەنە بىر ھىس قىلغىنىم : 2- دۇنيا ئۇرۇشىدن كېيىن نەشىر قىلىنغان ئامېرىكا ئەدەبى ئەسەرلىرىنى ئوقۇش 19- ئەسىردىكى ئەنگىلىيدە نەشىر قىلىنغان رومانلارنى ئوقۇشتىن ئاسانراق تۇيۇلىدىكەن كىشىگە .  

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 17:24:29

مەن ئېنگىلىزچە رومانلار ئىچىدە سىدنىي شېلدوننىڭ رومانلىرىدەك ئاسان رومانلارنى ئۇچراتمىدىم. ئوقۇيمەن دىسەڭلار ئىۋەتىپ بىرىمەن جۇمۇ. ئۇنىڭ رومانلىرىدىن ئوندەكنى ئوقۇدۇم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 17:47:39

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 16:10 static/image/common/back.gif
ماۋۇ بىراۋو دېگەن سۆزنىڭ ئىنگىلىزچە ئىكەنلىكىنى ئەمد ...

رەھمەت بىرزاتكا. مەنمۇ يېڭى بىر تۈركچە سۆز ئۆگىنۋالدىمدە، ئەمدى.:lol ئىككەيلەن بىر-بىرىمىزگە تىل ئۆگەتسەك بولامدۇ، نېمە؟

KARAHANJAR يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:09:06

قېنى ئەمىسە تەييار تۇرۇڭ، باشلىۋەتتۇق!
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .  ئۇگۇنۇشنە باشىۋەتتۇق ئەمسە  

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 08:51:15

كۈندە بىر جۈملە شەكلى (2)



بۈگۈن ئۆگىنىدىغىنىمىز Sure
تۆۋەندىكىسى كۆپ ئىشلىتىدىغان جۈملە شەكىللىرى



تۆۋەندىكىسى ئىنگلىز تىلىدىكى مىساللار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. (مەنچە تەرجىمىسى مۇكەممەل بولىشى ناتايىن، تەرجىمە قىلىشتا مەن پەقەت ماڭا ئەڭ تەبىئىي تۇيۇلغان تەرجىمىسىنى ئالدىم. تېخمۇ مۇۋاپىقلىرى بولسا دوستلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. )


I am not sure if Jim took the pen from the desk
Jim نىڭ ئۈستەلدىن قەلەمنى ئالغان ئالمىغىنىنى جەزىم قىلالمايمەن.


Be sure to tell Richard how much I like him
Richard قا مېنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى چوقۇم دەڭ.


Please make sure that they know what happened here
ئۇلارغا بۇ يەردە نېمە يۈزبەرگەنلىكىنى چوقۇم بىلدۈرۈڭ.

مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى


aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 09:22:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 09:24  

I am not sure that I am the right person to do it.

I am not sure if I am going to be welcome.

Be sure to know what you are doing.


Please make sure that you are fully ready.

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 09:50:37

بىر چاغلاردا ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىۋاتقان چاغلاردا، ماۋۇ ھەرىپ بىلەن ماۋۇ ھەرىپ بىر كەلسە، مۇنداق تەلەپپۇز قىلىسەن.
ماۋۇ ھەرىپ بىلەن ماۋۇ ھەرىپ بىللە كەلسە مۇنداق تەلەپپۇز قىلىسەن دەپ دەپ بەرگەنتى. كىيىن يەنە ئىسىمىدىن كۈتۈرلۈپ كىتىپتۇ. بولسا پۇختا بىلىدىغانلار بىر قالدۇرۇپ قويساڭلار.

aragon121 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 14:54:14

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ...قىززىقىشىمىز ئوخشايدىكەن، تۆۋەندىكى ئەپنى تەۋسىيە قىلاي.
ئەپ ئىسمى(英语趣配音) .
ئايفون ياكى ئاندىروئىد سەپلەنمە مۇھىتىدا ياخشى ئىشلەيدۇ. ئاساسلىقى ئېنگىلىزتىلى فىلىم كەسمىلىرىگە ئاۋاز بېرىسىز ، يەنە تېخى ئۈندىدار ۋە ھەرقايسى بىلوگ لاردا ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ ...يامان ئېسىل ....:lol :victory: :handshake

munir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 17:37:05

albAX يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 09:49 static/image/common/back.gif
يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن بۇ جۈملىلەر سەل مۇرەككە ...

توغرا دىدىڭىز پىكىرىڭىزنى قوللايمەن

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 17:47:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 17:48  

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 15:26 static/image/common/back.gif
pis-pas ئەپەندى
بولسا سىزنىڭ تىل ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىڭىزن ...

ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى بۇ تېمىغا بىۋاستە يازساق، مەزمۇن بىلەن ماسلاشماي،سەل قالايمىقان بولۇپ كىتىشى مۇمكىن، تىما ئىگىسى يەنە بىر تىما ئاچسا، مۇنبەردىكى ئىنگىلىزتىلى ئۈگەنگەن بالىلار بىربىرلەپ ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى بايان قىلسا ياخشى بولاتتى.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 17:47:59

aragon121 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 14:54 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ...قىززىقىشىمىز ئوخشايدىكەن، تۆۋەند ...

