(bilgejan) يېشى چوڭ دادىلارنىڭ بالىلىرى ئەقىللىق بولامدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 11:09يېشى چوڭ دادىلارنىڭ بالىلىرى ئەقىللىق بولامدۇ؟
بىلگەجان
تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھازىرقى دۇنيادا كىشىلەر بارغانسىرى كېچىكىپ بالىلىق بولماقتا. كېچىكىپ بالىلىق بولۇشنىڭ بالا ساغلاملىقىغا مەلۇم تەسىرلىرى بولىدىغانلىقىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلىشى مۇمكىن، ئەمما دادا يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى بىلەن بالا ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى تا يېقىنقى يىللارغىچە تېخى ئايدىڭ بولمىغان مەسىلە ئىدى. تۆۋەندە ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغا پايدىلىنىش ئۇچۇرى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن، بۇ مەسلە ئۈستىدە ئامېرىكا ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلغان، ئىلمىي تەجىرىبىدىن ئۆتكەن ۋە داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىمەن.
يېقىندا PloS Medicine دە ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە (بۇ يەردىن كۆرۈڭ)، يېشى چوڭ دادىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بوۋاقلىق ۋە بالىلىق مەزگىلىدىكى ھەر خىل ئەقلىي ئىقتىدار سىناقلىرىدىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولۇپ، ئانىنىڭ يېشى چوڭ بولغاندا ئەكسىچە نەتىجە چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا چوڭ ياشلىق دادىلار بىلەن بالىلاردىكى تۇغما كەمتۈكلۈك، خارامۇشلۇق كېسىلى، ئېلىشىپ قىلىش قاتارلىق نېرۋا كېسەللىكلىرى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى (ئاستىدىكى پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىغا قاراڭ).
بۇ قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسى پىلوس مېدىتسىنا (PloS Medicine) ناملىق مىدىتسىنا ساھەسىدە خەلقىئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى بولغان مىكگرات تەجىرىبىخانىسىدىكىلەر ئامېرىكا ھەمكارلىق ھامىلدارلىق تۈرى دەپ ئاتالغان زور سانلىق مەلۇماتنى ئانالىز قىلغان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكىدىكى 12 شەھەردىن 1959-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە توپلانغان. مىكگراتنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى شۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان 33 مىڭ نەپەر بالىنى تەتقىقات ئوبىيكتى قىلغان بولۇپ، ئۇلار 8 ئايلىق، 4 ياش ۋە 7 ياشقا كىرگەندە ئېرىشىلگەن ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان سىناقلارنىڭ نەتىجىسىدىن پايدىلانغان. بۇ سىناقلار ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئويلاش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنى سىنىغان بولۇپ، دېققەتنى يېغىش، ئۆگىنىش، سۆزلەش، ئوقۇش، ھېساب، ئەستە تۇتۇش ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى ئۆلچىگەن.
ئاخىرىدا ئۇلار دادىلارنىڭ يېشى ۋە ئانىلارنىڭ يېشىنى تەكشۈرگەن ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى ئامىللار، مەسىلەن ئائىلە ئىقتىسادى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئالغان. بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان دادىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28.4 ياش بولۇپ، دائىرىسى 14-66 ياش بولغان.
سىتانفورد بىنەت ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق IQ (ئەقىل كۆرسەتكۈچى)نى باھالىغاندا، 50 ياشتىن ئاشقان دادىلارنىڭ بالىلىرى 20 ياشلىق دادىلارغا سېلىشتۇرغاندا IQ سى 6 نومۇر تۆۋەن چىققان، ئەمما بۇنى ئائىلە ئىقتىسادى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئىلىپ ھېسابلىغاندا بۇ پەرق 2.2 نومۇر بولغان.
