uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 11:58:38

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 11:54 static/image/common/back.gif
بۇنىڭغا ئىشەنگىلى بولىدۇ چۈنكى ئەرلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكى ...

توغرا ، ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتقاندا ماقالىدە ئېيتىلغانلىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يۇقىرى .

3140 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:41:47

بىز توي قىلماستا بىلىۋالىدىغان مۇھىم ئۇچۇردىن يەنە بىرگە ئېرىشىپتۇق ، تۇرسۇنجان ئاكىمىزغا كۆپ رەھمەت !
     بۇ تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ مەن بۇرۇندىن ئويلاۋاتقان ، يەنە ئويلايدىغان بىر سوئال ئىسىمدىن كەچتى :  
بۇرۇن DNA,RNA,mRNA  لارنىڭ ئۇششاق تەركىبلەردىن بىرمۇ -بىر تىزىلىپ غايەت زور مولىكولانى ھاسىل قىلىش جەريانى ، ئۇلار ئارىسىدىكى ئېرسىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جاي -جايىغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى  ، سان-ساناقسىز خېمىيىلىك باغلارنىڭ ئالمىشىپ قالماي بىر غايەت مۇرەككەپ ئىنسان بەدىنىنى تەڭپۇڭ قىلىپ تۇردىغىنىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجاندا بولغان .
    ھاياتلىق راستىنلا ھېكمەتكە تولغان ،ئاجايىپ مەۋجۇتلۇقكەن .  
   مەن ئاشۇ چاغدا ھۈجەيرىلەر ئارىسىدا ئۇچۇرنىڭ (مەسىلەن ئېرسىيەت ئۇچۇرلىرى ، ھورمونلار، تۇشوغۇچى ماددىلار ، باكتېرىيە ۋىروسلارنى يوقىتىش جەريانىدىكى ماسلىشىش ، گننڭ ئاكتىپ بۇيرۇق بىلەن ساق ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرۈپ تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى،ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىش ...  ) يەتكۈزۈلىشى نېمىشقا شۇنچە ئۈنۈملۈك ، تۇغرا بولىدىغانلىقىغا قاراڭ ھۈجەيرىگە چەكسىز ھۆرمەت يىتىلدۈرگەن . ھۈجەيرە ئىشقا ئاشۇرغان ھەمكارلىق ، ئۈنۈمگە قاراپ بىزمۇ ماكرو دۇنيادا ھۆجەيرىنىڭ ئىچىدىكى مىخانىزىمىدىن ئۆرنەك ئېلىپ (رادار، تىك ئۇچارلار ياسالغاندىكى پىكىردە) ئىجدىمائىي جەمىيەتتىكى باشقۇرۇش -ئىدارە قىلىش ، تەقسىملەش ئىشلىرىغا ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسدىكى ئۈنۈم مەسىللىرىگە ياردىمى بولامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالغان .(مەن ھۈجەيرە پەلسەپىسى دىگەن ئىبارىنى ئويلاپ قالغان :loveliness: )
    ھازىر ئېنىق دىيەلمەيمەن ، ئالىملارنىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنى ھۈجەيرە ئىچىگە جايلاشتۇرۇپ ھۈجەيرە ئىچىدىكى رېئاكسىيە يۆنىلىشىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە تەتقىقات قىلىۋاتقانلىقىنى ژورنالدىن ئوقۇغاندەك  ئىسىمدە .
   بۇ ھەقتە قانداق يېڭى تەتقىقاتلار باردۇ ؟
  كىۋانتىم دائىرىسىدە خىمىيە ، بىئولوگيە، فىزىكا پەنلىرى كىرىشىپ كىتىدىكەن . بۇ دائىرىدە گىن ئۇچۇرلىرىنى، ھاياتلىق ھادىسىلىرىنى تەھلىل قىلسا قانداق يېڭى ئىشلار باردۇ ؟ مەندە schrodinger نىڭ «ھاياتلىق دىگەن نىمە »دىگەن كىتىابى بارتى (ئوقۇۋاتىمەن)، ئۇ بۇ كىتاپتا كىۋانتىم كىچىكلىكىدە فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەردىن چىقىپ تۇرۇپ ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتىگە پىكىر يۈرگۈزۈپتۇ .  مەن بۇ سىرلىق ھۈجەيرىنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشىنى كىۋانتىم دائىرىسىدە بىر كۆرۈپ باقسام دەيمەن . بەلكىم بۇنىڭ راستىنلا كىۋانتىم مىخانىكىسىنىڭ  ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا ، كىۋانتىم ئۇچۇر ئىلمىگە ئاكتىپ تەسىرى بولىشى مۇمكىن . بۇ خياللىرىمنىڭ ئلمىلىكى قانچىلىكتۇ، بۇ ھەقتە يەنە بىلمەكچى بولسام قايسى ئالىم ، قايسى كىتابلارنى يۆنىلىش قىلسام بولىدۇ ، تۇرسۇنجان ئاكاش ھەم باشقا قېرىنداشلارمۇ پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقسا بەك ياخشى بولاتتى .   
  
