mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 01:25:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 02:58  

Send Oliver with them . . he will be sure to deliver them safely, you know.
Quote from "Oliver Twist", lol :P
تۆپىدىكى ئىنكاسىمنى تەھرىرلەپ ماۋۇ ئىنكاس چۈشىنىكسىز بولۇپ قاپتۇ. يۇقىرىدا چارلىز دېككىنىسنىڭ كىتابىنىڭ گېپى بوپتىكەن، لېكىن كىتاب ئىسمى خاتا دېيىلىپتۇ، كىتابنىڭ ئىسمى ئولىۋىر تۋىست، قانداقتۇر تۇمانلىق پايتەختتىكى يېتىم بالا ئەمەس.
يۇقارقى جۈملە شۇ كىتابتىن بىر نەقىل.

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 07:54:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 07:55  

شۇنداق ، Oliver Twist ، لېكىن جوڭگوغا بۇ كىنو  ۋە كىتاپ بولۇپ « قانداقتۇر تۇمانلىق پايتەختتىكى يېتىم بالا ئەمەس ... » دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كىرگەچكە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە كۆپىنچىمىز ۋەتەندە ياشاۋاتقاچقا ۋە بۇ ئىسىمنى ئالسام ئوقۇپ باقمىغانلارمۇ دەماللىققا نىمە توغۇرلۇق سۆزلەۋاتقىنىمنى ئاڭقىرالايدۇ دەپ مۇشۇنداق ئېلىپ قويدۇم . بۇ بىر ئاددى يۈزەكى مەسىلە .

  چەتئەل تىلى ئۈگىنىشتە ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش بىرىنچى ئامىل بولغاچقا ئوقۇش ،يېزىش، دىيىش ، ئاڭلاش 4 ماھارەتتە ئامال بار ئەڭ ئاددى يولىنى تۇتۇش تەكىتلىنىدۇ ، بۇنداق بولغاندا تىل ئۈگىنىش قىزىقارلىق ۋە يېنىك بىر پائالىيەتكە ئايلىنىدۇ دىيىلىپتۇ .

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 08:34:54

كۈندە بىر جۈملە شەكلى (3)



بۈگۈن ئۆگىنىدىغىنىمىز Worry
تۆۋەندىكىسى كۆپ ئىشلىتىدىغان جۈملە شەكىللىرى



تۆۋەندىكىسى ئىنگلىز تىلىدىكى مىساللار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. (مەنچە تەرجىمىسى مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن، تەرجىمە قىلىشتا مەن پەقەت ماڭا ئەڭ تەبىئىي تۇيۇلغان تەرجىمىسىنى ئالدىم. تېخىمۇ مۇۋاپىقلىرى بولسا دوستلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. )


I am worried about his health since he had that fall
ئۇ يىقىلغاندىن باشلاپ، مەن ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ كەلدىم.

I am worried that we don’t know enough about his past
مەن ئۇنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا يېتەرلىك بىلمىگىنىمىزدىن ئەنسىرەيمەن.

Don’t worry about the test, for you will do fine
ئىمتىھاندىن ئەنسىرمەڭ، چۈنكى سىز ياخشى بېرەلەيسىز.

مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 10:19:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 11:40  

don't worry about a thing ، cause every little thing's gonna be alright
بوب مارلىينىڭ داڭلىق ناخشىسى three little birds دىن نەقىل

Don't worry about the results, just do it!
Where have you been? We have been very worried about you.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 10:28:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 10:42  

I am worried about what the future holds for me if I go on like this.


I am worried that my English is not as good as I think.

Don't worry about what others are thinking of you.





aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 10:44:34

خەي دوكتور: ماڭا كۈندە ھېيتلىق بەرمىسىڭىزمۇ مەن داۋاملاشتۇرىمەن، تاكى سىز توختاپ قالغۇچە!