بۇ نەتىجە بىزنى دادىنىڭ يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، دېگەن سوئالغا باشلايدۇ. بۇ توغرىدا مىكگىرات مۇنداق دېگەن:
نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئىلمىي پاكىتلار ياش چوڭايغانسىرى ئەرلەر ئىسپىرمىسىدا تېخىمۇ كۆپ گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا، دېمەكچى يېشى چوڭ ئەرلەرنىڭ DNA كودىدا كۆپرەك خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
مىكگىراس يەنە مۇنداق دەيدۇ:
شۇنداقتىمۇ، دادىلارنىڭ يېشىنىڭ بالا ئەقلىي قابىلىيىتىگە بولغان تەسىرى باشقا ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت ئامىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ كىچىك. مەسىلەن، ياخشى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق، بالىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ياخشى ئوزۇقلىنىشى، ياخشى مائارىپ، ئىللىق ئائىلە، ئېسل ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ قاتارلىقلار تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستېروننىڭ مىقدارى 30 ياشتىن باشلاپ ئاستا-ئاستا ئازلايدىغان بولۇپ، 40 ياشلاردىن كېيىن جىددىي تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىق بولۇشتا ئەرلەر ئىمكانقەدەر بالدۇرراق بالىلىق بولۇشنى تاللىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ چۈنكى تېستوستېرون مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئىسپىرما سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
پايدىلىنغان ماتىرىياللار:
http://www.plosmedicine.org/article/info:doi/10.1371/journal.pmed.1000040
http://www.plosone.org/article/metrics/info:doi/10.1371/journal.pone.0090097#citedHeader
http://archpsyc.jamanetwork.com/article.aspx?articleid=1833092
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان)
2015-يىلى قەھرىتاننىڭ 13-كۈنى
سان ئانتونىيو، ئامېرىكا
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ۋە مەن يازغان باشقا بارلىق ماقالىلەرنى شەخسىي بىلوگىمدىن كۆرەلەيسىز: بىلگە بىلوگى. بۇ يازمىنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا «بىلگە بىلوگىدىن ئېلىندى» دەپ ئەسكەرتىشنى ۋە بىلوگ ئادېرىسى () نى تەمىنلەشنى ئۇنتۇماڭ. رەھمەت.
مانا سەھەردىلار ئېنتىرنېت تورنى ئېچىپ بىلگەجاننىڭ يەنە بىر ئېسىل يازمىسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. ئىسېل يازما بوپتۇ .......
شۇنداق بولغاندا ئاتا-بوۋلىرمىزنىڭ يەكۈنى خاتا بولدىمۇ... بۇمۇ مۇتلەق ئەسكەن.دىمەك مەن قېرىغاندا تاپقان بالا دۆت بولىدۇ دەپ ئۆيدىكى چوڭ ئاكا ھەدىلەرنىڭ ئىنى سىڭىللىرىنى تىللاپ قويغاننى ئاڭلىغان. لېكىن ئەلى قۇربان ئۇنداق دېمىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 10:42
nur000 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 10:28 static/image/common/back.gif
شۇنداق بولغاندا ئاتا-بوۋلىرمىزنىڭ يەكۈنى خاتا بولدىمۇ ...
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قايسى يەكۈنىنى دەيسىز؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا توغرا يەكۈنلەرنى بىزگە قالدۇرغان، ئەمما خاتالىرىمۇ ئاز ئەمەس، بۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، ئەمما شۇ قەدىمكى ۋاقىتتا بىلىشنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنى دېسىڭىز، بىئولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى ناملىق ماقالەمنى ئوقۇپ كۆرۈڭ، ئۇنىڭدا تا 17-ئەسىرگە كەلگەندىمۇ ئىنساننىڭ ئىسپىرما ۋە تۇخۇمدىن يېتىلىدىغانلىقىنىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ، جۈملىدىن ئىنسانىيەت بىلمەي يۈرگەن. ئىلگىرىكى بىلىملەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى ئىلمىي يۈكسىلىشلەر، ئىلمىي تەتقىقاتلاردىكى توغرىلىق كىشى ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرىجىگە باردى. ھالبۇكى، بۇ تەرەققىياتلاردىن ئۇيغۇر دىيارى بىخەۋەر قالدى ۋە داۋاملىق شۇنداق بولماقتا. بۇنى ئىلىم-پەننىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كۆرمىگەنلەر ئاسانلىقچە ھېس قىلىپمۇ بولالمايدۇ.
بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلارغا قارىتا سوئالىڭىز ياكى قارشى ئىلمىي دەلىلىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن. رەھمەت. زادى قىرىغاندا تاپقان بالا مۇشتاق بولىدۇ دەيتتى ئەسسالام تۇرسۇنجان ئىنىم خۇش كەپسىز . ھارماڭ. بۈگۈنمۇ بىزگە پەرزەنتلىك بولۇش ۋە ئەقلى ئىختىدارى ئۇتتۇرسىدىكى يىڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى يوللاپسىز. رەخمەت. دىمىسىمۇ ياش بىلەن بالىنىڭ تەربىيەلىنىش،ئۆسۈپ يىتىلىش، مۇھىت قاتارلىقلا زىچ مۇناسىۋىتى بولىدۇ. شۇڭا ‹‹ئايالىڭ ئۈچ ياش چوڭ بولسا ئۆيۈڭ ئىللىق بولۇر››دىگەن گەپ توغرىمۇ نىمە:lol(خەنزۇ خەلق ماقال تەمسىلى) rock يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 10:38 static/image/common/back.gif
مەن قېرىغاندا تاپقان بالا دۆت بولىدۇ دەپ ئۆيدىكى چوڭ ئ ...