  

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:52:12

پەقەت «ھۈجەيرە» دەۋەتمىگەنلا يېرى بار

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 13:20:13

مېنىڭ چوڭ بالام 19 يېمشىدا تۇغۇلغان، كىچىكى 28 يېشىمدا تۇغۇلدى. چوڭ بالام بىردەم بىكار تۇرماي گەپ قىلىپ، مىدىرلاپ، سۇئال سۇراپ، پەقەت جىم تۇرمايدۇ، لىكىن دىققىتىنى ياخشى مەركەزلەشتۈرمەيدۇ. كىچىكى تاماق يەۋاتقاندا ياكى تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقاندا بىر يېرىنى چىمدىۋالسىمۇ شۇ چاغدا قاراپ قويۇدۇ، دىققىتىنى بۆلمەيدۇ ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ، ئىشى تۈگۈگەندىن كىيىن مېىنى نىمانداق چىمدايسەن دەپ سۈرۈشتىسىنى قىلىدۇ.


تېمىغا كەلسەم بىلىم ئىرسىيەت قالسا داھىلارنىڭ باللىرىمۇ داھى بولار ئىدى، لىكىن ئۇنداق بولمىدى، شۇڭا بۇ گەپنى ئىشەنچىسىز دەپ قارايمەن.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 13:39:28

bugday يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 13:20 static/image/common/back.gif
مېنىڭ چوڭ بالام 19 يېمشىدا تۇغۇلغان، كىچىكى 28 يېشىمدا ت ...

چوڭ بالىڭىزدا سىنىك يىتىشمەسلىك بار ئوخشايدۇ.

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:02:12

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 10:55 static/image/common/back.gif
ئالتۇن قۇچاغلىغاندەك بولىسەن دىگەن گەپتۇ ؟  
女大三,抱 ...

:$ :$ :$ توغرا دەيسىز.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:45:55

دادام 48 ياش ، ئانام 40 ياش ۋاقىتدا مەن تۇغۇلغان  .
  ئانا 40ياش مەزگىلىدە تۇغقان بالا  ياخشى چىقىدۇ دەيدىكەن

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 15:02:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mewdudi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 15:36  

‹‹قېرىغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ››
بەلكىم بۇرۇنقىلارنىڭ بۇ سۆزى ئېرسىيەتكە قارىتىلغان بولماسلىقى مۇمكىن. بەلكىم بالىنىڭ تەربىيەسىگە قارىتىلغان بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئادەتتە ئادەم يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تاكاممۇللىشىدۇ. گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇش، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە روشەن ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ. كۆپنى كۆرگەن، بىلگەن بولىدۇ. بالا ئادەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيسىنى ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن، گەپ-سۆزلىرىدىن ئالىدۇ. ‹‹قىز ئالماقچى بولساڭ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قارا›› دەيدىغان گەپلەرمۇ بار. بۇ خىل قاراشتىكى ئاساسلىق سەۋەب،بۇرۇنقىلار قىزنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق ئادەملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن. قىز ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى دوراپ چوڭ بولىدۇ ، دېمەكچى مېنىڭچە.  
شۇنىڭدەك، بالىنىڭ كۆپنى بىلىپ چوڭ بولغىنىغا قاراپ، ئاتا-ئانىسى چوڭ بولۇپ تاپقان بالا مۇشۇنداق ئەقىللىق بولۇپ يېتىلىدىكەن. دەپ چۈشەنگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