ئاۋۇ راس پەيزى ئەپكەن. :lol

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 22:10:16

ciao2013 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 17:21 static/image/common/back.gif
بېلگەجان سىزنىڭ كەسپىڭىز ئېنگىلىز تىلى ياكى ئېنگىلىز ...

   مەسىلەن ، چارلىز دېككنىسنىڭ ئەسەرلىرىدىن « تۇمانلىق پايتەختتىكى يىتىم بالا » دىگەندەك كىتاپلارنىڭ  ئەسلى نۇسخىسىنى  ئەنگىلىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كىشىلەرمۇ  زامانىمىزدا زوق ئېلىش ئەمەس ئوقۇپمۇ تەستە چۈشىنىدۇ ، bilgejan ئەگەر ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ناھايىتى راھەت ئىچىدە يەڭگىل ئوقۇغان بولسا بۇنى تالانت ئەمەس مۆجىزە دىيىشكىمۇ بولىدۇ . بەلكىم ئاددىلارتۇرۇلغان ئۆسمۈر نۇسخىلىرىدىن زوق ئالغان بولىشى مۈمكىن ، چۈنكى ئېنگىلىز تىلىنى چەتئەل تىلى ھىسابىدا ئۈگەنگۈچىنىڭ ئاددىلاشتۇرۇلغان قىسمىدىن زوق ئالالىشى ئادەتتىكى مۈمكىنچىلىككە ئۇيغۇن .

  سىزنىڭ ئېنگىلىسچە سەۋىيەڭىز يامان ئەمەس ئىكەن ، لېكىن مېنىڭچە مەقسەتلىك ھالدا داۋاملىق ئۆگىنىڭ ، مەسىلەن ھازىرقى باسقۇچتا ئەگەر خەنزۇ تىلىڭىزمۇ  خېلى ياخشى بولسا دۆلەتلىك catti تەرجىمانلىق ياكى شاڭخەي شەھرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئېغىز تەرجىمانى ئىمتىھانىغا  قاتنىشىڭ ، پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى مۇناسىۋەتلىك تەربىيەلەش سىنلىرى تورلاردا كۆپ ، كېنىشكە ئالسىڭىز 500 كۈچلۈك كارخانىدىن خىزمەت ئىزلەشكە بەك پايدىلىق ئىكەن ، ئاندىن ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان بىر كەسپى ساھەدىكى ماتىرياللارنى كۆپ ئوقۇپ مەشق قىلسىڭىز مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخخەسسىس بولۇسىز ، كىشىنىڭ ئۆمرى چەكلىك ، ئېنگىلىز تىلىدىكى كىتاپ ماتىرىياللار  دېڭىزدەك ، بىز ئۆمۈر ئوقۇسىڭىزمۇ بىر تامچىسىنى ئوقۇيالىشىڭىز مۈمكىن . يۇقۇرىدىكى مەسلىھەتىمنى ئويلىشىپ بېقىڭ .

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 22:17:19

تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە ئىستىقبالى توغۇرلۇق سۇئالىڭلارغا جاۋاپ بېرىشكە تەييارمەن ، چۈنكى ئۆزەممۇ مۇشۇ ساھەدىكى ھەۋەسكار :)

KARAHANJAR يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 23:08:16

كۈندە بىر جۈملە شەكلى (2)
رەھمەت .

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 23:33:39

رەھمەت سىزنىڭ  سەمىمى تەكلىۋىڭىزگە ئارال . مەن بېلگەجاننىڭ ماڭا قايتۇرغان ئىنكاسىنى ئوقۇپ ،  بىلگەجاننىڭ  سەمىمى  گەپ  قىلغانلىقىدىن  گۇمان قىلغان ئىدىم ، سەۋەبى ئىنگىلىز تىلى ئەدەبىياتىدا ئوقۇغان بىر دوستۇمدىن ئوخشاش سوئالنى سورىغان ۋاقتىمدا 19ـ ئەسىر ئەنگىلىيە ئەدەبىياتىنى ج ئار ى دىن ئۆتكەن ئادەممۇ نوچىلىق قىلالـمايدۇ دىگەن .  شۇ نەرسە ئېنىقكى ئامېرىكىدا ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئېگىلىزچە  سەۋىيىسى قالتىس ئەمەسكەن . ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى وقۇغان كەسىپىنىڭ سۆزلىرىى پىششىق يادلىۋېلىشى مۆمكىن ، براق بۇ ئۇنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئەدەبىياتىغا قالتىس پۇختا ئىكەنلىكىدىن دېرەك  بەرمەيدۇ . دەل شۇ سەۋەپ بىزنىڭ ئۇيغۇرچە رومانلارنى ئېنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغۇدەك نوچى ھازىرغىچە چىقالـمىدى ، سەۋەبى مۇشۇ ساھەدە مەخسۇس ئېنگىلىز ئەدەبى تىلىنى ئۈگەنمىدى ، ياكى ئۆز ئانا تىلىنىڭ ئەدەبى تىلىگە پۇختا ئەمەس ،
بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7
: بىرلىكتە جۈملە ئۆگىنەيلىمۇ؟ (ئىنگلىز تىلى كۈندە بىر جۈملە)