ئ.ەلى قۇربانمۇ مەلۇم ماتىريالدىن ئاشۇنداق كۆرگەندۇ بەلكىم، تۇرسۇنجانمۇ مەلۇم ماتىريالدا تەجىرىبە قىلىنىپ سۆزلەنگىننى ئېيتىپتۇ بىلىم دىگەن كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان نەرسە ، ئىشقىلىپ يېڭلىقلاردىن خەۋەردا بۇلۇپ تۇرغىنىمىز ياخشى، بىلگجان ۋە ئەلى قۇربانلارنىڭمۇ يەتكۈزۈپ تۇرغىنى ئەۋزەل ئاخىردا يەكۈن چىقىردىغىنىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ كاللىسى Gulam615 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 10:49 static/image/common/back.gif
ئەسسالام تۇرسۇنجان ئىنىم خۇش كەپسىز . ھارماڭ. بۈگۈنمۇ ب ...
ئۆيۈڭ ئىللىق بولۇر
ئالتۇن قۇچاغلىغاندەك بولىسەن دىگەن گەپتۇ ؟ :lol
女大三,抱金砖 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا umudwar0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 10:56
تاشپۇلاتكام، شۆھرەتكام، ئەركىنكام، قەيسەركام، نۇرمۇھەممەتجان............... قاتارلىق سەركىلەرنىڭ( دىيارمىز ئىچىدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يېڭلىقلاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغانلىقغا رەھمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 12:20
umudwar0998 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 10:49 static/image/common/back.gif
ئ.ەلى قۇربانمۇ مەلۇم ماتىريالدىن ئاشۇنداق كۆرگەندۇ ب ...
ئەلى قۇرباننىڭ «بىلىم ئېرسىيەت قالىدۇ» «ياشانغاندا كۆرگەن پەرزەنت ئەقىللىق بولىدۇ» دېگەنلىرى ئىلمىي ئىسپاتلاردىن ئۆتمىگەن گەپ. مەن ئادەتتە ئېنىق جاۋابى چىقمىغان مەسىلە بولسا تالاش-تارتىش قىلىنۋاتىدۇ دەپ ئەسكەرتىمەن. بىئولوگىيەدە ئۇنداق قاراشمۇ، مۇنداق قاراشمۇ توغرا بولىدىغان ئەھۋاللار كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. ئېرسىيەت، ئەقىلىي ئىقتىدار دېگەنلەر پىسخولوگىيىدىن بەكرەك بىئولوگىيىنىڭ تەتقىقات دائىرىسىدە. ئېرسىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى گېنتىكا دەيمىز، بۇ ئىلىمدە ئەلى قۇربان دېگەندەك كۆز قاراشلار رەت قىلىنىدۇ.
ئەمدى يېشى چوڭ ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيەلەشتە تېخىمۇ سەۋىرچان ۋە تۇرمۇش بىلىملىرى كۆپ بولۇش ئىھتىمالىنى كۆزدە تۇتساق (مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك)، ئۇ ھالدا بۇ ئەلۋەتتە بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئائىلىسى بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇ ئېرسىيەت قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ چۈنكى ئېرسىيەت دېگىنىمىز گېن ئارقىلىق ئەجدادنىڭ ئېرسىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئەۋلادقا ئۆتۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا مەن دىققىتىمنى بەرسەم بولغۇدەك ، 4ئايلىق بولغان ئۇكام بار جاۋابى بەش يىلدىن كىيىن چىقىدۇ:lol bilgejan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 10:40 static/image/common/back.gif
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قايسى يەكۈنىنى دەيسىز؟ ئاتا-بوۋى ...
ئىنساننىڭ بەچچىدانلارغا تۆكۈلگەن ئابىمەنىدىن يەنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن تۆرەلگەنلىكىنى ئەجدادلىرىمىز ۋە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار 17-ئەسىردىن ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا بىلگەن بولىشى مۇمكىن چۈنكى بۇ توغرىلىق قۇرئاندا ئېنىق ئايەت كەلگەن. بىراق ئابى مەنىنىڭ شۇنىڭدەك ئىسپىرما قاتارلىقلارنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئورتاق نامىنى يېقىنقى زاماندا ئۆگەنگىنىمىزدە شەك يوق.بۇرۇنقى زامانلاردا ئىسلام تىبابەت ئالىملىرى بەلكىم باشقا ناملار بىلەن ئاتىغان بولىشى كىرەك. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سىزنى قىزىقىشى مۇمكىن دەپ بۇ ئۇچۇرنى قىستۇرۇپ قويدۇم. «قېرىغاندا تاپقان بالا» دېگەن ئادەم تىللايدىغان گەپ ئۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 11:25
nusrat يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 11:14 static/image/common/back.gif
ئىنساننىڭ بەچچىدانلارغا تۆكۈلگەن ئابىمەنىدىن يەنى ئ ...