‹‹ئىسپىرما ۋە تۇخۇم››
‹‹ئۇ ئىنساننى ئابىمەنىدىن ياراتتى، ناگاھان ئۇ(ئاللاھقا)ئاشكارا خۇسۇمەت قىلغۇچىدۇر››. سۈرە نەھىل4-ئايەت
‹‹ئۇنىڭغا بۇرادىرى مۇنازىرلەشكەن ھالدا ئېيتتى: سېنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟››. سۈرە كەف 37-ئايەت
‹‹سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا)تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ؟›› سۈرە ۋاقىئە58-ئايەت
‹‹شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارلاشما مەنى(يەنى ئەر بىلەن ئايالنىڭ مەنىسى)دىن ياراتتۇق›› سۈرە ئىنسان2-ئايەت
‹‹ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ›› سۈرە تارىق 7-ئايەت
‹‹ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (بەچچىدان)دا (جايلاشقان)ئابىمەنى قىلدۇق››. سۈرە مۇمىنۇن13-ئايەت
‹‹ئاندىن ئابىمەنىنى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى(جان كىرگۈزۈپ)باشقا مەخلۇقاتقا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر››. سۈرە مۆمىنۇن14-ئايەت  .
مىلادىيە 7-ئەسىردىلا قورساقتىكى بالىنىڭ قانداق يېتىلىدىغانلىقىنى مۇسۇلمانلار بىلگەن. بەلكىم ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەۋرات،ئىنجىل،زەبۇرلاردىمۇ خەۋەرلەر بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بىلگەجان دېگەندەك، بۇ ھەقىقەت كەڭ تارقالمىغان ھەم ئېنىق بىر تەتقىقات نەتىجىسى بولمىغاچقا، كۆپلىگەن كىشىلەر خەۋەرسىز قالغان بولۇشى مۇمكىن.‹‹ تۆرەلمەشۇناسلىق ئاتىسى›› دەپ نام ئالغان ( كېيس مورKeith L. Moore) مۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ بولۇپ، ئاندىن قۇرئاندىكى بايانلارنىڭ نەق ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلىگەن ئىكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ بۇ بايانلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنتۇق.

Keith L. Moore is a professor emeritus in the division of anatomy (department of surgery), former Chair of anatomy and associate dean for Basic Medical Sciences (Faculty of Medicine) at the University of Toronto, Ontario, Canada. He has also worked at the King Abdulaziz University in Jeddah, Saudi Arabia. He is most known for his textbooks on the subjects of anatomy and human embryology.

"It has been a great pleasure for me to help clarify statements in the Quran about human development. It is clear to me that these statements must have come to Muhammad from God, or Allah, because most of this knowledge was not discovered until many centuries later. This proves to me that Muhammad must have been a messenger of God or Allah".
http://www.scienceislam.com/scientists_quran.php
_______
Embryology in The Qur'an
In 1980 Dr. Moore was invited to Saudi Arabia to lecture on anatomy and embryology at King Abdulaziz University. While he was there, Moore was approached by the Embryology Committee of King Abdulaziz University for his assistance in interpreting certain verses in the Qur’an and some sayings in the Hadiths which referred to human reproduction and embryological development. Moore says that he was amazed at the scientific accuracy of some of the statements which were made in the 7th century AD:

For the past three years, I have worked with the Embryology Committee of King Abdulaziz University in Jeddah, Saudi Arabia, helping them interpret the many statements in the Qur’an and Sunnah referring to human reproduction and prenatal development. At first I was astonished by the accuracy of the statements that were recorded in the 7th century AD, before the science of embryology was established.
Moore worked with the Embryology Committee on a comparative study of the Qur’an, the Hadith and modern embryology. The Committee presented and published several papers with Moore and others co-authoring a number of papers.

Moore is not a Muslim but his work with King Abdulaziz University's Embryology Committee has been critiqued on atheistic grounds by biologist PZ Myers. In 2002, Moore declined to be interviewed by the Wall Street Journal on the subject of his work on Islam, stating that "it's been ten or eleven years since I was involved in the Qur'an."
http://en.wikipedia.org/wiki/Keith_L._Moore