داۋاملاشتۇرۇڭ، براۋو!:lol

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:21:11

دوكتورنىڭ بۇ ئىشى ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ ، مەنمۇ كۈندە قاتنىشمەن. Very good :victory::victory:

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:32:26

This days I am worried that little things.
Mr. doctor, don't worry , please ! I am set down every day. :)

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 13:26:02

يۇقارقى جۈمىللەرنى ئوقوپ چۈشنەلەيدىكەنمەن

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 15:59:32

ئاغنىلەر سىلەر ئىنگىلزچە كىتابلارنى قايسى توردىن سېتىۋالىسىلەر ،تەجرىبەڭلارنى دەپ بەرسەڭلار؟
مەنمۇ ئوقۇپ خېلى بىرنەرسىنى چۈشىنىمەن،ئەمما پەقەتلا سۆزلىيەلمەيمەن،چىڭگىلىش بوپ قالغان ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا.
زادى قانداق قىلسام سۆزلەش قابلىيىتىمنى تىز ئۆتۈرەلەيمەن؟سەل زىرىكىشلىك تۇيۇلدى سۆز ۋە تىكست،جۈملە يادلاش؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:02:09

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 17:47 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ راس پەيزى ئەپكەن.

سىزنىڭ ئىنگىلىزچە ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىزنى بەك بىلگۈم كىلىدۇ،چۈنكى ھەرقايسى ساھەدە بىلىملىككەن سىز.
ھازىر قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىسىز؟سىزنى ئۈرۈمچىدە دەپ پەرەز قىلدىم،بولسا چەتكە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇڭ ،
تۈركچىنىمۇ بىلىدىكەنسىز تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:04:12

aral يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 22:10 static/image/common/back.gif
مەسىلەن ، چارلىز دېككنىسنىڭ ئەسەرلىرىدىن « تۇمانلى ...

بولسا ياخشىراق دەسلەپ ئۆگەنگۈچىلەرگە كىتاپ تەۋسىيە قىلسىڭىز؟قانداق قىلغاندا سەۋىيەنى تىز ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ؟
سىز دىقىقەت قىلدىغان باشقا مۇھىم گەپلەرنىمۇ  دەپ بەرسىڭىز؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 16:09:39

HeyDoctor بولس ائۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇڭ؟ئۈرۈمچىنىڭ قەيىرىدە ياخشى ئىنگىلىزچى كىتابلارنى سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ؟
تەخمىنەن نەچچىلىك سۆزلۈكى بۇلسا تۇرمۇشتىن ئاساسەن چىققىلى بۇلىدۇ بۇ ئىنگىلزتىلىنىڭ ؟

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 19:11:59

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 16:04 static/image/common/back.gif
بولسا ياخشىراق دەسلەپ ئۆگەنگۈچىلەرگە كىتاپ تەۋسىيە ق ...

ئالدى بىلەن تىل ئۈگىنىش مۇددىئارىڭىزنى ئېنىق قىلىۋېلىڭ ، مەسىلەن IELTS ئىمتىھانىدىن يۇقۇرىراق نومۇر ئالماقچىمۇ ياكى تەرجىمان بولماقچىمۇ ؟ چوڭ شىركەتكە خىزمەتكە كىرمەكچىمۇ ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچىمۇ ...دىگەندەك ، مۇددىئارىڭىز ئېنىق بولسا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالايسىز .
  سۆزلەش ئىقتىدارىڭىز ئاجىز بولسا كۆپ سۆزلەشنى مەشق قىلىڭ ۋە  ئۈگىنىڭ ، لېكىن ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە ئاڭلاش ، سۆزلەش ، ئوقۇش ، يېزىش 4 ماھارەتنى تەڭ مەشق قىلىپ ئېلىپ ماڭسىڭىز سەۋىيىڭىز تېز ئىلگىرىلەيدۇ ، دەسلىۋىدە چوقۇم كۈندە ئۈگەنگەن خام سۆزىڭىزدە ئاددى -ئاددى جۈملە تۈزەڭ ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن كۈندە 3-4 قۇر بىرنىمە يېزىڭ ، سەۋىيەڭىز تېز ئۆسىدۇ  .
  
ئەگەر ئامال بولسا بىر تەرەپتىن كۇرسقىمۇ قاتنىشىڭ ، ئۈنۈملۈك بولىدۇ ، ئوقۇشقا ۋە ئاڭلاشقا  牛津书虫系列 دىگەننى تاللاڭ ، كېيىن ئاستا- ئاستا ئۆزىڭىزگە لايىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تېپىۋالاليسىز . كۈندىلىك ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ ، ئاللاھتىن ئۆزىڭىزگە ئىرادە ۋە زېھن تىلەڭ كۈندە ... مۇشۇنچىلىك يازاي .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 23:40:19

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 01:15 static/image/common/back.gif
I am not sure if @aral and @Ciao can understand what I am talking about, but I
would like to ask yo ...