رەھمەت نۇسرەت. بۇنىسى شۇنداق. ئىلىم-پەندە ئېنىقلىق بەكلا مۇھىم، شۇڭا ئىسلامدا ئاللىقاچان بىلىنگەن شۇ ئۇچۇرلار ئېنىق چۈشەندۈرلۈپ بېرىلمىگەچكە بەلكىم كەڭ تارقىلالمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ياخشى يېرى، بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا پېنى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسى بولمىغان بولسا ھازىرقىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشەلەمتى-يوق بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. ئۈستىدىكى ئۇلىنىشتا قالدۇرغان ماقالەمگە قارايدىغان بولساق، مېدىتسىنا ئالىمى ئىبىن سىنا يازغان «تىبابەت قانۇنى» ناملىق كىتاب ياۋروپا مەكتەپلىرىدە نەچچە ئەسىرلەپ دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن. ھازىرقى زامان بىئولوگىيسىدىكى بەزى يېڭى بىلىملەر بىزنى جانلىقلار، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ نەقەدەر مۇكەممەل يارىتىلغانلىقىنى چۈشىنىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىپ يېتەلەيدۇ... باللار مۇشۇ رەڭلىك سۇرۇندا سۆزلەرگە ئازراق دىققەت قىلساڭلا ، بالا تېپىش دېسەڭلا بەك راھەتلىنىپ كىتەمدىكەنسىلە، بالىلىق بۇلۇش دىسەڭلەرمۇ تامامەن بۇلۇدۇغۇ
تېمىغا قايتساق : بىلگىجاندا يۈكسىلىش زور تولۇق ئوتتۇرىدا بىر ساۋاقدېشىم بولىدىغان ، ئۆزى بەك ئەقىللىق ،فىزىكا ،ماتىماتىكا دىسە مالىمنىڭ ئالدىدا يۈرۈيدىغان ، ئۇ 18 ياش ۋاقتىدا دادىسى 101 گە، ئاپىسى 65 ياشقا كىرىپتىكەن . بىز ئىشەنمەي ئۆز داداڭ ئەمەس چوڭ داداڭكەن ھە ؟ دەپ سورىساق ئۆز دادام دىگەن . رەھمەتلىك 103 يېشىدا تۈگەپ كەتتىغۇ دەيمەن . دائىم ئۇلارنىڭ بېغىغا بېرىپ ئىش قىلىپ بېرىتۇق . ئۆيدىكى چوڭ كىچىك ھەممىسىنىڭ مەڭزى قىپقىزىل ، دادا ئاپىلىرىمۇ تىمەن ئىدى ، شۇ ۋاقىتتا كاللىمىز ئۆتمەي بىر ئادەمنىڭ 80 دىن ئاشقاندا پەرزەنت يۈزى كۆرگەنلكىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمىغانىدۇق. ھازىرمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 12:01
uqkun1 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 11:45 static/image/common/back.gif
تولۇق ئوتتۇرىدا بىر ساۋاقدېشىم بولىدىغان ، ئۆزى بەك ...
بۇنىڭغا ئىشەنگىلى بولىدۇ چۈنكى نورمال ئەھۋالدا ئەرلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكىچە كۆپىيىش ئىقتىدارى بولىدۇ، ئەمما ئاياللار كىلىماتىرىيە دەۋرىدىن كېيىن (كۆپىنچە 45-52 ياشلار ئەتراپىدا كۆرۈلىدۇ) بالىلىق بولالمايدۇ سەۋەبى ئۇلار پىشقان تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشتىن توختايدۇ. بۇ بالىغا ھامىلدار بولغاندا ئانا ئەمدى 46-47 ياشلاردا ئىكەن، شۇڭا بۇ تامامەن مۇمكىن. بۇ تېمىدىكى مەزمۇن بىلەن ئۇ بالىنىڭ ئەھۋالى زىتتەك بىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ماقالە 33،000 ئادەمدىن ئېرىشىلگەن يەكۈن (ئومۇمەن شۇنداق دېگەنلىك، چوقۇم ھەر بىر ئادەمگە ماس بولۇشى ناتايىن). ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇغما ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن تەربىيە ماسلاشمىسا، ئۇ ھالدا چىققان نەتىجىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش قېيىن.