_____

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 15:10:43

    مېنىڭچە يېڭى تۇغۇلغان بالىنى كومپيۇتېر قاتتىق دېتالىغا ئوخشاتساق، كىيىنكى تەربىيەنى يۇمشاق دېتالغا ئوخشىتىش مۈمكىن. شۇڭا مۇشۇ ئوبرازلىق مىسالغا چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ بالىنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىدا ئىرسىي ئامىل بىلەن كىيىنكى تەربىيەنىڭ رولىنى سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كىيىنكى تەربىيەنىڭ بەك ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدىكەن. خۇددى «كارىل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى» دىگەن كىتابتا دىيىلگىنىدەك تۇغما دەلتۈش بىر بالىنىڭ ۋىتىر ئەپەندىنىڭ ئاجايىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەلىم-تەربىيىسى نەتىجىسىدە دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغىدەك بىر تالانتلىق بالا بوپ يېتىشىپ چىققانلىقى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى چوقۇم تارتىشى كېرەك. دىمەكچىمەنكى بىزمۇ ئاشۇنداق ھېكمەتلەرگە تويۇنغان تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۈگۈنۈپ تەدبىقلىشىمىز بەك زۆرۈردۇر.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 21:06:25

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 15:10 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە يېڭى تۇغۇلغان بالىنى كومپيۇتېر قاتتىق دېتال ...

  بۇ بەك جايىدا چۈشەندۈرۈش بۇپتۇ. ‹‹كۆرگەن كۆرگىنىنى قىلىدۇ، كۆرمىگەن نىمىنى قىلىدۇ›› دىگەن گەپ بار...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 21:14:31

Gulam615 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 10:49 static/image/common/back.gif
ئەسسالام تۇرسۇنجان ئىنىم خۇش كەپسىز . ھارماڭ. بۈگۈنمۇ ب ...

كۈرىيە كىنوسىدىمۇ شۇنداق گەپ باركەن...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 21:28:34

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 11:05 static/image/common/back.gif
ئەلى قۇرباننىڭ «بىلىم ئېرسىيەت قالىدۇ» «ياشانغاندا ك ...

ئەلى قۇرباننىڭ «ياشانغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ!»دېگەن گېپى  سىز دەۋاتقان ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق گەپ . ھەم بۇنىڭغا ئېرسىي گېن جەھەتلەردىن ئىسپاتمۇ زۆرۈر بولمايدۇ. فىلىمدىن تولىمۇ ئېنىق ئايانكى دېمەكچى بولغىنى: چوڭ بولغاندا ئەقىل توختىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئەقلەن تەربىيىسى ياخشى بولىدۇ دېگەن گەپ.
بىلىم ئېرسىي بولىدۇ دېگەن گېپىنىمۇ مەن - يەنىلا تەربىيۋى ئىشلارغا قارىتىلغان. بۇنىڭدىكى بىلىممۇ ياخشى ئادەت قاتارلىقلارغا قارىتىلغان ،ئېرسىي دېگىنىمۇ دادىدىن بالىغا ۋاستىلىق ياكى بىۋاستىلا يۇقىدىغان ئىش ھەرىكەت ،تەجىربىلەرگە قارىتىلغان دەپ چۈشەندىم.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 21:43:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 21:50  

Mewdudi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 15:02 static/image/common/back.gif

‹‹قېرىغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ››
بەلكىم بۇرۇنقىلارنىڭ بۇ سۆزى ئېرسىيەتكە قارىتىلغان بولماسلىقى مۇمكىن.
.

ئەگەر قىرىغان ئادەم باققان بالا ئەقىللىق بولىدۇ دىسە، ئىرىسيەتكە قارىتىلمىدى دىسەك توغرا بولىدۇ. لېكىن قىرىغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ دىسىە ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دىگىلى بولماس؟
بىر ژورنالدىن مومىسى باققان بالا ئەقىللىق بولىدۇ دەپ بىر ماقالە ئوقۇغانىدىم، تاپالمايۋاتىمەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 22:39:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 23:01  

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 21:28 static/image/common/back.gif
ئەلى قۇرباننىڭ «ياشانغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولى ...

بەك كۈچەپ كەتمەڭ، چارچاپ قالىسىز. ئەلى قۇربان بىلىم ئېرسىيەت قالىدۇ دېگەن گەپنى شۇنى مىسال ئېلىپ چۈشەندۈردى، ئەمدى يەنە قانداق مۇناسىۋىتى بولسا بولاتتى؟ ئېرسىيەت دېگەننى مۇنداق چۈشەندىم، ئۇنداق چۈشەندىم دېگەن گەپلەر ئۆزىڭىزگە قىززىق تۇيۇلمىغىنىدىن ھەيران قالدىم. ئەگەر ئېيتقىنىڭىزنى توغرا قىلىمەن دېسىڭىز، ئۇنداقتا ئېرسىيەت دېگەن سۆزگە سىز يېڭى تەبىر يېزىڭ.