I am worried if the fools can understand what you are saying.
ئەخمەقلەرنىڭ سۆزىڭىزنى چۈشىنەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن.

I am not worried about the fools, but I am just worried that they might waste your time.
مەن ئەخمەقلەرنى پەرۋايىمغا ئالمايمەن، بىراق پەقەت ئۇلارنىڭ سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.

  People who are worried about what others can do will never make a miracle happen.
باشقىلارنىڭ نېمىنى قىلالايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ يۈرىدىغان كىشىلەر مەڭگۈ مۆجىزە يارىتالمايدۇ.

:) :)

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 19:24:41

كۈندە بىر جۈملە شەكلى (4)



بۈگۈن ئۆگىنىدىغىنىمىز Want
تۆۋەندىكىسى كۆپ ئىشلىتىدىغان جۈملە شەكىللىرى



تۆۋەندىكىسى ئىنگلىز تىلىدىكى مىساللار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. (مەنچە تەرجىمىسى مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن، تەرجىمە قىلىشتا مەن پەقەت ماڭا ئەڭ تەبىئىي تۇيۇلغان تەرجىمىسىنى ئالدىم. تېخىمۇ مۇۋاپىقلىرى بولسا دوستلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. )


I want to find out what happened to the film
فىلىمدىن قانداق مەسىلە چىققىنىنى بىلگىم بار.


I want you to be in charge of the firm this year
مەن سىزنى بۇ زاۋۇتنى بىر يىل باشقۇرغۇزماقچى.


Do you want to come over to my house tonight
بۈگۈن كەچ مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلەمسىز؟


Do you want me to give you more money for the show
مېنى بۇ ئويۇن ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇل بەرگۈزمەكچىمۇ؟


What do you want me to do with those extra shoes
ئاۋۇ ئارتۇق ئاياغلارنى مېنى نېمە قىلسۇن دەيسىز؟


You don’t want to get another ice cream one
سىز ئەمدى ماروژنى يېمەڭ. (سىز ئەمدى ماروژنى يېمەيسىز)


The last thing I want to do is ruin my make-up
ئەڭ خالىمايدىغان ئىشىم بولسا گىرىمىمنى يۇيۇشتۇر.

مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى



تولۇقلىما مەزمۇن (2015-2-3 19:05):
ئاستىدىن سانىغاندا ئىككىنچى جۈملىنىڭ توغرىسى تۆۋەندىكىچە:
You don’t want to get another ice cream cone

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 19:25:51

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 10:44 static/image/common/back.gif
خەي دوكتور: ماڭا كۈندە ھېيتلىق بەرمىسىڭىزمۇ مەن داۋامل ...

:lol
داۋاي ئەمىسە!

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-2-2 19:32:04

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 16:09 static/image/common/back.gif
HeyDoctor بولس ائۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇڭ؟ئۈرۈمچىنىڭ قەيىر ...

ئۈرۈمچىدە ‹外文书店› دەپ بىر كىتابخانا بار. شۇ يەردىن خېلى كۆپ كىتابلارنى تاپقىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى  توردىن تاپتىم.
ئورنى شىمالىي شىنخۇا يولى 432 نومۇر. تېلىفون نومۇرى 2826805

كېيىنكى سوئالىڭىزغا ئېنىق جاۋاب يوقمىكىن دەيمەن. مەنغۇ 500 ئەتراپىدىكى سۆزلۈك بىلەن خېلى ئادەملەرگە گەپ سېتىپ يۈرگەن.:lol


mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 00:09:23

ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى جۈملىدە مەسىلە بارمۇ قانداق؟ ئىشقىلىپ ئەڭ ئاخىرقىسىنىڭ تـەرجىمىسى خاتا بولۇپ قاپتۇ. گىرىمىمنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى قەتئىي خالىمايمەن، دەۋاتىدۇ. ئاۋۇ ماروژنا دېگەن جۈملىنى خاتا كۆچۈرىۋالدىڭىزمۇ قانداق؟

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 13:51:18

I want to this book.
I want to Izdinix network.
ئاددى بولسىمۇ يېزىپ باقتىىم. :P:P
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7
: بىرلىكتە جۈملە ئۆگىنەيلىمۇ؟ (ئىنگلىز تىلى كۈندە بىر جۈملە)