يېنىمدا ئۇيغۇر ئىزاھلىق لۇغىتى يوق، ئەمما ئىرسىيەت دېگەننى يۇلغۇن لۇغىتىگە كىرگۈزسەم heredity دەپ چىقتى. بۇ سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بولۇپ ئېنىقلىمىسى مۇنداق:
a :  the sum of the characteristics and potentialities genetically derived from one's ancestors
b :  the transmission of such qualities from ancestor to descendant through the genes
1. بىراۋنىڭ ئەجدادىن گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا ئېرىشىلگەن بارلىق خاراكتىر ۋە ئىقتىدارلارنىڭ يېغىندىسى.
2. شۇ خىل خۇسۇسىيەتلەرنىڭ گېنلار ئارقىلىق ئەجدادتىن ئەۋلادقا قىلىشى

ئەلى قۇرباننىڭ نېمە دېگەنلىكىنى قانداق چۈشەنسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، بۇ يەردە زورلاش مەۋجۇت ئەمەس. بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ھەر خىل ئادەملەر ھەر خىل چۈشىنىدۇ چۈنكى ئۇلار سۆزلىگەندە سىرلىق ۋە غۇۋا قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ۋە گېپىنى ئۇنداق چۈشەندۈرسىمۇ، مۇنداق چۈشەندۈرسىمۇ چوڭ چاتاق چىقمايدۇ. ئەمما ئىلىم پەندە ئېنىقلىق ئەڭ مۇھىم، ئىلمىي گەپلەرنى خۇددى چوڭقۇر پەلسەپىلەرنى تومتاق ئوتتۇرىغا قويغاندەك ھەر خىل يوشۇرۇن مەنالارغا ئىگە قىلىپ سۆزلەشنىڭ ئۆزىلا ئىلمىيلىك ئەمەس.

ھەجەپ مېنىڭ ياكى ئىلغار مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن مۇنبەردىكى باشقا بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى كىشىلەر «تەرجىمە» قىلمىسىمۇ دەل چۈشىنىدىكەنغۇ؟ بۇ يەردە ھەممە ئادەمنىڭ خاسلىقى ئوخشىمايدۇ دېگەندەك گەپلەرنى دېمەكچى بولسىڭىز بولدى دېمەيلا قويۇڭ چۈنكى ئىلمىيلىكتە خاسلىق ئەمەس ئالدى بىلەن توغرىلىق مۇھىم. ئەلى قۇربان سىز دېگەندەك مەنىدە دېگەن بولسا دەل شۇ گەپنى دېيىشى كېرەك. ئېرسىيەت دېگەن سۆز، جۈملىدىن ھەر قانداق ئىلمىي ئاتالغۇ خالىغانچە ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان كىچىك بالىنىڭ ئويۇنى ئەمەس. ئېرسىيەت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغان ئادەم بىلەن تالاش -تارتىش قىلغىنىمدىنمۇ شۇ تاپتا ئۆكۈنۈۋاتىمەن... جاۋاب قايتۇرماي دېسەم، ئاتايىتەن ئىنكاسىمنى نەقىل ئېلىپ سۆزلەپ قاپسىز.  

قايتا مېنىڭ ئىنكاسىمنى نەقىل ئىلىپ جاۋاب قايتۇرسىڭىز مەن تېمىدا يازغاندەك ئىلمىي پاكىتىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سۆزلەڭ، بولمىسا ئېيتقانلىرىڭىزنى بىر تېيىنغا ئەرزىمەس قۇرۇق گەپ دەپلا چۈشىنىمەن. ئەگەر ئىلمىي پاكىتىڭىز بولمىسا، بىلىدىغانلارنىڭكىنى ئاڭلاپ تۇرۇڭ. «بىلگەننى ئۆگەت، بىلمىگەننى ئۆگەن» دەيدۇ ئەمەسمۇ كونىلار. ئىلمىي تېمىلارغا يازغان ئىنكاسىدا بىر تېيىن چاغلىق كىشىگە بىر يېڭىلىق ياكى كىچىككىنە بىلىم ۋە ياكى ئەقىلغا مۇۋاپىق ۋە قايىل قىلارلىق پاكىت يوق ئادەملەر ئەڭ ياخشىسى بىلمىسە سوئال سورىسىۇن، بولمىسا مۇنازىرە قىلىمەن دەپ ئۆزىنىڭمۇ، باشقىلارنىڭمۇ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلمىسا دەيمەن.

گەپ ئاچچىق كەتكەن بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. سىزنى خىلى بىلىمى يۇقىرى دەپ ھۆرمەتلەيمەن. ئەمما شۇنى بىلىڭكى، بىلمەيدىغان نەرسىنى بىلىدىغان قىياپەتتە باشقىلارغا يەتكۈزۈشنىڭ، بولۇپمۇ بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ شۇنداق قىلىشى ئەڭ ناچار قىلىقلارنىڭ بىرى. بۇنداق قىلمىش مېنى قاتتىق يىرگەندۈرىدۇ.

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 22:41:54

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 21:43 static/image/common/back.gif
ئەگەر قىرىغان ئادەم باققان بالا ئەقىللىق بولىدۇ دىسە ...

تاپقاندىن كىيىن باقا :lol

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 22:50:56

Mewdudi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 15:02 static/image/common/back.gif
‹‹قېرىغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ››
بەلكىم بۇر ...

‏ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  ، تىببى ساھەدە ئىسپىرما ئۇرۇقداندا ئىشلەچىقىرلىدۇ دەپ قارىلىدۇ .
‏‹‹ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ›› سۈرە تارىق 7-ئايەت
مەن ئىلگىرى قۇرئان-كەرىمنى ئوقۇغان ۋاقتىمدىمۇ مۇشۇ ئايەت ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ،چەكلىك تەپەككۇرۇم بىلەن تازا ياخشى چۈشەنچىگە ئىرشەلمىگەن.
‏بىلىمى يۇقىرى قېرىنداشلارنىڭ يۇقارقى ئايەتنىڭ تەپسىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 22:56:42

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 22:39 static/image/common/back.gif
بەك كۈچەپ كەتمەڭ، چارچاپ قالىسىز. ئەلى قۇربان بىلىم ئ ...

  راسىت، بىلىم زادىلا ئېرسىيەت قالمايدۇ...
  ئەمما مەن كاتتا ئەمەلدارنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىر ئىش بىجىرمەكچى بولسام دادىسىنىڭ ئالدىدا ھاراق پۇرىتىپ تۇرغان ئۇغلىنى ماختاپ بىلىم ئېرسىيەت قالىدۇ دەپ كۆرگىنىمنى دەپ سىلىشىممۇ مومكىن...

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 23:03:27

بىلىم ئىرسىيەت قالىدۇ دىگەن گەپكە ئىشەنمەيمەن،لېكىن بۇگەپ ماڭا راستەكلا تۇيۇلىدۇ.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 23:09:39

bugday يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 13:20 static/image/common/back.gif
مېنىڭ چوڭ بالام 19 يېمشىدا تۇغۇلغان، كىچىكى 28 يېشىمدا ت ...

لىكىنزە داھىيلارنىڭ بالىلىرى داھىي بولۇش چاۋشىيەندە بار. بۇ ئايرىم ئەھۋالمۇ يا:shutup:

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 23:12:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 23:27  

كىشىلەرگە ئىلمىي بىر تېمىدا قايسى گەپنىڭ توغرىلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تۇيغۇغا ئەمەس، پاكىتقا ئىلتىجا قىلاي دېگەن ئەقىل كىرمىگۈچە، ئىلىمدا يۈكسىلىشتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ. ئەپسۇسكى، دىيارىمىزدىكى داڭلىق ئىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدىكى مەن بىلىدىغان بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ پىروفىسورلىرى جېنىدا ئىلمىي ئەخلاق، ئىلمىي ئاڭ ۋە سەمىمىيلىك قاتارلىقلار ھەققىدە كاللىسىدا ئېنىق بىر چۈشەنچە يوق ئەھۋالدا، ئىلىمىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ئاممىدىن ئۈمىد كۈتۈش كىشىگە «ئۇزاق يول» نى ئەسلىتىدۇ...
بىر قەۋىم ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە ھاياجانغا سالىدىغان گەپلەردىن باشقىسى خوشياقمايدىغان بولۇپ قالسا بۇ ھەقىقىي چاتاقنىڭ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بەت: 1 [2] 3 4 5
: (bilgejan) يېشى چوڭ دادىلارنىڭ بالىلىرى ئەقىللىق بولامدۇ؟